2024-يىل 26-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىدىيە ساۋاتسىزلىقتىن قۇتۇلۇش يوللىرى

ئىدىيە ساۋاتسىزلىقتىن قۇتۇلۇش يوللىرى

 

ئىدىيە ساۋاتسىزلىقى مۇسۇلمان قۇرۇلمىسىدىكى خەتەرلىك ئاپەت شۇنداقلا  بىز دۈچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق، ئەمما بۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش يوللىرى ئەلۋەتتە بار. كېسەلگە توغرا دىئاگنۇز قويۇش ۋە ئاناتومىيەلىك تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى ئىشلىتىش داۋالاشنىڭ يېرىمى سانىلىدىغانلىقى ئېنىق. سەۋەبىنى بىلسەك ھەيران قالمايمىز.

بىز ئىلگىرى ئىدىيە ساۋاتسىزلىقى رەسۇلۇللاھنىڭ ۋە توغرا يول تۇتقان خەلىپىلەرنىڭ مېتودىغا ئېسىلماسلىقتىن شەكىللەنگەن دىنى چۈشەنچىنىڭ نەتىجىسى دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇق، كۆپلىگەن ئىسلامنىڭ قىممەت-قاراشلىرىنى خاتا چۈشىنىۋېلىش ئىسلام ئىدىيىسىدىكى ئىنچىكە ئىككى تەرەپلىمىلىك رايونلارنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىگە ئېلىپ بارغانلىقىنى كۆردۇق. شۇنداقلا مۇسۇلمان ئەقلىدىكى ئاڭ-سەۋىيە دائىرىسىنىڭ تارلىقى ئىسلامدىكى كەڭرى رايونلارنى تارايتىۋېتىشكە ئېلىپ بارغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتۇق.

تۆۋەندە دىنىمىزنىڭ مەقسەتلىرىنى چۈشىنىش بىلەن بىرگە ھازىرقى رېئاللىقىمىزدىكى ئاجىزلىق ۋە نۇقسان نۇقتىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشنى بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ئالغا ئىلگىرىلەپ چىقىش يوللىرى ۋە ئاچقۇچلىرى ھەققىدە توختالماقچى. ئىزدىنىش ئارقىلىق مەرىپەت بوستانى ۋە ئىدىيە خەزىنىلىرىگە كىرىپ، ھەل قىلىش ۋە چىقىش يوللىرىنى تېخىمۇ كۆپلەپ كەشىپ چىققايسىز.

 

بىرىنچى:قۇرئانغا قارىتا مۇئامىلە قىلىش مېتودىنى ئىسلاھ قىلىش لازىم:

قۇرئان ئىلاھى كىتاب، ئاللاھ تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان كىتاب، مۆجىزە كىتاب، روشەن ۋە ئاسان كىتاب، دىننىڭ ئاساسىي روھى، ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان مەڭگۈلۈك كىتاب، بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ ۋە بارلىق ھاياتنىڭ كىتابى.

قۇرئاننىڭ مەقسەتلىرى: ئەقىدە ۋە تەسەۋۋۇرنى ئىسلاھ قىلىش، ئىنساننى ھۆرمەتلەش ۋە ھوقۇقلىرىغا رېئايە قىلىش، ياراتقۇچى ئاللاھغا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇش، ئىنسان نەپىسىنى پاكلاش، ئائىلە قۇرۇش ۋە ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش، نەمۇنىلىك جەمئىيەت قۇرۇش، زېمىننى گۈللەندۈرۈش ۋە ھەمكارلىشىدىغان ئىنسانىيەت دۇنياسىنى قۇرۇپ چىقىشقا چاقىرىشتىن ئىبارەت.

قۇرئان كەرىم بارلىق ئىنسانىيەتكە تاللاپ بەرگەن ئاللاھنىڭ كىتابى، قۇرئان كەرىم ۋەزىپە بىلەن مۆجىزىنى بىرلەشتۈرگەن ئەقلى مۆجىزە، قۇرئان كەرىم بىر ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئىنساننىڭ ئىدىيىسى ۋە ھېسسىياتىغا خىتاب قىلىدىغان كىتاب، قۇرئان كەرىم چۈشىنىش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئاسان كىتاب، قۇرئان قىيامەتكىچە زېرىكتۈرمەيدىغان ئىبادەت كىتابى، قۇرئان كەرىم تەجرىبىدىن ئۆتكەن دورا، قۇرئان كەرىم قۇتقۇزغۇچى ۋە چىقىش يولى ئاتا قىلغۇچى كىتاب…

قۇرئان كەرىم ئەڭ ئىلغار ۋە قۇدرەتلىك مۇسۇلمانلارنى يوقتىن بارلىققا كەلتۈرگەن ئىدى، ۋاھالەنكى قۇرئان كەرىم بۈگۈنمۇ شۇنداق ئىلغار ۋە قۇدرەتلىك مۇسۇلمانلارنى يېتىلدۈرۈشكە ئەلۋەتتە قادىر. چۈنكى قۇرئان كەرىم ئويغىنىش ۋە ھەزارەت ئۈستۈنلۈك ئىمكانىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىگە. ئويغىنىش يولىدا پەقەت توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان كومپاس كەملىك قىلىدۇ، ئەگەر مۇسۇلمانلار قۇرئان كەرىم بىلەن رەسۇلۇللاھنىڭ يوليورۇقى ۋە ساھابىلەرنىڭ مېتودى بىلەن ماسلىشىپ توغرا مۇئامىلە قىلالىسا، بۇ كومپاسمۇ قۇرئان كەرىمدە بار. قۇرئان كەرىم بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا تۆۋەندىكى ئىشلارغا رېئايە قىلىش لازىم:

1.قۇرئاننىڭ خەزىنىلىرىنى چىقىرىش لازىم:

قۇرئان ھىدايەت بايلىقى ۋە تەرەققىيات خەزىنىلىرى بىلەن توشۇپ كەتكەن؛ بىراق مۇسۇلمانلار قۇرئان كەرىمنى ئوقۇش، تەپەككۇر قىلىش ۋە ئەمەل قىلىش جەھەتتە ئۇزۇن مەزگىل تاشلىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇ بايلىقلاردىن مەھرۇم بولماقتا. رەسۇلۇللاھ مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان كەرىمنى تاشلىۋېتىپ بارغانلىقىنى ئاللاھغا شىكايەت قىلىپ:«پەيغەمبەر ئېيتتى:«ئى پەرۋەردىگارىم! شۈبھىسىزكى ، مېنىڭ قەۋمىم بۇ قۇرئاننى تاشلاندۇق قىلىپ قويدى» (فۇرقان سۈرىسى، 30- ئايەت).

  1. ئوقۇش ۋە يادلاش بىلەن بىرلىكتە تەپەككۇر قىلىش ۋە چۈشىنىش لازىم:

قۇرئان كەرىمدە قۇرئاننى تەپەككۇر قىلىش، ئويلىنىش ۋە چۈشىنىشكە تەشەببۇس قىلىدىغان يۈزلىگەن بەلكى مىڭلىغان ئايەتلەر تۈرلۈك ئۇسۇلدا بايان قىلىنغان:«(بۇ) ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى تەپەككۈر قىلىشلىرى ئۈچۈن، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز-نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر»(ساد سۈرىسى،29-ئايەت). («ئىسلام ۋە ئەقىل» دېگەن ماقالىگە قاراڭ).

قۇرئاننى تەپەككۇر قىلىش ۋە مۇلاھىزە قىلىش ئۈچۈن بىر نەچچە ئامىلنىڭ تولۇق تېپىلىشى زۆرۈر:

(1).قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇغاندا ئالدىرىماي ئوقۇش:«ئاللاھ (زاتى ۋە سۈپەتلىرى جەھەتتە پۈتۈن مەخلۇقاتتىن) ئۈستۈندۇر، ھەق پادىشاھتۇر، (ئى مۇھەممەد!) ساڭا قۇرئاننىڭ ۋەھىيسى تاماملىنىشتىن بۇرۇن ئوقۇشقا ئالدىراپ كەتمىگىن، (يەنى جىبرىئىل ساڭا قۇرئاننى ئوقۇپ بېرىۋاتقاندا، بىللە ئوقۇشقا ئالدىراپ كەتمەي، ئۇ تىلاۋىتىدىن فارىغ بولغۇچە تىڭشاپ تۇرغىن).«ئى پەرۋەردىگارىم! ئىلىمىمنى زىيادە قىلغىن!»دېگىن»(تاھا سۈرىسى، 114- ئايەت). بۇ ئايەتكە نەزەر سالسىڭىز تەپەككۇر قىلىش بىلەن بىلىمنىڭ ئاشىدىغانلىقى ئارىسىدىكى ئالاقىنى بايقىيالايسىز.

قۇرئاننى تەپەككۇر قىلىش ۋە مۇلاھىزە قىلىشتىن مەقسەت ئايەتنىڭ مەقسىتىنى ھېس قىلىش، چۈنكى قۇرئاننى ئوقۇشتىن مەقسەت چۈشىنىش ۋە تەسىرلىنىش مەقسەت قىلىنىدۇ. قۇرئاندىن تەسىرلىنىش ئۈچۈن قۇرئاننى كۆپ ئوقۇش، كۆپ تەپەككۇر قىلىش ۋە ئىزدىنىش لازىم. زېرىكمەي ئالدىرىماي ئوقۇشىمىز كېرەك. قۇرئاننى ئوقۇپ ھازىر قەيەرگە كەلگەننى ئېتىبارغا ئېلىشتىن بەكرەك، قۇرئاننىڭ قەلبىڭىزنىڭ نەگىچە يەتكەنلىكىنى ئېتىبارغا ئېلىڭ.

