2024-يىل 25-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىسلام شەرىئىتىدىكى مەنپەئەت ئۇقۇمى

ئىسلام شەرىئىتىدىكى مەنپەئەت ئۇقۇمى

 

مەنپەئەت دېگەن شەرىئەتنىڭ مەقسىتىگە ئۇيغۇن ھالدا پايدىنى قولغا كەلتۈرۈش ياكى زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىكتۇر. خەلقلەردىن كۆزلەنگەن شەرىئەتنىڭ مەقسىتى دىن، جان، ئەقىل، نەسىل-ئابروي ۋە مال-مۈلكىنى قوغداشتۇر. مۇشۇ بەش تۈرلۈك زۆرۈرىيەتنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق ئىشلار مەنپەئەت. مەنپەئەت ۋە بۇزغۇنچىلىق ئۇقۇمى قۇرئان كەرىمدە ياخشلىق-يامانلىق، پايدا-زىيان دەپ ئىپادىلەنگەن.

مەنپەئەت دىن ياكى دۇنيالىققا تەۋە ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەنپەئەت خەلقلەرنىڭ بۇ دۇنيادىكى ۋە ئاخىرەتتىكى مەنپەئەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەرئى مەنپەئەت ھېسسى ماددى مەنپەئەتنى ۋە روھى مەنىۋى مەنپەئەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەرئى مەنپەئەت مەنپەئەتنىڭ ئۆزىنى ۋە ۋاستىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋاستىلارغا نەتىجىگە يەتكۈزۈش ئېتىبارى بىلەن مەقسەتنىڭ ھۆكمى بېرىلىدۇ. زىياننى يوقىتىش ياكى ئالدىنى ئېلىشمۇ مەنپەئەت سانىلىدۇ. مەنپەئەتنى قولدىن بېرىپ قويۇش زىيان سانىلىدۇ، شۇڭا ۋاستىنى چەكلەش قائىدىسى زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان. زىيانلىق ئىشنىڭ ۋاسىتىسىنى چەكلىگەنلىكمۇ مەنپەئەت ھېسابلىنىدۇ.

ئەمەلىي ھاياتتا خالىس مەنپەئەت ياكى خالىس زىيانلىق ئىشلار ئاز بولىدۇ، بەلكى مەنپەئەت خاراكتېرىدىكى ئىشلار بولسا، بىر ئاز زىيىنى بىلەن بىللە بولىدۇ. قايسى بىر زىيانلىق ئىش بولسا، بىر ئاز پايدىسى بىللە بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەنپەئەت  كۆپىنچە پايدىغا ئېلىپ بارسا ياكى ئاقىۋىتى پايدىلىق بولسا مەنپەئەت دەپ ئاتىلىدۇ. زىيانلىق ئىش كۆپىنچە ئېتىبارى بىلەن ياكى ئاقىۋىتى ئېتىبارى بىلەن زىيانلىق دەپ ئاتىلىدۇ. دېمەك، مەنپەئەت كۆپىنچە تەرىپىنى ئاساس قىلىدۇ، زىيانمۇ كۆپىنچە تەرىپىنى ئاساس قىلىدۇ.

مەنپەئەت ۋە زىيانلىق ئىشلار تۈرلۈك دەرىجىلەرگە بۆلۈنىدۇ. مەنپەئەتنىڭ زۆرۈرىيەت دەرىجىسى، ئېھتىياج دەرىجىسى ۋە تولۇقلىما گۈزەللەشتۈرۈش دەرىجىسى دەيدىغان مەشھۇر ئۈچ تۈرى بار. شۇنداقلا ئومۇمى ۋە خۇسۇسىي مەنپەئەت، پرىنسىپال مەنپەئەت ۋە تارماق مەنپەئەت دەيدىغان تۈرلىرىمۇ بار.

 

 

مەنپەئەتنىڭ تۈرلىرى

 

1.شەرىئەت ئېتىبارغا ئالغان مەنپەئەت:

ئۇ شەرىئەت دەلىل كەلتۈرۈپ ئېتىبارغا ئالغان ياكى كۆرسىتىپ قويغان مەنپەئەتتۇر. ئۇنىڭ مىساللىرى بەك كۆپ بولۇپ، شەرئى دەلىل ياكى ئىجما ياكى شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ۋە پرىنسىپال قائىدىلەرگە تايانغان توغرا ئىجتىھاد بىلەن مەنپەئەتى بايان قىلىنغان ئەھكاملارنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن:

(1). ناماز ئوقۇشنىڭ مەنپەئەتى ئاللاھنى ئەسلەش، ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش، ئۆزىنى مۇنكەر ئىشلاردىن ۋە چوڭ جىنايەتلەردىن توسۇش، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە كۆرۈنىدۇ.

(2).زاكاتنى ئادا قىلىشنىڭ مەنپەئەتى زاكات بەرگۈچىنىڭ نەپسىنى ۋە مال-مۈلكىنى پاكلاشتا كۆرۈنىدۇ. شۇنداقلا بەرىكەتنى ئاشۇرىدۇ، ئەجرىنى كاتتا قىلىدۇ، جەمئىيەتتە كېپىللىك، قېرىنداشلىق ۋە تەڭپۇڭلۇقنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

(3).قاتىللىقنى چەكلەشنىڭ مەنپەئەتى ئىنسان جېنىنى قوغداش، ھاياتىنى ھىمايە قىلىش؛ روھى، بەدىنى ۋە ئەقلى سالامەتلىكىنى ئاسراستا نامايان بولىدۇ.

(4).قازىنىڭ ئاچچىقى قاتتىق كېلىپ قالغاندا ياكى قورسىقى بەك ئېچىپ كەتكەندە ھۆكۈم چىقىرىشتىن توسۇشنىڭ مەنپەئەتى ئادالەتنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ۋە ھۆكۈم چىقىرىشتا ئالدىراپ كەتمەسلىكتە كۆرۈنىدۇ.

(5).ئوغرىلىق قىلغان ئادەمنىڭ گەرچە جازالانسىمۇ ئوغرىلىغان نەرسىنىڭ قىممىتىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە كېپىل بولىشىمۇ مەنپەئەتنىڭ جۈملىسىدىن.

ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان مەنپەئەت شەرئى ھۆججەت ياكى ئىجما بىلەن ئىسپاتلانغاندەك، شۇنداقلا پرىنسىپال قائىدە ۋە شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى بىلەنمۇ ئىسپاتلىنىدۇ. مەسىلەن، ئىنساننى كىلونلاشنىڭ ھاراملىقى قائىدە ۋە پرىنسىپلار بىلەن ئىسپاتلانغان. پرىنسىپال قائىدىلەر ئىنساننىڭ دىنىنى قوغداشتا؛ ئۇنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇۋېلىشتا، چىرايىنى سەتلەشتۈرۋېتىشتىن ۋە ئازابلاشتىن ساقلاشتا، ئىنسانىي ھۆرمىتى ۋە شەخسىيىتىنى ھىمايە قىلىشتا، شۇنداقلا ئۇنىڭ سالامەتلىكى ۋە مەۋجۇتلۇقى بىلەن ئويناشماسلىقتا كۆرۈنىدۇ.

 

2.شەرىئەت ئىناۋەتسىز دەپ بەلگىلىگەن ئىشلار:

ئۇ شەرئى دەلىل ياكى ئىجما ياكى شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ئارقىلىق ئىناۋەتسىزلىكى بەلگىلەنگەن ئىشلاردىن ئىبارەت. بۇ بىر بۆلەك ئىشلاردا شەكلى جەھەتتىن كۆرۈنۈشتە مەنپەئەت باردەك قىلسىمۇ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى شەرىئەت ئىنسانلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئېتىبارسىز مەسىلە دەپ بەلگىلىگەن. شۇڭا بۇ ئىشلاردا بىر ئاز پايدا بولسىمۇ، زىيانلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق تەرىپى كۆپ بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن شەرىئەت مەسىلىنىڭ كۈچلۈك تەرىپىگە قاراپ ھۆكۈم چىقىرىپ، بۇ شەكلى مەنپەئەتنى ئىناۋەتسىز دەپ قارىغان. شەرىئەت بىكار قىلىپ تاشلىغان مەسىلە مەنپەئەتنىڭ قاتارىدىن سانالمايدۇ.

شۇنىڭغا ئاساسەن:«ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى خۇسۇسىي مەنپەئەتنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ»، «ھەقىقى مەنپەئەت خىيالى مەنپەئەتنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ»، «كەسكىن مەنپەئەت گۇمانى مەنپەئەتنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ»دەيدىغان شەرئى قائىدىلەر شەكىللەنگەن. مەسىلەن،

(1). ھاراق ئىچىپ ۋە سېتىپ مەنپەئەتكە ئېرىشكىلى بولسىمۇ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان زىيان پايدىدىن ئېغىر بولىدۇ، زىياننىڭ ئالدىدا بۇ پايدا يوق ھېسابتا، شۇڭا شەرىئەت كۆپ زىياننى يوقىتىش ئۈچۈن بۇ ئازغىنا پايدىنى ئىناۋەتسىز ۋە بۇزغۇنچىلىق دەپ قارىغان.

(2).مىراس مەسىلىسىدە قىزنىڭ ئوغۇل بىلەن باراۋەرلىكى ئىناۋەتسىز، تالاق قىلىش ھوقۇقىدا ئەر بىلەن ئايالنىڭ باراۋەرلىكى ئىناۋەتسىز، كۆپ پۇل تېپىش ئۈچۈن جازانە بىلەن شۇغۇللىنىپ پايدا تېپىش ئىناۋەتسىز، بۇزۇق ئاياللارنىڭ زىنا قىلىپ تاپقان پۇلى ئىناۋەتسىز، مونوپۇل قىلىپ تاپقان پايدا باشقىلارغا كۆپ زىيان ئۇرىدىغان بولغاچقا ئىناۋەتسىز، چۈنكى شەرىئەت بۇ تۈرلەرنىڭ ھەر بىرسىدە قىسمەن مەنپەئەت بولسىمۇ زىياننىڭ كۆپلۈكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىناۋەتسىز دەپ ھۆكۈم قىلغان. شۇڭا بۇ تۈردىكى مەنپەئەتلەر ھەقىقى مەنپەئەت بولماستىن خىيالىي مەنپەئەتتىن ئىبارەت.

(3).ئىنساننىڭ نورمال تاقىتى يەتمەيدىغان ساۋابلىق ئىشلارغا تەكلىپ قىلىش ئىناۋەتسىز دەپ قارىلىدۇ. تاقىتى يەتمەيدىغان ئىتائەت ئىشلار توغرا ئوتتۇراھال ئىبادەت قىلىش پرىنسىپىغا زىت بولۇپ، زېرىكتۈرۈشكە بەزىدە بىر پۈتۈن شەرىئەتتىن چېكىنىشكە ئېلىپ بارىدۇ، شۇنداقلا بىلىم-مەرىپەت ئېلىش، رىزىق تېپىش ۋە توغرا ئىبادەت قىلىش مەنپەئەتلىرىنى زايە قىلىۋېتىدۇ. شۇڭا شەرىئەت پەرز ئىبادەتلەرنىڭ مىقدارى ۋە شەكىللىرىنى كىشىلەرنىڭ مىجەزىگە تاشلاپ قويماستىن ياكى بىدئەت پەيدا قىلىشقا يول ئېچىپ بەرمەستىن ئېنىق دەلىل بىلەن بەلگىلەپ بەرگەن.

(4). ئىمتىھاندا كۆچۈرۈش ياكى ئالدامچىلىق قىلىش ئىناۋەتسىز مەنپەئەت، چۈنكى ئۇ ئوقۇغۇچىلاردا بىلىم-ئېلىش ۋە يۇقىرى سەۋىيەلەرگە توغرا ئۇسۇللار بىلەن ئېرىشىش جەھەتتىن ھورۇن قىلىپ قويىدۇ، شۇنداقلا قابىلىيەتلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ تونۇلماسلىقىدا زۇلۇمغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. رەسۇلۇللاھ:«كىم ئالدامچىلىق قىلسا، مۇسۇلماننىڭ قىلىقىنى قىلغان بولمايدۇ» دېگەن (ئەھمەد رىۋايىتى).

 

  1. مۇتلەق مەنپەئەت:

يەنى شەرىئەت ئېتىبارغا ئالغانلىق ياكى ئىناۋەتسىز قىلغانلىقىغا دەلىل كەلمىگەن مەنپەئەت:

ئۇ شەرىئەتنىڭ قائىدىلىرى، پرىنسىپلىرى ۋە مەقسەتلىرىنىڭ روھى ئاساسىدا توغرا ئىجتىھاد قىلىش ئارقىلىق ھاسىل بولغان شەرئى مەنپەئەتتۇر. بۇ تۈردىكى مەنپەئەت قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەتتىن مۇئەييەن دەلىل ئاساسىدا ئىسپاتلانمىسىمۇ، بىراق شەرىئەتنىڭ ئومۇمىي قائىدىلىرى، پرىنسىپلىرى ۋە مەقسەتلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. مەنپەئەت خاراكتېرلىك ئىش بولىدىكەن شەرىئەت تەرىپىدىن ھىمايە قىلىنىدۇ.

ئەقىدە، ئىبادەت، ئەخلاق-پەزىلەت ۋە (جازا، مىراس، كاپپارەت، ئىددەت تۇتۇش دېگەندەك) ئۆلچەم بېكىتىلگەن ساھەلەردە مەنپەئەت ئاساسىدا ئىش قىلىش توغرا بولمايدۇ. بىراق ئىقتىسادى مۇئامىلە، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەيدانلاردا شەرىئەتنىڭ قائىدە ۋە مەقسەتلىرىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ھالەتتە ئىش قىلسا توغرا بولىدۇ. شۇنداقلا ئەقىدە ۋە ئىبادەتكە خىزمەت قىلىدىغان ۋاستىلاردا، بەزى بىر مۇئامىلە، پەزىلەت ۋە قىممەت-قاراشنىڭ شەكىللىرىدە مەنپەئەت ئاساسىدا ئىش ئېلىپ بارسا بولىدۇ. بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ كۆز-قارىشى بولۇپ، شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى، دەلىللىرى ۋە كۆرسەتمىلىرىگە مۇناسىپ.

مۇتلەق مەنپەئەتكە ئەمەل قىلىشنىڭ شەرتلىرى:

(1). ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش پرىنسىپىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك،

(2). دۇنيا بىلەن ئاخىرەتنى باغلاش پرىنسىپىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك،

(3). شەرىئەتنىڭ ئېنىق دەلىل ياكى توغرا ئىجماغا قارىشى كەلمەسلىك،

(4).شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىگە ئۇيغۇن كېلىش، يەنى شەرىئەتنىڭ بىرەر ئاساسى ياكى ئېنىق دەلىللىرىگە زىت كەلمەسلىك.

(5).ئۇنىڭدىن مۇھىم مەنپەئەتنىڭ قولدىن كېتىشىگە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر زىياننىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەب بولماسلىقى لازىم.

مۇتلەق مەنپەئەت شەرىئەتتە ھۆججەت سانىلىدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىم ھەر قانداق چوڭ-كىچىك ياخشىلىققا بۇيرۇغان، ھەر قانداق چوڭ-كىچىك يامانلىقتىن توسقان. ياخشىلىق مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە زىياننى يوقىتىش دەپ ئىپادىلىنىدۇ. يامانلىق زىياننى پەيدا قىلىش ۋە مەنپەئەتنى چەكلەپ قويۇش دەپ ئىپادىلىنىدۇ: «كىم قىلچىلىك ياخشىلىق قىلسا، ئۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ. كىم قىلچىلىك يامانلىق قىلسا، ئۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ» (زەلزەلە، 7-8-ئايەت). مانا بۇ ئايەت ھەر قانداق ھەجىمدىكى بىر مەنپەئەتنىڭ شەرىئەت تەرىپىدىن بۇيرۇلىدىغانلىقى ۋە تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ مەنپەئەتنى قوغداش شەرىئەت بۇيىچە ئەمەل قىلغانلىق بولىدۇ. شۇنداقلا ھەر قانداق بىر ھەجىمدىكى زىياننىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ زىياننى يوقىتىش ۋە كىشىلەرنى ئۇنىڭدىن ھىمايە قىلىش شەرىئەت بۇيىچە ئەمەل قىلغانلىقتۇر.

قۇرئان كەرىم:«ئاللاھ ئادالەتكە، ئىشلارنى پۇختا گۈزەل شەكىلدە قىلىشقا، تۇغقانلار ۋە يېتىملەرگە خەير ئېھسان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. قەبىھ سۆز ھەرىكەتلەردىن، يامان ئىشلاردىن ۋە زۇلۇم قىلىشتىن توسىدۇ»دەيدۇ (نەھل سۈرىسى، 90-ئايەت).

يەنە:«ياخشى ئىش قىلىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار غەلىبە قىلىسىلەر»دەيدۇ (ھەج سۈرىسى، 77-ئايەت). مانا بۇ ئايەتلەر ھەر قانداق ياخىشلىقنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە بۇيرۇيدۇ. ھەر قانداق يامانلىقنى ئەيىبلەيدۇ ۋە ئۇنىڭدىن توسىدۇ.

خىزىر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەقەلىكىدە خىزىرنىڭ ساق كېمىنىڭ بىر تال شالنى ئېلىۋېتىپ كېمىنى تۆشۈك قىلىپ قويۇشى، سىرتقى كۆرۈنۈشتە بۇزغۇنچىلىق ۋە تاجاۋۇزچىلىق بولسىمۇ، ماھىيەتتە مەنپەئەت ئۈچۈن قىلىنغانلىقى ئېنىق مەسىلە.

رەسۇلۇللاھ:«مەنسەپ تەلەپ قىلغان ۋە مەنسەپپەرەس ئادەمنى مەسئۇل قىلمايمىز»دېگەن(مۇسلىم رىۋايىتى). بۇ ھەدىس مەنسەپپەرەسلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش قائىدىسىنى بېكىتىپ بەرگەن. بىراق رەسۇلۇللاھ زىياد ئىبنى ھارىس سۇدائى دېگەن ئادەم ئۆز قەبىلىسىگە بۇرۇنقىدەك باشلىق بولىۋىرىشنى تەلەپ قىلغاندا قوشۇلغان. دېمەك، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە ئاساسەن ھوقۇقنى تەلەپ قىلغان ئادەم ياراملىق بولسا، ئۇنى مەنسەپكە تەيىن قىلسا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

دېمەك، شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى بىلەن ماسلاشقان ياكى شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىگە خىزمەت قىلىدىغان مۇتلەق مەنپەئەت ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان مەنپەئەتتۇر.  مەنپەئەت بولىدىكەن شەرىئەتنىڭ قائىدىلىرى ۋە مەقسەتلىرى بىلەن ئۇيغۇنلىشىدۇ. شەرئى دەلىل ھەقىقى مەنپەئەت بىلەن زىتلاشمايدۇ.

دېمەك، مەنپەئەت ئەھكام دەلىللىرىنىڭ چوڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ، ئۇ مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ كۆپلىكىدە قىياستىن قېلىشمايدۇ، بەلكى قىياستىن كەڭرەك ئورۇن ئالىدۇ. مەنپەئەت شەرئى دەلىل بولۇپ، ئىللەتلىرى ۋە ئومۇمى مەقسەتلىرىگە تايىنىدۇ، شۇڭا ئۇنى ئومۇمى قىياس دېيىشكىمۇ بولىدۇ. بۇ ئومۇمىي قىياس تارماق قىياس بىلەن تاكامۇللىشىدۇ.

مۇتلەق مەنپەئەتنىڭ مىساللىرى:

(1). ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى ۋە ئوسماننىڭ دەۋرىدە قۇرئان كەرىمنىڭ بىر كىتاب شەكىلدە پارچە يازما ماتېرىياللاردىن توپلىنىشى مەنپەئەت ئاساسىدا بولغان، بۇنى:«قۇرئاننى بىز چۈشۈردۇق، ئۇنى ئۆزىمىز قوغدايمىز»(ھىجىر سۈرىسى، 9-ئايەت) دېگەن ئومۇمى قائىدە قوللايدۇ.

(2).بىر ئادەمنى بىر قانچە ئادەم بىرلىشىپ ئۆلتۈرۈۋەتسە ياكى ئۇنىڭ بىرەر ئەزاسىنى كېسىۋەتسە، جىنايەتكە قاتناشقان ھەممىسىدىن تەڭ قىساس ئېلىنىدۇ، چۈنكى جازا جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان. ئەگەر جىنايەتكە قاتناشقان بىر توپ ئادەم جازالانمىسا، ئۇ ئەھۋالدا بەزى جىنايەتچىلەر جازا ۋە قىساستىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئۈچۈن كوللېكتىپ خاراكتېرلىك جىنايەت سادىر قىلىشقا باشلايدۇ. بىر ئادەمنىڭ بەدىلىگە قىساس ئېلىش ئۈچۈن بىر توپ ئادەمنى ئۆلتۈرۈش مەسىلىسى خاس دەلىل ئاساسىدا ئىسپاتلانمىغان ھۆكۈم. بۇ ھۆكۈم ئىنسانلارنىڭ جېنى، ھاياتى ۋە سالامەتلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قىساس ئېلىش لازىم دېگەن ئومۇمىي قائىدىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.

(3).قاتناش ھەرىكىتىنى تەرتىپكە سېلىش، قىزىل چىراغ بېكىتىش، يول بەلگىلىرىنى قويۇش، قوش يول ياساپ چىقىش، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جازالاش شەرىئەتنىڭ جان، مال-مۈلۈكنى قوغداش، ئامانلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئەزىيەت، ھالاكەت ۋە قورقۇنچىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت شەرىئەت مەقسەتلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان  ئىشلار مەنپەئەت قاتارىدىن سانىلىدۇ.

(4).توي خېتى، سودا سېتىق، ئىجارە ھۆججەتلىرىنى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا تەستىقلىتىش ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.

(5). ئىقتىدارلىق بولسا، ۋاقتى كېلىپ قالسا چېكىنەلەيدىغان بولسا، ئىسلاھ قىلىش نىيىتىدە رادىئو-تىلۋوزۇر ۋە گېزىت-ژۇرنال ساھەلىرىدە خىزمەت قىلىشمۇ مەنپەئەت سانىلىدۇ.

 

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى