2024-يىل 26-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

قۇرئان كەرىمنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى

قۇرئانغا توغرا مۇئامىلە قىلىش ئاساسلىرى

 

بىز مۇسۇلمانلار ئاللاھ ئىنسانىيەتكە رەھمەت قىلىپ نازىل قىلىپ بەرگەن ۋە بۇرمىلىنىش ياكى ئۆزگىرىشتىن ھىمايە قىلىپ ساقلىغان ئىلاھىي ۋەھىيگە ئىگە. دۇنيادا قۇرئان كەرىمدەك ھىمايە قىلىنغان بىرەر كىتاب مەۋجۇت ئەمەس. بۇ كىتابنىڭ ئايەتلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغاندەك تىلاۋەت قىلىنىدۇ، ئاڭلىنىدۇ، يادىلىنىدۇ ۋە ئىزاھلىنىدۇ. ئاللاھ قۇرئاننى ئاسان قىلىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن مىليونلىغان ئىنسانلار يادلىيالايدۇ.ئاللاھ بۇ قۇرئان كەرىمنى ئىنسانىيەتنى ئەڭ توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن نازىل قىلغان. قۇرئان كەرىم نۇر بولۇپ، ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى ئىنساندىكى تەبىئىي خاراكتېر ۋە ئەقىل نۇرىنىڭ يېنىغا باشلايدۇ.

قۇرئان كەرىم ئىلاھى كىتاب بولۇپ مۆجىزە، ئاسان، روشەن ۋە قوغدالغان كىتابتۇر، دىننىڭ كىتابىدۇر ۋە بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ كىتابىدۇر. قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلاھ، پەيغەمبەرلىك ۋە مۇكاپات ياكى جازا مەسىلىسىدە ئەقىدە ۋە تەسەۋۋۇرلارنى ئىسلاھ قىلىش، شۇنداقلا ئىنسان، ئىنساننىڭ ھۆرمىتى ۋە ھوقۇقى توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرلارنى تۈزىتىشتە نىشان-مەقسەتلىرى بار. قۇرئاننىڭ ئىنسان نەپسىنى پاكلاش، ياخشى ئائىلە ۋە ياخشى جەمئىيەت شەكىللەندۈرۈش، شۇنداقلا ئىنسانپەرۋەرلىككە ئىگە پرىنسىپلارغا دەۋەت قىلىشتەك مەقسەتلىرى بار.

شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئاننىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ۋە مەقسەتلىرىنى تونۇش، ياخشى چۈشىنىش، توغرا مۇلاھىزە قىلىش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئاساسىدا ئوقۇش لازىم. ھەر بىر ئايەتتىكى قۇرئاننىڭ مەقسەت ۋە ھىدايەتلىرىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

ئەپسۇسكى بۈگۈنكى كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلار قۇرئاننى تاشلاندۇق قىلىپ قويدى، ئەقلى ۋە قەلبى بىلەن تىلاۋەت قىلمىدى، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن يوليورۇقلىرىنى ئىزدەنمىدى. بىلىش ۋە ئۆگىنىش ئۈچۈن ئوقۇماي پەقەتلا ئوقۇش ئۈچۈن ئوقۇدى. ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ئوقۇماي،بەرىكەت ئۈچۈن ئوقۇدى. شۇڭا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قۇرئان كەرىمگە قانداق مۇئامىلە قىلىش ئاساسلىرىنى بىلىش ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرز.

 

قۇرئان كەرىمنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى

1.قۇرئان كەرىم ئىلاھى كىتاب:

قۇرئان كەرىم ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر. بۇ كىتاب سۆز ۋە مەزمۇن جەھەتتىن پەرىشتە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئويغاق ۋاقتىدا ئاللاھ تەرەپتىن نازىل قىلىنغان:«قۇرئاننى بىز ھەقىقەت ئاساسىدا نازىل قىلدۇق، قۇرئانمۇ ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا نازىل بولدى، سېنى بىز پەقەت خۇشخەۋەر بەرگۈچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق» (ئىسرا، 105-ئايەت).

قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ كالامىدۇر. بۇ كىتاب بىرەر ئالىمنىڭ ياكى بىرەر مەزھەپنىڭ كىتابى ئەمەس. كائىناتنى ياراتقۇچىسى، پۈتۈن ئالەمنىڭ رىزقىنى بەرگۈچى، مەۋجۇدىيەتنىڭ پۈتۈن ئىشلىرىنى تەدبىر قىلغۇچى زاتنىڭ كالامىدۇر. سىزنى ياراتقان، سىزگە رىزىق بېرىۋاتقان، سىزنى مۇئەييەن نىشان ئۈچۈن ياراتقان ۋە سىزگە توغرا بىلەن خاتانى، بەخت يولى بىلەن ئازغۇنلۇق يولىنى ئايرىپ بېرىدىغان زاتنىڭ كىتابى ئوقۇشقا، مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشكە، ئىزدىنىشكە ۋە تەتقىق قىلىشقا ئەرزىمەمدۇ؟!.

قۇرئان كەرىم ئەقىل ۋە قەلبلەرنى تىرىلدۈرىدىغان روھ، شۇنداقلا كىشىلەر ۋە خەلقلەرنىڭ ھاياتىنى ئىنتىزامغا سالىدىغان ئىلاھى دەستۇر. ئاللاھ بۇ كىتابنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىۋاتقان، سوئاللارغا جاۋاب بېرىۋاتقان ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ قەلبىنى مۇستەھكەم قىلىۋاتقان پەيتنىڭ ئۆزىدە قەلبتە ئورناپ كېتىشى، ئەقىلگە بەكرەك تەسىر قىلىشى ئۈچۈن ھادىسە ۋە ئەھۋاللارغا قارىتا پارچە-پارچە چۈشۈرگەن.

قۇرئان كەرىم ھۆججەت، رەھمەت، ھىدايەت، بىشارەت، ئەسلەتمە، ھەقىقەت، شىپا، ئۇلۇغ، مۇبارەك، روشەن…دېگەندەك سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىپ، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

 

2.قوغدالغان كىتاب:

قۇرئان كەرىم قوغدالغان كىتابتۇر، قۇرئاننى قوغداشقا ئاللاھ بىۋاستە ئۆزى ئىگە بولغان، ئۇنى خۇددى ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلارغا ئوخشاش ھىمايە قىلىشنى بىرەرسىگە تاپشۇرمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان تەۋرات ياكى ئىنجىلغا ئوخشاش بۇرمىلىنىش، ئۆزگەرتىش ياكى ئالماشتۇرۇش ھادىسىگە ئۇچرىمىغان. ئاللاھ قۇرئاننى ئۆزى قوغداشقا ۋەدە قىلىپ مۇنداق دېگەن:«قۇرئاننى بىز نازىل قىلدۇق، چوقۇم ئۇنى بىز قوغدايمىز»(ھىجىر سۈرىسى،9-ئايەت).

قۇرئان كەرىم ئىنسان قولى تېگىپ باقمىغان بىردىن بىر ساماۋى مۆجىزە كىتاب. ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلارنىڭ ھەممىسى بۇرمىلىنىش ۋە ئۆزگەرتىشكە ئۇچراپ كەتكەن. قۇرئاننى قوغداشقا ئاللاھ كېپىل بولغان، قۇرئان ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئاساسەن مۇسۇلمانلارنىڭ يۈرەكلىرىدە ساقلىنىپ كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئاننى بۇرمىلاش ياكى ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ھەممىسى مەغلۇب بولغان.

قۇرئاننىڭ نازىل بولغىنىغا 1400 يىلدىن ئاشتى، قۇرئان ئاللاھ چۈشۈرگەن، رەسۇلۇللاھ يەتكۈزگەن ۋە ساھابىلەر قوبۇل قىلغاندەك ئۆز پىتى ساقلانماقتا. مۇسۇلمانلار قۇرئاننى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد قەلبلىرىدە يادلاپ، تىللىرىدا ئوقۇپ، قەغەز ئارقىلىق يېزىپ داۋاملاشتۇرماقتا.

 

3.مۆجىزە كىتاب:

قۇرئان كەرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەقلى مۆجىزىسى.قۇرئان كەرىم ئۆزىنىڭ ئىلاھى مۆجىزە كىتاب ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن پۈتۈن ئىنسانىيەتكە-ئىشەنمەي قالسا شۇنداق كىتابتىن بىرنى كەلتۈرۈشتە-جەڭ ئېلان قىلغان. تاقابىل تۇرۇشقا توسالغۇ بولىدىغان ئامىل بولمىسىمۇ، ئىنسانلار قۇرئاننىڭ جەڭ ئېلان قىلىش چاقىرىقىغا تاقابىل تۇرالمىغان، بەزىلەر ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ، نەتىجە قازىنالمىغان. قۇرئان كەرىم ئىنسانلارنىڭ قۇرئاننىڭ جەڭ ئېلان قىلىش چاقىرىقىغا تاقابىل تۇرالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن:«بەندىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بىز نازىل قىلغان قۇرئاندىن شەكلەنسەڭلار، قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر سۈرىنى مەيدانغا چىقىرىپ بېقىڭلار (قۇرئانغا تاقابىل تۇرۇشتا ئاللاھدىن باشقا ياردەمچىڭلارنىڭ ھەممىسىنى ياردەمگە چاقىرىڭلار، قۇرئان ئىنساننىڭ سۆزى دېگەن گېپىڭلاردا راستچىل بولساڭلار. ئەگەر مۇنداق قىلالمىساڭلار-ھەرگىزغۇ قىلالمايسىلەر-كاپىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان، ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولغان دوزاختىن ساقلىنىڭلار»(بەقەر، 23-24-ئايەتلەر).

يەنە:«ئېيتقىنكى، ئەگەر ئىنسانلار، جىنلار بۇ قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يىغىلىپ بىر-بىرىگە ياردەملەشكەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدۇ»دېگەن (ئىسرا سۈرىسى، 88-ئايەت).

بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجىزىسى ماددىي مۆجىزە بولۇپ، شۇ زامان ۋە شۇ ماكاندىكى ئىنسانلاردىن باشقىسى كۆرەلمەيدىغان ئىدى. كۆرگەنلەردىن باشقىلارغا ھۆججەت بولالمايتتى. بۇ ماددىي مۆجىزىلەر كۆزلەرنى ھەيرانغا سالىدىغان بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئۆسمۈرلۈك باسقۇچىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ ئەقلى پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن مۆجىزە ئەقلى مۆجىزە بولۇپ چۈشكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلارنىڭ ھېچبىرى مۆجىزە كىتاب ئەمەس ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كىتابلار ئۆزگەرتىشكە ئۇچراپ كەتكەن.

قۇرئان كەرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەنىۋى، ئەقلى مۆجىزىسى بولۇپ، قىيامەت كۈنىگىچە كۆرۈشنى خالىغان ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئەقلى ئىزدىنىش ئارقىلىق كۆرەلەيدىغان مۆجىزىدۇر. چۈنكى بۇ كىتاب ئەقىلگە ۋە قەلبكە خىتاب قىلىدۇ، كۆزنى بىلىم-مەرىپىتى ۋە ھېكمىتى ئارقىلىق نۇرلاندۇرىدۇ.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسى خەلقئارالىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇنى قىيامەت كۈنگىچە يوقىلىپ كەتمەيدىغان، ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندىكى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئەقلىگە خىتاب قىلىپ تۇرىدىغان ۋە قارىشى تۇرغۇچىلارغا جەڭ ئېلان قىلىپ تۇرىدىغان ھۆججەت سۈپتىدە داۋاملىشىشى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك مۆجىزە قىلغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ چوڭ مۆجىزىسى قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت ئەقلى مۆجىزىدۇر. ئىلاھى كىتابلارنىڭ ئىچىدە بىردىن بىر مۆجىزە كىتاب قۇرئاندۇر. قۇرئان كەرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى، ئىسلام دىنىنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكى ۋە ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ كالامى ئىكەنلىكىگە پاكىتتۇر، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ھىدايەت ۋە رەھمەتتۇر. مۆجىزە ۋە پاكىت جەھەتتە ئەقلى بار كىشىلەر ئۈچۈن قۇرئان كەرىم كۇپايىدۇر:«ئۇلار«نېمىشقا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارىدىن مۆجىزىلەر نازىل قىلىنمايدۇ»دېدى. ئېيتقىنكى«مۆجىزىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر (مېنىڭ قولۇمدا ئەمەستۇر)، مەن پەقەت بىر ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن. بىزنىڭ ساڭا ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىنىپ تۇرىدىغان كىتابنى نازىل قىلغانلىقىمىز ئۇلارغا  مۆجىزە بولۇشقا كۇپايە قىلمىدىمۇ؟ بۇ كىتابتا ئىمان ئېيتقان قوۋم ئۈچۈن شەك-شۇبھىسىز رەھمەت ۋە ۋەز-نەسىھەت بار» (ئەنكەبۇت، 50-51-ئايەتلەر).

 

  1. بۇ ئاسان روشەن كىتاب:

قۇرئان كەرىم چۈشىنىش، ئوقۇش، يادلاش ۋە مۇلاھىزە قىلىش ئاسان كىتابتۇر. قۇرئان ئىنسانلارنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن كەلگەن كىتاب بولغاچقا، ئىنساننىڭ ئەقلى، قەلبى، ھېس-تۇيغۇسى ۋە ۋىجدانىغا خىتاب قىلىدىغان ئاللاھنىڭ كالامىدۇر. بۇ كىتاب ئەقىلنى يورۇتىدۇ، قەلبىنى تىترىتىدۇ، ۋىجداننى خۇرسەن قىلىدۇ، ئىرادىنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ ۋە ئىش-ھەرىكەتكە ئىتتىرىدۇ.

قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇسلۇبى ئىنسان تېگىگە يېتىپ بولالمىغۇدەك دەرىجىدە ئىلغار، مەنىسى چوڭقۇر، بايان قىلىشى ئېسىل بولسىمۇ ئەقىل يۈرگۈزۈش، چۈشىنىش ۋە ئىزدىنىش ئۈچۈن تاڭ نۇرىدەك يورۇق ۋە ئاساندۇر:«بىز قۇرئاننى ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ»(قەمەر سۈرىسى، 17-ئايەت). «بۇ ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى تەپەككۇر قىلىشلىرى ۋە ئىزدىنىشلىرى ئۈچۈن، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز-نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر»(ساد سۈرىسى، 29-ئايەت). كىشىلەرنىڭ قۇرئاننى چۈشىنىش ۋە يەكۈن ئېلىش سەۋىيىسى ئوخشىمىغانلىقى ئۈچۈن، ھەر بىر كىشى سەۋىيىسىگە قارىتا چۈشەنچە ئالىدۇ.

 

5.دىننىڭ دەستۇرى:

قۇرئان كەرىم دىننىڭ كىتابى، ئىسلامنىڭ روھى. ئەقىدە، ئىبادەت، ئەخلاق، شەرىئەت ۋە ھۆكۈملەرنىڭ ئاساسلىرى ئۇنىڭدىن ئېلىنىدۇ.

كىم ئىسلام ئەقىدىسىنى ئەقىل ۋە قەلبگە خىتاب قىلغان ھالىتىدە ساپ-سۈزۈك بىلمەكچى بولسا، قۇرئاندىن ئۆگەنسۇن. قۇرئان ئىسلام ئەقىدىسىنى ھەممە ئادەم چۈشىنەلىگۈدەك دەرىجىدە دەلىل-پاكىتلار بىلەن ساپ-سۈزۈك، ئاسان ۋە روشەن ھالدا بايان قىلىپ بەرگەن.

قۇرئان كەرىم ئەقىدىنىڭ بىرىنچى مەنبەسى بولغاندەك، شەرىئەتنىڭمۇ بىرىنچى مەنبەسى. ئەقىدە ئىماننى كۆرسىتىپ بەرسە، شەرىئەت ئىنساننىڭ ئاللاھ بىلەن، ئىنسان بىلەن، جەمئىيەت بىلەن ۋە كائىنات بىلەن بولغان ئالاقىسىگە ئالاقىدار ئىش-ھەرىكەتنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

قۇرئان كەرىم سىياسەت، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە ئوخشاش زامان ۋە ماكانغا قاراپ كۆپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئىشلار ھەققىدە پرىنسىپال ئاساسلىرىنى بايان قىلىپ، تەپسىلاتى ھەققىدە توختالماستىن، ئىنسان ئەقلىنىڭ ئىزدىنىشىگە قالدۇرۇپ قويغان. زامان، ماكان، ئۆرپ-ئادەت ۋە شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگەرمەيدىغان بەزى ھۆكۈملەرنى تەپسىلى ئوتتۇرىغا قويغان. مەسىلەن، نىكاھ، تالاق، مىراس…قا ئوخشاش.

قۇرئاندا كەلگەن ئەمەلىي ئەھكاملار بەك كۆپ بولمىسىمۇ، بىراق بىر ئۇممەتنى يەنە ئۈممەتتىن، بىر مەدەنىيەتنى يەنە بىر مەدەنىيەتتىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئەھمىيەتلىك مەسىلىلەردۇر. مەسىلەن، ناماز، زاكات، روزا، ھەج، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇش، يامان ئىشلاردىن توسۇش، ئاللاھنىڭ يولىغا دەۋەت قىلىش، ئاللاھ يولىدا جەڭ قىلىش، ئامانەتلەنى ئۆز ئىگىسىگە تاپشۇرۇش، شەرىئەت بۇيىچە ھۆكۈم چىقىرىش؛ جازانە، زىنا، ئوخشاش جىنسىلىقنىڭ توي قىلىشىنى ھارام قىلىش، سېھرىگەرلىك، داخانلىق قىلىشنى ھارام قىلىش؛ يولسىز ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش، ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى ھەقسىز يەۋېلىش، كىشىلەرنىڭ نەرسە-كېرەكلىرىنى كېمەيتىپ قويۇش، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى ھارام قىلىش؛ قاتىل، ئوغرى، بۇلاڭچى، تۆھمەتچى، ئاللاھ بىلەن قارشىلاشقۇچى ۋە زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارغا جازا بەلگىلەشكە ئوخشاش ھۆكۈملەر مۇسۇلمان جەمئىيىتىنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئالاھىدە سالاھىيەت ئاتا قىلىدۇ.

مانا بۇ كۆرسەتمە ۋە ھۆكۈملەرنى تەتبىقلاش ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرز ۋە لازىمدۇر، بۇنىڭدا سەل قاراشقا بولمايدۇ.چۈنكى بۇ ھۆكۈملەر ئىنساننى نېمىنىڭ تۈزەپ، نېمىنىڭ بۇزىدىغانلىقىنى، نېمىنىڭ بەختسىز قىلىپ، نېمىنىڭ بەخىتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلگۈچى ئاللاھ تەرەپتىن يولغا قويۇلغان.

ئىسلام شەرىئىتى ئاسان ۋە قولاي شەرىئەت بولۇپ، ئىنسان كۆتۈرەلمىگۈدەك ئېغىرچىلىقلار يوق:«ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ» (بەقەر،185-ئايەت). «ئاللاھ سىلەرگە مۇشەققەتنى خالىمايدۇ، لېكىن ئاللاھ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى پاك قىلىشنى، (ئىسلام شەرىئىتىنى بايان قىلىش بىلەن) نېمىتىنى سىلەرگە تاماملاشنى خالايدۇ» (مائىدە، 6-ئايەت).

بۇ شەرىئەت زۆرۈرىيەت ئەھۋاللىرىغا ۋە مەجبۇرلىنىش خاراكتېرىدىكى شارائىتلارغىمۇ رېئايە قىلىدۇ. بۇ شەرىئەت ئەقىلگە ئۇيغۇن بولۇپ، ئىللەت ۋە ھېكمەت سەۋەبلىرىنى بىلگىلى بولىدۇ. چۈنكى بۇ شەرىئەتنىڭ ئايەتلىرى تەپەككۇر قىلىدىغانلار، بىر نەرسە بىلىدىغانلار ۋە ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن كەلگەن.

بۇ شەرىئەت ئىنسانلارنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك مەنپەئەتى ۋە پايدىسى ئۈچۈن يولغا قويۇلغان. قۇرئان ئەھكاملىرىنىڭ كىشىلەر ئۈچۈن مەنپەئەت ۋە ياخشىلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بېرىدىغانلىقى، يامانلىق ۋە زىياننىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى زامانلار ئىسپاتلىماقتا.

 

قۇرئاندىكى ئەخلاق:

قۇرئان ئەقىدە، شەرىئەت ۋە ئەخلاقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەسىلەن، ئاللاھقا قارىتا ئەخلاقلاردىن  ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلىش، تەۋبە قىلىش، تەۋەككۇل قىلىش، رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىش، ئۇنىڭ ئازابىدىن قورقۇش، ئۇنىڭدىن ھايا قىلىش، نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش، قازا-قەدرىگە رازى بولۇش، ئۇنى سۆيۈش ۋە ئاخىرەتنى دۇنيادىن ئەۋزەل بىلىش…كە ئوخشاش ئەخلاقلار.

ئىنسانىي ئەخلاقلار: راستچىللىق، ئىشەنچىلىك بولۇش، سېخىلىق، قەيسەرلىك، كەمتەرلىك، ۋاپادارلىق، ھايالىق بولۇش، ئىپپەتلىك بولۇش، مۇلايىم بولۇش، سەۋرچانلىق، ئادىل بولۇش، ياخشىلىق قىلىش، كۆيۈنۈش، ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىش، تۇغقانلار ئارا مۇناسىۋەتنى باغلاش، خوشنىلارنى ھۆرمەتلەش، باشقىلارغا كەڭ قورساق بولۇش، ئۆتۈنۈش، ياخشلىق ۋە تەقۋالىققا ياردەم بېرىش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرگە كۆيۈنۈش، يېتىملەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، مىسكىنلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش، ھەر بىر ھەق ئىگىسىنىڭ ھەققىنى بېرىش…كە ئوخشاش ئەخلاقلار.

ئاللاھ ۋە ئىنسانلار بىلەن بولىدىغان يۇقىرىقى ئىككى تۈرلۈك ئەخلاقلار ئىمان ۋە تەقۋالىقنىڭ كامالىتىدۇر. قۇرئاننىڭ نەزىرىدە گۈزەل ئەخلاق پەرز ئىبادەتلەرنىڭ ئاساسلىق مېۋىسىدۇر. قۇرئان ئەخلاقى ئەقىل، قەلب ۋە بەدەننىڭ ھەققىنى، شۇنداقلا شەخس ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەققىنى بېرىدىغان تەڭپۇڭلۇققا ئىگە.

 

  1. قۇرئان ھەر زاماننىڭ كىتابىدۇر:

قۇرئان كەرىم ھەر زامان، ھەر ماكان ۋە بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ كىتابى، ھەقىقەتنىڭ كىتابىدۇر. بۇ كىتاب ئىلگىرىكى كىتابلارغا ئوخشاش ۋاقىتلىق كىتاب بولماستىن، قىيامەت كۈنىگىچە ياشايدىغان ئىنسانلارنىڭ كىتابىدۇر. چۈنكى بۇ كىتاب بۇرۇنقى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنسانلارنى ھەر زامان توغرا يولغا باشلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كىتابىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىلىرى ھاياتلىق مەۋجۇتلا بولىدىكەن دائىملىقتۇر. ئاللاھ بۇ كىتابنى قىيامەتكىچە بارلىق زاماننىڭ كىتابى قىلىشنى ئىرادە قىلىپ چۈشۈرگەن.

قۇرئان كەرىم ئىنسانىيەتنىڭ ۋە بارلىق ھاياتلىقنىڭ كىتابى بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ بۇ كىتابنى بارلىق كىشىلەرگە نازىل قىلغان:«ئۇ (يەنى قۇرئان) پۈتۈن ئەھلى جاھانغا نەسىھەتتۇر» (تەكۋىر سۈرىسى، 27-ئايەت). «پۈتۈن جاھان ئەھلىنى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇشى ئۈچۈن، بەندىسىگە(يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى قۇرئاننى نازىل قىلغان ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر»(فۇرقان، 1-ئايەت).

بۇ كىتاب پايدىلىنىشنى مەقسەت قىلىدىغان ۋە ئاللاھدىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن ھىدايەت ۋە ھايات يولىدۇر. مۇسۇلمان قۇرئانغا ئىخلاس بىلەن مۇئامىلە قىلسا، ئاللاھ ئۇ كىشىگە بۇ كىتابنىڭ ھىدايىتى، نۇرى، نەسىھەتلىرى ۋە ھېكمەتلىرىنى ئاتا قىلىدۇ:«بۇ كىتابتا پەقەت شەك يوق، بۇ كىتاب تەقۋادارلار ئۈچۈن ھىدايەتتۇر»(بەقەر سۈرىسى، 2-ئايەت).

قۇرئان كەرىم پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ كىتابىدۇر. بۇ كىتاب بىرەر مىللەت ياكى بىرەر زامان ياكى بىرەر ماكان ئۈچۈن خاس ئەمەس، بەلكى ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندىكى بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ كىتابىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كىتاب ئىنسانىيەتكە تۈرلۈك ئۇسۇللاردا خىتاب قىلغان:«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى،«ئى ئىنسانلار! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن»(ئەئراف سۈرىسى، 158-ئايەت).

قۇرئان كەرىم ھەممە ئىنساننىڭ كىتابىدۇر، ھەممە ئىنسانلارنىڭ دەستۇرىدۇر.قۇرئان بارلىق ھايات ئىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ كەلگەن كىتابتۇر، ھەر قايسى ساھەدىكى ھايات ئىشلىرىغا قارىتا پرىنسىپلىرى ۋە كۆرسەتمىلىرى بار. ئۇ ھاياتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدە توختالغان كىتابتۇر:«ساڭا بىز كىتابنى(يەنى قۇرئاننى)ھەممە نەرسىنى (يەنى كىشىلەر مۇھتاج بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى) چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان، دىللارغا ھىدايەت، بەندىلەرگە رەھمەت، مۇسۇلمانلارغا مەڭگۈلۈك سائادەت بىلەن خۇش خەۋەر يەتكۈزىدىغان قىلىپ نازىل قىلدۇق»(نەھل، 89-ئايەت).

قۇرئان كەرىم ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلار ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاب:«ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلارنى ئېتىراپ قىلغۇچى ۋە ئۇلارغا شاھىت بولغۇچى ھەق كىتابنى(يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدۇق» (مائىدە، 48-ئايەت).

قۇرئان كەرىم بۇرۇنقىلارنىڭ ۋەقەلىكى، غەيبى ۋە ماددى ئالەم خەۋەرلىرىنى تەكىتلەيدىغان بىردىن بىر ئىشەنچىلىك مەنبەدۇر. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «قۇرئان كەرىمدە ئىلگىرىكىلەرنىڭ ۋە سىلەردىن كېيىنكىلەرنىڭ خەۋەرلىرى بار، قۇرئان ئوچۇق ھەقىقەت، كىم ئۇنى يوغانچىلىق قىلىپ تاشلىۋەتسە ئاللاھ ئۇنى ھالاك قىلىۋېتىدۇ، كىم ھىدايەتنى قۇرئاندىن باشقا ئورۇندىن ئىزدىسە ئازدۇرۋىتىدۇ. قۇرئان ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىدۇر، ھېكمەتلىك باياندۇر، ئەڭ توغرا يولدۇر. قۇرئانغا ئېسىلىپ ماڭغاندا ئېزىپ كېتىش ئەھۋالى يۈز بەرمەيدۇ، تىلمۇ گاچىلىشىپ قالمايدۇ. بۇ كىتاب ئالىملار قانمايدىغان، كۆپ تەكرارلىغانغا كونىراپ قالمايدىغان ۋە مۆجىزىلىرى تۈگەپ كەتمەيدىغان كىتابتۇر. كىم قۇرئان بىلەن گەپ قىلسا توغرا گەپ قىلغان بولىدۇ، كىم ئۇنىڭ بىلەن ئەمەل قىلسا ئەجىرگە ئېرىشىدۇ، كىم ئۇنىڭ بىلەن ھۆكۈم چىقارسا ئادىل قىلغان بولىدۇ، كىم ئۇنىڭغا چاقىرسا توغرا يولغا ئېرىشكەن بولىدۇ» (تىرمىزى رىۋايىتى).

قۇرئان كەرىم ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمىي كىتاب بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنسان ۋۇجۇدىغا خىتاب قىلىپ، بىر ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئەقىلنى قانائەتلەندۈرىدۇ، قەلبىنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. ئىنساننىڭ ئەقلى، ۋىجدانى ۋە روھىغا خىتاب قىلىدۇ. ئىنسان زاتىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە خىتاب قىلىدۇ. بارلىق تۈردىكى ئىنسانلارغا ھەر خىل خىتاب قىلىدۇ.

ئەقلى ھەقىقەتنى ئىزدىگەن ئىنسان قۇرئاندا ئەقلى رازى بولغۇدەك نەرسىنى تاپالايدۇ. روھى ھەقىقەتنى ئىزدىگەن ئىنسان ۋىجدانىنى غىزالاندۇرغىدەك ۋە روھى ئىنتىلىشلىرىنى قاندۇرغىدەك نەرسىنى تاپالايدۇ. ئىمان ئىزدىگەن ئىنسان ئەقىدە ئاساسلىرىغا روشەن كەسكىن پاكىتلارنى تاپالايدۇ. ئەخلاقى قىممەت-قاراش ئىزدىگەن ئىنسان ئارزۇ قىلغان ئەخلاق پرىنسىپلىرىنى تاپالايدۇ. گۈزەللىك قىممەت-قاراشلىرىنى ئىزدىگەن ئىنسان گۈزەللىك تۇيغۇسىنى قاندۇرغىدەك نەرسىلەرنى تاپالايدۇ.

 

7.ئىززەت-ھۆرمەت كىتابىدۇر:

قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززىتى ۋە شەرىپىدۇر:«سىلەرنىڭ شان-شەرىپىڭلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) سىلەرگە نازىل قىلىپ بەردۇق. بۇنى چۈشەنمەمسىلەر»(ئەنبىيا سۈرىسى، 10-ئايەت). يەنى قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىلىرى بۇيىچە ئەمەل قىلساڭلار، قەدرىڭلار ئاشىدۇ، ئىززەت-ھۆرمىتىڭلار يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىڭلارنى ئاشۇرىدىغان پايدىلىق كىتابقا قانداقمۇ رازى بولمايسىلەر؟ قانداقمۇ ئەمەل قىلماي تۇرالايسىلەر؟ ئەگەر ئەقلىڭلار بولسا، قۇرئاننىڭ يولىنى تۇتۇپ ماڭىسىلەر!. ھېچقانداق خاتالىق ياكى ئىۋەندىن خالى مۇنداق كىتابقا ئەمەل قىلمىغىنىڭلار سىلەردە ئەقىل ۋە ئىدىيەنىڭ ساغلام ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.

 

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى

2016- يىلى

قاھىرە شەھىرى