2024-يىل 18-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

شەرىئەت مەقسەتلىرىنىڭ باشقا تۈرلىرى

شەرىئەت مەقسەتلىرىنىڭ باشقا تۈرلىرى

 

ئىسلام شەرىئىتى ئاللاھ تەرەپتىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن خاتالىقتىن پاك، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرى ئىختىلاپتىن خالى ھالدا بىرلىك ۋە بىر-بىرى بىلەن ئۇيغۇنلۇق سۈپىتىگە ئىگە. بۇ شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى بىر خىل دەرىجىدە ئەمەس. شەرىئەت مەقسەتلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرىسى «زۆرۈر دەرىجىدىكى مەقسەتلەر»، ئاندىن «ئېھتىياج خاراكتېرىدىكى مەقسەتلەر»، ئاندىن «تولۇقلىما ۋە گۈزەللەشتۈرىدىغان مەقسەتلەر»دىن ئىبارەت. مەقسەتلەر يۇقىرىقىدەك تۈرگەن بۆلەنسىمۇ ھەممىسى ئاخىرى بېرىپ زۆرۈر مەقسەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يۈزلىنىدۇ.

شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ھەققىدە ئىزدەنگەن ئالىملار شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى تۈرلۈك ئېتىبارلار بىلەن بىر قانچە تۈرگە بۆلگەن، ئاتالغۇلارنى ئىجات قىلغان، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ھەققىدە كەلگەن تۈرلەر ۋە تارماقلار مەشھۇر بولسىمۇ، بىراق ئالىملارنىڭ ئىجتىھادىدىن ئىبارەت. شۇڭا كېيىن كەلگەن ئالىملار ۋە ھازىرقى زامان ئالىملىرى بۇ ساھەنىڭ تەقەززالىرى ۋە يېڭىلىقلىرى ھەققىدە ئىجتىھاد ئېلىپ بارسا بولىدۇ. شەرىئەت مەقسەتلىرى يۇقىرىقى ئۈچ تۈرلۈك تەقسىماتتىن باشقا تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە بۆلۈنگەن.

 

 1.مەقسەتلەر ئىسپاتلىنىش جەھەتتىن ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ:

 

شەرىئەتنىڭ بەزى مەقسەتلىرى ئېنىق دەلىل بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ، بەزىسى ئىشارەت يولى ئارقىلىق ئىسپاتلىنىدۇ، يەنە بەزىسىگە ئىشارەتمۇ قىلىنمايدۇ، بىراق ئىشارەت قىلىنمىغان بولسىمۇ كۆپلىگەن ئەھكاملاردا ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىدۇ. مەقسەتلەر ئالىملارنىڭ كۆز-قارىشىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئۇقۇمىنىڭ ئاشكارا ياكى مەخپى بولۇشىغا قاراپ كەسكىن، ئېھتىمالى ۋە يەنە خىيالى دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ:

 

(1).كەسكىن مەقسەتلەر:

ئۇ كۆپلىگەن دەلىللەرنىڭ ئېنىق كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن ئادەمنىڭ كاللىسىدا كەسكىنلىكنى پەيدا قىلىدىغان مەقسەتلەردۇر. مەسىلەن، شەرىئەتنىڭ ئاسانلىقى، بەك ئېغىرچىلىقنىڭ كۆتۈرۈۋېتىدىغانلىق مەقسىتىگە ئوخشاش. بۇ مەقسەت شەرىئەتنىڭ كەسكىن ۋە ئېنىق مەقسەتلىرىنىڭ قاتارىدىن، چۈنكى كۆپلىگەن دەلىللەر شۇنى ئىپادىلەپ كەلگەن.

قىساس ئېلىشنىڭ ھېكمىتى ھاياتلىقنى ساقلاش ئىكەنلىكىمۇ ئېنىق مەقسەت.نامازنىڭ ئىنساننى ناچار ۋە چەكلەنگەن ئىشلاردىن توسۇپ قالالايدىغانلىقىمۇ كەسكىن مەقسەت. بەش تۈرلۈك زۆرۈرىيەتلەر ياكى پرىنسىپال ئومۇمى مەقسەتلەر كەسكىن مەقسەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ.

 

(2).كۈچلۈك ئېھتىماللىققا ئىگە مەقسەتلەر:

ئۇ كۈچلۈك ئېھتىماللىق ئاساسىدا بىلىنىدىغان مەقسەتلەر. بۇ مەقسەتلەرنىڭ كەسكىنلىكىنى ئىپادىلەيدىغانلىق توغرىسىدا دەلىل كەلمىگەن، بىراق بۇ مەقسەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى شەرىئەتنىڭ ئەھكاملارنى يولغا قويۇشتىكى ئىش-ھەرىكەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتىن چۈشىنىلگەن بولىدۇ. بىر مەقسەتنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن كۆپلىگەن ھۆكۈملەرنىڭ كېلىشى ئاشۇ مەقسەتنىڭ شەرىئەتنىڭ مەقسىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

مەسىلەن، شەرىئەت يېمەكلىكتە مونوپۇل قىلىشنى توسقان ۋە مال-مۈلۈكنى تىجارەتكە سالماي بېسىپ يېتىشتىن چەكلىگەن. تىجارەتنى يولغا قويغان، ئۇنىڭغا قىزىقتۇرغان، نەرسە كېرەك ئالماشتۇرۇش سودىلىرىنى ئاسانلاشتۇرغان ۋە نەپىقە بېرىشكە قىزىقتۇرغان. يۇقىرىقى بۇ ھۆكۈملەرنىڭ ھەممىسى مال-مۈلۈكنى كەڭرى دائىرىدە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى شەرىئەتنىڭ مەقسىتى ئىكەنلىكىگە كۈچلۈك ئېھتىمالىي ئۇقۇمنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

مەسىلەن، شەرىئەت توي قىلماقچى بولغان ئوغۇل-قىزنىڭ بىۋاستە ئۆز-ئارا تونۇشۇشقا رۇخسەت قىلغان. نىكاھتا قىز-ئوغۇلنىڭ رازىلىقىنى شەرت قىلغان، شۇنداقلا قىز تەرەپ ۋەلىسىنىڭ قوشۇلۇشى ۋە توينى ئاشكارا قىلىشنىمۇ شەرت قىلغان. بۇنىڭغا قارايدىغان بولساق، ئەر-ئاياللىق رىشتىسىنى مۇستەھكەملەش ۋە داۋاملاشتۇرۇشنىڭ نىكاھ ئەھكاملىرىدىكى شەرىئەت مەقسەتلىرىنىڭ بىر مەقسىتى ئىكەنلىكىگە كۈچلۈك ئوي پىكىر ياكى كۈچلۈك ئېھتىماللىق ھاسىل بولىدۇ.

شەرىئەتتە كەلگەن كەسكىن ئەھكاملار، كۈچلۈك ئېھتىماللىققا ئىگە ئەھكاملارغا سېلىشتۇرغاندا ئاز نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. ئەھكاملارنى چۈشىنىش ۋە ئىجتىھاد ئارقىلىق يەكۈنلەشتە كۈچلۈك ئېھتىماللىق ئېتىبارغا ئىگە. يەنى بىر قانچە خىل ئېھتىماللىقنى كۆرسىتىدىغان ھۆكۈم كۈچكە ئىگە. كۈچلۈك ئېھتىماللىق دېگەن 50% تىن يۇقىرى نىسبەتنى كۆرسىتىدۇ.

 

(3).خىيالى مەقسەتلەر:

بەزى ھۆججەتلەرنىڭ زاھىرىي بىر قاراشتىلا ياخشىلىق بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىراق بىر ئاز مۇلاھىزە قىلغاندا، ئۇ ئىشتا مەنپەئەت يوقلىقى ياكى زىياننىڭ پايدىدىن كۆپلۈكى ئاشكارىلىنىدۇ. بۇ مەقسەت شەرىئەتتە ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. مەسىلەن، ھاراقتا ئىقتىسادى پايدا ياكى جىسمانى لەززەت بار دەپ خىيال قىلغانغا ئوخشاش. خىيالى مەنپەئەت 30% نىسبەتنى كۆرسىتىدۇ. خىيالى مەنپەئەت كەسكىن مەقسەت ياكى كۈچلۈك ئېھتىماللىققا ئىگە مەقسەتلەرگە زىت كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىيالى مەنپەئەت رەت قىلىنىدۇ.

 

 

2.مەقسەتلەر مەسىلىنىڭ تۈگۈنىگە قاراپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ:

 

(1).پرىنسىپال مەقسەتلەر:

ئۇ ئۈممەتنىڭ ھەممىسىگە مۇناسىۋەتلىك مەقسەتلەردۇر. شەرىئەتتىكى بارلىق ئەھكاملار پرىنسىپال مەقسەتلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشنى مەقسەت قىلىدۇ. مەسىلەن، زېمىندا ئىزباسار ۋەكىل بولۇش مەقسىتى، ئاللاھقا يالغۇز ئىبادەت قىلىش مەقسىتى، ئۈممەتنىڭ تۈزۈمىنى قوغداش مەقسىتى، ئاسانلاشتۇرۇش مەقسىتى، ئادالەتنى تەتبىقلاش، باراۋەرلىكنى يولغا قويۇش، توغرا يولدا مېڭىش، ھەمكارلىشىش ۋە كەڭ قورساق بولۇش مەقسىتى، قىممەت-قاراش ۋە گۈزەل ئەخلاقنى مۇقىملاشتۇرۇش مەقسىتى…دېگەنگە ئوخشاش. شەرىئەتنىڭ بارلىق ئەھكاملىرى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەقسەتلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشنى كۆزلەيدۇ.

 

(2).تۈر خاراكتېرىدىكى مەقسەتلەر:

ئۇ ھايات ساھەلىرىدىن بىر تۈرگە خاس بولغان شەرىئەتنىڭ ئەھكاملىرىنى كۆرسىتىدىغان مەقسەتلەردۇر. ئەھكاملار تۈرلۈك بولسىمۇ شۇ تۈردىكى مەقسەتلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشتا ئورتاق بولىدۇ. مەسىلەن، ئائىلە ئەھكاملىرى، شەخسى ئەھكاملار، ئىقتىسادى سودا ئەھكاملىرى، سوتقا ئالاقىدار ئەھكاملارغا ئوخشاش.

(3).تارماق مەقسەتلەر:

ئۇ خاس بەزى ئەھكاملارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشنى نىشان قىلىدىغان مەقسەتلەر. تارماق خاس مەقسەت بەزىدە ھۆكۈمنىڭ ئىللىتى ياكى ھېكمىتى دېگەن سۆز بىلەنمۇ ئىپادىلىنىدۇ.

مەسىلەن، تاھارەتنىڭ مەقسىتى پاكىزلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش، قىمار ۋە ھاراقنى ھارام قىلىشنىڭ مەقسىتى پىتنە ۋە ئاداۋەتنىڭ سەۋەبلىرىنى يوقىتىش، توي قىلىش ئۈچۈن بىرەيلەن سۆز ئېچىپ قويغان كىشىگە سۆز ئېچىشتىن چەكلەشنىڭ مەقسىتى قېرىنداشلىقنى داۋاملاشتۇرۇش…

بۇ ئۈچ دەرىجىلىك مەقسەتلەر بىر-بىرىگە خىزمەت قىلىدۇ ۋە تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ. چۈنكى ھەر بىر تارماق مەقسەت مۇئەييەن تۈردىكى مەقسەتنى كۈچلەندۈرىدۇ، ھەر بىر تۈردىكى مەقسەت پرىنسىپال ھالقىلىق مەقسەتنى كۈچلەندۈرىدۇ.

 

  1. ئەسلى مەقسەتلەر:

 

ھاياتنى قوغدايدىغان ۋە تەرەققى قىلدۇرىدىغان مەنپەئەتلەرنىڭ بەزىسى ئاساسلىق مەسىلىلەردىن، يەنە بەزىسى ۋاسىتىلەردىن ئىبارەت.

(1).ئاساسلىق مەقسەتلەر:

ئۇ شەرئى ھۆكۈملەر نىشان قىلىپ كەلگەن مەقسەتلەردىن ئىبارەت. مەسىلەن، جاننى ساقلاش مەقسىتى، ئىجتىمائىي ئادالەت مەقسىتى، ئەر-ئاياللىق ھاياتىدىكى خاتىرجەملىك ۋە كۆيۈنۈش مەقسىتى…ئەسلى مەقسەتلەر سانىلىدۇ.

 

(2).ۋاسىتە خاراكتېرىدىكى مەقسەتلەر:

ۋاسىتە-چارىلەر ئاساسلىق مەقسەت ئەمەس، ئاساسلىق مەقسەتكە باشلاپ بېرىش ئېتىبارى بىلەن مەنپەئەت سانىلىدۇ. ئەگەر بۇ ۋاسىتىلەر ۋۇجۇتقا چىقمىسا ئەسلى مەقسەتلەر ئىشقا ئاشمايدۇ ياكى تۇراقسىزلىق يۈز بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋاسىتە ئەسلى مەقسەتنىڭ ھۆكمىنى ئالىدۇ. ئەسلى مەقسەت ۋاجىپ بولسا، ۋاسىتە ۋاجىپ بولىدۇ. ئەسلى مەقسەت سۈننەت بولسا، ۋاسىتە سۈننەت بولىدۇ. ئەسلى مەقسەت ھارام بولسا، ۋاسىتە ھارام بولىدۇ.

مەسىلەن، نىكاھ قىلغاندا كىشىلەرنى گۇۋاھلىتىش پايدىلىق ئىش، ئۇنىڭ ئۆزى مەقسەت ئەمەس، ئۇ ئەر-ئاياللىق ھاياتىنىڭ مۇقىملىق، خاتىرجەملىك  ۋە داۋاملىشىش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ ۋە داۋالغۇش ئامىللىرىدىن ساقلاپ قالىدۇ.

شەرىئەتنىڭ ئەسلى مەقسەتلىرى: دىن، جان، ئەقىل، ئابرۇي ۋە مال-مۈلۈكنى ھىمايە قىلىش. باشقا مەقسەتلەر شۇ چوڭ زۆرۈر مەقسەتلەرنىڭ ۋاسىتىسى ياكى قوشۇمچە مەقسەتلەر قاتارىدىن دەپ ھېسابلىنىدۇ.

 

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي