مۇتەپەككۇر ئالىم دوكتۇر تاھا جابىر ئۇلۋانىي
د.تاھا جابىر ئۇلۋانى ئەسلى يۇرتى ئىراقلىق، ئوقۇشى ۋە خاراكتېرى ئەزھەرىي. ئۇنىڭدا ئىراقلىقلارنىڭ كەسكىنلىكى، ئەزھەرىيلەرنىڭ ئىلمىي ئىللىق پۇرىقى ۋە ئامېرىكىلىقلارنىڭ سىرتقا قارىتا ئېچىلىش مىجەزى تېپىلىدۇ. د.تاھا ئۇلۋانى ھېچقانداق بىرەر ھەرىكەت ياكى سىياسى تەشكىلاتقا ئەزا بولماسلىقنى دەسلەپتىلا قارار قىلغان. ئىسلام ئۈممىتىگە ئەزا بولۇپلا ياشىغان، شۇڭا ئىسلام ئېقىملىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىلمىي تەنقىد قاراشلىرىنى ئىپادىلىگەن. د.تاھا ئۇلۋانى تەپەككۇر قىلىشقا، ئىللەت-سەۋەبىنى تېپىپ چىقىشقا ۋە تولۇق قانائەتلىنىشكە ئادەتلەنگەن مۇتەپەككۇر ئىدى. ئادالەتنى مۇقەددەس بىلىدىغان، ئەركىنلىكنى ئۇلۇغلايدىغان ۋە ئىنساننىڭ ھۆرمىتىنى قىلىدىغان ئالىم ئىدى.
د. تاھا جابىر ئۇلۋانى 1935- يىلى ئىراقتا تۇغۇلۇپ، 2016- يىلى ۋاپات بولغان. 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى ئىراقنىڭ ئالىملىرىدا تولۇق ئوتتۇرا سەۋىيسىگىچە بىلىم تەھسىل قىلغان، 1969-يىلى ئىراقتا كومۇنىزم تۈزۈمىگە قارىشى تۇرغانلىقتىن ئىراقتىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئىراقتىكى ۋاقتىدىلا فەقىھ، پائالىيەتچى ۋە ئۈمىدۋار شەخسى ئىدى. ئاندىن كېيىن ئوقۇش ھاياتىنى ئەزھەردە داۋاملاشتۇرۇپ، دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان. ئەزھەردە دوكتۇرلۇقنى ئالغاندىن كېيىن رىياد شەھىرىدىكى ئىمام سەئۇد ئۇنۋېرسىتېتىدا 10 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئاندىن بىر بۆلەك ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكىدىكى «ئىسلام پىكرى ئىنستىتۇتى»دا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كۆچۈپ بارغان. ئىسلام پىكرى ئىنستىتۇتىنى قۇرۇشقا قاتناشقان ۋە 1988-يىلدىن تارتىپ 1996-يىلغىچە ئىنستىتۇتقا رەئىس بولۇپ خىزمەت قىلغان.
1977-يىلى ئىسلام دۇنياسىنىڭ تۈرلۈك جايلىرىدىن كەلگەن 30 ئالىم «ئىسلام پىكرى ئىنستىتۇتى»نى ئامېرىكىدا قۇرۇپ چىقىشنى قارار قىلغان. شۇ زاماندىن تارتىپ «ئىسلام پىكرى ئىنستىتۇتى» ئىسلام دۇنياسىدىكى تارماقلىرى ئارقىلىق ئىدىيە ۋە بىلىم-مەرىپەتنى ئىسلاھ قىلىش، شۇنداقلا غەرب ئىدىيىسىگە ئىسلام ئەقلى بىلەن تاقابىل تۇرۇش ساھەسىدە خىزمەت ئېلىپ بارغان. د.تاھا ئۇلۋانىدىكى فىقھى ۋە قانۇنشۇناسلىق ئەقلى مەزكۇر ئىنستىتۇتتىكى ھەر قايسى ئالىملارنىڭ ئىجادىيەتلىرى بىلەن ماسلاشقان.
1988-يىلى د.تاھا ئۇلۋانىڭ ئىجادىيەتلىرىدىكى ئالاھىدە باسقۇچ باشلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا د.تاھا ئۇلۋانى خىزمەتدىشى مۇتەپەككۇر د.ئابدۇلھەمىد سۇلايماننى مالىزىيادىكى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئىدارە قىلىش ئىشلىرىغا مەخسۇس ئاجرىتىپ، ئۆزى «ئىسلام پىكرى ئىنستىتۇتى»نى يېتەكلەشكە پۈتۈن كۈچىنى ئاجرىتىدۇ. 1996-يىلى رەئىسلىك خىزمىتى ئاخىرلاشقاندا ئامېرىكىدا «ئىسلام تەتقىقاتى ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتى»(SISS) نى قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ ئۇنىۋېرسىتېت كېيىن «قۇرتۇبە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى» دېگەن نامغا ئۆزگەرگەن.
د.تاھا ئۇلۋانى كۆپلىگەن ئىلمىي ۋە پىكرى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان، بىر قانچىلىغان چوڭ ئىلمىي تەتقىقات ئورگانلىرىغا ئەزا بولغان. مەككە شەھىرىدىكى «دۇنيا ئىسلام تەشكىلاتى»نى قۇرۇشقا قاتناشقان، جىددە شەھىرىدىكى «خەلقئارالىق ئىسلام پىقھى تەتقىقات بىرلەشمىسى»گە ئەزا بولۇپ سايلانغان، ئىئوردانىيەدىكى «ئىسلام مەدەنىيەت تەتقىقاتى بىرلەشمىسى»گە ئەزا بولغان، شىمالى ئامېرىكىدىكى «ئىسلام پىقھى مەجلىسى»نى قۇرۇپ چىققان، «ئىسلام مەرىپەت ژۇرنىلى»نىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ خىزمەت قىلغان، ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە شىتاتىدا «ئىسلام تەتقىقاتى ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتى»نى قۇرۇپ چىقىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكىنىڭ بىر قانچە ئۇنۋېرسىتېتلىرىدىكى ئىسلام تەتقىقات پروگراممىلىرىدا ئۇستازلىق ۋەزىپىسىنى ئېلىپ بارغان.
د.تاھا ئۇلۋانى ئۆزىنى بىلىم-مەرىپەت ساھەسىدە ئوقۇغۇچى دەپ تونۇشتۇراتتى، بىلىم-مەرىپەت ۋە ئىدىيە ساھەسىدە بىر كەسىپتە توختاپ قالمىغان، پەيتى كېلىپ قالسا بىلىم-مەرىپىتىنى ئاشۇرۇشقا ھېرىسمەن ئالىم ئىدى. كۆز-قاراشلىرىنى دائىم تەرەققى قىلدۇرۇپ تۇراتتى ۋە قۇرئان-سۈننەتنى مەنبە قىلىپ تۇرۇپ كۆز- قاراشلىرىغا قايتا-قايتا قاراپ چىقاتتى.
ئىلمىي ئىجادىيەتلىرى «ئۇسۇلى فىقھى» (ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى)كەسپىدىن ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار مەسىلىسى، دىنلار سېلىشتۇرمىسى، سۈننەت تەتقىقاتى، ھازىرقى زامان ئىسلام ئىدىيەسى ساھەلىرىدە ئايلانغان. ئاخىرقى يىللىرى نۇقتىلىق قىلىپ قۇرئان تەتقىقاتىغا مەركەزلەشتۈرگەن. دوكتۇرنىڭ قۇرئان تەتقىقاتى ھەققىدە بېسىلىش ئالدىدا تۇرغان 8 دانە كىتاۋى بار.
د.تاھا ئۇلۋانىي «ئىسلام پىكرى ئىنستىتۇتى»غا يېتەكچىلىك قىلىش جەريانىدا «ئىسلامدىكى خەلقئارا ئالاقە پىلانى» ۋە «ئىسلامنىڭ دۇنيا كۆز-قارىشى» ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات گۇرۇپىسى شەكىللەندۈرگەن.
د.تاھا ئۇلۋانى تەنقىدىي خاراكتېرىدىكى كۆز-قاراشلىرىنى ئاشكارا ئوتتۇرا قويۇشتا ۋە قايتا ئىزدىنىشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ئىجتىھاد قىلىشتا جۈرئەتلىك ئىدى. ئېنىق ھەقىقەت دەپ قارىغان قاراشلىرىنى كىشىلەرنىڭ تەنقىدلىرىدىن قورقماي بايان قىلاتتى. د.تاھا ئۇلۋانىنىڭ جۈرئەتلىك قاراشلىرىدىكى ئاساسلىق سەۋەب قۇرئاننىڭ ئالى مەنبە ئىكەنلىكىدە ئىدى. ئۇنىڭ نەزىرىدە قۇرئان كەرىم ھىدايەتنىڭ مەنبەسىلا بولۇپ قالماستىن ھۆكۈم، پىكىر ۋە بىلىم-مەرىپەتلەرنى يارىتىپ بېرىدىغان مەنبە ئىدى. ئىسلام مىراسىي دۈچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى قۇرئان كەرىمنى تەپەككۇر قىلىش ۋە ئىزدىنىش ئاساسىدا ھەل بولىدۇ، دەپ قارايتتى.
بىر بۆلەك ئەھلى ئىلىم دەپ قارالغانلارنىڭ د.تاھا ئۇلۋانىنىڭ ئىجتىھاد قىلىشقا تەۋە مەسىلىلەردە يازغان كىتاب-ماقاللىرىغا ئىلمىي قاراپ چىقماي، باشقىلاردىن نەقىل قىلىپ ئىنكاس قىلىشلىرىدىن دەرد-ئەلەم ھېس قىلاتتى.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي
2016.04.08 كۈنى
مىسىر، قاھىرە شەھىرى