ھىجاب مودا ئەمەس، ئىبادەتتۇر ۋە مۇسۇلمانلىق مەجبۇرىيىتىدۇر
1. ھىجاب ئىختىيارىي تاللاش ئەمەس، ئىبادەتتۇر:
ھىجاب ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدۇر ۋە ئاللاھقا بولغان تائەت-ئىبادەتتۇر. قۇرئان كەرىمنىڭ «نۇر» سۈرىسى ۋە «ئەھزاب» سۈرىسىدە ھىجابلىنىشقا بۇيرۇلغان.
پەرز ھىجابنىڭ شەكلى، يۈز ۋە ئىككى ئالقاندىن باشقا ئەزالارنى تولۇق يۆگەشتۇر.
2. كىملىك ۋە ئىمان:
ھىجاب ئىسلامىي كىملىكنىڭ ئاشكارا بىر سىمۋولى، ئىماننىڭ جىمجىت بايانىدۇر.
3. قوغدىنىش ۋە قەدىر-قىممەتتۇر:
ھىجاب ئايال كىشى ئۈچۈن بىر قالقاندۇر. شۇنىڭدەك ھىجاب ئايال كىشىنىڭ قىممىتىنىڭ ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتىدىنمۇ چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
4. ئايال كىشىنىڭ گۈزەللىكى ئىنتايىن قىممەتلىك:
خۇددى قىممەتلىك نەرسىلەر ئاسرىلىپ، ھەممە ئادەمگە كۆرسىتىلىۋەرمىگىنىدەك، ئىسلامدا ئايال كىشىنىڭ گۈزەللىكىمۇ كۆز-كۆز قىلىنىشقا ئەمەس، بەلكى قوغدىلىشقا لايىق بولغان يۈكسەك قىممەت قاراشتۇر.
5. ھايا… قەلبنىڭ ھاياسى
ھىجاب ئەر-ئاياللار ئۈچۈن ئىچكى ھايا قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈش، نەپسىنى كونترول قىلىش، چەك-چېگرا بەلگىلەش ۋە دائىم ئىسلامىي قىممەت قاراشلارغا ۋەكىللىك قىلىش ئۈچۈن ئەسلەتمىدۇر.
6. ئاللاھنى دائىم ئەسلىتىپ تۇرغۇچىدۇر:
ھىجابلىنىش ئايال كىشىنى ئۆزىنىڭ ھەرىكەتلىرى، گەپ -سۆزلىرى ۋە ئەخلاقىغا تېخىمۇ ھوشيار قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ نەگىلا بارمىسۇن ئىسلامىي كىملكنى كۆتۈرۈپ يۈرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ ۋە دائىم ئىسلامنىڭ ئەڭ گۈزەل ئوبرازىنى نامايان قىلىشقا تىرىشىدۇ.
دېمەك، ھىجاب تاقىلىدىغان مودا ئەمەس… بەلكى ئەمەل قىلىپ ياشايدىغان بىر ئىبادەتتۇر.