2024-يىل 18-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

شەرىئەت مەقسەتلىرىدىكى ئەۋزەللىك دەرىجىلىرىنى بەلگىلەش

شەرىئەت مەقسەتلىرىدىكى ئەۋزەللىك دەرىجىلىرىنى بەلگىلەش

 

شەرىئەت مەقسەتلىرىنىڭ دەرىجىلىرى بەلگىلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۆلىمالار مەقسەتلەرنىڭ بىرىنى يەنە بىرنىڭ ئالدىغا سۈرۈشتىكى سېلىشتۇرۇشتا ئۆلچەملىك قائىدىلەرگە تايىنىش لازىم. شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىدىكى ئەۋزەللىكنى بەلگىلەشتىكى مۇھىم قائىدىلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.

 

1.ئىسپاتلىنىش جەھەتتىكى كۈچ-قۇۋۋىتىگە قارىتا سېلىشتۇرۇش:

مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرىئەتنىڭ مەقسىتى شەرئى ھۆكۈمنىڭ غايىسى. پايدا-زىيان ھەر بىر ھۆكۈمدە ئېنىق ۋە كەسكىن بولماي قالىدۇ، بەزىسىدە ئېنىق بولسا، يەنە بەزىسىدە كۈچلۈك ئېھتىماللىققا ئىگە بولىدۇ، يەنە بەزىسىدە خىيالى مەنپەئەت بولۇپ قالىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن كەسكىن ياكى كۈچلۈك ئېھتىماللىققا ئىگە ياكى خىيالى مەنپەئەت دېگەندەك مەقسەتلىرى ئوخشىمايدىغان ھۆكۈملەر ئۆلىمالارنىڭ ئالدىغا قويۇلغاندا، ئۆلىمالار بۇ مەسىلىدە مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش لازىم. ناۋادا ھۆكۈملەر زاھىرىي جەھەتتىن بىر-بىرى بىلەن زىتلىشىپ قالغۇدەك بولسا، كەسكىن ۋە ئېنىق بولغان مەقسەتنى كۈچلەندۈرۈپ، كۈچلۈك ئېھتىماللىققا ئىگە بولغان مەقسەتنى ئارقىغا سۈرۈشى، خىيالى بولغىنىنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىشى زۆرۈر. كەسكىن بولغان شەرئى ھۆكۈم مەنپەئەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا كۈچلۈك ئېھتىماللىققا ئىگە بولغىنىدىن يېقىن بولىدۇ. شەرئى مەقسەتنىڭ كەسكىن ياكى ئېھتىمالى ئىكەنلىكىدىكى ئىسپاتلىنىش دەرىجىسىنى ئىككى تەرەپتىن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈش مۇھىم.

(1). نەزەرىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق سېلىشتۇرۇش:

ئۆلىما شەرئى ھۆكۈمنىڭ مەقسىتىگە قاراپ چىقىدۇ، دەلىلنىڭ نەقىل ياكى ئەقلى ئىجتىھاتى دەلىل ئىكەنلىكىگە قاراپ چىقىدۇ. تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەقسەتنىڭ كەسكىن ۋە ئىشەنچىلىك ياكى كۈچلۈك ئېھتىماللىققا ئىگە ياكى خىيالى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۆلىمالار مۇشۇنداق بەلگىلەش ئاساسىدا ھۆكۈم ئالغان چاغدا ئەڭ ئىشەنچىلىك كەسكىن مەقسەتنى ئېھتىمالى بولغان مەقسەتتىن كۈچلەندۈرىدۇ، كۈچلۈك ئېھتىمالى بولغان مەقسەتنى خىيالى مەقسەتتىن كۈچلەندۈرىدۇ.

