2024-يىل 26-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

سۈننەتنىڭ ھۆججەتلىكى ۋە مۇستەقىل قانۇن چىقىرىش سالاھىيىتى

 

سۈننەتنىڭ ھۆججەتلىكى ۋە مۇستەقىل قانۇن چىقىرىش سالاھىيىتى

 

ئىسلام تارىخىدا سۈننەتنى ۋە سۈننەتنىڭ ھۆججەتلىكىنى ئىنكار قىلغان ئېقىملار پەيدا بولدى، بەزىسى ئوچۇق ئىنكار قىلىپ سۈننەتنى پۈتۈنلەي رەت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى، يەنە بەزىسى مۇتەۋاتىر(يالغان بولۇش ئېھتىماللىقى يوق نۇرغۇن ئادەملەردىن كەلگەن ھەدىسلەر)نى ھۆججەت دەپ قاراپ، ئاھاد (مۇتەۋاتىردىن باشقا ھەدىسلەر)نى رەت قىلىشتى. يەنە بەزىلىرى سۈننەتنى پەقەتلا قۇرئان كەرىمنىڭ بايانى ۋە شەرھىسى دەپ قاراپ، قۇرئاندا ھۆكمى يوق مەسىلىلەر سەھى سۈننەتلەردە ئىسپاتلانسا، ئۇنى رەت قىلىشتى.

مەسىلەن، تۈركىيەدىكى «باياندىرچىلار» سۈننەتنىڭ قانۇن چىقىرىش سالاھىيىتىنى رەت قىلىشىدۇ، شۇ سەۋەبتىن زىناخورلارنى چالما كېسەك قىلىش، قەبرە ئازابى…مەسىلىلىرىنى ئىنكار قىلىشىدۇ.

سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچى ۋە سۈننەتنىڭ بىر تۈرىنى ئېلىپ يەنە بىر تۈرىنى رەت قىلغۇچى بۇ ئېقىملار شەرقشۇناسلار ۋە ئىلمانىيلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشلەردىن ئىبارەت.

 

(1)

ئالىملار ئارىسىدا سۈننەتنىڭ ئۈچ قىسىمغا بۆلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا باشقىچە كۆز قاراش يوق:

بىرىنچى: قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكمىنى كۈچلەندۈرۈپ كەلگەن، ئىخچام ۋە تەپسىلى جەھەتتىن ئۇنىڭغا ئۇيغۇن بولغان سۈننەتلەر (يەنى ھەدىس شەرىپلەر). ناماز، زاكات، رامىزان ۋە ھەجنىڭ-شەرتلىرى ۋە ئەركانلىرىنى زىكىر قىلماي- پەرزلىكىنى ئىپادىلەپ كەلگەن ھەدىسلەرگە ئوخشاش. مەسىلەن:«ئىسلام بەش ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلدى»دېگەن ھەدىسكە ئوخشاش.

ئىككىنچى:قۇرئان كەرىم ئەھكاملىرىنىڭ مۇتلەقنى مۇقەييەدلەشتۈرگەن (يەنى دائىرىسىنى بەلگىلىگەن) ياكى ئىخچامنى تەپسىلى بايان قىلغان ياكى ئومۇمى ھۆكۈمنى خاسلاشتۇرغان ھەدىسلەرگە ئوخشاش. سۈننەتنىڭ كۆپ قىسمى مۇشۇ تۈرنى تەشكىل قىلىدۇ.

ئۈچىنچى: قۇرئاندا ھۆكمى كەلمىگەن، سۈننەت (ھەدىس شەرىپ)لەر بىلەن ئىسپاتلانغان ئەھكاملار(قانۇنلار)غا ئوخشاش. مەسىلەن، بىر ئايال بىلەن ھاممىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئېلىشنىڭ ھاراملىقى، خوشنىدارچىلقتىكى شۇپئەت ئەھكاملىرى، توي قىلىپ تۇرۇپ زىنا قىلغان ئادەمنى چالما كېسەك قىلىش ھۆكمى، چوڭ ئانىنىڭ مىراسىي…غا ئوخشاش.

سۈننەتنىڭ مۇستەقىل ھۆكۈم (قانۇن) چىقىرىشىنىڭ مەنىسى: قۇرئان كەرىمدە بايانى كەلمىگەن ھۆكۈملەر يالغۇز سۈننەتنىڭ دەلىلى ۋە كۆرسەتمىسى بىلەن يولغا قويۇلىدۇ.

سۈننەتنىڭ ھۆججەتلىكىنى ئىنكار قىلغۇچىلار سۈننەتنىڭ مۇستەقىل قانۇن چىقىرىش سالاھىيىتىنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ۋەزىپىسى پەقەتلا تەبلىغ قىلىش دەپ قارىشىدۇ.

سۈننەتنىڭ ئۈچىنچى تۈرى(يەنى مۇستەقىل ھۆكۈم چىقىرىشى) ھۆججەت، ئۇنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئەمەل قىلىش پەرزدۇر. بۇنىڭ دەلىلى تۆۋەندىكىچە:

  1. رەسۇلۇللاھنىڭ ئاللاھ تەرەپتىن كەلگەن بارلىق نەرسىلەرنى، شۇنىڭ قاتارىدا قۇرئان كەرىمدە ھۆكمى كەلمەي مەخسۇس سۈننەتتە كەلگەن نەرسىلەرنى يەتكۈزۈشتە خاتالىقتىن مەسۇملىقى(يەنى خاتالاشمايدىغانلىقى)نىڭ ئومۇمىيلىقى دەلىلدۇر. ئۇ(سۈننەت) ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە ئۇيغۇن ھەقىقەت، شۇنداق بولغان ئىكەن، مۇستەقىل قانۇن چىقىرىش سالاھىيىتىگە ئىگە سۈننەت بىلەن ئەمەل قىلىش ۋاجىپ(يەنى پەرز).
  2. سۈننەتنىڭ ھۆججەتلىكى توغرىسىدا كەلگەن ئايەتلەرنىڭ ئومۇمىيلىقى دەلىلدۇر، سۈننەتنىڭ مەيلى ئۇ سۈننەت تەكىتلەپ كەلسۇن ياكى بايان قىلىپ كەلسۇن ياكى مۇستەقىل ھۆكۈم ئېلان قىلىپ كەلسۇن سۈننەتنىڭ ھۆججەتلىكىگە دەلىلدۇر. سۈننەتنىڭ ھۆججەتلىكىگە دەلىل بولۇپ كەلگەن ئايەتلەر يۇقىرىقى ئۈچ تۈرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، خاسلاشتۇرۇشقا ھېچقانداق ئېھتىماللىق قالدۇرمايدۇ.

ئاللاھنىڭ:«(ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغۇچە، ئاندىن سېنىڭ چىقارغان ھۆكمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غۇم بولسىمۇ يوقالمىغىچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغىچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ»،(نىسا سۈرىسى، 65-ئايەت)دېگەن ئايىتى مۇستەقىل سۈننەتنىڭ ھۆججەتلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئىمام شافىئى بۇ ئايەت توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:«ئاللاھ تائالا بۇ ئايەت ئارقىلىق خالايىقلارغا شۇنى بىلدۈردىكى، ئاللاھنىڭ كىشىلەرنى رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكمىگە ئىتائەت قىلىشقا چاقىرغانلىقى ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە چاقىرغانلىقتۇر، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ھاكىم رەسۇلۇللاھدۇر، ئەگەر ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنسا ئاللاھنىڭ شۇنى(يەنى ئىتائەت قىلىشنى) پەرز قىلىشى بىلەن بويسۇنغان بولىدۇ»،(ئىمام شافىئىينىڭ«رىسالە»ناملىق ئۇسۇلى فىقھى كىتابىنىڭ، 84-بېتىگە قاراڭ).

  1. سۈننەتنىڭ-تەكىتلىگۈچى، بايان قىلغۇچى ۋە مۇستەقىل ھۆكۈم چىقارغۇچى-تۈرلىرىنىڭ ھۆججەتلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھەدىسلەرنىڭ ئومۇمىيلىقى دەلىلدۇر.

مەسىلەن، رەسۇلۇللاھ:«سىلەر مېنىڭ سۈننىتىمگە ئېسىلىڭلار»دېگەن. (بۇخارى ۋە ئىمام مالىك رىۋايەت قىلغان).

يەنە:«سىلەردىن بېرىڭلارنى، مەن بۇيرۇغان ياكى چەكلىگەن ئىشلاردىن بىرەرسى سىلەرگە يەتسە، ساپاسىدا كىيىلىپ ئولتۇرۇپ بىلمىدىم، بۇ ھۆكۈم ئاللاھنىڭ كىتابىدا يوق ئىكەن، ئەگەر قۇرئاندا بولغان بولسا ئەگەشكەن بولاتتۇق» دەيدىغان ھالەتتە ئۇچرىتىپ قالماي» دېگەن،(تىرمىزى ئىلىم بابىدا، ئەبۇداۋۇد سۈننەتكە ئېسىلىش بابىدا، ئىبنى ماجە ئىلىم بابىدا رىۋايەت قىلغان).

يەنە رەسۇلۇللاھ مۇئازغا«ئەگەر سەن بىرەر مەسىلىگە يولۇقساڭ نېمە بىلەن ھۆكۈم قىلىسەن؟ دېگەندە، مۇئاز: ئاللاھنىڭ كىتاۋى بىلەن ھۆكۈم قىلىمەن دەپ جاۋاب بەرگەن. رەسۇلۇللاھ: ئەگەر ئۇ ھۆكۈم ئاللاھنىڭ كىتابىدا بولمىسىچۇ؟ دېگەندە، مۇئاز:رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى بىلەن  ھۆكۈم قىلىمەن دەپ جاۋاب بەرگەن».(ئەبۇداۋۇد رىۋايەت قىلغان).

  1. مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ تۈردىكى سۈننەت بىلەن ئەمەل قىلىشقا ۋە ئۇنى ھۆججەت دەپ قاراشقا بىرلىككە كەلگەنلىكى(يەنى ئىجما) دەلىلدۇر:

مۇسۇلمانلار پەقەت سۈننەت (ھەدىس)تىن باشقا دەلىلى يوق تارماق ئەھكاملاردىمۇ  بىرلىككە كەلگەن. مەسىلەن، چوڭ ئانىنىڭ مىراسنىڭ ئالتىدە بىر قىسمىنى ئالىدىغانلىقىغا مۇسۇلمانلار بىرلىككە كەلگەن. بۇ ھۆكۈمنىڭ دەلىلى مۇستەقىل سۈننەتتۇر، چۈنكى بۇ ھۆكۈمنىڭ قۇرئاندا دەلىلى يوق.

 

( 2 )

مۇستەقىل ھۆكۈم يولغا قويغان سۈننەتلەردىن مىساللار

 

ئەللامە مۇجتەھىد ئىمام شەۋكانى سۈننەتنىڭ ھۆججەتلىكى توغرىسىدا:«سۈننەتنىڭ ھۆججەتلىكى ۋە مۇستەقىل قانۇن چىقىرىش سالاھىيىتى دىنى زۆرۈرىيەت، بۇ مەسىلىگە ئىسلامدىن تەلىيى يوق ئادەمدىن باشقىسى قارىشى تۇرمايدۇ»(1) دېگەن.

مۇجتەھىد ئىمام ئىبنى قەييۇم «ئىئلام مۇۋەققىئىن» ناملىق داڭلىق ئەسىرىدە، مۇستەقىل سۈننەت بىلەن ئىسپاتلانغان ئەھكاملارنى كۆپ زىكىر قىلىپ مۇنداق دېگەن:«قۇرئان كەرىمدە ھۆكمى كەلمىگەن سۈننەتنىڭ ئەھكاملىرى ئاز ئەمەس، ئەگەر بىز قۇرئان كەرىم دەلىل كەلتۈرگەندىن ئارتۇق ھەر بىر سۈننەتنى(ھەدىس)نى رەت قىلىدىغان بولساق، ئۇ چاغدا قۇرئان دەلىل كەلتۈرگەندىن باشقا سۈننەتلەرنىڭ ھەممىسى يوققا چىقىدۇ. رەسۇلۇللاھ كەلگۈسىدە ئەھلى سۈننى يولىدىن ئايرىلغان مۇشۇنداق بىر تۈركۈم ئادەملەرنىڭ چىقىشى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن ئىدى، چوقۇم شۇنداق بولىدۇ»(2).

سۈننەت مۇستەقىل قانۇن چىقارغان ۋە ئىسلام دۈشمەنلىرى ئىنكار قىلغان ھەدىسلەردىن مىسال:

  1. ئىسلام دىندا بىر قانچە ئايال ئالماقچى بولسا، بىر ئايال بىلەن ئۇ ئايالنىڭ دادا تەرەپ ياكى ئانا تەرەپ ھاممىسىنى بىرلەشتۈرۈپ توي قىلىش ھارام بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ:«ئايال كىشى ھاممىسى ئۈستىگە نىكاھ قىلىنمايدۇ» دېگەن(بۇخارى نىكاھ بابىدا رىۋايەت قىلغان).
  2. ئۆي ئېشەكلىرى سۈننەتنىڭ ھارام قىلىشى بىلەن ھارام قىلىنغان. رەسۇلۇللاھ:«ئۆي ئېشەكلىرىنى يېيىشنى چەكلىگەن»(بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
  3. ئېزىق چىشقا ئىگە ھەر قانداق يىرتقۇچ ھايۋاننىڭ ۋە يىرتقۇچ تىرناقلىق قۇشلارنىڭ گۆشىنى يېيىش ھارام قىلىنغان. رەسۇلۇللاھ:«ھەر قانداق يىرتقۇچ ھايۋاننىڭ ۋە يىرتقۇچ تىرناقلىق قۇشلارنىڭ گۆشىنى يېيىشتىن توستى»(مۇسلىم ۋە تىرمىزى ئوۋلاش بابىدا رىۋايەت قىلغان).
  4. نەسەبتىن ھارام بولغان نەرسە ئېمىلدەشتىمۇ ھارام بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ:«ئاللاھ تائالا نەسەبتىن ھارام بولغان نەرسىنى ئېمىلدەشتىمۇ ھارام قىلدى»دېگەن.(مۇسلىم، تىرمىزى، نەسەئى ئىمام ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).
  5. ھاراق ئىچكۈچىگە بېرىلىدىغان جازا مۇستەقىل سۈننەت بىلەن ئىسپاتلانغان.(تىرمىزى، ئەبۇداۋۇد، ئىبنى ماجە جازا بابىدا رىۋايەت قىلغان).
  6. توي قىلىپ تۇرۇپ زىنا قىلغانلارغا بېرىلىدىغان چالما كېسەك جازاسى مۇستەقىل سۈننەت بىلەن ئىسپاتلانغان (بۇخارى رېجىم قىلىش بابىدا، مۇسلىم جازا بابىدا رىۋايەت قىلغان).

ھەزرىتى ئەلى:«دەررە ئۇرۇش قۇرئاندا ئىسپاتلانغان، چالما كېسەك قىلىش سۈننەتتە ئىسپاتلانغان» دېگەن( بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

  1. ۋاقىتلىق نىكاھ قىلىشنىڭ ھاراملىقى سۈننەت ئارقىلىق ئىسپاتلانغان. رەسۇلۇللاھ:«ۋاقىتلىق نىكاھ قىلىشتىن چەكلىدى»(بۇخارى، مۇسلىم، تىرمىزى، ئەبۇداۋۇد ۋە ئىبنى ماجە نىكاھ بابىدا رىۋايەت قىلغان).

ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئەھكاملار سەھى ھەدىسلەر بىلەن ئىسپاتلانغان. ئىبنى قەييۇمنىڭ ئىئلام مۇۋەققىئىن ناملىق كىتابىغا قاراڭ.

 

مۇجتەھىد ئىمام شاتىبى سۈننەت مۇستەقىل يولغا قويغان ئەھكام (قانۇن)لار توغرىسىدا نېمە دەيدۇ؟

شاتىبى مۇنداق دەيدۇ:«ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئانا بىلەن قىزىنى ۋە ئاچا-سىڭىلنى تەڭ نىكاھغا ئېلىشنى ھارام قىلدى. رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى قىياس بابىدىن بىر ئايال بىلەن ئۇنىڭ ھاممىسىنى بىرلەشتۈرۈپ نىكاھ قىلىشنى ھارام قىلدى، چۈنكى يۇقىرىقىلارنى بىرلەشتۈرۈپ نىكاھ قىلىشنى ئەيىپلىگەن ئىللەت بۇ يەردىمۇ بار، شۇڭا رەسۇلۇللاھ:«ئەگەر سىلەر شۇنداق قىلىپ قالساڭلار، تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىڭلارنى ئۈزۈپ قويىسىلەر»دېگەن (ئىمام شاتىبىنىڭ«مۇۋافىقات» ناملىق ئۇسۇلى فىقھى كىتابىنىڭ، 4-توم، 422-بېتىگە قاراڭ).

ئۇ يەنە «ئىئتىسام» ناملىق كىتابىنىڭ:«توغرا يول» بابىدا، توغرا يولدىن بۇرۇلۇپ ھىدايەت يولىدىن ئېزىپ كەتكەنلەر توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«ھەدىس شەرىپ ئايال كىشى ھاممىسىغا نىكاھ قىلىنمايدۇ، نەسەبتىن ھارام بولغان نەرسىلەر ئېمىلدەشتىمۇ ھارام بولىدۇ، دەپ بايان قىلدى. ئاللاھ تائالا ھارام نەرسىلەرنى بايان قىلغاندا ئېمىلدەشتىن پەقەت ئانا بىلەن ھەمشىرىنىلا بايان قىلدى، بىرلەشتۈرۈپ ئېلىشتىن ئاچا-سېڭىلنىلا زىكىر قىلدى، ئاندىن كېيىن:«بۇلاردىن (يەنى يۇقىرىدىكى ئېلىش دۇرۇس بولمايدىغان ئاياللاردىن) باشقىلىرىنى نىكاھلاپ ئېلىشىڭلار ھالال قىلىندى»(نىسا سۈرىسى، 24-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)دېدى. بۇ ئايەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئايال كىشى ھاممىسىغا نىكاھلانسا بولىدۇ، دېگەن ھۆكۈم چىقىدۇ، چۈنكى ئايەت بۇنى چەكلىمىدى، لېكىن سۈننەت بۇنداق نىكاھنى ھارام دەپ ھۆكۈم قىلدى. مانا بۇ ئىشلار ئومۇمنى خاسلاشتۇرغانلىق بابىدىن بولىدۇ، قانداقتۇر بۇ يەردە ئايەت بىلەن ھەدىسنىڭ ھۆكمىدە زىتلىق تېپىلمايدۇ»(3)

ئىمام شاتىبى سۈننەتنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ ئومۇمى ھۆكمىنى خاسلاشتۇرغان ھۆكمىنى «خاسلاشتۇرۇش»دەپ ئاتىغان، ئۇنى كۆپچىلىك ئاتىغاندەك «سۈننەتنىڭ مۇستەقىل قانۇنلىرى» دەپ ئاتىمىغان. دېمەك، بۇ پەقەت سۆزدىكى ئوخشاشماسلىقتۇر.

ئىمام شاتىبى سۈننەت مۇستەقىل ھارام قىلغان نەرسىلەر توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:«ئاللاھ تائالا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلدى، نىجىس نەرسىلەرنى ھارام قىلدى، بۇ ئىككى ئاساسنىڭ ئارىسىدا بىر بۆلەك نەرسىلەر بولۇپ، بۇ نەرسىلەرنى ئۇ ئىككى ئاساسقا قوشۇش مۇمكىن. شۇڭا رەسۇلۇللاھ ئېزىق چىشلىق يىرتقۇچ ھايۋانلارنى، يىرتقۇچ تىرناقلىق قۇشلارنى يېيىشنى ھارام قىلدى ۋە ئۆي ئىشەكلىرىنىڭ گۆشىنى يېيىشتىن چەكلىدى ۋە ئۇ نەرسىلەرنى نىجىس دەپ بايان قىلدى.

ئىبنى ئۆمەر كىرپە توغرىلىق سورالغاندا، ئاللاھنىڭ مۇنۇ ئايىتىنى تىلاۋەت قىلغان:«(ئى مۇھەممەد! مەككە كۇففارلىرىغا) ئېيتقىنكى، ساڭا ۋەھىي قىلىنغان ئەھكاملار ئىچىدە، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان نەرسە ياكى ئېقىپ چىققان قان ۋە ياكى چوشقا گۆشى-چوشقا نىجىس يېمەكلىكلەرگە ئادەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن چوشقا گۆشى پاسكىنىدۇر- ۋە ئاللاھدىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان گۇناھ مالدىن غەيرىينى ھەرقانداق ئادەم ئۈچۈن ھارام كۆرمەيمەن»(ئەنئام سۈرىسى،145-ئايەت). شۇ چاغدا بىر ئادەم ئۇنىڭغا مەن ئەبۇھۈرەيرىنىڭ مۇنداق ھەدىس رىۋايەت قىلغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم، رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىدا كىرپىنىڭ گېپى چىققاندا رەسۇلۇللاھ:«نىجىسلارنىڭ بىر تۈرى»دېگەن، ئىبنى ئۆمەر: ئەگەر رەسۇلۇللاھ شۇنداق دېگەن بولسا، مەسىلە رەسۇلۇللاھ دېگەندەكتۇر» دېگەن (ئەبۇداۋۇد رىۋايەت قىلغان).

ئەمما ھەزرىتى ئەلىنىڭ:«مۇسۇلمان كاپىرنىڭ باراۋېرىدە ئۆلتۈرۈلمەيدۇ» دېگەن ھەدىسى توغرىسىدا شاتىبى مۇنداق دەيدۇ:«بۇ مەسىلىدە ئالىملار ئىككى خىل قاراشتا بولۇشتى، بەزىلەر دەلىل كەلتۈرۈپ:« ئاللاھ كاپىرلارغا ھەرگىز مۆمىنلەرگە قارشى يول بەرمەيدۇ»،(نىسا سۈرىسى، 141-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)… دېيىشتى. يەنە بۇ مەسىلىنىڭ ھۆكمىنى قىياستىن ئېلىشمۇ مۇمكىن، چۈنكى ئاللاھ تائالا:«ھۈر ئادەم ئۈچۈن ھۈر ئادەمدىن، قۇل ئۈچۈن قۇلدىن قىساس ئېلىنىدۇ»،(بەقەرە سۈرىسى، 178-ئايەتنىڭ بىر قسىمى) شۇڭا قۇل ئۈچۈن ھۆردىن قىساس ئالمىدى، قۇللۇق دېگەن كۇپۇرلۇقنىڭ تەسىرىدۇر، شۇڭا كاپىر ئۈچۈن مۇسۇلماندىن قىساس ئېلىنماسلىقى ئەۋزەل» (4)

شاتىبى چالما كېسەك قىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ:چالما كېسەك قىلىش ئاللاھنىڭ كىتابىغا زىت، چۈنكى سۈننەت چالما كېسەك قىلىش ۋە پالاشقا ھۆكۈم قىلدى، قۇرئاندا چالما كېسەك ياكى پالاشنىڭ ھۆكمى يوق، ئۇنداقتا ھەدىس باتىل بولسا مەقسىتىمىزگە ئۇيغۇن. ئەگەر ھەدىس سەھى بولۇپ قالسا، قۇرئان كەرىمگە زىتلاشقان بولىدۇ، دېگەن سۆزى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:« بۇلارنىڭ سۆزى مۇتەشابىھغا ئەگەشكەنلىكتۇر، چۈنكى «كىتاب»دېگەن سۆز ئەرەب تىلىدا ۋە شەرىئەتتە بىر قانچە مەنىدە كېلىدۇ. مەسىلەن، ھۆكۈم ۋە پەرز مەنىدە كېلىدۇ: ئۇ چاغدىكى مەنىسى:سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئاللاھنىڭ كىتاۋى بىلەن ھۆكۈم قىلىمەن، يەنى بىزگە يولغا قويغان ھۆكمى بىلەن ھۆكۈم قىلىمەن دېگەن بولىدۇ. بۇ ھۆكۈمنىڭ قۇرئاندا بولىشى ۋاجىپ ئەمەس، سۈننەتتە بولسىمۇ ئۇمۇ شەرىئەت. شۇنداقلا «كىتاب»دېگەن سۆز قۇرئانغا قارىتىلىدۇ، ئۇلارنىڭ كىتابنى دەلىلسىز بىر مەنىسى بىلەن خاسلاشتۇرۇۋىلىشى شۇبھىگە ئەگەشكەنلىكتۇر»(5)

بەزىلەر سۈننەتنىڭ مۇستەقىل ھۆكۈم چىقىرىش سالاھىيىتىنى ئىنكار قىلىشتا، ئىمام شاتىبىنىڭ سۆزىنى خاتا تەۋىل قىلىپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى دەستەك قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن، شاتىبىنىڭ سۆزلىرىدىن دەلىل كەلتۈردۇق.

 

خۇلاسە

 

سۈننەت مۇستەقىل يولغا قويغان ئەھكاملار ئاز ئەمەس، بۇ ئەھكاملارنىڭ ھەممىسى سۈننەتنىڭ مۇستەقىل قانۇن چىقىرىش سالاھىيىتىنىڭ بارلىقىغا كۈچلۈك پاكىت بولالايدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ ئەھكاملىرى بىلەن قانداق ئەمەل قىلىش ۋاجىپ بولغان بولسا، سۈننەت مۇستەقىل يولغا قويغان ئەھكاملار بىلەنمۇ شۇنداق ئەمەل قىلىش ۋاجىپ. شۇنىڭغا ئاساسەن بۇ قاراشقا ئالىم دەپ سانىلىدىغان كونا ۋە يېڭى ئالىملارنىڭ ئىجماسى باردۇر.

رەسۇلۇللاھدىن قوبۇل قىلغان كىشى ئاللاھدىنمۇ قوبۇل قىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ رەسۇلۇللاھغا ئىتائەت قىلىشنى پەرز قىلدى. ئىمام شافىئى «رىسالە» ناملىق داڭلىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ:«قۇرئان كەرىمدە بايانى يوق مەسىلىدە رەسۇلۇللاھ ھۆكۈم بايان قىلغان بولسا ئاللاھنىڭ ھۆكمى بىلەن يولغا قويدى. ئاللاھ :«شەك-شۈبھىسىزكى سەن توغرا يولغا باشلايسەن»،( شۇرا سۈرىسى، 52-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)دەيدۇ. رەسۇلۇللاھ ھۆكۈم يولغا قويغان بولسا ئاللاھنىڭ ھۆكمى بىلەن يولغا قويدى، رەسۇلۇللاھ يولغا قويغان ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىگە ئەگىشىش ۋاجىپ. كىم رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكمىنى قوبۇل قىلسا ئاللاھنىڭ پەرز قىلىشى (يەنى رەسۇلۇللاھغا ئىتائەت قىلىشى)بىلەن قوبۇل قىلغان بولىدۇ»(7).

 

(3)

 

سۈننەت(ھەدىس شەرىپ)نى ئىنكار قىلىشنىڭ زىيانلىرى

 

1.«ئەقىدە» مەسىلىلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە تەپسىلاتى قۇرئان كەرىم بىلەن بىرگە سۈننەتكە تايىنىدۇ. سۈننەتنى ئىنكار قىلغانلىق ئەقىدە مەسىلىلىرىنى ئۈزۈك ۋە ئېنىقسىز قىلىپ قويىدۇ.

  1. ئەمەلىي شەرئى ئەھكاملارنىڭ ئاساسى«ئۇسۇلى فىقھى ئىسلامى» (يەنى ئىسلامنى چۈشىنىش ئاساسلىرى)نى يوققا چىقىرىۋېتىدۇ، چۈنكى بۇ پەن ئەھكاملار تايىنىدىغان دەلىل-پاكىتلار ھەققىدە ئىزدىنىدۇ. قانۇنشۇناس ئالىملار سۈننەتنىڭ ئىسلامنىڭ قانۇنشۇناسلىقىدا ئىككىنچى مەنبە ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننەتلىرىنى ئىنكار قىلىش ئىسلام فىقھىسىنى شامالدا ئۇچۇرۇۋېتىدۇ.
  2. تارماق مەسىلىلەر«مەزھەپ ۋە سېلىشتۇرما قاراشلار»نى چۈشىنىشنى ۋەيران قىلىپ تاشلايدۇ، چۈنكى فىقھى ۋە رېئال مەسىلىلەرنىڭ كۆپ قىسمى سۈننەتكە تايىنىدۇ. مەسىلەن، روزىنى بۇزۇۋەتكەن ئادەمگە كېلىدىغان كاپپارەتنىڭ مىسالى، ھاراقكەشنىڭ جازاسىغا ئوخشاش…
  3. قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلىملىرى(يەنى ئۇلۇم قۇرئان)نى سەتلەشتۈرۋىتىدۇ، چۈنكى ئۇلۇم قۇرئان سۈننەتكە تايىنىدۇ. دېمەك، سۈننەت ئىنكار قىلىنسا مۇسۇلمانلارنى كۆرسەتمىسى كۈچلۈك ۋە بەلگىلىرى ئېنىق بولغان مەنبەدىن قانۇنسىز قېلىپ قالىدۇ.

رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنى ئىنكار قىلىش قۇرئان كەرىمنى شەكلەندۈرۈشكە يول ھازىرلاپ بېرىدۇ، رەسۇلۇللاھغا ئەگىشىشكە، ئۇنىڭغا بويسۇنۇشقا ۋە ئۇنى ئۈلگە قىلىشقا بۇيرۇيدىغان ئايەتلەرنى ئېتىبارسىز قىلىپ قويىدۇ.

سۈننەتكە تەنە قىلغانلىق ئىسلامنىڭ ئەقىدىسى، ئىبادەتلىرى، تۈزۈم-قانۇنلىرى، ئەخلاقلىرى ۋە بىرلىكىنى ئۆرۈپ تاشلىغانلىق بولىدۇ.

ئۇستاز مۇھەممەد ئەسەد مۇنداق دەيدۇ:«سۈننەت 13 ئەسىردىن بۇيان ئىسلام ئويغىنىشىنى چۈشىنىشنىڭ ئاچقۇچى ئىدى، سۈننەت نېمە ئۈچۈن ھازىرقى چۈشكۈنلىكىمىزنى چۈشىنىشنىڭ ئاچقۇچى بولالمايدۇ؟ سۈننەت بىلەن ئەمەل قىلىش ئىسلامنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغدىغانلىقتۇر، سۈننەتنى تاشلاش ئىسلامنى تاشلىغانلىقتۇر»(مۇھەممەد ئەسەدنىڭ«ئىسلام يول بويىدا» ناملىق ئەسىرىنىڭ، 87-بېتىگە قاراڭ).

 

(4)

 

سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

 

ھافىز مۇھەددىس ئىمام مۇھەممەد بىن ھۈسەين ئاجۇرى شەرىئەت ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ:«ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە پەرز قىلغان بارلىق پەرزلەرنىڭ ھۆكمى پەقەت رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى ئارقىلىق تونۇلىدۇ، مانا بۇ ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ سۆزلىرى، كىم بۇنىڭدىن باشقا گەپ قىلسا ئىسلام دىنىدىن چىقىپ كېتىدۇ ۋە دىنسىزلار قاتارىدىن بولۇپ كېتىدۇ»،(«شەرىئەت» ناملىق كىتابنىڭ 50-بېتىگە قاراڭ).

ئىمام ئىبنى ھەزم مۇنداق دەيدۇ:«ئەگەر بىر ئادەم: قۇرئاندىن باشقىسىنى ئالمايمىز دېسە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجماسى بىلەن كاپىر بولىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭغا كۈن چىققاندىن تارتىپ، كېچە كىرگىچە ۋە يەنە سەھەر ۋاقتىدا بىر رەكەت نامازدىن باشقىسى لازىم بولمايدۇ. ناماز دېگەن مۇشۇنداق بولىدۇ دەپ قارىغان ئادەم كاپىردۇر»،(ئىبنى ھەزمىنىڭ«ئىھكام» ناملىق ئۇسۇلى فىقھى كىتابىنىڭ، 2-توم، 214-بېتىگە قاراڭ).

ھافىز ئىمام سۇيۇتى مۇنداق دەيدۇ:«بىلىپ قويۇڭلار، كىم رەسۇلۇللاھنىڭ سەھى ھەدىسىنىڭ ھۆججەت ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدىكەن كاپىر بولدى ۋە ئىسلامدىن چىقىپ كەتتى» (سۇيۇتىنىڭ:«سۈننەت بىلەن ھۆججەت كۆرسىتىشتە جەننەتنىڭ ئاچقۇچى» ناملىق كىتابىنىڭ، 14-بېتىگە قاراڭ).

 

 

 

________________________________________

(1) – ئىمام شەۋكانىنىڭ»ئىرشادۇل فۇھۇل» ناملىق ئۇسۇلى فىقھى كىتابىنىڭ، 1-توم، 158- بېتىگە قاراڭ.

(2) – ئىبنى قەييىمنىڭ»ئىئلام مۇۋەققىئىن» ناملىق ئەسىرىنىڭ، 2-توم، 287- 290-بەتلەرگە قاراڭ.

(3) – شاتىبىنىڭ» ئىئتىسام » كىتابىنىڭ، 2-توم، 560-بېتىگە؛ «مۇۋافىقات»نىڭ 4-توم، 424-بېتىگە قاراڭ.

(4) – شاتىبىنىڭ» مۇۋافىقات» كىتابىنىڭ، 4-توم، 432-بېتىگە قاراڭ.

(5) –  شاتىبىنىڭ»ئىئتىسام» كىتابىنىڭ، 1-توم، 199- 200-بېتىگە؛ 2-توم، 558- بېتىگە قاراڭ.. دوكتۇر تاھا ھۇبەيشىنىڭ:»سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچىلانىڭ ئازغۇنلىقى» ناملىق كىتابىنىڭ، 295-بېتىگە قاراڭ).

(6) –  شاتىبىنىڭ:»ئىئتىسام» كىتابىنىڭ، 2-توم، 509- 560-بېتىگە قاراڭ.. دوكتۇر ئابدۇلمۇنئىم ئەتىييەنىڭ سۈننەتنىڭ جازا ئىشلىرىدىكى پرىنسىپى ۋە جەمىيەتنى ئىسلاھ قىلىشتىكى تەسىرى» ناملىق كىتاۋىغا قاراڭ).

(7) –  ئىمام شافىئىينىڭ»رىسالە» ناملىق كىتابىنىڭ، 88- ۋە 22-بېتىگە قاراڭ.

 

 

 

 

 

 

2006- 11- 15 كۈنى يېزىلغان.

 

ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى (ئەزھەرى)

مىسىر، قاھىرە شەھىرى.