2024-يىل 26-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىسرا ۋە مىئراج مۆجىزىسى

رەسۇلۇللاھ مىئراج ۋەقەسىدە ئۆزىنى ئاسمانغا چىقتىم دېمىگەن، بەلكى ئاللاھنىڭ ئۇنى ئاسمانغا چىقارغانلىقىنى بايان قىلغان. شۇڭا، ئۇنى ئاسمانغا ئېلىپ چىققۇچى ئاللاھنىڭ ئۆزىلا بولىدىكەن، ئېتىراز بىلدۈرۈشنىڭ ئورنى قالمايدۇ، بىرەر مەخلۇقنىڭ ئاللاھغا ئېتىراز بىلدۈرۈشى، ئاللانىڭ قۇدرىتى ھەققىدە ھەر خىل كاپشىشى توغرا ئەمەسلىكى ناھايىتى ئېنىق... ئاللاھ تائالا:"بەندىسىنى ئېلىپ ماڭدى ..."دەۋاتسا، ئۇ مەخلۇقلار قانداقمۇ بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ: ئاسمانغا قانداق چىقتىڭ؟ بۇنداق قىلالىشىڭ مۇمكىن ئەمەسقۇ؟ دەپ سورىيالايدۇ؟!

ئىمام ئەھمەد ئەنەس ئىبنى مالىكتىن بايان قىلىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:»ماڭا بۇراق (دۇلدۇل) كەلتۇرۇلدى، ئۇ ئىشەكتىن ئېگىزرەك، قېچىردىن پەسرەك ئاق ئۇلاغ بولۇپ، تۇۋاقلىرىنى كۆزى يەتكەن يەرگە قويىدىكەن. مەن ئۇنى مىنىپ، بەيتۇلمۇقەددەسكە كەلدىم، ئاندىن كىرىپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇدۇم، ئاندىن يېنىپ چىقتىم. جىبرىئىل ماڭا بىر قاچىدا ھاراق، بىر قاچىدا سۈت ئەكەلدى، مەن سۈتنى ئالدىم، جىبرىئىل: تەبىئىي نەرسىنى تاللىدىڭ، دېدى. ئاندىن ئۇ مېنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقتى، جىبرىئىل ئاسمان ئىشىكىنى ئېچىشنى تەلەپ قىلىۋىدى «سەن كىم؟» دېيىلدى، ئۇ:»مەن جىبرىئىل «دېدى.»سەن بىلەن بىرگە كىم بار؟»دەپ سورالدى، ئۇ»مۇھەممەد » دېدى، ئۇ «پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەنمۇ؟»دېيىلدى، جىبرىئىل :»شۇنداق» دېدى بىزگە ئىشىك ئېچىلدى. قارىسام ئادەم ئەلەيھىسسالام تۇرۇپتۇ، ئۇ مېنى قارشى ئالدى ۋە مەن ئۈچۈن ياخشى دۇئا قىلدى. ئاندىن مەن ئىككىنچى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىلدىم، جىبرىئىل ئىشىكىنى ئېچىشنى تەلەپ قىلدى «سەن كىم ؟ » دېيىلدى، ئۇ:»جىبرىئىل «دېدى. «سەن بىلەن بىرگە كىم بار؟»دېيىلدى، ئۇ «مۇھەممەد بار» دېدى، ئۇ «پەيغەمبەر قىلىندىمۇ؟» دەپ سورالدى، جىبرىئىل: «ئۇ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلدى»دېدى. بىزگە ئىشىك ئېچىلدى، ئۇ يەردە قارىسام ئانا تەرەپتىن تۇغقان بولۇشقان يەھيا ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالام بار ئىدى، ئۇ ئىككىسى مېنى قارشى ئالدى ۋە ماڭا خەيرىلىك دۇئا قىلىشتى. ئاندىن كېيىن مەن ئۈچىنچى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىلدىم، جىبرىئىل ئېچىشنى تەلەپ قىلدى «سەن كىم؟» دېيىلدى، ئۇ:»مەن جىبرىل»دېدى.»سەن بىلەن بىرگە كىم بار؟» دېيىلدى ، ئۇ «مۇھەممەد» دەپ جاۋاب بەردى، ئۇ «پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلدىمۇ؟» دېيىلدى، جىبرىئىل :»شۇنداق» دېدى، بىزگە ئىشىك ئېچىلدى، ئۇ يەردە يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنى كۆردىم، ئۇ مېنى قارشى ئالدى ۋە ماڭا خەيرىلىك دۇئا قىلدى.

ئاندىن كېيىن مەن تۆتىنىچى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىلدىم ، جىبرىئىل ئىشىكنى ئېچىشنى تەلەپ قىلىۋىدى، «سەن كىم؟» دېيىلدى ، ئۇ:»جىبرىئىل «دېدى. «سەن بىلەن بىرگە كم بار؟» دېيىلدى، «مۇھەممەد » دېدى جىبرىئىل، «ئۇ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلدىمۇ؟» دېيىلدى، جىبرىئىل:»ئۇ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلدى» دېدى، بىزگە ئىشىك ئېچىلدى، ئۇ يەردە مەن ئىدرىسنى كۆردۈم، ئۇ مېنى قارشى ئېلىپ مەن ئۈچۈن خەيرىلىك دۇئا قىلدى. ئاندىن كېيىن مەن بەشىنچى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىلدىم، جىبرىئىل ئىشىكنى ئېچىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى «سەن كىم ؟ » دېيىلدى ، ئۇ :»جىبرىئىل «دەپ جاۋاب بەردى. «سەن بىلەن بىرگە كىم بار؟» دەپ سورالدى، ئۇ «مۇھەممەد بار» دەپ جاۋاب بەردى، «ئۇ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەنمۇ؟» دېيىلدى، جىبرىئىل :»شۇنداق » دېدى، بىزگە ئىشىك ئېچىلدى، ئۇ يەردە ھارۇننى ئۇچراتتىم، ئۇ مېنى قارشى ئېلىپ، مەن ئۈچۈن خەيرىلىك دۇئا قىلدى، ئاندىن مەن ئالتىنچى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىلدىم، جىبرىئىل ئىشىكنى ئېچىشنى تەلەپ قىلىۋىدى «سەن كىم ؟» دېيىلدى، ئۇ :»مەن جىبرىئىل «دېدى . «سەن بىلەن بىللە كىم بار؟» دېيىلدى، ئۇ «مۇھەممەد بار»دېدى جىبرىئىل ، «ئۇ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلدىمۇ؟» دېيىلدى، جىبرىئىل:»ئۇ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلدى» دەپ جاۋاب بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىزگە ئشىك ئېچىلدى، ئۇ يەردە مەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئۇچراتتىم، ئۇ مېنى قارشى ئالدى ۋە ماڭا خەيرىلىك دۇئا قىلدى. ئاندىن كېيىن مەن يەتتىنچى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىلدىم، جىبرىئىل ئىشىكنى ئېچىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى «سەن كىم؟» دېيىلدى، ئۇ: «مەن جىبرىئىل «دېدى، «سەن بىلەن بىللە يەنە كىم بار؟» دېيىلدى، ئۇ «مۇھەممەد بار» دېدى ئۇ، «ئۇ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلدىمۇ؟» دېيىلدى، جىبرىئىل :»پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلدى» دېدى، شۇنىڭ بىلەن بىزگە ئشىك ئېچىلدى، ئۇ يەردە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئۇچراتتىم ، ئۇ بەيتۇلمەئمۇرغا يۆلىنىپ تۇرۇپتۇ، ھەر كۈنى بەيتۇلمەئمۇرغا يەتمىشمىڭ پەرىشتە كىرىدىكەن ھەم ئۇنىڭغا قايتا كەلمەيدىكەن، ئاندىن جىبرىئىل مېنى سىدرەتۇلمۇنتەھاغا ئېلىپ باردى، ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى پىلىنىڭ قۇلاقلىرىدەك، مېۋىلىرى كوزىلاردەك كۆرۈنۈپ تۇراتتى، ئۇنى ئاللاھنىڭ مەلۇم بىر خىل ئەمرى قاپلىغان چاغدا، ئۇ شۇنداق ئۆزگەردىكى، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىدىن ھېچكىم ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى تەسۋىرلەپ بېرەلمەيتتى.

رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:»شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ماڭا مەلۇم ۋەھىيلەرنى ۋەھىي قىلدى ۋە ماڭا ھەر كېچە كۈندۈزىدە 50 ۋاقىت نامازنى پەرز قىلدى، ئاندىن مەن تۆۋەن چۈشۈپ، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلدىم، ئۇ:»رەببىڭ سېنىڭ ئۈممىتىڭگە نېمىنى پەرز قىلدى؟» دەپ سورىدى، مەن «ھەر كېچە كۈندۈزىدە 50 ۋاقىت نامازنى پەرز قىلدى» دېدىم، مۇسا ئەلەيھىسسالام :»رەببىڭگە قايتقىن ۋە ئۇنىڭدىن يەڭگىللىتىشنى سورىغىن، چۈنكى سېنىڭ ئۈممىتىڭ ئۇنىڭغا چىدىيالمايدۇ، مەن بەنى ئىسرائىلنى سىناپ كۆرگەنمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن رەببىمگە قايتىپ بېرىپ: «ئى رەببىم، ئۈممىتىمدىن يەڭگىللەتكىن»، دېدىم. رەببىم مەندىن بەش ۋاقىت نامازنى يەڭگىللەتتى، مەن مۇساغا قايتىپ كەلدىم ئۇ:»قانداق قىلدىڭ؟» دەپ سورىدى، مەن مەندىن بەش ۋاقىت ناماز ئېلىپ تاشلاندى دېدىم، مۇسا:»ئۈممىتىڭ بۇنىمۇ كۆتۈرەلمەيدۇ، رەببىڭگە قايتىپ بېرىپ ئۈممىتىڭ ئۈچۈن يەڭگىللىتىشنى سورىغىن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن، مەن رەببىم بىلەن مۇسانىڭ ئوتتۇرىسىدا توختىماي ماڭدىم، مەندىن ھەر قېتىم بەش ۋاقىت ناماز يەڭگىللىتەتتى. ئاخىرى رەببىم ماڭا:»ئى مۇھەممەد، بۇ ھەر كېچە كۈندۈزىدە ئوقۇلىدىغان بەش ۋاقىت نامازنىڭ ھەر بىر ۋاقىلىقى10  ۋاقىت نامازغا ھېساپ، شۇڭا ئۇ 50 ۋاقىت نامازغا تەڭ،  دېدى. مەن مۇسانىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا ئىشنى دەپ بەرگەن ئىدىم، ئۇ:»رەببىڭگە قايتقىن ۋە ئۇنىڭدىن ئۈممىتىڭ ئۈچۈن يەڭگىللىتىشنى سورىغىن، چۈنكى ئۈممىتىڭ ئۇنىڭغىمۇ چىدىيالمايدۇ «دېدى. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:»مەن رەببىمگە قايتىپ بېرىۋېرىپ ئۇنىڭدىن ئۇيىلىپ قالدىم»دېدىم.

بۇخارى ۋە مۇسلىم ئەبۇ ھۇرەيرىدىن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: «بارلىق پەيغەمبەرلەر ئاتا تەرەپتىن تۇغقانلاردۇر، ئۇلارنىڭ ئانىلىرى باشقا بولسىمۇ، لېكىن دىنى بىر».

مۇسلىم ۋە ئەھمەد قەتادىدىن، بايان قىلغىنىغا كۆرە، ئەبۇ زەر مۇنداق دېگەن:»مەن رەسۇلۇللاھتىن:»رەببىڭنى كۆردۈڭمۇ؟» دەپ سورىسام، رەسۇلۇللاھ:»ئۇ نۇر تۇرسا، نەدىمۇ كۆرەلەيمەن؟» دېدى. بۇنىڭ مەنىسى، ئاللاھ بىلەن مەن ئارىسىدىكى پەردە نۇردىن ئىبارەت، شۇڭا مەن ئاللاھنى قانداقمۇ كۆرەلەيمەن، دېگەنلىكتۇر، دېيىلگەن. باشقا بىر ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ:»نۇرنى كۆردىم»دېگەن، بۇنىڭ مەنىسى، مەن پەقەت نۇرنىلا كۆردىم، باشقا نەرسىنى كۆرمىدىم دېگەنلىك بولىدۇ، دېيىلگەن.

ئىسرا ۋە مىئراج ـ ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاتا قىلغان ئۇلۇغ مۆجىزە بولغانلىقى، بۇ مۆجىزە ئارقىلىق رەسۇلۇللاھنىڭ پۈتۈن ئالەمدىكى بۈيۈك قەدرى – قىممىتىنى ۋە ئالەمنىڭ پەرۋەردىگارى ئالدىدىكى يۈكسەك ھۆرمىتىنى نامايەن قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇسۇلمانلار بۇ كۈننى خاتىرلىشىدۇ. ئۇنىڭ ئۇستىگە ئىسرا ۋە مىئراج ۋەقەسىنىڭ باشقا ئۇلۇغ تەرەپلىرىمۇ بار، بۇ ۋەقە ئىسلام دەۋىتى جەريانىدىكى ئۈچ زور ھادىسىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، بۇ ئۈچ ۋەقە:

1.مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋېلىشى.

2. ئىسرا ۋە مىئراج ۋەقەسى.

3. مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىش ۋەقەسىدىن ئىبارەت.

بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىسرا ۋە مىئراج تۆۋەندىكىدەك مۇھىم ئەھمىيەتلەرگە ئىگە:

1. بۇ ۋەقەدە ئىسلامنىڭ قىممەت قاراش ۋە ئەخلاقى مۇجەسسەملەنگەن.

2. بۇ ۋەقەدە ئەقىدە پىرىنسىپلىرىنىڭ ئاساسى تىكلەنگەن.

3. بۇ ۋەقەدە نۇرغۇن ئىبرەت ـ نەسىھەتلەر ئالغا سۇرۇلگەن.

4. بۇ ۋەقەدە ئىسلامى دەۋەت ھەرىكىتى ئاجىزلىق ۋە ئامالسىزلىقتىن قۇۋۋەت، ئىرادە ۋە چوڭ قەدەمدە ئالغا چامداپ، قىسقا ۋاقىتتىن كېيىن ئىسلام دۆلىتىنى قۇرۇشنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان.

5. بۇ ۋەقەدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن زور نېئمەتلەردىن بىرى، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئاشۇ ۋەقەدە ئىلگىرى كېيىن ھېچكىم يېتەلمىگەن دەرىجىدە ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرغان.

6. بۇ ۋەقە ئاللاھ تائالانىڭ مۇسۇلمانلارغا ئاتا قىلغان زور نېمەتلىرىدىن بىرى، چۈنكى بۇ ۋەقە جەريانىدا ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا نامازدىن ئىبارەت ئۇلۇغ پەرزنى تارتۇقلىغان. بۇ، بەندە بىلەن ياراتقۇچىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھېچكىم ۋاسىتە بولمىغان نۇر ئالاقىسىدۇر؛ ناماز ئوقۇش جەريانىدا ناماز ئوقۇغۇچى بىلەن پەرۋەردىگارىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى توساق كۆتىرۋېتىلگەچكە، رەببىگە بىۋاسىتە خىتاب قىلىپ:»ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز، سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز! بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن!»دەيدۇ. ھەتتا ناماز ئوقۇغۇچى گويا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەزكۇر ۋەقەدە رەببىنىڭ ئالدىدا ئۇدۇل تۇرغاندەك ئورۇندا تۇرۇپ، ھەر نامازدىكى تەشەھھۇدتا شۇ ئۇلۇغ ئۇرۇندا بولۇپ ئۆتكەن ئاللاھ بىلەن رەسۇل ئەلەيھىسسالام ئوتتۇرىسىدىكى نۇرانى (مەنىۋى) سىردىشىشنى قايتىلايدۇ.

بۇ ۋەقە رەسۇلۇللاھنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ 12 – يىلى رەجەب ئېيىنىڭ 27 ـ كېچىسى يۈز بەرگەن. ئالىملار كونكېرت ۋاقتى توغرىسىدا تۈرلۈك پىكىردە، بەزىلەر بۇ ۋەقە ھىجرەتتىن بىر يىل ئۈچ ئاي ياكى بىر يىل ئالتە ئاي بۇرۇن بولۇپ ئۆتكەن دەيدۇ.

