مىللىي كىملىك ۋە ئۈممەت ئۇقۇمى
قۇرئان كەرىمدە ئۈممەتلەرنى باغلاپ تۇرىدىغان ئالاقە تۈرلۈك بولغان. بەزىلىرىنى دىن، ئىش-ھەرىكەت ۋە پوزىتسىيەگە ئوخشاش ئىختىيارى ئىشلار باغلاپ تۇرغان. يەنە بەزىلىرىنى زامان، ماكان، نەسەب، تىل ۋە مىللەتكە ئوخشاش ئىختىيارلىق بولمىغان تەقدىرى ئىشلار بىرلەشتۈرۈپ تۇرغان.
ئايەتلەردىكى ئۈممەت ئۇقۇمىغا ئاساسەن بىر تىللىق مىللەتلەرنى ئۈممەت دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. مەسىلەن، ئەرەب ئۈممىتى، تۈرك ئۈممىتى ۋە پارس ئۈممىتى دېگەنگە ئوخشاش. ئۇيغۇرلارنىمۇ ئەقىدە ۋە نىشان بىرلىكىگە ئاساسەن ئۈممەت دېيىشكە بولىدۇ، ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇيغۇرلار ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ھېسابلىنىدۇ. مىللىي ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈچلۈك بولسا، ئاندىن ئىسلام مەدەنىيەت ۋەتەنپەرۋەرلىكىگە كۈچ ۋە ھەسسە قوشقىلى بولىدۇ. چۈنكى ئۈممەت ئۇقۇمىدىكى ھالقىلىق ئامىل مەقسەت ۋە نىشان بىرلىكىدۇر.
نورمالدا ئۈممەت ئاتالغۇسى بىر ئەقىدە بىرلەشتۈرۈپ تۇرغان مۇسۇلمانلارغا قارىتىلىدۇ، ئىسلام ئۈممىتى ئەقىدە، قېرىنداشلىق ۋە سىياسىي بىرلىك ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ. مۇسۇلمانلاردىكى بىر ئۈممەت ئۇقۇمى ئەقىدە ئۇقۇمىدىن كەلگەن، ئىسلام جەمئىيەتلىرىگە ئەزا بولۇش ئۇقۇمى سىياسىي ئۇقۇمدىن كەلگەن.
ئىسلام بىرلىكى ياكى ئۈممەت ئۇقۇمى تىل، مىللەت ۋە ئىرق ئاساسىدىكى ئىجتىمائىي بىرلىكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتمەيدۇ، يەنى ئىسلامنىڭ پىرىنسىپلىرىغا قارشى تۇرمىغان مىللەت ۋە ۋەتەن سۆيگۈسىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، سىياسىي ئۈممەت ئۇقۇمى بىلەن ئىجتىمائىي ھادىسە ئۇقۇمىدىكى مىللەت ئۇقۇمىنى پەرقلەندۈرۈش مۇھىم.
مىللەت ئۇقۇمىنى ياكى مىللىيلىكنى ئەقىدىگە ئايلاندۇرۇش خاتا بولغاندەك، مىللەت ئۇقۇمىنى ياكى مىللىيلىكنى ئىنكار قىلىشمۇ خاتا سانىلىدۇ. مىللىيلىكنى ئىنكار قىلغاندا قۇرئان كەرىم بىر قانچىلىغان ئايەتلەردە ئېتىراپ قىلغان ئىجتىمائىي ھادىسە بىلەن ئىسلامنى سوقۇشتۇرۇپ قويىدىغان مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ، چۈنكى مىللىيلىك ئىجتىمائىي ۋە تىل ھادىسىدىن ئىبارەت.
بۇ يەردە ئىككى تۈرلۈك مىللەت ئۇقۇمى بار ئۇنى ئايرىپ چۈشىنىش لازىم. بىرى، ئىجتىمائىي ۋە تىل بىرلىكى خاراكتېرىنى كۆرسەتكەن مىللەت تەۋەلىكى بولۇپ، ئىسلام بۇنى ئېتىراپ قىلىدۇ.
يەنە بىرى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى پاسسىپ كۆرۈنۈش سۈپىتىنى تەمسىل قىلغان مۇتەئەسسىپ مىللەتچىلىك بولۇپ، ئىسلام ئۇنى رەت قىلىدۇ. مەسىلەن، ناتسىزم، فاشىزم، خىتايزىمغا ئوخشاش ئەقىدىنىڭ ئورنىغا چۈشۈرۈلگەن مىللەتچىلىك چەكلىنىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.
2019- ئۆكتەبىر.