2024-يىل 29-مارت

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

سۈننەتنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى ۋە قانۇن چىقىرىشتىكى رولى

سۈننەتنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى ۋە قانۇن چىقىرىشتىكى رولى

 

قۇرئان كەرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆزگەرمەس مۆجىزىسى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ بىرىنچى مەنبەسى. سۈننەت بولسا ئىسلامدىكى ئىككىنچى  قانۇن چىقىرىش مەنبەسى بولۇپ، قۇرئاننى شەرھىلىگۈچى. رەسۇلۇللاھ سۆزى، ئەمەلىي ۋە ماقۇللىشى ئارقىلىق قۇرئاننى ئىزاھلاپ بەرگۈچى… سۈننەت قۇرئاننىڭ ئەمەلىي تەپىسىرى ۋە ئىسلامنىڭ ئەمەلىي تەتبىقلىنىشى. بۇنىڭ دەلىلى شۇكى، قۇرئان كىرىمنىڭ كۆپ ئايەتلىرىنى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە تايانماي تۇرۇپ چۈشەنگىلى بولمايدۇ.

ئىسلام دىنى-قۇرئان ۋە سۈننەت بىلەن-روھ بىلەن ماددىنى، دۇنيا بىلەن ئاخىرەتنى بىرلەشتۈرۈپ ھاياتنىڭ مۇكەممەل پرىنسىپىنى يولغا قويدى.

رەسۇلۇللاھغا چۈشۈرۈلگەن ۋەھىي ئىككى تۈرلۈك:

بىرىنچى:ئاللاھنىڭ سۆزى قۇرئان كەرىم.

ئىككىنچى: سۈننەت(ھەدىس)، سۈننەتمۇ بارلىق تۈرلىرى بىلەن ئىلاھى ۋەھىي.

ئاللاھ تائالا بەقەر سۈرىسىنىڭ 129- ئايىتىدە، ئال ئىمراننىڭ 164-ئايىتىدە سۈننەتنى ھىكمەت دەپ تونۇشتۇرغان.

سۈننەتنىڭ قۇرئاندىكى ئورنىغا كەلسەك: سۈننەت قۇرئاننى شەرھىلەيدۇ، ئىخچام يەرلىرىنى تەپسىلى بايان قىلىدۇ، قېيىن نۇقتىلىرىنى روشەنلەشتۈرىدۇ، مۇتلەق ئەھكاملىرىنى چەكلىمىگە ئالىدۇ ۋە ئومۇمى ئەھكاملىرىنى خاسلاشتۇرىدۇ.

ئاللاھ قۇرئاندا:«بىز ساڭا قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن شەرىئەتنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇلار (بۇ قۇرئاننى) پىكىر قىلىپ (ئۇنىڭدىن ۋەز – نەسىھەت ئالسۇن) دەپ نازىل قىلدۇق» دەيدۇ، (نەھل سۈرىسى،44-ئايەت).

 

رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە ئەھكام مەسىلىلىرىنىڭ قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپتىن باشقا مەنبەسى يوق ئىدى. قۇرئان كىرىم ئەھكاملارنىڭ ئومۇمى ئاساسلىرىنى بايان قىلىپ تەپسىلاتى ھەققىدە كۆپ توختالمايدۇ. شۇنداقتىمۇ قۇرئان كىرىمدە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۆزگەرمەيدىغان، مۇھىت ۋە ئۆرپ-ئادەتنىڭ ئوخشاشماسلىقى بىلەن تەرەققى قىلمايدىغان ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار بولسا بەزىدە تەپسىلى بايان قىلىنىدۇ.

قۇرئان كىرىمدە ئومۇمى ئاساسلىق مەسىلىلەر بىلەن بىرگە ئەقىدە، ئىبادەت، ئىلگىرىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى ۋە ئومۇمى ئەخلاق پرىسنىپلىرى…بار.

 

سۈننەت(ھەدىس)دېگەن:«رەسۇلۇللاھدىن كەلگەن سۆز ياكى ئىش-ھەرىكەت ياكى ماقۇللاشتىن» ئىبارەت.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا سۈننەت قۇرئان كىرىمنىڭ ئېنىقسىز تەرەپلىرىنى ئىزاھلاپ بېرىدۇ، ئىخچام تېمىلىرىنى تەپسىلى بايان قىلىپ بېرىدۇ، مۇتلەقنى چەكلىمە دائىرىسىگە ئالىدۇ، ئومۇمى مەسىلىنى خاسلاشتۇرىدۇ، ئەھكاملىرىنى ۋە نىشانلىرىنى شەرھىلەپ بېرىدۇ، شۇنداقلا قۇرئان كىرىمدە دەلىل كەلمىگەن  مۇستەقىل بەزى ئەھكاملارنى ئېلىپ كەلگەن.

 

شۇنىڭ ئۈچۈن سۈننەت قۇرئان كىرىمىدىكى نەرسىلەرنىڭ تۈرلۈك ئەمەلىي تەتبىقلىنىشى. بۇ تەتبىقلىنىشلار بەزىدە رەسۇلۇللاھنىڭ ئەمەلىي ئىش ھەرىكىتى بىلەن بولسا، يەنە بەزىدە سۆزلىرى بىلەن يەنە بەزىدە ساھابىلەرنىڭ ئىش- ھەرىكەتلىرى بىلەن بولۇپ، رەسۇلۇللاھ ئۇ ئىش ھەرىكەتلەرنى ئىنكار قىلماي قوبۇل كۆرۈشى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

دېمەك، رەسۇلۇللاھ قۇرئان كىرىمدە كەلگەن ئەھكاملارنى بايان قىلىپ بېرەتتى، ساھابىلەر قوبۇل قىلاتتى، چۈنكى ساھابىلەر رەسۇلۇللاھغا ئەگىشىشكە ۋە ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ بىرەر ئىش ھەرىكىتى ياكى بىرەر سۆزىنى تاشلاپ قويۇشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغانىدى، چۈنكى قۇرئان كەرىم مۇنداق قارار قىلغان ئىدى:«پەيغەمبەر سىلەرگە ئېلىپ كەلگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار»(ھەشىر سۈرىسى، 7-ئايەت).

شۇڭا ساھابىلەر ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاۋاز قوشقانلىقتىن سۈننەتنى خۇددى قۇرئاننى قوبۇل قىلغاندەك قوبۇل قىلىشتى. چۈنكى سۈننەت ئىسلامنىڭ ئىككىنچى قانۇن چىقىرىش مەنبەسى.

***

* سۈننەت قۇرئان كىرىمنى بىر قانچە تەرەپتىن بايان قىلدى. شۇڭا قۇرئان كەرىم ئىخچام بايان قىلغان ئىبادەت ۋە ئەھكاملارنى تەپسىلى بايان قىلىپ بەردى. مەسىلەن، ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرگە نامازنى پەرز قىلدى، قۇرئان كىرىم نامازنىڭ ۋاقىتلىرى، ئەركانلىرى ۋە رەكەت سانلىرىنى بايان قىلمىدى، ئۇ ئىشلارنى رەسۇلۇللاھ نامىزى ۋە مۇسۇلمانلارغا ناماز توغرىسىدىكى تەلىماتلىرى بىلەن روشەنلەشتۈرۈپ بەردى. رەسۇلۇللاھ:«مەن قانداق ناماز ئوقۇغان بولسام، سىلەرمۇ شۇنداق ناماز ئوقۇڭلار»دېدى.

سۈننەت ھۆججەت ئەمەس دەپ قارايدىغانلار ياكى قۇرئان بىلەنلا ماڭساق كۈپايە دەيدىغانلار نامازنى قانداق ئوقۇيدىكەن؟! سۈننەت بولمىسا نامازنى قانداق، قانچە رەكەت ۋە قايسى شەكىلدە ئوقۇشنى بىلمەي قالىسىز!

ئاللاھ ھەجنى پەرز قىلدى، لېكىن ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىنى بايان قىلمىدى، ئۇنىڭ شەكلىنى رەسۇلۇللاھ بايان قىلىپ بەردى. شۇنداقلا ئاللاھ قۇرئاندا زاكاتنى پەرز قىلدى، لېكىن زاكات كېلىدىغان نەرسىلەرنى ۋە ئۇ نەرسىلەرنىڭ ئۆلچىمىنى بايان قىلىپ بەرمىدى، ئۇ ئىشلارنى سۈننەت بايان قىلىپ بەردى.

*رەسۇلۇللاھنىڭ قۇرئان كىرىمنى بايان قىلغانلىقىنىڭ جۈملىسىدىن (ئومۇملىقنى)نى خاسلاشتۇرۇشتۇر. مەسىلەن، ئاللاھ قۇرئاندا ھەر قانداق پەرزەنتلەرگە مىراسنى بېكىتتى، لېكىن رەسۇلۇلۇللاھ:«قاتىل مىراسخور بولالمايدۇ» دەپ دادىسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنىڭ دادىسىدىن مىراس ئالالمايدىغانلىقىنى خاسلاشتۇردى.

* رەسۇلۇللاھنىڭ بايانى قۇرئاننىڭ مۇتلەق ھۆكمىنى چەكلىمە ئىچىدە ئالىدۇ. مەسىلەن، ئاللاھ قۇرئاندا:«ئوغرىلىق قىلغۇچى ئەرنىڭ ۋە ئوغرىلىق قىلغۇچى ئايالنىڭ قىلمىشىنى جازالاپ، اﷲ تەرىپىدىن ئىبرەت قىلىش يۈزىسىدىن قوللىرىنى كېسىڭلار» دەيدۇ،( مائىدە سۈرىسى، 37-ئايەت).

بۇ ئايەت ئوغرىنىڭ قولىنى  كىسىشكە بۇيرۇدى، بىراق قولنى نەدىن كېسىشنى بەلگىلەپ بەرمىدى. بىراق سۈننەت قولنى «بېغىشتىن كېسىلىدۇ» دەپ دائىرىسىنى بەلگىلەپ بەردى.

* رەسۇلۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى قۇرئاندا كەلگەن نەرسىلەرنى تەكىتلەپ كېلىدۇ ياكى ئاساسى مەسىلىنىڭ تارمىقىنى بايان قىلىدۇ. ناماز، زاكات، رامىزان ۋە ھەجنىڭ پەرزلىكىنى كۆرسىتىدىغان ھەدىسلەر بۇنىڭ مىسالىدۇر.

*سۈننەتتە قۇرئاندا بايان قىلىنمىغان ئەھكاملار بار. مەسىلەن،ئۆي ئىشەكلىرىنىڭ ھاراملىقى ۋە يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ھاراملىقى، توي قىلىپ تۇرۇپ زىنا قىلغان ئادەمنى رەجم قىلىش… ئەھكاملىرىغا ئوخشاش.

ئىمام شەۋكانى:«سۈننەتنىڭ ھۆججەتلىكىنىڭ ئىسپاتلىنىشى ۋە سۈننەتنىڭ مۇستەقىل ئەھكام چىقىرىشى دىنى زۆرۈرىيەت، ئىسلامنى چۈشەنمەيدىغان ئادەمدىن باشقىنى بۇ نۇقتىنى ئىنكار قىلمايدۇ»دېگەن.

خاۋارىجلاردىن باشقىلار سۈننەتنىڭ ھۆججەتلىكىگە قارشى تۇرمىدى. خاۋارىجلار قۇرئاننىڭ زاھىرىغا ئېسىلىپ، سۈننەتلەرگە سەل قارىشىپ ئازدى ۋە باشقىلارنى ئازدۇرۇشتى.

ئاللاھ رەسۇلۇللاھنىڭ پەرمانلىرى ۋە سۈننەتلىرىگە زىت قاراشتا بولىدىغان ئادەملەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ:«(ئىي مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا  تەكلىپ قىلمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالمىغىچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغىچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ»دەيدۇ(نىسا سۈرىسى، 65-ئايەت)

رەسۇلۇللاھ سۈننىتىگە سەل قارايدىغان ۋە ئىنكار قىلىدىغان ئادەملەردىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن:«بىلىپ قويۇڭلار، ماڭا قۇرئان كەرىم ۋە شۇنىڭغا ئوخشىشى(يەنى ۋەھىي بولغان سۈننەت) بېرىلدى. بەلكىم بەزى ئادەملەر پەيدا بولۇپ، ساپاسىدا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ:«سىلەر قۇرئاننى تۇتۇپ مېڭىڭلار، قۇرئاندا ھالال بولغاننى ھالال دەپ بىلىڭلار، قۇرئاندا ھارام بولغاننى ھارام دەپ بىلىڭلار»دېيىشى مۇمكىن. بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۆي ئېشەكلىرى سىلەرگە ھارام، يىرتقۇچ ھايۋانلار ھارام…»(ئەبۇداۋۇد رىۋايەت قىلغان).

دېمەك، رەسۇلۇللاھ بۇ ھەدىسىدە قۇرئاندا بايانى كەلمىگەن، ئەمما سۈننەتتە ئىسپاتلانغان ئەھكاملارنى ئىنكار قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرماقتا.

ئاللاھنىڭ:«پەيغەمبەر سىلەرگە ئېلىپ كەلگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار»(ھەشىر سۈرىسى، 7-ئايەت) دېگەن سۆزى قۇرئاندا بايانى كەلمىگەن، سۈننەتتە بايانى كەلگەن نەرسىلەرنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ.

شۇنى بىلىش كېرەككى، ئەگەر مەندىن سىلەرگە ھەدىس يېتىپ كەلسە، ئۇ ھەدىسنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا تەڭلەپ بېقىڭلار، قۇرئانغا مۇۋاپىق كەلسە ئېلىڭلار، خىلاپ كەلسە تاشلاڭلار»دېگەن ھەدىس ئويدۇرما يالغان ھەدىستۇر. ھەدىسشۇناسلار بۇ ھەدىسنى يالغان ئويدۇرما ھەدىس دەپ بايان قىلغان.

 

(2006- 10- 8 مىلادىيە)

 

 

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى