ئىسلامنىڭ ئىجتىمائىي ھايات پىرىنسىپى
ئىسلامنىڭ ئىجتىمائىي ھايات پىرىنسىپى بىرمۇنچە ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇھىمراقلىرى مۇنۇلاردۇر:
1. مۇكەممەل ئىنسانىي قېرىنداشلىق مەنىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش: ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر ۋە بىر ئايالدىن (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا ۋە بىر ئانىدىن ياراتتۇق. ئۆزئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق. ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر – بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر﴾ .
2. يىلتىزنىڭ بىرلىكىنى يەنى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ بىر ئەر ۋە بىر ئايالدىن كەلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش: ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتقان، شۇ ئىنساندىن (يەنى ئۆز جىنسىدىن) ئۇنىڭ جۈپتىنى (يەنى ھەۋۋانى) ياراتقان ۋە ئۇلاردىن (يەنى ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن) نۇرغۇن ئەر – ئاياللارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار. بىر – بىرىڭلاردىن نەرسە سورىغاندا نامى بىلەن سورايدىغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار. سىلە – رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى (يەنى پۈتۈن ئەھۋالىڭلارنى) كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر﴾ .
3. ئادالەت ۋە باراۋەرلىك پىرىنسىپلىرىنى يىلتىز تارتقۇزۇش: ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ئى مۇئمىنلەر! خۇدالىق ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشتە، ئۆزۈڭلارنىڭ ياكى ئاتا – ئاناڭلارنىڭ ياكى ئۇرۇق – تۇغقانلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا (گۇۋاھلىق بېرىشكە) توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىڭلار. (گۇۋاھلىق بېرىلگۈچى) باي بولسا (ئۇنىڭغا بولۇشماستىن)، ياكى پېقىر بولسا (ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتماستىن) ھەر ۋاقىت ئادىل گۇۋاھ بولۇڭلار. ئاللاھ ئۇلارغا سىلەردىنمۇ يېقىندۇر (يەنى ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنىڭ نېمىدە بولىدىغانلىقىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ). نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگىشىپ (ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كەتمەڭلار. ئەگەر تىلىڭلارنى تولغىساڭلار (يەنى گۇۋاھلىقتىكى پاكىتنى بۇرمىلىساڭلار) ياكى گۇۋاھلىقتىن باش تارتساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچىدۇر﴾ .
4. ھەر تۈرلۈك ئىجتىمائىي ھەمكارلىق، مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش ۋە ئۆزئارا ياردەملىشىش پىرىنسىپلىرىنى يىلتىز تارتقۇزۇش: مۇشۇ سەۋەبتىن، ئىسلام دىنى پۈتكۈل ئىنسانىيەت چەمبىرەكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئەھكاملارنى يولغا قويۇپ، ئۇرۇق – تۇغقانلار مۇناسىۋىتىنى سىستېمىلاشتۇرغان؛ ئۇرۇق – تۇغقانچىلىقنى ئۇلاشقا، ئاتا – ئانىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇغان؛ قولۇم – قوشنىلارنىڭ ئۆزئارا ھەقلىرى، كەڭ ۋە تار دائىرىدىكى قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنى بېكىتكەن؛ ئائىلە ئەھكاملىرى ۋە ئەر – خوتۇنلار ئارىسىدىكى ئالاقىلەرنى بەخت – سائادەت، دوستلۇق ۋە خاتىرجەملىكنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان دەرىجىدە، ناھايىتى ئىنچىكە شەكىلدە قىلىپلاشتۇرغان .
5. ئىسلام مۇسۇلمان ۋە غەيرى مۇسۇلمانلاردىن ئىبارەت ئوخشىمىغان ئىنسانىيەت چەمبىرەكلىرى ئارىسىدا مۇكەممەل ۋە ساغلام ئالاقە ئورنىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە، ئىجابىي ئىنسانىي ئالاقىلەرنى چىڭىتىدىغان؛ ئىجتىمائىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغان ئەھكاملارنى يولغا قويغان. مەسىلەن، زاكات ۋە سەدىقە ئەھكاملىرى، ئۇرۇق – تۇغقانلارغا بېرىش ۋاجىپ بولغان نەپىقە ئەھكاملىرى ۋە شۇنىڭدەك ھېيت – بايراملارنىڭ يولغا قويۇلۇشى قاتارلىقلار.
6. ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئاساسىدۇر: ئىسلام دىنى ئائىلىنى پۈتۈن جەمئىيەتلەرنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى قىلغان. ئائىلە − نەسەب ياكى ئىمىلداشلىق ياكى قۇدا – باجىلىق سەۋەبلىك ئۆزئارا نىكاھلىنىش ھارام بولمىغان بىر جۈپ ئەر – خوتۇن ئارىسىدا ئىختىيارىي چېگىلگەن مۇقەددەس ئالاقە بولۇپ، بۇ ئالاقە ھەر ئىككى تەرەپكە ئىلاھىي شەرىئەتكە ئۇيغۇن شەكىلدە مۇئەييەن ھەق – ھوقۇقلارنى بېرىدۇ، شۇنداقلا مۇئەييەن مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى يۈكلەيدۇ. بۇ ئالاقىنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن ئاللاھ تائالا ئۇنى «مۇستەھكەم ئەھدە» دەپ ئاتىغان: ﴿ئاياللار سىلەردىن (نىكاھ ئەقدىسىدىن ئىبارەت) مۇستەھكەم ئەھدە ئالدى﴾ . ئاللاھ تائالا ئائىلە مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە مۇۋەپپەقىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر قاتار سىستېمىلىق ئەھكاملارنى يولغا قويۇپ، ئائىلە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقەددەسلىكى ۋە پاكلىقىنى قاتتىق تەكىتلىگەن؛ توغرا بولغان نىكاھ ئۈستىگە بەرپا بولغان ئائىلىنى ئاسايىشلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈرتكىلىك ئامىلى، ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان بۈيۈك ئالامەتلەردىن بىرى ۋە مېھىر – مۇھەببەتنىڭ سىرى قىلغان: ﴿ئاياللار بىلەن ئۇنسى – ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ) ئۇلارنى ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا (يەنى ئەر – خوتۇن ئارىسىدا) مېھىر – مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلەردىندۇر. بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار﴾ ؛ ﴿ئۇ سىلەرنى بىر جاندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتتى، (ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ) ئۇنسى – ئۈلپەت ئېلىشى ئۈچۈن خوتۇنىنى (يەنى ھەۋۋانى) ئۇنىڭ ئۆز جىنسىدىن ياراتتى. (ئادەم ئەلەيھىسسالام) خوتۇنى بىلەن يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن، خوتۇنى يېنىككىنە قورساق كۆتۈرۈپ، ئېغىر بوي يۈردى. ئۇ (بالىنىڭ قورساقتا ئۆسۈپ چوڭىيىشى بىلەن) ئېغىرلاشقاندىن كېيىن، (ئەر – خوتۇن) ئىككىيلەن پەرۋەردىگارى ئاللاھقا: ئەگەر بىزگە (ئەزالىرى) بېجىرىم پەرزەنت ئاتا قىلساڭ، نېمىتىڭگە ئەلۋەتتە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز، دەپ دۇئا قىلدى﴾ .
ئاللاھ تائالا بۇ ئالاقىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى تەكىتلەپ، ئۇنى ھارامدىن ساقلايدىغان قالقان ۋە ئىپپەتلىك بولۇشنىڭ كاپالىتى قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: ﴿ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر (يەنى ئۇلار سىلەرگە ئارىلىشىپ ياشايدۇ ۋە كىيىم بەدەنگە يېپىشقاندەك يېپىشىدۇ)، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر (يەنى سىلەرمۇ ئۇلارغا ئارىلىشىپ ياشايسىلەر ۋە كىيىم بەدەنگە يېپىشقاندەك يېپىشىسىلەر)﴾ ؛ ﴿ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر ۋە بىر ئايالدىن (يەنى ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا ۋە بىر ئانىدىن ياراتتۇق. ئۆزئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق. ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر – بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر﴾ .
ئاللاھ تائالا ئائىلىنى ئۆزئارا تونۇشۇش، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ۋە ئىجتىمائىي ھەمكارلىق قاتارلىق ئىشلارنىڭ مۇھىم ئامىلى قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: ﴿ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتقان، شۇ ئىنساندىن (يەنى ئۆز جىنسىدىن) ئۇنىڭ جۈپتىنى (يەنى ھەۋۋانى) ياراتقان ۋە ئۇلاردىن (يەنى ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن) نۇرغۇن ئەر – ئاياللارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار. بىر – بىرىڭلاردىن نەرسە سورىغاندا نامى بىلەن سورايدىغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار. سىلە – رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى (يەنى پۈتۈن ئەھۋالىڭلارنى) كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر﴾ .
ئاللاھ تائالا يەنە ئائىلىنى نەسىل قالدۇرۇشنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى، بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ ئىللىق قوينى قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: ﴿ئاللاھ تائالا ئۇ ئىككىسىدىن (يەنى ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن) نۇرغۇن ئەر – ئاياللارنى ياراتتى﴾ .
ئاللاھ تائالا جۈپ تاللاشتا ياخشىسىنى تاللاشقا قىزىقتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿… ياخشى ئاياللار ياخشى ئەرلەرگە لايىقتۇر، ياخشى ئەرلەرمۇ ياخشى ئاياللارغا لايىقتۇر…﴾ .
ئاللاھ تائالا يەنە ئۆيلىنىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ. چۈنكى، ئۆيلىنىش ئارقىلىق ئىنسان نەسلىنىڭ ئىزچىللىقىنى قوغداپ قېلىش بىلەن بىرگە ھارامدىن ساقلىنىپ، ئىپپىتىنى ساقلىيالايدۇ؛ بەخت – سائادەت ۋە ئاسايىشلىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا يەنە ئۆيلىنىش سەۋەبلىرىنى قولايلاشتۇرۇشنى تەكىتلەپ، تويلۇق مەھرىلەرنى يەڭگىل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.
ئاللاھ تائالا شەرىئەتتە يولغا قويغان ئەر – خوتۇنچىلىق ئالاقىسىنى نەسىلنى مۇھاپىزەت قىلىپ، پاك ۋە يوللۇق ئۇسۇللار ئارقىلىق جىنسىي شەھۋەتلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئەر – ئاياللار ئارىسىدا ئورنىتىشقا بولىدىغان بىردىنبىر ئالاقە قىلغان؛ شۇنداقلا ئۇنى ئۆزئارا تونۇشۇش ۋە ئۇنسى – ئۈلپەتلىشىشنىڭ تۈپ ئامىلى قىلىپ بېكىتكەن: ﴿ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر ۋە بىر ئايالدىن (يەنى ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا ۋە بىر ئانىدىن ياراتتۇق. ئۆزئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق. ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر – بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر﴾ .
ئاللاھ تائالا زىناغا ئوخشاش ناتوغرا ئالاقىلەرنى قاتتىق چەكلىگەن: ﴿زىناغا يېقىنلاشماڭلار. چۈنكى، ئۇ ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر﴾ . ئاللاھ تائالا يەنە جەمئىيەتنىڭ پاكلىقىنى قوغداشنى قاتتىق تەكىتلەپ، كۆزلەرنى ھارامدىن يۇمۇشقا ۋە ئاياللارنى ھىجابلىنىشقا ئەمر قىلىدۇ.