مۇسۇلماننىڭ قەدىر- قىممەت ئۆلچىمى
مۇسۇلمان ئىنساننىڭ ھاياتتىكى قىممىتى مال-دۇنياسىنىڭ كۆپلۈكى، ئىجتىمائىي ئورنى، سىياسىي نوپۇزى، شەھەرلىك ئىكەنلىكى، پالانى جەمەتتىن ئىكەنلىكى، چىرايىنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئوغۇل تەرەپ ئىكەنلىكى بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ، بەلكى ئاللاھقا يېقىن تۇرۇشى، ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىشى، ئەخلاقلىق بولۇشى، ئىلىم-مەرىپەتلىك بولۇشى، ئاڭلىق بولۇشى، ئەقىدە ۋە ۋەتەن-مىللەت ئالدىدىكى شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى ۋە باشقىلارغا پايدا يەتكۈزۈشى… ئارقىلىق ئۆلچىنىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ سىلەرنىڭ مال-مۈلۈكىڭلارنىڭ كۆپلۈكىنى ۋە چىرايىڭلارنىڭ چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ئېتىبارغا ئالمايدۇ، بەلكى قەلبىڭلارنىڭ ۋە ئىش-ھەرىكىتىڭلارنىڭ ھالىتىنى ئېتىبارغا ئالىدۇ» دېگەن (ئىمام مۇسلىم بايان قىلغان).
پەيغەمبەرىمىزنىڭ بۇ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، پۇل سەۋەبلىك چوڭچىلىق قىلىدىغان، پالانىنىڭ ئەۋلادى دەپ كىبىرلىك قىلىدىغان، شەھەرلىك دەپ مەغرۇرلىنىدىغان، ئوغۇل تەرەپ دەپ قىز تەرەپكە يوغانچىلىق قىلىدىغان، كىيىم- كېچەكنىڭ ماركىسىنى قوغلىشىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇپ، قەلبنى پاك تۇتۇش، ئەخلاقنى ئىسلاھ قىلىش، ئىلىم- مەرىپەتلىك بولۇش، ھارام تىجارەتتىن ساقلىنىش، خەيرى ئېھساننى كۆپ قىلىش، سىرتقى كۆرۈنۈشىگە ئەھمىيەت بەرگەندىن بەكرەك ئىچكى دۇنياسىنى بېزەشكە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىش، دىن ۋە ۋەتەن-مىللەت ئالدىدىكى شەخسى ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈش ئىنتايىن مۇھىم.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
بالىلار نېمە ئۈچۈن سىرلىرىنى ئاتا-ئانىسىدىن يوشۇرىدۇ؟
غالچىلىق ۋە ساتقۇن مىجەزلىك ئىللەتلەر