مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتنىڭ ھۆرلۈك كۈرىشى نېمىلەرگە موھتاج
1. بىر پۈتۈن كىملىك ۋە قىممەت قاراشقا ئۇيغۇن سىياسىي ھەرىكەت مەپكۇرىسىگە،
2. ئۆتكۈر ئەقىللىق شەرئى يېتەكچىلەرگە،
3. زېرەك سىياسىي رەھبەرلەرگە،
4. قابىلىيەتلىك ئىلمىي كادىرلارغا،
5. يېڭى پىكىر ۋە ساغلام ئىدىيە ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاقىللارغا،
6. ئىلغار مائارىپ ۋە تەربىيە مەشئەللىرىگە،
7. ئىقتىسادىي قاناتقا،
8. مىللىي جىھادى قاناتقا،
9. ئىجتىمائىي قاناتقا،
10. تەشۋىقات ۋە ئىستىخباراتچىلىق قانىتىغا،
11. پىرىنسىپ ۋە كېڭەش ئاساسىدا ئىش قىلىدىغان سىستېمىلىق ھەرىكەتكە،
10. قېرىنداشلىق، بىرلىك ۋە ھەمكارلىق روھىغا ئەمەل قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەرگە… موھتاج.
ئەگەر مۇستەقىللىق ھەرىكىتى شەخسلەردىن ۋە بۇرۇنقى داھىيلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، دەۋرگە ئۇيغۇن شەكىلدە مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن كىملىكى ۋە قىممەت قاراشلىرىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ساغلام ھەرىكەت مەپكۇرىسى چىقىرالىسا ھەمدە يۇقىرىقى دائىرىلەرنى ئۆلچەملىك شەكىللەندۈرەلىسە ۋە ئۆزئارا ھەمكارلاشتۇرۇپ ئېلىپ ماڭالىسا، ئاندىن مىللەت ئىچىدە ۋە خەلقئارادا ئېتىبارغا ئىگە كۈچلۈك سىياسىي ھەرىكەتكە ئايلىنىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.