2024-يىل 25-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئاجىز ھەدىس بىلەن ئەمەل قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

 

ئاجىز ھەدىس بىلەن ئەمەل قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

ئاجىز ھەدىس دېگەن:»ساغلام»ياكى»ھەسەن» (ياخشى) دەرىجىلىك ھەدىسنىڭ سۈپەتلىرى تېپىلمىغان ھەدىستۇر. يەنى ھەدىسنىڭ قوبۇل قىلىنىش شەرتلىرىدىن بىرەر شەرت تېپىلمىغان ھەدىستىن ئىبارەت. قوبۇل قىلىنىدىغان ھەدىسنىڭ شەرتلىرى ئالتە. ئۇلار:

1.ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچى ئەقىللىق ۋە ئادەمگەرچىلىككە زىت ئىش قىلمايدىغان تەقۋا مۇسۇلمان بولۇشى.

2.يادلاش ياكى يېزىق جەھەتتىكى تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى جايىدا ئۆلچەملىك بولۇشى،

3.ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچىلار يولى باشتىن ئاخىرغىچە بىر بىرىگە زەنجىرسىمان باغلىنىپ كېلىشى، ئارىلىقىدا ئۈزۈك ھالاتنىڭ بولماسلىقى.

4.ھەدىستە بىنورمال ئەھۋال كۆرۈلمەسلىكى،

  1. ھەدىسكە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئېغىر ئىللەت تېپىلماسلىقى،
  2. ئېھتىياج كۆرۈلگەندە قوللايدىغان باشقا ھەدىسنىڭ تېپىلىشىدىن ئىبارەت.

ئاجىز ھەدىسنىڭ دەرىجىلىرى قوبۇل قىلىش شەرتلىرىنى يوقىتىشقا قاراپ تۈرلۈك بولىدۇ. ھەدىس قانچە ئاجىز بولسا، يۆلەيدىغان ئاجىز ھەدىس بولغان تەقدىردىمۇ قوبۇل قىلىنىش ئىمكانىيىتىدىن شۇنچە يىراق بولىدۇ. ھەدىسنىڭ ئاجىزلىق دەرىجىسى قانچە يەڭگىل بولسا، ھەدىسنى ياخشى تەرەپكە كۆتۈرۈش ئېھتىمالى كۆپ بولىدۇ.

(1)

ئاجىز ھەدىسنى بايان قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

«ئاجىز ھەدىس» ئەقىدە، ھالال-ھارام ياكى باشقا شەرئى ھۆكۈملەرگە مۇناسىۋەتلىك بولمىسا، ئاجىزلىقىنى دېمەستىن بايان قىلسا دۇرۇس. يەنى ۋەز-نەسىھەت ياكى قىزىقتۇرۇش ياكى پەزىلەتلىك ئىشلاردا بايان قىلسا بولىدۇ.

ھەدىسنىڭ يېتىپ كېلىش يولىنى بايان قىلماستىن بىرەر ئاجىز ھەدىسنى زىكىر قىلماقچى بولسا، ھەدىسىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدىغان شەكىلدە تىلغا ئېلىشى لازىم. ئاجىز ھەدىسنى كەسكىن شەكىلدە بايان قىلىش توغرا بولمايدۇ.

 

(2)

ئاجىز ھەدىس بىلەن ئەمەل قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

ئاجىز ھەدىس بىلەن ئەمەل قىلىش مەسىلىسىدە ئالىملار ئارىسىدا بىر قانچە تۈرلۈك كۆز قاراشلار بار:

بىرىنچى كۆز قاراش:

يەڭگىل ئاجىز ھەدىس بىلەن پەرز ۋە ھالال-ھارامدا (باشقا ھەدىس تېپىلماسلىق شەرتى بىلەن) ئەمەل قىلسا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ ئىمام ئەھمەد ۋە ئەبۇ داۋۇد كۆز قارىشى. بۇلارنىڭ ئەمەل قىلساق بولىدۇ، دېگەن ھەدىسى يەڭگىل ئاجىز ھەدىسكە قارىتىلغان. چۈنكى بەك ئاجىز ھەدىس بارلىق ئالىملارنىڭ نەزىرىدە بىردەك رەت قىلىنىدۇ.

بۇلارنىڭ دېمەكچى بولغىنى ئاجىز ھەدىسنىڭ توغرا بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار. رىۋايەت قىلىشتىكى توغرىلىق تەرىپىنى كۈچلەندۈرىدۇ. رىۋايەت قىلسا بولغان يەردە ئەمەل قىلسا بولىدۇ، دەپ قارىغان.

ئىككىنچى كۆز قاراش:

مۇستەھەپ ۋە مەكروھ چاغلىق پەزىلەتلىك ئىشلاردا ئاجىز ھەدىس بىلەن ئەمەل قىلىش مۇستەھەپ.بۇ كۆپ سانلىق ھەدىسشۇناس ۋە ئۇسۇلشۇناس ئالىملارنىڭ كۆ قارىشى. بۇلارنىڭ قاتارىدىن:ئىمام نۇۋەۋى، ئىبنى ھەجەر ھەيتەمى ۋە ئەلى قارى…

ھەدىسشۇناسلارنىڭ ئۇستازى ئىبنى ھەجەر ئاجىز ھەدىس بىلەن ئەمەل قىلىشنىڭ شەرتلىرىنى تۆۋەندىكىدەك ناھايىتى ئېنىق روشەن ئوتتۇرىغا قويغان:

(1).ھەدىسىنىڭ ئاجىزلىقى بەك ئاجىز بولماسلىقى لازىم. كاززاپ، يالغانچىلىق بىلەن نام ئالغان ياكى ئېغىر خاتالىشىدىغان ئادەمنىڭ ھەدىسى بولماسلىقى كېرەك.

(2).شەرىئەتنىڭ ئومۇمىي بىرەر قائىدىسى ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەدىس بولۇشى لازىم. يەنى شەرىئەتتە ئەسلى بار ئىشقا مۇناسىۋەتلىك بولسا قوبۇل قىلىنىدۇ.

ئاجىز ھەدىس ئەسلى يوق ھەدىس بولماسلىقى كېرەك.

(3).ئاجىز ھەدىس بىلەن ئەمەل قىلغاندا ئىشەنچىلىك ھەدىس دەپ قارىماسلىق كېرەك. (سۇيۇتى:تەدرىب راۋى، 22-تۈر، 298-بەت).

ئىبنى ھەجەر ھەيتەمى پەزىلەتلىك ئىشلاردا ئاجىز ھەدىس بىلەن ئەمەل قىلسا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:«ئالىملار پەزىلەتلىك ئىشلاردا ئاجىز ھەدىس بىلەن ئەمەل قىلسا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. چۈنكى ھەدىس سەھى بولۇپ قالسا، ئەمەل قىلىنىشتىن ئىبارەت ھەققىگە ئېرىشكەن بولىدۇ. ئۇنداق بولمىسا بۇ تۈردىكى ھەدىس بىلەن ئەمەل قىلغانلىققا ھالال قىلىۋېتىدىغان ياكى ھارام قىلىۋېتىدىغان ياكى باشقىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى زايە قىلىۋېتىدىغان ئىش كېلىپ چىقمايدۇ». (ئىبنى ھەجەر ھەيتەمى: مۇھتەرەم جاۋابلار، 42-بەت).

(4).ئاجىز ھەدىس ئەقىل ياكى شەرىئەت ياكى تىل رەت قىلغۇدەك دەرىجىدە مۇبالىغلاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالماسلىقى شەرت.

(5). باشقا كۈچلۈك شەرئى دەلىلگە قارىشى كەلمەسلىكى شەرت.

4 -ۋە 5-بەشىنچى شەرتنى دوكتۇر يۈسۈپ قەرزاۋى»دەۋەتچىنىڭ سەۋىيىسى» ناملىق كىتابىدا بايان قىلغان.

 

ئۈچىنچى كۆز قاراش:

ئاجىز ھەدىس بىلەن  ھېچقانداق ئورۇندا مۇتلەق ئەمەل قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ قازى ئىبنۇل ئەرەبى، شاھابىدىن خەپپاجى ۋە جالال دۇۋائىنىڭ  قارىشى. يېقىنقى زاماندىكى ئەھمەد شاكىر ۋە ئالبانىغا ئوخشاش بىر قىسىم ئالىملار مۇشۇ كۆز قاراشتا. چۈنكى بۇلار پەزىلەتلىك ئىشلارمۇ شەرىئەتنىڭ قاتارىدىن، ئاجىز ھەدىسنى ئالمىسىمۇ  سەھى ۋە ياخشى ھەدىسلەر يېتىپ ئاشىدۇ، دەپ قارايدۇ.

بۇ كۆ قاراشلارنىڭ ئىچىدە نورمال ۋە كۈچلۈكرەك كۆز قاراش ئىككىنچى قاراشتۇر. چۈنكى ئالىملار ئاجىز ھەدىس بىلەن ئەمەل قىلىشتا قويغان شەرتلەرگە قارايدىغان بولساق، بىز دەۋاتقان ئاجىز ھەدىس يالغان دەپ ھۆكۈم چىقىرىلمىغان، بىراق توغرىلىق تەرىپى كۈچلەندۈرۈلمىگەن ھەدىس كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇنداقتا بۇ ھەدىستە توغرا بولۇش ئېھتىماللىقى بار. بۇ ئېھتىماللىق قارىشى كېلىدىغان ھەدىسنىڭ بولماسلىقى، شۇنداقلا بۇ ھەدىسنىڭ ئومۇمى بىر ئاساسنىڭ ئىچىدە خىزمەت قىلىدىغانلىقى بىلەن كۈچلىنىدۇ. دېمەك، بۇ تۈردىكى ھەدىس بىلەن  يۇقىرىقى شەرتلەرگە رېئايە قىلغان ئاساستا ئەمەل قىلىش مۇستەھەپ ۋە مەقبۇل.

 (3)

دوكتۇر يۈسۈپ قەرزاۋى»سۈننەتكە قارىتا قانداق مۇئامىلە قىلىمىز» ناملىق كىتاۋىدا ئاجىز ھەدىس بىلەن ئەمەل قىلىش توغرىسىدا بىر قانچە تۈرلۈك ئەسكەرتىشلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان:

(1).تەرغىب ۋە تەرھىب توغرىسىدىكى ھەدىسلەر بىلەن ئەھكام توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. ئەھكام مەسىلىلىرىدە سەھى ۋە ھەسەن ھەدىستىن باشقا ھەدىسلەر قوبۇل قىلىنمايدۇ.

(2).تەرغىب، تەرھىب ۋە پەزىلەتلىك ئەمەللەردە ئاجىز ھەدىس بىلەن ئەمەل قىلىش دۇرۇس دېگەن ئالىملار ئوتتۇرىغا قويغان شەرتلەرگە ئىلمىي جەھەتتىن رېئايە قىلىش لازىم.

(3).ئاجىز ھەدىسنى كەسكىنلىكنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدىغان شەكىلدە رىۋايەت قىلماي، ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەيدىغان شەكىلدە رىۋايەت قىلىش كېرەك.

(4).بىر تېمىدا سەھى ۋە ھەسەن، ياكى ھەسەن(ياخشى) ياكى ئاجىز ھەدىس بولغان بولسا، سەھى ۋە ھەسەن ھەدىس بىلەن كۇپايىلىنىش لازىم. سەھى ياكى ھەسەن ھەدىس تۇرسا ئۇنى ئالماي، ئاجىز ھەدىسنى ئالساق سەھى ھەدىسنىڭ زىيىنىغا بولىدۇ.

(5).پەزىلەتلىك ئەمەللەرگە شەرىئەت بەلگىلەپ بەرگەن ياكى كۆرسىتىپ بەرگەن ھەققى ۋە ئورنىنى بېرىش لازىم. پەزىلەتلىك ئەمەلنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈۋېتىش ياكى ئۆز مىقدارىدىن تۆۋەنلىتىۋېتىش توغرا ئەمەس.

(6). ئاجىز ھەدىس بىلەن ھۆكۈم ئىسپاتلاشقا بولمايدۇ.

مەسىلەن، بالىغا ئىسىم قويغاندا ئوڭ قۇلىقىغا ئەزان تولاش ھەسەن ھەدىس بىلەن ئىسپاتلانغان. سول قۇلىقىغا تەكبىر ئېيتىش يەڭگىل ئاجىز ھەدىس بىلەن ئىسپاتلانغان. شۇڭا سول قۇلىقىغا تەكبىر ئېيتىش مۇستەھەبتۇر. ھەرگىزمۇ بىدئەت ئەمەس.چۈنكى بۇ ھەدىس شەرىئەتنىڭ ھېچقانداق بىرەر ئاساسىغا ياكى مەقسەتلىرىگە زىت كەلمەيدۇ، بەلكى شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى قوللايدۇ. ئەزاننى كۈچلەندۈرىدۇ، ئىمان سۆزلىرى بالىنىڭ قۇلىقىغا تەكرار كېرىپ تۇرىدۇ.

 

ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى

2015- يىلى، 7، 10- كۈنى