2024-يىل 17-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

كىتاب ئوقۇش مەدەنىيەت يولى

كىتاب ئوقۇش مەدەنىيەت يولى

ئوقۇش روھنىڭ غىزاسى، ئەقىلنىڭ ھاۋاسى. ئىسلام ھەزارىتىنى تىكلەش بىلىم مەرىپەت ئىگىلەش ۋە ئوقۇش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ، مەرىپەت ھەزارەت قۇرۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمى ھېسابلىنىدۇ.

بارلىققا كەلگەن ھەزارەتلەرنىڭ ھەممىسى بىلىم-مەرىپەت ۋە ئوقۇش ئارقىلىق ھاسىل بولغان، ۋەيران بولغان ھەزارەتلەرنىڭ ھەممىسى بىلىم- مەرىپەت ۋە ئوقۇشنى تاشلاپ ئويۇن-تاماشىغا بېرىلگەنلىكتىن بولغان.

مانا ياپۇنىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا پۈتۈن ۋەيران بولغاندا مەسئۇللاردىن بىرى كىشىلەرنى توپلاپ، ۋەيران بولغان كېرەكسىز تۆمۈرنىڭ ئۈستىگە چىقىپ تۇرۇپ «ئوقۇڭلار» دېگەن بىر ئېغىز سۆزنى قىلغان ئىكەن. ياپۇنىيە ئوقۇپ ھەزارەت ياراتتى.

پايدىلىق كىتاب ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزگەن ھايات مەرىپەت مېۋىلىرىنى ئۈگىلى بولىدىغان ئەڭ ئەۋزەل ۋاقىت. ئۇلۇغ ئىنسانلار ۋە مۇتەپەككۇرلار كىتاب ئوقۇشتىن ۋاز كېچەلمەيدۇ.

ئىلىم-پەننىڭ غايىسى ھەقىقەتنى ئېچىپ بېرىش ۋە ھاياتتا ئىنسانغا خىزمەت قىلىش. دىننىڭ مەقسىتى ئىنساننى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختلىك قىلىش.

دىن ھەقىقەتنى بىلىشنىڭ يولى، بىلىم- مەرىپەتمۇ ھەقىقەتنى بىلىشنىڭ يولى. دېمەك، دىن بىلەن ئىلىم-پەن ھەقىقەتنىڭ ئىككى يۈزى. دىن مەرىپەتنى ۋەھىي يولى ئارقىلىق بېرىدۇ. بىلىم مەرىپەت ئىزدىنىش، مۇلاھىزە ۋە تەجرىبە قىلىش ئالىدۇ. ئىسلام دىنى ئىلىم- پەنگە چاقىرىدۇ، ئىلىم-پەن ئىسلام دەۋىتىنى قوللايدۇ. (قۇرئان كىرىم بىلىم- مەرىپەتنىڭ ئاچقۇچى)دېگەن ماقالىگە قاراڭ.

(1)

ئۈنۈملۈك ئوقۇش

ئوقۇش، ئۆگىنىش، بىلىمگە ئىشتىياق باغلاش ۋە مەرىپەتكە ئامراق بولۇش، كۆپ ماتېرىيال كۆرۈش ۋە كىتابتىن ئايرىلماسلىق مۇسۇلمانلار دۈچ كېلىۋاتقان ھەزارەت كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىر چارىسى.

بۈگۈن ئارقىدا قالغان دەپ سۈپەتلەنگەن مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ساغلام مەرىپەت قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولالماسلىقتا ئورتاق، شۇنداقلا ئەزالىرى ئارىسىدا كىتابقا قارىتا بىر خىل سوغۇقلۇق بار ۋە بىلىم ئېلىش ئۇسۇلىدا ئەيىب-نۇقسان مەۋجۇت.

مەدەنىيەت قامۇسىدا بىرىنچى قېتىم چۈشكەن ئايەت«ئوقۇ، ئۆگەن»دەپ چۈشكەن بىر ئۈممەتنىڭ ئوقۇشنى تەرغىپ قىلىدىغان ۋە مەۋجۇتلۇقىنى قايتۇرۇپ كېلىشتە ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئېچىپ بېرىدىغان ئادەمگە مۇھتاج بولىشى ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش!.

(2)

ئۆمۈر بويى ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش لازىم

1.ئاللاھ ئىنساننى ئىزدىنىش، كەشىپ قىلىش ۋە مەرىپەتكە تويۇپ قالماستىن تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئاشۇرۇشقا ئامراق قىلىپ ياراتتى. بىلىم- مەرىپەتنىڭ ئۆزىمۇ ئىنساننى تېخىمۇ كۆپلەپ ئۆگىنىشكە چاقىرىدۇ، چۈنكى ئىنساننىڭ مەرىپىتى ئاشقانسېرى بىلمەيدىغان دائىرىسى كېڭىيىپ بارىدۇ. ئىنساننىڭ ئىلمىي جەھەتتىن تەرەققى قىلىشى ئىنساننىڭ مەرىپەتكە قارىتا قاتتىق ئېھتىياجىنى ئاشۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىدۇ، چۈنكى مەرىپەت بۇلاقلىرىغا چۆكۈش يېڭى مەيدان ۋە ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ بېرىدۇ، ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېڭى تۇيغۇلارنى شەكىللەندۈرىدۇ.

