
گۇناھلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىنىدۇ؟
پەيغەمبەرلەردىن باشقا ھەرقانداق ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادا خاتالىشىشى، گۇناھ قىلىپ سېلىشى، كەمچىللىك ئۆتكۈزۈشى ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر. ئىنسان پەرىشتە بولمىغانلىقى ئۈچۈن خاتالىشىپ سالىدۇ، نەپسىگە ئەگىشىپ كېتىپ قالىدۇ، شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچراپ كېتىدۇ، يامان دوستلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ قالىدۇ، ئۆزىگە زۇلۇم قىلىپ سالىدۇ. ئىنساننىڭ نەپسى ۋە شەيتاندىن ئىبارەت ئەڭ يامان دۈشمىنى دائىم يېنىدىن ئايرىلمايدۇ.
ئىنسانىيەتنىڭ يول باشچىسى پەيغەمبەرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «ئەگەر سىلەر گۇناھ قىلمىساڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ئېلىپ كېتىدۇ ۋە گۇناھ قىلىدىغان كىشىلەرنى يارىتىدۇ. ئۇلار گۇناھ قىلىپ سالسا ئىستىغپار ئېيتىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىدۇ» دېگەن (ئىمام مۇسلىم بايان قىلغان).
دېمەك، خاتالىشىش، گۇناھ قىلىپ سېلىش، نەپسىگە ئەگىشىپ سېلىش ياكى شەيتاننىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ سېلىش ئىنساننىڭ خاراكتېرىدە بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنسان خاتالىشىپ سالىدۇ، ياكى گۇناھ قىلىپ سالىدۇ. شۇڭا، ھەر بىر ئىنسان خاتالىشىپ سالسا، ياكى گۇناھ قىلىپ سالسا، قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلىشى مۇھىم.
ئەلۋەتتە، ھەربىر ئىنساننىڭ گۇناھ قىلىپ سالىدىغانلىقى، ئىنساندىكى نەپسى خاھىشىنىڭ يامانلىقى ۋە شەيتاننىڭ يامان تەسىرى… قاتارلىقلار گۇناھنىڭ تەسىرىنى ئاددىي كۆرسىتىشىنى ياكى گۇناھنى ئاقلاشنى ئىپادىلىمەيدۇ. بەلكى گۇناھقا قارىتا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئىنسان ئاللاھ ھەققىدە بىرەر گۇناھ قىلىپ سالغان بولسا، دەرھال سەمىمىي تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىشى، يامانلىققا قىزىقتۇرىدىغان نەپسىنى ھەرزامان پاكلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ ئىسلاھ قىلىشى ۋە خاتا ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشى لازىم.
ئەگەر باشقىلار ھەققىدە گۇناھ قىلىپ سالغان بولسا، بۇزغان ئىشلارنى ئىسلاھ قىلىشى، ئېلىۋالغان نەرسە بولسا قايتۇرۇپ بېرىشى، ھەق ئىگىسىدىن كەچۈرۈم سورىشى ۋە يامان ئىشلىرىنى تۈزىتىشى… لازىم.
دېمەك، مۇسۇلمان گۇناھ قىلىپ سالغاندا، گۇناھنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماسلىقى، بەلكى كىمگە گۇناھ قىلىپ سالغانلىقىغا قارىشى لازىم. گۇناھنىڭ چوڭ تۇيۇلۇشى، ياكى كىچىك تۇيۇلۇشى شۇ ئىنساننىڭ قەلبىدىكى ئىمانغا ۋە ئاللاھتىن قورقۇشقا باغلىق بولىدۇ. ئىمان كۈچلۈك بولسا گۇناھتىن ئەنسىرەش تۇيغۇسى كۈچلۈك بولىدۇ، ئىمان ئاجىزلاپ كەتكەن بولسا گۇناھ ئاددىي ئىشتەك تۇيۇلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
بۇ سەۋەبتىن، ھەربىر مۇسۇلمان گۇناھلىرىنى تونۇشى، ھېس قىلىشى، سەزگۈر بولۇشى، گۇناھتىن يىراق تۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى،گۇناھنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ تەۋبە قىلىشى، ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىشى ۋە ئىتائەت خاراكتېرىدىكى ئىشلارغا ئالدىرىشى لازىم.
ئەمدى بىر ئىنسان ئاللاھ ھەققىدە گۇناھ قىلىپ سالغان بولسا، گۇناھنى ئاشكارا قىلىشتىن، ياكى باشقىلارنى گۇناھقا قىزىقتۇرۇشتىن قاتتىق ساقلىنىشى لازىم، چۈنكى مەخپىي قىلىپ سالغان گۇناھ ئاشكارا قىلىنغان گۇناھتىن تەسىر جەھەتتە تۆۋەن بولىدۇ. مەخپىي قىلىپ سالغان گۇناھ شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە زىيان ئېلىپ كەلسە، ئاشكارا قىلىنغان ياكى باشقىلارنى قىزىقتۇرىدىغان گۇناھلار جەمئىيەتكە يامان تەسىر بېرىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاشكارا گۇناھ قىلغانلاردىن باشقا ئۈممىتىمنىڭ ھەممىسى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. بىر ئادەم كېچىدە بىر ئىشنى مەخپىي قىلىپ، تاڭ ئاتقاندا باشقىلارغا ئاخشام ئۇنى قىلدىم، بۇنى قىلدىم دەپ يۈرسە گۇناھنى ئاشكارا قىلغان بولىدۇ. ئاللاھ ياپقان گۇناھنى ئېچىپ تاشلىغان بولىدۇ» دېگەن (ئىمام بۇخارى بايان قىلغان).
دېمەك، ئىنسان گۇناھ قىلىپ سالغان بولسا، باشقىلارنى ئازدۇرۇشتىن، يامان ئىشلارنى تارقىتىپ تەشۋىق قىلىشتىن، گۇناھ ئىشلارنى چىرايلىق كۆرسىتىشتىن، باشقىلار ھەققىدە پىتنە- پاسات ۋە قۇرۇق گەپ سۆز تارقىتىشتىن ساقلىنىشى لازىم.
شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، قانداقلىكى ئىنساندىن بىرەرسى گۇناھ قىلىپ سېلىپ، ئۇنى ئاشكارا قىلمىغان، ياكى تەشۋىق قىلمىغان بولسا، ئۇنىڭ گۇناھىنى كۆرۈپ قالغان ياكى بىلىپ قالغان كىشىلەرنىڭ يېپىشىغا ۋە ئۇ گۇناھ ھەققىدە ئۇ كىشىگە چىرايلىق نەسىھەت قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىم بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، ئاللاھ بۇ دۇنيادا ۋە قىيامەت كۈنىدە ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ» دەيدۇ (ئىمام مۇسلىم بايان قىلغان).
ئەلۋەتتە، بۇ تېمىدا ئاللاھنىڭ ھەققىگە چېتىلىدىغان گۇناھلار بىلەن، كىشىلەرنىڭ ھەققىگە چېتىلىدىغان گۇناھلارنى پەرقلەندۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم.
ئاللاھنىڭ ھەققىگە چېتىلىدىغان گۇناھلارغا كەڭ يول تۇتۇلىدۇ، كۆز يۇمۇلىدۇ، چىرايلىق نەسىھەت قىلىنىدۇ، تەۋبە قىلىشقا چاقىرىلىدۇ ۋە ئۇ گۇناھنىڭ ھېسابى ئىلاھىي ئادالەت مەھكىمىسىدىكى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە قالدۇرۇلىدۇ. يەنى ئاللاھ خالىسا كەچۈرۈۋېتىدۇ ، خالىسا جازالايدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.
1 thought on “گۇناھلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىنىدۇ؟”
Comments are closed.