2024-يىل 20-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىسلامدىكى پرىنسىپال ساھەلەر

ئىسلامدىكى پرىنسىپال ساھەلەر

 

ئۆزگەرمەس ساھەلەر: ۋەھىي تەكىتلەپ بېكىتكەن، ھەممەيلەن بىلىشكە تېگىشلىك دىننىڭ ھالقىلىق پرىنسىپىغا ئايلانغان؛ ۋاقىت، ئورۇن ۋە كىشىلەرنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلمايدىغان ئىسلامنىڭ پرىنسىپلىرى ۋە ئاساسلىرىدىن ئىبارەت.

ئۆزگەرمەس ساھەلەر ئىجتىھاد، ئىزدىنىش تەۋە قاراشلار تايىنىدىغان «ئاساسىي قانۇن» ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا ھالقىپ ئۆتۈپ كېتىشكە رۇخسەت قىلىنمايدىغان «قىزىل سىزىق» سانىلىدۇ.

ئۆزگىرىشچان ساھەلەر: ئەقىل ۋە ئىزدىنىش دائىرىسىگە تەۋە بولغانلىقى ئۈچۈن ۋاقىت، ئورۇن، شەخىس، شارائىت ۋە ئۆرپ-ئادەتكە قارىتا ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدىغان مەسىلىلەر ۋە ھۆكۈملەردىن ئىبارەت.

قايسى بىر ئادەم ئىسلامنىڭ ھۆكۈملىرى ۋە يوليورۇقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەتقىق قىلسا، «ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدىغان ساھەلەر» دائىرىسىنىڭ «ئۆزگەرمەس ساھەلەر» دائىرىسىدىن ھەسسە كەڭرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ. ئۆزگەرمەس ساھەلەر دائىرىسى مۇقىم ۋە چەكلىك. ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدىغان دائىرىلەر ۋاقىت ۋە ئورۇننىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ كېڭىيىپ تۇرىدۇ.

ئىدىيە ۋە فىقھى دائىرىسى، شۇنداقلا تۈرلۈك دەۋر ۋە ئورۇندىكى ئېقىملار ۋە  مەزھەپلەرگە ئىسلامنىڭ ئەقىدە، شەرىئەت، ئەخلاق ۋە قىممەت-قاراش تېمىلىرىنىڭ ھەجمىنى سېلىشتۇرساق ئۆزگەرمەس ساھەلەرنىڭ ھەجمى ئاز چىقىدۇ.

بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، بەزى ئىدىيە ئېقىملىرى – ئۆزگەرمەس ساھەلەر بىلەن ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدىغان ساھەلەر ئارىسىنى ئايرىيالماسلىق سەۋەبىدىن-ئۆزگەرمەس ساھەلەر دائىرىسىنى رېئاللىقتىن زىيادە كېڭەيتىۋەتكەن. نەتىجىدە كۆپلىگەن تالاش-تارتىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان. يەنە بەزىلىرى ئىسلامنى ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش باھانىسىدا كۆپلىگەن ئۆزگەرمەس ساھەلەرنى ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدىغان دائىرىگە كىرگۈزۈپ قويغان.

ئۆزگەرمەس ساھەلەرنىڭ دائىرىسىنى قىسقارتىش ھەقىقى مەنپەئەتكە زىت ھالدا باشقىلارنىڭ ئېقىمىدا ئېرىپ يوقۇلۇپ كېتىش ھالىتىگە باشلاپ بارىدۇ.

ئۆزگەرمەس ساھەلەر دائىرىسىنى كېڭەيتىۋېتىش ئىختىلاپى مەسىلىلەرنى كىرگۈزۈپ قويۇشقا سۆرەپ بارىدۇ. نەتىجىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش ھەرىكىتىگە توسالغۇ بولىدۇ.

 

(1)

ئىسلامنىڭ ئۆزگەرمەس ساھەلەر رايونى

 

  1. ئەقىدىنىڭ ئاساسلىرى:

ئەقىدىنىڭ پرىنسىپلىرى دېگىنىمىز: دىننىڭ بىرىنچى نۇقتىلىرى بولۇپ، ئۇلار: ئاللاھغا، پەيغەمبەرلەرگە، ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا، پەرىشتىلەرگە، تەقدىرگە ۋە ئاخىرەتكە ئىمان كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىماننىڭ ئالتە ئاساسلىرىدۇر.

بۇلار ئايەت ۋە سەھى ھەدىس ئارقىلىق ئىسپاتلانغان ئىسلام ئەقىدىسىدىكى باش تېمىلار بولۇپ ئۆزگەرمەس ساھەلەردۇر. چۈنكى ئەقىدە ئىسلامنىڭ قانۇنىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئەخلاقىي قۇرۇلمىسى تايىنىدىغان ئاساستۇر. ئۇ: ئىنسان نەدىن كەلدى؟ نېمە ئۈچۈن يارىتىلدى؟ نەگە بارىدۇ؟ ئىنساننىڭ ئاللاھ، كائىنات ۋە ھاياتلىق بىلەن ئالاقىسى نېمە؟ دېگەن سوئاللارغا ئېنىق جاۋاب بېرىدۇ.

ئەقىدە: ئىنساننىڭ زېمىننى گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشقا تولۇق ۋاقىت چىقىرالىشى ئۈچۈن«مېتافىزىكا(غەيبى) دۇنيا»سىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىۋەتكەن ۋە جىسىمنىڭ بەختلىك بولۇشى ئۈچۈن روھىنىڭ تەلەپلىرىگە ئاۋاز قوشقان. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ ئورۇنلاردا ئىمان بىلەن ياخشى ئىش- ھەرىكەت(ئۆزى ۋە جەمئىيەتنى ئىجابىي تەرەققى قىلدۇرىدىغان ھەر قانداق ئىش-ھەرىكەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) لەرنى بىرگە تىلغا ئېلىنغان.

زامان-ماكان ۋە كىشىلەر قانچىلىك ئۆزگەرسىمۇ، ئىنسان بۇ دائىرىنىڭ دىندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا مۇھتاج. شۇڭا ئاللاھ ئەقىدە ئاساسلىرىنى قۇرئان كەرىمگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، قۇرئاننى ساقلاش ۋە ھېمايە قىلىشقا ۋەدە بەرگەن. ئىنسان ھەر ۋاقىت ۋە ھەر قانداق ئورۇندا بۇ ئەقىدە پرىنسىپلىرىغا مۇھتاج بولىدۇ. بۇ ئەقىدە ئاساسلىرى بۇرۇلۇپ كەتسە، ئىنسان توغرا يولدىن  چىققان ۋە ھايات مېتودى ئۆزگەرگەن بولىدۇ. بەختلىك تۇرمۇشتىن بەختسىزلىككە، ھىدايەتتىن ئازغۇنلۇققا، خاتىرجەملىكتىن خاتىرجەمسىزلىككە ۋە كۈچلۈكلۈكتىن زەئىپلىققا يۈزلەنگەن بولىدۇ.

ئەقىدە شەرىئەتنىڭ مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا شەرىئەت ئەقىدىسىز مەۋجۇت بولۇپ  تۇرالمايدۇ. گۈزەل ئەخلاقمۇ ئەقىدىدىن ۋە ئەقىدىنىڭ تەقەززاسىدىن تارماقلىنىدۇ.

ئەقىدە ساھەسىدىكى ئۆزگەرمەس ساھەلەرگە يەنە:

قۇرئاننىڭ ئاللاھ تەرەپتىن قوغدالغانلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈش، ھەدىس شەرىپنىڭ ھۆججەت ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈش، ئىسلامنىڭ پۈتكۈل ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن دىن ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش، ئىسلامنىڭ كىشىلەرنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن كەلگەنلىكىگە ئىشىنىش، شۇنداقلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ھېچقانداق بىر ئىنساننىڭ  مەسۇم (خاتالىقتىن خالى) بولمايدىغانلىقىغا؛ ساھابىلەرنىڭ(تەۋبە سۈرىسى، 100- ئايەتنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن) دىيانەتلىك ۋە ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈشمۇ كىرىدۇ.

شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، ئەقىدىنىڭ ئاساسلىرى پەقەت ئايەت ۋە مۇتەۋاتىر ھەدىس ئارقىلىقلا ئىسپاتلىنىدۇ. باشقا سەھى ھەدىسلەر بىلەن ئەقىدىنىڭ تارماقلىرى ئىسپاتلىنىدۇ.

 

  1. شەرىئەتنىڭ پرىنسىپال تېمىلىرى

 

ئىسلام دىنى ھايات ۋە تۇرمۇشقا ئالاقىدار ھەر قانداق مەسىلىلەرنى ئىنتىزامغا سېلىش ئۈچۈن كەلدى. شۇڭا ئىسلام دىنى ھەر قانداق سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ، ھەر قانداق مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ ۋە ھاياتقا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق نۇقتىنى تەرتىپكە سالىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەت سانى ئاز بولسىمۇ «پرىنسىپال قائىدە ۋە ئاساسلىق ئۆلچەملەر»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مۇجتەھىد ۋە مۇتەپەككۇرنىڭ ئەقلى يۇقىرىقى پرىنسىپال قائىدىلەر ئىچىگە نۇرغۇنلىغان تارماق تەپسىلى ھۆكۈم ۋە مەسىلىلەرنى كىرگۈزەلەيدۇ. يەنى قۇرئان كەرىم «ئاساسى قانۇن» نى يولغا قويۇپ بەرگەن، مۇجتەھىد ۋە مۇتەپەككۇرلەر مۇشۇ ئاساسىي قانۇن ئىچىدە ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ.

ئاللاھنىڭ:«بىز ساڭا قۇرئاننى ھەممە نەرسىلەرنى بايان قىلىپ بېرىدىغان ھالەتتە چۈشۈردۇق» (نەھل 89-ئايەت) دېگەن ئايەتتىكى مەقسەت يالغۇز مەسىلە كۆزدە تۇتۇلماستىن بەلكى «پرىنسىپال قائىدە، ئاساسلىق ئۆلچەم ۋە غايە- مەقسەتلەر» كۆزدە تۇتۇلىدۇ. چۈنكى مۇجتەھىدنىڭ تارماق مەسىلىلەرنى پرىنسىپال قائىدىگە، شاخچە تېمىلارنى ئاساسى ئۆلچەمگە، ۋاسىتىلارنى غايە-مەقسەتلەرگە باغلاپ ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ.

ھۆكۈم ئېلىش پرىنسىپلىرى دېگىنىمىز: شەرىئەتنىڭ ئەمەلىي رېئال ھۆكۈملىرىنى يەكۈنلەپ چىقىدىغان ئاساسلىق پرىنسىپتىن ئىبارەت.

مەسىلەن:«نەرسە كېرەكلەر ئەسلىدە ھالال»، «ئاللاھ كۆرسىتىپ بەرگەن تەلىمات دىن»، «ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھ ھارام قىلغان نەرسە ھارام»،  «پاك نەرسىلەر ھالال»، «نىجىس ۋە زىيانلىق نەرسىلەر ھارام»، «ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، ئامانەتكە رېئايە قىلىش، ياخشى ئىشلاردا ھەمكارلىشىش» قاتارلىقلار.

شۇنداقلا(نىسا سۈرىسى 6-ئايەتتىن 12- ئايەتكىچە)مىراس تەقسىماتى ۋە (بەقەر سۈرىسى، 221- ئايەتكە ئاساسەن)مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھل كىتاب بولمىغان غەيرى مۇسۇلمانلار بىلەن توي قىلسا ھارام بولىدىغانلىقىمۇ قانۇنى جەھەتتىكى پرىنسىپال قانۇنىي مەسىلە قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ.

مۇتەپەككۇر مۇھەممەد ئابدۇ (ۋاپاتى 1905) دىن غەيرى مۇسۇلماندىن بىرسى: سىلەر قۇرئاندا ھەر قانداق بىر مەسىلىنىڭ جاۋابى بار دەيسىلەر، شۇنداقمۇ؟ دەپ سورىغاندا، مۇھەممەد ئابدۇ: شۇنداق. ئاللاھ:«قۇرئاندا ھېچ قانداق بىر مەسىلىنى جاۋابسىز قويمىدۇق»(ئەنئام سۈرىسى، 38- ئايەت) دېگەن دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ھېلىقى ئادەم: مەن قۇرئاننى باشتىن ئاخىرغىچە ئوقۇپ باقتىم. لېكىن قولۇمدىكى بۇ خالتىغا قانچىلىك نان پاتىدىغانلىقى توغرىسىدا بىرەر ھۆكۈمنى ئۇچراتمىدىمغۇ؟! دېگەندە، مۇھەممەد ئابدۇ: جاۋابى قۇرئاندا بار، لېكىن سەن دىققەت قىلماپسەن، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ھېلىقى ئادەم: قۇرئاننىڭ قەيىرىدە بار؟ دىسە، مۇھەممەد ئابدۇ: مەن بىلەن بىرگە ماڭ، دەپ ناۋاينىڭ قېشىغا باشلاپ بېرىپتۇ.  مۇھەممەد ئابدۇ ناۋايدىن: ئۇستام بۇ خالتىغا قانچە نان پاتىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، ھېلىقى ئادەم مۇھەممەد ئابدۇنىڭ سۇئالىدىن ھەيران قاپتۇ. ئاندىن مۇھەممەد ئابدۇ ھېلقى كىشىگە:«بىلمىسەڭلار، ئەھلى ئىلىمدىن ۋە مۇتەخەسسىسلەردىن سوراڭلار»(نەھل سۈرىسى 43- ئايەت) دېگەن ئايەتكە دىققەت قىلماپسەن دەپتۇ.

ناۋاي بۇ مەسىلىدە تەجرىبە ئەھلى، كەسىپ ئەھلى ۋە مۇتەخەسسىس. بۇ ئايەتنىڭ دائىرىسىگە تۇرمۇشتا يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى كىرگۈزگىلى بولىدۇ. دېمەك، ئىسلام مۇشۇ ئارقىلىق ھاياتقا مۇناسىۋەتلىك چوڭ-كېچىك مەسىلىنىڭ ھەممىسىنى نىزامغا سالىدۇ.

مۇجتەھىد ۋە مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئەقلى قابىلىيىتى ۋە ياشىغان جەمئىيتىنىڭ شارائىتى ئوخشىمىغانلىق سەۋەبىدىن ئىجتىھاد، ئىزدىنىش ۋە كۆز قاراشمۇ تۈرلۈك بولىدۇ. ئىجتىھاد، ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات ئىسلامنىڭ ئۆزگەرمەس پرىنسىپلىرىنى بويلاپ ۋە مەقسەتلىرىنى ئاساس قىلىپ ماڭىدىكەن ئاللاھنىڭ ئىرادىسى شۇدۇر.

قۇرئان، سۈننەتتە ئېنىق قىلىپ ھالال-ھارام دەپ كەلگەن مەسىلىلەرمۇ ئۆزگەرمەس ساھەگە مەنسۇپتۇر.  بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئۆزگىرىشى، ئالماشتۇرۇلىشى، يوق قىلىۋېتىلىشى ياكى قوشۇپ قويۇلىشى مۇمكىن ئەمەستۇر.

ئالىملار ئىسلام پرىنسىپلىرى ۋە مەقسەتلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق شەرىئەتتە خىلاپلىق قىلسا بولمايدىغان پرىنسىپال قائىدىلەرنى يەكۈنلىگەن. مەسىلەن:«ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا زىيان  سالماسلىق»، «زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش»، «قىيىنچىلىقتا ئاسانلىقنى ئاساس قىلىش»، «زۆرۈرىيەت چەكلەنگەن ئىشلانى ۋاقىتلىق دۇرۇس قىلىدۇ»، «زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈشتىن بۇرۇن تۇرىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش.

مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قائىدىلەرنى شەرىئەت قۇرۇلمىسىدىكى ئاساسلىق پرىنسىپ دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ پرىنسىپلاردىن ھەر بىر پرىنسىپ نۇرغۇنلىغان مەسىلە ۋە ھۆكۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 

  1. ئىبادەتنىڭ ئاساسلىرى:

 

ئىبادەتنىڭ ئاساسلىرىمۇ پرىنسىپال ساھەلەرنىڭ قاتارىدىن.

ئىبادەتتىكى ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلمايدىغان نۇقتىلار:ئىلاھىي ۋەھىي ئېنىق دەلىل ئارقىلىق بايان قىلىپ بەرگەن؛ ئىجتىھاد ۋە ئىزدىنىشكە بويسۇنمايدىغان؛ ۋاقىت، ئورۇن، شەخس ۋە مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگىرىشىنى قوبۇل قىلمايدىغان ئىشلار… مەسىلەن: ناماز، زاكات، روزا، ھەجنىڭ پەرزلىكى توغۇرلۇق كەلگەن ئايەت-ھەدىسلەر. ناماز، زاكات، روزا ۋە ھەجنىڭ مەقسەتلىرى ئىجتىھاد ۋە ئىزدىنىشكە بويسۇنمايدىغان پرىنسىپال مەسىلە بولۇپ، تەرەققى قىلدۇرۇش باھانىسى بىلەن ئۆزگەرتىشكە بويسۇنمايدۇ.

شۇنداقلا زىنا قىلىش، تۆھمەت چاپلاش، ھاراق ئىچىش، ئوغرلىق قىلىش، كىشىلەرنىڭ مال مۈلكىنى قاقتى سوقتى قىلىش، بىگۇناھ ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئۆلۈپ قالغان نەرسىلەرنىڭ گۆشىنى يېيىش ۋە چوشقا گۆشىنى يېيىش… كەسكىن ھارام تەۋەسىگە كىرىدىغان پرىنسىپال نۇقتىلاردىن ئىبارەت.

 

4.ئەخلاق پرىنسىپلىرى:

ئەخلاق پرىنسىپال مەسىلە بولۇپ، ھەر بىر ئەخلاق تۇرمۇش مېتودىنى تەمسىل قىلىدۇ. ئەخلاق پرىنسىپلىرى-ئايرىم ھالەتنى ھېسابقا ئالمىغاندا- ۋاقىت، ئورۇن ۋە شەخس ئۆزگەرسىمۇ ئىسلام ئىدىيىسىنىڭ ئۆزگەرمەس پرىنسىپلىرىنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ.

ئىلمىي تەرەققىيات ۋە ماددىي ئىلگىرىلەش ئىسلام ئەخلاقىدىن بىھاجەت بولالمايدۇ. مەسىلەن: تەقۋا بولۇش، توغرا يولدا مېڭىش، ئادالەتنى ياقىلاش، ياخشىلىق قىلىش، نەپسىنى پاكلاش، ھايا قىلىش، كەمتەر بولۇش، سېخى بولۇش، راستچىل بولۇش، ئامانەتكە ۋاپا قىلىش، كەڭ قورساق بولۇش، ئۆزىنى ئىززەتلىك تۇتۇش ۋە ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقىدىكى ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار.

يەككە ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق ئىسلامنىڭ ئۆزگەرمەس پرىنسىپلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بۇ قىممەت-قاراشلار قايسى بىر جەمئىيەتتىن يوقۇلۇپ كەتسە، بۇ جەمئىيەت ۋەيران بولۇپ تۈگىشىدۇ. ئۇ چاغدا جەمئىيەتنى مەغرۇرلۇق، بېخىللىق، يالغانچىلىق، خىيانەت ۋە خورلۇق… بېسىپ كېتىدۇ.

 

  1. مەقسەت ۋە غايىلەر:

ئىسلام دىنى ئەقىدىسى، شەرىئىتى ۋە پرىنسىپلىرى ئارقىلىق «بەش تۈرلۈك مەقسەت»نى نىشان قىلىدۇ. ئۇلار: «دىننى قوغداش، جاننى قوغداش، ئەقىلنى قوغداش، ئابرويىنى قوغداش ۋە مال- مۈلۈكنى قوغداش»تىن ئىبارەت.

ئىسلامنىڭ كۆرسەتمە ۋە يوليورۇقلىرى مۇشۇ مەقسەتلەرنى قوغداش ۋە ئاسراش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان. بۇ مەقسەتلەر ئاللاھنىڭ مەقسىتى بولغانلىقى ئۈچۈن ئېنىق دەلىل-پاكىتلار بىلەن كەلگەن(مۇمتەھىنە سۈرىسى، 12-ئايەت).(ئەنئام، 151- 153- ئايەت).

ئىسلامنىڭ مەقسىتى: مەنپەئەتلىك ئىشلارنى قولغا كەلتۈرۈش، زىيانغا قارىشى تۇرۇش ۋە زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت. شەرىئەت بۇيرۇغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە مەنپەئەت بار. شەرىئەت توسقان ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە زىيان بار.

شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىگە سەل قاراش مۇسۇلمانلارنىڭ مەدەنىيەت كارۋىنىنىڭ ئارقىدا قېلىشى، چۈشكۈنلىشىشى ۋە ئىسلام فىقھىسىنىڭ تۇرغۇن ھالەتكە كېلىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ ئاساسلىقى ھېسابلىنىدۇ.

 

  1. ئىنسانىيەت خاراكتېرىدىكى ئورتاق تەقسىماتلار:

 

ئىسلام دىنى كىشىلەر ئارىسىدىكى يەككە پەرقلەرنى ئېتىراپ قىلىدىغان رېئال بىر دىن. ئىسلام يەككە پەرقلەر بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئورتاق تەقسىماتلارنى ئايرىپ قارايدۇ.

ئىنسان ماھىيىتى، تەبىئىيىتى، خۇسۇسىيەتلىرى، كەمچىللىكلىرى، سۈپەتلىرى، قىممەت-قاراشلىرى، قىزىقىشلىرى ۋە ئاساسلىق ئېھتىياجلىرىدا ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن ھەممە كىشىلەر ئاساسىدا ئورتاق بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ بولىشى تەبئىي.

مەسىلەن، بەدەنگە ئالاقىدار ئېھتىياجلار ۋە ئاغرىق-كېسەللەر، شۇنداقلا كۆڭۈل تارتىدىغان ئىشلار ۋە كۆڭۈل ياقتۇرمايدىغان دەرد-ئەلەملەر ئەزەلدىن تارتىپ ئوخشاش بولۇپ ئۆزگىرىپ قالغىنى يوق.

ئىنسانلار ئاساسلىق ئېھتىياجلىق ئىشلار، ئەقىل، ئاساسلىق ئەخلاق، ئىگىدارچىلىق، ھۆرمىتىنى قوغداش، ئەركىنلىك، بىلىم-مەرىپەت ۋە خىزمەت قىلىش ھوقۇقلىرىدا ئورتاق.

ئىنسانلار ئارىسىدا بەزى پرىنسىپال مەسىلىلەردە ئورتاقلىقنىڭ بولىشى تەبئىي ئەھۋال. تارماق مەسىلىلەردە كۆز قاراشنىڭ ئوخشاشماسلىقى نورمال ئىش. يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان بەش تۈرلۈك زۆرۈرىيەتتە بارلىق ئىنسانلار ئورتاق.

مەسىلەن، ئىسلامدىكى جىنايى ئىشلار جازالىرى مۇقىملىق بىلەن ئۆزگىرىشنى بىرلەشتۈرىدۇ. قايسى بىر ئىش(جىنايەت) مۇقىم خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ ۋاقىت، ئورۇن ۋە كىشىلەرنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگەرمەيدىغان بولسا، ئاللاھ بۇنىڭ جازاسىنى مۇقىم جازا قىلىپ بەلگىلىدى. ئالتە تۈرلۈك جازا ئۆزگەرمەس پرىنسىپال مەسىلىلەر قاتارىدىن سانىلىدۇ.

باشقا جىنايەتلەر ئۆزگىرىشچان دائىرىگە كىرىدۇ. بۇ جىنايەتلەرنىڭ ھۆكمى شارائىت ۋە خاراكتېرىگە قارىتا مۇپتى(پەتىۋا بەرگۈچى)، مۇجتەھىد، قازى ۋە ھاكىمنىڭ ئىزدىنىشى ئاساسىدا چىقىرىلىدۇ.

 

7.كەسكىن بىرلىككە كېلىنگەن(ئىجما) مەسىلىلىرى:

 

«ئىجما» دېگەن:ئالىملار ئارىسىدا دەلىل-پاكىت ئاساسىدا ئىتتىپاقلىققا ۋە بىرلىككە كېلىنگەن مەسىلە.

ئەھل سۈننى مۇسۇلمانلىرى: ئىسلام ئۆلىمالىرى ئارىسىدا كەسكىن بىرلىككە كەلگەن مەسىلە بولسا قانۇن چىقىرىش مەنبەلىرىنىڭ بىرسى بولۇشقا يارايدۇ، دەپ قارايدۇ. چۈنكى بىرلىككە كېلىنگەن مەسىلە ئايەت ياكى سەھى ھەدىسكە تايىنىدۇ.

مەسىلەن: ھەر زامان مۇسۇلمان ھاكىمنى تىكلەشنىڭ پەرزلىكى، پىتنە-پاساتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانۇنى بوشلۇقنىڭ تېپىلىپ قېلىشىنىڭ ھاراملىقى، زۇلۇم قىلىشنىڭ ھاراملىقى ۋە ئىنساننى كېلون تېخنىكىسى ئارقىلىق كۆپەيتىشنىڭ ھاراملىقىغا ئوخشاش.

كەسكىن بولمىغان «ئىجما» ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار قاتارىغا كىرمەيدۇ. كەسكىن بولمىغان «ئىجما»نى دەۋا قىلىپ مۇجتەھىد ۋە مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئىزدىنىش يولىنى توسۇشقا بولمايدۇ. مەسىلەن، مۇجتەھىد ئالىملاردىن ئىبنى تەيمىييە، ئىبنى قەييۇم ۋە شاتىبى ئىجتىھاد ۋە تەتقىقاتلىرى سەۋەبىدىن كۆپ تۆھمەتكە ئۇچرىغان. يېقىنقى دەۋردىكى بىر قىسىم ئالىملارمۇ «كەسكىن بولمىغان ئىجما» سەۋەبىدىن تۆھمەتكە ئۇچرىماقتا.

مانا بۇلار ئىسلامنىڭ ئۆزگەرمەس پرىنسىپلىرىدىن ئىبارەت. ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقلى، ئىدىيىۋى، ھېس-تۇيغۇ ۋە ئىستىلى بىرلىكىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ بېرىدۇ. شۇنداقلا مەدەنىيەتكە ئاتلىنىشنىڭ ئاساسلىق قىممەت-قارىشى ھېسابلىنىدۇ.

ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار ئارقىلىق ئىدىيە بۇلغىنىشى، سىكولارىزىم (ئىلمانىزىم) ۋە مەدەنىيەت يوقىلىش خەۋپلىرىگە تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ.

يېڭىلىق يارىتىش، ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش، تەرەققى قىلىش ۋە گۈللىنىش ھەرىكىتى ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار روھىي ئاساسىدا بولىشى كېرەك. ئۆزگەرمەس پرىنسىپلارغا سەل قاراش توغرا يولدىن چەتنەش ۋە بۇرۇلۇشقا باشلاپ بارىدۇ.

 

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى