2024-يىل 25-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىسلام ئىدىيەسىدىكى ئۆزگىرىشچان رايونلار

ئىسلام ئىدىيەسىدىكى ئۆزگىرىشچان رايونلار

ھۆججەت دائىرىسىدىكى ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدىغان نۇقتىلار

 

  1. 1. ئىسپاتلىنىشى كۈچلۈك ئېھتىماللىققا ئىگە ھۆججەتلەر رايونى:

قۇرئان كەرىمنىڭ بارلىق سۈرىلىرى ۋە ئايەتلىرىنىڭ كەسكىن يول بىلەن ئىسپاتلانغانلىقىغا ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان شەك قىلمايدۇ. دېمەك، قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ بۇ دائىرە بىلەن ئالاقىسى يوق. بۇ رايون سۈننەت ياكى ھەدىس شەرىپكە ئالاقىدار.

سۈننەت(ھەدىس): رەسۇلۇللاھغا نىسبەت بېرىلگەن سۆز ياكى ئىش-ھەرىكەت ياكى تەستىقلاشتىن ئىبارەت. سۈننەت ھىجرىيە ئىككىنچى ئەسىرنىڭ بېشىدا توپلىنىشقا باشلىغان، سۈننەتنى قوغداشنى ئاللاھ ئالىملارغا تاپشۇرغان. ئاللاھ قۇرئاننى ئۆزۈم ھىمايە قىلىمەن دەپ ۋەدە بەرگەندەك سۈننەتكە ۋەدە بەرمىگەن.

شۇ سەۋەبتىن سۈننەت ئىسپاتلىنىش جەھەتتە كۈچلۈك ئېھتىماللىققا ئىگە. مۇتەۋاتىر (نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ رىۋايەت قىلىشى ئارقىلىق يالغان سۆزلەشكە ئىمكانىيەت قالمىغان ھەدىس) ھەدىسىلا ئايەتكە ئوخشاش كەسكىن ئىشەنچىلىك ھالدا بىزگە يېتىپ كەلگەن.

شۇڭا، ئالىملار ھەدىسنىڭ يېتىپ كېلىش يولىدىكى«ئۆلچەملىك ۋە ئۆلچەمسىز» دېگەن قائىدىگە ئاساسەن، شۇنداقلا ھەدىسنىڭ تېكىستنى سىناشتىكى قائىدىسىگە قارىتا بەزى ھەدىسلەرنى قوبۇل قىلىشتا بىر قانچە خىل قاراشتا بولغان. ئالىملارنىڭ ھەدىسنى قوبۇل قىلىش ۋە قوبۇل قىلماسلىقتىكى قائىدىسىگە ئاساسەن ھۆكۈملەر تۈرلۈك بولۇپ چىقىدۇ. قايسى بىر ئالىمنىڭ نەزىرىدە ھەدىسنىڭ ساغلاملىقى ئىسپاتلانسا، ھەدىسنى ساغلام ئەمەس دەپ قارىغان ئالىمنىڭ قارىشىدىن باشقىچە قاراشتا ھۆكۈم چىقىدۇ.

مۇنداق كۆز قاراشنىڭ تۈرلۈك بولىشى ئالىملاردىن ئەگەشكۈچىلەرگە يۆتكىلىدۇ، نەتىجىدە ھۆكۈمنى «ئۆزگەرمەس ئەھكاملار رايونى» دىن نەچچە تۈرلۈك بولسا دۇرۇس بولىدىغان«ئۆزگىرىشچان دائىرە» گە يۆتكىۋېتىدۇ. بۇ يەردىكى قاراشنىڭ نەچچە تۈرلۈك بولىشى بىر-بىرىگە زىت بولماستىن، بەلكى بىر بىرىنى قوللايدىغان كۆزقاراشلاردىن ئىبارەت. چۈنكى ھەر قايسى كۆز قاراش تەرەپدارلىرى ئۆزىنىڭ دەلىل ئاساسىدا قانائەتلەنگىنىنى تۇتۇپ ماڭىدۇ، بۇ يەردە بىر بىرىگە ھۇجۇم قىلىش ياكى بىر بىرىنى ئەقىلسىزلىققا چىقىرىۋېتىش ئەھۋالى يۈز بەرمەيدۇ.

«مۇتەۋاتىر» ھەدىسلەرنىڭ سانى ئاز. سەھى ھەدىسلەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇتەۋاتىر يولىدىن تۆۋەنرەك يوللار بىلەن يېتىپ كەلگەن. سەھى ھەدىسلەردىن باشقا «ھەسەن» (ياخشى) ۋە زەئىپ دەرىجىدىكى ھەدىسلەرمۇ بار.

 

  1. 2. ئۇقۇمى كۈچلۈك ئېھتىماللىققا ئىگە ھۆججەتلەر رايونى:

ئۇقۇمى كۈچلۈك ئېھتىماللىق(70% تىن يۇقىرى)قا ئىگە ھۆججەتلەر(ھەدىسلەر)دە تەپەككۇر، چۈشەنچ ۋە كۆز قاراش تۈرلۈك بولىدۇ. چۈنكى كۆز قاراشلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانىي بولۇش ئېتىبارى بىلەن-توغرا ياكى خاتا بولۇش ئېھتىماللىقنى قوبۇل قىلىدۇ.

بۇ دائىرىدە بىزنىڭ دىيەلەيدىغىنىمىز شۇكى، ئاللاھنىڭ مەقسىتى بىر، ھەر بىر مۇجتەھىد ۋە مۇتەپەككۇر ئالىم ئاللاھنىڭ مەقسىتىنى بىلىشتە ئەقلى كۈچىنى چىقاردى. ئەگەر ھەر بىر مۇجتەھىد، مۇتەپەككۇر ۋە ئالىم توغرا ئىزدىنىپ ھۆكۈم ئالالىسا ئىككى ھەسسە ئەجىرگە ئېرىدۇ. بىر ئەجرى ئەقلى كۈچ چىقارغانلىق ۋە ئىزدەنگەنلىك بولسا، يەنە بىر ئەجرى توغرا ھۆكۈم ئالالىغانلىقتىن ئىبارەت.

ئەگەر ھۆكۈمدە خاتالىشىپ قالسىمۇ، ئەقلى كۈچ چىقارغانلىق ۋە ئىزدىنىش ئېلىپ بارغانلىق ئېتىبارى بىلەن يەنىلا بىر ھەسسە ئەجىرگە ئېرىشىدۇ. ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىپ خاتالىشىپ قالغان كۆز قارىشىدا ئۆزرە قويۇلىدۇ. دۇنيا تارىخىدا ئىجتىھاد، ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈنلا مۇنچىۋالا كۆپ ئەجىر بېرىدىغان مۇكاپات پەقەت ئىسلام ئىدىيىسىدىلا مەۋجۇت. ئىسلامدا قائىدە-ئۆلچەملىرىگە رېئايە قىلغان ئىجتىھاد، ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتنىڭ ئۆزىلا مۇكاپاتقا لايىق ئىش.

ھۆججەتنى چۈشىنىشتىكى تۈرلۈك قاراش، شۇ ھۆججەتكە باغلانغان ھۆكۈمنى «ئۆزگىرىشچان مەسىلىلەر» دائىرىسىگە يۆتكىۋېتىدۇ. دېمەك، بۇ ئەھۋالدا ھېچ قايسى بىر تەرەپ «مۇتلەق ھەقىقەت» ياكى «مۇتلەق توغرۇلۇق» مەندە، «باشقىلار تولۇق خاتالاشقان»دەپ داۋا قىلسا توغرا بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، چۈشەنچىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا قارىتا مۇھەببەت ۋە نەپرەت شەكىللەندۈرۈش توغرا ئىش ئەمەس.

بۇ دائىرە كەڭرى بولۇپ، قۇرئان ۋە سۈننەتتىكى كۆپلىگەن ھۆججەتلەر مۇشۇ دائىرىگە كىرىدۇ. خۇددى ئاللاھ تائالا بۇ رايوندا مۇسۇلمانلارغا كەڭرىچىلىك بولىشى ئۈچۈن چۈشەنچىلەرنىڭ تۈرلۈك بولىشىنى ئىرادە قىلغاندەك… شۇنىڭ ئۈچۈن ساھابىلار ۋە تابىئىنلار(كېيىنكى ئەۋلاد) بىر قانچە خىل كۆز قاراشقا ئىگە مەسىلىلەرگە «كەڭرىچىلىك فىقھىسى»(ئۇقۇمى) دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتكەن.

مۇشۇ رايوندىكى ھۆججەتلەرنىڭ خاراكتېرىگە قوشۇمچە، ئىنسانلارنىڭ خاراكتېرىمۇ بۇ رايوننى كېڭەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ. چۈنكى ھەر قانداق بىر جەمئىيەتتە شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىدىن ئەنسىرەپ ئېھتىيات نۇقتىسىدىن ھۆججەتلەرنىڭ سىرتقى ئۇقۇمى بويىچە ھۆكۈم ئېلىشقا مايىل بىر تۈركۈم كىشىلەر تېپىلىدۇ. يەنە باشقىلار ھۆججەتلەرنىڭ مەقسەتلىرى ئاساسىدا ئايلىنىدۇ ۋە ھۆكۈم ئالىدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا دىيانەتلىك بولۇشتا، ئىدىيە ۋە فىقھى ئۇقۇمدا ئېھتىيات يولىنى تۇتۇپ ماڭسا، يەنە بەزىلەر ئاسانلاشتۇرۇش يولىنى تۇتۇپ ماڭىدۇ.

بۇ ئەھۋال بىلىم-سەۋىيە جەھەتتە ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان-قۇرئان چۈشىۋاتقان ۋە رەسۇلۇللاھ ئارىسىدا ھايات تۇرۇۋاتقان مەزگىللەردىكى ساھابىلار جەمئىيىتىدىمۇ كۆرۈنگەن. مەسىلەن، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر كۆپىنچە پەتىۋا ۋە قاراشلىرىدا ئېھتىيات يولىنى تۇتۇپ«ئېھتىيات مەدرىسى»نى شەكىللەندۈرگەن. ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس ئاسانچىلىققا مايىل بولۇپ«ئاسانلاشتۇرۇش مەدرىسىنىڭ يېتەكچىسى»دەپ تونۇلغان. ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد ئىككى مەدرىسنىڭ ئوتتۇرىدا تۇرغان.

رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىنى چۈشىنىشتىكى ساھابىلارنىڭ كۆز-قاراشلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا «بەنۇ قۇرەيزە» يەھۇدىلىرىنىڭ ئەدىبىنى بېرىش ئۈچۈن ئاتلانغان ھەربى يۈرۈشتە دېگەن سۆزىنى مىسال ئېلىپ كۆرسەك بولىدۇ.

رەسۇلۇللاھ :«كىم مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلىدىغان بولسا، ئەسىر نامىزىنى بەنى قۇرەيزىدە ئوقۇسۇن»دېگەن(بۇخارى رىۋايىتى). ساھابىلارنىڭ بىر بۆلۈكى بۇيرۇقنىڭ زاھىرىي (سىرىتقى ئۇقۇمى)نى تۇتۇپ مېڭىپ، ئەسىر نامىزىنى كۈن كىرىپ بولغاندىن كېيىن بەنى قۇرەيزە زېمىنىدا ئادا قىلىشقان. يەنە بىر تۈركۈم ساھابىلار ئەسىر نامىزىنى ئەسىر ۋاقتىدا يولدىلا ئادا قىلىپ، يولىنى داۋاملاشتۇرغان. بۇ مەسىلىدە ساھابىلارنىڭ بىر بىرسىنى ئەيىبلىگەنلىكى تارىختا ئىسپاتلانمىدى، ھەتتاكى كىمنىڭ خاتا قىلغىنى، كىمنىڭ توغرا قىلغىنىمۇ بايان قىلىنمىدى.

