2024-يىل 4-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ۋەھىي بىلەن ئەقىلنىڭ ئالاقىسى

ۋەھىي بىلەن ئەقىلنىڭ ئالاقىسى

 (1)

قۇرئان ۋە ئەقىل

ئەقىل ھەقىقى بىر مۆجىزە، بۇ مۆجىزە ئەقىلنى ئاللاھ ئەھمىيەتسىز يارىتىپ قويمىدى، ئىنسانغا ھۆججەت بولسۇن ئۈچۈن ياراتتى. ئەقىل ئىنساننىڭ ھەقىقەتكە يېتىشى ئۈچۈن ئاللاھ ئاتا قىلغان  نۇرى، تەپەككۇرنىڭ يولى، مەرىپەت ۋە ئىماننىڭ ئاچقۇچى.

ئىسلام دىنى بىلىم-مەرىپەت ۋە ئالىملارنىڭ قەدرىنى ناھايىتى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ:«ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ»(مۇجادىلە سۈرىسى، 11-ئايەت). ئىسلام مۇسۇلمانلارنى بىلىم- مەرىپەت ئۆگىنىشكە چاقىرىپلا توختاپ قالماستىن،  ھايات ۋە كائىناتقا نەزەر يۈرگۈزۈش، تەپەككۇر قىلىش ۋە ئىزدىنىشكە چاقىرىق قىلىدۇ.

قۇرئاندا «ئەقىل»دېگەن سۆز يانداش سۆزلىرى بىلەن 300 قېتىم تەكرارلانغان، «ئىلىم»(بىلىم) دېگەن يانداش سۆزلىرى بىلەن سۆز 1500 قېتىم تەكرارلانغان».

ئىسلام ئەخلاق-پەزىلەتكە باغلانغان ئەقىلنى ئۇلۇغلايدۇ ۋە قەدرىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ئەقىلنى ئاساسلىق مەرىپەت مەنبەلىرىنىڭ قاتارىدىن دەپ بەلگىلەيدۇ. قۇرئان كىرىم ئەقىلنى تىلغا ئالسا ئۇلۇغلاش ئورنىدا ۋە ئەقىلنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىش قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى ئاساسىدا بايان قىلىدۇ.

قۇرئاننىڭ ئەقلىنى ئىشقا سېلىشقا چاقىرغانلىقى ئەقىلنىڭ ئورنىنى تەكىتلەپ بېرىدۇ. شۇنداقلا ئىنساننى تەپەككۇر قىلىش، ئانالىز قىلىش، چۈشىنىش ۋە ئاڭقىرىشتىن ئىبارەت خاس ئارتۇقچىلىقىغا دىققىتىنى قارىتىدۇ. ئىنسان ئەقلىنى كېرەكسىز قىلىپ قويسا، ئىنسانلىق ماقامىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ.

قۇرئاننىڭ ئەقىلنى ئىستىمال قىلىشقا چاقىرغانلىقى چۈشىنىش ئىقتىدارىنى ئېچىۋېتىدۇ، تەپەككۇرىنى قوزغىتىدۇ، بىلىم-مەرىپەتلەرنى تېخىمۇ كۆپلەپ ئېلىشقا تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ بېرىدۇ. چۈنكى ئىنسان تەپەككۇر قىلسا تەرەققى قىلىدۇ، ئەقلىنى كېرەكسىز قىلىپ قويسا مەرىپەت چېكىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان ئىمان بىلەن تەپەككۇر، ئىمان بىلەن مەرىپەت ئارىسىدىكى رىشتىنى چىڭىتىدۇ.

قۇرئاننىڭ-كائىنات ۋە ھاياتنىڭ بارلىق تەرەپلىرىگە نەزەر تاشلاشقا يۈزلەندۈرۈش ئارقىلىق- ئەقىلنى ئىشلىتىشكە چاقىرغانلىقى مۇستەھكەم ئىلمىي مېتودتىن ئىبارەت. بۇ مېتود ھەقىقەتكە يەتكۈزىدىغان ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ شەرىپىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.  بۇ ئىلمىي مېتود مەرىپەتكە يېتىش يولىدا گۇمان ۋە تەخمىنەن قاراشقا تايىنىشنى قوبۇل قىلمايدۇ…

قۇرئان خىتاب قىلىۋاتقان ئەقىل ۋىجداننى ساقلايدىغان، ھەقىقەتلەرنى ھېس قىلالايدىغان، ئىشلارنى پەرقلەندۈرۈپ قارىيالايدىغان، زىددىيەتلەرنى سېلىشتۇرالايدىغان، يىراقنى كۆرەلەيدىغان ۋە ئانالىز قىلالايدىغان ئەقىلدۇر. بۇ ئەقىل قاتماللىق، تەرسالىق ۋە ئازغۇنلۇققا قارىشى تۇرىدىغان ئەقىلدۇر. قۇرئاننىڭ ئەقىلگە خىتاب قىلغانلىقى تەپەككۇر قىلىش مېتودىنى توغرىلاپ بەرگەنلىكىدۇر.

ئىسلام دىنى چېركاۋغا ئوخشاش مۇقەددەس كىتاب (قۇرئان)نى چۈشىنىشنى يالغۇز دىنىي ئالىملارنىڭ ھەققى دەپ  قاراپ، باشقا ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ تەپەككۇر يۈرگۈزۈشى ۋە چۈشىنىشىنى چەكلىمىدى. ھەر قانداق ئەقىل ئىگىسى ۋە بىلىم مەرىپەتلىك كىشىلەر قۇرئانغا نەزەر تاشلىسا ۋە ئىزدىنىش ئېلىپ بارسا، ئىسلام قارىشى ئالىدۇ.

(2)

ئەقلى نەزەر يۈرگۈزۈش مەيدانلىرى

بۇ يەردە شۇنى بىلىش كېرەككى، ئاللاھنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا ئويلىنىش چەكلىنىدۇ، چۈنكى ئىنساننىڭ ئەقلى چەكلىك بولۇپ ئاللاھنىڭ ماھىيىتىنى ھېس قىلالمايدۇ. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرى توغرىسىدا ئويلىنىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. كائىناتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىنسان ئۈچۈن يارىتىپ بەرگەن نېمەتلىرى، ئىنسان ئاللاھنىڭ قۇدرەت تەسىرى بولغان كائىنات ۋە ھايات مەسىلىدە تەپەككۇر  قىلىشقا بۇيرۇلغان. تەپەككۇر قىلىشقا چاقىرىلغان مەيدان تۆت:

  1. ئاللاھنىڭ چەكسىز كامالى قۇدرىتى بىلەن تونۇشۇش ئۈچۈن كائىناتتىكى مۆجىزلىرىدە ئىزدىنىش،
  2. كائىناتنىڭ سىرلىرىنى بىلىش ۋە زېمىننى گۈللەندۈرۈشتە پايدىلىنىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ كائىنات كىتابى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش،
  3. قۇرئان ئىسلامنىڭ قانۇنشۇناسلىق ھېكمەت سىرلىرىنى بىلىش ۋە يېڭى ۋەقەلىكلەرگە ھۆكۈم يەكۈنلەش ئۈچۈن ئىقتىدارلىق كىشىلەرنىڭ ئەقلىنى ئىشقا سېلىشقا يۈزلەندۈرىدۇ.
  4. قۇرئان ئىنسانىيەت ھاياتىدا يۈز بېرىۋاتقان قانۇنىيەتلەرنى تەپەككۇر قىلىشقا چاقىرىدۇ. ھايات قانۇنىيەتلىرى ئۆزگىرىپ قالمايدۇ، ئەقىل ئىگىلىرى مەنپەئەتى بىلەن ماسلىشىدىغان ياخشى جەمىئيەتلەرنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن بۇ قانۇنىيەتلەردىن پايدىلىنىشنى لازىم. شۇڭا قۇرئان زېمىندىكى ئاللاھنىڭ قانۇنىيەتلىرى ۋە تارىختىكى مىللەتلەرنىڭ ئەھۋاللىرىغا قاراپ چىقىڭلار دەپ بۇيرۇغان. جەمئىيەتلەردىكى مەۋجۇتلۇقنى ساقلاش ۋە يوقۇلۇش ئامىللىرىنى تەتقىق قىلىشقا، ئىلگىرىكى مىللەتلەرنىڭ تەجرىبىسىدىن ئىبرەت ئېلىش ۋە خاتالىقلاردىن ساقلىنىشقا، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى قانۇنىيەتلىرى بىلەن زىددىيەتلەشمەسلىككە چاقىرغان .

دېمەك، قۇرئان ئەقىلنىڭ ئورنى، قىممىتى ۋە ئەھمىيىتىنى چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتمەي ياكى پەرۋاسىزلىق قىلماي قوغدىغان. قۇرئان كەرىم ۋەھىينى ئازغۇن ئىزاھاتلاردىن قوغداش، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى مەقسەتلىرىدىن  بۇرۇۋتىشتىن ھېمايە قىلىش ۋە جەمئىيەتنى ۋەيران قىلىدىغان تۈرلۈك ئاپەتلەردىن قوغداش خىزمىتىنى، شۇنداقلا ئىلمىي تەرەققىيات، تەجرىبە تەتقىقاتلىرى ۋە زېمىننى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى ئەقىلگە تاپشۇرغان.

بىراق ئەقىلنىڭ ئىلاھىي ۋەھىيىدىن چەتنەپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلمايدۇ. چەتنەپ كەتسىلا ياخشىلىقتىن يىراقلىشىدۇ ۋە چىرىكلىككە يول ئېچىپ بېرىدۇ. ئەقىل ئىلاھىي ۋەھىي دائىرىسدە ھەرىكەت قىلسا، ھەرىكەت دائىرىسى تارىيىپ قالمايدۇ، مەۋجۇدىيەتنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە ھەرىكەت قىلالايدۇ. ۋەھىي ئەقىلنى پەقەت توغرا يۆلىنىشتىن بۇرۇلۇپ كېتىشتىن، خاتا چۈشەنچىدىن ۋە ھەۋەسنىڭ تارتىپ كېتىشىدىن توسىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ھاياتقا گۈزەللىك قوشىدىغان تۈرلۈك مەيدانلاردا ھەرىكەتلىنىشكە ئىتتىرىدۇ.

 

(3)

ئەقىل بىلەن نەقىل ئارىسىدا زىددىيەتنى قانداق ھەل قىلىش لازىم

 

ئەقىل بىلەن نەقىل ئارىسىدا زىددىيەتنىڭ يۈز بېرىشى قۇرئان خىتابىدىن تەسىرلەنگەن ئىسلام ئەقلىدىن پەيدا بولمىغان. بىراق ئىسلام ئىدىيىسىنىڭ گرىك پەلسەپىسىدىكى گرىك ئەقلىدىن تەسىرلەنگەنلىكى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان. شۇڭا دەسلەپكى دەۋرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىل توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى ئەقىلنى توغرا بىلەن خاتانى، ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىپ بېرىشكە ياردەم بېرىدىغان تۇغما قابىلىيەت دەپ قارىغان. ئەقىدەشۇناس ئالىملار ئەقىل مەرىپەتنىڭ يول باشچىسى سۈپتىدە ۋەھىيگە تايىنىشى زۆرۈر دەپ تەكىتلىگەن. مېتافىزىكا خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە  ئەقىل ۋەھىيگە تايانماي مۇستەقىل  ھالدا توغرا قاراش ئالالمايدۇ.

ھەر قانداق ئەھۋالدا «ۋەھىي بىلەن ئەقىل» ئىدىيە، مەرىپەت، ئەمەل قىلىش ۋە ئىنتىزامغا سېلىش مەنبەسى سۈپتىدە ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ بىر بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىرى بىرىگە زىت كەلمەيدۇ. زىددىيەتلىشىپ قالغان مەسىلە ۋھىيىنى ئىزاھلاشتا ۋە ئەقلى نەتىجىلەرگە يېتىش مېتودىمىزدا كۆپ تەپەككۇر قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە نەزەر يۈرگۈزۈش ئاساسىدا ھەل بولىدۇ، ھەقىقەت ئايدىڭلىشىدۇ، زىتلىشىش خىيالى يوققا چىقىدۇ ۋە ئىنسان ھاياتىنى يۈزلەندۈرۈۋاتقان شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى نىشان قىلىۋاتقان ئىنسانىي مەنپەئەت تەقەززالىرى روشەنلىشىدۇ.

