2024-يىل 28-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئۆلىمالارنىڭ ئەڭ مۇھىم دەپ قارالغان ۋەزىپىلىرى

ئۆلىمالارنىڭ ئەڭ مۇھىم دەپ قارالغان ۋەزىپىلىرى

 

1.ئۆلىمالارنىڭ ۋەزىپىسى پەقەتلا تەبلىغ قىلىش، بايان قىلىپ بېرىش ۋە يول كۆرسىتىپ قويۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ ھەقىقى ۋەزىپىسى جەمئىيەتنى ئىلاھى شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە تەرتىپكە سېلىشتۇر. بۇ ۋەزىپە ئىلاھى شەرىئەتنى تۇرغۇزۇش ئاندىن ھىمايە قىلىش ۋە ھەقىقەتنى باتىلدىن ئۈستۈن قىلىش، ياخشى ئىشلارغا يېتەكلەش، ناچار ئىشلارغا چەكلىمە قويۇش ئاساسىدا بەرپا بولىدۇ:«سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ياخشى ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ, يامان ئىشلارنى مەنئى قىلىدىغان بىر تۈركۈم ئادەملەر بولسۇن؛ ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر»(ئال ئىمران سۈرىسى، 104-ئايەت).

2.ئۆلىمالار ئىسلامغا زىت بولغان ئىدىيە ئېقىملىرىغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. ئىسلامنىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ئەڭ توغرا يېتەكلىيەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچىسى بار ئۆلىمالار، دىننىڭ كۆرسەتمىسىدىن چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ياكى سۇسلۇق قىلىش نەتىجىسىدە توغرا يولدىن ئېزىپ كېتىۋاتقان ئېقىملارغا توغرا يولنى ئېنىق بايان قىلىپ، مىللەت ۋە ئۇممەتنى زۇلۇم، بۇزغۇنچىلىق، رادىكاللىق، دىنسىزلىق ۋە ئەخلاقسىزلىقتىن ھىمايە قىلىدىغان قورغان شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. رەسۇلۇللاھ:«بۇ بىلىم(يەنى قۇرئان-سۈننەت بىلىمى)نى ھەر ئەۋلادتىن ئىشەنچىلىك (يەنى تەقۋا ۋە دىيانەتلىك) كىشىلەر كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ. ئۇلار بۇ بىلىمدىن چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكۈچىلەرنىڭ خاتا چۈشەنچىلىرىنى، يالغان دەۋاگەرلەرنىڭ دەۋالىرىنى ۋە بىلىمسىز نادانلارنىڭ خاتا ئىزاھاتلىرىنى يىراقلاشتۇرىدۇ»دېگەن (بەيھەقى رىۋايىتى).

 ئۆلىمالار ئىسلام جەمئىيەتلىرىنىڭ ئەقلىنى، توغرا يولىنى، كىملىكىنى، ۋىجدانىنى، ئىززەت-ھۆرمىتىنى، ئادالىتىنى، ئەركىنلىكىنى ۋە باشقا ئىجتىمائىي قىممەت-قاراشلىرىنى قوغدايدىغانلاردۇر. مانا بۇلار ئۆلىمالارنىڭ ۋەزىپىسى ۋە ئۇلارغا يۈكلەنگەن ئىلاھىي ئامانەتتۇر.

3.بىلىم-مەرىپەتنى يەتكۈزۈش ۋە قانات يايدۇرۇش:«ئاللاھنىڭ يولىغا ئەڭ ياخشى دەۋەت قىلغان، ئەڭ ياخشى ئىشلارنى ئېلىپ بارغان ۋە ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى جاكارلاپ پەخىرلەنگەن ئادەمدىنمۇ ياخشى ئادەم بارمۇ؟»(فۇسسىلەت سۈرىسى، 33-ئايەت).

رەسۇلۇللاھ:«كىم بىلىم-مەرىپەت ئۆگەتسە، مۇئەللىمگە شۇ بىلىم-مەرىپەت بىلەن ئەمەل قىلغان ئادەمنىڭ ساۋابىدەك ئوخشاش ساۋاب بولىدۇ»دېگەن(ئىبنى ماجە ۋە تەبرانى رىۋايىتى).

4.ياخشى پايدىلىق ئىشلارغا يېتەكلەش، يامان زىيانلىق ئىشلاردىن چەكلەش پەرزدۇر. بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ياخشىلىقنىڭ ئىپادىسى ۋە غەلىبە-نۇسرەتكە ئېرىشىشنىڭ سەۋەبىدۇر. چۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ ياخشىلىقى ئىنسانىيەتنىڭ ياخشىلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا نامايان بولىدۇ. ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇش ۋە يامان ئىشلاردىن چەكلەش ئىجتىمائىي ئىسلاھات ھەرىكىتىدىن ئىبارەت. ھەر قانداق مۇسۇلمان بۇ ئىجتىمائىي ئىسلاھاتتىن باش تارتالمايدىغان مەجبۇرىيەتتۇر، چۈنكى رەسۇلۇللاھ ھەر بىر مۇسۇلماننى ئىقتىدارى ۋە ئىمكانىيىتىگە قارىتا بۇ مەسئۇلىيەتنى ئىجرا قىلىشقا چاقىرىق قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر مۇسۇلمان مۇسۇلمانلىق خاراكتېرى بىلەن سىياسىي شەخسكە ئايلىنىدۇ. سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئۆلىمالارنىڭ ۋەزىپىسىدۇر:«(ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!) سىلەر ئىنسانلار مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان، ئاللاھغا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر»(ئال ئىمران سۈرىسى، 104-ئايەت).

5.بىلگەن ھەقىقەتنى يەتكۈزۈشتە سەل قارىماسلىق كېرەك، چۈنكى قۇرئان كەرىم ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرۇشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان. ئۆلىمالار ئاللاھ ئاتا قىلغان بىلىم-مەرىپەتنى قانداق ئىشلەتكەنلىكىدىن، شۇنداقلا جەمئىيىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارىتا مەسئۇلىيىتىدىن سوراققا تارتىلىدۇ.

6.ئۆلىمالارنىڭ ۋەزىپىسى مىللەت ۋە ئۈممەتنى بىرلەشتۈرۈش، تۈرلۈك ئېقىملىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش:

ئۆلىمالارنىڭ دائىملىق ۋەزىپىسى قەلبلەرنى ئىمان بىلەن تىرىلدۈرۈش، مۇسۇلمانلار ھاياتىدا ئۈمىدۋارلىق روھىنى تارقىتىش، ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە قارىتا ئىشەنچىنى مۇستەھكەملەش، ھەقىقى ياخشىلىقنىڭ پەرۋەردىگارىنى توغرا تونۇغان بۇ ئۈممەتتە بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ئۈممەتنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىققا قاراپ چوقۇم ئۆزگىرىدىغانلىقىنى بايان قىلىش لازىم.

  1. ئۈممەتنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاناتومىيىلىك تەكشۈرۈپ ئېلىپ بېرىش ۋە كېسەللەرگە توغرا داۋالىنىش يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىش:

ئۈممەتنىڭ كېسەللىرىنى تەكشۈرۈش مۇتەپەككۇر ئۆلىمالارنىڭ ۋەزىپىسى بولسا، ئويغىنىش قوزغاش ئىلغار مۇرەببىي ئۆلىمالارنىڭ ۋەزىپىسىدۇر. ۋىجدانغا ئىگە بولمىغان بىلىم-مەرىپەت ئىگىسى، بۇ ۋەزىپىگە يارىمايدۇ. چۈنكى ۋىجدان پېىقىرلىقى ياكى ۋىجدان كىرزىسى روھنىڭ خارابلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

دېمەك، رەببانى ئۆلىمالارنىڭ ۋەزىپىسى بۈگۈنكىدەك مۇرەككەپ ئىدىيە كىرزىسلىرىغا قارىتا مىللەت ياكى ئۈممەتكە چىقىش يوللىرىنى تېپىپ بېرىش لازىم. مىللەت ياكى ئۇممەتنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن تەقلىدى شەرىئەت بىلىملىرىدىن سىرت شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى، شەرئى سىياسەت ۋە دەۋر بىلىملىرىدىن ئۆز ساھەسىدە مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش لازىم. شۇنداقلا ئۆلىمالار دائىم دىنىمىزنىڭ پرىنسىپال نۇقتىلىرىنى ۋە مەقسەتلىرىنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇپ، تارماق مەسىلىدىن ئىلگىرى ئاساسلىق مەسىلىنى، ئىختىلاپى مەسىلىدىن ئىلگىرى ئىتتىپاقلىققا ئىگە مەسىلىنى قويۇشقا كۆڭۈل بۆلۈش لازىم.

شۇنداقلا، شەرىئەتنىڭ پرىنسىپال قاراشلىرى ۋە ئاساسلىق قىممەت-قاراشلىرىغا ئېسىلىپ مېڭىش چۈشەنچىسى، ئۆزگەرمەيدىغان پرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرۇش، ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدىغان ئىجتىھادى مەسىلىلەردە ئەۋرىشىملىك خاراكتېرىگە ئىگە كەڭ يول تۇتۇش چۈشەنچىسى، قۇرئان كەرىم بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا يادلاشتىن بەكرەك قۇرئان پرىنسىپلىرىنى چۈشىنىشكە كۆڭۈل بۆلۈش چۈشەنچىسى، قۇرئاننىڭ ئالى مەقسەتلىرى چۈشەنچىسى، شەرىئەت چۈشەنچىسى بىلەن ئەمەلىي ھاياتنى بىرلەشتۈرۈش چۈشەنچىسى، پەرز ئىشلارنى سۈننەتنىڭ ئالدىدا بىر تەرەپ قىلىش چۈشەنچىسى، مىللەت ياكى ئۈممەتنىڭ مەنپەئەتىنى شەخس ياكى بىرەر جامائەتنىڭ مەنپەئەتىنىڭ ئالدىدا قويۇش چۈشەنچىسى، ئىشلارنى شەرىئەتنىڭ مەقسىتىگە باغلاپ بىر تەرەپ قىلىش چۈشەنچىسى، شەرىئەتتىكى مەنپەئەتكە رېئايە قىلىش چۈشەنچىسى، ئىشلارنى ئاقىۋىتىگە باغلاپ بىر تەرەپ قىلىش چۈشەنچىلىرىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

8.گۈللەندۈرۈش خاراكتېرىگە ئىگە ئوتتۇراھاللىق يولىنى ئاساس قىلىپ مېڭىش:

ئىسلام دىنى بارلىق ئىنسانىيەت ئۈچۈن رەھمەت ۋە ھىدايەتتۇر، ئىسلام دىنى چىقىش يولى ۋە گۈللىنىش خەرىتىسىدۇر. بۇ دىن مۇسۇلمانلاردىن سىرت بارلىق ئىنسانىيەت ئۈچۈنمۇ ھەل قىلىش چارىسىدۇر، چۈنكى بۇ دىن بارلىق ئىنسانلارنى ياراتقان ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانلارغا تاللاپ بېرىلگەن.

بۇ دىننىڭ گۈزەللىكىنى ۋە بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ سائادىتى ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى تونۇتۇش ئۈچۈن توغرا چۈشەنچە، چوڭقۇر ئىمان، گۈزەل ئەخلاق، ياخشى ئىش-ھەرىكەت، پايدىلىق بىلىم-مەرىپەت، ياخشىلىقتا ھەمكارلىشىش، بىر-بىرىگە كەڭ قورساق بولۇش ئىدىيەسى بىلەن ئۈلگە ۋە نەمۇنە بولۇپ ماڭىدىغان جانلىق ئۈممەتكە مۇھتاج.

ئىسلام دىنى ئەقىدە، ئىبادەت، شەرىئەت، ئەخلاق، ئۇقۇم-چۈشەنچە ۋە ئالاقىلىرىدىمۇ ئوتتۇراھاللىققا ئىگە بىر دىن. ئوتتۇراھاللىق ئىسلام ئۆزىنى تونۇشتۇرغان بۈيۈك خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بىرى. ئوتتۇراھاللىق ئادالەتتۇر، توغرا يولدۇر ۋە بىرلىك مەركىزىدۇر.

9.ئەقىدە ۋە ئىسلامنىڭ قىممەت-قاراش ئاساسلىرىنى قۇرئان كەرىمدىن ئېچىش:

قۇرئاننىڭ بۈيۈك مەقسەتلىرى ۋە قىممەت-قاراش قۇرۇلمىسى«ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىش(تەۋھىد)، ئىنساننىڭ ئۆزىنى پاكلىشى ۋە كائىناتنى گۈللەندۈرۈش»تۇر. بۇ ئۈچ تۈرلۈك قىممەت-قاراش ئىنسانلارنى يارىتىشتىكى ھەقىقەتنى بايان قىلىپ بېرىدىغان مەقسەت خاراكتېرلىك مەنبەنى ۋە باشقا قىممەت-قاراشلار تارماقلىنىپ چىقىدىغان ئۆلچەم قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

بۇ ئۈچ تۈرلۈك قۇرۇلما ئىنسان ئىستىلىنى يۈزلەندۈرىدىغان، ئىنسانىي ھەزارەتنى ماددى-مەنىۋى تەرەپلىرىدە قۇرۇپ چىقىدىغان ۋە ئىنسانىي ھەزارەتكە ئىلاھى ۋەھىينىڭ ھىدايىتى بىلەن يول كۆرسىتىدىغان ئۆلچەملەردىن ئىبارەت.

ئابدۇراھمان كاشىغەرى

2017-يىلى، 1-ئاينىڭ، 4-كۈنى