2024-يىل 17-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئۆلىمالارنىڭ ئەخلاقى

ئۆلىمالارنىڭ ئەخلاقى

 

ئۆلىمالار ئۆزى ۋە باشقىلارنى ئىسلاھ قىلىشتا، نىشانىنىڭ ئېنىق بولۇش، ھىممىتىنىڭ ئۈستۈن بولۇش، قىيىنچىلىق ئالدىدا بەرداشلىق بېرىش، ھەمكارلىق ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتا ۋە كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا يۇقىرى سەۋىيىدە بولۇپ، ئۈلگىلىك رولىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشى لازىم. ئۆلىمالارنىڭ ئەخلاقى پەيغەمبىرىمىز ۋە ساھابىلەرنىڭ ئەخلاقىدەك گۈزەل بولىشى لازىم.

 ئىسلام دىنى چاقىرغان ھەر قانداق پەزىلەتلىك ئەخلاق ئۆلىمالار ھەققىدە ۋاجىپ، ئىسلام دىنى چەكلىگەن ھەر قانداق ناچار ئەخلاق ئۆلىمالار ھەققىدە تېخىمۇ قەبىھتۇر. يامان ئىشلار كېسەلدۇر، ئۆلىمالار دورىدۇر، ئۆلىمالار بۇزۇلسا، كېسەلنى كىم ساقايتىدۇ؟.

ئۆلىمالارنىڭ ئەڭ مۇھىم دەپ قارالغان بىر قىسىم سۈپەتلىرى تۆۋەندىكىچە:

1.ئىخلاس: ئاللاھغا بەرگەن ۋەدىسىدە سەمىمىي بولۇش ۋە بارلىق ئىش-ھەرىكەتنى پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ قىلىشتۇر.

  1. بىلىش ۋە ئەمەل قىلىش: ئۆلىمانىڭ سۆزى، ئىش-ھەرىكىتى ۋە ئىستىلى ئەھۋالىنىڭ بىر-بىرىگە زىت بولۇپ قالماسلىقى راستچىللىقنىڭ بەلگىسىدۇر. باشقىلارنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ ئۆزى ئەمەل قىلماسلىق، باشقىلارنى يامان ئىشلاردىن توسۇپ، ئۆزى قىلىپ سېلىش ئۆلىمانىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرىدۇ ۋە كىشىلەردىكى ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويىدۇ.

3.قەيسەر بولۇش:ئۆلىمالاردا ھەقنى ئاشكارىلىيالايدىغان، راستچىللىقنى سۆزلىيەلەيدىغان قەيسەرلىك روھى بولۇپ، غايىسى پەقەتلا ھەقنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشىنى مەقسەت قىلىدىغان بولىشى كېرەك. رەسۇلۇللاھ زالىم سۇلتاننىڭ ئالدىدا ھەق گەپ قىلغانلىققا ئۇلۇغ جىھاد دەپ باھا بەرگەن. جەڭ مەيدانىدىكى ئەسكەر كۆپىنچە سالامەت ۋە غەنىمەت بىلەن قايتىپ كېلىشى مۇمكىن، بىراق زالىمغا قارىشى ھەقىقەتنى جاكارلاپ ئىنقىلاپ ئوتى ئاچقان ئىنسان كۆپىنچە ساق قالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقەتنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇش  دىنىمىزدا ئەڭ ئىلغار جىھاد دەپ ھېسابلانغان.

4.سەۋرچان ۋە كەڭ قورساق بولۇش: دەۋەت يولىنىڭ خاراكتېرى گۈل يېيىلغان يول بولماستىن بەلكى تىكەنلىك يولدۇر. ئىلاھى دەۋەت يولىنى تۇتۇپ ماڭغان ئۆلىما تۈرلۈك ئىنسانلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ. ئۆلىمالار بەزىدە تەربىيە كۆرمىگەن ئەخلاقسىزلاردىن كەمسىتىشكە ئۇچراپ قالىدۇ، بىر قىسىم نادانلار ئۆلىمالارنىڭ مەقسەتلىرىنى چۈشىنەلمەي ياكى كۆز-قاراشلىرىنى ھەزىم قىلالماي قارىشى چىقىدۇ. يەنە بەزى بىر قىسىم ئىنسانلار مەخسۇس ئۆلىمالارنىڭ يۈزىنى تۆكۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ توغرا قاراشلىرىغىمۇ گەپ-سۆز تاپىدۇ، دەۋىتىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ، مەسخىرە قىلىدۇ، قۇسۇر ئىزدەپلا يۈرىدۇ. ھەسەتخورلار ۋە مەنپەئەتپەرەسلەر ئۆلىمالار ھەققىدە يالغان گەپ-سۆزلەرنى توقۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بازىرىنى چىقىرىشنى كۆزلەيدۇ. بۇلارنىڭ مەقسىتى ئۆلىمالارنى جەمئىيەتتىكى تەسىرىدىن سىقىپ چىقىرىپ، ئۆلىمالار بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋېتىش مەقسەتتۇر. ئەگەر ئۆلىمالار ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلمىسا، سەلبى تەسىرلىنىش نەتىجىسدە نورمال تەپەككۇر قىلالمايدۇ ۋە ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلالمايدىغان ھورۇن بولۇپ قالىدۇ. ئۆلىمالار ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلالىسا دەۋىتىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ، مۇستەھكەم قەلب ۋە خاتىرجەم كۆڭۈل بىلەن قەدەم باسالايدۇ. غەلىبە نۇسرەت ئاخىردا سەۋر قىلغۇچىلارغا مەنسۇپتۇر:«ساڭا يەتكەن كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلغىن، بۇ ھەقىقەتەن قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشلارنىڭ قاتارىدىندۇر»(لوقمان سۈرىسى، 17-ئايەت). سەۋرنى ئوزۇق، قورال ۋە پاناھگاھ قىلمىغان ئادەم پەيغەمبەرنىڭ ئىزىنى بېسىپ ماڭالمايدۇ.

5.رەببانى(ئىتائەتخۇمار) بولۇش:رەببانى ئۆلىمالار نۇرلۇق يۇلتۇزغا ئوخشاش كىشىلەرگە يول كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئۇلار غايىب بولسا قاراڭغۇلۇق ھەممە يەرنى قاپلايدۇ.

رەببانى ئۆلىمالار ئاللاھدىن ھەقىقى رەۋىشتە قورقىدۇ، ئاللاھدىن قورقۇش بىلىم-مەرىپەت ۋە ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ ئاساسىدۇر، چۈنكى ئۆلىما ئاللاھدىن قورققاندا ھەر بىر ئېغىز سۆزىگە ئىگە بولۇپ ۋە مەسئۇلىيىتىنى بىلىپ سۆزلەيدىغان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ «ئۆلىمالارنى ئاللاھدىن بەك قورقىدۇ»دەپ سۈپەتلىگەن.

  1. ئىززىتىنى قوغداش ۋە كەمتەر بولۇش: ئۆلىمالار پەيغەمبەردىن مىراس ئالغان بىلىم-مەرىپىتى بىلەن ئىززەتلىكتۇر، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىززىتىنى قوغداپ ماڭسا، زالىم ۋە مۇتەكەببۇرلارنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرى ئۇلارغا زىيان سالالمايدۇ.

كەمتەرلىك بولسا ئۆلىمالارنىڭ تاجىسىدۇر، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆزىنى خار تۇتۇشنى كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى ئۆلىمالارنىڭ ئىنساپلىق بولىشىنى، بىلگەن بىلىم-مەرىپىتى دائىرىسىدە توختىشىنى، ئۆز كەسپى بولمىغان ئىشلارغا ئارىلاشماسلىقنى كۆرسىتىدۇ. كەمتەر ئۆلىما-قانچە كاتتا بولسىمۇ-ئۆز ئىلمىنىڭ ئازلىقىنى بىلىدۇ، ئۆزىنى تونۇغان ئۆلىما باشقىلارنىڭ قەدرىنى تونۇيدۇ، ئۇلارغا چوڭچىلىق قىلمايدۇ ۋە بىلىمى بىلەن پەخىرلىنىپ كەتمەيدۇ.

كەمتەر بولۇش ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ گۈزەل سۈپەتلىرىنى بىلگەنلىكتىن، شۇنداقلا ئۆزىنى ۋە ئۆزىنىڭ نۇقسان تەرەپلىرىنى تونۇغانلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان گۈزەل سۈپەتتۇر.

7.ئۈمىدۋار بولۇش ۋە ئاللاھنىڭ ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنچ باغلاش:

ئۆلىمالاردا تېپىلىشقا ئەڭ مۇھىم سۈپەتلەرنىڭ بىرى ئۈمىدسىزلىكنىڭ پەيدا بولىشىغا قەتئىي يول قويماسلىقتۇر، ئاللاھنىڭ كۈچىگە ئېسىلغان ئۆلىمالاردا تەۋرەنمەس كۈچ-قۇۋۋەت ھاسىل بولىدۇ. ئۆلىمالاردا ئۈمىدسىزلىك روھى كۆرۈنسە جەمئىيەتتە تېخىمۇ بۇ خىل روھ ئەۋج ئالىدۇ، قايسى بىر جەمئىيەتتە ئۈمىدسىزلىك پەيدا بولسا، ئۇ جەمئىيەت ئىسلام كۆرسەتمىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.

ئۈمىدسىزلىكنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئاللاھ بىلەن مۇناسىۋەتنى كۈچلەندۈرۈش، پەيغەمبەرلەرنىڭ بولۇپمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش-ئىزلىرىغا تەكرار قاراپ چىقىش، ئۈمىدسىزلىكنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ سۈپىتى ئەمەسلىكىگە ئىشەنچ قىلىش، ئىسلام تارىخىنىڭ تۈنۈگۈنكى ۋە بۈگۈنكى ئەھۋالىغا توغرا نەزەر يۈرگۈزۈش، ئىسلامنىڭ ئۆزلۈكسىز تارقىلىۋاتقانلىقىغا قاراش، ھىممەتلىك بولۇش ۋە مەغلۇبىيەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئىجتىمائىي قانۇنىيەتلىرىنى تۇتۇپ مېڭىش لازىم.

ئابدۇراھمان كاشىغەرى

2017-يىلى، 1-ئاينىڭ، 4-كۈنى