2024-يىل 5-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

«كىم ھېكمەتكە ئېرىشەلىسە، تولۇق ياخشىلىققا ئېرىشكەن بولىدۇ» دېگەن ئايەتنىڭ يورۇتمىسى

 

«كىم ھېكمەتكە ئېرىشەلىسە، تولۇق ياخشىلىققا ئېرىشكەن بولىدۇ» دېگەن ئايەتنىڭ يورۇتمىسى

‏ئاللاھ تائالا:«ئاللاھ ھېكمەتنى خالىغان بەندىسىگە بېرىدۇ. ھېكمەت ئاتا قىلىنغان ئادەمگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلىنغان بولىدۇ. پەقەت ئەقىللىق ئادەملەرلا بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالىدۇ» دەيدۇ، (سۈرە بەقەر، 269- ئايەت).

«‏ھېكمەت» دېگەن سۆز قۇرئان كىرىمدە بىر قانچە ئورۇندا تىلغا ئېلىنغان. تەپسىرشۇناسلار ھەر ئورۇندىكى مەنىسىنى ئايەتنىڭ سىياقىغا قارىتا بەلگىلىگەن. بەزىدە «سۈننەت» دەپ تونۇشتۇرغان بولسا، يەنە بەزىدە «ۋەز-نەسىھەت» دېگەن، يەنە بەزىدە «قۇرئان» دەپ تەپسىر قىلغان، يەنە بەزىدە«شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ۋە ئەھكاملىرى» دەپ ئىزاھلىغان.

ئالىملار ‏بۇ ئايەت كىرىمىدە تۈرلۈك كۆپ قاراشلاردا بولغان. مەسىلەن: پەيغەمبەرلىك، قۇرئاننى چۈشىنىش، ئاللاھنىڭ دىنىنى بىلىش ۋە ئاللاھدىن قورقۇش، شەرىئەتنىڭ مەقسەتلرى ۋە دىننىڭ ئەھكاملىرى… دېگەندەك.

‏ئىمام مالىك«ھېكمەت»نى:«ئاللاھنىڭ دىنىنى بىلىش ۋە چۈشىنىش»دەپ تەرىپلىگەن. مۇشۇ قاراش ئەڭ توغرىراق قاراش بولىشى مۇمكىن.

‏«ھېكمەت»:تارماق مەلۇماتلاردىن پرىنسىپال ئۇقۇملارغا ھالقىپ ئۆتىدۇ. «ھېكمەت» دېگەن «ھەر بىر نەرسىنى جايىدا قويۇش»دېمەكتۇر. ئىنساننىڭ توغرا پوزىتسىيىسى دانا ئادەملەرنىڭ ھېكمەتلىرىنى ئېچىپ بېرىدىغانلىقى ئېنىق.

‏ «ھېكمەت» دېگەن: ھەقنى بىلىشتۇر. ھېكمەت دېگەن مېتودنى بىلىشتۇر، ھېكمەت دېگەن ئىشنى جايىدا قىلىشتۇر، ھېكمەت دېگەن مۇناسىپ ئىنسان بىلەن مۇناسىپ مىقداردا مۇناسىپ ۋاقىتتا مۇناسىپ سۆز قىلىشتۇر. مانا بۇ ھېكمەت، ھېكمەت ھاياتتىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە. ھېكمەت بىلەن مال دۇنيا تاپقىلى بولىدۇ، لېكىن پۇل بىلەن ھېكمەت تاپقىلى بولمايدۇ. ھېكمەت مال دۇنيا بەدىلىگە ئېلىنمايدۇ، بەلكى ئاللاھ تەرىپىدىن مۆمىنلەرگە مۇكاپات سۈپتىدە بېرىلىدۇ.

ئاللاھ بىلەن ئالاقە ئورناتقان مۆمىندىن ھېكمەت نۇرى چىقىپ تۇرىدۇ، ياراتقۇچىنىڭ تەلىماتلىرىنى تەتبىقلىغان ئىنسان ھېكىم ئىنسان سانىلىدۇ. ئاللاھغا ئىتائەت قىلغان، ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ئەمەل قىلغان ئىنسان ھېكىم ئىنساندۇر. ئاللا تائالا ھەممەيلەنگە ھېكمەت ئاتا قىلغاي. ئاللاھدىن قورقۇش ھېكمەتنىڭ بېشى. ھېكمەت ئىنسانغا بېرىلگەن ئەڭ كاتتا نېمەت.

 

 

‏ھېكمەت دېگەن سۆز ھەققىدە ئىزدىنىش

‏1.ئىنسانىيەت تارىخى ئىنساننىڭ ئىچكى ۋە سىرتقى دۇنياسىدىكى ئېنىقسىزلىق ۋە غۇۋالىق بىلەن كۆرەش قىلىپ كەلدى. ئىنسان توغرا قەدەم ئېلىش ئۈچۈن بۇ كائىناتتىكى ئورنى ۋە ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتنى ياخشى بىلىش شارائىتىغا ئىگە قىلىدىغان ئۇقۇم ۋە چۈشەنچىلەرنى تۈزۈپ چىقىشقا ئۇرۇنماقتا.

‏ئىنسان بۇ تېمىدا ھەر قانچە ئۇرۇنسىمۇ ئۈنۈم قازىنىش نىسبىتى نىسبىي بولىدۇ، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ بۇ ئۈنۈمگە باھا بېرىشىمۇ تۈرلۈك بولىدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ پرىنسىپلىرى ۋە مەرىپەتلىرى داۋاملىق نەرسىلەرگە قارىتا كۆز قاراش شەكىللەندۈرۈشتە كونتروللۇق رولىنى ئوينايدۇ. نەتىجىدە بىر پوزىتسىيە بىر ئادەمنىڭ نەزىرىدە ھېكمەتلىك ئىش بولسىمۇ، يەنە بىر ئادەمنىڭ نەزىرىدە ئەھمىيەتسىز ئىش بولۇپ چىقىدۇ. لېكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن نەتىجە ۋە ئاقىۋىتىگە قاراپ چۈشەنچە ۋە ئۇقۇمنىڭ بىرلىشىشكە ياردەم بېرىدۇ.

‏2 .ھېكمەتنى شەكىللەندۈرىدىغان ئامىل ئۈچ: زېرەكلىك، مەرىپەت ۋە ئىرادە. ئۆتكۈر زېرەكلىك، كەڭرى مەرىپەت ۋە پولاتتەك ئىرادە ھېكمەت شەكىللەندۈرەلەيدۇ. مۇشۇ ئۈچ ئامىل قانچە تولۇق تېپىلسا ھېكمەت شۇنچە مۇكەممەل بولىدۇ.

‏مەرىپەت بولۇپ زېرەكلىك بولمىسا، توغرا پوزىتسىيىنىڭ تۇغۇلىشىنى كېچىكتۈرىدۇ. ئۆتكۈر زېرەكلىك ۋە كەڭرى تەجرىبە بولۇپ ئىرادە كۈچى بولىمىسا، ئىنساننى يەنىلا دانا ئىنسان قىلالمايدۇ. چۈنكى ئىرادە كۈچىنىڭ ئۆزىلا ئىنساننى تەجرىبە ئىشىغا بويسۇندۇرالايدۇ، ئىرادە ئىنساندا ئىستىل شەكىللەندۈرەلەيدۇ.

‏زېرەكلىك ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بېرىلگەن ئىقتىدار. كەڭرى مەرىپەت شەخسى تىرىشچانلىق. كۈچلۈك ئىرادە بولسا ئۈنۈم قازانغان جەمئىيەتنىڭ ياخشى پەرزەنتلىرىگە ئاتا قىلغان سوۋغىتى. زېرەكلىك ئىرادە ۋە ئىقتىدار سەۋىيەسىدە ھۆرمەت بىلەن ياشاشقا كېرەكلىك دائىرىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ، بىراق ئىقتىدار ئاتا قىلالمايدۇ.

‏‏3.مەرىپەت ھەر قانچە كەڭ بولسىمۇ ھېكمەتنى شەكىللەندۈرىدىغان ئامىلنىڭ بىرسىدىن ئارتۇق نەرسە ئەمەس، شۇڭا «ئالىم» بىلەن «دانا ئادەم» ئارىسىدا پەرق بار. بەزىدە بىر ئادەم بىرەر كەسىپتە مۇتەخەسسىس بولىشى مۇمكىن، شۇنداقتىمۇ «دانا ئادەم» دەپ قارالمايدۇ. شۇنداقلا«دانا ئادەم» بىرەر پەندە كاتتا ئالىم بولماسلىقى مۇمكىن.

«‏ئالىم»ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن مەرىپەتنى پارچىلاپ، نەچچە خىل سىياقىدا قايتا قۇراشتۇرۇپ چىقىدۇ. ئەمما«دانا ئادەم» بولسا كەلگۈسى ئۈچۈن -ئۆتمۈشتىكى ۋە ھازىرقى نەتىجىلەر ماسلىشىدىغان- پرنسىپال قاراشقا يېتىشتە ئومۇمى ئۇقۇملارنى يەكۈنلەش ئۈچۈن نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىي تەجرىبىنى بىرلەشتۈرىدۇ.

‏بىلىم- مەرىپەت دورا ۋە قورال ياساش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ. لېكىن ھېكمەت بىزگە قاچان داۋالاش ۋە قاچان ئۇرۇش قىلىشنى ئۆگتىدۇ. ئالىملار كۆپ، دانالار ئاز. مەرىپەتنى تەھلىل قىلىش، شەكىللەندۈرۈشتىن ئاسان. ئىسلام تەشۋىقات خىزمىتى بۈگۈنكى كۈنلۈكتە بىلىم مەرىپەت بىلەن تۈرلۈك مەدەنىيەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئىسلاھات، ئويغىنىش ۋە قىيىن كېسەللەرنى داۋالاشتا ھەل قىلغۇچ ۋاستىلارغا يەتكۈزىدىغان «بۇيۈك دانالار»غا بەك مۇھتاج.

‏ھېكمەت ۋاسىتە ۋە ئۇسۇل-چارىلەرنىڭ ئانىسى. ھېكمەت ساناقسىز بولۇپ تۈگەپ قالمايدۇ، دائىم لەپىلدەپ تۇرىدۇ.

‏4.مۇسۇلمانلار ئېڭى خېلى بۇرۇنلا پەلسەپىدىن يىراقلىشىپ كەتكەن، چۈنكى كۆپلىگەن مۇسۇلمان پەيلاسوپلار «پەلسەپىنى»ۋەھىي ۋە شەرىئەت ئۇقۇم دائىرىسىدىن چىقىرىۋەتكەن. نەتىجىدە پەلسەپە ئۇقۇملىرى ئىسلام مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىدىن يات نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان.

‏ھېكمەت سۆزى كەلگەن ئايەتلەرگە نەزەر تاشلىغان ئادەم «قۇرئان» دېگەن سۆز كەلگەن ئايەتلەرنىڭ ئارقىدىنلا «ھېكمەت»دېگەن سۆزنىڭ كەلگەنلىكىنى بايقايدۇ.

بەلكىم مۇنداق كېلىشىدە، ئومۇمى ئۇقۇم ۋە پرىنسىپال قاراشقا ئىگە «ھېكمەت»‏ قۇرئان پرىنسىپلىرى ۋە تەلىماتلىرىنىڭ سىرتىدا شەكىللەنسە توغرا بولمايدۇ، دېگەنلىكنى كۆرسەتسە كېرەك. قۇرئان كەرىم ھېكمەتنى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ ۋە يېتەكلەپ ماڭىدۇ. بۇ ھېكمەتنىڭ نەتىجىسى ۋە ھەرىكىتىگە چەك قويغانلىق ئەمەس، بەلكى ھېكمەتنىڭ يۆلىنىشى ۋە مەقسىتىنى يوقىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن «ھېكمەت»نى قوغدىغانلىق ۋە ھېكمەتنى چىڭ تۇتۇۋالغانلىقتۇر. چۈنكى ئىنسان ئەقلىنىڭ ئىمكانىيىتى كەڭرى بولسىمۇ «كۆرسەتمە بېرىش» دائىرىسىدە تۇرۇپ خىزمەت قىلمىسا ئاكتىپ خىزمەت قىلالمايدۇ. كۆرسەتمە دائىرىسى ئىنسان ئەقلىگە «ئۆزگەرمەس پرىنسىپ ۋە ئىشەنچ» ئاتا قىلىدۇ.

‏ئىنسانىيەت مەرىپىتى مۇكەممەلەشمەكتە، مەلۇمات ئىنقىلاپ دەۋرى ھەزارەت دەۋرلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ قىسقا دەۋر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇندىن كېيىن:كىملىك سوئاللىرى، مەۋجۇتلۇق ئىللەتلىرى، ئاقىۋەت مەسىلىسى، ئىنسان تەبىئىتىنىڭ خاراكتېرى، ۋە ھەق-ھوقۇقىدىن ئىبارەت چوڭ سوئاللار دەۋرى يېتىپ كېلىدۇ. دېمەك، پەلسەپە قەدىمقى شەرىپىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. دېمەك، بىز ھازىردىن تارتىپ كەلگۈسى دەۋرنىڭ سوئاللىرىنى چۈشىنىپ، شۇنىڭغا مۇناسىپ جاۋاب بېرەلەيدىغان ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈشىمىز كېرەك.

‏‏5. «پولاتتەك ئىرادە» ھېكمەتنى شەكىللەندۈرىدىغان ئاساسلىق ئامىل. ئىرادە «نەزەرىيە مەرىپىتىنى» ھېسسى رېئاللىقتا ئەمەلىي ئۆرنەكلەرگە ئايلاندۇرۇپ بېرىدىغان ھايات دورىسى.

‏«ھېكمەت» تۈرلۈك چۈشەنچىلەرنى شەكىللەندۈرۈپ بېرىدىغان ئىچكى نۇردىن ئىبارەت. شۇنداقتىمۇ ھېكمەتنىڭ تەبىئىيىتى بەزى پوزىتىسىيەلەردە ۋە ئىستىللاردا نامايان بولىدۇ، ھېكمەتنىڭ بەزى مەيدانلاردا كۆرۈنۈشى ئاللاھنىڭ  شۇ ئادەملەرگە بەرگەن پەزلى ۋە نىمىتى. بۇ ھېكمەت نامايان بولىدىغان پوزىتسىيە ۋە مەيدانلار ساناقسىز. مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر قانچە مىسال ئالايلى:

(‏‏1).«ھېكمەت» دائىم ئۆسۈپ تۇرىدۇ. زېرەكلىك، تەجرىبە ۋە ئىرادە ئارىسىدىكى ئۈنۈملۈك بىرلىشىش ھېكىم ئادەمنىڭ چۈشەنچىسىنى دائىم ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ.

(‏2).«ھېكىم ئادەم» شارائىتقا قاراپ تۇرۇپ ۋاقىتلىق نەرسىدىن دائىملىق نەرسىنى ۋە ھازىرقىدىن كېيىنلىكنى تاللايدۇ.

(3) ھېكمەتلىك ئىش قىلىدىغان ئادەمنىڭ ئىچىدە ھەرىكەتكە توشقان مەيدان بار بولىدۇ. ئۇ  مەيدان سېلىشتۇرۇش، تەھلىل قىلىش، يەكۈن چىقىرىش، تەھرىرلەش ھەرىكىتىدىن توختىمايدۇ. دېمەك، ھېكىمنىڭ ئىچكى دۇنياسى ئوكياننىڭ چوڭقۇرىدىكى دولقۇندەك دولقۇنلاپ تۇرىدۇ.

‏ھېكىم ئادەملەر مەرىپەت ۋە تەجرىبىلەرنى بىر بىرسىگە باغلاشتىن ئىبارەت ئالاھىدە بىر ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، ئاخىردا باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان قايماقنى سۈزۈپ چىقىرىپ بېرىدۇ.

(‏4).ھېكىم ئادەملەر مەسىلىلەرنى ئۆز ھەجمىدە ھېس  قىلالايدۇ. مەسىلەن، چوڭ مەسىلىلەرنى چوڭ كۆرىدۇ، كىچىك مەسىلىلەرنى كىچىك كۆرىدۇ. مەسىلىلەرنى توغرا شەكىلدە مۆلچەرلەش ئىنسانىيەت تارىخ بويى دۈچ كېلىۋاتقان بەك خەتەرلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرسى.مەدەنىيەتلەرنىڭ ۋەيران بولۇش سەۋەبلىرىنىڭ بىرسى كىشىلەر ئادەتتە تايىنى يوق ئىشلار دېگەن مەسىلىلەر سەۋەب بولغان.

‏ھېكىم ئادەم دېگەن:ھازىرقى پەيتتىن ئىلگىرىكى نەرسىنى كۆرەلەيدۇ ۋە كېيىنكىسىنىمۇ  ھېس قىلالايدۇ. ئۇ شىۋىرغان قوزغىلىشتىن ئىلگىرى ھېس قىلىپ خەلقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئادەتتىكى ئادەملەر ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن مەسىلىلەرنى ھەقىقى ھەجمى بىلەن كۆرەلەيدۇ، ھېكىم ئادەم بولسا مۇناسىپ ۋاقىتتا كۆرەلەيدۇ. سۇپيان سەۋرى«پىتنە تۈگىگەندە ھەممە ئادەم بىلەلەيدۇ. پىتنە باشلانغاندا ئالىمدىن باشقىسى بىلەلمەيدۇ»دېگەن ئىكەن.

«‏مۇتەخەسسىلەر» ئىلمى تەرەققىياتنىڭ ئەسكەرلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھېكمەت تەسىرلىرى چەكلىك بولىدۇ، ھەممىسى دانا ئادەم بولۇپ كەتمەيدۇ.

(‏5).كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى«ئاچچىق»نىڭ دەرىجىسى ھېكمەتنىڭ يوقلۇقىدىن بولىدۇ. بىزگە ياقمايدىغان ئىشلار يۈز بەرگەندە بىزدە پەيدا بولىدىغان يىنىكلىك ۋە بىئاراملىقنىڭ سەۋەبى: مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبلىرى، يىلتىزى، قانۇنىيىتى ۋە نەرسىلەرنىڭ خاراكتېرىنى بىلمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ.

بىراق ھېكىم ئادەمنىڭ ئىچىدىن چىققان «ئاچچىق» ھادىسىلەرنىڭ ئۇشتۇمتۇت يۈز بېرىشىدىن كېلىپ چىقمايدۇ، بەلكى كىشىلەرنىڭ غاپىللىقى، دۆتلۈكى ۋە ۋەز نەسىھەتلەر ياكى ئاگاھلاندۇرۇشلارنى كۆزگە ئىلماسلقىدىن ياكى ئاددى سانىشىدىن پەيدا بولىدۇ.

 

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي

(دوكتۇر ئاسپىرانتى)

2013-12-07