2024-يىل 2-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

سىكۇلارىزمنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى تەجرىبىسى

سىكۇلارىزمنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى تەجرىبىسى

سىكۇلارىزم بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىسلام دۇنياسىغا ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيە باشچىلىقىدا مۇستەملىكىچىلىك ھەرىكىتى بىلەن بىرگە كەلگەنلىكى، ئىسلامغا قارشى تۇرغانلىقى، مۇستەملىكىگە يان تاياق بولغانلىقى، دىننى سىياسىي ھاياتتىن يىراقلاشتۇرغانلىقى، تەدرىجى مائارىپ، تەشۋىقات ۋە باشقا ساھەلەرگىمۇ ئارلىشىشقا باشلىغانلىقى ئۈچۈن ئالىملار ۋە مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرىغان.  

ئىنساپ نەزىرى بىلەن قارايدىغان بولساق، ئىسلام دۇنياسىنىڭ سىكۇلارىزمغا ئوخشاش ئىسلام دىنىغا تۈپتىن زىت كېلىدىغان بىر ئىدىيگە ئېھتىياجى يوق ئىدى، چۈنكى ئىسلامنىڭ سىياسىي تۈزۈمى دىنى دۆلەت تۈزۈمى ئەمەس، بەلكى مەدەنىي دۆلەت تۈزۈمىدۇر. بۇ تۈزۈمدە ھاكىم ھوقۇقىنى مىللەتتىن ياكى ئۇممەتتىن ئالىدۇ، قۇرئان-سۈننەتنىڭ سىياسىي پىرىنسىپلىرىنى تۇتۇپ ماڭىدۇ. دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى پاراۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن  سىياسەت، دۆلەت باشقۇرۇش ۋە ئىقتىساد ساھەلىرىدە ئالىملار ۋە تەجرىبىلىك كىشىلەر بىلەن ئىزدىنىش ئېلىپ بارىدۇ. ئىسلام شەرىئىتى سىياسەت ۋە ئىدارە باشقۇرۇش ساھەلىرىدە شۇنداق كەڭرى ۋە ئەۋرىشىم يول تۇتقانكى، شەرىئەتنىڭ پىرىنسىپلىرى ۋە مەقسەتلىرىگە زىت كەلمىسىلا باشقا مىللەتلەر، باشقا دۆلەتلەر ۋە باشقا دىندىكىلەردىن پايدىلنىشتىن توسمايدۇ.

ئىسلام ئەللىرىگە مەجبۇرىي تېڭىلىۋاتقان سىكۇلارىزم بىر قىسىم ئىسلام ئەللىرىدە دىنغا تامامەن قارشى تۇرىدىغان شەكىلدە رادىكال ئۇسۇل قوللانغان، كۆپ قىسىم ئەللەردە دېموكراتىيە نامى ئاستىدا سىياسىي جەھەتتىن دىكتاتۇرلاشقان، ئىقتىسادىي جەھەتتىن بۇلاڭچىغا ئايلانغان. ئىسلام پىرىنسىپلىرى چەكلىمىگە ئۇچرىغان، ئىسلامنى سىكۇلارىملاشتۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان. بىر قىسىم ئەللەردە ئىسلامنىڭ ئەخلاق پىرىنسىپلىرى چەتكە قېقىلغان، جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي بولغان ئائىلە تۈزۈمىنى بۇزۇپ تاشلىغان.

خۇلاسىلىغاندا، يېرىم ئەسىر مابەينىدە ئىسلام ئەللىرىدە ھەرخىل ناملاردا تەتبىقلىنىپ كېلىۋاتقان سىكۇلارىزم ئىسلام دۇنياسىدا سىياسىي ئەركىنلىك جەھەتتە بولسۇن ياكى ئىلمىي جەھەتتە بولسۇن تەرەققىيات ھاسىل قىلالمىغان، ئەكسىچە مۇسۇلمانلىقنىڭ ماھىيىتىنى چەتكە قېقىپ، ئىسلامنى تار دائىرىگە چەكلەپ قويغان. ئىسلامنىڭ پىرىنسىپلىرىنى تۇتۇپ ماڭىدىغان كىشىلەرگە تۈرلۈك قالپاقلارنى كىيدۈرۈپ زۇلۇم قىلغان، ئىسلام جەمئىيەتلىرىنى تۈرلۈك ئېقىملارغا پارچىلاپ تاشلىغان، كىملىك كرىزىسى پەيدا قىلغان، ئىچكى ئۇرۇش شارائىتىنى شەكىللەندۈرۈپ قويغان. ھاكىمىيەتتە كۆپ خىل سىياسىي پارتىيەلىك بولۇش، ھوقۇقنى تىنچ ئالماشتۇرۇپ بېرىش ۋە ھەركىمنىڭ كىملىكىگە ئۇيغۇن ھالدا ئەركىن پىكىر قىلىش… قاتارلىق ساھەلەرگە يول قويمىغان. سىكۇلارىزم ئىسلامدىن باشقا دىنلارنى ھۆرمەتلەيدۇ، پەتىۋادىن باشقا پىكىرلەرنىڭ ھەممىسىنى ھۆرمەتلەيدۇ، ھىجابتىن باشقا بارلىق كىيىمىلەرنى ھۆرمەتلەيدۇ، مەسچىتتىن باشقا ھەممە جايلارنى ياخشى كۆرىدۇ.

 بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا مۇسىبەتتىن باشقا نەرسە ئېلىپ كەلمىگەن سىكۇلارىزم ئىسلامغا زىت كېلىدىغان ئىدىيە بولغانلىقى ئۈچۈن مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايدۇ.