مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىزدە يېڭىدىن تۇغۇلغاندا…
د.جامال ئابدۇساتتار
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كېلىشى پەقەتلا بىر ئىنساننىڭ دۇنياغا كېلىپ، ئۆتۈپ كەتكەن جىسمانىي تۇغۇلۇشىلا ئەمەس ئىدى؛ بەلكى ئۇ ھىدايەتنىڭ تۇغۇلۇشى، بىر ئۇلۇغ ۋەھىينىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە نۇرنىڭ پارلىشى ئىدى. بۈگۈن بىز ئۇ زاتنىڭ مۇبارەك تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلىگەندە، قەلبىمىزنى ئويغىتىشى تېگىشلىك بولغان ئەڭ مۇھىم سوئال: «ئۇ قانداق تۇغۇلدى؟ قەيەردە تۇغۇلدى؟ ھاياتىنىڭ تەپسىلاتلىرى نېمە؟» دېگەنلەر ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ تۇغۇلغان تارىخىدا بىزدە يېڭىدىن نېمىلەر تۇغۇلۇشى كېرەك؟ دېگەن چوڭقۇر سوئالدۇر.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئازغۇنلۇق قاراڭغۇلۇقى ئېغىر بېسىپ كەتكەن بىر زاماندا دۇنياغا كەلدى. ئۇ ئۆزى بىلەن بىرگە شۇ قاراڭغۇلۇقلارنى تارقىتىۋېتىدىغان نۇرنى، ئىنسانغا ئىنسانلىق قەدرى-قىممىتىنى قايتۇرۇپ بېرىدىغان پىرىنسىپنى ھەمدە زېمىننى ئاسمان بىلەن باغلاپ تۇرىدىغان ئىلاھىي ۋەزىپىنى بىرگە ئېلىپ كەلدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: (ئاللاھ تەرىپىدىن سىلەرگە ھەقىقەتەن بىر نۇر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ۋە روشەن بىر كىتاب كەلدى) (مائىدە سۈرىسى، 15-ئايەت). شۇڭا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى خاتىرىلەش پەقەت ئۇنىڭ مۇبارەك زاتىنى ئەسلەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقى، بەلكى ئۇ ئېلىپ كەلگەن نۇرنى، كۆتۈرۈپ كەلگەن ھىدايەتنى ۋە بىر ئۈممەتنى بەرپا قىلغان ئەڭگۈشتەر پىرىنسىپلارنى جانلاندۇرۇشقا ھالقىپ ئۆتۈشى كېرەك.
بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى كرىزىسلىرىمىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سىيرىتىنى (ھاياتىنى) ئاز بىلگەنلىكىمىزدە ئەمەس؛ بىز ئۇنىڭ سىيرىتىنى ئوقۇدۇق، ئەخلاق-پەزىلەتلىرىنى يادلىدۇق، مېھرى-شەپقىتى، جاسارىتى، كەمتەرلىكى، جىھادى ۋە دەۋىتى توغرىسىدا كۆپ سۆزلىدۇق. بىراق، بىزنىڭ ئۇ زات ھەققىدە بىلگەنلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمىي ئەستە ساقلاش بىلەنلا چەكلىنىپ قالدى، شەخسىيىتىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا سىڭىپ كېتەلمىدى؛ كىتابلاردا يېزىلغىنىچە قالدى، ھاياتىمىزدىكى بىر سىرغا ئايلىنالمىدى.
بىز ئۇنىڭ مېھرى-شەپقىتى توغرىسىدا ئوقۇدۇق، لېكىن مېھىر-شەپقەت ئۆيلىرىمىزدە ۋە جەمئىيەتلىرىمىزدە ياشايدىغان بىر ئەخلاققا ئايلىنالمىدى. ئۇنىڭ جاسارىتىنى ئوقۇدۇق، لېكىن جاسارەت مەيدانلاردىكى پوزىتسىيەمىزنىڭ بىر قىسمىي بولالمىدى. ئۇنىڭ كەمتەرلىكىنى ئوقۇدۇق، ئەمما يەنىلا نەپسىمىزدە مەرتىۋە ۋە تۆرگە چىقىش تەمەسىدىن قۇتۇلالمىدۇق. ئۇنىڭ جىھادى، دەۋىتى ۋە چىدامچانلىقىنى ئوقۇدۇق، لېكىن بۇ مەنىلەرنى ئىنسان ۋە ئۈممەت بەرپا قىلىشتىكى تىرىك بىر پىرىنسىپقا ئايلاندۇرۇشتا ھەمىشە مۇۋەپپەق بولۇپ كېتەلمىدۇق.
مانا بۇ يەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تونۇش بىلەن ئۇنىڭغا ئەگىشىشنىڭ ئارىسىدىكى پەرق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. قۇرئان كەرىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى پەقەت بىر تارىخىي شەخسلا ئەمەس، بەلكى تىرىك بىر ئۆرنەك قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدە گۈزەل ئۆرنەك بار» (ئەھزاب سۈرىسى، 21-ئايەت). دېمەك، سۈننەت پەقەت پەيغەمبەرىمىزدىن ئىبارەت ياخشى بىر كىشى توغرىسىدىكى مەلۇماتلا ئەمەس، بەلكى ئەگىشىشكە تېگىشلىك تىرىك بىر پىرىنسىپ ۋە قايتا تىكلەشكە بولىدىغان بىر ئۆرنەكتۇر.
بۈگۈنكى كۈندە پەيغەمبەرىمىزنىڭ بىر شەخس سۈپىتىدە يېڭىدىن تۇغۇلۇشىغا ئۈممەتنىڭ ئېھتىياجى يوق؛ چۈنكى ئۇ تۇغۇلۇپ بولغان ۋە ئىلاھىي ۋەھىي ۋەزىپىسىنى مۇكەممەل ئادا قىلىپ بولغان. ئەكسىچە، ئۈممەت ئۇنىڭ يېڭىدىن بىر «ئۆرنەك» سۈپىتىدە ئىچىمىزدە تۇغۇلۇشىغا تولىمۇ ئېھتىياجلىق. ئۈممەتنىڭ ئەخلاقىدا مېھىر-شەپقەت، مۇئامىلىسىدە راستچىللىق، پوزىتسىيەلىرىدە جاسارەت، ھۆكۈملىرىدە ئادالەت، رەھبەرلىكىدە سەمىمىيلىك، ئالىملىرىدا كەمتەرلىك، پەرزەنتلىرىدە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە جەمئىيەتلىرىدە قېرىنداشلىق تۇيغۇسىنىڭ… يېڭىدىن تۇغۇلۇشىغا ئېھتىياج بار.
بەلكىم، ئوتتۇرىغا قويۇشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم سوئاللارنىڭ بىرى شۇكى: ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۈگۈنكى ئۈممىتىمىز دۇچ كېلىۋاتقان كىرىزىسلارغا يولۇققان بولسا، ئۇ بۇ كىرىزىسلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېڭى بىر قۇرئان تەلەپ قىلارمىدى؟ ياكى ئاللاھ تائالا دەسلەپكى ئۈممەتنى بەرپا قىلغان شۇ قۇرئان ئارقىلىقلا ھەل قىلارمىدى؟ ئۇ يېڭى بىر پەيغەمبەرلىك مېتودى ئىزدەمدى؟ ياكى پارچىلىنىپ كەتكەن جەمئىيەتتىن ئاسماننىڭ ئەلچىلىكىنى كۆتۈرگەن ۋە تارىخنىڭ يۈزىنى ئۆزگەرتكەن بىر ئۈممەتنى ياراتقان شۇ پىرىنسىپنى قايتا جانلاندۇرامىدى؟
قۇرئان يەنىلا شۇ قۇرئان، سۈننەت يەنىلا شۇ سۈننەت. لېكىن تارىخ ياراتقان بىر ئۈممەت بىلەن تارىختىن شىكايەت قىلىدىغان بىر ئۈممەتنىڭ ئارىسىدىكى پەرق — بىلىش بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ، يادلاش بىلەن ياشاشنىڭ، پىرىنسىپنى ئوقۇش بىلەن ئۇنى ئەمەلىي رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئارىسىدىكى پەرقتۇر. بىز بەزىدە ئۈممەتنىڭ مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن سائەتلەپ ۋاقىت سەرپ قىلىمىز، ئۈممەتنىڭ ئاجىزلىق سەۋەبلىرى توغرىسىدا تەتقىقاتلارنى يازىمىز ۋە يىغىنلارنى ئۆتكۈزىمىز. بىراق، «ئاللاھ نېمە دېدى؟ ئاللاھنىڭ رەسۇلى نېمە دېدى؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق بىر مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە، ئۇنى قانداق ھەل قىلغانىدى؟» دېگەن ئەسلىي سوئال بولسا ئۇنتۇلماقتا.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يىراقتا تۇرۇپ ئۈممەتكە نەزەرىيە سۆزلەيدىغان ئادەم ئەمەس ئىدى؛ ئۇ ئۆز قولى بىلەن ئۈممەتنى يېتىشتۈرۈپ بەرپا قىلاتتى، ئورگانلاردىن بۇرۇن ئىنساننى يېتىشتۈرۈپ چىقاتتى، رېئاللىقتىن بۇرۇن قەلبنى ئۆزگەرتەتتى، ھەرىكەتتىن بۇرۇن ئاڭنى شەكىللەندۈرەتتى. شۇڭلاشقا، قۇرئان كەرىم پەيغەمبەرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەمەل قىلىدىغان، دەۋەت قىلىدىغان، سەۋر قىلىدىغان، جىھاد قىلىدىغان، كەچۈرىدىغان، مەسلىھەت قىلىدىغان، تەلىم بېرىدىغان، بەرپا قىلىدىغان ۋە رەھبەرلىك قىلىدىغان بىر پەيغەمبەر سۈپىتىدە تونۇشتۇردى. بۇ سەۋەبتىن، قۇرئاندىكى پەيغەمبەرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەقەت يادلىنىدىغان بىر ئىسىملا ئەمەس، بەلكى ئەگىشىشكە تېگىشلىك ئەڭ مۇكەممەل ئۆرنەكتۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى ئۆزىگە ئەمەس، بەلكى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلاتتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «(ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «مەن پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسانمەن. ماڭا: ‹سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر› دەپ ۋەھىي قىلىنىدۇ» (كەھف سۈرىسى، 110-ئايەت). ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئاللاھقا بولغان بەندىچىلىكنىڭ مۇكەممەللىكىدە، كۈچ-قۇدرىتى بولسا ئۇنىڭ ئىلاھىي ۋەزىپىسىدە ئىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىشمۇ مانا مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ؛ يەنى پەقەت سىيرىتىنىلا خاتىرىلەش بىلەنلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئىلاھىي رسالىتىگە ۋە پىرىنسىپلىرىغا ئەمەلىي ۋارىسلىق قىلىش لازىم. بۇ ۋارىسلىقتىكى تۇنجى ۋەزىپە — بۇ مۇقەددەس دىننى كىشىلەرگە يەتكۈزۈشتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: (بىز سېنى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە خۇشخەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپلا ئەۋەتتۇق) (سەبەئ سۈرىسى، 28-ئايەت).
بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا ئىنساننىڭ ئىنسانلىق قەدرى-قىممىتىنى قوغدايدىغان ئىسلامنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا، ۋىجداننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان ئەخلاقىغا ۋە ئىنساننى نەپسى-خاھىش، مۇستەبىتلىك ۋە ماتېرىيالىزمنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلىدىغان پىرىنسىپلىرىغا نېمىدېگەن موھتاج-ھە؟! نۇرغۇنلىغان پىكىرلەر ئۆرۈلۈپ چۈشتى، كۆپلىگەن ئىدىيەلەرنىڭ نۇقسانلىق تەرەپلىرى ئاشكارا بولدى، ئىنسانغا ئۇنىڭ ئىنسانلىقىغا لايىق بىر قىممەت بېرەلمىگەن ئەخلاقىي تۈزۈملەر ۋەيران بولدى. بۇنداق قالايمىقانچىلىق ئىچىدە ئىنسان روھى ئارام تاپىدىغان بىر مەنىنى، ئۇنى قوغدايدىغان بىر ئادالەتنى، ئۇنى جەم قىلىدىغان بىر مېھرى-شەپقەتنى ۋە ئازاد قىلىدىغان بىر ھەقىقەتنى ئىزدەۋاتىدۇ.
دۇنيا بىزدىن پەقەت ئىسلامنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپلا قويۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ، بەلكى بىزنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىكىمىزدىن، ئادالىتىمىزدىن، مېھرى-شەپقىتىمىزدىن ۋە راستچىللىقىمىزدىن ئىسلامنى كۆرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. بەلكىم ئىسلام دىنىغا قىلىنىدىغان ئەڭ گۈزەل دەۋەت — كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ تەسىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمەلىي ھاياتىدىن كۆرۈشىدۇر.
