مىللەتنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئەۋزەللىك تەرتىۋى
نەپلە ئىشلارنى پەرز ئىشلارنىڭ ئالدىغا قويۇشقا بولمايدۇ،
پەرز ئەين پەرز كۇپايىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ،
ھېچكىم ئادا قىلمىغان پەرز كۇپايە باشقىلار ئادا قىلغان پەرز كۇپايىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ،
كوللېكتىپ ۋە مىللەتكە مۇناسىۋەتلىك پەرز ئەين شەخسلەرنىڭ ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك پەرز ئەينىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ،
ۋاقتى قىس بەلگىلىك ۋاجىپ ئىشلار ۋاقتى بەلگىلەنمىگەن ۋاجىپ ئىشلارنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغانلىقى مۇقەررەر مەسىلىدۇر.
شۇنداقلا زۆرۈرىيەت دەپ بەلگىلەنگەن پايدا – مەنپەئەتلەر ئېھتىياج ۋە تولۇقلىما خاراكتېرلىك پايدا – مەنپەئەتلەرنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ،
ئېھتىياج خاراكتېرلىك پايدا – مەنپەئەتلەر تولۇقلىما خاراكتېرلىك پايدا – مەنپەئەتنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ،
مىللەتنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئېھتىياجىغا ئالاقىدار پايدا – مەنپەئەتلەر بىلەن شەخسلەرنىڭ پايدا – مەنپەئەتى بىر – بىرىگە زىت كېلىپ قالغاندا، شەخسلەرنىڭ پايدا- مەنپەئەتى ئىككىنچى ئورۇنغا قويۇلىدۇ.
شەرقىي تۈركسىتانلىققا نىسبەتەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مەنپەئەتى پەرز بولغانلىقى ئۈچۈن، باشقا ئەللەردىكى مۇسۇلمانلار (ئۈممەت)نىڭ مەنپەئەتىنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى قولغا كەلتۈرۈشتە «مۇسۇلمانلار ئىمانى جەھەتتىن قېرىنداشتۇر» دېگەن ئەقىدىنىڭ تەقەززاسى بويىچە -ئاشقۇنلۇقتىن خالىي ھالدا ئوتتۇرھال يول تۇتۇپ كۈرەش قىلىۋاتقان- باشقا مۇسۇلمانلارغا گەپ – سۆز ئارقىلىق تۆھمەت قىلماستىن ياكى ئىش-ھەرىكەت ئارقىلىق زىيان يەتكۈزمەستىن، شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىگە رىئايە قىلغان ئاساستا دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدىكى مىللەتلەردىن ۋە دۆلەتلەردىن مۇمكىن بولغان دائىرىدە مىللىي مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلسا يول ئوچۇق.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.