2.مەدەنىيەت قىممەت قارىشى ۋە ھۆرمەت ئىززىتىنى ساقلىماقچى بولغان زىيالىينىڭ دائىم مەرىپىتىنى ئاشۇرۇپ تۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. زىيالىي قاچانىكى ئەمدى بولدى، ئۆگەنگىنىم يېتىپ ئاشىدۇ، دەپ قارىغان زامان ئارقىغا چېكىنىشكە ۋە چۈشكۈنلىشىشكە قەدەم باسقان بولىدۇ. بىرەر ساھەدە مۇتەخسسىس بولغان بولسا ئىلمىي ئويغىنىش دولقۇنلىرى قىرغاققا ئېتىۋېتىدۇ، نەتىجىدە مەيداندىن چىقىپ كېتىپ قالىدۇ. دېمەك، مەرىپەتنىڭ كېڭىيىشى بىلەن بىلمەيدىغان دائىرە كېڭىيىپ بارىدۇ.

بۇرۇنقى زامانلاردا بىلىم-مەرىپەت ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامداشقا كۈچلۈك تۇيغۇ يوق ئىدى، لېكىن بۈگۈن شارائىت ئۆزگەردى، بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ساۋاتسىز ۋە ئوتتۇرىھال سەۋىيىلىك كىشىلەر خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماسلىق سەۋەبىدىن تۇرمۇش يولى ئاجىزلاپ كېتىدۇ. بىلىم-مەرىپەت سەۋىيىسىنى دائىم ئاشۇرۇپ تۇرمايدىغان مىللەت پەرزەنتلىرى ھەر قانداق سەۋىيىدە باشقا مىللەتلەر ئالدىدا باش بولالماي تەۋە خىزمەت قىلىدىغان ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ.

3.ھەزارەت ساۋاتسىزلىقى مۇسۇلمانلارغا بىز تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ كۆپ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇردى. ئىسلامنى تەرەققى قىلغان ھەزارەت قۇرۇلمىسى ساھەسىدە چۈشىنىشتىمۇ قىيىنچىلىق كۆرۈلمەكتە. بىلىم-مەرىپەت تەجرىبىسى ۋە يېتەكچى ھەزارەت ئېڭى بولمىسا ئىسلامنىڭ ھەزارەت قۇرۇلمىسى تولۇق نامايان بولمايدۇ. دېمەك، بىز دۈچ كېلىۋاتقان ئارقىدا قېلىش كېسىلى ئىسلام مېتودىنى ئۆز ھالىتىدە كۆرۈشكىمۇ توسالغۇ بولماقتا.

4.ئىنساننىڭ سەۋىيىسى ئاز، مەرىپەت مەنبەلىرى چەكلىك بولسا، تەسەۋۋۇر قىلىش دائىرىسىمۇ تار بولىدۇ، كۆز قاراشلىرىدا ۋە نەمۇنە قىلغان كىشىلىرىدە يەرلىك مۇھىتقا باغلاپ قويىدۇ. كەڭرى دائىرىدە ئوقۇش، كۆپ ماتېرىيال كۆرۈش سېلىشتۇرۇش ۋە كۆرۈش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشى ئارقىلىق ئاڭ سەۋىيىسىنى ئاشۇرىدۇ.

ئوقۇش ئۈچۈن

«ئوقۇش» مەرىپەتنى قولغا كەلتۈرۈش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىمى بولسا، مەرىپەتنى قولغا كەلتۈرۈش ھەزارەت جەھەتتە تەرەققى قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرتلىرىنىڭ بىرى. شۇڭا بىز  شەخسى ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىمىزدا ئوقۇشنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن بارلىق كۈچىمىزنى چىقىرىشىمىز لازىم، چۈنكى بۇ تەقدىرىمىزنى بەلگىلەيدىغان مەسىلە. مۇسۇلمانغا ۋە  مۇسۇلماننىڭ غايىسىگە لايىق مۇھتەرەم ھايات كەچۈرۈشنى خالايدىغان بولساق ئىستىلىمىز، ئادىتىمىز ۋە نىشانىمىزنى يېڭىلاپ تۇرۇشىمىز لازىم، بۇنىڭدىن باشقا چارە يوق.

ھەر قانداق ئىشنىڭ باشلىنىشى تەس بولىدۇ، يولنىڭ ئەڭ جاپالىق باسقۇچى دەسلەپكى باسقۇچ. شۇنى بىلىش كېرەك، ياخشى تەربىيىنىڭ باشلىنىشى دائىم ئائىلىدە باشلىنىدۇ. ئېتىقاد، ئەخلاق، ئانا تىل، ۋىجدان، ئىززەت-شەرەپ ۋە ئۇلۇغ ئاتىلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ مېڭىش تەربىيىسىنى پەقەت ئائىلە تەربىيىسى بېرەلەيدۇ. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرى ئۈچۈن تەبىئي مۇئەللىملەر سانىلىدۇ. ئاندىن كېيىن مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ ۋەزىپىسى باشلىنىدۇ.

ئائىلە تەربىيىسى بولۇپمۇ ئانىنىڭ تەربىيىسىنى كۆرمىگەن پەرزەنتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەقىدىسى، ئەخلاقى، مەدەنىيىتى، يۇرتى ۋە خەلقىگە ۋاپاسىز كېلىدۇ. چۈنكى ئايال كىشى ياخشى تەربىيلەنسە ئۆزى يالغۇز بىر مەكتەپ سانىلىدۇ. ئايال كىشى ئېتىقادلىق، ئەخلاقلىق ۋە مەرىپەتلىك تەربىيلەنسە، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئاساسىي بولغان مەھمۇد قەشقىرىدەك ۋە ئابدۇخالىق ئۇيغۇردەك ئەركەكلەر يېتىشىپ چىقىدۇ.

ئابدۇراھمان  جامال  كاشىغەرى

2014- 7- 3 كۈنى

قاھىرە شەھىرى، مىسىر.