ئىسرا ۋە مىئراج  ۋەقەسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەڭ قېيىن ئەھۋالدا تۇرغان چاغدا، ھالسىزلىق ۋە ئامالسىزلىقنىڭ يۈكسەك پەللىسىدە تۇرغان پەيتىدە يۈز بەرگەن.

ئىسرا ۋە مىئراج ھادىسىسىدىن ئىلگىرى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى ئەبۇ تالىب ئۆلۈپ كەتكەن، بۇلار بىر يىل ئىچىدە بولۇپ ئۆتكەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ئائىلىسى ئىچىدىكى ھىمايىچىسىدىن ۋە جەمئىيەتتىكى سىرتقى ھىمايىچىسىدىن ـ ئىبارەت مۇھىم ئىككى ھمايىچىسىدىن تەڭلا ئايرىلىپ قالغان.

ئىچكى جەھەتتە، رەسۇلۇللاھنىڭ ئايالى خەدىچە ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى ھىمايىچىسى ئىدى، ئۇ رەسۇلۇللاھقا مەدەت ـ ئىلھام، مۇھەببەت ـ مېھرىبانلىق بېغىشلاپ، رەسۇلۇللاھنى قوللاپ ـ قۇۋۋەتلەيتتى. رەسۇلۇللاھ بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ئايرىلىپ قالدى. خەدىچىنىڭ قۇرەيش قەبىلىسى ۋە پۈتۈن مەككە بويىچە زور تەسىرى بار ئىدى.

رەسۇلۇللاھنىڭ سىرتقى جەھەتتىكى ھىمايىچىسى بولغان تاغىسى ئەبۇ تالىب قۇرەيشلىكلەرنىڭ ئاقساقاللىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ رەسۇلۇللاھنى مۇشرىكلارنىڭ زىيانكەشلىكلەردىن قوغدايتتى. بەلكىم بەزىلەر، ئاللاھ تائالا ئەبۇ تالىبنى نېمىشقا ئىسلامغا ھىدايەت قىلمىغان؟ دەپ سوئال قويۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ سىرى شۇكى، ئەبۇ تالىبنىڭ مۇشرىك پىتى قېلىش نەتىجىسىدە، مۇشرىكلار ئۇنى يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ ئاقساقىلى دەپ بىلگەچكە ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، ئۇ قوغداپ ـ ھىمايە قىلىۋاتقان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چېقىلالمىغان، رەسۇلۇللاھنىڭ بىر يىل ئىچىدىلا ئايالى ۋە تاغىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشى ئارقىسىدا، ئۇ مەككىدىكى بارلىق قوغدىغۇچىلىرىدىن ئايرىلدى. مۇشرىكلار ئەمدى رەسۇلۇللاھنى تەلتۆكۈس يوقىتىشنىڭ ۋاقتى كەلدى دەپ قاراشتى. ئۇلار رەسۇلۇللاھقا غالجىرلىق بىلەن زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىدى، ئۇلارنىڭ نادان – ئەقىلسىزلىرى رەسۇلۇللاھنىڭ مۇبارەك بېشىغا توپا ـ ئەخلەتلەرنى تاشلايتتى… مۇشرىكلارنىڭ زىيانكەشلىكى كۈندىن ـ كۈنگە زورىيىپ، ئازغۇنلۇق خورەكلىرى بەكمۇ ئۆسۈپ كەتتى، ھەتتا رەسۇلۇللاھ ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىدىن تامامەن ئۈمىدىنى ئۈزگەن ئىدى.

ئۇ ئۆزى بىلەن مۇشرىكلار ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق توختامى تۈزۈشكە تىرىشتى ۋە ئۆزىنى، مۇسۇلمانلارنى ئۆز ھالىغا قويۇۋېتىشنى ئۇلاردىن ئۆتۈندى. ئۇلار بۇنى رەت قىلىشتى ۋە تېخىمۇ كۈچەپ زۇلۇم سېلىشقا ئۆتۈشتى، ئاخىرى چىداشقا ئورۇن قالمىغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سىرتقى ياردەمچى ئىزدەش قارارىغا كەلدى، ئۇ ئۆز ئالدىدا تائىپ يۇرتى ۋە ئۇنىڭدا ياشايدىغان سەقىف قەبىلىسىنى بايقىدى. بۇ بىر كۈچلۈك، باي قەبىلە بولۇپ، ئۇلار ئىسلام دىنىغا كىرىپ قالسا، ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ قالسا، چوقۇم مۇسۇلمانلارنىڭ قۇۋۋىتى ئېشىپ، ئۇلارنىڭ مەككىدىكى ئورنى كۈچىيەتتى. تائىپ يۇرتى مەككىدىن 75 مىل (120 كىلومېتىر ) يىراقلىققا جايلاشقان، ئۇنىڭغا بارىدىغان تاغلىق يول سەپەر قىلىشقا بەك قولايسىز ئىدى. رەسۇلۇللاھ بۇ جايغا ئۆزىنىڭ خىزمەتكارى زەيد ئىبنى ھارىسەنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان ھالدا سەپەرگە ئاتلاندى.

رەسۇلۇللاھ تائىپقا بارغاندىن كېيىن، سەقىف قەبىلىسىنىڭ كاتتىلىرى بولغان ئەمرى ئىبنى ئۇمەيرنىڭ ئۈچ ئوغلىنى تېپىپ، ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىپ سۆز ئاچتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بىرى:»ھەي، ئاللاھ سەندىن باشقا پەيغەمبەر قىلىدىغان بىرسىنى تاپالمىغاندىمۇ؟» دەپ تەنە قىلدى… يەنە بىرسى:»ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ساڭا ھەرگىز گەپ قىلمايمەن، ئەگەر سەن ھەقىقىي پەيغەمبەر بولساڭ، ساڭا گەپ ياندۇرۇشۇم ئۇلۇغ ئورنۇڭغا باپ كەلمەيدۇ؛ ئەگەردە يالغانچى بولساڭ، ساڭا گەپ قىلىپ يۈرۈشۈمنىڭ ھاجىتى يوق!»دېدى…ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلدى، ئۇلارنىڭ مېھمىنى ھېسابلىنىدىغان رەسۇلۇللاھنى بەك ئوسال كۈتۈۋېلىشتى، ھەتتا ئۇلار قۇللىرى ۋە ئۇششاق بالىلىرىنى رەسۇلۇللاھنىڭ كەينىدىن چۇقان سېلىشقا، تاش بىلەن ئۇرۇشقا كۈشكۈرتتى، ئۇنىڭ ئەتراپىغا كىشىلەر توپلىنىپ، ئۇنى رەبىئەنىڭ بالىلىرى ئۇتبە ۋە شەيبەنىڭ بېغىغا كىرىپ پاناھلىنىشقا مەجبۇر قىلدى. باغ ئىگىلىرى باغ ئىچىدە بار ئىدى. تائىپنىڭ ئەقىلسىزلىرى ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە ھۇجۇم قىلغانلار قايتىپ كېتىشتى. باغ ئىگىلىرى ئەداس ئىسىملىك خىزمەتكارىنى رەسۇلۇللاھقا ئۈزۈم ئۈزۈپ بېرىشكە ئەۋەتتى. رەسۇلۇللاھ ئۇ ئۈزۈپ بەرگەن ئۈزۈمنى «بىسمىللاھ » دېگەندىن كېيىن يېگەن ئىدى، ئەداس بۇنىڭدىن ئەجەبلىنىپ: «بۇ يەردىكىلەردىن بۇنداق سۆزنى ئاڭلاپ باقمىغانمەن» دېدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن «ئەداس، سەن قايسى يۇرتتىن؟» دەپ سورىدى، ئۇ: «ئەسلى ئىراقتىكى نىنەۋى دېگەن يەردىنمەن » دېدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنداقتا، سالىھ ۋە يۈنۈس ئىبنى مەتتانىڭ يۈرتىدىن ئىكەنسەندە؟»دېگەن ئىدى، ئەداس:»سەن بۇنى نەدىن بىلىسەن؟» دەپ سورىدى، رەسۇلۇللاھ جاۋابەن:»ئۇ قېرىندىشىم پەيغەمبەر بولغان، مەنمۇ پەيغەمبەرمەن» دېدى. شۇئان ئەداس رەسۇلۇللاھقا ئېتىلىپ كېلىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ بېشىدىن ۋە پۇت ـ قوللىرىدىن سۆيۈپ كەتتى. ئۇتبە بىلەن شەيبە خىزمەتكارىدىن بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى سورىغان ئىدى، ئۇ:»بۇ كىشى ماڭا پەقەت پەيغەمبەرلا بىلىدىغان ئىشنى دەپ بەردى»دېدى.

خوجايىنلىرى:»ئەداس، ئۇ سېنى دىنىڭدىن بۇرىۋەتمىسۇن»دەپ جېكىلەشتى.

رەسۇلۇللاھ ئىنتايىن ئېغىر مەغلۇبىيەت ۋە ئامالسىزلىق ھېس قىلدى، ئۇنىڭ ئالدىدا چىقىش يولى پۈتۈنلەي ئېتىلگەندەك بولۇپ قالغان ئىدى. شۇڭا ئۇ پەقەت ئاللاھغىلا ئىلتىجا قىلىشتىن باشقا چارە تاپالمىدى ۋە مۇنداق دېدى:»ئى ئاللاھ! ھالسىزلىقىمدىن، ئامالسىزلىقىمدىن ۋە كىشىلەر ئالدىدا خارلىقىمدىن ئۆزۈڭگىلا دەرد تۆكىمەن، ئى رەھىمدىللەرنىڭ ئەڭ رەھىمدىلى! سەن ئاجىزلارنىڭ رەببىسەن، مېنىڭ رەببىمسەن، مېنى كىمگە تاشلاپ بېرىسەن؟ زۇلمەتلىك يىراق كەلگۈسىگىمۇ؟ ياكى سەن مېنىڭ ئىشىمغا ئىگە قىلىپ دۇشمەنگىمۇ؟ ئەگەر سېنىڭ ماڭا غەزىپىڭ بولمىسا، پەرۋا قىلمايمەن، بىراق سېنىڭ خەيرىخاھلىقىڭ مەن ئۈچۈن كەڭرى؛ زۇلمەتلەرنى يورۇتقان ۋە دۇنيا ـ ئاخىرەتنىڭ ئىشلىرىنى تۈزەيدىغان يۈزۈڭنىڭ نۇرى بىلەن ماڭا غەزىپىڭنى چۈشۈرۈشۇڭدىن ياكى ماڭا ئازابىڭنى توغرىلىشىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، سەن رازى بولغۇچە ئۆزۈمنى يېلىنىمەن؛ كۈچ -قۇۋۋەت پەقەت ئاللاھ بىلەن دۇر».

رەسۇلۇللاھ مەككىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تىراگېدىيە چېكىگە يەتتى، مۇشرىكلار ئۇنىڭ مەككىگە كىرىشكە يول قويمىدى، رەسۇلۇللاھ ئاخىرى مۇشرىك مۇتئىم ئىبنى ئەدىنىڭ ھەمراھلىقىدىلا مەككىگە ئاران كىرەلىدى… مەككىگە كىرگەندىن كېيىن، بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلدى، ئاندىن يەنە مۇتئىم ئىبنى ئەدىنىڭ قوغدىشىدا ئۆيگە بارالىدى. بۇ يەردە يۈسۈپ سۈرىسىدىكى ئاللاھنىڭ تۆۋەندىكى سۆزىنى ئەسلەپ ئۆتسەك بولىدۇ:»ھەتتا پەيغەمبەرلەر (قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن) ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە (قوۋمى تەرىپىدىن) يالغانغا چىقىرىلغانلىقىغا جەزم قىلغان چاغدا، ئۇلارغا بىزنىڭ ياردىمىمىز يېتىپ كەلدى، بىز خالىغان ئادەملەرنى قۇتقۇزدۇق، ئازابىمىز گۇناھكار قوۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ» (يۈسۈپ سۇرىسى 110 ئايەت).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە مۇسۇلمانلار، دەل مانا مۇشۇنداق ئۈمىدسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈككە پاتقان شارائىتتا، ئىسرا ۋە مىئراج ھادىسىسى يۈز بەردى.  

1. ئىسرادا رەسۇلۇللاھنى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر قارشى ئېلىپ كۈتۈۋالغان ۋە مەسجىدى ئەقسادا ئۇنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇغان. بۇ ئارقىلىق ئىلگىرى غەيبى ئالەمدىلا بولۇپ ئۆتكەندەك، بۇ ئالەمدىمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىمامەتچىلىكى نامايان قىلىنغان. بۇ ھادىسە رەسۇلۇللاھنى تائىفتا مۇشرىكلارنىڭ يامان مۇئامىلىدە قارشى ئالغانلىقىغا قارىتا ئەڭ ئېسىل رەددىيە بولغان.

رەسۇلۇللاھنىڭ پەيغەمبەرلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇشى خۇددى رەسۇلۇللاھنىڭ: «بارلىق پەيغەمبەرلەر بىر ئاتىدىن تۇغۇلغان قېرىنداشلاردۇر، ئانىلىرى باشقا – باشقا بولغان بىلەن  دىنى بىردۇر» دېگىنىدەك، بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ بىر دىندا ئىكەنلىكىنىڭ ئوچۇق دەلىلى بولغان.

2. مىئراج سەپىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئاسمانلارنىڭ ئىشىكلىرى ھۆرمەت بىلەن ئېچىپ بېرىلگەن. بۇ، رەسۇلۇللاھقا مەككىنىڭ دەرۋازىسىنى تاقىۋالغانلارغا قارشى ھالدا خۇشاللىنارلىق ياخشى جاۋاب بولغان.

3. رەسۇلۇللاھ ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا بىباھا مېھمان قاتارىدا كۈتۈۋېلىنغان؛ بۇ، سەقىپلىكلەرنىڭ رەسۇلۇللاھنى ناچار ۋە ئوسال ھالدا كۈتۈۋالغانلىقىنىڭ ئورنىنى ئەڭ ئېسىل رەۋىشتە تولدۇرغان.

4. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئىززەت ـ ھۆرمەت ۋە زور قۇۋۋەت ئاتا قىلغان. بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئاللاھقا مۇناجات قىلىپ، ئاجىزلىق، ئامالسىزلىقى ۋە كىشىلەر ئالدىدا خار بولغانلىقى ھەققىدە تۆككەن دەردىگە جاۋاب قاتارىدا بولغان. بۇ ئارقىلىق   رەسۇلۇللاھنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى ئۇلۇغ قەدىر قىممىتى ۋە ئورنى ئېنىق بولغان. دېمەك، يەر يۈزى رەسۇلۇللاھقا سەپەر يولى، ئاسمانلار ئۆرلەش ئورنى، جىبرىئىل يولدىشى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە ئۇنىڭ دوستى ئىدى …

5. رەسۇلۇللاھ پەرىشتىلەر ماكانىدا، ئۇنىڭدىن كېيىن سىدرەتۇل مۇنتەھادا ئىززەت ـ ھۆرمەت بىلەن كۈتۈۋېلىنغان. بۇ رەسۇلۇللاھنىڭ رەببىگە دۇئا قىلىپ:»مېنى كىمگە تاشلاپ بېرىسەن؟ زۇلمەتلىك كەلگۈسىگىمۇ؟ياكى ئىشىمغا ئىگە قىلىپ قويغان دۇشمەنگىمۇ؟»دەپ تۆككەن دەردىگە جاۋاب بولغان.

6. رەسۇلۇللاھ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چاقىرىلىپ، ھېچقانداق بىر مالائىكىگە بېرىلمىگەن بۈيۈك شان- شۆھرەتكە ئىگە قىلىندى. ئۇ بىۋاسىتە ھالدا رەببىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئىلاھى نۇرنى كۆردى ۋە رەببىنىڭ ئۇلۇغ مۆجىزىلىرىنى كۆردى. بۇلار ئۇنىڭغا ئاللاھ ئاتا قىلغان ئىلاھى ھۆرمەت تاجى بولۇپ، كەلگۈسىدە ئۇنى كۈتۈپ تۇرغان ھىجرەت مۇشەققەتلىرى، جەريان ـ پائالىيەتلىرى ۋە تۇنجى ئىسلام دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىشتىكى كۈچ ـ قۇۋۋەت ئىشەنچىگە ئىگە قىلدى.

