«ئۇلار ئاللاھنى ئۇنتۇپ قاپتى، ئاللاھ ئۇلارغا ئۆزلىرىنى ئۇنتۇلدۇردى» دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرى
ئاللاھ تائالا:«سىلەر ئاللاھنى ئۇنتۇغان شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارغا ئۆزلىرىنى ئۇنتۇلدۇرغان كىشىلەردەك بولماڭلار ئەنە شۇلار پاسىقلاردۇر» دەيدۇ، (ھەشىر سۈرىسى 19-ئايەت).
بۇ ئايەت بىزگە مەۋجۇتلۇق ھەقىقەتلىرىدىن چوڭ بىر ھەقىقەتنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدۇ ۋە ئومۇمى مەسىلىلىرىمىزنى ئېنىق چۈشىنىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىدۇ.
ئايەتنىڭ مەنىسىگە قارىساق ئاللاھنى ئۇنتۇش ئىككى سەۋىيە بويىچە بولىدۇ:
1.مۇسۇلماننىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە ياراتقۇچىسىغا قارىتا ھېس تۇيغۇسىنىڭ دۆتلىشىپ كەتكەنلىكى:
ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇنى تونۇغانلىققا خۇرسەن بولۇش باسقۇچىغا يېتىپ بېرىش ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىشقا تەشەببۇس قىلىدىغان كۆپلىگەن ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى ئۇچرىتىمىز.
قۇرئان كىرىم«ئاللاھنى زىكىر قىلىش ھەممىدىن كاتتا» دەيدۇ(سۈرە ئەنكەبۇت 45- ئايەت).
رەسۇلۇللاھ«ياراتقۇچىسىنى زىكىر قىلىدىغان مۇسۇلمان بىلەن زىكىر قىلمايدىغان مۇسۇلماننىڭ مىسالى ھايات ئادەم بىلەن ئۆلۈك ئادەمگە ئوخشايدۇ» دېگەن(بۇخارى).
ئاللاھنى كۆپ ئەسلەش مۇسۇلماننىڭ ئېڭىدا ئاللاھدىن ھايا قىلىشنى، ئۇنى سۆيۈشنى ۋە ئۇنى رازى قىلىش ئۈچۈن روھلۇق بولىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇنداقلا مۇسۇلماننىڭ قەلبىنى خاتىرجەملىككە ۋە بەختكە تولدۇرىدۇ.
«ئىدىيە» يۆلىنىشنى سىزىپ بېرەلەيدۇ ۋە ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن ئەڭ توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ. لېكىن ئېنېرگىيە، جۇشقۇنلۇق ۋە پولاتتەك ئىرادىنىڭ مەنبەسى بولالمايدۇ. ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ھەر قانداق ئىبادەتنىڭ مېغىزى.
مۇسۇلمان بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ھېس قىلىۋاتقان قىيىنچىلىق قىممەت قاراش بىلەن ئىستىلىنىڭ ئارىسى ئۈزۈلۈپ قالغانلىقتىن كېلىپ چىققان. سەۋەب، مۇسۇلمانلار ئۆزلىرى ئىمان كەلتۈرۈۋاتقان مېتودنىڭ ساھەلىرىگە يوقىرى ئۆرلەشكە قارىتا تۇيغۇسىنىڭ ئاجىزلىقىدىن بولغان. مۇسۇلماننىڭ ئىچكى دۇنياسىدا ئىمان تۇيغۇلىرى قۇرۇپ كەتسە ئاجىزلىق پەيدا بولىدۇ.
بۈگۈنكى ھارام شەھۋەت ۋە ئىنساننى ئازدۇرۇپ كېتىدىغان دولقۇنلارغا كۈچلۈك روھى دولقۇن بولمىسا تاقابىل تۇرغىلى بولمايدۇ. شۇڭا تەربىيىچىلەر ۋە دەۋەتچىلەر ياشلارنىڭ ھاياتىنى روھى ئىشلار-بولۇپمۇ زىكىر ئېيتىش-بىلەن ئاۋات قىلىشى كېرەك.
بۈگۈنكى دەۋەت ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان بىر بۆلەك تەشۋىقاتچىلارغا قارىساق كىشىلەرگە پايدا يەتكۈزۈشتەك ياخشى ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، بىراق زىكىردىن يىراق ۋە ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ روھى تەرىپى قۇرۇپ كەتكەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ياخشى پائالىيەتلەر تەسىرىنى يوقاتقان ۋە نىشانىغا يېتەلمىگەن.
شۇنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەككى، ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر قۇرۇلمىسى ئاللاھنى ئۇلۇغلاش، ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئاساسىغا مەركەزلەشكەن. مۇسۇلماننىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان ئالاقىسىدىكى «تۇيغۇ» كۈچىنى يوقاتسا زېمىننى گۈللەندۈرۈشكە ھەرىكەت قىلمايدۇ. ھەرىكەت قىلغان تەقدىردىمۇ قىلغان ئىشلىرىدا ئالاھىدە پەرق بولمايدۇ، نەتىجىدە ئېگىز-پەس دەسسەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
2. ئاللاھنى ئۇنتۇپ قېلىشنىڭ ئىككىنچى سەۋىيسى ھايات ئىشلىرىنى ئاللاھنىڭ تەلىماتىدىن يىراق ھالدا پىلان تۈزۈشتە كۆرۈنىدۇ:
ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇنتۇش چوڭ ئۇنتۇشتىن ئىبارەت. بۈگۈنكى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ رېئاللىقىغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا ئاللاھ بۇيرۇغان مەجبۇرىيەتلەرنى تولۇق ئىجرا قىلىدىغان ۋە ھارام ئىشلارنى تەلتۆكۈس قىلمايدىغان كىشىلەرنى ئاز نىسبەتتە ئۇچرىتىمىز. ئىسلامنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق ۋە قىممەت قاراشلىرىدىن بىر قانچىسى ئىستىلنى تۈزۈتۈش ۋە مەيدان شەكىللەندۈرۈشتە تەسىرىنى يوقاتماقتا.
خېلى ياخشى دەپ قارىلىدىغان كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ سۆزلىرىدە ئاللاھنى ۋە ئاخىرەتنى سەمىمى ئەسلەشكە ئالاقىدار ئىلغار روھنى ياكى ئۇلارنىڭ بۇ دىننىڭ پرىنسىپلىرى بىلەن تەسىرلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نەرسىلەرنى تاپقىلى بولمايۋاتىدۇ.
مانا بۇ ئەخلاق، تەربىيە ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىكى سەلبىي تەرەققىياتنىڭ كۆرۈنۈشلىرى بولۇپ، كەلگۈسى مۇسۇلمان ئەۋلادلارنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلمىسىغا ئۇزۇن مۇددەتلىك پاسسىپ تەسىرىنى پەيدا قىلىدۇ.
ئايەت كەرىمە ئاللاھنى ئۇنتۇپ قېلىشنى ئىنساننىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇپ قېلىشنىڭ بىۋاستە سەۋەبى دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. ئاللاھنى ئۇنتۇپ قالغان ئادەم ئۆزىنىڭ دۇنيا-ئاخىرىتىنى زايا قىلىۋېتىدۇ.
ئىنساننىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇپ قېلىشى بىر دەرىجىدە ئوخشاش بولمايدۇ، كىشىلەرگە كېلىدىغان زىيانمۇ تۈرلۈك بولىدۇ. ئىنسان ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسنى قانچىلىك ئۇنتۇپ قالسا، ئۆزىنى، دۇنيالىقىنى ۋە ئاخىرەتلىكىنى شۇنچىلىك ئۇنتۇپ قالىدۇ.
ئاللاھنى ئۇنتۇپ قالىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاخىرەتتە زىيان تارتىدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى ئېنىق، ئۇنى ھەممەيلەن بىلەلەيدۇ. لېكىن دۇنيالىقىنى زايا قىلىۋېتىشىنى بىر ئاز بايان قىلىش لازىم. بۇنى تۆۋەندە ئىككى نۇقتىدا روشەنلەشتۈرىمىز:
بىرىنچى: بىز ياشاۋاتقان مەلۇمات دەۋرى ھەزارەت دەۋرلىرىنىڭ ئەڭ قىسقىسى بولۇپ، پات ئارىدا پەلسەپە ۋە پرىنسىپال مەسىلىلەرنى ئىزدىنىدىغان باشقا دەۋر يېتىپ كېلىدۇ. بىز نەدىن كەلدۇق؟ نېمە ئۈچۈن يارىتىلدۇق؟ نەگە بارىمىز؟ ئىنسان تەبىئىيىتىنىڭ دائىرىسى قانچىلىك؟ ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ماھىيىتى نېمە؟ دېگەندەك چوڭ سوئاللار دەۋرى يېتىپ كېلىدۇ.