ئەقىل بىلەن نەقىلنىڭ زىددىيەتلىك كۆرۈنۈشلىرى تۆۋەندىكىچە:

1.ۋەھىيگە زىت كەلگەن ئەقلى مەسىلە كەسكىن بولمىسا، زىددىيەت يۈز بېرىدۇ.

  1. ساغلام ئەقلى يەكۈنگە زىت دەپ قارىلىۋاتقان نەقىل(ھەدىس) سەھى ھەدىس بولمىسا، زىددىيەت يۈز بېرىدۇ.

3.نەقىلنى چۈشىنىشتىكى خاتالىق سەۋەبىدىن زىددىيەت يۈز بېرىدۇ.

  1. ئەقىل كەسكىن ھالەتتە مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايدىغان مەسىلە بىلەن ئەقىل ھېس قىلالمايدىغان مەسىلىلەرنى پەرقلەندۈرمەسلىكتىن يۈز بېرىدۇ. بۇ مەسىلىدىكى جانلىق مەسىلىلەر:

(1).ۋەھىينىڭ ھەقىقەتلىرى ئەقىلنىڭ ھەقىقەتلىرى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالمايدۇ، چۈنكى ھەر ئىككىسىنىڭ مەنبەسى ئاللاھ.

(2).كەسكىن ئۇقۇمغا ئىگە ۋەھىي كۈچلۈك ئېھتىماللىققا ئىگە ئەقلى ھۆكۈمنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ،  كەسكىن ھەقىقەت دەرىجىسىگە يېتەلمىگەن نەزەرىيەنىڭ ۋەھىينىڭ كەسكىن ئۇقۇمىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈشى مۇمكىن ئەمەس.

(3). كۈچلۈك ئېھتىماللىققا ئىگە ۋەھىي ئۇقۇمى ئەقىلنىڭ كەسكىن ئۇقۇمى ئاساسىدا ئىزاھلىنىدۇ. چۈنكى كۈچلۈك ئېھتىماللىققا ئىگە ۋەھىي ئۇقۇمى بىر قانچە خىل ئىزاھلاشنى قوبۇل قىلىدۇ، شۇڭا ئىلمىي ھەقىقەت قوللىغان ئىزاھات ئالدىغا سۈرۈلىدۇ.

(4). ئەگەر ۋەھىي ۋە ئەقىلدىن ئىبارەت ھەر بىرسىنىڭ ئۇقۇمى كۈچلۈك ئېھتىماللىققا ئىگە بولسا، بىرسىنىڭ يەنە بىرسىدىن كەسكىن ئىكەنلىكى ئېنىقلانغانغا قەدەر بىرىنى يەنە بىرىدىن كۈچلەندۈرمەي توختاپ تۇرىمىز. قايسىنىڭ كەسكىنلىكى ئىسپاتلانسا، شۇنى ئالدىغا سۈرىمىز. ئەگەر ئىسپاتلانمىسا، سىرتقى كۈچلەندۈرۈش ئامىللىرىنى ئىزدەش لازىم بولىدۇ.

ئىمام پەخرۇ رازى:ئەقىل بىلەن نەقىل زىتلىشىپ قالغاندا ئەقىلنى نەقىلنىڭ ئالدىغا قويغان. ئىمام ئىبنى تەيمىيە ئەقىل بىلەن نەقىل زىددىيەتلىشىپ قالغاندا نەقىلنى ئەقىلنىڭ ئالدىغا قويغان.

مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى ئىككى خىل مېتود ئىنسانىيەت ھاياتىنى يۈزلەندۈرۈشتە ۋەھىي بىلەن ئەقىلنىڭ ئەھمىيىتىنى شەكلەندۈرۈش بىلەن ئالاقىسى يوق. ھەر ئىككى ئېقىم مەيلى ۋەھىيگە تەۋە بولسۇن ياكى ئەقىلگە تەۋە بولسۇن كەسكىن ھۆكۈمىگە ئەگىشىشنىڭ زۆرۈرلىكىدە ئىتتىپاق، ۋە كەسكىن ۋەھىي بىلەن كەسكىن ئەقلى يەكۈننىڭ زىددىيەتلىشىپ قېلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىدە بىردەك قاراشتا.

مەسىلەن، ئىمام رازى ۋەھىينىڭ مەرىپەت مەنبەسى ئىكەنلىكىدە شەك قىلمايدۇ، بەلكى مەۋجۇدىيەتنى بىر پۈتۈن تەسەۋۋۇر قىلىشتا قۇرئان كىرىمنىڭ ھۆججىتى ئاساسىدا قەدەم باسىدۇ. بىراق ئۇ ئايەتنى زاھىرىي مەنىسىگە ئاپىرىش مۇمكىن بولمىغاندا ئايەتنى زاھىرى ئۇقۇمدىن باشقىچە ئىزاھلاشقا چاقىرىدۇ.

ئىمام ئىبنى تەيمىيەمۇ نەقىلنىڭ راستچىللىق بايانىدا ئەقىلنىڭ پرىنسىپلىرىنىڭ ئەھمىيىتىدە شەك قىلمايدۇ. بىراق ئۇ ئەقىلگە نىسبەت بېرىلگەن قاراشنىڭ ھەممىسى رەت قىلىشنى قوبۇل قىلمايدىغان دەرىجىدە كەسكىن ئەمەس دەپ قارايدۇ.

راغىب ئىسپاھانى مۇنداق دېگەن:«شۈنى بىلگىنكى، ئەقىل شەرىئەت بولمىسا ھىدايەت تاپالمايدۇ، شەرىئەت ئەقىل بولمىسا نامايان بولمايدۇ، ئەقىل ئاساس، شەرىئەت بىناغا ئوخشايدۇ. بىنا بولمىسا ئاساسى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئاساسى بولمىسا بىنا مۇستەھكەم تۇرالمايدۇ. ئەقىل كۆزگە ئوخشىسا، شەرىئەت نۇرغا ئوخشايدۇ. سىرتتىن نۇر بولمىسا، كۆز ئەسقاتمايدۇ، كۆز بولمىسا نۇرمۇ ئەسقاتمايدۇ. شۇڭا شەرىئەت سىرتتىن ئەقىلدۇر، ئەقىل ئىچىدىن شەرىئەتتۇر، ئۇ ئىككىسى بىر بىرى بىلەن زىددىيەتلەشمەيدۇ، بەلكى بىر بىرىنى تولۇقلايدۇ».

ۋەھىي بىلەن ئەقىل ئارىسىدىكى بىر بىرىنى تولۇقلاش مۇسۇلماننىڭ ئېڭىدا ئاددى چۈشىنىشلىك مەسىلە. چۈنكى ئەقىل ئىنساننىڭ زېمىندىكى گۈللەندۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى ھېس قىلىشى ۋە بۇ ئامانەتنى ئورۇنلاشقا ياردەم بېرىدىغان ماددى سەۋەبلەر بىلەن تونۇشۇش ئۈچۈن ئاتا قىلغان سوۋغات. ۋەھىيدىن مەقسەت ئىنساننى ھىدايەت قىلىش، چۈشەنچە ئىقتىدارىنى تولۇقلاش، توغرا ھايات غايىسىنى بەلگىلەش، ھاياتتىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى بېكىتىش، يۆلىنىشىنى توغرىلاش، ھايات ۋە كائىنات ئالاقىسىدىن سىرت ئاخىرەت ھاياتى بىلەن توغرا مۇئامىلىدە بولۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت.

ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى

(دوكتۇر ئاسپىرانتى)

2014-6-12 كۈنى، قاھىرە شەھىرى، مىسىر.