 

ھۆججەت (ئايەت-ھەدىس) نى ئۇقۇم جەھەتتىن كۈچلۈك ئېھتىماللىققا كەلتۈرۈپ قويىدىغان بىر بۆلۈك قائىدىلەر بار، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

(1). سۆزنىڭ ھەقىقەت مەنىسى بىلەن مەجاز (كۆچمە مەنىسى) ئارىلىقىدا ئايلىنىشى. مەسىلەن، ئاللاھنىڭ:«سىلەر قەيەردە بولساڭلار، ئاللاھ سىلەر بىلەن بىرگە»(ھەدىد سۈرىسى، 4- ئايەت)دېگەن ئايەتتە بەزى مۇپەسسىرلەر ئايەتنىڭ مەنىسىنى ھەقىقەت مەنىسىگە قاراتقان. بەزى مۇپەسسىرلەر:ئاللاھ بىلىشى ۋە كۈزۈتۈپ تۇرۇشىدا بىز بىلەن بىرگە، دېگەن ئۇقۇم بويىچە كۆچمە مەنىسى بىلەن تەپسىر قىلغان.

يەنە بىر مىسال:«ئاللاھ جانسىز نەرسىلەردىن جانلىق نەرسىلەرنى چىقىرىدۇ، جانلىق نەرسىلەردىن جانسىز نەرسىلەرنى چىقىرىدۇ»،(رۇم سۈرىسى، 19-ئايەت) دېگەن بۇ ئايەتمۇ نەچچە خىل قاراش بويىچە ئىزاھلانغان.

(2). سۆز ئومۇملۇق بىلەن خاسلىق ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ. مەسىلەن:«ئاللاھ ئادەمگە بارلىق ئىسىملارنى ئۆگەتتى»(بەقەر سۈرىسى، 31-ئايەت) دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرىدە«ئادەمگە ئۆگتىلگەن ئىسىملار» ھەققىدە تۈرلۈك ئىزاھلار بايان قىلىنغان.

شۇنداقلا، ئۇمۇمىي ھوقۇق بىلەن شەخسى مەنپەئەتلەر بايان قىلىنغان ئايەتلەردىمۇ كۈچلەندۈرۈش مەسىلىسىدە بىر قانچە تۈرلۈك قاراشلار كەلگەن.

(3). ئورتاق سۆز: ئەرەب تىلىدا بىردىن كۆپ مەنىنى ئىپادىلەيدىغان ئورتاق سۆزلەر بار. مۇشۇنداق سۆزلەرنىڭ بىرەرسى قۇرئان كەرىمدە كەلگەندە، ئالىملار مەقسەتنى بەلگىلەشتە تۈرلۈك قاراشتا بولىدۇ، ھەر ئالىمنىڭ تاللىشىغا ئاساسەن ھۆكۈم ئۆزگىرىدۇ. مەسىلەن:«تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۈچ ھەيز ئۆتكۈچە ئىددەت تۇتىدۇ»(بەقەر سۈرىسى، 228- ئايەت)دېگەن ئايەتتىكى «قۇرئى» دېگەن سۆز ئەرەب تىلىدا«پاكلىق ۋە ھەيز» مەنىسى بىلەن كېلىدۇ. شۇ ئاساستا ئالىملار ئارىسىدا ئىككى خىل قاراش بار.

(4). ئايەت- ھەدىستە بۇيرۇق شەكلى كەلگەن بولسا، ۋاجىبلىقنى كۆرسىتەمدۇ؟ ياكى سۈننەتنىمۇ؟ ياكى مۇباھلىقنىمۇ؟.

مەسىلەن:«يەڭلار،ئېچىڭلار»(بەقەر سۈرىسى، 60-ئايەت)دېگەن ئايەتكە ئوخشاش.

يەنە:«ئىھرامدىن چىققان چېغىڭلاردا شىكار قىلساڭلار بولىدۇ»(مائىدە سۈرىسى، 2- ئايەت).دېگەن ئايەتكە ئوخشاش.

(5). چەكلەش شەكلىمۇ بۇيرۇق شەكلىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. يەنى ھاراملىقنى كۆرسىتەمدۇ ياكى مەكرۇھلىقنىمۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش.

ئەرەب تىلىدا بۇيرۇق شەكلى 17 خىل مەقسەتتە كېلىدۇ.چەكلەش شەكلى يەتتە خىل مەقسەتتە كېلىدۇ.

 

يۇقىرىقىلار پەقەتلا ئۇقۇم جەھەتتىن كۈچلۈك ئېھتىماللىققا ئىگە بولغان مىساللاردىن ئىبارەت. دېمەك، ئىدىيە ۋە فىقھى ئىنسانىي ئىجتىھاد(تەتقىقات) بولغانلىقى ئۈچۈن، ئالىملارنىڭ تەبئىيىتىمۇ كۆز قاراش ۋە پەتىۋالاردا ئەكىس ئېتىدۇ. بەزىلەر ئاسانلاشتۇرۇش يولىنى تۇتسا، يەنە بەزىلەر ئېھتىيات قىلىپ تەس يولنى تۇتىدۇ. تەس يولنى تۇتقانلار «ۋاستىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» دېگەن دائىرىنى كېڭەيتىۋېتىدۇ. ئاسانلاشتۇرۇش يولىنى تۇتقانلار- كۈچلۈكرەك كۆز قاراشقا ئاساسەن-رۇخسەت ئىشلارغا كۆپرەك ئېسىلىدۇ.

بۇ ئىش ھۆججەتنىڭ كۈچلۈك ئېھتىماللىققا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن يۈز بېرىدۇ. بولۇپمۇ ھالال-ھارام ئارىسىدا كەڭرى ئورۇن ئالغان «مۇتاشابىھات» (نەچچە خىل ئېھتىماللىققا ئىگە) رايونىدا چوڭراق ئورۇن ئىگىلەيدۇ. رەسۇلۇللاھ:«ھالال ئىشلار ئېنىق، ھارام ئىشلارمۇ ئېنىق. ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئىككى تەرەپكە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىشلار بار. قايسى بىر ئادەم شۈبھىلىنىپ قالغان ئىشنى گۇناھ بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ قىلمىسا، دىنىنى پاڭ تۇتقان بولىدۇ. قايسى بىر ئادەم گۇناھ بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىدا شەكلىك نەرسە بولسىمۇ جۈرئەت قىلغان بولسا، شۈبھىلىك ئىشلارغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن. گۇناھ- مەئسىيەتلەر ئاللاھنىڭ چېگراسى. قايسى بىر ئادەم چېگرا ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرسە، چېگرادىن ھالقىپ ئۆتۈپ كېتىپ قېلىشى مۇمكىن»دېگەنىدى(بۇخارى رىۋايىتى).

بۇ يەردە رەسۇلۇللاھنىڭ شەكلىك ۋە شۈبھىلىك ئىشلارغا جۈرئەت قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرغانلىقى ئېنىق.

 

  1. 3. قانۇن چىقىرىشتا كۈچلۈك ئېھتىماللىققا ئىگە رايون:

 

«ئۇسۇلى فىقھى(دىننى چۈشىنىش ئاساسلىرى) ئالىملىرى» رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدىن كەلگەن ھەدىسلەرنى مۇسۇلماننىڭ ئەمەل قىلىشى ۋاجىپ بولغان قانۇن ۋە كۆرسەتمە ياكى ئادەت، تەجرىبە ۋە خۇسۇسىي يوسۇندا كەلگەن سۈننەتلەر دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىيدۇ.

بەزى ئالىملار ئىككى مەسىلە ئارىلىقىنى پەرقلەندۈرمەي، ھۆكۈم-قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىسى يوق ھەدىسنى قانۇن چىقىرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ قويىدۇ، ياكى ھۆكۈم-قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىدار سۈننەتلەرنى تەجرىبە ۋە ئىجتىھات دائىرىسىگە چىقىرىۋېتىدۇ. كۆپىنچە ئەھۋالدا قانۇن چىقىرىشقا ئالاقىسى يوق ھەدىسنى قانۇن چىقىرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ قويماقتا.

قانۇن چىقىرىش بىلەن ئالاقىسى يوق ھەدىسنى قانۇن چىقىرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ قويغان تېمىلارنىڭ مۇھىملىرى تۆۋەندىكىچە:

(1). رەسۇلۇللاھ ۋەھىي ۋە قانۇن چىقىرىش ئاساسىدا قىلمىغان سىياسى ئىجتىھادى قاراشلار:

رەسۇلۇللاھ بۇ سىياسىي قاراشلىرىنى ئۈممەتنى يېتەكلەش ۋە ئۈممەتنىڭ  ۋاقىتلىق مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىش ئاساسىدا ئىجتىھاد  ۋە تەتقىق قىلىپ چىقارغان قاراشلاردىن ئىبارەت.

مەسىلەن، رەسۇلۇللاھ «ئەھزاب قوشۇنى» مەدىنە شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالغاندا، مەدىنە مۇنەۋۋەر مېۋىلىرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى غەتفان دۆلىتىگە بېرىپ، دۈشمەنلەر ئارىسىدا بۆلۈنۈش پەيدا قىلىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئەنسارىلارنىڭ ئاقساقىلى سەئىد بىن مۇئاز بىلەن سەئىد بىن ئۇبادە بۇ قاراشنى توغرا تاپمىغان. بۇ يەردە رەسۇلۇللاھ بۇ ئىككىيلەننىڭ مەسلىھەتىنى ئاڭلاپ باقماقچى بولغان. دېمەك، مەسلىھەت تەلەپ قىلغانلىق بۇ ئىشنىڭ ۋەھىي ئەمەس، ئىجتىھادى ئىش ئىكەنلىكىگە دەلىل بولالايدۇ.

(2). رەسۇلۇللاھ ھەربى قوماندان سۈپتىدە ئېلىپ بارغان ھەربى تاكتىكا ۋە ئىجتىھادلار:

» بەدرى» جېڭىدە رەسۇلۇللاھ ھۇباب بىن مۇنزىر ئىسىملىك بىر ساھابىنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدا ئەسكەرلەرنى قايتا تەرتىپكە سېلىشتىن ئىبارەت تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان. ھۇباب بىن مۇنزىر رەسۇلۇللاھنىڭ ئەسكەرلەرنى تەرتىپكە سېلىشنىڭ ۋەھىي ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن يۇقىرىقى ئىلتىماسىنى قويغان ئىدى.

(3). سوتقا ئالاقىدار ئىجتىھادى قاراشلار:

رەسۇلۇللاھ كىشىلەر ئارىسىدا كۆپىنچە ئىجتىھادى قاراشلىرى ئارقىلىق ھۆكۈم چىقىراتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ گەپدان ئادەملەرنىڭ سۆزمەنلىكىگە تايىنىپ، كىشىلەرنىڭ مال-مۈلۈكلىرىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك توغرىسىدا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

(4). رەسۇلۇللاھ ئادەت يولى بويىچە قىلغان ئىشلار:

رەسۇلۇللاھ ۋەھىي ۋە قانۇن ئاساسىدا ئەمەس ئادەت يولى بويىچە قىلغان ئىشلار. ئەگەر دەلىل كەلگەن بولسا بۇ قاراشتىن ئايرىم مۇئامىلە قىلىنىدۇ.

مەسىلەن، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەككە ئالاقىدار كەلگەن ھەدىسلەر «ئۇسۇل فىقھى ئالىملىرى»نىڭ قارىشىچە قانۇن بىلەن ئالاقىسى يوق، ئادەت خاراكتېرلىك ھەدىسلەردىن ئىبارەت. شۇ سەۋەبتىن ئۆرپ-ئادەت (يەنى دىننىڭ پرىنسىپلىرى، ھۆججەتلىرى ۋە شەرئى ئۆلچەملەرگە زىت كەلمەسلىك شەرتى بىلەن) ئۆزگىرىشچان رايوندىكى قانۇن چىقىرىش مەنبەسىنىڭ بىرسىگە ئايلانغان. شۇڭا توغرا ئۆرپ-ئادەت ئېتىبارغا ئىگە، دەپ تونۇلغان.

مەسىلەن، تويلۇقنى بىر قانچىگە بۆلۈپ بېرىش مەسىلىسى، نەخ پۇلنىڭ ئورنىغا چاك بېرىش مەسىلىسى، تور ئارقىلىق سودا قىلىش مەسلىسى ۋە ئېغىر نەرسىلەرنى ساتقۇچىنىڭ يۆتكەپ بېرىشى كېرەكلىكىگە ئوخشاش ئۆرپ-ئادەتلەر.

شۇنداقلا، رەسۇلۇللاھنىڭ «كېلە»نىڭ گوشىغا ئوخشاش مۇئەييەن تاماقنى يېيىشنى خالىماسلىقى مۇشۇ قاتارغا كېرىدۇ. تاماقنى قولىدا ياكى قوشۇق ۋە چوكىدا يېيىشمۇ ئادەت خاراكتېرلىك ئىش. يەرگە سېلىنغان داستىخاندا ياكى ئۈستەل ئۈستىدە يېيىشمۇ ئادەت خاراكتېرلىك ئىشلارنىڭ قاتارىغا كىرىدۇ.

(5). رەسۇلۇللاھدىن مەسلىھەت يولىدا چىققان ھەدىسلەر:

مەسىلەن، رەسۇلۇللاھ «بەرىرە»ئىسىملىك ئايالنىڭ يولدىشى بىلەن ئايرىلىپ كېتىش مەسىلىسىدە، ئۇ ئايالغا يولدىشىغا قايتىش مەسلىھەتىنى بەرگەن. شۇ چاغدا ئۇ ئايال رەسۇلۇللاھقا: بۇ شەرئى ھۆكۈم يەنى قانۇن بولسا قايتاي، بولمىسا ئىرىم بىلەن ياراشقىم يوق دېگەن. رەسۇلۇللاھ: مەن پەقەت سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا چۈشۈپ مەسلىھەت بېرىۋاتىمەن دېگەندە، ئۇ ئايال: مېنىڭ ئېرىمگە قايتقۇم يوق دەپ جاۋاب بەرگەن. (بۇخارى رىۋايىتى).

مانا بۇ بىر بۆلۈك كۈچلۈك ئېھتىماللىققا ئىگە ھەدىسلەر ۋە ئەھكاملارغا كەلسەك، ئالىملارنىڭ كۆپىنچىسى رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ ئىشلارنى قانۇن چىقىرىش تەرىقىسىدە قىلمىغانلىقى بەلكى ئىنسانىي ئىجتىھاد تەرىقىسىدە قىلغان ئىشلاردىن ئىبارەت دەپ قارىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ قائىدىلەر ئاساسىدا كەلگەن ئەھكاملاردا نەچچە خىل كۆز قاراش بولسا ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدىغان دائىرە ئىچىگە كېرىدۇ. بۇ قائىدىلەر ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار دائىرىسىگە كىرمەيدۇ.

 

  1. ھۆججەتلەرنى رېئالىققا تەبىقلاش رايونى:

«(ھۆججەت) بار يەردە ئىجتىھاد قىلىشقا بولمايدۇ» دېگەن سۆزنى مۇتلەق چۈشەنسەك توغرا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇقۇم دائىرىسى كۈچلۈك ئېھتىماللىققا ئىگە بىر قانچە ئورۇنلاردا ھۆججەت بولسىمۇ ئەقىل يەنىلا ئىجتىھات قىلىدۇ. ئەقلى ئىجتىھاد ۋە ئىزدىنىش ھۆججەتنىڭ قەدرىنى چۈشۈرۋەتمەيدۇ. بەلكى رەسۇلۇللاھنىڭ ۋە ساھابىلارنىڭ مېتودىغا ئۇيغۇن ھالەتتە دەۋر تەقەززاسىنى چۈشىنىش، ھۆججەتتىن مەقسەت قىلىنغان مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرلىكتە ھۆججەتنىڭ ئورنىنى كۆتۈرىدۇ، چۈشىنىش ۋە تەتبىقلاشقا ئۇرۇنىدۇ.

شەرىئەتتە كەلگەن كۆپلىگەن ھۆججەتلەر مەلۇم مەقسەت ۋە سەۋەب ئاساسىدا كەلگەن. ئالىملارنىڭ ھۆججەتلەرنىڭ مەقسىتىنى ھېس قىلىشى نىسپى بولىدۇ، ھەممە ئورۇندا بىردەك بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ «ئىللەت ۋە مەقسەت تۈگۈنى»نى بەلگىلىشىگە ئىنسانىي خاراكتېرى، مەرىپەت سەۋىيىسى، شارائىتلىرى ۋە رېئاللىقنى تەتقىق قىلىشى تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ساھابىلارمۇ گەرچە ئالدىدا ھۆججەت تۇرسىمۇ، بىر قانچە مەسىلىلەردە رېئاللىققا تەتبىقلاشتا تۈرلۈك قاراشلاردا بولغان.

مەسىلەن، ئىككىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەر ئاچارچىلىق بولغان يىلى ئوغرلىق قىلىشنىڭ قول كېسىلىش جازاسىنى گەرچە ساھابىلاردا مۇنداق ئىش يۈز بەرمەيدىغان بولسىمۇ، يۈز بېرىش ئېھتىماللىقنى نەزەردە تۇتۇپ ۋاقتىنچە توختاتقان.

شۇنداقلا ھەزرىتى ئۆمەر «قەلبىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش» ئۈچۈن زاكاتتىن بېرىلىدىغان مۇكاپات پۇلىنى ئىللەت يوقالغان ياكى ئۆزگەرگەنلىكى ئۈچۈن گەرچە تەۋبە سۈرىسىدە ئايەت بولسىمۇ توسقان.

دېمەك، ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئىللەت ۋە مەقسەتلەرگە چېتىلغان ئەھكام ۋە تەلىماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆججەتلەرنى ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدىغان دائىرىگە كىرگۈزسەك بولىدۇ. ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدىغان رايوننىڭ كۆرسەتمە ۋە ھۆكۈملىرى مۇقىم بولمايدۇ، بۇ رايوندا ئەقىلنى توڭلىتىش ياكى ئەقىلنى ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىشتىن توسۇش توغرا بولمايدۇ.

ئەلۋەتتە بۇ دائىرىدە ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئىسلام دىنىدا يۇقىرى سەۋىيەدە تەلىم ئالغان كەسپى خادىملار، ئەھلى ئىلىم ۋە مۇتەپەككۇرلارنىڭ ۋەزىپىسى. بولۇپمۇ مۇشۇ ساھەگە زىچ ئالاقىدار بولغان«ئۇسۇلى فىقھى» (يەنى ئىسلامنى چۈشىنىش ئاساسلىرى) دېگەن پەننى ياخشى بىلىشكە باغلىق.