2024-يىل 7-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

«قىيىنچىلىق بىلەن ئاسانچىلىق بىرگە بار» دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرى

«قىيىنچىلىق بىلەن ئاسانچىلىق بىرگە بار» دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرى

 

ھەر قانداق قىيىنچىلىقتا قالغان بولساڭمۇ ئاللاھ ساڭا ھەر قانداق قىيىنچىلىققا چىقىش يولى ئاتا قىلىدۇ، ھەر قانداق ئىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، ھاجەتمەن بولساڭ بىھاجەت قىلىدۇ. قىيىنچىلىق مەڭگۈ داۋاملاشمايدۇ، قايغۇ ئۇزۇنغا سوزۇلمايدۇ. ئاسانچىلىق ئەسلى قائىدە، قىيىنچىلىق ئايرىم ھالەت. قىيىنچىلىق ئاز، ئاسانچىلىق كۆپ. دېمەك، سىقىنچىلىق بىلەن ئاسانچىلىق بىللە، كەمبەغەللىك بىلەن بايلىق بىللە، كېسەللىك بىلەن ساغلاملىق بىللە. ئاللاھ بىزنى ئازابلاشتىن بىھاجەت، ئەگەر ئاللاھ بىزگە بىرەر غەم قايغۇنى ئەۋەتسە بىزنىڭ مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن ۋە بىزنىڭ ئاللاھغا يۈزلىنىشىمىز ئۈچۈن ئەۋەتىدۇ. مانا قارايدىغان بولساق قانچىلىغان كېسەل شۇ ئىنساننى ھىدايەتكە باشلاپ بارغان، قانچىلىغان ئېغىر كېسەل ئىگىسىنى تۆۋبىگە ئېلىپ بارغان.

يەر شارىدا ھەر قانداق چوڭ قىيىنچىلىق بولسۇن، ئۇنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ. شۇڭا مۇسۇلمان-گەرچە پاجىئەلەر ۋە قىيىنچىلىقلار بېسىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ- ئاللاھنىڭ ياردىمىدىن ئۈمىدسىزلەنمەسلىك لازىم.

‏بۇ ئايەت زۇلۇم ۋە قىيىنچىلىق ھەر قانچە ئۇزۇن داۋاملاشسىمۇ ھامان بىر كۈنى زۇلۇم ۋە قىيىنچىلىقنىڭ يوقىلىدىغانلىقى ۋە تاڭ نۇرىنىڭ يورۇيدىغانلىقى توغرىسىدا مۆمىنلەرگە ئىشارەت بەرمەكتە. جەمئىيەت ھاياتىنىڭ ئۆزگىرىشچان بۇ ھالىتى ئىنسان ئەۋلادىنىڭ مەنىۋىيىتى ۋە ماددى ئەھۋاللىرى بىلەن ئۇيغۇن كېلىدۇ،  ئادەتتە ئىنسان ھاياتىنىڭ ئەھۋالى غەلىبە قىلىش، مەغلۇب بولۇش، ئالغا ئىلگىرىلەش ۋە ئارقىغا چېكىنىش ئارىلىقىدا داۋالغۇپ تۇرىدۇ. شۇنداقلا ھايات قانۇنىيىتى ۋە ئومۇمى بەلگىسى بولغان تۈرلۈك سىناق ئەھۋاللىرى بىلەنمۇ ماس كېلىدۇ.

‏ بۇ ئايەتنىڭ تەكرارلىنىشى ساھابىلەرنىڭ قەلبىدە ئۈمىد پەيدا قىلدى. بۈيۈك ساھابە ئىبنى مەسئۇد:«ئەگەر قىيىنچىلىق كاماغا كىرىۋالغان تەقدىردىمۇ، ئاسانچىلىق قىيىنچىلىق بار كاماغا كىرىدۇ»دېگەنىكەن.

‏ئايەت كەرىمە قىيىنچىلىققا يولۇققان كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىپ، قىيىنچىلىقنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىدىغانلىقى توغرىسىدا خۇش بىشارەت بەرمەكتە. مانا بۈگۈن بىز بۇ ئايەتتىن بىشارەت ئېلىشقا مۇھتاج. چۈنكى كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار مەغلۇبىيەت، زۇلۇم، بوزەك قىلىش ئەھۋاللىرىنى بېشىدىن كەچۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئۈمىدسىزلىك ۋە شۇملۇنۇش ئۇلارنىڭ روھىنى ئىگىلىۋالغان. كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار ھازىرقى شارائىت ۋە ئۆزگىرىشلەرگە ئامال چارىنىڭ يوقلىقىنى ھېس قىلىشماقتا، يول توسۇلۇپ قالدى دەپ بوشاپ كەتمەكتە. شۇ سەۋەبتىن ھەممە نەرسىدىن: يەنى دوستلارنىڭ ياردەم بەرمەسلىكى، دۈشمەنلەرنىڭ سۈيىقەست قىلىشى، ئاتا-بوۋىلارنىڭ سەلبىي مىراسىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە پەرزەنتلەرنىڭ ناچار قىلمىشلىرىدىن شىكايەت قىلىش  قىلىشماقتا. كىرىزىسكە يولۇققان بۇ كىشىلەر تەنقىد نۇرىنى داۋاملىق سىرىتقا قارىتىدۇ. خۇددى ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالى ئۆلچەملىك ياخشى، يۈز بېرىۋاتقان مۇسىبەتلەرگە باشقىلار سەۋەبچىدەك ئويلىشىدۇ.

‏ بۇلار بىر بۆلۈك كىشىلەرنىڭ شەكىلدىن خالى ئەمەلىي بىر ئىش قىلىشقا ئۆتكەنلىكىنى كۆرسە: سېنى بىر ئىش قىلغىلى قويمايدۇ، بالىلىرىڭنى تەربىيلىگىنى قويمايدۇ، چوڭ قەدەم ئېلىشىڭغا رۇخسەت قىلمايدۇ…دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سىپىدۇ. بۇ خىل پاسسىپ روھ  بوشاڭلىق، ئىشسىزلىق، ھورۇنلۇق ۋە قورقۇنچاقلىققا ئېلىپ بارىدۇ. بۇلار مەھدىنى  كۈتۈپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇشىدۇ.

***

‏ئىنساننى ئۈمىدسىزلىككە باشلايدىغان سەۋەبلەر تۆۋەندىكىچە:

‏‏1. پاسسىپ ناچار مائارىپنىڭ تەسىرى:

‏ئەگەر مائارىپ تۈزۈمى پاسسىپ بولسا جاھاننىڭ ئوڭشىلىشى توغرىسىدا ئادەمنىڭ قەلبىدە شۇملۇنۇش ۋە ئۈمىدسىزلىك روھىنى پەيدا قىلىدۇ، شۇنداقلا ئىنسان بىلەن ياشاۋاتقان مۇھىت ئارىلىقىدا دۈشمەنلىك ئۇرغىنى يايىدۇ. ئەگەر بۇ مۇھىت بىلەن ئالاقە سەۋەبلىرى ئۈزۈلۈپ قالسا، يالغۇزلۇقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن  بىرەر ئۇيۇشما ياكى بىرەر يۇرتقا تەۋە بولۇشنى ئىزدەيدۇ. تەكشۈرۈپ كۆرسە ئۆزى ئېتىقاد قىلىۋاتقان نەرسىنىڭ ئەتراپىدىكى نەرسىلەردىن پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى بىلگەندە ئەتراپىدىكى ھەممە نەرسىگە ئىشەنچىنى يوقىتىدۇ، نەتىجىدە ھەممە نەرسىدىن شۇملىنىش ۋە پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتۇش ھالىتى كۆرۈلىدۇ.

‏ ‏‏2. رېئاللىق بىلەن قاتمال ھالدا مۇئامىلە قىلىش:

‏كۆپلىگەن كىشىلەر يۈزەكى قاراشقا مايىل بولۇپ، ھەر قانداق بىركۆرۈنۈشكە بىرلا سەۋەبنى كۆرىدۇ. بۇ خاتا قاراش مەسىلىنى «ئاساسلىق قىيىنچىلىق» ۋە «ئىككىنچى دەرىجىلىك قىيىنچىلىق» دەپ بۆلەلمەسلىكتەك چوڭ مۈشكىلىگە ئېلىپ بارىدۇ. شۇ سەۋەبتىن قىيىنچىلىقنى ئۆزگەرتىشكە ئىقتىدارى يەتمەيدۇ. نەتىجىدە باش ئاخىرى يوق قىيىنىچلىق ئالدىدا ھاڭ-تاڭ قېلىپ قالىدۇ ۋە بېسىمغا باش ئېگىدۇ. ئەگەر بىز بۈگۈن مۇمكىن بولغان ئىشلارنى قىلغان بولساق، بۈگۈنكى مۇرەككەپ ئىشلار ئەتە مۇمكىن ئىشلارغا ئايلانغان بولاتتى.

‏3.قىيىنچىلىقنىڭ ئىچكى ئامىللىرىغا دىققەت قىلماسلىق:

‏قىيىنچلىق ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللارغا بويسۇنىدۇ، سىرتقى ئامىلنىڭ تەسىرى چەكلىك بولىدۇ، ئىچكى ئامىلنىڭ تەسىرى چوڭ بولىدۇ. بىز كۆپىنچە ۋاقىتلاردا سىرتقى ئامىللارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىچكى ئامىللارغا سەل قارايمىز. ئۆزىنى بىلىش ئەڭ چوڭ كەشپىيات بولغىنىدەك، ئۆزىگە تاقابىل تۇرۇشمۇ بەك تەس.

‏دېمەك، قىيىنچىلىق بىلەن ئاسانچىلىق بار، ھەر بىر قىيىنچىلىقنىڭ قارنىدا ھەل قىلغۇچ ئاچقۇچى بىرگە بار. بىزدە ئىنژېنېرنىڭ ئەقلى، ئوپېراتسىيە دوختۇرىنىڭ پىچىقى ۋە ئانىنىڭ ئىچ ئاغرىتىشى بولىدىكەن ھەر قانداق قىيىنچىلىققا ھەل قىلىش چارىسى تېپىلىدۇ.

 

 

ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرىي

(دوكتۇر ئاسپىرانتى)

2014-1-19