2024-يىل 4-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

قۇرئان ئەقلى مۆجىزە

قۇرئان ئەقلى مۆجىزە

ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ چوڭ مۆجىزىسىنى باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان، ئىسلامنىڭ دەۋرلەر بويى ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان ئەقلى مۆجىزىسى قىلىپ بېكىتكەن. مانا قۇرئان ھەر دەۋر ۋە ھەر زاماندا ئىنسان ئەقلىگە خىتاب قىلىپ كەلمەكتە. قۇرئان ھىدايەت كىتاۋى، رەسۇلۇللاھنىڭ قىيامەت كۈنىگىچە مۆجىزىسى. قۇرئان ھەر قانداق دەۋر ئۈچۈن يەككە- يېگانە ئەقلى مۆجىزە، چۈنكى قۇرئان ئەقىلگە خىتاب قىلىدۇ، ئەقىلنى ھۆرمەتلەيدۇ، قەلب ۋە ۋىجدانغا نىدا قىلىدۇ، ئەقىل بىلەن ساغلام لوگىكا ئاساسىدا مۇنازىرىلىشىدۇ، بىر ئادەمنى مۇسۇلمان بولۇشقا مەجبۇرلىمايدۇ.

ئىنسان ئەقىل بولمىغان بولسا ئىسلام دىنى، پەيغەمبەرلىك، ياخشىلىق- يامانلىق ۋە توغرا-خاتانى بىلەلمىگەن بولاتتى. ئەقىل ئىنسانىيەت تەپەككۇرىنىڭ ئاستى قۇرۇلمىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەقىلنىڭ كەسكىن يەكۈنلىرى ئىسلام ئالىملىرى نەزىرىدە كەسكىن ھەقىقەت دەپ قارالدى. مانا ئاللاھدىن بەك قورقىدىغان كىشىلەر كائىنات، ھايات ۋە يارىتىلىشنىڭ سىرلىرىنى بىلىدىغان ئالىملار. چۈنكى كائىنات، ھايات ۋە يارىتىلىشنىڭ سىرلىرىنى بىلمەيدىغان ئىنسان ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلمەيدىغان ئىنساندۇر.

ئىسلام دىنى ئەقىلگە ئەركىنلىك چۇلۋۇرىنى قويۇپ بېرىپ نەزەر يۈرگۈزۈش، ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىش  يولىنى ئېچىپ بېرىپ ئىلىم پەنگە چاقىردى. مانا ئىسلام ئىدىيىسى ئىدىيە ئەركىنلىكى ۋە ئاللاھ بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلىش ئۈستىگە قۇرۇلغان.

قۇرئان كىرىم ئەقىلنى بايان قىلسا ئەقىلنى تەرتىپكە سېلىش، ئەقىل بىلەن ئەمەل قىلىش ۋە ئەقىلگە تايىنىش ئورنىدا بايان قىلىدۇ. شەرىئەتتە بۇيرۇق ۋە چەكلىمە كەلگەن ھەر بىر ئورۇندا مۇسۇلماننى ئەقلىنى ئىشقا سېلىشقا قىزىقتۇرىدۇ ياكى ئەقلىنى ئىشقا سالمىغانلىقىغا قارىتا ئەيىبلەيدۇ. قۇرئان كىرىم ئەقىلنى ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈپ كەتمىدى، بەلكى ئەقىلنىڭ ھاياتتىكى رولىنى قەدىرلەيدىغانلىقى ۋە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىسلام خەلقئارالىق ھەزارەت بولغاچقا ئەقىل ۋە بىلىم-مەرىپەتكە دەرۋازىلىرىنى ئاچتى، ھەزارەت ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ گۈزەل تەرەپلىرىنى قوغداپ كەلدى، بۇرۇنقى مىللەتلەرنىڭ كۈچىنى يوققا چىقرۋەتمىدى، ياخشى نەتىجىلەر ۋە پايدىلىق ئىدارە تۈزۈملىرىنى نەقىل قىلىپ قوبۇل قىلدى.

 

ئابدۇراخمان  جامال  كاشىغەرى

(دوكتۇر ئاسپىرانتى)

2014- 6- 20 كۈنى

قاھىرە شەھىرى، مىسىر.