مەسىلەن، ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار ياشايدىغان بەزى ئەللەردە بەزى مۇسۇلمانلار  كاپىرلارنىڭ مال-مۈلكىنى ھالال دېگەن باھانە بىلەن ئوغرىلايدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. ئۆلىمالار بۇ مەسىلىگە قاراپ چىقسا ئۈچ خىل ھۆكۈمنى بايقايدۇ. بىرىنچىسى:بۇ مەسىلىنى چەكلەش لازىم، چۈنكى مۇنكەرگە قارشى تۇرۇش ۋە ئىسلامدىن تۆھمەتنى يىراقلاشتۇرۇش شەرىئەتنىڭ مەقسىتى. ئىككىنچىسى: ئوغرىلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن جاننى ھىمايە قىلىش ۋە ئۆزىنى ئوغرىغا تاقابىل تۇرۇش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان زىيان ئارقىلىق ھالاكەتكە ئىتتىرمەسلىك. ئۈچىنچىسى: ئوغرىلارغا ياردەم قولىنى سوزۇپ، تېخىمۇ ئوغرىلىق قىلىشقا قىزىقتۇرۇش، بۇنىڭ مەقسىتى ئوغرىلانغان مال-مۈلۈك بىلەن مۇسۇلمانلارنى كۈچلەندۈرۈش ۋە دۈشمەنلەرنى ئاجىزلاشتۇرۇش دېگەندەك.

ئۆلىمالار مۇناسىپ ھۆكۈم  چىقىرىش ئۈچۈن بۇ ئۈچ تۈرلۈك مەقسەتلەر ئارىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندە، بىرىنچى مەقسەتنىڭ نەقلى ۋە ئەقلى دەلىلنىڭ كۆپلۈكىدىن كەسكىن ئىسپاتلانغانلىقىنى بايقايدۇ. ئىككىنچى مەقسەتنىڭ ئېھتىمالى ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ، چۈنكى مۇنداق مۇنكەرگە قارشى چىقسا، مۇنكەرنى ئىنكار قىلىشنىڭ يوللىرى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى ھالاكەتكە بىۋاستە ئۇچرىتىدىغان ھالەت شەكىللەنمەيدۇ. ئۈچىنچى مەقسەتنىڭ خىيالى مەنپەئەت ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدا ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا مەنپەئەت يوقلىقىنى، بەلكى ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. شۇڭا كەسكىن ئىسپاتلانغان بىرىنچى ھۆكۈمنى كۈچلەندۈرۈپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

(2). ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق سېلىشتۇرۇش:

شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىگە ئىسپاتلىنىش جەھەتتىن نەزەر تاشلىغان كىشىگە بەزىدە بۇ ئېنىق مەقسەت، ئاۋۇ ئېھتىمالى مەقسەت دېگەن كۆز-قاراش پەيدا بولىدۇ. نەزەرىيە جەھەتتىن قاراپ چىقىش زۆرۈر بولسىمۇ، بىراق كۇپايە قىلمايدۇ، چۈنكى شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى رېئال ھاياتتا ئەمەلىي تەسىرى بولۇش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان.

شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ئىسپاتلىنىش جەھەتتىن مەيلى كەسكىن ياكى كۈچلۈك ئېھتىمالى بولسۇن، تۈرلۈك شارائىت سەۋەبىدىن بەزى كەسكىن ئىسپاتلانغان شەرئى مەقسەت بەزىدە رېئاللىقتا يۈز بېرىش جەھەتتىن كۈچلۈك ئېھتىمالى بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئۆلىمالار شەرىئەت مەقسەتلىرىنىڭ ئىسپاتلىنىش دەرىجىلىرىنى بەلگىلىگەندە نەزەرىيە جەھەتتە ئىزدىنىش بىلەن توختاپ قالماستىن، ئەمەلىي ھاياتتىكى تەسىرى ھەققىدىمۇ ئىزدىنىش زۆرۈر، چۈنكى ئەھكاملار مەقسەت دەرىجىسىگە قاراپمۇ كۈچلەندۈرۈلىدۇ.

مەسلەن، ھەزرىتى ئۆمەر ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن يىلى ئوغرىلارنىڭ قولىنى كېسىدىغان ھۆكۈمنى ۋاقتىنچە تەتبىقلىمغان. مال-مۈلۈكنى قوغداش ئۈچۈن ئوغرىنىڭ قولىنى كېسىش نەزەرىيە جەھەتتىن كەسكىن ئىسپاتلانغان، بۇ مەقسەت نەزەرىيە جەھەتتىن كەسكىن بولسىمۇ، ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن رېئاللىقتا تەتبىقلانمىغان، چۈنكى ئاچارچىلىق ئوغرىلىق قىلىشقا قىستايدۇ. ئوغرىغا جازا تۇرغۇزماي ئۈممەتتىكى قىيىنچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىشتىن ئىبارەت ئىككىنچى ھۆكۈم نەزەرىيە جەھەتتىن كۈچلۈك ئېھتىماللىققا ئىگە بولسىمۇ، بىراق ئەمەلىي يۈز بېرىش جەھەتتىن كەسكىنلىككە يېقىن، چۈنكى جازا يۈرگۈزمەسلىك قىيىنچىلىقنى كۆتۈرۈپ تاشلايدۇ، ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن ئوغرىلىق قىلغانلىققا جازا بەرمەسلىك زۇلۇمنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇڭا ھەزرىتى ئۆمەر بۇ كۈچلۈك ئېھتىمالى ھۆكۈمنى مەقسەت ئېتىبارى بىلەن كۈچلەندۈرگەن.