(2).تەپەككۇر قىلىش ۋە ئويلىنىش يادلاشتىن ئەۋزەل: تەپەككۇر ۋە ئىزدىنىش ئىچىدە ئوقۇش گەرچە ئاز بولسىمۇ، تەپەككۇر قىلماي كۆپ ئوقۇغاندىن ئەۋزەل، بۇ توغرىدا ئالىملارنىڭ سۆزلىرى كۆپ. بەلكى بەزى ساھابىلەر بىر قانچە ئايەتنى تەپەككۇر ئىچىدە ئوقۇغانلىق قۇرئاننىڭ ھەممىنى تەپەككۇر قىلماي ئوقۇغاندىن ئەۋزەل دېگەن.

مۇسۇلمانلار قۇرئان ئوقۇغاندا تىللىرىنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ، لېكىن قۇرئاننىڭ مەقسەت ۋە مەزمۇنلىرىنى چۈشىنىشتە ئەقىللىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈشنى ئويلىمايدۇ، قۇرئاننى ئوقۇشتىن مەقسەت قۇرئاننىڭ ھىدايەت، مەقسەت ۋە كۆرسەتمىلىرىنى چۈشىنىش مەقسەت ئەمەسمۇ؟!

(3). ئايەتلەرنىڭ چۈشۈش سەۋەبلىرىنى بىلىش: ئايەتلەرنىڭ چۈشۈش سەۋەبلىرىنى بىلىش ئايەتنى ياخشى ۋە توغرا چۈشىنىشكە، ھۆكۈمنىڭ سەۋەبىنى بىلىشكە ياردەم بېرىدۇ. ئايەتلەرنى رېئاللىققا تەتبىقلاشتا كەڭرى مەيدان ئېچىپ بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ چۈشۈش سەۋەبىنى بىلىشتە سەھى ھەدسىلەرگە تايىنىش لازىم. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، سەۋەبنىڭ خاسلىقىنى ئەمەس، سۆزنىڭ ئومۇمىيلىقىنى ئېتىبارغا ئالىمىز.

 

ئىككىنچى: تەلىم-تەربىيە(مائارىپ) ئورگانلىرىنىڭ مېتودىنى ئىسلاھ قىلىش لازىم:

كۆپلىگەن ئىسلام ئەللىرىدە مائارىپ ئىنقىلابى كۆرۈلسىمۇ، مەكتەپلەر كۆپلەپ ئېچىلغان ۋە كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار پۈتتۈرگەن بولسىمۇ، سۈپەت جەھەتتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسى تۆۋەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ مېتودلىرىنى قايتىدىن ئىسلاھ قىلىپ چىقىش لازىم.

(1). يادلاشقا ئەمەس، چۈشەنچىگە مەركەزلەشتۈرۈش لازىم:

ئاللاھ ئىنساننىڭ ئەقلىدە يەتتە تۈرلۈك ئىقتىدار ياراتقان، ئۇنىڭ قاتارىدىن ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىدۇر. كۆپلىگەن ئىسلام ئەللىرىدىكى مائارىپ مېتودلىرى مۇئەللىمنىڭ سۆزلەپ ئاغزىغا سېلىپ بېرىشى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يادلىشى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردىكى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى جانلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. چۈشىنىش، تەھلىل قىلىش، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، ئەقلى يەكۈن چىقىرىش، مەسىلىلەرنى بىر بىرىگە باغلاش ۋە تەنقىد قىلىش ئىقتىدارلىرىغا سەل قارايدۇ. بۇ مەسىلە مەدەنىيەت ساۋاتسىزلىق كۆرۈنۈشىنىڭ پەيدا بولىشىغا ئېلىپ بارىدۇ.

بىلىم-مەرىپەتنىڭ كۆپ بولىشى رىۋايەت قىلىش(نەقىل قىلىپ بېرىش)نىڭ كۆپلۈكى بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ، بەلكى چوڭقۇر چۈشەنچىنىڭ مىقدارى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس ياخشىلىقنى پەقەتلا مەلۇمات شەكلىدە«دىننى بىلىش»كە باغلىماي، «دىننى چۈشىنىش»كە باغلىغان:«مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر مىللەت، ھەر يۇرت ۋە ھەر شەھەردىن يەنە بىر تۈركۈمى دىنىي ئالىم بولۇپ، ئۇلار مىللىتىنىڭ قېشىغا قايتقاندىن كېيىن، مىللىتىنىڭ ئاللاھدىن قورقۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە توغرا يولغا باشلاش مەقسىتىدە نېمىشقا(ئىلىم تەلەپ قىلىشقا)جىددى ئاتلانمىدى؟» (تەۋبە سۈرىسى، 122- ئايەت).

رەسۇلۇللاھ:«ئاللاھ كىمگە ياخشىلىق ئاتا قىلغان بولسا، ئۇنىڭ دىنىي چۈشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ»دېگەن(مۇسلىم بايان قىلغان). دېمەك، چۈشىنىش بىلىشتىن خۇسۇسىيراق بولىدۇ. ئايەت ۋە ھەدىستە كەلگەن سۆز مەسىلىنىڭ نېگىزىگە يېتىپ بارالايدىغان «ئىنچىكە چۈشەنچە» دېگەن سۆزدىن ئىبارەت. چوڭقۇر چۈشەنچە بولسا ئەقىلنى يورۇتىدۇ ۋە قەلبىنى تىرىلدۈرىدۇ.

(2). ئۈنۈملۈك مائارىپ شەرتلىرىنى تولۇقلاپ بېرىش:

مائارىپ ئورگانلىرى ئەيىب نۇقسانلىرىدىن قۇتۇلۇپ، ئۈنۈملۈك بولىشى ئۈچۈن ئىككى خىل شەرت تولۇق تېپىلىشى كېرەك:

بىرىنچى شەرت: مەنىۋى (روھى) جەھەتتىن:

ئوقۇتۇش مېتودلىرى تۈزۈلگەندە، ئوقۇتقۇچى ۋە جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە ئوقۇغۇچىلاردا ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. ئوقۇغۇچى مەكتەپكە كەلگەندە پەقەت ئاچقۇچ ۋە چۈشەنمىگەن مەزمۇنلارنى سوراش ئۈچۈن كېلىدىغان بولسۇن، ھەر بىر ئادەم ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىشكە ئاتلىنىش ئۈچۈن جەمئىيەتتە ئىلمىي روھ ئەۋج ئېلىشى كېرەك.

ئىككىنچى شەرت: ماددى جەھەتتىن:

ئامېرىكىدا ئىسپاتلانغان مەلۇماتقا ئاساسەن، ئىنسان ئوقۇغان مەلۇماتنىڭ 10%نى، ئاڭلىغان نەرسىنىڭ 20%نى، كۆرگەن نەرسىنىڭ 30% نى، بىر ۋاقىتتا كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان نەرسىنىڭ 50% نى، ئۆزى دېگەن نەرسىنىڭ 70% نى، مۇئەييەن بىر ئىش قىلىش ئارىلىقىدا كۆرگەن نەرسىنىڭ 90% نى ئەسلىيەلەيدىكەن. دېمەك، بۇ تەتقىقات ئۈنۈملۈك مائارىپ مېتودلىرىنى رېئاللىققا ئاشۇرۇشتا ماددى ۋاسىتىلەرنىڭ مۇھىملىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

(3).تەبىئى پەنلەرنى ئىسلام ئەقىدىسى ۋە ئىدىيىسىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، شەرئى بىلىملەرنى دەۋرگە مۇناسىپ زامانىۋىلاشتۇرۇش:

مەدەنىيەت ساۋاتسىزلىقى ۋە ھەزارەت جەھەتتە ئارقىدا قېلىش سەۋەبىدىن ھازىرقى مۇسۇلمانلاردىكى بىلىم-مەرىپەتلەر مىراسىي بىلىمگە ئايلىنىپ قالدى. تەبىئي پەنلەر غەرب دۇنياسىدىن ئىمپورت قىلىنماقتا. شەرئى بىلىملەر بولسا، بۇرۇنقى ئالىملىرىمىزنىڭ دەۋرلىرىدىن ئىمپورت قىلىنماقتا.

بۇرۇنقى بىلىملەر ئۆتۈپ كەتكەن زامانلارنىڭ شارائىتى ۋە رېئاللىقى بىلەن خاراكتېرلەنگەنلىكى تەبىئىي مەسىلە. شۇڭا شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى  ۋە دىننىڭ ئۆزگەرمەس مەسىلىلەرگە رېئايە قىلغان ئاساستا شەرئى بىلىملەرنى بۈگۈنكى كىشىلەرنىڭ شارائىتلىرى، ئېھتىياجلىرى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇش لازىم.

تەبىئىي پەنلەرگە كەلسەك، مۇسۇلمانلار ئاخىرقى بىر قانچە ئەسىر مابەينىدە ئىنسان ۋە ئالەم بوشلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر بىلەن ماسلىشىشتىن ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن، تەبىئىي پەنلەردە ئىلگىرىلەش غەرب دۇنياسىغا يۆتكىلىپ كەتكەن. تەبىئىي پەنلەر مەۋجۇدىيەتنىڭ ئومۇمىي تەسەۋۋۇرىدا ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە ئىدىيىسىگە ئوخشىمايدىغان مۇھىتتا تەرەققى قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ تەبىئىي پەنلەرنى قوبۇل قىلىشى، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ۋە ئىسلام رېئاللىقنىڭ شارائىتلىرى ئۆلچىمى بىلەن تاسقىلىشى كېرەك.

دېمەك، بۇرۇنقى بىلىملەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، يېڭى تەبىئىي پەنلەرنى ئىسلام ئىدىيىسىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش مەدەنىيەت ساۋاتسىزلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ياخشى چارىسى.

 

ئۈچىنچى: تەپەككۇر مېتودلىرىنى ئىسلاھ قىلىش:

مۇسۇلمانلارنىڭ ھەزارەتتە ئارقىدا قېلىش كرىزىسنىڭ ئىدىيە كرىزىسى ئىكەنلىكى ھەممەيلەن بىرلىككە كەلگەندەك بىر مەسىلە. شۇڭا ئاجىزلىق نۇقتىلىرىنى تېپىپ چىقىش ۋە داۋالاش ئۈچۈن، شۇنداقلا كۈچ-قۇۋۋەت نۇقتىلىرىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن بۈگۈنكى تەپەككۇر مېتودلىرىنى قايتا تەكشۈرۈش لازىم.

بۇ مەسىلىنى روشەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن بىر قانچە نۇقتىلارنى ئوتتۇرىغا قويىمىز:

(1).ئىسلام ئىدىيىسىدىكى تەقلىدچىلىكنىڭ كېڭىيىش مەنبەلىرىنى قۇرۇتۇپ تاشلاش لازىم:

ئىسلام ئىدىيىسى كىشىلەر ياشاۋاتقان رېئاللىقنىڭ ئىنكاسى، مىلادىيە 17-ئەسىردىن تارتىپ بۇ ئىدىيىنى خۇراپات، شەخسىيەتچىلىكنىڭ غەلىبە قىلىپ كېتىشى،ئەمەلىي ھەرىكەتتىكى ھېسسياتچاتلىق كۆرۈنۈشى، ئەقىلگە قارىشى تۇرۇش، ھەر بىر يېڭى نەرسىلەردىن خەۋپ ھېس قىلىش ۋە ۋەقەلەرنى سۈيىقەست بار دېگەن ئۇقۇم بىلەن ئىزاھلاش دولقۇنلىرى ئوۋلاپ كەتتى.

(2). مەلۇماتتىن كۆپرەك ئىدىيىگە كۆڭۈل بۆلۈش لازىم:

ئاخىرقى دەۋردىكى ئىسلام ئىدىيىسى تەپەككۇرغا تۆۋەن نەزەر بىلەن قاراپ ۋە ئەقىلنى قەپەزگە سولاپ قويۇپ مەلۇمات يادلاش بىلەن مەشھۇر بولۇپ قالغان، شۇڭا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن شەخسلەرنى مەلۇمات توپلاشتىن كۆپرەك ئىدىيىلەرنى چۈشىنىش ۋە ئىدىيە تۇغدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشكە ئېھتىياجىمىز كۆپ. ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئۈچۈن ئەركىنلىكنىڭ ئېگىزلىك دائىرىسىنى كېڭەيتىش، شەخسلەرنىڭ كۆز-قاراشلىرىنى جۈرئەت بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىشقا تەشەببۇس قىلىش، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە تەپەككۇر ھەرىكىتىنى يوقىتىۋەتمەستىن ۋە ئەقىلگە تۆھمەت قىلماستىن ياۋا ئىدىيىلەرنى ۋاقتىدا پۇتاپ تۇرۇش ۋە ئۆز چېكىدىن ھالقىپ كەتكەن تەرەپلىرىنى تەنقىد قىلىپ تۇرۇش لازىم.

(3).تەپەككۇر دائىرىلىرىنى كېڭەيتىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش لازىم:

قۇرئان كەرىم زېمىن، ئاسمان، ئىنسانلار ۋە كائىناتتىكى ئاللاھنىڭ مەخلۇقلىرى توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىش ئۈچۈن ئەقىلنىڭ چۇلۋۇرىنى قويۇۋېتىشكە تەشەببۇس قىلىدىغان مىڭلىغان ئايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«ھەر قانداق نەزىرىيە ۋە ئەمەلىي ئىشلارنىڭ باشلانمىسى ئوي پىكىر ۋە ئىدىيىلەردىن باشلىنىدۇ، ئوي پىكىر تەسەۋۋۇر شەكىللەندۈرىدۇ، تەسەۋۋۇر ئىرادىگە چاقىرىدۇ، ئىرادە ئىش ھەرىكەتنىڭ يۈز بېرىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئىش ھەرىكەتنىڭ كۆپ تەكرارلىنىشى ئادەتنى شەكىللەندۈرىدۇ، مۇشۇ باسقۇچلارنىڭ ئىسلاھ بولىشى ئوي پىكىر ۋە ئىدىيىلەرنىڭ ساغلام بولىشىغا، مۇشۇ باسقۇچلارنىڭ بۇزۇلۇشى ئوي پىكىر ۋە ئىدىيىلەرنىڭ بۇزۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك» (پايدىلار:ئىبنى قەييۇم جەۋزى، 209- بەت).

تەپەككۇر قىلىشنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا ئۈنۈم قازىنىش ئۈچۈن: ئوقۇش، يېزىش، يادلاش، ئاڭلاش، سوئال قويۇش، سۆھبەت ئېلىپ بېرىش، تىل بايلىقىنى ئاشۇرۇش ۋە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت بىلىم ئېلىشتىكى مۇقەددىمە خاراكتېرلىك ماھارەتلىرىنى پۇختا بىلىش، تەپەككۇر قىلىشتىكى ئەقلى ماھارەتلەرگە ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ئىجادىيەت ماھارەتلىرىگە ئەمەلىي چېنىقىش لازىم.

تەپەككۇرنىڭ تۈرى كۆپ، ھەر بىر تۈرنى  بىلىش ۋە ھەر بىر تۈرنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان ماھارەتلەرنىمۇ بىلىش لازىم. قوشۇمچە غەرب ۋە ياپونىيىگە ئوخشاش تەرەققى قىلغان ئەللەردىكى «ئىنسانىي ئىقتىدارلارنى ئاشۇرۇش» (development Human ) بىلىملىرى قولغا كەلتۈرگەن چوڭ نەتىجىلەردىن پايدىلىنىش كېرەك.

تەپەككۇرنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە تەپەككۇرنىڭ دائىرىسىنى ئاشۇرۇش: چۈشىنىش ماھارىتى، مۇلاھىزە قىلىش ماھارىتى، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ماھارىتى، يەكۈن چىقىرىش ماھارىتى، ئومۇميۈزلۈك تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ماھارىتى، پاكىت كۆرسىتىش ماھارىتى، تەنقىد قىلىش ماھارىتى ۋە ئىجادىيەت ماھارەتلىرىگە ئوخشاش بىر قانچە ماھارەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ.

ئىنسان: رەتلەش، تەھلىل قىلىش، تۈرگە ئايرىش، خۇلاسىلاش ۋە سېلىشتۇرۇش ماھارەتلىرى ئارقىلىق ئىدىيىلەر بىلەن نەرسىلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنى كەشىپ قىلىپ چىقىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاندا تەپەككۇرنىڭ چوققىسىغا يېتەلەيدۇ.

ئىنسان مۇشۇ يۇقىرى باسقۇچقا يەتكەندە نەرسىلەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرى، ئىدىيىلەر ۋە شەخسىلەردىكى ئىجابىيلىقنى ئېتىراپ قىلىدىغان ۋە پاسسىپ تەرەپلىرىنى ھېس قىلىدىغان ئۈنۈملۈك ئىلمىي تەنقىد قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا كۈچ-قۇۋۋەت نۇقتىلىرى نەدە بولسا پايدىلىنالايدۇ ۋە ئاجىزلىق نۇقتىلىرى قەيەردە بولسا ساقلىنىپ ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ.

 

تۆتىنچى: شەرىئەتنىڭ ئۇقۇمى بىلەن رېئال ھايات ئۇقۇمىنى بىرلەشتۈرۈش:

فىقھى(چۈشىنىش)كەڭرى مەنىسى بىلەن ئېلىپ ئېيتقاندا مەدەنىيەت ساۋاتسىزلىقنىڭ قارمۇ-قارشىسى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ ئاپەتتىن تولۇق قۇتۇلۇش بۇ دىننى تولۇق چۈشىنىش نۇقتىسىغا يۆتكىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. دىننى چۈشىنىش بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ، شەرىئەت ئېلىپ كەلگەن ھۆكۈم ۋە يوليورۇقلار تەتبىقلىنىدىغان رېئال ھاياتنى چۈشىنىش كېرەك، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرىئەتنى چۈشىنىش بىلەن رېئال ھاياتنى چۈشىنىشنى بىرلەشتۈرۈش لازىم. شەرىئەت بىلەن رېئاللىقنى بىرلەشتۈرۈپ چۈشەنمىگەن شەخس «ئالىم» دەپ قارالمايدۇ.

شەرىئەتنىڭ ئاتالغۇلىرى بولسۇن ياكى رېئال ھاياتتىكى بەزى ئىشلارغا باھا بېرىشتە بولسۇن ئۆز ھەجمىدىن چوڭايتىۋېتىش ياكى كىچىكلىتىپ قويۇش مەدەنىيەت ساۋاتسىزلىقنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ. قۇرئان ۋە سۈننەتتىن ئىبارەت ھۆججەتلەرنى چۈشىنىش، رېئال ھاياتنى تۈرلۈك ئېقىملىرى بىلەن چۈشىنىش، ئۆزگەرمەس ۋە ئۆزگىرىشچان دائىرىلەرنى چۈشىنىش نەرسىلەرگە چوڭايتىۋەتمەستىن ياكى كىچىكلىتىپ قويماستىن ئۆز ئەينى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ.

غەيرى مۇسۇلمانلارنى ئۆز پىتى ئەينەن چۈشىنىش رېئاللىقنى چۈشىنىشنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ.

قايسى بىر ئادەم شەرىئەت چۈشەنچىسى بىلەن رېئال ھايات چۈشەنچىسىنى بىرلەشتۈرەلىسە ھېكمەت دەرىجىسىگە يەتكەن بولىدۇ. ھېكمەت: ھەر بىر ھەقنى ئۆز ئىگىسىگە يەتكۈزۈش ۋە ئىشلارنى ئۆز ئورنىدا ئورۇنلاشتۇرۇش دېگەنلىك بولىدۇ.ھېكمەت ئىگىسىگە ساناقسىز ياخشىلىق ئاتا قىلىدۇ.

ھېكمەتلىك بولۇش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەزىپىسى ئېغىر، چۈنكى ئۇ باشقىلار ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلماپتىغۇ دەپ باھانە كۆرسىتىپ ئالغا ئىلگىرىلەشتىن ئولتۇرغۇزۇپ قويىدىغان ئاقلاش مېتودىن ئازات بولۇشى لازىم. ئەگەر ئۇ ئادەم خالىسا ئىقتىدارى ۋە ئىمكانىيەتلىرىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، دائىم ئوقۇش ۋە ئۆزلۈك ئۆگىنىش ئارقىلىق كامالەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يېتەلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن «ئوقۇش»ئىسلامنىڭ بىرىنچى پەرزى دەپ تونۇلدى:«ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇ»(ئەلەق سۈرىسى،1-ئايەت). چۈنكى سىستېمىلىق ئەقلى ئوقۇش ئىنساننى چوقۇم ئاللاھ تەرەپكە يەتكۈزىدۇ، دۇنيانى گۈللەندۈرۈش مەسىلىسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ ۋە ئاخىرەتتە غەلىبە قىلىشقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.

ئىدىيە قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا تۈركچە، ئىنگىلىزچە ۋە ئەرەبچە بىلىدىغانلار ئۈچۈن قوشۇمچە پايدىلىنىش ماتېرىيالى:

1.ئويغىنىش شەرتلىرى- مۇتەپەككۇر مالىك نەبى.

2.ئىسلام دۇنياسىدىكى ئىدىيە قىيىنچىلىقى-مالىك نەبى.

3.ئىسلام شەرق ۋە غەرب ئارىسىدا-ئەلى ئىززەت

4.ئىسلامنىڭ ھەزارەت قارىشى- د.مۇھەممەد ئەممارە.

5.سۈننەت مەرىپەت ۋە ھەزارەت مەنبەسى-د.قەرزاۋى

6.مۇتەپەككۇرلەرنى يىتىلدۈرۈش يوللىرى-د.ئابدۇلكەرىم بەككار.

7.ئىسلام ۋە تەپەككۇر يوللىرى-د. ئۆمەر خالىد.

  1. قۇرئان ۋە پەلسەپە- د.مۇھەممەد يۈسۈپ مۇسا.
  2. پەلسەپە،ئىلىم-پەن ۋە قۇرئان ئارىسىدىكى ئىمان قىسسىسى-نەدىم جىسر.

10.مۇسۇلمانلارنىڭ چۈشكۈنلىشىشى بىلەن دۇنيا نېمىنى زىيان تارتتى- مۇتەپەككۇر ئوبۇلھەسەن نەدەۋى.

 

 

 

خاتىمە

1.ئىدىيە ياكى پىكىر ئەقىلنىڭ ھەرىكىتى. ئەقىلنى ئىستىمال قىلىش شەرىئەت پەرز قىلغان ۋە رېئاللىق زۆرۈر دەپ قارايدىغان مەسىلە. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنى ئەقىلنىڭ ئورنىنى يوقىرى كۆتۈرگەن.

ئىسلام ئىدىيىسى ئىنساننىڭ ئەقلى ئەمگىكى بولسىمۇ، دىننىڭ پرىنسىپال قاراشلىرى ۋە شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىگە تايانغانلىقى ئۈچۈن پرىنسىپال خاتالىقتىن ساقلىنىپ قالغان.

ئىسلام ئىدىيىسى ئىلاھى ۋەھىي بىلەن ئىنسانىي ئەمگەكنى، ئوتتۇراھاللىق بىلەن ئادىللىقنى، ئومۇمىيلىق بىلەن ئومۇميۈزلۈكنى ۋە ماددا بىلەن روھ ئارىسىدا… تەڭپۇڭلۇقنى بىرلەشتۈرگەنلىكى ئۈچۈن  نۇرغۇن مىللەت ۋە خەلقلەرنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرەلىگەن.

  1. ئەقىدىنىڭ كەسكىن ئۇقۇملىرى، شەرىئەتنىڭ پرىنسىپلىرى، ئىبادەتنىڭ ئاساسلىرى، ئەخلاقنىڭ يىلتىزى، شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى، ئىنسانىي ئورتاقچىلىق ۋە كەسكىن ئىجما مەسىلىلىرى ئىسلامدىكى مۇقىم ئۆزگەرمەس ساھەلەرنىڭ مۇھىمىدۇر.

ئىسلام دىنى ئۆزگەرمەس ساھەلەر بىلەن ئۆزگىرىشچان ساھەلەرنى بىرلەشتۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئىسلام قۇرۇلمىسىدا ئۆزگەرمەس مەسىلىلەر «مۇكەممەللىك» ۋە ئۆزگىرىشچان مەسىلىلەر «يېڭىلىنىپ تۇرۇش» خۇسۇسىيىتىنى بىرلەشتۈرگەن. شۇڭا ئۆزگەرمەس مەسىلىلەر بىلەن ئۆزگىرىشچان مەسىلىلەر ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇق پرىنسىپىغا رېئايە قىلىش لازىم. ئىككى ساھەنى بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۇۋېتىش ئېغىر ئاپەت ۋە خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ.

ئۆزگەرمەس مەسىلىلەر مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىگە كېپىل بولسا، ئۆزگىرىشچان مەسىلىلەر ئەركىنلىككە كېپىل بولىدۇ. بۇ ئىككى ئامىل ئارقىلىق مەدەنىيەت ياراتقىلى ۋە گۈللەندۈرگىلى بولىدۇ.

3مۇسۇلمانلارنىڭ كرىزىسى ئاساسەن ئىدىيە كرىزىسى بولۇپ، بارلىق كرىزىسلار مۇشۇ كرىزىستىن پەيدا بولغان. ئىدىيە كرىزىسىدىن كېلىپ چىققان ئىدىيە ساۋاتسىزلىقى ھۆججەت ۋە رېئاللىقنى خاتا چۈشىنىشكە ئېلىپ بارغان.

ئىدىيە ساۋاتسىزلىقى مۇسۇلمانلارنى بوشاڭلىق ۋە ئاجىزلىققا ئېلىپ بارغان. ئىدىيە ساۋاتسىزلىقى ئىسلام چۈشەنچىسىنى تار دائىرىدىكى پىقھىغا تارايتىۋەتكەن. كائىنات قانۇنىيەتلىرى، جەمئىيەت فىقھىسى، سىياسى فىقھى..لارنى  فىقھى (چۈشەنچە) دائىرىدىن چىقىرىپ تاشلىغان. ئىدىيە ساۋاتسىزلىقى پرىنسىپ ۋە قىممەت-قاراش دائىرىسىنىمۇ تارايتىۋەتكەن. بىلىم-مەرىپەت دائىرىسى تارايغاندا ئىش-ھەرىكەت دائىرىسىمۇ تارايغان. مەسىلەن، ئىبادەت ئۇقۇمى پەقەت ئاخىرەتكە تەۋە ئىشلار بىلەن چەكلىنىپ قالغان، دۇنيالىق ۋە ئىنسان ھوقۇقلىرىغا ئالاقىدار ئىشلار سەل قارالغان.

بۇ خىل ئىدىيە ساۋاتسىزلىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قۇرئان كەرىم بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىش مېتودىنى ئىسلاھ قىلىش، مائارىپ مېتودىنى ئىسلاھ قىلىش، تەپەككۇر قىلىش مېتودىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە شەرىئەت چۈشەنچىسى بىلەن رېئاللىق چۈشەنچىسىنى بىرلەشتۈرۈپ چۈشىنىش لازىم.

ئاخىرىدا بارلىق مۇسۇلمانلارغا قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن ساغلام ئىدىيە، توغرا كۆز قاراش، ھىدايەت ۋە مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلشىنى ئاللاھدىن تىلەيمەن.

مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.