2024-يىل 27-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

كۈرەش يولىدىكى ئەخلاق كرىزىسى

كۈرەش يولىدىكى ئەخلاق كرىزىسى

 

  1. ئىسلامدىكى ئەخلاقنىڭ ئورنى

ئەخلاقنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى بۈيۈك بولۇپ، ئەخلاقنىڭ دىنىمىزدىكى ئورنى بەدەنگە نىسبەتەن روھقا ئوخشاپ كېتىدۇ. مىللەت ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشى ئەخلاققا باغلىق بولىدۇ. مىللەتلەرنىڭ ئەخلاقى بۇزۇلسا ياكى يوقالسا، مىللەت يوقىلىشقا باشلايدۇ.

پەيغەمبىرىمىز مەككىدە 13 يىل جەريانىدا تەۋھىد ئەقىدىسىنى قانات يايدۇرۇش ۋە گۈزەل ئەخلاقلارنى يېتىلدۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرگەن. ئىسلامغا قارايدىغان بولساق، ئىسلام دىنى ئەقىدە، شەرىئەت ۋە ئەخلاقتىن ئىبارەت ئۈچ تۈردىن تەركىپ تاپىدۇ. ئەخلاق ئىسلامنىڭ ئۈچتە بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. پەيغەمبىرىمىز ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلىش غايىسىنى: «مەن ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە گۈزەل ئەخلاقلارنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەردۇرمەن» دەپ ئىپادىلىگەن (ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى).

ئىسلامدىكى ئەقىدە ۋە ئىبادەتلەرمۇ ئىنسان نەپسىنى پاكلاش ۋە گۈزەل ئەخلاقلارنى يېتىلدۈرۈش مەقسىتىدە يولغا قويۇلغان. ئەخلاقنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى ناھايىتى يۈكسەك بولغانلىقى ئۈچۈن گۈزەل ئەخلاق مۇكەممەل ئىماننىڭ ئىپادىسى ۋە ياخشى ئادەملەرنىڭ بەلگىسى قىلىپ بەلگىلەنگەن. بۇنىڭغا كۆرە بىر ئادەمنىڭ ناماز ئوقۇغىنى گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ، چۈنكى گۈزەل ئەخلاق دېگەن ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلەرنىڭ نەتىجىسى ۋە تەسىرىدىن ئىبارەت.

گۈزەل ئەخلاق ئىماننىڭ مۇكەممەللەل بولغانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ توغرىدا: «ئىمانى مۇكەممەل بولغان مۆمىنلەر ئەخلاقى گۈزەل بولغان كىشىلەردۇر» دېگەن (ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى)، چۈنكى ئىماننىڭ مۇكەممەللىكى گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇشنى ۋە بارلىق كىشىلەرگە گۈزەل ۋە توغرا مۇئامىلە قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ.

  1. كۈرەش يولىدىكى ئەخلاق كرىزىسى

ئىسلام دىنى يۇقىرىقىدەك ئەدەب- ئەخلاققا ناھايىتى يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولسىمۇ، دەۋا مەيدانىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ئىسلام ئەخلاقىدىن غاپىل قېلىشى ياكى ئەخلاقتىن چەتنىشى ئەڭ خەتەرلىك كېسەلدۇر.

كۈرەش يولىدا ئەخلاققا سەل قاراشنىڭ ئىككى تۈرلۈك سەۋەبى بار:

بىرىنچى سەۋەب، ئەخلاقنى تار ۋە يۈزەكى دائىرىدە چۈشىنىش:

بەزى كىشىلەر ئەخلاقنى يۈزەكى چۈشەنگەنلىك سەۋەبتىن، ئۇلار راستچىل بولۇش، قەيسەر بولۇش، قەلبى ساغلام بولۇش، نەپسىگە قارشى جىھاد قىلىش، كەڭ قورساق بولۇش، ئىنساپ قىلىش، ئۆتۈنۈش، ئۆزىنىلا ئويلىماسلىق، مېھرىبان بولۇش، كەمتەر بولۇش، ئىپپەتلىك بولۇش، تەقۋا بولۇش ۋە ئەپۇچان بولۇش…دېگەندەك دەۋا يولىدا جىددىي موھتاج بولىدىغان مۇھىم ئەخلاقلارغا سەل قاراش كېلىپ چىقىدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، بۇلاردىن باشقا قايسى بىر تۈردىكى گۈزەل ئەخلاققا سەل قاراش دەۋا ئادەملىرىدە تۈزىتىشكە تېگىشلىك ئەيىب – نۇقسان ھېسابلىنىدۇ.

ئىككىنچىسى، ئەخلاق سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى:

 بىر ئىنساننىڭ ئىستىلى ياكى يۈرۈش- تۇرۇش ھالىتى ئۇنىڭ ئېتىقادى ۋە ئىدىيەسىنىڭ ئۆلچىمى ھېسابلىنىدۇ. بىر ئىنساندىكى ئەخلاق چۈشكۈنلىكى ئىماننىڭ ئاجىزلىقى ۋە ئىدىيەسىنىڭ بىنورمال ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

ئەلۋەتتە، ئىسلام، مىللەت ۋە ۋەتەن يولىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ياكى خىزمەت قىلماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە تۇتۇپ باشقىلارغا ئۆرنەك بولغۇدەك سەۋىيىدە ئۈستۈن بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇڭا دەۋا سېپىدىكى ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ باشقىلارغا ئۈلگە ئورنىدىكى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى زۆرۈر. شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ئۇلارنىڭ گەپ-سۆزلىرى،  ئىش-ھەرىكەتلىرى، كىيىم-كېچەكلىرى ۋە يېمەك-ئىچمەكلىرى…گە قەدەر يۈرۈش تۇرۇشلىرىغا دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك.

ئەپسۇسكى، ئىسلام، ۋەتەن ۋە مىللەت يولىدا كۈرەش قىلىۋاتقان ياكى كۈرەش يولىغا كىرىۋالغان بىر بۆلەك كىشىلەرنىڭ ئىستىلىدا ئەخلاق كرىزىسى يۈز بەرمەكتە. ئۇلاردىكى ئەخلاق كرىزىسى ئۇلارنىڭ دۈشمەننى تاشلاپ قويۇپ، ئۆز قېرىنداشلىرىغا قىلىۋاتقان ئەخلاقسىز گەپ-سۆزلىرىدە، مەسئۇلىيەتسىز ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ۋە ئىنساپسىز خىتابلىرىدا كۆرۈنمەكتە ۋە ئەۋج ئالماقتا.

كۈرەش يولىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەر بىرى ئۆزلىرىنىڭ ھەربىر ئېغىز گەپ – سۆزلىرىنى ۋە قىلىۋاتقان ھەربىر ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئىسلامنىڭ ئەخلاق تارازىسىغا سېلىپ قىلىشى، ئاللاھدىن قورقۇشى، ئىنساپ بىلەن گەپ -سۆز قىلىشى لازىمدۇر. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خاتالىقىنىڭ باشقىلارنىڭ خاتالىقىدىن پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى بىلىشى مۇھىم، چۈنكى دەۋا ئادەملىرىنىڭ ئىمان ۋە ئەخلاق سەۋىيىسى بىلەن ئاۋام خەلقنىڭ ئىمان ۋە ئەخلاق سەۋىيسىدە پەرق بولۇشى كېرەك.

ئەلۋەتتە ئەر-ئايال مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى مەسئۇلىيەتتە ئوخشاش، بىراق ئۆزگەرتىش ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بارماقچى بولغان دەۋا يولىدىكى كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى باشقىلارغا قارىغاندا ئېغىر بولىدۇ. شۇڭا دەۋا يولىدىكى ئادەملەردە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا قارىتا كۆيۈنۈش، سەۋرچان بولۇش، ئېغىر بېسىق بولۇش ۋە كەمتەر بولۇش دەۋانىڭ تەقەززاسىدۇر. بىراق زالىم ياكى دۈشمەن كاپىرلارغا نىسبەتەن قاتتىق قول ۋە قەيسەر بولۇشى ئىماننىڭ تەقەززاسىدۇر.

كۈرەش ئادەملىرىنىڭ باسقان ھەر بىر قەدەملىرى، گەپ-سۆزلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەخلاق ئۆلچەملىرى بىلەن پايدا-مەنپەئەت ئارىسىدا بولىدىغانلىقىنى بىلىش كېرەك. ئەپسۇسكى بەزى دەۋا يولىغا كىرىۋالغان ساۋاتسىزلار، بىلەرمەنلەر ۋە ئەخلاق تەربىيىسى كۆرمىگەنلەر ئەخلاق تەربىيىسىنىڭ ئاجىزلىقىدىن ئىسلامنىڭ دەۋا ئادەملىرىدە تېپىلىشقا تېگىشلىك دەۋا ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە رېئايە قىلمايۋاتىدۇ. بەلكى يۈز-ئابروي، شۆھرەتپەرەسلىك، مەنسەپ ۋە ماددىي مەنپەئەتلەرنى ئەخلاق ئۆلچەملىرىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇۋاتىدۇ.

كۈرەش يولىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەخلاق تەربىيىسى تۆۋەن بولۇپ قالسا پىتنە-پاسات، بۆلۈنۈش، پارچىلىنىش ۋە بىرلىشەلمەسلككە يول ئېچىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلاردىكى ئىماننىڭ ئاجىزلىقىنى ۋە ئەخلاق تەربىيىسىنىڭ ساختىلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، گەرچە سىز ناماز ئوقۇسىڭىزمۇ، روزا تۇتسىڭىزمۇ ۋە زاكات بەرسىڭىزمۇ، بىراق مىللەتنىڭ بىرلىكىنى بۆلىدىغان، بىرلىك ئېڭىنى پارچىلايدىغان، جەمئىيەتتە پىتنە – پاسات پەيدا قىلىدىغان، قېرىنداشلىق روھىنى بۇزىدىغان غەيۋەتخورلۇق، سۇخەنچىلىك، يالغانچىلىق، قۇرۇق گەپ -سۆز تارقىتىش، تىللاش، ھاقارەت قىلىش ۋە تۆھمەت قىلىشقا ئوخشاش ناچار ئىللەتلەرنى تاشلىمىسىڭىز، بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادا زىيان تارتقان ئەڭ بىچارە ئادەم بولۇپ قالىسىز.

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ توغرىدا ساھابىلەرگە: «زىيان تارتقان ئادەمنىڭ كىملىكىنى بىلەمسىلەر؟ دەپ سورىغاندا، ساھابىلەر: ئۇ مال – مۈلكىنى زىيان تارتقان ئادەمدۇر، دەپ جاۋاب بەرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدىكى زىيان تارتقان ئادەم دېگەن، ناماز ئوقۇسىمۇ، روزا تۇتسىمۇ ۋە زاكات بەرسىمۇ، بىر كىشىنىڭ ئىززەت ئابرۇيىغا تىل تەككۈزگەن، ئىپپەتلىك بىر كىشىگە تۆھمەت چاپلىغان، بىرسىنىڭ ھەققىنى يەۋالغان، بىرسىنىڭ قېنىغا چېقىلغان ۋە بىرسىنى ئۇرۇپ قويغان ئىنساندۇر. قىيامەت كۈنى ئۇ ئەخلاقسىز كىشىنىڭ ياخشىلىقى بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ ياخشىلىقى زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىلەرگە بىر بىرلەپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. ناۋادا ئۇنىڭ ياخشىلىقى تۈگەپ كېتىپ قالسا، زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ خاتالىقلىرى ئۇ ئەخلاقسىز كىشىگە يۈكلىنىدۇ، ئاندىن ئۇ كىشى دوزاخقا تاشلىنىدۇ» دېگەن (مۇسلىم رىۋايىتى).

ئىسلام ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن ۋە مىللەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان بولساق، كۈرەش مەيدانىغا كىرىشتىن ئىلگىرى ئۆزىمىزدە مۇسۇلمانلىق دەۋاسىغا يارىشا ۋە كۈرەش ئادىمىگە يارىشا گۈزەل ئەخلاقلارنى يېتىلدۈرەيلى.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي