توي قىلىش ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق ياش قايسى؟
(د. ئابدۇلكەرىم بەككار)
نۇرغۇن كىشىلەر نىكاھنى مەلۇم بىر «ياش» بىلەن باغلاپ چۈشىنىدۇ. خۇددى ئىنساننىڭ ئىچىدە بىر «بىيولوگىيەلىك سائەت» باردەك، شۇ ياشقا يەتكەندە چوقۇم توي قىلىش كېرەك، بولمىسا «پويىزدىن قېلىپ قالىدىغاندەك» بىر خىل ساراسىمە ھۆكۈم سۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىجتىمائىي جەھەتتىن پىشىپ يېتىلگەنلىك نىكاھقا «يېشىغا قاراپ» ئەمەس، «لاياقىتىگە قاراپ» باھا بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەقەززا قىلىدۇ.
ئائىلە تەربىيەسى ۋە پىسخولوگىيەلىك يېتىلىش نۇقتىسىدىن بۇ مەسىلىنى تۆۋەندىكى تۆت تەرەپتىن تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ:
1. «كۆڭۈلدىكىدەك رەقەم»
شەرىئەتتە بولسۇن ياكى ئەقىلدە بولسۇن، ھەممە ئادەمگە ئورتاق كېلىدىغان بىرەر «ياش ئۆلچىمى» يوق. بەزىدە 20 ياشلىق بىر يىگىتتە شۇنداق بىر مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە ھېسسىياتنى تىزگىنلەش قابىلىيىتى بولىدۇكى، ئۇنى 30 ياشلىق كىشىلەردىن تېپىش تەس. شۇنىڭغا ئوخشاش، 21 ياشلىق بىر قىزنىڭ ئائىلە ھەققىدىكى ئېڭى 30 ياشلىق بىر خانىمدىن ئۈستۈن تۇرۇشى مۇمكىن. شۇڭا، نىكاھنى مەلۇم بىر ياش قېلىپىغا قاماپ قويۇش — كىشىلەرنىڭ يېتىلىش جەريانى ۋە خاراكتېر پەرقىگە قىلىنغان بىر خىل زۇلۇمدۇر.
2. ھەقىقىي ئۆلچەم: پىسخولوگىيەلىك لاياقەت
توي قىلىشتا بىز كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاساسلىق ئۆلچەم «تۇغۇلغان يىلى» ئەمەس، بەلكى «ئەقلىي ۋە پىسخولوگىيەلىك ياش» بولۇشى كېرەك. مۇۋاپىق ياش — ئىككى تەرەپ ھېسسىيات جەھەتتە مۇستەقىل بولغان ۋە قىممەت قاراش جەھەتتە پىشىپ يېتىلگەن ۋاقىتتۇر. چۈنكى نىكاھ پەقەت بىر مۇراسىم ئەمەس، بەلكى مۇرەككەپ بىر مۇناسىۋەتنى باشقۇرۇش سەنئىتىدۇر. كىمكى بەزى ئىشلارغا كۆز يۇمۇش سەنئىتىنى، سۆزلىشىش ماھارىتىنى ۋە پىداكارلىقنى ئۆگەنمىگەن بولسا، ئۇ كىشى 40 ياشقا كىرگەن تەقدىردىمۇ يەنىلا نىكاھقا لاياقەتسىزدۇر.
3. بالدۇر بولغان «بىيولوگىيەلىك نىكاھ» بىلەن كېچىككەن «ماددىي نىكاھ»نىڭ خەتىرى
ئەرلەر ئۈچۈن: ئەر كىشىنىڭ ئۆيلىنىشىنى پەقەت «ماددىي ئىمكانىيەت»كىلا باغلاپ قويۇش بىر تەرەپلىمىلىكتۇر. چۈنكى پۇل-مال مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر دادا ياكى ئارامبەخش بىر يولداش بولۇشقا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. ئەر كىشى ئۈچۈن مۇۋاپىق ياش — ئۇ «ئائىلە باشلىقلىقى»نىڭ بىر ھوقۇق ئەمەس، بەلكى ئائىلىگە خىزمەت قىلىش ۋە قوغداش مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ۋاقىتتۇر.
ئاياللار ئۈچۈن: جەمئىيەتتىكى «پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇش» قورقۇنچىسى قىزلارنى بالدۇر توي قىلىشقا قىستايدۇ. بۇ ھال كۆپىنچە ناتوغرا تاللاشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قىز بالا ئۈچۈن مۇۋاپىق ياش — ئۇنىڭ خاراكتېرى شەكىللىنىپ بولغان، ھاياتلىق ھەمراھىدىن نېمە كۈتىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەن ۋە نىكاھنى ئۆز قايىللىقى بىلەن تاللىغان ۋاقىتتۇر.
4. نىكاھنىڭ يېڭى تارازىسى
بىز ياشلارنى بارلىق ماددىي ئېھتىياجلار تولۇقلىنىپ بولغۇچە كېچىكتۈرۈشكە ياكى ئەقلىي يېتىلىش ھازىرلانماي تۇرۇپ توي قلىشقا ئالدىرىتىشقا ئۇرۇنماسلىقىمىز كېرەك. توي قىلىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پەيت — ئەڭ تۆۋەن ماددىي ئىمكانيەتنىڭ تېپىلىشى بىلەن بىرگە، يۈكنى كۆتۈرۈشكە بولغان روھىي ياكى ئەقلىي تەييارلىق پىشىپ يېتىلگەن ۋاقىتتۇر.
خۇلاسە:
ئۆيلىنىش ئۈچۈن مۇۋاپىق ياش — ئىنسان ئۆزىنىڭ ئەمدى پەقەت «ئۆز دۇنياسى»نىڭلا مەركىزى ئەمەسلىكىنى، بەلكى باشقا بىر ئىنساننى قەلبىگە سىغدۇرالايدىغان، ئۇنىڭ بىلەن شادلىق ۋە قايغۇدا ئورتاقلىشالايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان پەيتتۇر.
توي قىلىش بىر قۇرۇلۇشقا ئوخشايدۇ. قۇرۇلۇش ئۈچۈن ماتېرىيالدىن بۇرۇن «ئىنژېنېرلىق ئېڭى» كېرەك. شۇڭا ياشلاردىن «قاچان توي قىلىسەن؟» دەپ سوراشنىڭ ئورنىغا، «ئۆزۈڭنى ياخشى بىر ھەمراھ بولۇشقا تەييارلىدىڭمۇ؟» دەپ سوراشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك.
سىزچە، نىكاھ ئىنساننى پىشىپ يېتىلدۈرەمدۇ ياكى پىشىپ يېتىلگەنلىك نىكاھنىڭ ئالدىنقى شەرتىمۇ؟