2024-يىل 17-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

قۇرئان سىزگە خىتاب قىلماقتا

قۇرئان سىزگە خىتاب قىلماقتا

قۇرئان كەرىم ئىنساننى شەھۋەت قۇللىقىدىن ئازات قىلالايدىغان ئادەتتىن تاشقىرى كۈچى ئارقىلىق كائىنات ۋە تارىختىكى ئەبەدىي جانلىق ھاياتلىق ھەرىكىتى بولغان «ئاللاھنىڭ بىرلىكى»نىڭ ھەقىقىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. قۇرئان ئىنساننىڭ يۆلىنىشىنى شەھۋەت پەلىكىدە ئايلىنىدىغان كېچىك بىر مەخلۇقتىن ئىلاھىي پەلەكتە ئايلىنىدىغان چوڭ مەخلۇققا ئۆزگەرتىش كۈچىگە ئىگە. قۇرئان كۆزى بىلەن قارىغان ئىنسان شەيتاننىڭ ھىيلە-مىكىرنىڭ قانچە ئاجىز ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيدۇ.

زۇلۇم ياكى زالىم ھەرگىزمۇ مۇھەببەت ۋە تىنىچلىق ھاياتىنى شەكىللەندۈرەلمەيدۇ، چۈنكى ئوت ئۇچقۇن ۋە تۈتۈندىن باشقىنى ئىشلەپ چىقارمايدۇ. زالىم بۇ ھەقىقەتنى ياخشى بىلىدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ تەشۋىقات ۋاستىلىرى زەھەرنى ھەسەل قىلىپ كۆرسىتىدۇ، نەتىجىدە قوربان بولغۇچى خۇددى ئادەم ئەلەيھىسسالام چەكلەنگەن مېۋىنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن تاللاپ يېگەندەك ئۆز قولى بىلەن ھەسەل سىياقىدىكى زەھەرنى تاللاپ يەيدۇ. مانا بۇ تارىخ بويى يۈز بېرىۋاتقان شەيتاننىڭ ئۇسۇلى.

دۇنياۋى تىنىچلىق پەقەت ئىلاھىي نۇرنىڭ نەتىجىسى ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ، چۈنكى ئىلاھىي نۇر مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىگە ياخشىلىق ۋە گۈزەللىكنى چاقنىتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ۋىجدانىغا ھەقىقەت، ئادالەت ۋە ئەركىنلىك چۈشەنچىلىرىنى قۇيىدۇ. پەقەتلا قۇرئان كەرىم ئوت دەرىخىنىڭ مەنبەسىنى ئېچىپ بېرەلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ مەلئۇن مېۋىسىنى يوقىتالايدۇ.

قۇرئان كاتتا ھۆججەت ۋە راستچىل ئېنىق پاكىت بولغانلىقى ئۈچۈن دۇنياۋى تىنىچلىقنى پەيدا قىلالايدۇ:«ئۇلارغا قارىشى قۇرئان ئارقىلىق كۆرەش قىلغىن» (فۇرقان سۈرىسى، 52-ئايەت). قۇرئان كەرىم ئادەتتىكى سۆز ئەمەس، ئۇ ئادەتتىن تاشقىرى ئىلاھى سۆزدۇر. ئۇ  زېمىننىڭ ياكى ئىنساننىڭ نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى كائىناتنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھنىڭ سۆزىدۇر. قۇرئاننىڭ سۆزلىرى ئاسماندىن ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلالىغاندىنمۇ كۈچلۈكرەك غەيبى كۈچ بىلەن نازىل بولغان، چۈنكى بۇ سۆزلەر كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن.

قۇرئاننى ھەقىقى رەۋىشتە ئوقۇيدىغان ئىنسان قۇرئان ئارقىلىق كۆتۈرۈلىدۇ، قۇرئان ئارقىلىق كائىنات بوشلۇقىغا ئۆرلەيدۇ، مانا مۇشۇ يەردە شەكىللىنىدۇ، مۇشۇ يەردىن ئوزۇق ئالىدۇ. قۇرئان بىلەن ئەخلاقلانغان، ۋىجدانىدا قۇرئان كۆرسەتمىلىرىنى ۋۇجۇتقا چىقارغان ۋە مەۋجۇدىيەت ھەرىكەتلىرىدە قۇرئان ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان ئىنسان ئىلاھىي تەقدىرنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانمىدىمۇ؟ ھەقىقى ئىمانىدىن غەلبىگە ئېرىشكەنگە قەدەر غەلىبە مىدالىنى كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان ئاللاھنىڭ ئەسكەرلىرىدىن بىر ئەسكەرگە ئۆزگەرمىدىمۇ؟  ئەگەر سىز قۇرئان بىلەن ئەخلاقلىنىپ، قۇرئاننىڭ مەقسەت-مەزمۇنلىرىنى ۋۇجۇتقا چىقارغان ۋاقتىڭىزدا ئاللاھنىڭ ئەسكىرىگە ئايلىنىسىز. ئىنسان ئاللاھنىڭ دوستىغا ئايلانغاندا ئاللاھنىڭ تارىختىكى تەقدىرىنى ئىجرا قىلىشتىكى ۋاستىسىغا ئايلىنىدۇ. ئاللاھ:«كىم مېنىڭ دوستۇمغا دۈشمەنلىك قىلسا، ئۇنىڭغا ئۇرۇش ئېلان قىلىمەن» دېگەن (بۇخارى رىۋايىتى).

ئەگەر مۇسۇلمانلار قۇرئانغا تولۇق ئەمەل قىلىپ قالسا، قۇرئاننىڭ پاكىتلىرى ئالدىدا شەيتاننىڭ پېلانلىرى ۋە تەشۋىقات سېھرلىرى پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ. قۇرئان ئەركەرلىرىنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق بىرسى تاقابىل تۇرالمايدۇ:«ئەگەر بىز قۇرئاننى بىرەر تاغقا نازىل قىلساق، چوقۇم سەن ئۇنىڭ ئاللاھدىن قورققانلىقتىن باش ئەگكەنلىكىنى، يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرەتتىڭ، بىز بۇ مىساللارنى كىشىلەرگە ئۇلار ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى تەپەككۇر قىلسۇن دەپ بايان قىلىمىز» (ھەشىر سۈرىسى، 21- ئايەت). چۈنكى قۇرئان كەرىم بارلىق مەۋجۇدىيەتنىڭ بايانى ۋە خەرىتىسىنى ئېلىپ كەلگەن.

ئى قۇرئان ئەۋلادى! قولىڭىزدىكى قۇرئان مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاسىسىدىن كۈچلۈك. قۇرئان سۆزلىرى ھەقىقى رەۋىشتە قوبۇل قىلىنسا مۆجىزە پەيدا قىلالايدۇ:«قۇرئان ئارقىلىق كاپىرلارغا قارىشى كۆرەش قىلغىن» (فۇرقان سۈرىسى، 52-ئايەت) دېگەن ئايەت مەدەنىيەت ھۇجۇمى ۋە تەشۋىقات ئازدۇرۇشلىرىغا قۇرئاننىڭ پرىنسىپلىرى، چۈشەنچىلىرى ۋە ھەقىقەتلىرى بىلەن تاقابىل تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ.

مەدەنىيەت ھۇجۇمى ۋە تەشۋىقات ئازدۇرۇشلىرى كۈچلۈكلەرنىڭ ئىرادىسىگە سەزمەستىن باش ئىگىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قۇرئان كەرىم بۇ سېھرنى ئېچىپ تاشلايدۇ. قۇرئاننىڭ ھۆججەتلىرىنى ئۆلچەملىك قوبۇل قىلالىغان ئىنسان قاراڭغۇلۇقتىن نۇرغا چىقالايدۇ. باشقىلار سېھرىنى كۆرسىتەلىدى، مۇسۇلمانلار قولىمىزدىكى ھۆججەتنى كۆرسىتەلمەيۋاتىمىز!.

قۇرئاننىڭ سۆزلىرىنىڭ تولۇق ھەققى بېرىلسە، ھەقىقى ئەركەكلەرنى ياساپ چىقالايدۇ. ئېلاھىي ۋەھىي يەككە ۋە كوللىكتىپ ۋىجدان ياساپ چىقالايدۇ. ئاللاھنىڭ ئالاھىدە مھېمانلىرى دەپ ئاتىلىشقا ئەرزىيدىغان ئەركەكلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ.

قۇرئاننىڭ سۆزلىرى ھازىرقى دەۋرنىڭ رىقابەتلىرىگە قارىشى تۇرۇشتىكى بىردىن بىر قورالدۇر، قۇرئان كەرىم غەيبى كۈچى ئارقىلىق بۈگۈنمۇ پۈتۈن دۇنياغا ئۆزىنىڭ ئېلاھى سۆز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ جەڭ ئېلان قىلماقتا. قۇرئان سۆزلىرى قۇرئان ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلانغان، تەپەككۇر قىلىدىغان ۋە ئىزدىنىدىغان ئىنسان ئۈچۈن خىيالىڭىزغا كەلگەن كۈچ- قۇۋۋەت سەۋەبلىرىنى ياساپ چىقالايدۇ.

قۇرئان كەرىم كائىناتنىڭ سرى ۋە تەقدىر مۆجىزىسى. كاتتا كائىناتنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ ھازىر سىزگە خىتاب قىلماقتا:«بىز ئىنسان قەلبى ۋە نەپسىگە جانلىق تەسىرى بار سۆزنى ساڭا چۈشۈرىمىز»(مۇزەممىل سۈرىسى،5-ئايەت).قۇرئان تەلىماتلىرى ۋە خەزىنىلىرىگە قەلبىڭىزنى ئاچسىڭىز ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان باشقا بىر ئىنسانغا ئايلىنىسىز.

قۇرئان سۆزلىرى تەجرىبىخانا، ھاياتنىڭ ئوزۇقى، يول، پروگىرام ۋە ئىستراتېگىيىلىك پېلاندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرەب كاپىرلىرى دەسلەپتە قۇرئان سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا چۇچۇپ كېتىپ:«كاپىرلار:«بۇ قۇرئانغا قۇلاق سالماڭلار، ئۇنى ئېلىشتۇرۇۋېتىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار غەلىبە قىلارسىلەرمىكىن» (فۇسسىلەت سۈرىسى، 25-ئايەت) دېگەنىدى. بۈگۈنكى دۈشمەنلەر قۇرئانغا قارىتا بۇرۇنقى ئالدامچى تەشۋىقات ئۇسۇللىرى بويىچە مۇئامىلە قىلماقتا.

قۇرئان كەرىم ساڭا:كىشىلەرگە خىتاب قىلىۋىلاي پۇرسەت بەرگىن دېمەكتە، ياكى: خەلقلەرگە قۇرئاننى ئاڭلاش پۇرسىتىنى بەرگىن دەپ خىتاب قىلماقتا. قۇرئاننىڭ سۆزلىرى ھاياتلىقنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇۋېلىشقا كېپىل، چۈنكى ئۇ بۇ كائىناتتىكى ئەڭ كۈچلۈك ھەقىقەتتۇر، ئاللاھنىڭ سۆزىدۇر.

قۇرئان بايرىقىنى كۆتۈرگەن ياشلارغا دېگىنكى، زۇلۇم يوللىرى باش ئىگىدۇ. ئەگەر مۇسۇلمانلار قۇرئان بايرىقىنى كۆتۈرىدىغان بولسا زالىملارنىڭ ئاقىۋىتى ئېنىق مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ:«شۈبھىسىزكى، كاپىرلار مال-مۈلۈكلىرىنى(باشقىلارنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ، سەرپ قىلىنغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ مال-  مۈلۈكلىرى ئۇلارغا ھەسرەت ئېلىپ كېلىدۇ، ئاخىر ئۇلار يېڭىلىدۇ. كاپىرلار جەھەننەمگىلا ھەيدەپ كىرگۈزۈلىدۇ» (ئال ئىمران سۈرىسى، 36-ئايەت).

ئەمدىكى مەسىلە مەن بىلەن سىزنىڭ ئارىڭىزدا قالدى. قۇرئاننى چىڭ تۇتۇپ ماڭدۇقمۇ؟ قۇرئان پرىنسىپلىرى ۋە يوليورۇقلىرىغا رېئايە قىلدۇقمۇ؟ شەيتان ۋە شەيتاننىڭ ۋاستىلىرىدىن ئۆزىمىزنى ئازات قىلدۇقمۇ؟ قۇرئان چۈشەنچىلىرى ۋە كۆرسەتمىلىرى بىلەن ئەمەل قىلىشقا سىز بىلەن مەن قەسەم قىلىشتۇقمۇ؟ ياكى ھازىرغىچە باشقىلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە تەشۋىقات ھۇجۇمى ئاستىدا ئىڭراپ ياتامدۇق؟

قۇرئان كەرىم تەپەككۇر قىلىدىغان، ئىزدىنىدىغان ۋە تەتقىق قىلىدىغان سادىق سەمىمىي مۆمىنلەرگە زىياپەت دەرۋازىسىنى ئېچىۋېتىدۇ. مانا بۇ قولىڭىزدىكى قۇرئان ئىنساننى بۇتنىڭ ئۈشكەللىرىدىن ۋە شەيتاننىڭ چۈشەنچىلىرىدىن ئازات قىلىشتىكى مەكتەپتۇر.

ئى مۇسۇلمان! ئاشۇرلار ئاللاھنىڭ سىزگە قىلغان نىداسى، ئاشۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سىزگە سوزۇۋاتقان قولى، ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ، قاچانغىچە قولىڭىزنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا سوزمايسىز؟

ئابدۇراھمان جامال ئەزھەرىي

مىسىر، قاھىرە شەھىرى

2016.3.25 كۈنى