سۈننەت ئىنكارچىلىرى ئەمەلىيەتتە قۇرئان ئىنكارچىلىرىدۇر
ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار بىلەن بىۋاسىتە تىغمۇ- تىغ مەيدانغا چۈشۈپ مەقسىتىگە يېتەلمىگەن مۇستەملىكە كۈچلىرى ئىسلام تاىخىدا مەلۇم زامانلاردا يۈزبەرگەن ئازغۇن ۋە باتىنىي ئېقىملارنى بازارغا سېلىش ۋە قوللاش ئارقىلىق ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنى ئىچىدىن چۈرۈتۈپ تاشلاش ئارقىلىق مەغلۇب قىلىش پىلانىنى تۈزگەن.
ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن كۈچلەندۈرۈپ بارزارغا سېلىۋاتقان ئازغۇن ئىقېمىلىرىدىن بىرى پەيغەمبەرنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان، ئىسلامنىڭ مەنبەلىرى ھەققىدە شەك- گۇمان تۇغدۇرىدىغان، ئۆزگەرمەس پىرىنسىپلىرى ھەققىدە پىتنە شۈبھە پەيدا قىلىدىغان سۈننەت ۋە قۇرئان ئىنكارچلىق ئېقىمىدۇر.
ئىسلامنىڭ پىرىنسىپلىرىدىن، ئىسلامنىڭ مەنبەلىرىدىن، ئىسلامنىڭ مېتودلىرىدىن بىخەۋەر بولغان ئاۋام مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنى قۇرئانچى دەپ ئاتىۋالغان ساختىيەزلەرنى قۇرئاننى ئۇلۇغلايدىكەن، قۇرئاننىلا قانۇن قىلايلى دەيدىكەن، قۇرئان روھى ۋە قۇرئاننىڭ نۇرى بىلەن ياشايلى دەيدىكەن دەپ ئالدىنىپ قالىدۇ.
شۇڭا، يېڭىدىن يەنە سۈننەت ئىنكارچىلىرىنىڭ ئەپتى بەشىرىنى كۆرسىتىپ قويۇش، ھەقىقىي نىشانلىرىنى ئېچىپ تاشلاش، بۇ ئازغۇن ئېقىمنىڭ ئىسلام دىنىغا ۋە مۇسۇلمانلار ھاياتىغا خەتەر ۋە ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بايان قىلىش لازىم.
ئەپسۇسكى، سۈننەت ئىنكارچىلىرى ئىسلام ئۈممىتىگە ئىچ ئاغرىتىدىغان كىشىلەرنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋىلىپ، ئىسلام ئۈممىتىنى خىيال ۋە گۇمان قاراڭغۇلۇقىدىن ئىلىم ۋە ئىشەنچ نۇرىغا چىقارماقچى بولغانلىقىنى دەۋا قىلىشىدۇ. شۇنىڭدەك يېڭىلىق يارىتىش، دەۋرگە ماسلىشىش، ئەقىل ئىشلىتىش، تەقلىدچىلىكنى تاشلاش قاتارلىق پارقىراق شوئارلارنى كۆتۈرۋالىدۇ. ھالبۇكى، بۇ ئازغۇنلار ئىسلام مىراسىنى ئىلمىي تەنقىد قىلىش، ئىسلام مىراسىنى تازىلاش ۋە ئىسلامنىڭ سۈرىتىنى پەقەتلا قۇرئان كەرىمنىڭ روھىي بويىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈش پەردىسى ئارقىسىغا يوشۇرۇنىۋالىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، بۇ ئازغۇنلارنىڭ مەقسىتى قۇرئان كۆرسەتمىسى بويىچە ياشاش ئەمەس، ئىسلام مىراسىنى ئىلمىي قائىدىلەر بويىچە ئىلمىي تەنقىد قىلىش ئەمەس، بەلكى ئىسلامنىڭ قۇرئان-سۈننەت مەنبەلىرىنى پارچىلاپ تاشلاش، پەيغەمبەرنىڭ ھاياتىنى سەتلەشتۈرۈش، پەيغەمبەرنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئارقىدا قېلىشنىڭ سەۋەبى دەپ تەسىۋىرلەش، مۇسۇلمانلارنىڭ ساھابىلەر ۋە ئۆلىمالاردىن ئىبارەت ئۆرنەكلىرىنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ ئېتىبارسىزلاشتۇرۇش، ئىسلام مىراسىنى ئۆرۈپ تاشلاش، ئىسلام بىرلىكىنى ۋەقېرىنداشلىقىنى پاچاقلاپ تاشلاش، ئىسلامىي تەقلىدچىلىكنى تاشلاشقا چاقىرىپ، غەربنى تەقلىد قىلىشقا چاقىرىپ غەربنىڭ قۇچىغا ئۆزىنى ئېتىش ۋە ئازغۇن پىكىرلەرنى تارقىتىشتىن ئىبارەت.
دېمەك، بۇلار قۇرئانغا ئىشەنمەيدۇ، قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ، ئۈممەتنى مەدەنىيىتىدىن، تارىخىدىن ۋە قىممەت قاراشلىرىدىن چىقىرىپ تاشلايدۇ.
بۇ زىندىقلارنىڭ بەزىلىرى قۇرئاندىكى ھېچقانداق باشقىچە ئىزاھاتنى قوبۇل قىلمايدىغان ئۇقۇمى ئېنىق ۋە روشەن بولغان ئايەتلەرنى ھەرزامان ۋە ھەر ماكانغا تەتبىقلاشقا يارىمايدۇ، بەلكى ئۇلار پەيغەمبەر دەۋرىگە خاس دەپ قارايدۇ. ئۇ ئايەتلەرنى ئىبرەت ئېلىشتىن باشقا رولى قالمىدى دەپ قارايدۇ.
ئۆزلىرىنى قۇرئانچى دەپ نىقابلىۋالغان زىندىقلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرگەن مۇسۇلمانلارنى بوزانى ئىلاھ قىلىۋالغان ۋە ھەزرىتى ئىيساغا ئىبادەت قىلغانلارغا ئوخشايدۇ دەپ قارايدۇ.
رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ كىتابىغا شېرىك كەلتۈرگەنلىك دەپ قارايدۇ.
دېمەك، سۈننەت ئىنكارچىلىرى ئىسلامنى ئۆچۈرۈپ تاشلىماقچى بولىدۇ، قۇرئان كەرىمنىڭ ھەقىقىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرماقچى بولىدۇ، ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆرۈپ تاشلىماقچى بولىدۇ، ئىسلام ئىلىملىرىنى، ئىسلامنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى ۋە ئىسلام ئەخلاقىنى بىكار قىلىپ تاشلىماقچى بولىدۇ. بەلكى ئەھل سۈننەت مۇسۇلمانلىرىنى توغرا يولدىن ئېزىپ كەتكەن ۋە شېرىك يولغا كىرىپ قالغانلار دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ…
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي