2024-يىل 4-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

«ئاللاھ كىمنى ئازدۇرغان بولسا، ئۇنىڭغا توغرا يول بولمايدۇ»دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرى

 

«ئاللاھ كىمنى ئازدۇرغان بولسا، ئۇنىڭغا توغرا يول بولمايدۇ»دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرى

 

ئاللاھ:«ئاللاھ كىمنى ئازدۇرغان بولسا، ئۇنىڭغا توغرا يول يوق» دەيدۇ. (سۈرە شۇرا، 46- ئايەت).

ئاللاھ كىمنى ئازدۇرغان بولسا، ئۇنى توغرا يولغا باشلىغۇچى بولمايدۇ. ھىدايەت ۋە ئازدۇرۇش ئاللاھنىڭ قولىدا. ئىنسان قىلغان ئىشلىرىغا قارىتا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

ئايەت كىرىمىدە «ئاللاھ ئازدۇرىدۇ» دەپ كەلسە، ئۇ جازالاپ ئازدۇرۇش بولۇپ ئىختىيارى ئېزىش ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن.

ئاللاھ تائالا- سابىق ئەزەلى ئىلمىي بلەن ئىنساننىڭ قىلماقچى بولغان جىنايەتلىرىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن- قايسى بىر ئىنساندىن مۇۋەپپەقىيەتنى توسۇۋەتسە، ئۇ ئىنسان نىجاتلىق يولىنى تاپالمايدۇ.

ئاللاھ تائالا ئىمان ۋە ياخشىلىققا تەييارلىقى يوق. گۇناھقا ياتقان ئادەملەرنى ئازدۇرىدۇ. بۇنداق ئادەملەرنى ھېچكىم ھىدايەت ۋە غەلىبىگە باشلاپ بارالمايدۇ. كائىناتتا ھىدايەت ۋە ئازدۇرۇشتىن ئىبارەت بىر نەرسە ئاللاھ ئىرادە قىلمىسا يۈز بەرمەيدۇ. ئاللاھ خالىغان نەرسە بولىدۇ، خالىمىغان نەرسە بولمايدۇ.

ئاللاھ تائالا بىر ئادەمنىڭ نېمىنى تاللايدىغانلىقى ۋە قانداق گۇناھ ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ ئادەمگە ئىمان مۇۋەپپەقىيىتىنى بەرمىگەن بولسا، ئۇ ئادەمنىڭ جەننەتكە كېرىش يولى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئىمان ۋە ھەقىقەت يولىدىن بۇرۇلۇپ ئازغانلار.

******

‏ئىنسان بەخت-سائادەت، خاتىرجەملىك ۋە مۇقىملىقنى ئىزدەيدۇ، شۇنداقلا چۈشەنچە ۋ ئېنىقلىقنى ئىزدەيدۇ.

‏بۇ ئايەت كەرىمە بەخت-سائادەتنىڭ ھەقىقى سەۋەبىگە كۆزىمىزنى ئاچىدۇ. يەنى ئىنسانلارنىڭ ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدىن يىراق ھالدا نىجاتلىق يولىنى ئىزدەشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئىزاھلىماقتا.

‏ئايەت ھىدايەت يولىنىڭ پەقەت بىرلا يول ئىكەنلىكىنى، ئىنسانىيەتنىڭ مۇشۇ بىرلا يولنى مېڭىشى كېرەكلىكىنى مۇقەررەرلەشتۈرمەكتە. ئىنسانىيەت مۇشۇ يولدىن چەتنىگەندە باشقا غەلىبە ۋە نىجاتلىق يولى بولمايدۇ.

‏ئايەتنىڭ مەنىسى: ئاللاھ كىمنى ئازدۇرغان بولسا، ئۇنى دۇنيادا ھەقىقەتكە، ئاخىرەتتە جەننەتكە يەتكۈزىدىغان يول يوق، چۈنكى ئۇ ئادەمگە ھىدايەت يوللىرى ئىتىلدى، دېمەكچى.

‏ئازغۇن ئادەم كۆپ يول تاپىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ تاپقان يوللىرىنىڭ ھەممىسى ئارزۇسىغا يەتكۈزەلمەيدۇ. ئايەتنىڭ بۇ مەزمۇنىنى ئاللاھنىڭ تۆۋەندىكى سۆزىدىن چۈشەنگىلى بولىدۇ:«مۇشۇلا توغرا يول، مۇشۇ يولغىلا ئەگىشىپ مېڭىڭلار. ئۇنىڭدىن باشقا يوللارغا ئەگەشمەڭلار، باشقا يوللار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە قىلغان ۋەسىيىتى، مۇشۇ ۋەسىيەت بويىچە ماڭساڭلار تەقۋا بولىسىلەر» دەيدۇ.(ئەنئام سۈرىسى، 153- ئايەت).

ئىنسانىيەت دۇنياسىدا كۆپلىگەن ئىمكانىيەتلەر ۋە كۆپلىگەن ھەرىكەت يۆلىنىشلىرى تېپىلىدۇ. لېكىن ھىدايەت تېپىلمىسا، بۇ ئىمكانىيەتلەر ئىنسانىيەتكە ئاپەتكە ئايلىنىدۇ، ھازىر بولۇۋاتقان ئىش دەل بۇنىڭ ئۆزى.

‏ئىنسانىيەت رېئاللىقىدا كەشپىيات، تېخنىكا ۋە ئىنتىزام ساھەلىرىدە ئاجايىپ زور نەتىجىلەر قولغا كەلدى. بىراق كىشىلەر روھى، مەنىۋى ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيەتلىرىدە راھەت ۋاستىلىرىنىڭ تولۇق تېپىلىشىنى ئۈمىد قىلماقتا. ئەپسۇسكى، بۇ ئۈمىد ئارزۇ رېئاللىققا ئاشمىدى.

‏ئىجتىمائي پەنلەر ساھەسىدە كىشىلەر ھەر قانچە كۈچلىرىنى سەرپ قىلىپ، بىر قانچە مېتودلارنى كەشىپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق مەۋجۇتلۇقنىڭ ئاخىرقى غايىسىنى بەلگىلەشكە قادىر بولالمىدى ھەم بولالمايدۇ.

ئىنسان ئەقلى-گەرچە زور ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە بولسىمۇ-مەۋجۇدىيەتكە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلغاندا ئەقىلنىڭ ۋەزىپىسى ئىجرائىيە مۇدىرىنىڭ ۋەزىپىسىگە ئوخشاپ قالىدۇ. ئەقىل ھايات سەپىرىنىڭ نىشانى ۋە يۆلىنىشىنى بەلگىلەپ بېرەلمەيدۇ. نىشان ۋە يۆلىنىش بەلگىلەش يېتەكچى رەھبەرنىڭ ۋەزىپىسى، يېتەكچى رەھبەر خاتالىقتىن خالى بولغان «ئىلاھى ھايات مېتودى»دا مۇجەسسەملىشىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ بۈيۈك پەيلاسوپى ئەينىشتىن (ھەزارىتىمىز تولۇق سايمانلارغا ئىگە، لېكىن چوڭ نىشانلار ئېنىقسىز غۇۋا بولماقتا) دېگەنىكەن.

‏ئىلىم-پەن «ئالەم»نى ياخشى تونۇش شارائىتىگە ئىگە قىلىدۇ، شۇنداقلا ۋاسىتە-چارىلەر، قولايلىق ئىمكانىيەتلەر توغرىسىدا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ھەققىدە يولنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. ئەمما «ئىمان»ھاياتىمىزنىڭ «مەنىلىك ھايات» بولۇشى ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. ئۇ مەۋجۇتلۇق، قىممەت-قاراش، ئۈمىد سەۋەبلىرى ۋە خىزمەت يوللىرى ھەققىدە بىزگە غايە تەقدىم قىلالايدۇ.

‏ئىسلام ئۈممىتى ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن ھىدايەت ۋە ئاللاھنىڭ يولىنى بىلىش نېمىتى ئىچىدە ياشىماقتا. بۇ نېمەت مۇسۇلمانلارغا بىر خىل ئالاھىدىلىكنى يارىتىپ بېرىدۇ، شۇنداقلا ھاياتنىڭ مۇشەققەتلىرىنى يەڭگىللىتىپ بېرىدۇ. مانا قارايدىغان بولساق ئىسلام جەمئىيەتلىرىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدىغان ئىشلار مەۋجۇد ئەمەس، تەرەققى قىلغان ئەللەردە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدىغان ئىشلار كۆپ ئۇچرايدۇ.

‏نەتىجە شۇنداق بولسىمۇ، كۆپلىگەن مۇسۇلمانلاردىكى ئاڭسىزلىق تۈپەيلى سۇنئىي ھەمراھنىڭ تەسىرىدە مۇسۇلمانلار پرىنسىپال مەدەنىيتىدىن چەتنىمەكتە…

ھەر ساھە ‏زىيالىيلىرى بۇ مەسىلە توغرىسىدا مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشى ۋە ئاللاھغا بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىشى كېرەك. «مەدەنىيەت» دېگەن پەقەتلا يۈز ئابروي مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى «يېتەكىچلىك ۋە مەسئۇلىيەت روھى» دىن ئىبارەت.

داۋامى(ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ئازدۇرىدۇ) دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرىدە بايان قىلىنىدۇ.

 

ئابدۇرخمان جامال كاشىغەرى

(دوكتۇر ئاسپىرانتى)

 

2013-11-21