2024-يىل 4-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

«ئاللاھ سېنى بۇيرۇغاندەك توغرا يولدا بولغىن»دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرى

«ئاللاھ سېنى بۇيرۇغاندەك توغرا يولدا بولغىن»دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرى

 

ئاللاھ تائالا:«(ئى مۇھەممەد!) ئاللاھ سېنى بۇيرۇغاندەك توغرا يولدا بولغىن، ساڭا ئىمان ئېيتقانلارمۇ توغرا يولدا ماڭسۇن، ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىلىرىدىن چەتنىمەڭلار، ئۇ سىلەر قىلىۋاتقان ئىشنى كۆرۈپ تۇرىدۇ»دەيدۇ.(ھۇد سۈرىسى، 112-ئايەت ).

بۇ قۇرئان كىرىمدە كەلگەن پرىنسىپال قائىدىلەرنىڭ بىرى. ئايەتتىكى «ئىستىقامە» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «توغرا يولدا مېڭىش» دېگەنلىك بولىدۇ. ئۇ بارلىق ئىتائەت ئىشلارنى قىلىشنى ۋە بارلىق چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلماسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

توغرا يول«مېتود»نىڭ توغرىلىقىدا نامايان بولىدۇ. ئۇ دائىم سەزگۈرلۈك، تەپەككۈر قىلىش، يولنىڭ بەلگىلىرىنى ئىزدىنىشكە مۇھتاج. «ئىستىقامە» يەنى توغرا يول چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشنى ياكى سۇسلۇق قىلىش قوبۇل قىلمايدۇ.

شەيتاننىڭ ئەڭ چوڭ نىشانى ئىنساننى ئازدۇرۇش بولغانلىقى ئۈچۈن ئايەت رەسۇلۇللاھ ۋە مۇسۇلمانلارنى توغرا يولدا مېڭىشقا ۋە ھەر ۋاقىت توغرا يولنى تىلەشكە ئېنىق بۇيرۇغان. دېمەك، توغرا يولدا مېڭىش ۋە مۇستەھكەم تۇرۇش دىندۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ھەر قانچە تەقۋا بولسىمۇ توغرا يولدا مېڭىش ۋە مۇستەھكەم تۇرۇشنى ئەسلىتىپ تۇرۇشقا بەك ئېھتىياجلىق. ئىنساننىڭ تەبىئىيىتى ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا ياكى چەكلەنگەن ئىشلاردىن يېنىشتا سەل قارايدىغان بولغاچقا، قۇرئان كىرىم توغرا يولغا قايتۇرىدىغان كۆرسەتمىنى ئەسكەرتىپ:«توغرا يولدا مېڭىڭلار ۋە گۇناھىڭلارنىڭ كەچۈرۈشىنى سوراڭلار» (فۇسسىلەت سۈرىسى، 6-ئايەت)دەپ كۆرسەتمە بەرگەن.

 

‏خالىغان ۋە خالىمىغان چاغلاردا ئاللاھنىڭ پەرمانىغا بويسۇنۇش مەسىلىسى ئىسلام ئېڭىدىكى ھالقىلىق مەسىلىلەرنىڭ قاتارىدىن. شۇنداقلا شەرىئەت قۇرۇلمىسى ۋە پەلسەپىسىدىكى ھالقىلىق مەسىلە.

‏مانا ئايەت رەسۇلۇللاھنى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى داۋاملاشتۇرۇش، تاشلاشقا تېگىشلىك ئىشلارنى دائىم تاشلاشقا تەۋسىيە قىلماقتا.

‏ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە: ساھابىلەردىن بىرسى، رەسۇلۇللاھدىن: ماڭا ئىسلام توغرىسىدا ھېچكىمگە ئېھتىياجىم چۈشمەيدىغان پرىنسىپال خاراكتېرلىك نەسىھەت قىلسىلا دېگەندە، رەسۇلۇللاھ «ئاللاھغا ئىشەندىم دېگىن، ئاندىن مۇشۇ ئىمان يولدا توغرا ماڭغىن» دەپ جاۋاب بەرگەن.

‏توغرا يولدا مېڭىشتىن مەقسەت، ھەر قانچە جاپا تارتسىمۇ، قانچىلىغان پۇرسەتلەر قولدىن كەتسىمۇ ‏پرىنسىپ ۋە ئېتىقاد ئەتراپىدا مەركەزلىشىش دېمەكتۇر.

‏پرىنسىپىنىڭ زىيىنىغا پايدىنى قولغا كەلتۈرۈش شەھۋەت ياكى ۋاقىتلىق مەنپەئەتنى ئارتۇق كۆرگەنلىك بولىدۇ. ئەمما پايدىنىڭ زىيىنىغا پرىنسىپنى كۈچلەندۈرۈش بەخت-سائادەت، رازىلىق، غەلىبە ۋە ئۆزىگە ئىشەنچىسىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى سانىلىدۇ. تەجرىبىلەر پرىنسىپىنىڭ تەكرار غەلىبە قىلىشقا قادىر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، شۇنداقلا ھارام شەھۋەت كەينىدىن قوغلىشىش قىسمەن ھۇزۇر ھالاۋەتنى ئىشقا ئاشۇرغان بىلەن، بىراق ئۆزىنى تەلتۆكۈس ۋەيران قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ.

‏پرىنسىپ كۆزگە سېلىنغان كۆز ئەينەككە ئوخشايدۇ، چۈنكى ھەممە نەرسە كۆز ئەينەكنىڭ رەڭگى بىلەن رەڭ ئالىدۇ. دېمەك، پرىنسىپچان كىشىنىڭ كۆز قاراش، ھېس قىلىش ۋە باھا بېرىشتە ئۆزگىچە يولى بولىدۇ. مەسىلەن، كىشىلەر مەنسەپكە ئۆزىنى ئاتسا، پرىنسىپچان كىشى ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتىدۇ، كىشىلەر ھارام مالغا چۆمۈپ كەتسە، كۆڭلى سەسكىنىدۇ.

‏ئەگەر بىز كىشىلەرنىڭ قىزىقىشلىرى ۋە كۈندىلىك پائالىيەتلىرىغا قاراپ چىقىدىغان بولساق، ئومۇمى يۆلىنىشنىڭ نېمىگە قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى بىلەلەيمىز. تۈرلۈك يۆلىنىش ۋە ئوخشاشمىغان يوللاردا كېتىۋاتقان ئادەملەرنىڭ كۆپلىكىگە نىسبەتەن ئاللاھ ئۈچۈن ياشاشنى ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەشنى نىشانلىغان ئازغىنا ئادەملەرنى كۆرگىلى بولىدۇ.

‏كۆپلىگەن كىشىلەر پرىنسىپقا مۇھەببەت ئېلان قىلىدۇ، كۆپىنچىسى ئېغىزىدا قۇرۇق دەۋا قىلىشىدۇ. بىراق بۇلارنىڭ سادىق مۇھەببىتى بولغان بولسا ھاياتىنى پرىنسىپى ئۈچۈن تەقدىم قىلغان بولاتتى.

‏پرىنسىپ، ئەتراپىغا توپلانغان ئادەملەرگە كۈچ-قۇۋۋەت، ئىلھام ۋە ئادەتتىن تاشقىرى تۈرلۈك ئىمكانىيەتلەرنى ئاتا قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن چوڭ قۇربان بېرەلەيدىغان كىشىلەر پرىنسىپ ئىگىلىرى. پرىنسىپچان كىشىلەر كىشىلەرگە ئەڭ پايدا يەتكۈزىدىغانلار، چۈنكى ئۇلار ئاخىرەتتىكى مۇكاپات ئۈچۈن ئىش قىلىدۇ.

‏پرىنسىپ ئەتراپىدا مەركەزلىشىش ھاياتقا مەنە ئاتا قىلىدۇ، پەقەت يەپ ئىچىش ئۈچۈن ياشايدىغان ھايۋانلاردىن پەرقلىق قىلىدۇ.

‏ئاللاھ تائالا توغرا يولدا ماڭغانلىقنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتىكى نەتىجىسىگە كېپىل بولدى، ئاللاھ كېپىل بولغان ئىشنىڭ نەتىجىسى چوقۇم ياخشى چىقىدۇ. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:«زېمىن ئاللاھنىڭ، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى زېمىنغا ھۆكۈمران قىلىدۇ، غەلىبە توغرا يولدا ماڭغانلارغا مەنسۇپ» دەيدۇ،(ئەئراپ سۈرىسى، 128-ئايەت).

‏دېمەك، كىم گۇناھ قىلىدىكەن، خاتا يولدا ماڭىدىكەن ۋە ھاۋايى ھەۋىسىگە ئەگىشىدىكەن، ئۇ ئادەم ئاقىۋىتىدىن ئەنسىرەپ ياشايدۇ، ھاياتى گۇمان ۋە قورقۇنچ ئىچىدە ئۆتىدۇ، خاتىرجەملىكنىڭ تەمىنى تېتىيالمايدۇ.

‏ئەقىللىق ئىنسان ئالدىغا قاراپ ماڭىدۇ، كەلگۈسىدە خاتىرجەم بولۇش ئۈچۈن رېئال ھاياتقا بېسىم قىلىدۇ.

‏ئايەتتىكى بۇيرۇلغان نەرسە، شەرىئەت ۋە قۇرئاندۇر. توغرا يولدا مېڭىش ئاللاھنىڭ تەلىماتى بىلەن تولۇق ماسلىشىش دېمەكتۇر.

‏توغرا يولدا مېڭىش دىندىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە. مۇسۇلمان ھايات يولىدا شەرىئەتكە خىلاپ ئىشنى سادىر قىلسا ئاللاھ تەرەپكە ماڭىدىغان توغرا يولغا توسالغۇ پەيدا قىلغان بولىدۇ، گۇناھ قانچە چوڭ بولسا، توسالغۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. گۇناھ سادىر قىلىپ تۇرۇپ توغرا يولدا مېڭىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئىبادەت ھەر قانچە كۆپ بولسىمۇ، توغرا يولدا مېڭىش ھاسىل بولمايدىكەن، بۇ پايدىسىز ئىبادەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ.

‏سەن ئاللاھدىن كارامەت تەلەپ قىلساڭ، ئاللاھ سەندىن توغرا يولدا مېڭىشنى تەلەپ قىلىدۇ. توغرا يول كارامەت ۋە ھۆرمەتنىڭ يولى. توغرا يولۇڭدا توسالغۇلار بولمايدۇ، توغرا يولدا ماڭساڭ، ئىشلىرىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ.

توغرا يولدا ماڭساڭ، ئىشلار سېنىڭ مەنپەئەتىڭگە ئايلىنىدۇ، شارائىتلار سېنىڭ خىزمىتىڭگە تەييارلىنىدۇ ۋە دۈشمەنلەر سېنى ھۆرمەتلەشكە ھەرىكەتلىنىدۇ.

‏توغرا يولدا ماڭغانلىق كارامەتنىڭ دەل ئۆزى. توغرا يولدا ماڭغانلىقتىن كېلىدىغان پايدىلارنى ساناپ بولغىلى بولمايدۇ.

 

ئابدۇراخمان كاشغەرى

2013- يىلى

قاھىرە

‏‏