ئەڭ ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، ئىنسانىيەتنىڭ مۇشۇنداق بىر ئىلاھىي رىسالەتكە بولغان ئېھتىياجى كۈنسېرى ئېشىپ تۇرسىمۇ، بەزى مۇسۇلمانلار ئۇنى كۆتۈرۈپ مېڭىشنى ئېغىر كۆرۈۋاتىدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرى بىلەن بىرگە نۇرنىڭ بارلىقىنى بىلىدۇ، لېكىن ئۇ نۇرنى كۆتۈرۈپ كىشىلەرنىڭ ئالدىغا چىقمايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋارىسلىق قىلىش دۇنيانىڭ ئۆزلۈكىدىن بىزگە كېلىشىنى كۈتۈش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى رسالەتنى كۆتۈرۈپ ئۇلارغا بېرىشتۇر؛ ھۆكۈمرانلىق بىلەن ئەمەس، نۇرنى كۆتۈرۈپ بېرىشتۇر؛ كونترول قىلىش بىلەن ئەمەس، مېھرى-شەپقەت بىلەن بېرىشتۇر؛ زورلاش بىلەن ئەمەس، ھىدايەت بىلەن بېرىشتۇر؛ ئىنساننى قۇل قىلىدىغان ئۇسۇل بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنى بەرپا قىلىدىغان پىرىنسىپلار بىلەن بېرىشتۇر.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، رسالەتنى كۆتۈرۈپ مېڭىش ئۇنىڭ روھىدىن ئايرىلمىغان ھالدا بولۇشى كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: (بىز سېنى ئالەملەرگە پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق) (ئەنبىيا سۈرىسى، 107-ئايەت). دېمەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋارىسلىق قىلىش دەۋەتنى بىر خىل زوراۋانلىققا، دىندارلىقنى بىر خىل قاتتىق قۇللۇققا ئايلاندۇرۇۋېتىش بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىسلامنى كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ھىدايەتكە باشلايدىغان، ئۇلارنى بەرپا قىلىدىغان، ئازاد قىلىدىغان ۋە مېھرى-شەپقەتكە تولدۇرىدىغان بىر نۇرغا ئايلاندۇرۇش بىلەن بولىدۇ.
بىز يېڭى بىر پەيغەمبەرنىڭ كېلىشىگە موھتاج ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ رسالىتىنى جايىدا ئادا قىلىدىغان يېڭى بىر ئۈممەتكە موھتاجمىز. بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى پەقەت ئوقۇپ قويىدىغان بىر سىيرەتتىن ئەمەلىي ياشايدىغان بىر پىرىنسىپقا، ئۇنى يىلدا بىر قېتىم خاتىرىلىنىدىغان خاتىرىلەش كۈنىدىن كۈنسېرى يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان بۈيۈك بىر پىلاندا كۆرۈشنى خالايدىغان بىر ئۈممەتكە ئېھتىياجلىقمىز.
شۇڭا، ئۇ زاتنىڭ مۇبارەك تۇغۇلغان كۈنىدە قىلىدىغان ئەڭ ئۇلۇغ ئىشىمىز ئۇنىڭ قانداق تۇغۇلغانلىقىنى ئەسلەشلا ئەمەس، بەلكى: «ئۇنىڭ رسالىتىگە ۋارىسلىق قىلىشقا لاياقەتلىك بولۇشىمىز ئۈچۈن بىزدە نېمىلەر يېڭىدىن تۇغۇلۇشى كېرەك؟» دەپ ئۆزىمىزدىن سوراشدۇر. ئۈممەت ئىچىدە گۈزەل ئۆرنەك تۇغۇلغاندا، ئەگىشىش يۈز بېرىدۇ؛ ئەگىشىش يۈز بەرگەندە، رىسالەت يېڭى بىر رېئاللىقتا ياشايدۇ ھەمدە ئۈممەت ئاللاھ ئۇنىڭغا ئىرادە قىلغان ھەقىقىي سالاھىيىتىنى قايتىدىن قولغا قايتۇرۇپ ئالىدۇ: (سىلەر ئىنسانىيەت ئۈچۈن چىقىرىلغان ئەڭ ياخشى ئۈممەت بولدۇڭلار» (ئال ئىمران سۈرىسى، 110-ئايەت).
تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي