2024-يىل 26-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

قۇرئان كەرىمنىڭ مەقسەتلىرى (2) ھەمكارلىشىدىغان ئىنسانىيەت دۇنياسىغا دەۋەت قىلىش:

قۇرئان كەرىمنىڭ مەقسەتلىرى

 

6.ئىنسانىيەتكە گۇۋاھلىق بېرەلىگۈدەك ئۈممەتنى يېتىشتۈرۈش:

 

قۇرئان كەرىمنىڭ مەقسەتلىرىنىڭ بىرى، ئىلاھى ۋەزىپىسىنى تەتبىقلايدىغان، ھاياتىنى ئەقىدىسى ۋە شەرىئىتىگە ئۇيغۇن قۇرۇپ چىقىدىغان، پەرزەنتلىرىنى شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە تەربىيىلەيدىغان ۋە ئىنسانىيەتنى ياخشىلىق، نۇر ۋە رەھمىدىللىككە يېتەكلەش ئۈچۈن ئىلاھى ۋەزىپىسىنى پۈتۈن دۇنياغا يەتكۈزىدىغان ئۈممەت شەكىللەندۈرۈشتۇر:«بىز سېنى پەقەتلا پۈتۈن جاھانغا رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق» (ئەنبىيا سۈرىسى، 107-ئايەت).

ئىسلام دىنى ئۈممەتنى تىلى ياكى رەڭگى ياكى زېمىنى ئاساسىدا ئەمەس، بەلكى  ئەقىدە ۋە ئىدىيە ئاساسىدا قۇرۇپ چىقىشنى ئىرادە قىلغان. ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممە نەرسىدىن ئىلگىرى ئەقىدە ۋە ئىلاھى ۋەزىپىنى ئاساس قىلىدىغان ھەقىقەتكە ئەزا بولىشىنى ئىرادە قىلغان.

 

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ قۇرئاندىكى ئوبرازلىق سۈپەتلىرى:

(1).رەببانى (ئىتائەتخۇمار):

بۇ ئۇممەتنىڭ مەنبەسى ئىلاھىدۇر، يۆلىنىشىمۇ ئىلاھىدۇر. چۈنكى بۇ ئۈممەتنى ئاللاھنىڭ ۋەھىيسى شەكىللەندۈرگەن، ئەھكاملىرى پەرۋىش قىلىپ يېتىلدۈرگەن: «شۇنىڭدەك (يەنى سىلەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغاندەك) كىشىلەرگە (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرگە) شاھىت بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرنىڭ سىلەرگە شاھىت بولۇشى ئۈچۈن، بىز سىلەرنى ئوتتۇراھاللىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئۈممەت قىلدۇق»(بەقەرە، 143-ئايەت). يەنە:«ئى مۇھەممەد ئۈممىتى! سىلەر ئىنسانلار مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان، ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر…»دېگەن (ئال ئىمران، 110-ئايەت). دېمەك، بۇ ئۈممەتنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ئىلاھى، يۆلىنىشىمۇ ئىلاھىدۇر، چۈنكى بۇ ئۈممەت ئاللاھ ئۈچۈن، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ۋە ئاللاھنىڭ مېتودىنى زېمىندا ئەمەلىي تەتبىقلاش ئۈچۈن ياشايدۇ.

(2).ئوتتۇراھاللىق:

ئوتتۇراھاللىق بۇ ئۈممەتنى ئىنسانىيەتكە گۇۋاھلىق بېرىش ۋە ئۇستازلىق قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان سۈپەت. بۇ ئۈممەت ئېتىقاد، تەسەۋۋۇر، ئىبادەت، ئەخلاق، ئىستىل، تۈزۈم، پىكىر ۋە تۇيغۇغا ئوخشاش ھەر قايسى تەرەپتىن ئوتتۇراھاللىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.روھ بىلەن ماددا ئارىسىدا، نەمۇنىلىك بىلەن رېئاللىق ئارىسىدا، ئاقىلانىلىق بىلەن ۋىجدان ئارىسىدا، يەككىلىك بىلەن كوللېكتىپ ئارىسىدا، مۇقىملىق بىلەن تەرەققى قىلىش ئارىسىدا ئوتتۇراھاللىققا ئىگە ئۈممەت.بۇ ئۈممەت ئەڭ توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئۈممەت.

(3).دەۋەت قىلىش:

بۇ ئۈممەت ھەقىقەت، ياخشىلىق ۋە ھىدايەتنى باسۇرۇپ ياتىدىغان ئۈممەت بولماستىن، باشقىلارنى دەۋەت قىلىدىغان ۋە ئىلاھى ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغان ئۈممەتتۇر. ئىمان ئېيتىش بىلەن بىرگە دەۋەت قىلىش، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇش ۋە يامان ئىشلاردىن توسۇش بۇ ئۈممەتنى باشقا ئۈممەتلەردىن ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىدىغان ئاساستۇر. بۇ ئۈممەت يۇقىرىقى خۇسۇسىيەتلىرى ئارقىلىق باشقىلاردىن ھەقىقەت مىزانىدا يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىسلام دىنى دۇنياۋى دىن بولغانلىقى ئۈچۈن دۇنياۋىلىق سۈپەتكە ئىگە بۇ ئۈممەت ھەقىقەتنى بارلىق ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشى، ئىنسانىيەت دۇنياسىنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسۇشى لازىم.

(4).بىرلىك:

ئىسلام ئۈممىتى تۈرلۈك مىللەت، تىل ۋە رەڭلەردىن تەركىپ تاپقان بولسىمۇ، بىرلىك خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بىر ئۈممەتتۇر. ئىسلام دىنى دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى ئېتىقاد ۋە شەرىئەت ئاساسىدا بىرلەشتۈرگەن:«ماۋۇ ئۈممەت بىر ئۈممەتتۇر، مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇرمەن، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار» (ئەنبىيا سۈرىسى، 92-ئايەت).

ئاللاھ بۇ ئۈممەتنى ئەقىدە، شەرىئەت، نىشان-غايە، مېتود، ئىبادەت، ئەخلاق، تۈزۈم …جەھەتلەردىن بىرلەشتۈرگەن. بۇ ئۈممەتنىڭ پەرۋەردىگارى بىر، پەيغەمبىرى بىر، قۇرئانى، قىبلىسى بىر، شەرىئىتى بىر، چوڭ يۇرتى بىر ۋە سىياسى بىرلىكىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ تۇرىدىغان يېتەكچىسى بىر ئۈممەتتۇر:«بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، شۇ يولدا مېڭىڭلار، ناتوغرا يوللاردا ماڭماڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ، (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى تۇتۇپ دوزاختىن)ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ»(ئەنئام سۈرىسى، 153-ئايەت).

بۇ ئۈممەت تۈرلۈك مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان بىر ئۈممەتتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام قېرىنداشلىقى باشقا ھەر قانداق قېرىنداشچىلىقتىن يۇقىرى تۇرىدۇ، ئىسلام قېرىنداشلىقى ئىماننىڭ ئىپادىسىدۇر: «بارلىق مۆمىنلەر قېرىنداشتۇر» (ھوجۇرات، 10ئايەت)

بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتىمەنكى، ئىمان ئاساسىدىكى ئىسلام قېرىنداشلىقى ھەر بىر مىللەتنىڭ خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى-ئىسلام قېرىنداشچىلىقىغا قارىشى چىقمىسا-ئىنكار قىلمايدۇ. ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا زىيان كەلتۈرمەيدىغان مىللەتپەرۋەرلىك روھى ھەرگىزمۇ چەتكە قېقىلمايدۇ، بەلكى ئالقىشلىنىدۇ. چۈنكى ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆز خەلقى ئۈچۈن ياخشىلىقنى ياخشى كۆرۈشى ۋە ئۇلاردىن زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇشى ئىنساندىكى تەبىئىي تۇيغۇدىن ئىبارەت.

 

 

 

7.ھەمكارلىشىدىغان ئىنسانىيەت دۇنياسىغا دەۋەت قىلىش:

 

ئىسلام دىنى نىشان، قىممەت-قاراش ۋە مېتود جەھەتتە ئالاھىدە بىر ئۈممەت بولۇشقا چاقىرسىمۇ، ئۆزىگە بېكىنمىچىلىك قىلىشنى خالىمايدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنى خەلقئارالىق دىن، بارلىق ئىنسانىيەت ئۈچۈن كەلگەن دەۋەت ۋە ئاللاھنىڭ ھەر بىر بەندىلىرى ئۈچۈن رەھمەتتۇر.

ئىسلام ئۈممىتى بۇ خەلقئارالىق دەۋەتنى پۈتۈن دۇنياغا يەتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلىنغان، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئۈممەت ھىدايەت تاپقان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ئىسلاھ بولغاندىن كېيىن ياخشىلىق ۋە نۇرنى بېسىپ يېتىۋالسا بولمايدۇ. باشقىلارنى ئاللاھنىڭ نۇرىغا باشلىشى، ئۇلارنى ئىسلاھ قىلىشى ۋە ئاللاھ نېسىپ قىلغان ياخشىلىققا چاقىرىشى لازىم. بۇ ئۈممەت كىشىلەرنى توغرا يولغا باشلاش، كىشىلەرگە پايدا يەتكۈزۈش، كىشىلەرنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇلارنى قاراڭغۇلۇقتىن نۇرغا چىقىرىش ئۈچۈن چىقىرىلغان ئۈممەتتۇر. بۇ ئۈممەتنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى باشقىلارنى دەۋەت قىلىشتۇر. بۇ ئۈممەت باشقىلارنى يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش، دۇنيانىڭ تارلىقىدىن ئاخىرەتنىڭ كەڭلىكىگە يۆتكىلىش ۋە دىنلارنىڭ زورلايديغان زۇلۇمىدىن ئىسلامنىڭ ئەركىنلىك بېرىدىغان ئادالىتىگە چىقىرىش ئارقىلىق ئىنسانىي ئەركىنلىكنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشقا بۇيرۇلغان.

ئىسلامنىڭ خەلقئارالىق ۋەزىپىسى ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئومۇمىي رەھمەتتۇر ۋە ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن چاقىرىقتۇر. ئىسلامنىڭ رەھىمدىللىكى ياكى ياخشىلىقنى نامايان قىلىپ بېرىدىغان پرىنسىپلىرى تۆۋەندىكىچە:

 

(1).ئىنساننى ئىنسانغا ئىبادەت قىلىشتىن ئازات قىلىش

ئىسلام دىنى خالىس تەۋھىدكە دەۋەت قىلىش ۋە شېرىكنىڭ بارلىق تۈرلىرىگە قارىشى تۇرۇش ئارقىلىق ئىنساننى ئىنسانغا قۇلچىلىق قىلىشتىن ئازات قىلدى، شۇنداقلا نەرسىلەر ياكى خىياللارغا قۇلچىلىق قىلىشتىنمۇ ئازات قىلدى. ئىسلام دىنى كىشىلەر مۇقەددەس بىلىپ يۈرگەن ساختا ئىلاھلارنى كىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر نەزەردىن پۈتۈنلەي ساقىت قىلىۋەتتى. ئىنسانلارنىڭ ئىنسانلارغا ئىبادەت قىلىشىنى ۋە باش قويۇشىنى پۈتۈنلەي چەكلىۋەتتى.

 

(2). ئىنسانىي قېرىنداشلىق ۋە باراۋەرلىك:

ئىسلام دىنى دەۋەت قىلغان تەۋھىدنىڭ مېۋىلىرىنىڭ قاتارىدىن ئىنسانىي قېرىنداشلىق ۋە ئىنسانىي باراۋەرلىكتۇر. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى تەۋھىد دەۋىتىنىڭ تەقەززاسى بۇيىچە بىر پەرۋەردىگارنىڭ بەندىلىرىدۇر، ئۇنداقتا ھەممە ئىنسانلار ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش دەرىجىسىدە ئوخشاش. شۇنداقلا ئۇلار بىر ئاتىنىڭ بالىلىرى بولۇپ، ئادەمنىڭ بالىلىرى بولۇش دەرىجىسىدە باراۋەر.

رەسۇلۇللاھ نۇرغۇن ئادەم توپلاشقان ھەج پائالىيىتىدە:«ئى ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلار بىر، ئاتاڭلارمۇ بىر، ھەممىڭلەر ئادەمنىڭ بالىلىرى، ئادەم بالىلىرى ئارىسىدا تەقۋالىقتىن باشقا ئارتۇقچىلىق بولمايدۇ»دېگەنىدى(ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).

ئاللاھ قۇرئاندا:«ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن (ئادەم بىلەن ھاۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۈرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر»دەيدۇ. (ھۇجۇرات سۈرىسى، 13- ئايەت).

رەسۇلۇللاھ:«بەندىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قېرىنداش ئىكەنلىكىگە مەن گۇۋاھ»دېگەن(ئەھمەد رىۋايىتى). دېمەك، بەندىلەرنىڭ ھەممىسى ئومۇمىي ئىنسانىي جەھەتتىن قېرىنداشتۇر. قېرىنداشلىق:ئۆز-ئارا مۇھەببەت، باراۋەرلىك ۋە ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت ئۈچ ئامىلدىن شەكىللىنىدۇ.

ئىسلامدا ئىمان ئۈستىگە قۇرۇلغان دىنى قېرىنداشلىق بار بولۇپ، بۇ قېرىنداشلىق ھەر قانداق قېرىنداشلىقتىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇ قېرىنداشلىق باشقا تۈردىكى ئىنسانىي قېرىنداشلىق، مىللەت قېرىنداشلىقى ۋە ۋەتەنداش قېرىنداشچىلىقىنى ئىنكار قىلمايدۇ. قۇرئان كەرىم بۇ خىل تۈردىكى قېرىنداشلىقنىمۇ ئىسپاتلىغان.

 

(3). ھەممە كىشىلەرگە ئادىل مۇئامىلە قىلىش:

ئىسلام دىنى بارلىق كىشىلەر ئارىسىدا ئادالەتنى تۇرغۇزۇشقا دەۋەت قىلغان، بۇ يەردىكى ئادالەت چاقىرىقى پەقەت مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەت ئارىسىدا بولىدۇ.

ئاللاھ قۇرئاندا ئىلاھى دىننىڭ مەقسەتلىرىنى بايان قىلىپ:«بىز پەيغەمبەرلىرىمىزنى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە، ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ كىتابنى ۋە ئادالەت قانۇننى چۈشۈردۇق» (ھەدىد سۈرىسى، 25-ئايەت). پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش ۋە ئىلاھى كىتابلارنى چۈشۈرۈشتىكى مەقسەت ئىنسانىيەت ھاياتىدا ھەر بىر ھەق ئىگىسىنىڭ ھەققىنى بېرىدىغان ئادالەت ۋە ئادىللىقنى رېئاللىققا ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر:«ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ» (نىسا، 58-ئايەت).

ئىسلام دىنىدا ئادالەت يېقىن ياكى يىراق تۇغقانچىلىقتىن، ياخشى كۆرۈش ۋە يامان كۆرۈش تۇيغۇسىدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ:«ئى مۆمىنلەر! خۇدالىق ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشتە، ئۆزەڭلارنىڭ ۋە ئاتا-ئاناڭلارنىڭ ياكى تۇغقانلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا(گۇۋاھلىق بېرىشكە) توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىڭلار» (نىسا سۈرىسى، 135-ئايەت).

يەنە:«ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ (ھەقلىرىنى) ئادا قىلىشقا تىرىشىڭلار، ئادىللىق بىلەن گۇۋاھلىق بېرىڭلار، بىرەر قوۋمگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار ئۇلارغا ئادىل بولماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن، دۈشمىنىڭلارغا ئادىل بولۇڭلار، بۇ تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر»دەيدۇ. (مائىدە، 8-ئايەت). مانا بۇ ئادالەت…

 

(4). دۇنياۋى تىنچلىق:

ئىسلام دىنى ئىنسانلار ئارىسىدا ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشنىڭ ئورنىغا تىنچلىققا دەۋەت قىلغان. ئىسلامدىكى ئاللاھ يولىدىكى كۆرەش دەۋەتنى ياكى مۇسۇلمانلارنى ھىمايە قىلىش، مۇسۇلمانلارغا جەڭ ئېلان قىلغانلارغا قارىشى ئۇرۇش قىلىش، زېمىندىكى ئاجىزلارنى قۇتقۇزۇۋېلىش ۋە ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ئەدەپلەپ قويۇش ئۈچۈن پەرز قىلىنغان:«سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان ئادەملەرگە قارىشى ئاللاھ يولىدا كۆرەش قىلىڭلار، تاجاۋۇز قىلماڭلار، تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ئاللاھ دوست تۇتمايدۇ (بەقەرە سۈرىسى، 190-ئايەت).

يەنە:«تاكى زىيانكەشلىك، بوزەك قىلىش ۋە ئەقىدە سەۋەبىدىن ئىزىش تۈگىگەن ۋە ئاللاھنىڭ دىنى يولغا قويۇلغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار، ئەگەر ئۇلار ئۇرۇشنى توختاتسا، زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن باشقىلارغا دۈشمەنلىك قىلىشقا بولمايدۇ»دەيدۇ(بەقەرە، 193-ئايەت). رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدە يۈز بەرگەن ئۇرۇشلار مۇداپىئە ئۇرۇشى ئىدى. ئىسلامدىكى ئەسلى قائىدە تىنچلىق، ئۇرۇش قىلىش ئايرىم ئەھۋالدۇر.

 

(5). كەڭ قورساق بولۇش:

ئىسلام دىنى دەۋەت قىلغان پرىنسىپ ۋە قىممەت-قاراشلارنىڭ بىرسى، مۇسۇلمان بولمىغانلار بىلەن كەڭ قورساق بولۇش، دۈشمەنلىك قىلمىسا ئۇلارغا ئاداۋەت تۇتماستىن ئالىي ئىنسانىي روھ بىلەن مۇئامىلە قىلىشتۇر. قۇرئان كەرىم مۇسۇلمان بولمىغانلارنى بىر تاياقتا ھەيدىمەستىن ئىككى تۈرگە ئايرىپ مۇئامىلە قىلغان. بىر تۈرى مۇسۇلمانلار بىلەن دىن سەۋەبلىك ئۇرۇش قىلىدۇ، ئۇلارغا دۈشمەنلىك قىلىدۇ ۋە بوزەك قىلىدۇ. يەنە بىر تۈرى بولسا بۇ تۈردىكى قەبىھ ئادالەتسىز ئىشلارغا ئارىلاشمايدۇ. قۇرئان كەرىم مۇسۇلمان بولمىغانلارغا قارىتا ئالاقە توغرىسىدا ئېنىق كەسكىن روشەن قانۇننى بەلگىلىگەن:«كۇففارلاردىن سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسمايدۇ، ئاللاھ ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ. ئاللاھ دىن ئۈچۈن سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە سىلەرنى ھەيدەپ چىقىرىشقا ياردەملەشكەنلەرنى دوست تۇتىشىڭلاردىن سىلەرنى توسىدۇ، كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر» (مۇمتەھىنە، 8-9-ئايەتلەر).

ئاندىن مۇسۇلمانلار بىلەن توختام تۈزگەن غەيرى مۇسۇلمانلار ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

بىر تۈرى: ۋاقىتلىق توختام بولۇپ، توختام مۇددىتى تۈگىگەنگە قەدەر داۋاملىشىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بۇ توختامدىپلۇماتىيە ئالاقىسى دەپ ئاتىلىدۇ.

يەنە بىر تۈرى: داۋاملىق توختامغا ئىگە كىشىلەر بولۇپ، مۇسۇلمانلار بۇلارنى»ئەھل زىممە» (يەنى دائىم ئامانلىققا ئېرىشكۈچىلەر) دەپ ئاتايدۇ. بۇلار پايدا-زىياندا مۇسۇلمانلار بىلەن ئوخشاش ھۆكۈمدە بولىدۇ. بۇلار ئىسلام دىيارىنىڭ ۋەتەنداشلىرى قاتارىدىن سانىلىدۇ.

 

 ئابدۇراھمان كاشىغەرى

قاھىرە شەھىرى