2024-يىل 28-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۆچمەنلىك خىتابىغا تاقابىل تۇرۇش چارىسى

1. تونۇلغان ئالىملار ۋە ساغلام ئىدىيەدىكى ئاكادېمىكلار ئارقىلىق توغرا پىكىرلەرنى قانات يايدۇرۇپ مىللەتنىڭ ئاڭ سەۋىيەسىنى ئىسلاھ قىلىش.

2. ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ئىسلام ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسلىتىش، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە باشقىلارنىڭ ئىززىتىگە چېقىلىشنىڭ ھاراملىقىنى ئەسكەرتىش.

3. ئىلمىي سەۋىيەسى تۆۋەن ۋائىزلارنىڭ دىنى نۇقتىلاردا پەتىۋا چىقىرىشىغا ۋە سىياسەتكە ئالاقىدار چوڭ مەسىلىلەر ھەققىدە سۆزلىشىگە مەيدان ھازىرلاپ بەرمەسلىك، شۇنىڭدەك مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن كىملىكىنى پارچىلاشقا ۋە قىممەت قارىشىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنىدىغان سەۋىيەسى تۆۋەن ساختىپەز زىيالىي ۋائىزلارغىمۇ مەيدان ھازىرلاپ بەرمەسلىك.

4. ھەرقانداق ساھەدە پىرىنسىپال نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈش، ھەرقانداق پائالىيەتتە ئىسلامنىڭ ۋە ۋەتەن-مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ۋە تالاش – تارتىشقا سەۋەب بولىدىغان تارماق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش.

5. ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ھەمكارلىشالايدىغان ئورتاق نۇقتىلارنى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا قويۇش، ھەمكارلىشالمىغان نۇقتىلارنى ئىلمىي ئۇسۇلدا سوغۇق قانلىق بىلەن ھەل قىلىشقا تېرىشىش.

6. ئىسلامنىڭ ئەپۇچانلىق ۋە كەڭ قورساقلىق ئەخلاقىنى قانات يايدۇرۇش.

7. پىكىردە كېلىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ياكى بىر ئىشتا قوللاپ بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن بىر-بىرىنى يامان كۆرىدىغان، ياكى بىر-بىرىنى خائىنغا چىقىرىدىغان، ياكى بىر بىرىنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان ناچار ئىللەتكە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن تالاش -تارتىش قىلىش ئەدەپ ئەخلاقلىرىنى قانات يايدۇرۇش، شۇنىڭدەك پىكرىي ۋە تەشكىلىي تۈزۈمگە ئالاقىدار تارماق ئىشلاردا تۈرلۈك بولۇشنىڭ يوللۇق ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش.

8. بىرسىنى تەنقىد قىلغاندا ئىنساپ بىلەن ئىلمىي ئۇسۇلدا تەنقىد قىلىش، تەنقىد قىلغاندا شەخسىيىتىنى ئەمەس، خاتا پىكرىنى ياكى خاتا قىلمىشىنى تەنقىد قىلىش، تەنقىدتە چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىش مۇھىم.

9. ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا نامەلۇم شەخسلەر تەرىپىدىن تارقىتىلغان ئۇچۇرلارغا پەرۋا قىلماسلىق، كىملىكى ئېنىق بولمىغان شەخسلەرنىڭ يازمىلرىنى ئېتىبارغا ئالماسلىق، تارقىتىشىپ بەرمەسلىك ۋە تالاش تارتىش قىلىپ يۈرمەسلىك لازىم. چۈنكى قۇرئان كەرىم: «يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِن جَاءَكُمْ فَاسِقٌ بِنَبَإٍ فَتَبَيَّنُوا، أَن تُصِيبُوا قَوْمًا بِجَهَالَةٍ فَتُصْبِحُوا عَلَىٰ مَا فَعَلْتُمْ نَادِمِينَ» دەيدۇ (ھوجۇرات سۈرىسى، 6 – ئايەت).

10. ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا قۇرۇق گەپ – سۆز ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئىززىتىگە چېقىلىشنىڭ دۇنيا- ئاخىرەتتە ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش لازىم: «إِنَّ الَّذِينَ يُحِبُّونَ أَن تَشِيعَ الْفَاحِشَةُ فِي الَّذِينَ آمَنُوا لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ وَاللَّهُ يَعْلَمُ وَأَنتُمْ لَا تَعْلَمُونَ» (نۇر سۈرىسى، 19 – ئايەت).

11. ھەردائىم ئاللاھنىڭ : «بەندىلىرىمگە دېگىنكى، ئۇلار ياخشى گەپ – سۆزلەرنى قىلسۇن، چۈنكى شەيتان ھەردائىم ئۇلارنىڭ ئارىسىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇپ تۇرىدۇ» دېگەن سۆزىنى ئەسلەپ ۋە ئەسلىتىپ تۇرۇش لازىم (ئىسرا، 53 – ئايەت).

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.

2023- مارت.