تارىخى باسقۇچلارغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، بىر نەرسە يۇقىرى باسقۇچقا يەتكەندە، ئىنسان تەبىئىيىتىدىن ئۇنىڭ قارىشىسى بولغان بىر نەرسە ئاشكارا بولىدۇ. بىر ئۈممەتتىكى ئاقىلانىلىق ياكى تېخنىكا كۈچەيگەندە، ئۇنى سۇندۇرىدىغان سېغىنىشلار پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. بۇ ئاللاھ كائىناتتا ياراتقان تەڭپۇڭلۇق قانۇنىيەت كۆرۈنۈشلىرىنىڭ بىرسى.
ئىنسانىيەت مۇشۇ باسقۇچقا كەلگەندە ئاللاھنى ئۇنتۇپ قالغانلار چوڭ سوئاللارغا ھېچقانداق كەسكىن جاۋابقا ئىگە ئەمەسلىكىنى بايقايدۇ، تەرەققى قىلغان بەزى ئەللەر مۇشۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرەلەيدىغان بىردىن بىر مەنبە بولغان ۋەھىيگە قايتىش كېمىسىنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۋەتكەنلىكىنىمۇ ھېس قىلىپ يېتىدۇ.
ئىقتىساد ۋە باشقا ساھەلەردىكى ھەر قانداق ئىسلاھات ئىنسانغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشنى تەقەززا قىلىدۇ، ئىنسان نۇقتىسىدا تەرەققىيات يۈز بەرمەيدىكەن ھەممە نەرسە بوراندا ئۇچۇپ كېتىدۇ. ماتېرىيالىزم خاراكتېرىدىكى يېڭى ماددى ھەزارەت تىزگىنلەش مەيدانىنى ئىنساندىن نەرسىلەرگە يۆتكىدى. نەتىجىدە ئىنساننىڭ ئىرادىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، تەڭپۇڭلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان نەرسىلەر بىلەن ئورىۋالدى. دېمەك، غەرب ھەزارىتى ھازىرقى قۇرۇلمىسى بىلەن ئىنساننى تەرەققى قىلدۇرۇش لاياقىتىگە ئىگە ئەمەس. ئەگەر بىز ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئىيىتى بىر دەپ قارايدىغان بولساق، بۇ دېگەنلىك مەۋجۇد بولۇش غايىللىرىنىڭمۇ بىر بولۇشىنىڭ زۆرۈرلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. مانا بۇ ۋەھىيىنىڭ پەلسەپىسى.
ياراتقۇچىنىڭ ياردىمىسىز ئىنسان روھى ۋە جىسمانىي تەلەپلىرىنىڭ ئارىسىنى تەڭپۇلاشتۇرالمايدۇ. ئاللاھنى ئۇنتۇپ قېلىش ئىنسانىيەت قۇرۇلمىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى.
ئىككىنچى: پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى كىشىلەرگە ياراتقۇچىسىغا قارىتا تېگىشلىك ئىشلارنى كۆرسىتىپ قويۇش ۋە ئاخىرەتنى ئەسلىتىپ قويۇش.( بۇ توغرىدا ئايرىم تەپسىلى توختىلىمىز).
ئاللاھنى ئۇنتۇپ قالغان ئەقىلنىڭ خاپىلىق تارتىدىغان ۋاقتى تېخى يېتىپ كەلمىدى. ئىقتىسادى تەرەققىيات يۇقىرى چەككە يېتىپ، ئىشسىزلىق ئاۋۇپ، جاپالىق تۇرمۇش كۆپىيىپ كەتسە، ئاللاھنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئىنسانىيەتنىڭ قۇتۇلۇش يولىغا قايتىشى ئۈچۈن تەلتۆكۈس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنىڭ كېرەكلىكىنى كۆرىدۇ.
ئىنساننىڭ يارىتىلىشتىكى چوڭ غايىسى ئاللاھنىڭ ھىدايىتى بىلەن يورۇمىسا، ھەزارەت نەتىجىلىرى، شەخسلەرنىڭ بەخت سائادىتى ۋە ھەزارەت مەۋجۇتلۇقىنىڭ بىرلىكى ھاڭغا چۈشۈپ كېتىدۇ.
ئابدۇراخمان جامال كاشغەرى
2013- 11- 19