بارىن مۇجاھىدلىرىىنىڭ روھىغا سالام
21- ئەسىردە شەرقىي تۈركىستان مىللىتى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچرىماقتا. خىتايلار شەرقىي تۈركىستان تۇپرىقىنى يۇتۇۋېلىش بىلەن قانائەتلىنىپ قالماستىن، شەرقىي تۈركىستان مىللىتىنى ھەر تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق قىرغىن قىلماقتا، مىللەتنىڭ كىملىكىنى پارچىلىماقتا، ئەقىدىسىنى چەكلىمەكتە، ئىززەت- ئابرۇيىنى دەپسەندە قىلماقتا، ئەقلى ۋە پىكرىنى بۇلغىماقتا، مال- مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلماقتا، تارىخىي ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنماقتا، ھۆرلۈك ئىرادىسىنى يوقىتىش ئۈچۈن مىللەتنىڭ كىملىكىگە ۋە قىممەت قاراشلىرىغا تاجاۋۇز قىلىپ مېڭە يۇيۇش جىنايىتى ئېلىپ بارماقتا. دۇنيا كۆزىدىن مەخپىي ھالدا ئىرقى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقتا…
ئى ئاللاھ! شەرقىي تۈركىستان خىتايلارنىڭ مۇستەملىكىسىگە چۈشۈپ قالغاندىن بىرى يەككە ۋە كوللېكتىپ شەكلىدە مۇسۇلمانلىق مەجبۇرىيىتىنى، ۋەتەنپەرۋەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ دۈشمەنگە قارشىلىق بىلدۈرۈپ كەلگەنلەرگە، كىملىكى، ئەقىدىسى ۋە ۋەتەن- مىللىتى يولىدا ھۆرلۈكى ئۈچۈن شېھىت بولغان قېرىنداشلىرىمىزغا جەننەتتىن ئالى مەرتىۋە ئاتا قىلغايلا.
شۇنىڭ قاتارىدا بارىن جىھادىنى باشلىتىپ، ھۆرلۈك ۋە مۇستەقىللىق يولىدا تاجاۋۇزچى دۈشمەنگە قارشىلىق كۆرسەتكەن ۋە بۇ يولدا شېھىت بولغان بارلىق مۇجاھىدلارغا رەھمەت ئاتا قىلغايلا.
بارىن مۇجاھىدلىرىنىڭ روھىدىن ئۆرنەك ئېلىپ ھۆرلۈكى ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان، بىرلىك ۋە ئاڭنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ دۈشمەنگە قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ھەرىكەتلىرىگە نۇسرەت ئاتا قىلسىلا، قەلبلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ بەرسىلە، ئىدىيەسىنى ۋە نىشانىنى ساغلام قىلىپ بەرسىلە، ئىمانىنى مۇستەھكەم ۋە ئىرادىسىنى تەۋرەنمەس قىلىپ بەرسىلە، مىللىتىمىزگە چىقىش يولى ئاتا قىلسىلا.
ئى ئاللاھ، شەرقىي تۈركىستان مىللىتىگە ھۆرلۈك ئاتا قىلسىلا، نۇسرەت ئاتا قىلسىلا، مىللىتىمىزنى ئەقىدىسى، كىملىكى ۋە قىممەت قاراشلىرىدا مۇستەھكەم تۇرغىلى نېسىپ قىلسىلا. زىندانلاردا، كامپىلاردا ھەرتۈرلۈك ئازابلارغا دۇچ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا ئاسانچىلىق ئاتا قىلسىلا. ئاچ قالغانلارنى ۋە ئۇسسۇز قالغانلارنى ئۆزلىرى ئوزۇقلاندۇرسىلا.
ھۆرلۈك، مۇستەقىللىق يولىدا ئەقىدىسى ۋە ۋەتەن-مىللىتى ئۈچۈن جىھاد ياكى كۈرەش قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنىڭ قەلبلىرىنى پاك قىلسىلا، ئەخلاقىنى گۈزەل قىلسىلا، ساغلام ئىدىيە ۋە كۈچلۈك ئىرادە قىلسىلا، بىرلىك ۋە ھەمكارلىق ئەخلاقىنى ئاتا قىلسىلا، ھەمكارلىشىش ئۈچۈن توغرا ئاڭ، ئىنساب ۋە دوست-دۈشمەن ئەقىدىسىنى ئاتا قىلسىلا، سەپلىرىنى كۈچلۈك بولۇشى ئۈچۈن مەنمەنچىلىكتىن، ئىچكى توقۇنۇشتىن، پۇرسەتپەرەسلىكتىن ۋە مەنپەئەتپەرەسلىك ئىللەتلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇۋالسىلا…
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.