2023-يىل 29-يانۋار

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

سىياسىي پاناھلىق ھىجرىتى ۋە ئۇيغۇرلار

سىياسىي پاناھلىق ھىجرىتى ۋە ئۇيغۇرلار

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى

1. پاناھلىق تىلەش ۋە ھىجرەت قىلىش تۈرلىرى

ھىجرەت قىلىش ياكى كۆچۈش سەپەرلىرى ئىلمىي، ئىقتىسادىي، تىجارىي ۋە ئىجتىمائىي مەنپەئەتلەر ئۈچۈن، ياكى ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ياردەم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن، ياكى ئەقىدىسىنى قوغداش ئۈچۈن، ياكى سىياسىي جەھەتتىن پاناھلىنىش ئۈچۈن، ياكى يېڭى بىر جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بولىدۇ.

 مەسىلەن، مۇسۇلمانلار مەككىدە زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش، ئەقىدە ئەركىنلىكىگە ئېرشىش ۋە ئىسلام دەۋىتى ئۈچۈن ئېھتىياتى پائالىيەت مەركىزى ھازىرلاش مەقسىتىدە پەيغەمبىرىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھەبەشىستان (ھازىرقى ئارتىرىيە)غا سىياسىي پاناھلىق تىلەپ بارغان[1].

سىياسىي ھىجرەت قىلىش كۆپلىگەن كىشىلەر ئويلىغاندەك ۋەتەن بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈشنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى ئانا ۋەتەن سۆيگۈسىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى، يۈكسەك نىشانلار ئۈچۈن ھىجرەت قىلغان مۇھاجىرلار ئانا ۋەتىنىدىن جىسمى بىلەن ئايرىلغان بىلەن قەلبىي بىلەن ئايرىلمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئانا ۋەتىنىنى سېغىنىپ تۇرىدۇ ۋە ئانا ۋەتىنى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ.

ئەقىدە ۋ سىياسىي جەھەتتىن پاناھلىنىش ئۈچۈن ھىجرەت قىلىش دېگەن ئەقىدىسى ۋە كىملىكىنى قوغداش، ھەقىقەت بايرىقىنى يېڭىدىن ۋەتەنگە تىكلەش ئۈچۈن پۇرسەت ئىزدەش، ۋەتەنسىزلىكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن دۆلەت قۇرۇش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش، ۋەتەن سۆيگۈسى ئۈچۈن قۇربان بېرىش روھىنى يېتىلدۈرۈش، قىينىچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىش، ئۈمىدۋار بولۇش، نىشان- غايىلىرى ئۈچۈن ئىش-ھەرىكەت قىلىش، ياردەم قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېرىشىش، ھامان بىر كۈنى غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا ۋە زالىملارنىڭ ھەرقانچە كۈچلۈك بولسىمۇ، ھامان بىر كۈنى ۋەيران بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش دېمەكتۇر.

2. ھەبەشنى سىياسىي پاناھلىق مەركىزى سۈپىتىدە تاللاشنىڭ سەۋەبلىرى

باشتا شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سىياسىي پىلانىدا ئانا ۋەتىنى بولغان مەككە دىيارىنى كاپىرلارغا تاشلاپ بېرىپ قېچىپ چىقىش كېتىش پىلانى ئەسلا يوق ئىدى، بەلكى ئۇ سىياسىي ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن باشقا يەرگە پاناھلىنىپ تۇرۇپ ئانا ۋەتىنىنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش ياكى زالىم قۇرەيشلەرنى باشقا ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ يارىدىمى ئارقىلىق مۇھاسىرە قىلىش، ياكى قۇرەيشلەرنىڭ باشقا ئەللەردىكى مەنپەئەتلىرىنى سىقىشتۇرۇش ئارقىلىق ھەق ھوقۇقلىرىغا ئېرىشمەكچى بولغان. رەسۇلۇللاھ بۇ ئارقىلىق ئىسلام دىننىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش ۋە ئىسلامنى ئىنسانىيەتكە ساپ ھالەتتە يەتكۈزۈش ئۈچۈن دۆلەت قۇرۇشنى پىلانلىغان[2].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەتراپتىكى پۈتۈن دۆلەتلەرگە بىر قاتار قاراپ چىققاندىن كېيىن، ھەبەشستاننى ئىسلام دەۋىتى ئۈچۈن ئېھتىياتى پائالىيەت مەركىزى سۈپىتىدە تاللاپ چىققان ھەمدە ئۇ دۆلەتنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەمگە ئېرىشىشنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئورنى دەپ قارىغان. بۇ سەۋەبتىن، پەيغەمبىرىمىز خەلقئارالىق دىپلۇماتىيە ئالاقىسىنى شەكىللەندۈرۈپ ھىمايە ۋە ياردەمگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇ يەرگە قابىلىيەتلىك شەخسلەرنى ئەلچى سۈپىتىدە ئەۋەتكەن. 