 

2.تەسىرىنىڭ كۈچىگە قارىتا سېلىشتۇرۇش:

 

ھۆكۈملەردىكى شەرئى مەقسەت مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرگۈدەك ۋە زىياننىڭ ئالدىنى ئالغۇدەك تەسىر كۈچكە ئىگە بولۇشنى كۆزلەيدۇ. مەنپەئەت بىلەن زىيان بىر خىل دەرىجىدە بولمايدۇ. ھاياتتا بەزى مەنپەئەتلەر بەختلىك دەرىجىسىگە يەتكۈزگۈدەك ۋە بەزى زىيانلار ۋەيرانچىلىق سېلىش دەرىجىسىگە يەتكۈزگۈدەك كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلىۋېتىدۇ،  يەنە بەزىسى ئازراق تەسىر پەيدا قىلىدۇ.

شۇنىڭغا ئاساسەن ئۆلىمالار ھۆكۈم ئالغاندا كۆپ مەنپەئەت كېلىدىغان ۋە زىياننى بەكرەك توسالايدىغان ھۆكۈمنى يەكۈنلەيدۇ، چۈنكى بارلىق شەرئى ھۆكۈملەرنىڭ مەقسىتى مەنپەئەتنى رېئاللىققا ئاشۇرۇش ۋە زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت.

ساپ مەنپەئەت ۋە ساپ زىيان ئاز بولىدۇ، مەنپەئەت ۋە زىياننىڭ كۆپىنچىسى مەنپەئەت ۋە زىياننى ئارىلاش ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەنپەئەت ۋە زىيان ئارىلاش بولغان ئىشلاردا مەنپەئەت كۈچلۈك بولسا ئۇنى كۈچلەندۈرىمىز، زىيىنى كۈچلۈك بولسا ئۇنى كۈچلەندۈرىمىز. شۇنىڭغا ئاساسەن شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى كۆپرەك مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە كۆپرەك زىياندىن ساقلىنىش ئېتىبارى ئاساسىدا ئۈچ تەرەپتىن سېلشتۇرىمىز.

(1).مەنپەئەتنىڭ زىياندىن كۈچلۈك بولۇش ئېتىبارى بىلەن كۈچلەندۈرۈش:

ئۆلىمالار ئىجتىھاتى قاراشلىرىدا ئىككى ھۆكۈم ئارىسىدا ئارىسالدى بولۇۋاتقان ئىككى ھۆكۈمگە قاراپ چىقىپ پايدا-زىياننى سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندىن كېيىن بىر ھۆكۈمنىڭ ھاياتتا زىيىنىدىن مەنپەئەتى كۆپ بولسا، مەنپەئەتى كۆپ بولغان ھۆكۈمنى كۈچلەندۈرىدۇ.

مەسىلەن، غەرق بولۇپ كېتەي دەپ قالغان بىر ئادەمنى شۇ مەيداندا بار بولغان بىر ئادەمنىڭ قۇتقۇزۇۋىلىشى ۋاجىپ دېگەن ھۆكۈم بىلەن ۋاجىپ ئەمەس بەلكى سۈننەت دەپ قارىغان ھۆكۈم ئارىسىنى ئايرىيالماي قالغان بولسا، ئۇ چاغدا ھەر ئىككى ھۆكۈمنىڭ مەقسىتىگە قاراپ چىقىش لازىم. ۋاجىپ دېگەن ھۆكۈمنىڭ مەقسىتى ئىنساننى ھالاكەتتىن قوغداپ قېلىش ئىكەنلىكىنى، سۈننەت دېگەن ھۆكۈمنىڭ مەقسىتى جاپا تارتماسلىق، ۋاقىتنى زايە قىلغانلىق ۋە نەق پايدا كەلمەيدىغان ئىشنى دەپ ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى قىلالماسلىق دېگەن ھۆكۈمنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسە، ئىنساننى قۇتقۇزۇۋېلىش مەقسىتىنىڭ چوڭ مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئاشكارا بولىدۇ. بۇ مەنپەئەتنىڭ ئالدىدا باشقا مەنپەئەتلەر تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇنى ئارتۇقچە ئىش دەپ قاراش ئېغىر زىياندۇر. دېمەك، سېلىشتۇرغاندىن كېيىن مەنپەئەتكە قاراپ تۇرۇپ ۋاجىپ دېگەن ھۆكۈمنى كۈچلەندۈرىدۇ.

(2).زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ:

يۇقىرىقى سېلىشتۇرۇش ساپ ياكى كۈچلۈك ئېھتىمالى بولغان مەنپەئەت بىلەن ساپ زىيان ياكى كۈچلۈك ئېھتىمالى بولغان زىيان ئارىسىنى سېلىشتۇرۇشقا ئالاقىدار ھۆكۈم. بىراق ھاياتتا دائىم ساپ مەنپەئەت ۋە ساپ زىيان بولىۋەرمەيدۇ، كۆپىنچە مەنپەئەتى بىلەن زىيىنى تەڭ بولۇپ قالىدىغان ياكى بىرسى يەنە بىرسىدىن كۈچلۈك بولىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ئۆلىمالار زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئالدىدا قويىدىغان ھۆكۈمنى كۈچلەندۈرۈش زۆرۈر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلىمالار:«زىياننى يوقىتىش مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ» دېگەن قائىدىنى تۈزۈپ چىققان.

مەسىلەن، ھاراق بىلەن قىمارنى مىسالغا ئالساق، بۇ ئىككى نەرسىنىڭ ئەقىل، جىسىم ۋە مال-مۈلۈككە ئېغىر زىيىنى بار. بۇ نەرسىلەردە بىر ئاز مەنپەئەت بولسىمۇ، زىيىنىنىڭ ئالدىدا مەنپەئەتى يوقنىڭ ھۆكمىدە. شۇنىڭ ئۈچۈن چوڭ زىياننى يوقىتىش كىچىك مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغان.

(3).ئىككى مەنپەئەتنىڭ كۈچلۈكىنى كۈچلەندۈرۈش:

ئىجتىھاد مەيدانىدىكى ھۆكۈملەرنىڭ بەزىلىرىگە قارىساق مەنپەئەت يا ساپ بولىدۇ يا كۈچلۈك بولىدۇ. ئەگەر بىر مەسىلىدە كۈچلۈك مەنپەئەت بىلەن نورمال مەنپەئەت توقۇنۇشۇپ قالسا،يۇقىرى مەنپەئەت ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىدۇ.

مەسىلەن، بىلىم-مەرىپەت ئېلىش شەرىئەتنىڭ مەقسىتى، پۇل تېپىش ۋە بالىلارنى ھۈنەرگە بېرىشمۇ شەرىئەتنىڭ مەقسىتى. ئەگەر شەرئى ھۆكۈم دادىنىڭ بالىلىرىغا بىلىم-مەرىپەت ئۆگىتىشنىڭ ۋاجىپلىقى بىلەن پۇل تېپىشتا ياردەملىشىشكە سېلىش ئارىسىدا ئارىسالدى بولسا، بىلىم-مەرىپەت ئېلىشنىڭ ۋاجىپلىقى دېگەن ھۆكۈمنى كۈچلەندۈرۈش لازىم. چۈنكى بىلىم-مەرىپەتتىن كېلىدىغان مەنپەئەت پۇل تېپىشقا سالغان مەنپەئەتتىن كۈچلۈك بولىدۇ. سەۋەبى، بىلىم-مەرىپەت ئەقىلنى قوغدايدۇ، پۇل تېپىش مال-دۇنيانى ھىمايە قىلىش دائىرىسىگە تەۋە بولسىمۇ، بىراق مال-دۇنيانى قوغداشنىڭ دەرىجىسى ئەقىلنى قوغداش دەرىجىسىدىن تۆۋەن تۇرىدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن زۆرۈر مەقسەتلەر ئېھتىياج خاراكتېرلىك ۋە تولۇقلىما خاراكتېرلىك مەقسەتلەرنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.

(4).ئىككى زىياننىڭ كۈچلۈكىنى يوقىتىش ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ:

يېڭىدىن يۈز بەرگەن بىرەر مەسىلىدە مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش زىياننى يوقىتىش ياكى زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ، زىياننى يوقاتقانلىق مەنپەئەت سانىلىدۇ. بىرەر مەنپەئەتنى ھاسىل قىلىشتا ئىككى تۈرلۈك زىيان بولۇپ قالسا،چوڭ زىياننى دەسلەپتە يوقىتىش لازىم.

ئۆلىمالار بۇ مەسىلىدە:«ئىككى زىياننىڭ بىرنى تاللاش توغرا كەلسە، يەڭگىل زىياننى تاللاش لازىم»دېگەن قائىدىنى تۈزۈپ چىققان.

مەسىلەن، سۇلتان ۋە ھاكىملارنىڭ ئۈممەتكە مۇستەبىتلىك قىلىشى، زۇلۇم قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ۋە ئادالەتسىزلىك قىلىشى چوڭ زىيان ۋە بۇزغۇنچىلىق ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇ ئىنسانىي ھۆرمەتنى دەپسەندە قىلغانلىق، ئەركىنلىكنى بوغقانلىق ۋە ئادالەتكە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزگەنلىكتۇر. ئەگەر بۇنىڭغا قارشى تۇرۇش كۆپىنچە ئەھۋالدا سەۋەبلىرى تولۇق بولمىغانلىق سەۋەبىدىن مۇستەبىتلىكنى تۈگىتەلمىسە، چوڭ ۋەيرانچىلىققا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. مۇستەبىتلىكمۇ ئېنىق ھالدا ئېغىر زىيانغا باشلاپ بارىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ئېغىر پىتنە سەۋەب بولىدىغان زىياندىن ساقلىنىش بىلەن زۇلۇم ۋە مۇستەبىتلىك پەيدا قىلىدىغان زىياندىن ساقلىنىشتىن ئىبارەت ئىككى ھۆكۈمنى سېلىشتۇرۇپ، ئىككى زىياننىڭ قايسى ئېغىر بولسا، شۇنى توسۇش كېرەك.

 

3.تەسىرىنىڭ ئومۇملىقىغا قارىتا سېلىشتۇرۇش

 

شەرىئەت مەقسەتلىرىنىڭ كىشىلەر ھاياتىدىكى تەسىرىنىڭ ھەجمى زامان ۋە كۆلەم جەھەتتىن بىردەك بولمايدۇ. تەسىرىنىڭ كەڭلىكىدىكى پەرق مەقسەتلەرنى بىر-بىرىدىن سېلىشتۇرۇشتا ۋە ھۆكۈملەرنى بىر-بىرىدىن كۈچلەندۈرۈشتە ئۆلچەم قىلىنىشقا تېگىشلىك.

قايسى بىر شەرىئەت مەقسىتىنىڭ ھاياتتىكى تەسىرى كەڭ بولسا، مەيلى مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈشتە بولسۇن ياكى زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بولسۇن تەسىرى تار بولغان مەقسەتنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ. تەسىرىنىڭ كەڭ-تارلىقىنى ئومۇمىي ۋە خاس ياكى پرىنسىپال تەسىر ۋە تارماق تەسىر دەپ ئىپادىلەش مۇمكىن.

(1).ئومۇمىي مىقدارىغا قارىتا سېلىشتۇرۇش:

شەرىئەتنىڭ مەقسىتى بەزىدە تەسىر جەھەتتىن ئۈممەتنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغۇدەك كەڭ بولىدۇ. مەسىلەن، دىننى كۆرەش قىلىش ئارقىلىق قوغداش ياكى دىنى مائارىپنى ھىمايە قىلىش ياكى ئۈممەتنىڭ بىرلىكىنى ۋە ئىمانى قېرىنداشلىقىنى قوغداشقا ئوخشاش. بەزىدە تەسىر جەھەتتىن كۆپ ساندىكى ئۈممەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، نەسلىنى قوغداش مەقسىتى ياكى سودا-سېتىققا ئالاقىدار مۇئامىلىلەرنى گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈش مەقسىتىگە ئوخشاش مەقسەتلەر كۆپ كىشىلەرگە ئالاقىدار بولىدۇ. يەنە بەزىدە تەسىر جەھەتتىن ئاز نىسبەتتىكى بىر توپ ئادەملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ناۋادا ئۆلىمالارغا تەسىرى كۆپ ئادەملەرگە چېتىشلىق بولغان مەقسەت بىلەن تەسىرى ئاز ساندىكى كىشىلەرگە چېتىشلىق بولغان مەقسەت ئايرىلماي قالغان بولسا، ھۆكۈمنى كۈچلەندۈرۈش ئۆلچىمى تەسىرى كەڭرەك بولغان مەقسەتنى تەسىرى تار بولغان مەقسەتتىن كۈچلەندۈرۈپ ھۆكۈم چىقىرىش كېرەك.

مەسىلەن، ئاشلىقنى مونوپۇل قىلىۋېلىشنى چەكلەيدىغان ھۆكۈم بىلەن دۇرۇس دەپ قارايدىغان ھۆكۈم توغرىسىدا ئۆلىما ئارىسالدى بولۇپ قالسا، ھەر بىر ھۆكۈمنىڭ مەقسىتىگە قاراپ چىقىشى لازىم. مونوپۇل قىلىشنى چەكلەشتىن مەقسەت ئېھتىياجلىق بولغان كۆپ ساندىكى ئادەملەردىن مۈشكۈل شارائىت ۋە قىيىنچىلىقنى يوقىتىش مەقسەت. دۇرۇس دېگەن ھۆكۈمدىن مەقسەت تىجارەتچىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەش مەقسەت. ئىككى مەقسەتنى تەسىر جەھەتتىن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈش ئارقىلىق مونوپۇل قىلىشنى چەكلەشنى كۈچلەندۈرىدۇ.

دېمەك، جەمئىيەتكە ۋە بارلىق ئۈممەتكە ئالاقىدار بولغان شەرئى مەقسەت بەزى كىشىلەرگە ياكى بىر تۈركۈم كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان مەقسەتنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. مەقسىتى ئومۇمىي بولغان ھۆكۈم، مەقسىتى خاس بولغان ھۆكۈمنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرىئەتتە تەسىرى ئۈممەتنىڭ ھەممىسىگە چېتىلىدىغان جىنايەتلەرگە ئېغىر جازا بەلگىلەنگەن، گەرچە بۇ جىنايەتلەرنىڭ زاھىرىي يەككە جىنايەت دەپ خىيال قىلدۇرسىمۇ بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي مەۋجۇتلۇققا تەھدىت سالىدىغان تەسىرى بولغاچقا ئېغىر جازا بېكىتىلگەن. قۇرئان كەرىم ئىجتىمائىي تەسىرىنى ئەسكەرتىپ:«كىم قاتىللىق قىلمىغان ياكى زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتسە بارلىق كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنگە ئوخشاش، كىم بىر جاننى قۇتقۇزۇپ قالسا خۇددى بارلىق كىشىلەرنى ھايات ساقلاپ قالغانغا ئوخشاش» دېگەن (مائىدە سۈرىسى،32-ئايەت). تەسىرى چەكلىك بولغان جىنايەتلەرنىڭ جازاسى يەڭگىل بولۇپ، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئېغىر جازادىن تۆۋەن بولغان يەڭگىل ئەدەپلەپ قويۇش جازاسىغا قالدۇرۇلغان.

مۇشۇ مەزمۇندا ئەقىلسىزنىڭ مال-مۈلكى چەكلىمىگە ئېلىنغان، گەرچە مال-مۈلۈك ئەقىلسىزنىڭ مېلى بولسىمۇ، پايدا-زىيان تەسىرى جەمئىيەتكە ھالقىيدىغان بولغاچقا مال-مۈلۈكنى ساقلاش مەقسىتىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ مېلىنى خالىغانچە خەجلەش ھوقۇقى ئەقلىنى تاپقۇچە چەكلەنگەن.

 

(2).تەسىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا قارىتا سېلىشتۇرۇش:

شەرىئەتتە كەلگەن بەزى ھۆكۈملەردىكى مەقسەتلەرنىڭ تەسىرى ئۇزۇن مۇددەتكە سوزۇلىدۇ. بەزى مەقسەتنىڭ ھەل قىلىشتىكى تەسىرى پايدا-زىيان تەرەپتىن ئۇزۇن داۋاملىشىش مۇمكىن، يەنە بەزى مەقسەتلەرنىڭ تەسىرى قىسقا مۇددەت داۋاملىشىش مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋالدا ئۆلىما ئىككى مەقسەتنى تەسىر جەھەتتىن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ، تەسىرى ئۇزۇن مۇددەتكە سوزۇلغان مەقسەتنى تەسىرى قىسقا مۇددەتلىك مەقسەتتىن كۈچلەندۈرىدۇ.

مەسىلەن، توينى ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش نىيىتى بىلەن قىلىشنىڭ ۋاجىپلىقى بىلەن قىسقا مۇددەتلىك قىلسىمۇ دۇرۇس دېگەن ھۆكۈم توقۇنۇشۇپ قالسا، ئۆلىما بىرىنچى ھۆكۈمنى ئىككىنچى ھۆكۈمدىن كۈچلەندۈرۈشى كېرەك، چۈنكى توي قىلىشتىن مەقسەت ئەر-ئايال ئارىسىدا خاتىرجەملىكنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىشى مەقسەت. ئىككىنچى ھۆكۈمنىڭ مەقسىتى مۇئەييەن شارائىتتا جىنسى تەلىپىنى قاندۇرۇش مەقسەت. توينى ئۇزۇن مۇددەتلىك قىلىشنىڭ تەسىرى مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئىككىنچى مەقسەتتىن كۈچلۈك، شۇنىڭغا ئاساسەن زامان ئۆلچىمى ئاساسىدا ھۆكۈمنى كۈچلەندۈرۈش زۆرۈر.

مەقسەتلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا بەلگىلەشكە مۇناسىۋەتلىك بۇ قائىدىلەر مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش تەقەززاسىغا قارىتا قايسى مەقسەتنى ئالدىغا چىقىرىش ۋە قايسى مەقسەتنى ئارقىغا تارتىشتا ئۆلىمالارغا ياردەم بېرىدۇ. ئۆلىمالار فىقھى تەتقىقاتلىرىدا شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى كۆز ئالدىدا قويۇپ تۇرۇپ مەنپەئەتلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشتا پايدىلىنىدۇ.

 

 

 

شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىگە ئالاقىدار بىر بۆلەك قائىدىلەرنىڭ خۇلاسىسى

 

بىرىنچى:زىياننى يوقىتىشقا ئالاقىدار قائىدىلەر

 

«زىيانلىنىشقا ۋە زىيان سېلىشقا بولمايدۇ»

«زىيان يوقىتىلىدۇ»

«زىيانلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ھارام».

«زىياننى يوقىتىش ۋاجىپ».

«زۆرۈرىيەتلەر چەكلەنگەن ئىشلارنى دۇرۇس قىلىدۇ».

 

ئىككىنچى: كۈچلەندۈرگۈچى قائىدىلەر:

 

1.زىيان بىلەن مەنپەئەتنىڭ ئارىسىنى كۈچلەندۈرۈشكە ئالاقىدار قائىدىلەر:

«ئىككى زىيان بىرلىشىپ كەلسە، يەڭگىل زىياننى قىلىشقا بولىدۇ».

2.ئىككى زىيان ئارىسىنى كۈچلەندۈرۈشكە ئالاقىدار قائىدىلەر:

«زىياننى يوقىتىش ياكى ئالدىنى ئېلىش مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ».

«ۋاسىتىنى چەكلەش مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ».

«ھارامنىڭ ۋاسىتىسى ھارام بولىدۇ».

«كۈچلۈك مەنپەئەت نادىر زىيان ئۈچۈن تاشلىنىپ قالمايدۇ».

 

3.مەنپەئەتنى مەنپەئەتى يوق ئىشلاردىن كۈچلەندۈرىدىغان قائىدىلەر:

«مەنپەئەتنى يوق قىلىۋەتكەندىن قولغا كەلتۈرۈش ئەۋزەل».

«زىيىنى يوق نەرسىنى پەيدا قىلسا چەكلەنمەيدۇ».

 

4.ھەقىقى مەنپەئەت بىلەن خىيالى مەنپەئەتنى كۈچلەندۈرىدىغان قائىدىلەر:

«شەرىئەتنىڭ مەقسىتى ئىنساننى نەپسى خاھىشىدىن قۇتقۇزۇش».

«بۇزۇق مەقسەتنىڭ ئەكسى بويىچە مۇئامىلە قىلىش شەرىئەتنىڭ مەقسىتى».

«شەرىئەتنىڭ ھۆكۈملىرىگە زىت كېلىدىغان مەنپەئەتلەر ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ».

 

 

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي