2024-يىل 28-مارت

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئىككىنچى مەنبىيى ھەدىس

ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئىككىنچى مەنبىيى ھەدىس

 

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىن تارتىپ كۈنىمىزگىچە كەلگەن پۈتكۈل مۇسۇلمانلار رەسۇلۇللاھنىڭ -راستىنلا دېگەنلىكى ئىسپاتلانغان- ھەدىسلەرنىڭ قۇرئان كىرىمدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ۋە قۇرئان كىرىمگە ئوخشاش شەرىئەتنىڭ مەنبىيى بولىدىغانلىقىدا بىرلىككە كەلگەن. چۈنكى رەسۇلۇللاھ ھېچقانداق سۆزنى بىھۇدە ۋە نەپسى خاھىشى بىلەن سۆزلىمىگەن. ئۇنىڭ ھە بىر سۆزى ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن ۋەھىي قىلىنغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«ساقىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەمكى، سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) گۇمراھ بولمىدى ۋە يولدىن ئاداشمىدى. ئۇ ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ. پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىنىلا سۆزلەيدۇ»( نەجم سۈرىسى، (1-4- ئايەتلەر).

رەسۇلۇللاھ ئاللاھ تائالانىڭ كالامى بولغان قۇرئان كىرىمنى كىشىلەرگە يەتكۈزۈش ۋە ئۇنى ئىزاھلاپ چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن. رەسۇلۇللاھ قۇرئان كىرىمنى سۆزلىرى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ بەرگەن. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:« بىز ساڭا قۇرئاننى ئۇلارغا چۈشۈرۈلگەن شەرىئەتنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇلار بۇ قۇرئاننى پىكىر قىلىپ، ئۇنىڭدىن ۋەز- نەسىھەت ئالسۇن دەپ نازىل قىلدۇق(نەھل سۈرىسى، 44- ئايەت).

ئاللاھ تەئالا رەسۇلۇللاھغا ئىتائەت قىلىشنى پەرز قىلغان. شۇڭا ھەدىسنى ھۆججەت قىلىش، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش ۋە ئىختىلاپ يۈز بەرگەندە ھەدىسكە مۇراجىئەت قىلىپ ئۇنىڭ تەقەززاسىغا مۇۋاپىق ئىش قىلىش مۇسۇلمانلارغا پەرز. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:«پەيغەمبەر سىلەرگە ئېلىپ كەلگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار، ئاللاھدىن قورقۇڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر» ( سۈرە ھەشىر، 7-ئايەت).

يەنە ئاللاھ تەئالا:«ئىې مۇھەممەد! پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمىىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالمىغىچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغىچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ»دەيدۇ، (سۈرە نىسا، 65-ئايەت).

ئاللاھ تەئالا رەسۇلۇللاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلغان كىشىنى قاتتىق ئازاب بىلەن ئاگاھلاندۇرۇپ:«پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار (دۇنيادا چوڭ بىر) پىتنىگە قېلىشتىن، يا (ئاخىرەتتە) قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن»دەيدۇ، (سۈرە نۇر، 63- ئايەت).

يەنە ئاللاھ تەئالا:«ئې مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزەڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ھەقىقىي ئىشىنىدىغان بولساڭلار، بۇ (يەنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر»، (سۈرە نىسا، 59- ئايەت).

ئاللاھ تەئالا رەسۇلۇللاھ چىقارغان ھۆكۈمگە مۆمىنلەرنىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈش ھوقۇقى يوقلىقىنى بىلدۈرۈپ :«ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا، ئەر- ئايال مۆمىنلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ (يەنى ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھ بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان ئىكەن، ھېچ ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشىغا بولمايدۇ). كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلسا، ھەقىقەتەن ئۇ ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ»، (سۈرە ئەھزاب، 36-ئايەت).

ئاللاھ تەئالا رەسۇلۇللاھغا ئىتائەت قىلغانلىقنىڭ ئۆزى ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:«كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ»،(سۈرە نىسا، 80-ئايەت).

ئاللاھ تەئالا يەنە:«ئاللاھ ئۇممىيلەرگە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر پەيغەمبەرنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) ئەۋەتتى. پەيغەمبەر ئۇلارغا قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇپ بېرىدۇ، ئۇلارنى پاك قىلىدۇ، ئۇلارغا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ۋە ھېكمەتنى (يەنى پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىنى) ئۆگىتىدۇ»، (سۈرە             ). 12

يۇقىرىدىكى ئايەتلەر رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشنى ۋە ھەدىسنى قۇرئان كىرىمدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا قويۇشنى ئەمرى قىلىپ، «بىزگە قۇرئان يېتىدۇ، ھەدىسكە ھاجەت يوق ياكى قۇرئانغىلا ئەمەل قىلىمىز» دەيدىغان بىر قىسىم كام ئەقىللەرگە قاتتىق رەددىيە بېرىدۇ. شۇڭلاشقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىن تارتىپ ھازىرغىچە پۈتكۈل مۇسۇلمانلار رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىس شەرىپلىرىنى باش تاجى قىلىپ؛ ئۇنى ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئىككىنچى مەنبەسى بىلىپ؛ شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ كەلمەكتە. چۈنكى ھەدىس شېرىپ قۇرئان كىرىمنى تەپسىر قىلىپ چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، ئۇنىڭدىكى مۇجمەل ھۆكۈملەرنى ئىزاھلاپ بېرىدۇ. ئەگەر ھەدىس بولمىسا ئىدى، قۇرئان كىرىمىدىكى نۇرغۇنلىغان ئايەتلەرنى توغرا چۈشەنگىلى بولمايتتى.

جانابى رەسۇلۇللاھ مۇسۇلمانلارغا پەرۋەردىگارى ئاللاھدىن نازىل بولغان ھۆكۈملەرنى ناھايىتى ئېنىق قىلىپ چۈشەندۈرۈپ بەرگەن. مۇسۇلمانلارغا دىنىي ۋە دۇنيالىق ھاياتىدا موھتاج بولىدىغان يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، نىكاھ-تالاق ۋە باشقا چوڭ-كىچىك بارلىق ئىشلارنى ئۆگەتكەن. ھەزرىتى ئەبۇ زەر مۇنداق دەيدۇ:«رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولغاندا، ئاسماندا قانات قېقىپ ئۇچۇپ كېتىپ بارغان ئۇچارلىق قۇشلار ھەققىدىمۇ بىزگە ئىلىم ئۆگىتىپ بولغان ئىدى» (ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).يەنى رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى بىزگە كېرەكلىك بارلىق ئىلىمنى ئۆگەتكەن، ھەتتا ئاسماندا قانات قېقىپ ئۇچۇۋاتقان قۇش ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەرگەن ئىدى، دېمەكچى.

ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، ھەزرىتى سەلمان:«پەيغەمبىرىڭلار ھەتتا چوڭ تەرەتقىچە بارلىق نەرسىنى ئۆگەتكەنمۇ؟» دەپ سورىغان كىشىگە، «شۇنداق، بىزنى چوڭ ياكى كىچىك تەرەت قىلغاندا قىبلىگە ئالدىمىزنى قىلىشتىن، ئوڭ قول بىلەن ئىستىنجا قىلىشتىن ۋە ئۈچ تاشتىن ئاز تاش بىلەن ئىستىنجا قىلىشتىن، بىر قېتىم ئىشلىتىپ بولغان نەرسە بىلەن ياكى ئۇستىخان بىلەن ئىستىنجا قىلىشتىن توسقان» دەپ جاۋاب بەرگەن.

دېمەك، رەسۇلۇللاھ مۇسۇلمانلار ئۆگىنىشىگە تىگىشلىك ھېچ قانداق نەرسىنى چالا قويماي خۇددى كىچىك بالىغا ئۆگەتكەندەك ھەممە نەرسىنى ئۆگەتكەن.

*****

قۇرئان كىرىمدە مەسىلىلەر ئومۇمى ۋە پرنسىپال بولۇپ، تەپسىلىي بايان قىلىنغان مەسىلىلەر ناھايىتى ئاز. ئەگەر قۇرئاندىكى ئومۇمى مەسىلىلەرنى رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىدىن ئۆگەنمىسەك، كۆپلىگەن ئىبادەتلەرنى قانداق ئادا قىلىشنى بىلەلمەيمىز. مەسىلەن:

قۇرئان كەرىم ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشىگە تاھارەت ئېلىشنى پەرز قىلدى. تاھارەتنى قانداق ئېلىشنى، قانداق سۇدا تاھارەت ئېلىشنى ۋە سۇ تېپىلمىغاندا قايسى شەكىلدە تەيەممۇم قىلىشنى ھەدىستىن ئۆگىنىمىز.

قۇرئان كەرىم ناماز ئوقۇشنى پەرز قىلدى. لېكىن نامازنىڭ سانىنى، رەكەت، رۇكۇ، سەجدەلىرىنىڭ سانىنى ئوچۇق بايان قىلمىدى. شۇنىڭدەك ناماز ۋاقىتلىرىنىمۇ مۇجمەل شەكىلدە بايان قىلدى. رەسۇلۇللاھ نامازنى سۆزى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن بىردىنبىر چۈشەندۈرۈپ:«مېنىڭ ناماز ئوقۇغىنىمغا ئوخشاش ناماز ئوقۇڭلار» دەپ كۆرسىتىپ بەردى.

قۇرئان كەرىم كۆپلىگەن يەردە زاكات بېرىشكە ئەمر قىلدى. لېكىن زاكاتنى قايسى نەرسىدىن، قانچىلىك بېرىشنى تەپسىلى بايان قىلمىدى. رەسۇلۇللاھ پەرز زاكاتنىڭ مىقدارىنى ۋە قايسى ماللاردىن بېرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

 

قۇرئان كەرىم ھەج قىلشنى پەرز قىلدى. رەسۇلۇللاھ ھەجنىڭ قائىدە – يوسۇنلىرىنى ئۆگىتىپ: «ھەج ئىبادىتىنى مەندىن ئۆگىنىۋېلىڭلار» دېدى ۋە ھەجنىڭ قادىر بولغان كىشىگە ئۆمرىدە پەقەت بىر قېتىم پەرز ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار ناھايىتى كۆپ. بۇنىڭدىن باشقا ھەر تۈرلۈك ھادىسىلەر، سودا-سېتىق مۇئامىلىرى، ئۇرۇش ۋە تىنچلىق مەسىلىلىرى قاتارلىق ئىشلاردا رەسۇلۇللاھدىن سوئال سورىلاتتى ۋە رەسۇلۇللاھ جاۋاب بېرەتتى. چۈنكى بۇنداق ئىشلار ھەققىدە بەزىدە ئايەت نازىل بولاتتى، بەزىدە ئايەت نازىل بولمايتتى. ئايەت نازىل بولمىغان مەسىلىلەردە ھەدىس ئاساسلىق مەنبە بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

 

ئىمام شافىئى شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى تۆۋەندىكى قىسىملارغا بۆلىدۇ:

  1. ئاللاھ تەئالا ئىنسانلارغا قۇرئان ئايەتلىرى بىلەن پەرزلىكى ۋە ھاراملىقىنى بايان قىلغان ئىشلار. پەرزلىكىنى بايان قىلغان ئىشلار: ناماز، زاكات، روزا، ھەج ۋە باشقىلار. ھارام قىلىنغان ئىشلار: يوشۇرۇن-ئاشكارا بارلىق پاھىشىلەر، زىنا، ھاراق، ئۆزى ئۆلگەن ھالال ھايۋاننىڭ ۋە چوشقىنىڭ گۆشىنى يېيىش ۋە باشقىلار.
  2. قۇرئان كىرىمدە ھۆكمى ئىخچام بايان قىلىنىپ، رەسۇلۇللاھ سۆز – ھەرىكەتلىرى بىلەن تەپسىلىي بايان قىلغان ئىشلار. مەسىلەن: نامازنىڭ ۋاقىتلىرى، رەكەت سانى، زاكاتنىڭ مىقدارى، ۋاقىتلىرى، زاكات بېرىلىدىغان ماللار، روزىنىڭ ھۆكۈملىرى، ھەج ئىبادىتىنىڭ تەپسىلاتى، ھايۋاننى بوغۇزلاش، ئوۋچىلىق، گۆشى يېيىلىدىغان ۋە گۆشى يېيىلمەيدىغان ھايۋانلار، نىكاھنىڭ تەپسىلاتى، ئېلىم – سېتىم، جىنايەت ئىشلىرى ۋە باشقىلار. بۇلار ئاللاھ تەئالانىڭ «بىز ساڭا قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن شەرىئەتنى بايان قىلىپ بەرسۇن دەپ نازىل قىلدۇق» (سۈرە جۈمە ، 2-ئايەت) دېگەن ئايەتنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ.

3- قۇرئاندا ئايەت نازىل بولمىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى بۇيرىغان ياكى توسقان ئىشلار. بۇنىڭغىمۇ خۇددى قۇرئاندا سۆزلەنگەن ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلغانغا ئوخشاش ئەمەل قىلىش پەرز. چۈنكى ئاللاھ قۇرئان كىرىمدە رەسۇلۇللاھغا ئىتائەت قىلىشنى پەرز قىلىپ:«ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار» دېگەن. يەنە «كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن ئۇئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ» دېگەن. رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە ئەمەل قىلغان كىشى ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىش ھەققىدىكى ئەمرىگە ئەمەل قىلغان بولىدۇ.        14

يۇقىرىدا ئۆتكەن ئايەت ۋە ئالىملارنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىدىن ھەدىس- سۈننەتكە ئەمەل قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە «قۇرئان بىزگە يېتىدۇ، ھەدىس – سۈننەت لازىم ئەمەس» دەيدىغانلارنىڭ دەۋالىرىنىڭ باتىللىقى ئاشكارا بولىدۇ.

 

ئەمدى تۆۋەندە «قۇرئاندىكى ھۆكۈملەر ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەرنى قوبۇل قىلىمىز، قۇرئاندا يوق نەرسىلەرنى بايان قىلىدىغان ھەدىسلەرنى رەت قىلىمىز» دېگۈچىلەرگە ئىمام ئىبنى قەييۇمنىڭ مۇنۇ سۆزى بىلەن جاۋاب بېرىمىز.

ئىمام ئىبنى قەييۇم جەۋزىي مۇنداق دەيدۇ:« سۈننەت قۇرئانغا نىسبەتەن ئۈچ تۈرلۈك» بولىدۇ :

1.سۈننەت (ھەدىس) ھەر جەھەتتىن قۇرئانغا مۇۋاپىق بولىدۇ. قۇرئان بىلەن سۈننەتنىڭ بىر ھۆكۈمدە مۇۋاپىق بولغىنى ئۇ ھۆكۈمنىڭ دەلىلىنىڭ كۆپ بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  1. 2. سۈننەت قۇرئاندىكى ھۆكۈمنى بايان قىلىپ قۇرئاننىڭ مۇراد-مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ تۈدىكى سۈننەت قۇرئاننىڭ تەپسىرى بولىدۇ.
  2. سۈننەت قۇرئان پەرز قىلمىغان بىر ئىشنى پەرز قىلىدۇ ياكى قۇرئاندا ھاراملىقى سۆزلەنمىگەن بىر نەرسىنى ھارام قىلىدۇ.

ھەدىس مۇشۇ ئۈچ قىسىمدىن چىقىپ كەتمەيدۇ ۋە ھېچبىر جەھەتتىن قۇرئانغا زىت كەلمەيدۇ. قۇرئاندا يوق نەرسىنى بايان قىلغان ھەدىسلەر بولسا، رەسۇلۇللاھنىڭ چىقارغان ھۆكمى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش پەرز. بۇ مەسىلىدە رەسۇلۇللاھغا ئاسىيلىق قىلىش ئېغىر گۇناھتۇر. بۇ مەسىلە ھەدىسنى قۇرئاندىن ئۈستۈن ئورۇندا قويغانلىق ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تەئالانىڭ رەسۇلۇللاھغا ئىتائەت قىلىش ھەققىدىكى ئەمرىگە بويسۇنغانلىقتۇر. ئەگەر قۇرئاندا بولمىغان ئىشلاردا رەسۇلۇللاھغا ئىتائەت قىلىش پەرز بولمايدىغان بولسا، قۇرئاندىكى «پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار» دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسى يوققا چىقىدۇ ۋە رەسۇلۇللاھغا ئىتائەت قىلىش دېگەن ھۆكۈم ساقىت بولىدۇ.

ئەگەر رەسۇلۇللاھغا ئىتائەت قىلىش پەقەت قۇرئانغا مۇۋاپىق كەلگەن ئىشلاردىلا كېرەك بولۇپ، قۇرئاندا بولمىغان ئىشلاردا ئىتائەت قىلىنمايدىغان بولسا، رەسۇلۇللاھغا مەخسۇس ئىتائەت قىلىش بولمايدۇ. ھالبۇكى ئاللاھ تەئالا رەسۇلۇللاھغا مەخسۇس ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇپ:«كىمكى، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ»دېگەن تۇرسا، ئىلىم ئەھلى بولغان بىر كىشىنىڭ قۇرئاندا بولمىغان ئىشلاردا كەلگەن ھەدىسنى قوبۇل قىلماسلىقى؛ ئايال كىشىنى ئانىسىنىڭ ۋە ئاتىسىنىڭ ئاچا ياكى سىڭلىسى بىلەن بىر نىكاھتا تۇتۇشنى ھارام قىلغان ھەدىسنى، نەسەبتىن ھارام بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئىمىلدەشلىكتىن ھارام قىلغان ھەدىسنى قوبۇل قىلماسلىقى قانداقمۇ مۇمكىن بولىدۇ؟! 15

دېمەك، رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرى قۇرئاندىكى ئىخچام ئايەتلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان، ئومۇمى ھۆكۈملەرنى خۇسۇسىيلاشتۇرىدىغان، شەرتسىز ھۆكۈملەرگە شەرت قويىدىغان ۋە قۇرئاندا كەلمىگەن ھۆكۈملەرنىمۇ چىقىرىدىغان مول خەزىنە. رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسىنى قوبۇل قىلغان كىشى ئاللاھ تەئالانىڭ ئەمرىنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. رەسۇلۇللاھغا ئاسىيلىق قىلىپ ئۇنىڭ سۆزىنى رەت قىلغان كىشى ئاللاھ تەئالاغا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئالا رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلىشنى پەرز قىلدى. ھېچ بىر مۇسۇلماننىڭ قۇرئان ياكى ھەدىستىكى ھۆكۈمنى بىلىپ تۇرۇپ خىلاپلىق قىلىشى جائىز بولمايدۇ.

 

3 نەھل سۈرىسى: 44- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

 

4 ھەشر سۈرىسى: 7- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

 

5 نىسا سۈرىسى: 65- ئايەت.

 

6 نۇر سۈرىسى: 63- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

 

7 نىسا سۈرىسى: 59- ئايەت.

 

8 ئەھزاب سۈرىسى: 36- ئايەت.

9 نىسا سۈرىسى: 80- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

10 ئەھزاب سۈرىسى: 34- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

11 فىقھى مۇقەددىمىسى: 21- بەت.

12 جۈمە سۈرىسى: 2- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

13 ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.

 

 

2006- 11- 30 مىلادىيە

 

ئابدۇراخمان كاشىغەرى