2024-يىل 29-مارت

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

قۇرئان كەرىمنىڭ مەقسەتلىرى (1)

قۇرئان كەرىمنىڭ مەقسەتلىرى

 

قۇرئان كەرىم ئىنسانىيەتنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن كۆپلىگەن مەقسەت ۋە پرىنسىپلارغا چاقىرغان. بىز بۇ يەردە بۇ مەقسەت ۋە پرىنسىپلارنى بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلايمىز.

 

1.ئەقىدە ۋە تەسەۋۋۇرلارنى ئىسلاھ قىلىش:

 

(1).قۇرئان ئەقىدە ۋە تەسەۋۋۇرنى ئىسلاھ قىلىش ۋە تۈزۈتۈش ئۈچۈن ياراتقۇچىغا شېرىك كەلتۈرۈشنى ئەڭ ئېغىر جىنايەت قىلىپ بەلگىلىدى. چۈنكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ھەقىقەتكە زۇلۇم قىلغانلىق، رېئاللىقنى ساختىلاشتۇرغانلىق ۋە ئىنساننى كائىناتنىڭ خوجىسى سۈپىتىدىن مەخلۇقلارغا بويسۇنۇش دەرىجىسىگە چۈشكۈنلەشكەنلىكتۇر: «ئاللاھقا خالىس ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرمەڭلار، كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ گويا ئاسماندىن تاشلىنىپ، قۇشلار ئۇنى ئېلىپ قاچقاندەك، ياكى بوران ئۇنى ئېلىپ بېرىپ يىراق جايغا تاشلىۋەتكەندەك بولۇپ قالىدۇ» (ھەج سۈرىسى، 31-ئايەت).

شېرىك خۇراپات ۋە ئەپسانىنىڭ ئۇۋىسى بولغانلىقى ئۈچۈن قۇرئان ئاللاھقا يالغۇز ئىبادەت قىلىشقا چاقىرغان ۋە ئاللاھقا يالغۇز ئىبادەت قىلىشنى بارلىق پەيغەمبەرلەر- نىڭ ۋەزىپىسىدىكى ئورتاق پرىنسىپ دەپ جاكارلىغان.

قۇرئان ئاللاھ بىلەن بەندىلەر ئارىسىدىكى ئالاقە يولىنى داغدام ئېچىۋەتكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلامدا  ئاللاھ بىلەن بەندىلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنى مونوپۇل قىلىۋالغان بېدىكلەرگە ئورۇن يوق. ئاللاھنىڭ دەرۋازىسى ئىرادە قىلغان ھەر بىر كىشى ئۈچۈن ئوچۇق، ئۇنىڭ قولى دۇئا قىلغان كىشى ئۈچۈن ياخشىلىق بىلەن كەڭدۇر:«پەرۋەردىگارىڭلار ئېيتىدۇ:«ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن دۇئايىڭلارنى قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)»(غاپىر، 60-ئايەت).

تەۋھىد (ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىش) ھەقىقى ئەركىنلىكنىڭ ئاساسىدۇر، چۈنكى ئىنساننى مۇقەددەس بىلگەن ياكى تاشقا چوقۇنغان كىشىدە ئەركىنلىك بولمايدۇ. تەۋھىد قېرىنداشلىق ۋە باراۋەرلىكنىڭ ئاساسى، چۈنكى تەۋھىد كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى، ئۇلار بىر ئاتا-بىر ئانىنىڭ بالىلىرى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۆز-ئارا قېرىنداش، ئۇلار بىر-بىرىگە نىسبەتەن ئىلاھ ئەمەستۇر، دېگەن ئېتىقادقا تايىنىدۇ. قۇرئان كەرىم باشتىن تارتىپ ئاخىرغىچە تەۋھىدكە چاقىرىدۇ، شېرىككە قارىشى تۇرىدۇ. مۇۋەھھىدلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك ياخشى بولىدىغانلىقى ۋە مۇشرىكلارنىڭ ئىككى دۇنيادا يامان ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىغا چاقىرىقتۇر. قۇرئان كەرىم بۇددىزم ۋە بۇرۇلۇپ كەتكەن ئەھل كىتابنىڭ دىنلىرى بۇزۇۋەتكەن تەۋھىد ئەقىدىسىنى ئىسلاھ قىلغان. مەسىلەن، يەھۇدى دىنى پەرۋەردىگارنى ھېرىپ چارچايدىغان، پۇشايمان قىلىدىغان مەخلۇققا ئوخشاتقان. خرىستىيان دىنى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ بۇددىزملىقى بىلەن تەسىرلەنگەن، خرىستىيان دىنىنى بۇددىستلىق بېسىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن چېركاۋلار ھەيكەللەر توشۇپ كەتكەن. خرىستىيان دىنى ئۈچ ئىلاھلىق ئەقىدىسى، دارغا ئېسىلىش ۋە تۆلەم تۆلەش ئەقىدىسىنى ھىندىستانلىق-نىڭ(كىرىشنا)ئەقىدىسىدىن قوبۇل قىلغان.

(2).قۇرئان كەرىم پەيغەمبەرلىك ۋە ئىلاھى ۋەزىپىدىكى تەسەۋۋۇرنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەرلىككە ئىھتىياجنىڭ بارلىقىنى بايان قىلغان:«پەيغەمبەرلەر ئەۋەتىلگەندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ئالدىدا كىشىلەر(يەنى پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن بولسا ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتاتتىم دېگۈچىلەر)گە باھانە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، (ئىتائەت قىلغۇچىلارغا جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى دوزاختىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق»(نىسا سۈرىسى، 165-ئايەت).

پەيغەمبەرلەرنىڭ خۇش بىشارەت بېرىش ۋە ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋەزىپىلىرىنى بايان قىلغان، چۈنكى ئۇلار ئىلاھ ئەمەس ياكى ئىلاھنىڭ بالىلىرى ئەمەس، بەلكى ئۇلار ۋەھىي قوبۇل قىلىدىغان ئىنساندۇر. ئۇلارنىڭ دەۋەت قىلىشقا كۈچى يېتىدۇ، قەلبلەرنى ھىدايەت قىلىش ياكى كونترول قىلىشقا كۈچى يەتمەيدۇ:«سەن ئۇلارغا ۋەز-نەسىھەت قىلغىن، سەن پەقەت ئۇلارغا ۋەز-نەسىھەت قىلغۇچىسەن. سەن ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلىغۇچى ئەمەسسەن» (غاپىر، 21،22-ئايەتلەر).

قۇرئان كەرىم پەيغەمبەرلەر توغرىسىدا كىشىلەر بۇرۇندىن تارتىپ قوزغىغان شۇبھىلارغا رەددىيە بەرگەن. كىشىلەر بۇرۇندىن تارتىپ پەيغەمبەرلەرگە: سىلەر پەقەت ئىنسانغۇ! ئاللاھ خالىغان بولسا پەرشتىلەرنى پەيغەمبەر قىلاتتى، دەيدىغان ئىدى.شۇنداقلا قۇرئان كەرىم پەيغەمبەرلەرگە ئىشەنگەنلەر ۋە ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنى بايان قىلغان.

(3).قۇرئان كەرىم قىيامەت كۈنى ۋە ئۇ كۈندىكى جەننەتتىن ئىبارەت مۇكاپات ۋە  دوزاختىن ئىبارەت جازا ھەققىدە كۆپ توختالغان. قۇرئان بۇ ئەقىدىنى مۇستەھكەملەش ۋە تۈزىتىش ئۈچۈن تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللانغان. ئۆلگەندىن قايتا تىرىلىشنىڭ مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنى دەسلەپتە ياراتقاندەك قايتا يارىتىشقا قادىر ئىكەنلىكىگە دەلىل كەلتۈرگەن ۋە چوڭ جىسىملارنى يارىتىش ئالدىدا ئىنساننى يارىتىش ئاددى ئىش دەپ ئەسكەرتكەن:«ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى كاپىرلار بىلمەمدۇكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، ۋە ئۇلارنى يارىتىشتا چارچاپ قالمىغان ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟ئۇ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر»(ئەھقاف،33-ئايەت)

ياخشى ئىش قىلغۇچى ۋە يامان ئىش قىلغۇچىنىڭ مۇكاپات ۋە جازا مەسىلىسىدە ئوخشاش بولمايدىغان-لىقىدىكى ھېكمەتنى بايان قىلغان. ئەگەر ئىككى كىشىنىڭ مۇكاپات ۋە جازاسى ئوخشاش بولۇپ قالسا، ھايات ئەھمىيەتسىز بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئاخىرەتتە ساۋاب ۋە رازىلىققا ئېرىشىدىغانلىقى، كاپىرلارنىڭ جازا ۋە زىيانغا دۇچار بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن قىيامەت كۈنى ۋە قورقۇنچىسى، ئىنساننىڭ ھەممە ئىشلىرى خاتىرلەنگەن خاتىرە، ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئۆلچىنىدىغان تارازا ۋە ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمايدىغان ئىنچىكە ھېساب توغرىسىدا كۆپ توختالغان. شۇنداقلا جەننەت ۋە ئۇنىڭ ماددى-مەنىۋى نېمەتلىرى، دوزاخ ۋە ئۇنىڭ ماددى-مەنىۋى دەرد-ئەلەملىرى توغرىسىدىمۇ كەڭرى توختالغان. چۈنكى ئاخىرەت ھاياتى دۇنيا ھاياتىنىڭ داۋامىدۇر، ئىنسان ھەر ئىككى دۇنيادا جىسىم ۋە روھى بىلەن ياشايدۇ، شۇڭا ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن مۇكاپاتلىنىدۇ ياكى جازالىنىدۇ.

قۇرئان كەرىم مۇشرىكلارنىڭ ئىلاھلىرىمىز قىيامەت كۈنى شاپائەت قىلىدۇ، دەيدىغان شېرىك ئېتىقادى ۋە گۇمانلىرىنى بىكار قىلىپ تاشلىغان. قىيامەت كۈنىدە مۆمىندىن باشقىسى شاپائەتكە ئېرىشەلمەيدۇ، ئىنسانغا ئىش-ھەرىكىتىدىن باشقىسى پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ، بىر ئىنسان يەنە بىر ئىنساننىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ:«بىر ئىنسان يەنە بىر ئىنساننىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن جازاغا تارتىلمايدۇ. ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن نەتىجىسىنى كۆرىدۇ» (نەجم، 38،39-ئايەتلەر).

 

2.ئىنساننىڭ ھۆرمىتى ۋە ھوقۇقىنى بېكىتىش:

 

قۇرئان كەرىم ئىنساننى مۇھتەرەم ئېسىل مەخلۇق دەپ تەكىتلىدى، ئاللاھ ئادەمنى يارىتىپ ئۇنىڭغا روھ ئاتا قىلدى، ئۇنى زېمىندىكى ئىزباسارى قىلىپ بەلگىلىدى، پەرزەنتلىرىنى ئۇنىڭدىن كېيىن ئىزباسار قىلىپ تەيىنلىدى. پەرىشتىلەر ئىنتىلگەن بۇ شەرەپكە ئادەم ۋە بالىلىرى مۇيەسسەر بولدى، كائىنات ئاسمان ۋە زېمىنى بىلەن ئۇلارغا بويسۇندۇرۇلۇپ بېرىلدى:«بىز ئادەم بالىلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق، ئۇلارنى قۇرۇقلۇقتا (تۈرلۈك قاتناش ۋاستىلىرىغا) مىندۈردۇق، دېڭىزدا كېمىلەرگە چىقاردۇق. ئۇلارنى شېرىن يېمەكلىكلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، ئۇلارنى مەخلۇقاتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنىدىن ئۈستۈن قىلدۇق» (ئىسرا سۈرىسى، 70-ئايەت).

يەنە:«بىلمەمسىلەركى، ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى (يەنى سىلەرنىڭ پايدىلىنىشىڭلارغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ بەردى). سىلەرگە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن(يەنى ماددى ۋە مەنىۋى) نېمەتلەرنى كامالەتكە يەتكۈزۈپ بەردى» (لوقمان، 20-ئايەت)

شۇ سەۋەبتىن قۇرئان كەرىم بەزى بىر چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكۈچىلەرنىڭ ياخشى نېمەتلەرنى ھارام قىلىۋېلىشىنى ئىنكار قىلدى:«ئېيتقىنكى، ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن ياراتقان لىباسلارنى، شېرىن، پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟» (ئەئراف، 32-ئايەت).

بەزى ئىنسانلارنىڭ شەخسىيىتىنى يوقىتىپ، باشقىلارنىڭ قۇيرۇقچىلىرى بولۇپ قالغانلىقىنى ئىنكار قىلغان:«ئۇلار:پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن باشلىقلىرىمىزغا، كاتتىلىرىمىزغا ئىتائەت قىلدۇق، ئۇلار بىزنى توغرا يولدىن ئازدۇردى»(ئەھزاب، 67-ئايەت). يەنە بەزىلەرنىڭ بەزى ئىنساننى مۇقەددەس بىلىپ، ئىلاھ قىلىۋېلىشىنى ئىنكار قىلغان.

 

ئىنسان ھوقۇقى:

 

قۇرئان كەرىم ئىنساننىڭ ھۆرمەت-ئىززىتىنى تەكىتلەش يۈزىسىدىن 14 ئەسىر بۇرۇن ئىنسان ھوقۇقىنى مۇقەررەرلەشتۈرگەن.

قۇرئان كەرىم نەزەر يۈرگۈزۈش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئەركىنلىكىنى مۇقەررەرلەشتۈرگەن:«ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى كۆزىتىڭلار»(يۇنۇس، 101-ئايەت). ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى مۇقەررەرلەشتۈرۈپ: «دىنغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن زورلاشقا بولمايدۇ» دېگەن (بەقەر، 256-ئايەت). يەنە:«سەن كىشىلەرنى مۇسۇلمان بولۇشقا مەجبۇرلامسەن؟»دېگەن (يۇنۇس،99-ئايەت).

ھەممە ئىنسانلارنىڭ باراۋەرلىكىنى مۇقەررەرلەشتۈرگەن: «ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن (ئادەم بىلەن ھاۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆز-ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۈرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر» دەيدۇ. (ھوجۇرات سۈرىسى، 13-ئايەت).

ياخشى رىزىقلاردىن بەھرىمەن بولۇش ۋە گۈزەل نەرسىلەردىن ھۇزۇرلىنىش ھەققىنى بېكىتكەن: «ئېيتقىنكى، ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن ياراتقان لىباسلارنى، شېرىن، پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟» (ئەئراف،32-ئايەت)

ئىنساننىڭ توي قىلىش، ئائىلە قۇرۇش ۋە پەرزەنت كۆرۈش ئەركىنلىكىنى مۇقەررەرلەشتۈرگەن:«ئاياللار بىلەن ئۈنسى-ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا مېھىر-مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ كامالىي قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قوۋم ئۈچۈن، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار»(رۇم سۈرىسى، 21-ئايەت).

ھەر بىر ئىنساننىڭ ھايات كەچۈرۈش ھەققىنىڭ بارلىقىنى مۇقەررەرلەشتۈرگەن: «كىمكى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسە، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ»(مائىدە سۈرىسى، 32-ئايەت). ھەر بىر ئىنساننىڭ پۇل تېپىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ۋە چەتئەللەرگە چىقىش ئەركىنلىكىنى مۇقەررەرلەشتۈرگەن. ھالالدىن تاپقان مال-مۈلكىدىن بەھرىمەن ھەققىنىڭ بارلىقىنى، شۇنداقلا ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆيىنىڭ ھۆرمىتىنى قوغداش ۋە رۇخسەتسىز كىرمەسلىك ھوقۇقىنى بېكىتكەن.

ھەر بىر ئىنساننىڭ قېنى، مال-مۈلكى، ئىززەت-ئابرويى ۋە ھۆرمىتىنىڭ بارلىقىنى قارار قىلغان. ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى قوغداش ھەققىنىڭ بارلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. شۇنداقلا ھەر بىر ئىنساننىڭ (مۇسۇلمان ياكى كاپىر بولسۇن) كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئادىل مۇئامىلىگە ئېرىشىش ھەققىنى ئوتتۇرىغا قويغان:«بىرەر قەۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار ئۇلارغا ئادىل بولماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن، ئادىل بولۇڭلار، بۇ تەقۋالىققا ئەڭ يېقىندۇر»(مائىدە سۈرىسى، 7-ئايەت).

ھەر بىر ئىنساننىڭ ئاجىز ياكى كەمبەغەل بولغان بولسا، بايلارنىڭ مۈلكىدىن تۇرمۇش كاپالەت ياردەم پۇلىغا ئېرىشىپ ياشاش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى مۇقەررەرلەشتۈگەن:«ئۇلارنىڭ پۇل-ماللىرىدا سائىللار ۋە مۇھتاجلار ھوقۇققا ئىگە» (زارىيات، 19-ئايەت).

جەمئىيەتتىكى ھەر بىر ئىنساننىڭ ھاكىم ۋە مەسئۇللار بىلەن مۇنازىرىلىشىش، ئۇلارنىڭ كۆز-قاراشلىرىغا ئېتىراز بىلدۈرۈش ۋە شەرىئەتنىڭ ئەھكاملىرى بۇيىچە ھۆكۈم يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار. شۇنداقلا ھەر بىر ئىنساننىڭ يامان ئىشلارنى ئىنكار قىلىش، بۇزغۇنچىلىقنى رەت قىلىش، ئوچۇق زۇلۇمغا قارىشى تۇرۇش ھوقۇقى بار:«زالىملارغا مايىل بولماڭلار،مايىل بولساڭلار دوزاخ ئازابىغا قالىسىلەر، سىلەرگە ئاللاھدىن باشقا (دوزاختىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچ ياردەمچى يوقتۇر»(ھۇد سۈرىسى، 113-ئايەت). «زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىسلاھ قىلمايدىغان ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلماڭلار»(شۇئەرا، 151-152-ئايەت).

ئىسلام دىنى يۇقىرىقى بۇ ئىشلارنى ئىنسان ھوقۇقىدىن يۇقىرى ئورۇندا قويۇپ، پەرز دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن. ھەق-ھوقۇققا تەۋە ئىش بولسا ۋاز كەچكىلى بولىدۇ، بىراق پەرز ئىشلار بولسا ۋاز كەچكىلى بولمايدۇ.

 

ئاجىزلارنىڭ ھوقۇقىنى تەكىتلەش:

 

قۇرئان كەرىم بارلىق ئىنسانلارنىڭ ھوقۇقىنى مۇقەررەرلەشتۈرگەن بولسىمۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاجىزلار توغرىسىدا كۈچلۈكلەرنىڭ زۇلۇم قىلىشى ياكى ھاكىملارنىڭ ئۇلارنىڭ مەسىلىسىگە سەل قارىشىدىن ئەنسىرەپ، بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت نەزىرى بىلەن قارىغان. شۇ سەۋەبتىن يىتىم ۋە مىسكىنلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئىمانى مەجبۇرىيەت قىلىپ بېكىتكەن:«سىلەرنىڭ دوزاخقا كىرىشىڭلارغا سەۋەب بولغان نەرسە نېمە؟دەپ سورىغاندا، ئۇلار جاۋابەن ئېيتىدۇ:بىز ناماز ئوقۇمىدۇق، مىسكىنلەرگە تائام بەرمىدۇق» (مۇدەسسىر سۈرىسى، 42-44-ئايەتلەر).

قۇرئان كەرىم زالىم جەمئىيەتكە خىتاب قىلىپ: «سىلەر يېتىمنى ھۆرمەت قىلمايسىلەر، بىر-بىرىڭلارنى مىسىكىنگە ئاش-نان بېرىشكە قىزىقتۇرمايسىلەر»دېگەن (فەجر سۈرىسى، 17-18-ئايەتلەر). بۇ ئايەتتە يېتىملەرنى ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ھۆرمەتلەشنىڭ ۋاجىپلىقىنى بەلگىلىگەن، يېتىملەرگە ياردەم بېرىش ھەرىكىتىنى كوللېكتىپ شەكلىدە ئېلىپ بېرىشقا كۆرسەتمە بەرگەن.

يېتىملەرنىڭ مال-مۈلۈكلىرى بولسا، ئۇنى ئاسراش، قوغداش ۋە مەبلەغ سېلىپ تەرەققى قىلدۇرۇش توغرىسىدا بىر بۆلەك قائىدىلەرنى كۆرسەتكەن. يېتىملەر كەمبەغەل بولسا زاكاتتىن ئىبارەت دۆلەتنىڭ مال-مۈلۈكىدە ئۇلارنىڭ ھەققىنىڭ بارلىقىنى بەلگىلىگەن. شۇنداقلا تۇغقانلىرىنىڭ مۈلۈكلىرىدە ئۇلارنىڭمۇ ھەققى بارلىقىنى مۇقەررەرلەشتۈرگەن. ئۇنىڭدىن سىرت قۇرئان زېمىندىكى ئاجىز بىچارىلەرنى قوغداش ۋە ئۇلاردىن زۇلۇمنى ئېلىپ تاشلاش ئۈچۈن جەڭ قىلىشنى يولغا قويغان.

مانا بۇلار قۇرئان كەرىم ئىنسانىيەتكە يەتكۈزگەن ئىلاھى كۆرسەتمىلەر بولۇپ، ئىسلام جەمئىيىتى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخى مۇشۇ ئاساستا شەكىللەنگەن.

 

  1. ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ۋە ئاللاھدىن قورقۇش

 

قۇرئان كەرىمگە ئوخشاش ئاللاھنى ئۇلۇغلىغان، ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ كەڭلىكى، ھېكمىتىنىڭ مۇكەممەللىكى، قۇدرىتىنىڭ كاتتىلىقى، ئىرادىسىنىڭ ئومۇملۇقى ۋە رەھمىتىنىڭ كەڭلىكىنى ئىزاھلىغان كىتاب تېپىلمايدۇ.قۇرئان كەرىم باشتىن ئاخىرغىچە ئاللاھنى ئۆز لايىقىدا كامالەت سۈپەتلىرى بىلەن مەدھىيىلەيدۇ، بارلىق نۇقسان سۈپەتلىرىدىن پاكلايدۇ. ئىنساننى ئىلاھى يوليورۇقلىرى ئارقىلىق ئاللاھنىڭ يولىغا باشلايدۇ ۋە ئاللاھقا باغلايدۇ.

قۇرئان كەرىم ئىنساننىڭ زېمىندا يارىتىلىشنىڭ بىرىنچى سەۋەبى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش دەپ بايان قىلدى:«مەن جىن ۋە ئىنسانلارنى پەقەت ماڭىلا ئىبادەت قىلسۇن دەپ ياراتتىم»(زارىيات،56-ئايەت).

ئاللاھ ئىنساننى ياراتقۇچى، ئىشلىرىنى تەدبىر قىلغۇچى، ساناقسىز نېمەت ئاتا قىلغۇچى زات بولغانلىقى ئۈچۈن ئىبادەت قىلىشقا بىردىنبىر ھەقلىق زاتتۇر. ئىسلام دىنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇدى، مۇسۇلماننى پەرۋەردىگارىغا تۈرلۈك پەرز ۋە نەپلە ئىبادەتلەر بىلەن باغلىدى. بۇ ئىبادەتلەر مۇسۇلماننى ئاللاھدىن قورقىدىغان سەۋىيىگە كۆتۈرىدۇ. تەقۋالىق دېگەن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىگەن ئىشلىرىدىن يىراق تۇرۇش بولۇپ، بۇنىڭ ئاساسىي ئاللاھدىن قورقۇشتۇر. ئاللاھدىن قورقۇش قەلبگە تەۋە ئىشتۇر.

ئاللاھ مۆمىنلەرنى باشقا ئىشلارغا بۇيرۇشتىن ئاۋال تەقۋالىق قىلىشقا بۇيرۇماقتا:«ئى مۆمىنلەر! ئاللاھدىن قورقۇڭلار، توغرا سۆزنى قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭىلارنى تۈزەيدۇ، گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ»(ئەھزاب، 70،71-ئايەت).شۇنداقلا كۆپلىگەن بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلەردىن كېيىن تەقۋالىق قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان تەقۋالىقنى بۇرۇنقى ۋە كېيىنكىلەرگە ئاللاھنىڭ ۋەسىيىتى قىلىپ بەلگىلىگەن.

كىم قۇرئاننى مۇلاھىزە قىلسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ بارلىق ياخشىلىقنىڭ تەقۋالىققا باغلانغانلىقىنى بايقايدۇ. مەسىلەن، خاپىلىقتىن قۇتۇلۇش، رىزىق تېپىش، ئىشلارنىڭ ئاسان بولىشى، دۈشمەنلەردىن ساقلىنىش، ئاللاھنىڭ تۈرلۈك ياردەملىرىگە ئېرىشىش، ئاللاھنىڭ مۇھەببىتى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى ھۆرمەت، ھىدايەت تېپىش، ئىشلارنىڭ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل بولىشى، جەننەتنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە دوزاخ ئازابىدىن ساقلىنىش…تەقۋالىققا باغلانغان.قۇرئان كەرىم تەقۋالىققا تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن بۇيرۇغان، ئۇنىڭ تەسىرىنى بايان قىلغان، تەقۋا بولغانلارنى مەدھىيىلىگەن، قىزىقتۇرغان ۋە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈشتىن ئاگاھلاندۇرغان.

 

  1. ئىنسان نەپسىنى پاك قىلىش:

ئىنسان نەپسىنى پاك قىلىش قۇرئان كەرىمنىڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرىنىڭ قاتارىدىن. نەپسىنى پاك قىلماي تۇرۇپ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە غەلىبە قىلغىلى بولمايدۇ. ئىنسان نەپسى قوش بىسلىق خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، ئۆزىنى بۇلغاش ئىقتىدارىغا ئىگە، شۇنداقلا ئۆزىنى پاكلاش ئىقتىدارىغىمۇ ئىگە. شۇڭا ئىنسان ئەقلى ۋە ئىرادىسىگە تايىنىپ پاكلاش يولىنى ياكى بۇلغاش يولنى تاللايدۇ. ئۆزىنى پاكلاش يولىنى تاللىسا غەلىبە يولىنى تاللىغان بولىدۇ:«ئۆزىنى پاكلىغان ئىنسان غەلىبە قازاندى»(ئەئلا سۈرىسى، 14-ئايەت).

پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ئاساسلىق بىر قىسىمى ئىنسان نەپسىنى پاكلاشتۇر:«ئاللاھ مۆمىنلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىدىغان، ئۇلارنى پاك قىلىدىغان، ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدىغان، ئۆزلىرىدىن بولغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتىپ، ئۇلارغا چوڭ ئېھسان قىلدى. ھالبۇكى، ئۇلار بۇرۇن ئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدى»(ئال ئىمران سۈرىسى، 164-ئايەت).

بۇ ئايەتتە كەلگەن پاكلاش دېگەن سۆز پاكلىق ۋە تەرەققى قىلىش دېگەن ئىككى مەزمۇننى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئەقىلنى شېرىكنىڭ خۇراپاتلىرىدىن، قەلبىنى باغرىتاشلىقتىن، ئىرادىنى ھايۋانىي شەھۋەتتىن ۋە ئىتسىلنى ناچار ئەخلاقلاردىن پاكلاش لازىم. شۇنداقلا، ئەقىلنى بىلىم-مەرىپەت بىلەن، قەلبىنى ئىمان بىلەن، ئىرادىنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا يۈزلىنىش بىلەن، ئىستىلنى ئادالەت ۋە ئېسىل ئەخلاقنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق تەرەققى قىلدۇرۇش لازىم.

ئىسلامدىكى ئىبادەت ۋە ئەدەب-ئەخلاقلارنىڭ مەقستىمۇ ئىنسان نەپسىنى پاكلاشتۇر. ئىنسان نەپسىنى پاكلاپ، يامانلىققا تەشەببۇس قىلىدىغان ھالەتتىن ئۆز-ئۆزىدىن ھېساب ئالىدىغان ۋە ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئىتائەت قىلىپ ماڭىدىغان ھالەتكە كۆتۈرۈش كېرەك. ئىنسان ئۆزىنى پاكلاش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ ۋە قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان مۆمىنلەرنىڭ ئەخلاقلىرى بىلەن ئەخلاقلىنىشى، شۇنداقلا قۇرئان كەرىم ئوچۇق روشەن بايان قىلغان مۇناپىقلارنىڭ ناچار ئەخلاقى ۋە رەزىللىكىدىن پاكلىنىشى لازىم.

 

  1. ئائىلە شەكىللەندۈرۈش ۋە ئاياللارغا ئىنساپ بىلەن مۇئامىلە قىلىش:

 

ياخشى ئائىلە شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى شەرىئەتكە ئۇيغۇن نىكاھ قىلىشتۇر. قۇرئان توي قىلىشنى ئاللاھنىڭ قۇدرەتلىرىنىڭ قاتارىدىن دەپ بەلگىلىگەن. ئەر-ئايالنىڭ ھاياتتىكى بەخت-سائادىتىنىڭ رېئاللىققا چىقىشى ئۈچۈن ئەر-ئايال ئارىسىدىكى ئالاقىنى مېھىر-مۇھەببەت ۋە كۆيۈنۈش ئالاقىسى بولۇشنى ئىرادە قىلغان:«ئاياللار بىلەن ئۈنسى-ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا مېھىر-مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قوۋم ئۈچۈن، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار»(رۇم، 21-ئايەت). بۇ ئايەت ئەر-ئاياللىق ھاياتىنىڭ ئاساسىنى: خاتىرجەملىك، مۇھەببەت ۋە كۆيۈنۈشتىن ئىبارەت ئۈچ ئامىل دەپ بايان قىلدى. قۇرئان ئەر-ئاياللىق ئارىسىدىكى باغلىنىشنى ناھايىتى كۈچلۈك باغلىنىش ۋە مۇستەھكەم ئەھدە دەپ ئاتىدى.

ئىسلامدىكى ئائىلە قۇرۇشتىن مەقسەت ياخشى پەرزەنتلەرگە ئېرىشىشتۇر. پەرزەنتلەرنىڭ ياخشى تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن ئەر-ئايال ئارىسىدا ئېتىقاد جەھەتتىن ئۇيغۇنلۇق بولىشى لازىم، شۇڭا شەرىئەت كاپىر ياكى مۇشرېكلار بىلەن توي قىلىشىنى ھارام دەپ بېكىتتى.

ئائىلە مەسىلىسىدە قۇرئان كەرىم ئاياللارغا ئىنساپ بىلەن مۇئامىلە قىلدى، ئۇلارنى ھېچقانداق ھوقۇقى يوق دەپ قارايدىغان زۇلۇملاردىن ئازاد قىلدى. ئاياللارنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى تولۇق بەلگىلەپ بەردى. ئۇلارنى ئايال، ئانا، قىز بولۇش ئېتىبارى بىلەن ھۆرمەتلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللار ئىسلامدا مەسئۇلىيەتنىڭ ئاساسىدا، ئىنسانىي ھۆرمەتتە، تەبىئىي ھوقۇقلاردا، ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى مۇكاپات-جازالاردا… ئەر كىشىلەر بىلەن ئوخشاش. دېمەك، ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەردە ئوخشاش.

ئىسلام دىنىدا ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان ئىككى تەرەپنىڭ باراۋەرلىك ئالاقىسىدۇر. ئىككى جىنسىنىڭ بەخت- سائادىتى بىر بىرىنى تولۇقلاش بىلەن ھاسىل بولىدۇ.

ياراتقۇچى ئاللاھ ئەر بىلەن ئايال ئارىسىنى يارىتىشتا ۋە ئىنسانپەرۋەرلىكتە باراۋەر قىلىپ ياراتتى. چىقىشىش، خاتىرجەم بولۇش، ئۆز-ئارا كۆيۈنۈش، رەھىمدىللىك ۋە ھېسداشلىق ئالاقىسى شەكىللىنىش ئۈچۈن ئىنسان جۇپتىنى ئىنساندىن يارىتىپ بەردى.

ئەر- ئاياللارنىڭ نىكاھ قىلغان چاغدا بەرگەن ۋەدىسى ئەڭ كۈچلۈك ۋەدىدۇر. ئەر-ئاياللىق ئالاقىسى ئاتا-بالىلىق ئالاقىسىدىنمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، ئەر-ئاياللار ئارىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەت ۋە كۆيۈنۈش باشقا تۇغقانلار ئارىسىدىكىدىنمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. ئايال كىشى توي قىلغاندا بەخت-سائادەتكە يۈزلەندىم دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئايال كىشى ئىرى ئۈچۈن بارلىق تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىشقا رازى بولىدۇ.

قۇرئان كەرىمدە ئىلاھىي خىتاب ئەر بىلەن ئايالغا ئوخشاش كەلگەن، شۇنداقلا تەكلىپ مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش سالاھىيىتىنىڭ ئىككەيلەن ئارىسىدا ئورتاقلىقىنى تەكىتلەش ئۈچۈن مەسئۇلىيەتمۇ ئومۇمىي كەلگەن. تەكلىپ (مەسئۇلىيەت) سالاھىيىتىدىكى باراۋەرلىكنىڭ مۇكەممەللىكى ئۈچۈن ھېساب بېرىش، مۇكاپات ۋە جازادىمۇ باراۋەرلىك تولۇق بولغان:«ئەر-ئايال مۆمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە (دۇنيادا قانائەتچانلىق، ھالال رىزىق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىپ) ئوبدان ياشىتىمىز. ئۇلارغا، ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز» (نەھل، 97-ئايەت).

ئەر-ئايال ئارىسىدىكى باراۋەرلىك مەسىلىسى پەرز ئەين دائىرىسىدە توختاپ قالماستىن، پەرز كۇپايە (ئىجتىمائىي پەرز)نىڭ كۆپىنچىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالدى. مانا بۇ جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈشتە ۋە جەمئىيەتنى گۈللەندۈرۈشتە ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن ئوخشاش سالاھىيىتىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەيدۇ. پەرز كۇپايىنى ئورۇنداۋاتقانلار ئەرلەر بولىشى مۇمكىن ياكى ئاياللار بولىشى مۇمكىن.

 

كاشىغەرى

قاھىرە شەھىرى