7. ئىسرا مىئراج سەپىرى رەسۇل ئەلەيھىسسالامنى خۇرسەن قىلىش ۋە رازى قىلىش بولغىنىدەك، كۇپپارلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ۋە ئېزىشىگە ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمانلار ئۈچۈنمۇ نىئمەت ۋە خۇرسەنلىك بولغان. چۈنكى ئاللاھ ئۇلارغا پەرز نامازنى ئاتا قىلغان. ناماز بولسا مۇسۇلمانلارنىڭ مىئراجىدۇر، مۇسۇلمانلار ناماز ئارقىلىق ھەر كۈنى بەش قېتىم توساقسىز ۋە ۋاسىتىسىز ھالدا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئۆرلەيدۇ.

8. ئسرا ۋە مىئراج سەپىرى رەسۇلۇللاھقا چەكسىز كۈچ ۋە ئىرادە ئاتا قىلدى، ھەتتا ئۇ قۇرەيشلىكلەرنىڭ ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ پەرۋا قىلمىغان ھالدا ئىسرا ۋە مىئراجىدا بېشىدىن كەچۈرگەنلىرىنى قۇرەيشلىكلەر ئالدىدا ئېلان قىلىشتا ئىككىلەنمىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ ھاممىسى ئۇممۇ ھانى ئۇنى كىيىمدىن تارتىپ:»ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقمىغىن، قوۋمىڭ بەرىبىر ئىشەنمەيدۇ «دېسىمۇ، ئۇ غەيرەت جاسارەت بىلەن:»ماڭا ئىشەنمىسىمۇ دەيمەن!»دەيتتى، بۇ نېمە دېگەن غەيرەت ـ ئىرادە ھە؟!

قۇرئان كەرىم ئىسرا ۋەقەسىنى ئېنىق بايان قىلغان: «ئاللاھ (بارچە توقساندىن) پاكتۇر، ئۇ بەندىسىنى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) بىر كېچىدە مەسجىت ھەرامدىن ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ كەلدى»(ئىسرا سۇرىسى 1-ئايەت)، شۇڭا ئىسرا ھادىسىگە ئىشەنمىگەن ئادەم قۇرئان كەرىمنىڭ ئوچۇق ئايىتىگە قارشى تۇرغانلىق ھېسابلىنىپ، كاپىر بولىدۇ.

مىئراج ۋەقەسى بولسا قۇرئان كەرىمدە ئىشارە شەكلىدە بايان قىلىنغان، يەنى سۈرە نەجمىنىڭ 11 – ئايىتىدىن 18- ئايىتىگىچە بولغان مەزمۇندا بۇ ئىشارە بار. شۇڭا مىئراج ھادىسىسىگە ئشەنمىگەن ئادەم كاپىر بولماستىن بەلكى پاسىق ھېسابلىنىدۇ.

مىئراج ھەرەم مەسجىدىدىن باشلانماستىن، نېمىشقا ئەقسا مەسجىدىدىن باشلانغان؟ نېمە ئۈچۈن ئەقسا مەسجىدى ھۆرمەت بىلەن تەرىپلىنىپ، ئۇنىڭ ئەتراپى بەرىكەتلىك قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان؟

بۇنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بولۇپ، بىز چۈشىنىپ يەتكەنلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1. بەيتۇلمۇقەددەس ئىبراھىم ۋە مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ پەيغەمبەرلىك قىلغان مەركىزىدۇر.

2.مەككىدىن بەيتۇلمۇقەددەسكە سەپەر (ئىسرا) بولۇپ، ئۇ يەردىن ئاسمانلارغا ئۆرلەش (مىئراج) ـ ئاللاھنىڭ دىنى بىرلا ئىسلام ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ: «ھەقىقەتەن دىن ئىسلام دىنىدۇر» (ئال ئىمران سۈرىسى، 19 -ئايەت).

3. بۇنىڭدا ئىسلام دىنىنىڭ دۇنياۋىيلىقى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ مەككە بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن پۈتۈن ئالەم ئۈچۈن قويۇلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

4. ئىسلام دىنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىنىڭ ۋە ئىلگىرىكى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ داۋامىدۇر.

بۇخارى بىلەن مۇسلىم ئەبۇ ھۇرەيرەدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:»مەن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مەريەم ئوغلى ئيساغا ئەڭ يېقىنمەن». يەنە: «پەيغەمبەرلەر باشقا ـ باشقا قورساقتىن بولغان قېرىنداشلاردۇر، ئۇلارنىڭ ئانىلىرى باشقا بولسىمۇ، دىنى بىر».

بۇنداقلار شۇنى چۈشىنىشى كېرەككى، ئىسرا ۋە مىئراج ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كۆرسەتكەن مۆجىزسىدۇر.

مۆجىزە بولسا، ئىنسان ياكى باشقا ھەر قانداق مەخلۇقنىڭ قولىدىن تامامەن كەلمەيدىغان ئالاھىدە ھادىسىنى بىلدۈرىدۇ.

چۈنكى مۆجىزە ئىنسانىي سەۋەبلەرنىڭ ھەر قاندىقىدىن ۋە بۇ كائىناتنىڭ ئىنسان بىلەلەيدىغان ھەر قانداق قائىدە ـ قانۇنىيەتلىرىدىن خالى بولغان ھادىسىدۇر. شۇڭا، مۆجىزىگە ئىگە قىلىنغان پەيغەمبەر مەزكۇر مۆجىزىنى باشقىلارنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئوتتۇرىغا چىقاردى دېگەن گۇمانغا سەۋەب بولىدىغان ھەر قانداق ئىنسانىي كۈچ ـ قۇۋۋەتتىن يىراق بولۇشى لازىم بولىدۇ.

مانا بۇنىڭ بىلەن مۆجىزە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگىلا تەۋە بولىدۇ، شۇڭا، رەسۇل ئەلەيھىسسالامغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ ئۇنى يالغانچىغا چىقارغانلار خاتالىشىدۇ. بۇنداق بىر قىسىم كىشىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ ئاسمانغا چىققانلىقى توغرىسىدا ھەر خىل كاپشىپ بېقىشتى. رەسۇلۇللاھ ھەرگىزمۇ ئاسمانغا چىقتىم دېمىگەن، بەلكى ئاللاھنىڭ ئۇنى ئاسمانغا چىقارغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئۇنى ئاسمانغا ئېلىپ چىققۇچى ئاللاھنىڭ ئۆزىلا بولىدىكەن، ئېتىراز بىلدۈرۈشنىڭ ئورنى قالمايدۇ، بىرەر مەخلۇقنىڭ ئاللاھغا ئېتىراز بىلدۈرۈشى، ئاللاھ نىڭ قۇدرىتى ھەققىدە ھەر خىل كاپشىشى توغرا ئەمەسلىكى ناھايىتى ئېنىق. بىر مىسال كەلتۈرەي :»بوۋاق بالامنى كۆتۈرۈپ ماشىنامغا سېلىپ ئۇنى ماشىنام بىلەن قاھىرەدىن ئىسكەندىرىيەگە ئېلىپ بارسام، ئەقىل ـ ھوشى جايىدا بولغان بىرسى: بوۋاق بالاڭ بۇنداق ئۇزۇن مۇساپىنى قانداق بېسىپ ئۆتتى؟» دەمدۇ؟ پەقەت ئەقلى جەھەتتىن بىنورمال كىشىلا مۇشۇنداق دېيىشى مۇمكىن. دېمەك، بوۋاق بالا بۇ مۇساپىنى مېڭىپ ئۇ يەرگە بارالمايدۇ، بەلكى مەن ئۇنى ماشىنام بىلەن ئاپارغانمەن … ھېلىقىدەكلەر مۇنداق دەپ سورىسا توغرا بولار ئىدى: ماشىناڭ ئۇ يەرگە بارالامدۇ؟ مەن ئۇلارغا: شۇنداق، ماشىنام ھەر كۈنى بۇنداق مۇساپىنىڭ نەچچە ھەسسىسىنى ماڭالايدۇ، دەيتتىم. بۇنىڭغا بىنائەن، ھېچكىم كىچىك بوۋاق ئۇ مۇساپىنى قانداق مېڭىپ تۈگەتكەندۇ، دەپ غۇلغۇلا قىلماسلىقى كېرەك.

بۇلار ئىنسان مەنتىقىسىگە ئۇيغۇن ۋە ئىنسان ھەرىكىتى سەۋىيەسىدىكى ئىشلار بولغانكەن، ئاللاھ تائالانىڭ ئىشلىرى ھەققىدە ھېچكىمنىڭ غۇلغۇلا قىلمىغىنى تېخىمۇ توغرا. ئاللاھ تائالا:»بەندىسىنى ئېلىپ باردى …»دەۋاتسا، ئۇ مەخلۇقلار قانداقمۇ بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ: ئاسمانغا قانداق چىقتىڭ؟ بۇنداق قىلالىشىڭ مۇمكىن ئەمەسقۇ؟ دەپ سورىيالايدۇ؟!

قۇرەيشلىكلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا:»سەن بىر كېچىدىلا ئۇ يەرگە بېرىپ كەلدىم دەۋاتامسەن؟ ھالبۇكى بىز ئۇ يەرگە تۆگىنى قامچىلاپ بىر ئايدا ئاران بېرىپ بولالايمىز» دېيىشتى …

ھەر قانداق ئىش ئۇنى قىلغۇچىنىڭ كۈچىگە ئوڭ نىسبەتتە بولىدۇ. ئەگەر قىلغۇچىنىڭ كۈچى چەكسىز بولىدىكەن، بىز ماتېماتىكىلىق تەڭلىمىلەر ئارقىلىق ھەر قانداق ئۇزۇن مۇساپە چەكسىزلىك بىلەن يانداشقاندا نۆلگە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقالايمىز.

ھەر قانداق بىر ۋاقىت چەكسىزلىك بىلەن يانداشسا نۆلگە تەڭ بولىدۇ، شۇ جەھەتتىن ئىسرا ۋە مىئراج ھادىسىسى كۆزنى يۈمۈپ ـ ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتا ياكى شۇنىڭغا يېقىن بىر مەزگىل ئىچىدە يۈز بىرىپ بولغان بولىدۇ. ئەگەر بىز تېخىمۇ ئىلمىي ئېنىقلىق نۇقتىسىدىن ئېيتىدىغان بولساق، ئىسرا ۋە مىئراج ھادىسىسى ۋاقىت ئۇقۇمسىز يۈز بەرگەن.

قۇرەيشلىكلەرنىڭ ئېتىرازىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىسرا ۋە مىئراج ۋەقەسى چۈش ھالىتىدە ئۇيقۇدا يۈز بەرگەن ئەمەس، بەلكى بەدەن ۋە روھ بىلەن بىللە بولۇپ ئۆتكەن. رەسۇل ئەلەيھىسسالام بۇنىڭغا مىسال ۋە دەلىللەرنى كۆرسىتىپ، ئۇلارغا ئۆزى ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان ئەقسا مەسجىدىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن، شۇنداقلا ئۇلارغا شامدىن مەككىگە كېلىۋاتقان يول ئۈستىدىكى كارۋان ھەققىدە تەپسىلىي سۆزلەپ بەرگەن. بۇ كارۋان بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن مەككىگە يېتىپ كەلگەن ۋە قۇرەيشلىكلەر كارۋاندىكىلەردىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرىنى سورۇغان چاغدا ئۇلار تامامەن رەسۇلۇللاھنىڭ ئېيتىپ بەرگىنىدەك ئەھۋاللارنى بايان قىلىشقان.

 ئىسرا بولسا ئىنسان ئەقلىنىڭ مىئراجىنى چۈشىنىپ قوبۇل قىلىشىغا يول ھازىرلىغان. دېمەك، ئىسرا ۋەقەسىدە رەسۇلۇللاھقا ۋاقىت ۋە مۇساپە قانۇنىيىتىنى ئۆزگەرتىپ بەرگەن ئاللاھ تائالا، مىئراجدىمۇ   ۋاقىت ـ مۇساپە قانۇنىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە قادىردۇر.

ئىسرا ھادىسىسى ھەققىدە بىلگەنلىرىگە ۋە ئۇ توغرىسىدا كۆرگەن دەلىللەرگە ئىشەنگەن كىشىلەر، مىئراج ۋەقەسى ھەققىدە رەسۇلۇللاھ سۆزلەپ بەرگەن لېكىن ئۆزلىرى ئېنىق كۆرمىگەن ئىشلارغىمۇ چوقۇم ئىشىنىشى كېرەك.

مۆجىزىلەر ـ پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەقىقىي پەيغەمبەرلىك دەلىلىرىدۇر، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مۆجىزىلەر ئاللاھ قەلىبلىرىنى قايدۇرۇۋەتكەن بەزى پەيلاسوپلارغا ۋە ئۇلارنىڭ سەپسەتىلىرىگە ئازغانلارغا رەددىيە بىرىدۇ؛ بۇنداق سەپسەتىچىلەر دەيدۇكى، بىز بۇ كائىناتنى ئاللاھنىڭ ياراتقانلىقىغا ۋە كائىناتتىكى قانۇنىيەتلىرىنىمۇ ياراتقانلىقىغا سىلىگە ئوخشاشلا ئىشىنىمىز، بىراق ئاللاھ شۇ قانۇنىيەتلەرنى كائىناتتىكى ئۆزگەرمەس ـ يۆتكەلمەس نىزامىنى داۋاملىق ساقلاپ، ئۆزىنى ئۆزى ئەركىن باشقۇرۇتقۇزۇپ قويغان …

ئۇلارنىڭ دېمەكچى بولغىنى، ئاللاھ كائىناتنى يارىتىپ بىر قېتىملا ھوقۇقنى بىۋاسىتە يۈرگۈزگەن، كائىنات قانۇنىيەتلىرىنى بولسا كائىناتنى باشقۇرۇشقا ياراتقان…دېگەنلەردىن ئىبارەت.

شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ قولى ئارقىلىق ياكى بەزى يېقىن بەندىلىرىنىڭ قولى ئارقىلىق كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىنىڭ ئەنە شۇنداق «پەيلاسوپلار»نى ھەقىقەتكە قايتۇرىدىغانلىقىنى بايقايمىز، مۆجىزىلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز مەخلۇقاتلىرىنىڭ ئىشلىرىنى غەپلەتتە قالماستىن، ئۇخلىماستىن، بىر لەھزىمۇ تاشلاپ قويماستىن باشقۇرۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بارلىق ئىشلارنى ئۆزى بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. شۇڭا، ئىنسانلار كائىنات قانۇنىيەتلىرىنىڭ ئۈستىدە خالىسا ئۇلارنى ئۆزگەرتېۋېتىدىغان ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنى بىلسۇن ئۈچۈن، مۆجىزىلەر ئالەم قانۇنىيەتلىرىنى ۋە ئىنسان ئادەتلىرىنى بىراقلا بۇزۇپ تاشلايدۇ.

ئەگەردە ئىسرا ۋە مىئراج مۆجىزىسى ھەققىدە گۇمان قىلىشقا بولسا، ئىبراھىم، مۇسا ۋە ئەيسا ئەلەيھىسسالاملارغا ئوخشاش ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجىزىلىرى ھەققىدىمۇ گۇمانلىنىشقا توغرا كېلىدۇ، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ مۆجىزىلىرى ئىسلام دەۋىتىدە ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. دېمەك، ئۇلارنىڭ ھېچقايسى مۆجىزىسىگە ئىشەنمىگەن ئادەم ئىسلام دىنىدىن چىققان ھېسابلىنىدۇ؛ مۆجىزىلەرگە ئىشەنمەسلىك كىشىلەرنى كۇفرى ۋە پىتنە ـ زالالەتنىڭ زۇلمەتلىرىگە باشلايدۇ.

مۆجىزىلەردىن بىرەرسىنى ئىنسانىيەت بىلىدىغان ئىلمىي قانۇنىيەتلەر ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ ئىزاھلاشقا ھەرىكەت قىلىدىغان ئالىملار زور خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ، چۈنكى مەزكۇر قانۇنىيەتلەرمۇ ئاللاھ تەرىپىدىن يارتىلغان مەخلۇق بولۇپ، يارالغۇچى قانۇنىيەتلەر ياراتقۇچىنىڭ ئىرادىسىنى باشقۇرالمايدۇ ھەم ياراتقۇچىنىڭ بۇيرۇقىغا توسالغۇ بولالمايدۇ، شۇنداقلا، ئىنسانىيەت بىلىملىرى سەۋەب ـ نەتىجە مۇناسىۋىتىگە باغلىق بولىدۇ، لېكىن مۆجىزىلەر سەۋەب ـ نەتىجە مۇناسىۋىتىگە باغلىق ئەمەس.

بۇ مەسىلە تامامەن ئېنىق، مەسىلىنى خاتا چۈشەنگەن ئادەم ھېچقانداق دەلىلگە ئىگە ئەمەس.

ئاللاھ تائالا: {بەندىسىنى … ئېلىپ بارغان ئاللاھ پاكتۇر} دېگەن بىرىنچىدىن: «بەندىسىنى» دېگەن سۆز ئارقىلىق ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالى ماقامىنى مەدھىيەلەپ ، ئۇنىڭ يۈكسەك ئىززەت ـ ھۆرمىتىنى تەكىتلىگەن ھۆرمەت سۈپىتىنى كەلتۈرگەن.

ئىككىنچىدىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەندىلىك سۈپىتى ئاللاھ نىڭ خاھىشىغا يانداشقان ھالدا:» بەندىسىنى ئېلىپ باردى» دەپ كەلتۈرگەن، بۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ تېخىمۇ ئىززەت – ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىنغانلىقى نامايان بولۇپ تۇرىدۇ.

ئۈچىنچىدىن: بەندىلىك ماقامى بىلەن ئىلاھى ماقام غۇۋالىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا شېرىكچىلىكتىن تامامەن پاكلىقى ئىسپاتىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەندىلىك سۈپىتى تىلغا ئېلىنغان.

تۆتىنچىدىن: «بەندىسنى» دېگەن سۆزدىن ئىسرانىڭ بەدەن ئەقىل ھەم روھ بىرلىكتە بولۇپ ئۆتكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ، چۈنكى جاننى «بەندە» دېگىلى بولمايدۇ، رۇھنىمۇ «بەندە» دىيلمەيدۇ. دېمەك، «بەندە» دېگەن سۆز جىسمانىي، ئەقلىي ۋە روھى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنسان تۈزۈلمىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىنى ئىپادىلەپ بىرىدۇ، ئەگەردە ئسرا ۋە مىئراج ھادىسىسى روھ بىلەنلا بولغان بولسا، قۇرئان كەرىم بۇنى بايان قىلاتتى.

بەزى كىشىلەر گويا ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىدىن بىھۇدە شەك ـ شۈبھىدە بولغاندەك، ئىسرا بىلەن مىئراج رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇيقۇلۇق ھالىتىدە چۈش شەكلىدە يۈز بەرگەن، دېيىشىدۇ. ئۇلار بۇنىڭ ئەقىلگە زىت ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىشقان. ئەگەردە ئۇيقۇلۇق روھى ھالىتىدە بولۇپ ئۆتكەن ئش بولغىنىدا، مۇشرىكلار يالغانغا چىقىرىپ يۈرمەيتتى ۋە بەزى ئىمانى ئاجىزلار ئىسلامدىن يۈز ئۆرىمىگەن بولاتتى، چۈنكى بىرەر ئادەمنىڭ چۇشىدە ئېگىز ئاسمانلارغا چىقىپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى كۆرۈپ قايتىپ چۈشۈپ كۆرگەن چۈشىنى ھېچكىم ئىنكار قىلمايدىغانلىقى ئېنىق. ئەكسىچە بۇنداق چۈشلەرنى ئاڭلاشقا قىزىقىدىغانلار بار. ئىنكار قىلىش پوزىتسىيەسىدە بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەن ئىكەن، دېمەك ئۇ چۈش ئەمەس. ئەگەر چۈش بولغىنىدا، ئۇممۇ ھانى رەسۇلۇلاھق : ئۇنى كىشىلەرگە سۆزلىمىسەڭ، بولمىسا يالغانغا چىقىرىشىدۇ، دېمەس ئىدى؛ ئەبۇ بەكرىمۇ دەرھال ئىشىنىشتە ئۈلگە كۆرسىتىپ «سىددىق» ئاتالماس ئىدى؛ قۇرەيشلىكلەرمۇ رەسۇلۇللاھ بىلەن قارشىلىشىپ : ئۇ يەرگە بىر كېچىدىلا بېرىپ كەلدىم، دەۋاتامسەن؟ ھالبۇكى بىز ئۇ جايغا تۆگىنى قامچىلاپ بىرەر ئايدا ئاران بارىمىزغۇ؟ دېمەس ئىدى …

بەزى كىشىلەر ئاللاھ تائالانىڭ: {ئۆز ۋاقتىدا بىز ساڭا پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەقىقەتەن كىشىلەرنىڭ (ئەھۋالى) نى تولۇق بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتۇق. بىز ساڭا (مىئراج كېچىسى ئاسمان ـ زېمىندىكى ئاجايىپلاردىن) كۆرسەتكەن كۆرۈنۈشنى، قۇرئاندىكى لەنەت قىلىنغان دەرەخنى (يەنى قۇرئاندا زىكىرى قىلىنغان زەققۇم دەرىخىنى) پەقەت كىشىلەر ئۈچۈن سىناق قىلدۇق، بىز ئۇلارنى (مۇشرىكلارنى) قورقۇتىمىز، بىزنىڭ قورقۇتىشىمىز ئۇلارنىڭ يولسىزلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ} (ئىسرا سۈرىسى، 60 – ئايەت) دېگەن سۆزىگە تايىنىپ، ناتوغرا تەپسىر قىلىشقان بولسىمۇ، ئايەتنىڭ مەزمۇنىدىن چۈشتىكى روھى ھالەتتە مىئراج ۋەقەسى بولۇپ ئۆتكەنلىكىگە دەلىل تاپقىلى بولمايدۇ.

ئاللاھ تائالا نەجىم سۈرىسىدە ئىسرا ۋە مىئراج ۋەقەسى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلاھى ھۇزۇرىغا چىققانلىقىنى، سىدرەتۇل مۇنتەھانى، مەئۋا جەننىتىنى ۋە ئاللاھنىڭ بويۈك مۆجىزىلىرىنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، سۈرىدىكى بۇنداق بۈيۈك مەزمۇن تۇيۇقسىزلا دەھشەت بۇرۇلۇش ياساپ ھايۋانلار كەبى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئازغۇن مۇشرىكلارنىڭ كومېدىيسىگە كۆچىدۇ. ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: {ئېيتىپ بېقىڭلار چۇ ! لات، ئۇززا ۋە ئۈچىنچىسى بولغان ماناتلار (ئاللاھ تائالادەك كۈچ ـ قۇۋۋەتكە ئىگىمۇ؟)} نەجىم سۈرىسى، 19 – 20 – ئايەتلەر.

بۇ ئايەتلەردە ئىنسان زالالىتى ۋە مۇشرىكلاردىكى ئەقلىي تەتۈرلۈك كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن؛ ئايەتتىكى ئىشارىلەردىن چىقىپ تۇردىكى، نەجىم سۈرىسىنىڭ بېشىدا بايان قىلىنغان ئىلاھى يۈكسەكلىكنىڭ چېقىنلىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ، رەسۇلۇللاھ بەدىنى ۋە روھى بىلەن بىللە ئىسرا قىلغانمۇ ياكى روھى بىلەنلا سەپەر قىلغانمۇ، يا بولمىسا ئۇ بىر ئۇيقۇدىكى چۈشتەك ئىشمۇ دەپ سوئال قويىدىغانلار بۇنداق گۇڭگا ئەقىل ـ ئويى بىلەن ئۆزىنى ئىلاھى تەجەللى ماقامىدىن ئەۋرەز ئازگىلىغا ـ مۇشرىكلارنىڭ لات، ئۇززا بۇتلىرىنىڭ ماقامىغا ئىتتىرىۋېتىدۇ.

ئىسرا ۋە مىئراج ھەققىدە تالاش ـ تارتىش قوزغاپ، بۇ ۋەقە رەسۇلۇللاھنىڭ روھى بىلەن بولغانمۇ ياكى روھى ۋە بەدىنى بىلەن بولغانمۇ، ياكى بولمىسا ئۇيقۇدىكى چۈشتىن ئىبارەتمۇ دېگەندەك مەسىلىلەرگە ئېسىۋېلىش ئىسلامىيەتنىڭ ئېنىق پىرىنسىپلىرىغا كۆز يۇمۇش ۋە گۇمانلىنىشقا بولمايدىغان نەرسىلەرگە گۇمان ـ شۈبھە ئىشكىنى ئېچىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى مەزكۇر ۋەقە ئاللاھ تائالادىن ئىبارەت مۆجىزىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگۈچىنىڭ بىر مۆجىزىسىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ھەرقانداق بىر پەيغەمبىرى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقارغان مۆجىزىلىرىگە ھېچقانداق ئەۋلىيا ـ ئەنبىيانىڭ قىلچە مۇناسىۋىتى يوق. شۇڭا بۇنداق تالاش ـ تارتىشنى قوزغاش پەقەت كىشىلەرنىڭ ۋاقتىنى زايە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىغا ئەقىل ـ ئويى يېتەرسىز كىشىلەرنى قايىل قىلىش باناسىدا كىشىلەرنى ئازدۇرغان زەھەرلىك ئىدىيەلىرىنى تارقىتىش ئۈچۈن ئىشىك ئېچىپ بېرىش بولىدۇ. بۇلارلا بولۇپ قالماستىن، بارلىق مۆجىزە ئايەتلىرى ھەققىدە شەك ـ شۈبھە پەيدا قىلىشقا، كىشىلەرنىڭ ئوي ـ پىكىرىنى پىتنە ـ زالالەت ۋە يەر يۈزىدە ئاللاھنىڭ دىنىدىن يىراقلىشىشنىڭ قاراڭغۇ يولىغا كىرگۈزۈپ قويۇشقا شارائىت يارىتىپ بېرىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئائىشە ۋە مۇئاۋىيەنىڭ پىكىرى

ئىسرا ۋە مىئراج ۋەقەسى رەسۇلۇللاھنىڭ تولۇق ۋە ئېنىق ھېس تۇيغۇسى ئاساسىدا ئۇنىڭ بەدىنى، جېنى ۋە ئەقىل روھى بىلەن تامامەن بىرلىكتە بولۇپ ئۆتكەن.

ئائىشە ۋە مۇئاۋىيەدىن رىۋايەت قىلىنغان، رەسۇلۇللاھنىڭ بەدىنى بىلەن ئەمەس بەلكى روھى بىلەنلا ئىسرادا بولغانلىقى ھەققىدىكى گەپلەر ئاساسسىز توقۇلمىلاردۇر. چۈنكى مۇئاۋىيە بۇ ھەقتە گەپ قىلغان چاغدا تېخى ئىسلام دىنغا كىرمىگەن مۇشرىك ئىدى. ھەزرىتى ئائىشەگە كەلسەك، ئۇ شۇ چاغدا تېخى كىچىك نارەسىدە قىز بولۇپ، رەسۇلۇللاھ بىلەن توي قىلمىغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئىسرا ۋە مىئراج ۋەقەسىدىن ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىنلا، مۇنداقچە ئېيتقاندا ھىجرىيەنىڭ ئىككىنچى يىلى شەۋۋال ئېيىدا، مەدىنىدە ئاندىن ئائىشە بىلەن توي قىلغان. دېمەك، رەسۇلۇللاھ ئىسرا ۋە مىئراجدىن قايتىپ كەلگەن پەيتتە ياتقان تۆشۈكى ئىسسىق پېتى تۇرغان، دېگەن سۆزنى ئائىشە قىلغان ئەمەس. چۈنكى بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھنىڭ تۆشۈكى بىلەن ئائىشەنىڭ ھېچقانداق باغلىنىشى يوق ئىدى.

كۆپچىلىك بايان قىلغۇچىلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئەبۇ تالىبنىڭ قىزى ئۇممۇ ھانىنىڭ قورۇسىدىكى تۆشۈكىدىن ئىسراغا ئېلىپ چىقىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ : {ئاللاھ بارچە نۇقساندىن پاكتۇر، ئۇ بەندىسىنى (مۇھەممەدنى) بىر كىچىدە مەسجىدى ھەرەمدىن ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ كەلدى…} (ئىسرا سۈرىسى، 1- ئايەت).

بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنىمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇممۇ ھانىنىڭ قورۇسىدىن ئىسراغا چىققانلىقىنى رەت قىلمايدۇ، چۈنكى ھەرەمنىڭ پۈتۈن تېررىتورىيەسى مەسجىد ھېسابلىنىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسرا ۋە مىئراج سەپىرىدىن قايتىپ كەلگەن چاغدا ياتقان تۆشۈكى ئىسسىق پېتى تۇرغانلىقى ۋە ئىسراغا ئېلىپ مېڭىلغان چاغدا چاپىنىنىڭ پېشى تېگىپ كەتكەتلىكتىن قىڭغىيىپ قالغان قاچىدىكى سۇنىڭ تېخىچە ئېقىپ تۇرغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان. بۇ ئىسرا ۋە مىئراج سەپىرىنىڭ دۇنيادىكى ۋاقىت ھېسابى بويىچە پەقەت كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتىلا بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

1.  بۇ ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى سۆزىنى چۈشەندۈرىدۇ : {بىزنىڭ ئەمرىمىز پەقەت بىر سۆزدۇر، ( ئۇ ) كۆزنى يۇمۇپ ئاچقاننىڭ ئارىلىقىدا (ئورۇنلىنىدۇ)} (قەمەر سۈرىسى 50 ئايەت).

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقان ئارلىق ئىلمىي جەھەتتە 100 / 1 سېكۇنتقا توغرا كېلىدۇ. ئەمما ئايەتتە «ئاللاھنىڭ ئەمرىنىڭ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقاندەك» بولىدىغانلىقى ئېيتىلغان، يەنى بۇ 100 / 1 سېكونتىنمۇ ئاز ۋاقىت تەسۋىرىدۇر. ئاللاھنىڭ ئەمرىنى دۇنيانىڭ ۋاقىت بويىچە ھېسابلاش توغرا ئەمەس، چۈنكى ۋاقىت يارالغۇچى نەرسە، يارالغۇچىلارنىڭ قانۇنىيىتى ياراتقۇچىنىڭ ئىشىغا چۈشمەيدۇ. دېمەك، ئاللاھنىڭ مۇتلەق ئىلاھى قۇدرىتى ئالدىدا ۋاقىت قىممەتكە ئىگە ئەمەس. شۇنداقلا يۇقىرى ئالەم بوشلۇقىدا ئىنسان ۋاقىت ئۇقۇمىدىن سىرت ھالدا تۇرىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەقسا مەسجىدىگە ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇ يەردىن يەتتە ئاسماننىڭمۇ ئۈستىگە ئېلىپ چىقىلغان، ئۇ يەردە نۇرغۇن ئىشلار بولۇپ، رەسۇلۇللاھ نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى كۆرگەن. بۇنىڭ ھەممىسى ۋاقىتتىن تاشقىرى ھالدا بولۇپ ئۆتكەن. شۇڭا، رەسۇلۇللاھ ياتقان ئورنىغا قايتىپ كەلگەن چاغدا تۆشۈكى ئىسسىق پېتى تۇرغانلىقى ۋە ئېلىپ مېڭىلغان ۋاقىتتا چاپىنىنىڭ پېشى تېگىپ كېتىپ تۆكۈلگەن سۇنىڭ تېخىچە ئېقىپ تۇرغانلىقى ئەقىلگە ئۇيغۇن ئىش. 

 2. بىز ئىسرا ۋە مىئراج ۋەقەسىنىڭ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ئارلىقتا يۈز بەرگەنلىكىگە سۇلايمان ئەلەيھىسسالام بىلەن سەبەئنىڭ پادىشاسى بىلقىس ھەققىدىكى قىسسىدىنمۇ ئەقلىي ـ لوگىكىلىق دەلىلنى تاپىمىز. ھۆپۈپ سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېگەن: { مەن ئۇلارغا (سەبە قوۋمىگە) بىر ئايالنىڭ (يەنى بىلىقىسنىڭ) پادىشاھلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇنىڭغا ( ئۆزىگە ۋە سەلتەنەتىگە كېرەكلىك ) ھەممە نەرسە بېرىلگەن ئىكەن، ئۇ چوڭ ئەرشكە ئىگە ئىكەن} (نەمىل سۈرىسى 23 – ئايەت).

3.

4.

5.

      داۋامى بار.  

ماقالىنىڭ pdf نۇسخىسى: