2024-يىل 5-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ھەر بىر خەلق ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزى ئۆزگەرتمىگىچە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ» دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرى

 

«ھەر بىر خەلق ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزى ئۆزگەرتمىگىچە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ» دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرى

 

‏ئىنساننىڭ مۇھىتى ۋە شارائىتىدىن خېلى تەسىرلىندىغانلىقى ئېنىق بىر ھەقىقەت. لېكىن قۇرئان كىرىم بىزگە، ئىنسان مەۋجۇدىيەتنىڭ مەركىزى، ئىنسان ئۆزگەرسە ھەممە نەرسە تۈزۈلۈپ كېتىدۇ. ئىنسان بۇزۇلسا ھەممە نەرسە بۇزۇلىدۇ، دەپ تەلىم بەرمەكتە.

‏شۇنداقلا ئاللاھنىڭ پەزلى ئېھسانى تۇزكورلۇق قىلمىغان ۋە ئاللاھنىڭ پەرمانىغا خىلاپلىق قىلمىغان كىشلەرگە ئۆزلۈكسىز داۋاملىشدىغانلىقىنىمۇ خەۋەر بەرمەكتە. بۇ توغرىدا ئاللاھ:«ئاللاھ تائالا بىر مىللەتكە نېمەت بەرگەن، ياخشىلىق ئاتا قىلغان بولسا، بۇلار ئاسىيلىق قىلىپ بۇ نېمەت ۋە ياخشىلىقنى يوقىتىپ قويىدىغان ئىشنى قىلمىسا، ئاللا بۇ نېمەتنى ئۇلاردىن تارتىۋالمايدۇ» دەيدۇ، (ئەنفال سۈرىسى،53-ئايەت).

‏يەنە« ھەر بىر خەلق ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزى ئۆزگەرتمىگىچە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ»دەيدۇ، (رەئد سۈرىسى،11-ئايەت).

‏يەنە«(ئۇلارغا) ئېيتتىم:پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، سىلەرنىڭ ماللىرىڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بىرىدۇ، سىلەرگە باغلارنى، ئۆستەڭلارنى ئاتا قىلىدۇ، نېمە ئۈچۈن سىلەر اﷲ نىڭ بۈيۈكلۈكىدىن قورقمايسىلەر؟»دەيدۇ(نۇھ سۈرىسى، 10-12-ئايەتلەر).

‏ئەگەر ئاللاھغا ئىتائەت قىلساق ئاللاھ بىز ياخشى كۆرىدىغان نەرسىنى بېرىدۇ ۋە بىز يامان كۆرىدىغان نەرسىنى بىزدىن توسىۋېتىدۇ. ئەگەر ئاللاھغا ئاسىيلىق قىلساق، ئاللاھ بىزگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى تارتىۋالىدۇ ۋە بىز يامان كۆرىدىغان نەرسىلەرنى بېرىپ قويىدۇ.

‏ئەسەردە كېلىشچە، ئاللاھ ھەدىس قۇدسىيدا«مەن پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى، پادىشاھلارنىڭ يۈرەكلىرى مېنىڭ قۇلۇمدا. ئەگەر ئىنسانلار ئىتائەت قىلسا، پادىشاھ ۋە رەئىسلەرنىڭ قەلبىنى ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىلىشقا ئۆزگەرتىمەن. ئەگەر ئاسىيلىق قىلىپ قالسا، پادىشاھلارنىڭ قەلبىنى ئۇلارنى يامان كۆرىدىغان ۋە ئازابلايدىغان قىلىپ قويىمەن. شۇڭا سىلەر پادىشاھلارنى تىللاپ ئۆزۈڭلەرنى ئاۋارە قىلماي، ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا دۇئا قىلىڭلار، ئۇلارنىڭ ياخشى بولىشى سىلەرنىڭ تۈزۈلۈپ توغرا يولدا مېڭىشىڭلارغا باغلىق» دېگەن.

‏ئۆزۈڭنى تۈزەت، ھالىڭنى ئىسلاھ قىل. سەن ئۆزگەرمىگىچە ئاللاھ ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ. مەسىلەن، سەن خاتىرجەم ئەركىن تۇرمۇش ئىچىدە بەخىتلىك بولغان بولساڭ، توغرا يولدا ماڭساڭ ۋە نېمەتكە تۇزكورلۇق قىلىپ ئۆزگەرتىۋەتمىسەڭ، ئاللاھ سەندىن بۇ بەختنى تارتىۋالمايدۇ، بەخىتلىك تۇرۇۋېرىسەن. يەنى سەن نەپسىڭ بىلەن كۆرەش قىلمىساڭ ھالىڭنى ياخشىدىن تېخىمۇ ياخشىغا ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ.

‏ئەگەر ئىنسان كرىزىس ئىچىدە بولغان بولسا، تۆۋە قىلىپ ھالىنى ئۆزگەرتمىگىچە، ئاللاھ ئۇنىڭدىن خاپىلىقنى كۆتۈرىۋەتمەيدۇ.

‏ئايەتنىڭ ئىككى خىل مەنىسى بار:سەن ئۆزگەرمىگىچە ئاللاھ ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ. ئىتائەتتىن گۇناھقا چەتنەپ كەتمىسەڭ، ھالىڭنى ياخشىلىقتىن يامانلىققا ئايلاندۇرۇپ قويمايدۇ. يەنە بىر مەنىسى، گۇناھ ئىشلاردىن قول ئۈزۈپ ئىتائەت ئىشلارغا ئاتلانمىساڭ، ھالىڭنى يامانلىقتىن ياخشىلىققا ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ.

‏سەن ئۆزگەرمىگىچە ئۆزگەرتمەيدۇ. سەن ئاساس. ئۆزگەرسەڭ ئۆزگەرتىدۇ، ئۆزگەرمىسەڭ ئۆزگەرتمەيدۇ.

‏دېمەك، ئىنساندا كۆپلىگەن ئىقتىدار، ئىمكانىيەت، قۇدرەت ۋە قولايلىق شارائىت تۇرۇپ، ئۇنىڭ قەدرىگە يەتمىسە ۋە ئۇ ئىمكانىيەتلەردىن توغرا پايدىلانمىسا، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ نەرسىلەر قىممىتى ۋە ئەھمىيىتىنى يوقىتىدۇ. پۇرسەت كەلگەندە ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىش رىقابەتكە تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىردىن بىر يولى…

‏ئىنسانىيەت تەجرىبىسى بىزگە ھەر بىر نەرسىنىڭ بەدىلىنى (پۇلىنى) بېرىش دېگەن قائىدىنى تەلىم بەرمەكتە. ئۆزىمىزنى تۈزۈتۈشنىڭ بەدىلىنى بىرىمىز ياكى ئۆزىمىزنى تۈزەتمىگەنلىكنىڭ بەدىلىنى بىرىمىز. مەسىلەن، ھورۇن ئوقۇغۇچى مۇنتىزىم سىستېمىلىق مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان بولسا، ئىمتىھاندىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئويۇننى تاشلاپ قاتتىق تىرىشىدۇ. ئەگەر تىرىشماي قالسا ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەسلىك بەلكى مەكتەپتىن قوغلىنىش خەۋپكە دۈچ كېلىدۇ.

‏ئۆزىنى تۈزۈتۈش مەسىلىسى ئاسان ئىش ئەمەس، ئۇ ئىرادىگە قانچىلىك مۇھتاج بولسا ئاڭ سەۋىيىگىمۇ شۇنچىلىك مۇھتاج.

‏بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىش لازىمكى، بىز دائىم ئىرادە قىلغان نەرسىنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشەلمەيمىز، شۇنداقلا ھەممە نەرسىگە ئېرىشىش دائىم بىزنىڭ پايدىمىزدا بولمايمۇ قالىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە ئىككى نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:

‏بىرىنچىسى: ئىمكانىيەت دائىرىمىزنى ياخشى ھېس قىلىش،

‏ئىككىنچىسى: بىز ئىنتىلىۋاتقان ئىشلار دائىم شەرئىي يوللۇق بولسۇن.


‏ئۆزىنى تۈزۈتۈش مەسىلىدىكى ئاساسلىق پرىنسىپلار:

‏1.مەنىۋى ئۆزگەرتىش تەس:

‏ماددى نەرسىلەرنى ئۆزگەرتىش مەنىۋى، ئەخلاق ۋە ئىستىلغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئۆزگەرتكەندىن ئاسان. ‏يەنى ئادەت، ئىستىل، چۈشەنچە ۋە ئىدىيىنى ئۆزگەرتىش سەۋر قىلىش ۋە چىداملىق بولۇشقا مۇھتاج.

‏2.ھەر ۋاقىت پۇرسەت تېپىلىدۇ:

‏شارائىت ھەر قانچە يامانلىشىپ، يوللار ھەر قانچە تارىيىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردە يۇقىرى ئۆرلەش پۇرسىتى تېپىلىدۇ، دەيدىغان قاراش بولۇشى لازىم.

‏شارائىت دائىم بىز كۈتكەندەك بولمايدۇ، لېكىن پۇرسەت تېپىلىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، ھەر كۈنى بىر سائەت بىر نەرسە ئوقۇيدىغان ئادەم ئىككى سائەت بىر نەرسە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. ھەر كۈنى 5 يۈەن سەدىقە بېرىدىغان ئادەم 10 يۈەن سەدىقە بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ… مۇھىم ئىش نېمە دېگەندە، قۇرۇق بانا تاپماسلىق ۋە ئازغىنا نەرسە بىلەن رازى بولماسلىق كېرەك.

‏ئاللاھ قۇرئان كىرىمدە:« ئاشۇ ئىشلاردا بەسلىشىدىغانلار بەسلەشسۇن» دېگەن (مۇتەپپىپىن، 26-ئايەت). دېمەك، ياخشىلىق، ئالغا ئىلگىرىلەش ۋە تەرەققى قىلىش مەيدانلىرىنىڭ ھەممىسى بەسلىشىش ۋە رىقابەتلىشىش مەيدانى ھېسابلىنىدۇ، ھەر بىر ئادەمنىڭ بۇ مەيدانلاردا بەسلىشىش پۇرسىتى بار.

‏3.ئۆزگەرتىش مەسىلىسى ئىختىيارى ئىش ئەمەس:

‏ئۆزگەرتىش ۋە تۈزۈتۈش مەسىلىسى ئىختىيارلىق بار ئىش ئەمەس، بەلكى ئۇ بىردىن بىر ئىش. مەسىلەن، بىر ئادەم ئىسراپخورلۇق سەۋەبىدىن ئېغىر قەرزدار بولۇپ قالغان بولسا، بۇ ئادەمنىڭ بىردىن بىر ئىختىيارلىقى چىقىم قىلىشتىكى ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش. ئۇنداق بولمىسا تۈرمە ئۇنى كۈتۈپ تۇرماقتا. دېمەك، بىز بەزى ئادەتلىرىمىزنى ئۆزگەرتمىسەك كۆپلىگەن قېيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرالمايمىز.

‏ئۆزىنى تۈزىتىشكە ۋە ئۆزگەرتىشكە كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلار ئۈمىدسىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار، ھاياتنىڭ سىرتىدا ياشاشقا رازى بولغانلار ۋە پارچە-پارات نەرسىلەر بىلەن رازى بولىدىغانلاردۇر. يەككە ساھەدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش جەمئىيەتنىڭ ھالىنى ئۆزگەرتىشنىڭ چوڭقۇر ئاساسىنى شەكىللەندۈرۈپ بېرىدۇ. دېمەك، ئۆزىنى تۈزۈتۈش ۋە ياخشى تەرەپكە ئۆزگەرتىش جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىشنىڭ كىچىكلەتمە شەكلى.

‏4.بىلىم مەرىپەت ئۆزگەرتىش مەسىلىسىگە ياردەمچى:

‏ئۆزگىرىشكە تەييارلىقنىڭ تېپىلىشى بىلەن كىشىلەردىكى مەدەنىيەت سەۋىيىسى ئارىلىقىدا مۇناسىۋەتنىڭ بارلىقىغا تەجرىبىلەر پاكىت بولالايدۇ. شۇنداقلا قايسى بىر جەمئىيەتتىكى ھەزارەت سەۋىيىسىنىڭ تەرەققى قىلغانلىقى شۇ جەمئىيەت ئوغلانلىرىنى تەرەققى قىلىش، نەتىجە يارىتىش ۋە يۇقىرىغا ئۆرلەش تەلپۈنۈشلىرىنى ئاشۇرىدۇ. ئىنتىلىش كىشىلەرنىڭ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشقا قارىتا سېغىنىشىنى پەيدا قىلىدۇ ۋە ئۆزگەرتىش يولىدا تېخىمۇ ئېغىر چىقىملارنى بېرەلەيدىغان ھالەتنى ھاسىل قىلىدۇ.

‏يەنى ساۋاتسىزلىق، قالاقلىق ۋە نادانلىق مىللەتلەرنى ھازىرقى شارائىتى بىلەن -ھەر قانچە ئەسكى يامان بولسىمۇ- رازى بولىدىغان، سۇكۇت قىلىدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. مانا بۇ دەل بىلىمسىزلىكنىڭ نەتىجىسى.

‏دېمەك، ئالاھىدە ئىلغار مەرىپەت، ئىگىسىگە چوڭ ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ، دۇنياغا قارىتا كۆز-قارىشىنى تۈزلەپ قويىدۇ. ئىلغار ئورۇندا ئوقۇش ئىلغار مەرىپەتكە ئېرىشىشنىڭ قىسقا يولى.

‏5.شەخسى سەزگۈرلۈك:

‏ھەر بىرەيلەن ئادەتلىرى ۋە پاسسىپ ئىستىللىرى ھەققىدە ئىزدەنسە، بىكاردىن بىكار پەيدا بولۇپ قالمىغانلىقىنى بايقايدۇ. ناچار ئادەت ۋە پاسسىپ ئىستىل كۈچلۈك ئوي پىكىر ۋە كۆز قاراش سەۋەبىدىن پەيدا بولغان. ئەگەر بىر ئادەم ئىدىيە ۋە تەسەۋۋۇرلىرى ھەققىدە ئىزدەنسە، ئەسلىدە بۇ تەسەۋۋۇرنىڭ يۈزەكى ئوي پىكىرلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى، ئاشۇ ئىدىيىلەرنىڭ خاتالىقىغا دىققەت قىلمىغانلىق سەۋەبىدىن ئىستىلىغا قارىتا ئىدىيە ئاساسىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ.

‏ئىنسان مۇتەپەككۇر مەخلۇق، ئۇنىڭ ئىستىلىدىكى ئىدىيە تەسىرى بىز ئېتىراپ قىلغاندىنمۇ چوڭ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شەخسى ھاياتىمىزدا تايىنىدىغان ئىدىيىلەرگە دىققەت قىلشىمىز كېرەك.

‏6. ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى ئىرادىگە مۇھتاج:

‏ئەگەر پولاتتەك ئىرادە ۋە كەسكىن نىيەت بولمىسا، شارائىتىمىزنى ۋە ئەھۋالىمىزنى ئۆزگەرتىشكە ياردەم بېرىدىغان ئۇسۇل-چارىلار ۋە سەۋەبلەر كۆپ بولسىمۇ ئۈنۈمسىز بولىدۇ. كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۆزگەرتىشكە قارىتا ئاز تولا ئارزۇ بار، لېكىن بۇلاردا ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىدە بەدەل تۆلەشكە قىزغىنلىق يوق. قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمىزنىڭ پايدىسى يوقلىقىنى ھېس قىلغانلىق سەۋەبىدىن كاللىمىزغا پاسسىپ ئىدىيىلەرنىڭ كىرىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك ياكى ئىشلىرىمىزنىڭ ئەۋزەللىك تەرتىپى ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك ياكى ئۈمىدسىزلىك ھېس قىلغانلىق سەۋەبلىك يۇقىرىقىدەك ئىش يۈز بىرىدۇ.

‏قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلىش بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بېرىدۇ.

‏7.باشلىنىش قىيىن: ئىشنىڭ باشلىنىشى قىيىن بولىدۇ، ئىنساندا ئۆزگىرىش ۋە ئۆزگەرتىشكە قارىتا ئومۇمى بىرخىل قېچىش ھالىتى تېپىلىدۇ.

‏شۇنى بىلىش كېرەككى، چوڭ نەتىجىلەرگە ئېرىشىش خەتەرنىڭ چوڭلىقىغا باغلىق. ھەيران ياكى ئارىسالدى بولۇش كۆپ ۋاقىتلاردا قاراملىق قىلغاندىن خەتەرلىك بولىدۇ. يېڭى ئىختىيارلىقنى تاللاش ئېگىز تاغدىن يول ئاچقانغا ئوخشايدۇ.

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى

2013- يىل