2024-يىل 7-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

«ئەگەر سەۋر قىلىپ، ئاللاھدىن قورقساڭلار، دۈشمەنلەر زىيان بېرەلمەيدۇ»دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرى

 

«ئەگەر سەۋر قىلىپ، ئاللاھدىن قورقساڭلار، دۈشمەنلەر زىيان بېرەلمەيدۇ»دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرى

 

ئاللاھ:«ئەگەر سەۋر قىلىپ، ئاللاھدىن قورقساڭلار، ئۇلارنىڭ ھىيلە مىكرى سىلەرگە ھېچقانداق زىيان بېرەلمەيدۇ»دەيدۇ، (سۈرە ئال ئىمران، 120-ئايەت).

مۇسۇلمانلارنىڭ دىن دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن تۈرلۈك ئەزىيەتكە ئۇچرايدىغانلىقى كائىناتنىڭ قانۇنىيەتلىرىنىڭ قاتارىدىن. ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانغا شەرتلىك خىتاب قىلىپ:سەۋر قىلساڭلار ۋە تەقۋا بولساڭلار دۈشمەنلەرنىڭ ھىيلىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايسىلەر، ئۇلارنىڭ پىلانىنى يەر بىلەن يەكسان قىلالايسىلەر، دەيدۇ. ماۋۇ ئاللاھنىڭ سۆزى.

ئەگەر مۇسۇلمانلار مۇشۇ ئايەتكە ئەمەل قىلسا نەتىجە قازىنىدۇ، غەلىبە قىلىدۇ، تەرەققى قىلىدۇ، بىرلىشىدۇ، دىنى ساغلام بولىدۇ ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلىرى خاتىرجەم بولىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ ئىسلام ئۈممىتىنى پەرۋىش قىلىشى، بۇ ئۈممەتكە ئەزىيەت ۋە خاپىلىق يەتمەيدۇ، دېگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى قانۇنىيىتىگە زىت. بەلكى ئۈممەت ئەزىيەتكە يولۇقسىمۇ، ئاخىردا غەلىبە قىلىدۇ، دېگەننى بىلدۈرىدۇ.

بۇ ئايەت كەرىمە مۇسۇلمانلارنى شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئورۇنلاش ۋە ئاللاھنىڭ تەلىماتلىرىنى ئىجرا قىلىشتا سەۋرچان بولۇشقا، شۇنداقلا-دۈشمەنلەرنى دوست تۇتۇشقا ئوخشاش-ئاللاھ توسقان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردىن يېنىشتا تەقۋا بولۇشقا تەشەببۇس قىلماقتا. ئايەتنىڭ باش قىسمىغا چوڭقۇر نەزەر تاشلاڭ.

ئايەت كەرىمە كاپرلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە قارىتا مۇسۇلمانلارغا ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش چارىسىنى دەپ بەردى ۋە دۈشمەنلەرنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنىشقا كۆرسەتمە بەردى. دۈشمەنلەرنىڭ ھىيلىسىدىن ساقلىنىشنىڭ چارىسى «سەۋر قىلىش ۋە تەقۋا بولۇش»، يەنى ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىش ۋە خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىشتۇر.

ئەگەر مۇسۇلمانلار شەرئىي كۆرسەتمىلەرنى ئادا قىلىش ۋە ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن ساقلىنىشقا سەۋر قىلالىسا، ئۇ چاغدا دۈشمەنلەرنىڭ ھىيلىسى زىيان بېرەلمەيدۇ. دېمەك، «سەۋر بىلەن تەقۋالىق» دۈشمەنلەردىن غەلىبە قىلىشنىڭ شەرتى. ئايەتنى تەپەككۈر قىلىڭ، سەۋر قىلىش ۋە تەقۋالىق كوللېكتىپ شەكلىدە پەيدا بولىشى شەرت.

***

‏بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئىسلام ئۈممىتى پرىنسىپ، چۈشەنچە ۋە نىشان سەۋىيسىدە ئالاھىدە بولسىمۇ، تەرەققى قىلغان مىللەتلەر ئارىسىدا ھەقىقى غۇربەتچىلىك ھېس قىلماقتا. باشقا مىللەتلەردىن پەرقلىنىپ تۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ كارۋىنىدا مېڭىشنى رەت قىلىش تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ماددى ۋە مەنىۋى بېسىملارنى سۆرەپ كەلدى.

ئىسلام پەلسەپىسىگە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا سىرتنىڭ بېسىمىغا ۋە رىقابىتىگە قارىشى تۇرۇشنىڭ توغرا ئۇسۇلى باشقىلارغا «رەددىيە بېرىش شۇغۇللىنىش ئەمەسلىكى» روشەن مەسىلە. رەددىيە بېرىش بىلەن شۇغۇللىنىش زىيانلىق جەڭگە سۆرەپ كىرىشى مۇمكىن. سىرتنىڭ بېسىمىغا ۋە رىقابىتىگە قارىشى تۇرۇشنىڭ توغرا ئۇسۇلى «ئىچكى جەھەتتىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، قەلبىنى پاكلاش ۋە ئۆزىنى يۆلەشكە مەركەزلەشتۈرۈش»تە نامايان بولىدۇ. بىراق بۇ جاپالىق تەس بىر ئىش، چۈنكى بۇ ئىنساننى ئۆزىنى تەنقىد قىلىدىغان ۋە ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرىدىغان قىلىپ قويىدۇ، يەنى ئىنساننى بىر ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە تاش ۋە ئويمىچى قىلىپ قويىدۇ.

‏ بۇ ئايەت كەرىمە باشتا «ئىچكى جەھەتتىن ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشقا كۈچنى مەركەشلەشتۈرۈش»تە جانلىق كۆرسەتمە  بەرمەكتە:

‏1.قۇرئان كىرىمنىڭ كۆپلىگەن ئايەتلىرىگە قارىساق سىرتنىڭ بېسىمىغا ۋە رىقابىتىگە قارىشى تۇرۇشنىڭ توغرا ئۇسۇلى«ئۆزىنى تەكشۈرۈش، ئۆزىنى تۈزۈتۈش ۋە ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش»قا قارىتىدۇ. ئىلگىرىكى مىللەتلەرنىڭ ۋەقەلىكىدىكى قۇرئان كىرىمنىڭ مېتودىغا نەزەر تاشلىغان كىشى، ئىلگىرىكى مىللەتلەرنىڭ ۋەيران بولۇشى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ يوقىلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ‏ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىدىن يۈز ئۆرۈشتەك «ئىچكى جەھەتتىكى نۇقسان» تەرەپلىرىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ.

‏قايسى بىر نەرسىنى ئوقۇشتىن ئىلگىرى «مېتودنىڭ توغرىلىقى»غا كۆڭۈل بۆلۈش لازىم. مانا ئىسلام تارىخىدا يۈز بەرگەن ئۇھۇد ئۇرۇشىغا قارىسىڭىز مەغلۇبىيەت ئىچكى نۇقسان سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن. مەغلۇبىيەت دۈشمەننىڭ كۆپلۈكى، سانى ۋە قورال يارىغىنىڭ كۆپلۈكىدىن بولمىغان.

2 . ئايەت كەرىمە ئۆزىنى يۆلەش ۋە كۈچلەندۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرمەكتە. يەنى مۇسۇلمانغا شارائىت ھەر قانچە يامانلىشىپ كەتسىمۇ، مۇسۇلمان ئۆزىنى تۈزىشى ۋە ئەھۋالىنى ياخشىلىشى كېرەك.

شارائىت ناچارلاشقاندا ئىنساننىڭمۇ ئەسكىلىشىپ كېتىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. شۇ سەۋەبتىن قاتتىق كەمبەغەللىك ھالەتلىرىدە:ئوغرلىق، پارىخورلۇق، تىلەمچىلىك، خورلۇق، ساختىپەزلىك، ئالدامچىلىق ۋە بېخىللىقتەك ئەخلاقسىزلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. مانا مۇشۇنداق شارائىت يۈز بەرگەندە -شىۋىرغاننىڭ ئۆتۈپ كېتىشى ئۈچۈن- مۇسۇلمان ئەركەكلىك روھى بىلەن «ئۆزىگە‏ بېسىم قىلىشى، ئىستىلىنى شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئىقتىسادچان بولىشى ياكى بەزى ئارزۇلىرىنى كېچىكتۈرۈشى» كېرەك.

‏رەسۇلۇللاھ بۇ ھەقتە مىسال تەرىقىسىدە كۆرسەتمە بېرىپ:«قايسى بىرىڭلارنىڭ ھەر جەھەتتىن كۈچى يەتسە توي قىلسۇن… كۈچى يەتمىسە روزا تۇتسۇن، روزا شەھۋەتنى باسىدۇ» دېگەنىدى، (بۇخارى رىۋايىتى).

‏‏‏تارىخ بويى بۇ ھەقىقەتكە قارىتا يېتەرلىك ئاڭغا ئىگە بولالمىدۇق. «تەلىم-تەربىيە، كۆرسەتمە بېرىش، يۆلەش، كۆيۈنۈش، ياخشى ئادەتلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ۋە قىيىنچىلىقلارنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش» ئورنىغا؛ ئىجتىمائىي بۇزۇلۇش ۋە ئىستىلى بۇرۇلۇشقا «كۈچ-قۇۋۋەت ۋە كۆپ قانۇن يولغا قويۇش» ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇپ كەلدۇق. ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز بۇ ھەقىقەتنى ئىپادىلەپ:«كىشىلەردە بۇزۇقچىلىق قانچە كۆپ كۆرۈنسە، مەسىلىمۇ شۇنچە پەيدا بولىدۇ» دېگەنىكەن.

‏كۈچ-قۇۋۋەتكە تايىنىپ مەسىلە ھەل قىلىش مېدىتسىنا ساھەسىدىكى ئوپېراتسىيە ئارقىلىق ھەل قىلىش چارىسىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئوپېراتسىيە قىلىش ھەل قىلىش چارىلىرىنىڭ ئاخىرقىسى. كۈچكە تايىنىپ مەسىلە ھەل قىلغاندا كۈچ ئىستىمال قىلىش بەك تار دائىرىدە بولۇشى لازىم.

‏كەسكىن جازا جەمئىيەت قۇرۇپ چىقالمايدۇ، پەقەت قوغدىيالايدۇ. مانا بۇ ئىسلامنىڭ كۆز قارىشى. چۈنكى كەسكىن جازا قۇرئان كىرىمدە كەلگەن ئايەتلەرنىڭ 10% ئارتۇق نىسبەتنى ئىگىلىمەيدۇ. باشقا ئايەتلەرنىڭ ھەممىسى «ئىنساننى ئىچكى جەھەتتىن يېتىشتۈرۈش ۋە تەربىيلەشنى»نى نىشان قىلىدۇ.

‏ئېغىر جازالاش مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ، بەلكى ھەل قىلىشنى كېچىكتۈرۋىتىدۇ. ‏ئايەت كىرىمىگە نەزەر تاشلىساق، (دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلالىغان مىللەتنىڭ كۆپ ئەزالىرى دەسلەپتە «ئىچكى جەھەتتىن غەلىبە قىلالىغان» مىللەت)، دەپ تەلىم بەرمەكتە.

‏مەزكۇر ئايەت كەرىمە سەۋر قىلىش ۋە تەقۋا بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى ئىشقا يۈزلەندۈرمەكتە.

 

سەۋر قىلىش : شارائىت قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر مۇشەققەتكە چىداش ۋە ئىلاھى كۆرسەتمىلەرنى ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش دېمەكتۇر. چۈنكى سەۋر قىلىش غەلىبىنىڭ يېرىمى. غەلىبىنىڭ يېرىمى ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن كۈچىمىزدىن كېلىدۇ. غەلىبىنىڭ قالغان يېرىمى دۈشمەنلەرنىڭ خاتالىقىدىن كېلىدۇ.

‏سەۋر قىلىش دېگەن ناچار شارائىتقا ۋە يامان ئەھۋاللارغا تەسلىم بولۇش دېگەننى كۆرسەتمەيدۇ، ئۇ «تىز ھەل قىلىش چارىسى»غا تايانماسلىقنى كۆرسىتىدۇ. «تىز ھەل قىلىش» كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئۈمىدسىزلىك، ئالدىراڭغۇلۇق ۋە ئۆزىنى تۇتالماسلىققا ئېلىپ بارىدۇ. نەتىجىدە مەسىلىنى ھەل قىلغاندىن بەكرەك تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۋىتىدۇ. ھازىرلا قۇتۇلالمىغان ۋەزىيەتلەردىن ۋاقىتنى ئىشقا سېلىپ سەۋر قىلىش ئارقىلىق قۇتۇلغىلى بولىدۇ.

‏قىيىن ۋە تەس شارائىتلاردىن قۇتۇلۇشتا ھەرىكەت قىلىش بىلەن بىرگە سەۋرنىڭ تېپىلىشى قۇرئان كەرىم تەشەببۇس قىلغان زۆرۈر بىر ھەقىقەت. ئاللاھ تائالا:«ئې مۆمىنلەر سەۋر ئارقىلىق ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تەلەپ قىلىڭلار. ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر» دەيدۇ، (سۈرە بەقەر، 153-ئايەت).

‏يەنە«سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، ئۇلاردىن ھېچ بىر گۇناھكار ياكى كاپىرغا بويسۇنمىغىن» دەيدۇ، (سۈرە ئىنسان، 24- ئايەت).

‏يەنە«سەۋر قىلغان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ ۋە كاتتا مۇكاپات بېرىلىدۇ» دەيدۇ، (ھۇد سۈرىسى، 12-ئايەت).

‏دېمەك، بۇ ئايەتكە قارىساق ياخشى ئەمەل قىلىشتىن ئىلگىرى «سەۋر قىلىش» لازىم، بولمىسا ياخشى ئىشلارنى قىلغىلى بولمايدۇ، دەيدۇ.

‏خاپىلقنىڭ سەۋەبلىرىدىن قۇتۇلۇشقا ھەرىكەت قىلماي جاپا تارتىش ئۈمىدسىزلىكنىڭ ۋە تەسلىم بولۇشنىڭ بىر تۈرى بولىشى مۇمكىن. شۇنداقلا ئاجىزلىق، نەزەر دائىرىسىنىڭ تارلىقى ياكى تەپەككۈرنىڭ تارلىقى بولىشىمۇ مۇمكىن. .. بۇ ئىشلاردىن ئاللاھ ھەرگىزمۇ رازى بولمايدۇ.

ئەمما تەقۋالىق: دېگىنىمىز ئەتراپىدىكى ناچار يامان مۇھىتتىن تەسىرلىنىشتىن ئىچكى جەھەتتىن قوغدىنىشنىڭ ئاساسلىق بىر تۈرىنى كۆرسىتىدۇ. پرىنسىپ، ئەخلاق، قەلب ۋە ئىستىلغا تەسىر يەتكۈزمىگەن ھەر قانداق مەغلۇبىيەتلەرنىڭ زىيىنى چەكلىك بولىدۇ، بەلكى قارشىلىق روھىنى ئاشۇرىدۇ، تەجرىبە ئاتا قىلىدۇ. ئىچكى قۇرۇلمىدىكى بوش ۋە يۇمشاق تەرەپلەرنى ئېچىپ بېرىدۇ ۋە دۈشمەننىڭ كۆڭۈلدىكى تۇيغۇسى(ئورنى)نى پاچاقلاپ تاشلايدۇ. ئىنساندا مەنىۋى ۋە ھېس-تۇيغۇ سىلكىنىش پەيدا بولسا ھەر قانداق خاپىلىقلاردىن ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ.

‏دېمەك، بۇ ئايەتتىكى سەۋر قىلىش بىلەن تەقۋالىقنىڭ ئاساسلىق ئۇقۇمى: «ئۆزىنى پاكلاش، ئۆزىنى ئوڭشاش ۋە ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇش»دىن ئىبارەت.

 

‏ئۆزىنى جانلاندۇرۇش تۈرلۈك شەكىللەردە نامايان بولىدۇ. مەسىلەن، شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسىگە چىڭ ئېسىلىپ مېڭىش، ھارام شەھۋەتلىرىگە باش ئەگمەسلىك، ئۆزىنى قايتا تەكشۈرۈش، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش ۋە غەمخورلۇق قىلىش، ئىقتىسادنى ياخشى باشقۇرۇش ۋە ئىقتىسادچان بولۇش…قا ئوخشاش ئىشلار. دېمەك، كۆپ كىتاب ئوقۇش، دائىم كەلگۈسىگە ئوچۇق ئەقىل بىلەن قاراش، باشقىلار بىلەن بولغان ئالاقىنى ياخشىلاش، ياخشى ئىشلارنى ۋە نەپلە ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىش… سەل قاراش، ۋەدىسىزلىك قىلىش، بۈگۈنكى ئىشنى ئارقىغا سۈرۈشتەك پاسسىپ ناچار ئادەتلەردىن مۇمكىن قەدەر ساقلىنىشقا ئوخشاش‏ يېڭى ئادەتلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش دېمەكتۇر.

‏ئىسلام خىتابى ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ھەر قانداق ئەھۋالدا «ئۆزىنى تۈزەش ۋە ياخشىلاش»قا مەركەزلىشىدۇ، ئومۇمى شارائىتنى ئىسلاھ قىلىشقا قارىتا ئاز توختىلىدۇ. ئىسلام خىتابى مۇسۇلماننىڭ ياخشى ئادەم بولىشى، ئىستىلىنىڭ تۈزىلىشى ۋە يامان ئىشلاردىن قول ئۈزۈشىنى تەكىتلەيدۇ.

‏مۇسۇلماننىڭ شەخسى ھايات سەۋىيىسىنى ياخشىلاشقا ئۇرۇنۇشى زۆرۈر بولغاندەك، ئومۇمى مۇھىت ۋە شارائىتنى ياخشىلاشقا كۆڭۈل بۆلۈشىمۇ مۇھىم.

 

ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرىي

(دوكتۇر ئاسپىرانتى)

2013-11-27