ھەبەشىستانغا پاناھلىنىش ئالاھىدىكلىرى تۆۋەندىكىچە:

– ھەبەش پادىشاھىنىڭ ئادالىتى (يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىي ۋە ئېتىقادى جەھەتتىن بىخەتەر بولىدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغان).

– ھەبەش مەملىكىتىنىڭ مەككە دىيارىنىڭ نوپۇز دائىرىسىدىن يىراقلىقى.

– ھەبەش مەملىكىتىنىڭ رىم ۋە پارىس ئىمپېرىيەلەردىن مۇستەقىللىقى

– ھەبەشنىڭ تىجارەت ۋە ئىقتىسادى مەركەز ئىكەنلىكى.

– مۇسۇلمانلار ئۈچۈن خاتىرجەم ئېھتىياتى پائالىيەت مەركىزى ھازىرلاشقا يارايدىغانلىقى… قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ئەگەر بىز ئىنساپ قىلىدىغان بولساق ۋە ھەرخىل قانۇنىي يوللاردىن پايدىلىنىدىغان بولساق، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سىياسىي پائالىيەتنىڭ مەركىزى بولغان تۈركىيەدە ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئالاھىدىلىكلەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

3. مۇستەبىتلەر ۋە  ئەركىنلىك قورقۇنچىسى

مۇستەبىتلەر ھەقىقەت سادالىرى ۋە ئەركىنلىك پىكرىنىڭ چېگرا ھالقىپ تارقىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، مەككىدىكى مۇسۇلمانلارنى قاتتىق ئازابلىغان، ئۇلارنى دىندىن ياندۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنى مەجبۇرى تېڭىشقا ئۇرۇنغان ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن قوللانمىغان ئۇسۇللىرى قالمىغان.

پەيغەمبەرىمىز ئىسلام دەۋىتىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەركىن مۇھىتقا موھتاج ئىدى. بۇ سەۋەبتىن، مەككىدە تۇرۇش ۋە دەۋەت قىلىش ئىمكانىيىتى پەقەتلا قالمىسا، باشقا بىر دۆلەتتىن ئېھتىياتى پائالىيەت مەركىزى ھازىرلاپ قويۇش زۆرۈر ئىدى. شۇڭا، ئۇ ئىزدىنىش نەتىجىسىدە، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى بىر قاتار كۈزەتكەندىن كېيىن سىياسىي ئادالەتتىن ئايرىلمىغان پادىشاھ نەجاشىنىڭ دۆلىتىگە بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ پاناھلىنىش يوليورۇقىنى بەرگەن.پەيغەمبىرىمىز بۇ ھەقتە: «ھەبەشسىتاندا ئادىل بىر پادىشاھ بار، ئۇ پادىشاھ ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمايدۇ، ئاللاھ سىلەرگە ئاسانچىلىق ئاتا قىلغانغا قەدەر شۇ يەردە پاناھلىنىڭلار» دېگەن[3].

 بۇ نۇقتىغا دىققەت نەزىرى بىلەن قارايدىغان بولساق، سىياسىي ئادالەت پاناھلىنىشتا ئىستىراتېگىيىلىك رول ئوينىغان، نەجاشىنىڭ ئادالەتنى ئاساس قىلغان ھاكىمىيەت تۈزۈمى ئىسلامىي تۈزۈم بولمىسىمۇ ئېتىراپ قىلىنغان، بۇ تۈزۈم بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ مۇھىتى ئوخشىمىسىمۇ، ئورتاق پىرىنسىپ ئاساسىدا ھەمكارلىق ئاساسلىرى تېپىپ چىقىلغان[4].

بۇنىڭدىن، سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن دۆلەتلەردە ئورتاق نۇقتىلارنى تېپىپ چىقىپ پايدىلىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. چۈنكى سىياسەت دېگەن مۇمكىن بولغان بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىش ماھارىتى دېمەكتۇر.

شۇڭا، سىياسىي تەشكىلاتلار ھەرزامان ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، پارلامىنېت ئەزالىرى، جانلىق پارتىيەلەر، داڭلىق يازغۇچىلار ۋە ئاكادېمىك شەخسىلەر بىلەن ھەرخىل يوللار ئارقىلىق ئىزچىل مۇناسىۋەت ئورنىتىپ بۇلاردىن سىياسىي كۈرەش يولىدا پايدىلىنىشى ۋە دۈشمەننىڭ سىياسىي كۈرەشنى پالەج ھالغا چۈشۈرۈپ يوقىتىش پىلانىغا تاقابىل تۇرۇشى لازىم.

      4. دۈشمەننىڭ مۇھاجىرلارنى قايتۇرۇپ كېتىش تاكتىكىلىرى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇقىرىقى مەقسەتلەر ئۈچۈن بىر بۆلەك مۇسۇلمانلارنى ئادالەتنى ئاساس قىلغان بىر دۆلەتكە كۆچۈش قارارىنى چىقارغانلىقى مۇستەبىت قۇرەيش دۆلىتى ئۈچۈن ئېغىر بىر زەربە بولغان. چۈنكى، مۇسۇلمانلار پاناھلىنالايدىغان، كىملىكىنى ۋە ئەقىدىسىنى ھىمايە قىلالايدىغان زېمىنغا ئېرىشەلىگەن ئىدى.

قۇرەيش دۆلىتىنىڭ ئىسىتىخباراتى مۇسۇلمانلارنىڭ چەتئەل دىيارىدىن خاتىرجەم پاناھلىنىدىغان بىرەر جايغا ئېرىشىپ قالغانلىقىغا چىدىمىغان، چۈنكى ئۇلار مۇستەبىت بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنىڭ ئېچىلىپ قېلىشىدىن ۋە سىياسىي مەنپەئەتىنىڭ قولدىن كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن. بۇ سەۋەبتىن، قۇرەيش دۆلىتى تاشقى ئىشلار ۋە ئىستىخبارات ئىدارىسىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ مۇھاجىرەت ھاياتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا خاتىرجەم تىنغۇدەك پۇرسەت بەرمەسلىك ئۈچۈن، ئۇلارنى چەتئەلدىن قايتۇرۇپ ئەكەتمەكچى بولغان.

قۇرەيش ئىستىخباراتى بۇ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن تۈرلۈك تۆھمەتلەر، تەشۋىقات ئالدامچىلىقى ۋە بەزى ۋەزىرلەرنى پۇلغا سېتىۋېلىش ئۇسۇلىغا تايىنىپ، مۇھاجىرەتتىكى مۇسۇلمانلارنى قايتۇرۇپ ئەكەتمەكچى بولغان.

ئەمما مۇسۇلمانلارنىڭ زېرەك رەھبىرى بولغان جەئفەر دۈشمەن ئىستىخباراتىنىڭ ئويۇنلىرىنى بۇزۇپ تاشلىغان، ئۇلارنىڭ تۆھمەتلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان، ھەمدە دۈشمەننىڭ ئېتىبارىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قەبىھ قىلمىشلىرىنى، رەزىللىكىنى ۋە مۇستەبىتلىكىنى پاش قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىسلامنىڭ گۈزەللىكىنى، ئەخلاقىنى ۋە پىرىنسىپلىرىنى روشەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئادىل پادىشاھنى قايىل قىلغان. ئۇ يەنە مۇھاجىرلارنىڭ بۇ يەردىكى ھاكىمىيەتكە مۇخالىپ بولۇش ياكى ئۇلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇش نىيىتىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى، بەلكى ئادالەت ۋە ئىنسانىي ھوقۇققا ئېرىشىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئىپادىلىگەن.

ئۇ سۆزىدە: «ئاللاھ بىزگە ئارىمىزدىن بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ بەردى. ئۇ پەيغەمبەر بىزنى يېگانە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا، راستچىل بولۇشقا، ئامانەتنى ئادا قىلىشقا، تۇغقاندارچىلىققا ئەھمىيەت بېرىشكە، قوشنىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا، قان تۆكىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىشقا، ھارام ئىشلاردىن، يالغان سۆزدىن، يېتىمنىڭ ھەققىنى يەۋىلىشتىن، پاك كىشىلەرگە تۆھمەت قىلىشتىن يىراق تۇرۇشقا، ئاللاھقا ھېچبىر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلىشقا، ناماز ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە ۋە روزا تۇتۇشقا چاقىردى. لېكىن يۇرتىمىزنىڭ ھاكىملىرى بىزنى قىيىنىدى، بوزەك قىلدى، زۇلۇم قىلدى، ئىبادەت قىلىش ئەركىنلىكىمىزگە چەك قويدى، بىزنى بۇتقا ئىبادەت قىلىشقا ۋە ھارام ئىشلارنى قىلىشقا زورلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۆزلىرىنى ئادىل پادىشاھ دەپ ئاڭلاپ، سىلنىڭ دۆلەتلىرىگە پاناھلىنىپ كەلدۇق، سىلنىڭ دۆلەتلىرىدە ياشاشنى تاللىدۇق ۋە ھوزۇرلىرىدا زۇلۇمغا ئۇچرىماسلىقنى ئۈمىد قىلدۇق» دېگەن[5].

قۇرەيش ئىستىخبارات خادىملىرى بىرىنچى مەيدان مۇنازىرىدە مۇھاجىر مۇسۇلمانلار ئالدىدا مەغلۇب بولغان بولسىمۇ، يەنىلا ۋاز كەچمىگەن. بەلكى ئۇلار باشقا تاكتىكا قوللىنىپ پۇلغا سېتىلىدىغان ۋە ئەقىدىسى ئۈچ ئىلاھلىق ئەقىدىسىگە بۇرۇلۇپ كەتكەن بىر قىسىم پوپلارنى ئىشقا سالغان. ھەمدە ئۇلارغا ئەقىل ئۆگىتىپ، ئەيسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدە پادىشاھىڭلار نەجاشى نېمە دەيدىكىن؟ مۇسۇلمانلار نېمە دەيدىكىن سوراپ بېقىڭلار؟ دەپ ئەقىدە ئوخشىماسلىقى ئارقىلىق ئارىنى بۇزماقچى بولغان. ئۇلارنىڭ مەقسىتى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەيسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدىكى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبرى دەيدىغان ئەقىدىسى بىلەن بىر قىسىم خىرىستىيانلارنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى ئىلاھ دەپ قارايدىغان ئەقىدىسى ئارىسىدا توقۇنۇش پەيدا قىلىش ئىدى.

جەئفەر ئىككىلەنمەستىن پوپلارنىڭ ئالدىدا ئىسلامنىڭ ھەزرىتى ئەيسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدىكى پىرىنسىپىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ بەندىسى، پەيغەمبىرى ۋە پاك مەريەمگە ئاللاھ تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان روھ دەپ تونۇشتۇرغان. جەئفەر بۇ يەردە ئەقىدە پىرىنسىپىدىن ۋاز كەچمىگەن ۋە ئەقىدە پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق سىياسىي جەھەتتىن غەلىبە قىلغان. پادىشاھ ئۆزىنىڭ ئېتىقادى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادى ئارىسىدىكى ئورتاق نۇقتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇسۇلمانلارغا: «سىلەرگە ئامانلىق بەردىم، ھېچكىم سىلەرگە چېقىلالمايدۇ»[6] دەپ ئۇلارنى قوغدايدىغانلىقىنى ۋە دۈشمىنىگە تاپشۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئادىل پادىشاھ بۇ ئەھۋاللاردىن كېيىن قۇرەيش ئىسىتخبارات خادىملىرىنىڭ ئېلىپ كەلگەن سوۋغا سالاملىرىنى قايتۇرۇۋېتىشكە بۇيرۇغان ۋە مۇسۇلمانلارنى قوغدايدىغانلىقىنى، ئۇلارنى ھەرگىزمۇ دۈشمىنىگە تاپشۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ جەرياندا بىر قىسىم پوپلار پادىشاھ نەجاشىغا قارشى ئەسكەرلەرنى كۈشكۈرتىپ ھەربى ئۆزگىرىش قوزغاپ چىققان بولسىمۇ، نەتىجە قازىنالمىغان. نەجاشى مۇسۇلمانلارغا سىياسىي جەھەتتىن ياردەم بەرگەن ھەمدە ئاللاھقا ۋە پەيغەمبرىمىزگە ئىمان ئېيتقان. بۇ سەۋەبتىن، نەجاشى پەيغەمبىرىمىز تەرىپىدىن ئالاھىدە خاتىرلەنگەن.

بىزمۇ بۇ يەردە خىتتايلارنىڭ 21- ئەسىردە 75 ماددا ئارقىلىق بارلىق ئۇيغۇرلارغا جىنايەتچى، بۆلگۈنچى، ئەسەبىي، تېررورچى… دېگەندەك قالپاقلارنى كىيدۈرۈش ئارقىلىق فاشىست كامپىلاردا جازالاۋاتقانلىقىنى، ھەممە ئۇيغۇرلارنى جىنايەتچى دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە ئىنسان ھوقۇقىغا قىلچە رىئايە قىلمايدىغانلىقىنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق سىياسىي كۈرىشىمىزنى ۋە چەتئەلدىكى سىياسىي پائالىيەت مەركەزلىرىمزنى قوغدىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم.

5. ھىجرەت قىلىشنىڭ قىممەت قاراشلىرى ۋە ئەدەب – ئەخلاقىلىرى

ئىسلام تارىخىدا يۈز بەرگەن تۈرلۈك ھىجرەت تەجرىبىلىرىدىن بىر بۆلەك قىممەت قاراشلار ۋە ئەدەب ئەخلاقلارنى يەكۈنلىگىلى بولىدۇ:

1) ھىجرەت قىلىش ۋە پاناھلىنىشتىكى مەقسەت ئادالەتكە ئېرىشىش:

سىياسىي پاناھلىنىش ھىجرىتى ئادالەتكە ئېرشىش مەقسىتىدە بولىدۇ. پەيغەمبىرىمىز مۇسۇلمانلار ھىجرەت قىلىدىغان دۆلەتنىڭ پادىشاھىنى ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمايدىغان ئادىل پادىشاھ دەپ سۈپەتلىگەن. شۇڭا، ئادالەت ئىسلامدا مەركەزلىك رول ئوينايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، مۇتەپەككۇر ئىبنى تەيمىيە «ئاللاھ ئادىل دۆلەتكە كاپىر بولسىمۇ ياردەم بېرىدۇ، زالىم دۆلەتكە مۇسۇلمان بولسىمۇ ياردەم بەرمەيدۇ» دەپ يەكۈنلىگەن.

2) پاناھلىنىدىغان دۆلەت مۇناسىپ بولۇش:

 يەنى پاناھلىنىشتىن كۈتۈلگەن مەقسەت ھەل بولغۇدەك دۆلەتنى تاللاش لازىم. ئەگەر بىر مۇسۇلمان بىر دۆلەتكە ھىجرەت قىلىپ ئۆزىنىڭ ۋە باللىرىنىڭ ئەقىدىسىنى، ئەخلاقىنى ۋە كىمىلىكىنى يوقىتىپ قويىدىغان بولسا، ئۇنداق دۆلەتكە ھىجرەت قىلماسلىق كېرەك.

3) بىر دۆلەتتىن پاناھلىق تىلىگەن مۇسۇلمانلار ئەقىدىسى، ئەخلاقى ۋە كىملىكىنى قوغدىغان ئاساستا، ئۆزلىرى ھىجرەت قىلغان دۆلەتنىڭ قائىدە – تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىشى ئىنتايىن مۇھىم.

4) مۇھاجىرلار پاناھلانغان دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ۋە جەمئىيەتلىرى بىلەن ئالاقىنى بۇزۇپ قويىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلاردىن ساقلىنىشى مۇھىم.

5) سىياسىي جەھەتتىن پاناھلانغاندا ئىسلامنىڭ قىممەت قاراشلىرى بىلەن ئورتاقلىشىدىغان ئىنسانىي قىممەت قاراشلاردىن پايدىلىنىش مۇھىم.

6) مۇھاجىرەتتىكى يېتەكچىلەر ۋەتەنداشلارغا مەنىۋى ئامانلىق شارائىتىنى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىشى مۇھىم.

6. ھىجرەتتىن ئالىدىغان ئىبرەت ساۋاقلار

1) ھىجرەت قىلغان يۇرتلاردا چېچىلىپ يۈرمەي، كىملىكنى قوغداش ئۈچۈن مۇمكىن بولسا توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش ھەمدە ئىشلارنىڭ تەرتىپلىك ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشى ئۈچۈن قابىلىيەتلىك ساغلام تەشكىلاتتىن بىرنى مەسئۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا توپلىنىش روھىنى يېتىلدۈرۈش.

2) مۇھاجىرەتتىكى كىشىلەر ياكى تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا شەرقى تۈركىستانلىقنىڭ مىللەت ۋەكىلى دەپ تونۇشتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ نەقەدەر تەرتىپسىز ۋە چېچىلاڭغۇ بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ يامان تەسىر پەيدا قىلماي، ھەر دۆلەتتىكى مۇھاجىرلار مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتالايدىغان، ئىشلارنى جايىدا قىلالايدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلىگەن ساغلام تەشكىلاتتىن بىرنى ۋەكىل قىلىپ تاللاش مۇھىم.

3) مۇھاجىرەت ھاياتىدا شارائىت قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئەقىدە، كىملىك ۋە سىياسىي پىرىنسىپ قىممەت قاراشلىرىدا چىڭ تۇرۇش لازىم.

4) مۇھاجىرەتتىكى ھەرقانداق تەشكىلات ھەرقانداق ئېقىمدىكى خىتتايلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، سىياسىي پىرىنسىپتىن ۋاز كەچمەسلىكى ياكى سىياسىي پىرىنسىپتا مۇرەسسە قىلماسلىقى لازىم.

5) پاناھلىق بەرگەن دۆلەتنىڭ ئورگانلىرى بىلەن سۆھبەت قىلغاندا، ياكى ۋەتىنىمىزنىڭ مەسىلىسىنى تونۇشتۇرغاندا، مەسىلىنى مۇبالىغلاشتۇرۇۋەتمەي ياكى قىسقارتىۋەتمەي ئەينەن ئوتتۇرىغا قويۇش مۇھىم.

6) مۇھاجىرلار پاناھلىنىۋاتقان دۆلەتتە ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي پىرىنسىپىنى ۋە كىملىكىنى قوغدىغان ئاساستا، شۇ يۇرتنىڭ قائىدە تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىشى، ھەمدە ئۇ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقى ۋە ئۇلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلماسلىقى لازىم.

 7) مۇھاجىرەت دۆلىتىدە مۇمكىن بولغان ھەر تۈرلۈك قانۇنىي ۋاسىتىلەرگە تايىنىپ پايدىلىنىش يوللىرىنى كۆپلەپ تېپىپ چىقىش لازىم.


[1]  ۋەززاھ خەنفەر، «رەسۇلۇللاھنىڭ سىيرىتىگە سىياسىي ۋە ئىستىراتېگىيە نۇقتىسىدىن قاراپ چىقىش»، 161 – بەت.

[2] د.ئابدۇلقادىر تىيجانى «دەسلەپكى ئىماننىڭ سىياسىي تەجرىبىسى»، 123 – بەت.

[3] بەيھەقى رىۋايىتى.

[4]  د. مىھنا ھەبىل، «رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتىنى زامان تىلى بىلەن چۈشىنىش»، 69 – بەت.

[5]  ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى، 1764 – ھەدىس.

[6] يۇقىرىقى مەنبە، 22934 – ھەدىس.

2021- يىلى، ئىستانبول.

ۋىدىيولۇق نۇسخىسى: