پەيغەمبەر دۆلىتى نۇقتىسىدىن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى تەبرىكلەشكە نەزەر
ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە بارلىق ئىنسانلارنىڭ يېتەكچىسى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كېلىپلا، تۇنجى قەدەمدە ئەقىدە، ئىبادەت، ئىلىم-مەرىپەت، ئىجتىمائىي ۋە سىياسەت مەركىزى ھېسابلىنىدىغان مەسچىتنى بىنا قىلغان.
ئىككىنچى قەدەمدە، ئۆي-ماكان ۋە مال-مۈلۈكلىرىدىن ئايرىلىپ مەككىدىن كۆچۈپ كەلگەن مۇھاجىرلار بىلەن يەرلىك خەلق — ئەنسارلارنى دىنىي قېرىنداش دەپ ئېلان قىلىپ، مۇھاجىرلارنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنى ھەر تەرەپتىن ھەل قىلغان.
ئۈچىنچى قەدەمدە، مۇسۇلمان جەمئىيىتىنىڭ ئۇلى قېرىنداشلىق ۋە ئىتتىپاقلىق ئاساسىدا پۇختا شەكىللىنىپ بولغاندىن كېيىن، مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات ئۇقۇمىنى ئىپادىلەيدىغان «مەدىنە» نامىدا دۆلەت قۇرغان ھەمدە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ھەر تۈرلۈك مىللەتلەر ۋە ھەر خىل ئېتىقادتىكى ئىنسانلارنى سىغدۇرۇپ قوبۇل قىلالايدىغان دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى يولغا قويغان. بۇ دۆلەت ئاساسىي قانۇن بويىچە باشقۇرۇلىدىغان مەدەنىي دۆلەت بولۇپ، ئىجتىھادىي مەسىلىلەردە شارائىتقا قاراپ يېڭىلىق ۋە تەرەققىياتنى قوبۇل قىلىپ كەلگەن.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ پۇرسەت يارىتىلغان ھامان دۆلەت قۇرۇشى ۋە ئاساسىي قانۇن بېكىتىشىدىكى سەۋەب شۇكى؛ ئىسلامدا ئەقىدىنى، شەرىئەتنى ۋە دىننىڭ ئالىي مەقسەتلىرىنى قوغداش، ئىنسانلارنىڭ ھوقۇق-ئەركىنلىكلىرىنى ھىمايە قىلىش، ئادالەت ۋە باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقى بىلەن قېرىنداشلىقنى قوغداش ئۈچۈن دۆلەت قۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى:
- دۆلەت بولمىسا، يۇقىرىقى ئالىي مەقسەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ؛
- دۆلەت بولمىسا، جەمئىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ؛
- دۆلەت بولمىسا، ۋەتەن تۇپرىقى، مىللەت، كىملىك، قىممەت قاراش، تىل، تارىخ ۋە مەدەنىيەتنى قوغداپ قالغىلى بولمايدۇ؛
- دۆلەت بولمىسا، ھۆرلۈك، ئادىمىيلىك، ئىززەت-شەرەپ ۋە مال-مۈلۈكنى ھىمايە قىلغىلى بولمايدۇ؛
- دۆلەت بولمىسا، ئەقىدە، ئىبادەت ۋە شەرىئەتكە تولۇق ئەمەل قىلىپ ياشىغىلى بولمايدۇ.
ئەمدى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ دۆلەت قۇرۇش پىرىنسىپلىرى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ دۆلەت خاتىرىلەش ئۇسۇلىمىز ۋە دۆلەت قۇرۇش ئىرادىمىزنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى.
شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھەر يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئالدى-كەينىدە، مۇستەقىللىقىمىزنىڭ سىمۋولى بولغان 1933-يىلى قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» بىلەن 1944-يىلى قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى»نى خاتىرىلەيدۇ ۋە تەبرىكلەيدۇ. يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن قۇرۇلغان بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش كۈنىدە، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتىدىن قانداق دەرسلەرنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى:
- ئەقىدە بىلەن سۇغىرىلغان سىياسىي ئاڭ: دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن مەسچىت بىلەن سىياسەتنى بىرلەشتۈرگەن، يەنى ئەقىدە روھى بىلەن سۇغىرىلغان سىياسىي ھەرىكەت ۋە سىياسىي ئاڭنى شەكىللەندۈرۈش شەرت.
- ۋەتەننى ئازاد قىلىش مەجبۇرىيىتى: دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن تۇپراق (ۋەتەن) لازىم. بىزنىڭ ۋەتىنىمىز بار، لېكىن بۇ تۇپراقنى مەھكۇملۇقتىن ئازاد قىلىشنى ئىمانىي، مىللىي، ۋىجدانى ۋە ئىنسانىي مەجبۇرىيەت دەپ چۈشىنىدىغان ھەمدە قولىدىن كېلىشىچە ھەرىكەت قىلىدىغان ئاڭلىق مۇسۇلمانلار ۋە ۋەتەنپەرۋەرلەرگە موھتاجمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جىھاد ھەرىكىتىمۇ ۋەتەن-مىللەتنى ئازاد قىلىشنى پەرز دەپ قارايدىغان ئىسلامىي پىرىنسىپ ئاساسىدىكى مىللىي ھەرىكەتكە ئايلىنىشى لازىم.
- ئىمانىي قېرىنداشلىق ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق: دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئىمانىي قېرىنداشلىق، مىللىي ئىتتىپاقلىق ۋە ئۆزئارا سىياسىي ھەمكارلىقنىڭ شەكىللىنىشى لازىم. ئەپسۇسكى، بۈگۈن بىزدە ئەڭ كەمچىل بولۇۋاتقىنى دەل مۇشۇ قېرىنداشلىق، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، كېڭەش ۋە سىستېمىلىق ئىش ھەرىكەت قىلىش؛ ئەڭ كۆپ بولۇۋاتقىنى بولسا ئىناقسىزلىق، مەنمەنچىلىك، ئۆزئارا ئاداۋەت، پىكرىي مۇستەبىتلىك ۋە پىلانسىز ھالدا قالايمىقان ھەرىكەت قىلىشتۇر.
سىياسىي ھەرىكەتلەر دۆلەتنىڭ قىممىتىنى ۋە دۆلەتچىلىك ئىدىيەسىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلغانلىقى ئۈچۈن، يېقىنقى زامان تارىخىدا ئىمانلىق قەھرىمان ئەجدادلىرىمىز قۇرغان بۇ ئىككى دۆلەتنى تەبرىكلەيدۇ. لېكىن، بىر شەھەردە تۇرۇپ، ئىدىيە توقۇنۇشى، چۈشەنچە كىرىزىسى، مەنمەنچىلىك… قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى بىر دۆلەتنى بىر قانچە گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ، بىر قانچە يەردە خاتىرىلەش ھەقىقەتەن ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنى چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن دۆلەت بايرىمى سۈپىتىدە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ ئائىلە، مەركەز، جەمئىيەت ۋە مەدرىسلەردە خاتىرىلەش ۋە تەبرىكلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش ھەمدە ئۇنىڭدىن ئىبرەت -ساۋاقداشلارنى ئېلىش كېرەك. شۇنداقلا، دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ۋە ۋەيران بولۇش ئامىللىرى ھەققىدە يەكۈن چىقىرىپ، يېڭىدىن دۆلەت قۇرۇشقا ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق قىلىش، ئىلمىي قابىلىيەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ھەر ساھەدە ياراملىق كادىر يېتىشتۈرۈش، سىياسىي ئاڭنى ئاشۇرۇش، قېرىنداشلىق روھىنى كۈچەيتىش ۋە بىر-بىرىنى ئېتىراپ قىلىپ سىياسىي ھەمكارلىق ئورنىتىش — ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ ئىمانىي، مىللىي، ۋىجدانى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك مەجبۇرىيىتىدۇر.
شۇنىڭدەك، دۆلەتنىڭ ئىناقسىزلىق، بۆلۈنۈش، پارچىلىنىش، ئاڭسىزلىق ۋە خائىنلىق سەۋەبىدىن ۋەيران بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەش ھەمدە ئىچكى ئىدىيە توقۇنۇشى پەيدا قىلىش ۋە يۇرتۋازلىق خاراكتېرىدىكى تار دائىرىدە گۇرۇھلىشىش ئارقىلىق دۆلەت قۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش ئىنتايىن مۇھىم مەسئۇلىيەتتۇر.
ھالبۇكى، دۇنيانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا بىر شەھەردە تۇرۇپ، ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى بىر قانچە ئورۇنغا بۆلۈنۈپ خاتىرىلەش — دۆلەتچىلىك ئېڭىنىڭ نەقەدەر تۆۋەنلىكىنى، دۆلەت قۇرۇش شەرتلىرىدىن نەقەدەر يىراق ئىكەنلىكىمىزنى ھەمدە مەقسەت-ماھىيەتكە كۆڭۈل بۆلۈشتىن بەكرەك شەكىلۋازلىق ۋە كۆرۈنۈشكە بېرىلىشنىڭ ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ھۆرلۈكنىڭ ئاساسى بولغان ئىدىيە-چۈشەنچە ۋە دۆلەت قۇرۇشنىڭ شەرتلىرى مۇشۇنداق ئەھۋالدا تۇرسا، ئاللاھنىڭ ياردىمى بۇ مىللەتكە يېقىنمىدۇ ياكى يىراقمىدۇ؟ بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس.
- ھەمكارلاشماي دۆلەت قۇرغىلى بولمايدۇ: ئالىملار، زىيالىيلار، سىياسىيونلار، مائارىپچىلار، مۇجاھىدلار، بايلار، ۋەتەنپەرۋەرلەر، ئەر-ئاياللار ۋە ياشلار قاتارلىق جەمئىيەتنىڭ بارلىق قاتلاملىرى بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ؛ ئەقىل بىلەن ۋەھىينى، مەكتەپ بىلەن مەسچىتنى، سىياسەت بىلەن ئەخلاقنى بىرلەشتۈرگەن ھالدا، ساغلام ئەقىدە، توغرا ئىدىيە، بىر پۈتۈن كىملىك، قىممەت قاراش ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا تايانغان ئورتاق مەپكۇرە ئاساسىدا سىستېمىلىق ھەمكارلاشمىغىچە، دۆلەت قۇرغىلى بولمايدۇ.
- ھەمكارلاشماي دۆلەت قۇرغىلى بولمايدۇ: ئالىملار، زىيالىيلار، سىياسىيونلار، مۇجاھىدلار، مائارىپچىلار، بايلار، ۋەتەنپەرۋەرلەر، ئەر-ئاياللار ۋە ياشلار قاتارلىق جەمئىيەتنىڭ بارلىق قاتلاملىرى بىرلىشىپ؛ ئەقىل بىلەن ۋەھىينى، مەكتەپ بىلەن مەسچىتنى، سىياسەت بىلەن ئەخلاقنى بىرلەشتۈرۈپ، ساغلام ئەقىدە، توغرا ئىدىيە، بىر پۈتۈن كىملىك، قىممەت قاراش ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا تايانغان ئورتاق ھەرىكەت مەپكۇرىسى ئاساسىدا سىستېمىلىق ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلمىغىچە، دۆلەت قۇرغىلى بولمايدۇ.
- پىرىنسىپال نۇقتىلاردا چىڭ تۇرۇش، ئۇسۇل-تەدبىرلەردە ئەۋرىشىم يول تۇتۇش: ئەقىدە، ۋەتەن-مىللەت، كىملىك ۋە قىممەت قاراشقا ئوخشاش تۈپ پىرىنسىپلاردا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئۇلاردىن ھەرگىز ۋاز كەچمەسلىك؛ ئەمما ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدىغان تەرەپلەردە ھەمدە ۋاسىتە-تەدبىرلەردە ئەۋرىشىم ۋە كەڭ يول تۇتۇش — جانلىق ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئاساسىدۇر.
- ساغلام ۋە جانلىق سىياسىي ھەرىكەت: مىللەتنىڭ ئېتىقادى، كىملىكى، ھۆرلۈكى، ھوقۇقلىرى، مال-مۈلكى، ئىززەت-شەرىپى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغدايدىغان بىر دۆلەت قۇرۇشنى ئالىي غايە-نىشان قىلغان؛ شۇنداقلا مىللەتنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان، ھەر خىل ۋەتەنپەرۋەر ئېقىملارغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان، ئىككى تۈرلۈك ئاشقۇنلۇقتىن خالىي ساغلام ئىدىيەگە ۋە يۇقىرى ئاڭ-سەۋىيەگە ئىگە جانلىق بىر سىياسىي ھەرىكەتنىڭ شەكىللىنىشى شەرت.
مانا بۇلار مۇسۇلمان بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، پەيغەمبەر دۆلىتىدىن ئىبرەت ئېلىپ دۆلەت خاتىرىلەش، ساغلام دۆلەتچىلىك ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش، دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئاساسلىرىنى يارىتىش ۋە دۆلەتنى ۋەيران قىلىدىغان ئامىللاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان قىسقىچە مۇلاھىزىلەردۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي