2024-يىل 20-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىككى تەرەپلىمىلىك نۇقتىلارنى ئارىلاشتۇرۋېتىشنىڭ ئاقىۋەتلىرى

ئىسلام ئىدىيەسىدىكى ئىككى تەرەپلىمىلىك نۇقتىلارنى ئارىلاشتۇرۋېتىشنىڭ ئاقىۋەتلىرى

 

بىز يۇقىردا ئىسلامنىڭ «ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار» بىلەن«ئۆزگىرىشچان رايونلار» خەرىتىسىنى بىرلەشتۈرگەنلىكىنى ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ مۇھىم خۇسۇسىيەتلىرى دەپ بىلدۇق. بۇ بىرلىشىشىنىڭ بىرىنچىدىن ئىسلامغا، ئىككىنچىدىن مۇسۇلماننىڭ تەربىيىلىنىشىگە، ئۈچىنچىدىن مۇسۇلمان ئۈممىتىنىڭ پائالىيەتچانلىقىغا، مۇسۇلمانلارنىڭ مۇستەقىل ئالاھىدە سالاھىيىتىنى ساقلاپ تۇرۇپ باشقىلارغا قارىتا ئىشىكنى ئېچىشتىكى سېلىشتۇرمىغا ئىگە بولغانلىقىغا ئاساسەن سىرتقى ئالاقىسىغا كۆپ پايدىسى بار.

«ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار» بىلەن «ئۆزگىرىشچان رايونلار» خەرىتىسىنى ئارىلاشتۇرۋېتىش ياكى پەرق ئىتەلمەسلىك كۆپلىگەن ئىككى تەرەپلىمىلىك مەسىلىلەرگە سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىدۇ، چۈنكى نەتىجە مۇقەددىمىنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ. بۇنىڭ سەلبىي يامان ئاقىۋەتلىرىنى تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلاش مۇمكىن:

  1. 1. «دىن» بىلەن «دىيانەتلىك» بولۇشنى ئارىلاشتۇرۋېتىش:

«دىن»ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشكەن قۇرئان كەرىم ۋە رەسۇلۇللاھ تەرىپىدىن كەلگەن سەھى ھەدىسلەرنىڭ كۆرسەتمىلىرىدىن ئىبارەت. ئەمما «دىيانەتلىك» بولۇش مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلامنى چۈشىنىش ۋە ئىسلامنى رېئال ھاياتتا تەتبىقلاش يولىدىن ئىبارەت.

ئىسلام دىنى ئىلاھى ۋەھىي، دىيانەتلىك بولۇش ئىنساننىڭ دىنىي چۈشەنچىسى. ئىسلام دىنى مۇتلەق توغرا ۋە مۇكەممەللىككە ئىگە، دىيانەتلىك بولۇش نىسپى بولىدۇ. ئىسلام دىنى مۇقىم بولۇپ ئۆزگىرىپ قالمايدۇ، دىيانەتلىك بولۇش مەيلى مۇسۇلمانلارنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىدە بولسۇن ياكى ھەزارەت جەھەتتىكى ئارقىدا قېلىشىدا بولسۇن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.

شۇنىڭغا ئاساسەن، ئىسلام دىنى ھەر دەۋر ۋە ھەر قانداق ئورۇندا تەتبىقلاش زۆرۈر بولغان ئىلاھىي پەرزدۇر. ئەمما دىيانەتلىك بولۇش ئىنساننىڭ نىسپى چۈشەنچىسى ۋە ھەرىكىتىدىن ئىبارەت. دىيانەتلىك بولۇش كۆپلىگەن ياخشى دائىرىلەرگە ئىگە، بىراق دىيانەتلىك ئۇقۇمىدا بەزىدە خاتالىقنىڭ كۆرۈلۈشى مۇمكىن ياكى دىنى چۈشەنچىسى بەزى دەۋر ۋە بەزى ئورۇندا مۇناسىپ بولسىمۇ، باشقا دەۋر ۋە ئورۇندا-بولۇپمۇ دىنى چۈشەنچە مىراسىغا ئۇزۇن مۇددەت ئۆتكەن بولسا-مۇناسىپ كەلمەسلىكى مۇمكىن.

«ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار» بىلەن «ئۆزگىرىشچان رايونلار» خەرىتىسىنى ئارىلاشتۇرۋېتىش بۈگۈنكى كۆپلىگەن ئىسلام دولقۇنلىرىنى «ئۆزگىرىشچان رايونلار» نى مۇسۇلمانلار ھەرگىز بوش قويۇۋەتسە بولمايدىغان ئۆزگەرمەس پرنسىپقا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان. نەتىجىدە كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلارنى زامان ۋە ئورۇننىڭ ئۆزگىرىشىگە رېئايە قىلماستىن پەقەت بۇرۇنقىلارنىڭ ئەقلى بىلەن تەپەككۇر قىلىدىغان، ئۇلارنىڭ قۇلىقى بىلەن ئاڭلايدىغان ۋە ئۆزگىرىشچان رايونلارنى ئۇلارنىڭ كۆزى بىلەن كۆرىدىغان ھالغا يەتكۈزۈپ قويغان.

مانا بۇ «ئۆزگىرىشچان رايونلار» خەرىتىسىگە «ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار» مېتودى بىلەن قارىغانلىقنىڭ نەتىجىسى. مانا بۇلار «قاتمال» ئېقىمدىكى كىشىلەردۇر.

بۇنىڭ ئەكسىچە غەربلىشىپ كەتكەن بىر بۆلەك مۇسۇلمانلار«ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار»غا «ئۆزگىرىشچان رايونلار» خەرىتىسىگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدۇ. بۇ ئېقىمدىكىلەر بىر بۆلەك مۇسۇلمانلارنى غەربچە ناخشا توۋلاشقا، غەربنىڭ مەدەنىيىتىنى مۇقەددەس بىلىشكە چاقىرىدۇ ۋە ھەر قانداق نەرسىنى غەربنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچەيدۇ. بۇلار ئاللاھ ئاتا قىلغان ئەقلىنى ئىستىمال قىلماي ، غەربنىڭ ئەقلى بىلەن تەپەككۇر قىلىدىغان، ئۇلارنىڭ كۆزى بىلەن كۆرىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ قۇلىقى بىلەن ئاڭلايدىغان ھالغا كېلىپ قالغان.

مۇشۇ سەۋەبتىن ئىسلام ئۈممىتى دورامچىلىق قىلىپ ئەقلى كۈچىدىن زىيان تارتتى. چۈنكى ھەر ئىككى ئېقىم ئەقىل چىراغلىرىنى ئۆچۈرۈپ، رولىنى تارىخى تەقلىدچىلىك ۋە غەرب دۇنياسىنىڭ تەۋەلىكىگە تۇتقۇزۇپ قويغان.

تارىخى تەقلىدچىلىك ۋە غەربكە تەقلىدچىلىك قىلىش يارامسىز، ھەزارەت ئاجىزلىقى ۋە جانسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن سىرت مۇسۇلمانلارنىڭ قېلىپ قالغان كۈچىنى مەزكۇر ئىككى ئېقىم ئارىسىدىكى كۈرەشنىڭ يېقىلغۇسىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. چۈنكى قاتمال ئېقىم ئەنئەنىۋىلىكنى، ئىنكار قىلغۇچى (تانغۇچى) ئېقىم زامانىۋىلىقنى باھانا كۆرسىتىپ «مۇتلەق ھەقىقەت» مەندە ۋە ھەزارەت ئويغىنىش ئاچقۇچلىرى يالغۇز مېنىڭ قولۇمدا دەپ ئويلايدۇ.

ھازىرقى زامان تەقلىدچىلەر «دىن» بىلەن «دىيانەتچىلىك»نى پەرق ئىتەلمەي «ئەقىدە» بىلەن «ئىدىيە»نى «شەرىئەت» بىلەن «فىقھى»نى ئارىلاشتۇرۋەتتى. «ئەقىدە» بىلەن «شەرىئەت»نىڭ مۇقەددەسلىكى«ئىدىيە» بىلەن «فىقھى»غا يۆتكىلىپ قالسا، بۇرۇنقى ئالىملارنىڭ كۆز قاراشلىرىدا تۇرغۇن ھالەت ۋە قېتىپ قېلىش دېگەنلىك بولىدۇ.

«تەقلىدچىلىك» دېگەن ۋەھىيدىكى دەلىلىنى سوراپ ئولتۇرماستىن شەرئى ھۆكۈمنى بىر ئالىمنىڭ چۈشەنچىسىدىن بىلىش دېگەن بولىدۇ.

«ئەگىشىش» دېگەن قۇرئان ياكى سۈننەت ياكى دىننىڭ مەقسەتلىرىدىكى دەلىلىنى بىلىش بىلەن بىرگە بىر ئالىمنىڭ كۆز قارىشى ياكى پەتىۋاسىغا ئەگىشىش دېگەن بولىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا «ئەگەشكۈچى»لەر مېتود بويىچە ماڭغانلار، «تەقلىد قىلغۇچى»لار بىر ئالىمنىڭ كۆز قارىشىنى تۇتۇپ ماڭغۇچىلاردىن ئىبارەت.

 

  1. 2. بىرلىك بىلەن قېلىپلاشتۇرۇشنى ئارىلاشتۇرۋېتىش:

دىنىي چۈشەنچىنىڭ ئازلىقى ۋە رېئاللىقنى چۈشىنىشنىڭ ئاجىزلىقىدىن كېلىپ چىققان ئىدىيە ساۋاتىسىزلىقى كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارنى «ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار» بىلەن«ئۆزگىرىشچان رايونلار»نى ئارىلاشتۇرۋېتىشكە ئېلىپ باردى.

«ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار» بىلەن «ئۆزگىرىشچان رايونلار» ئارىسىدىكى بىرلىشىشىنىڭ ھېكمىتى قايسى بىر مىللەتكە بولسۇن«بىرلىك» ۋە «ئەركىنلىك» تىن ئىبارەت ھەزارەت ئويغىنىشنىڭ ئىككى قانىتىنى تولۇقلاپ بېرىدۇ. بىرلىك «ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار» ئاساسىدا بارلىققا كېلىدۇ، ئەركىنلىك «ئۆزگىرىشچان رايونلار» ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ.

ئارىلاشتۇرۋېتىش قاتمال كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە يۈز بەرسە، كۆپلىگەن «ئۆزگىرىشچان رايونلار» ئۆزگەرمەس رايونلارغا ئايلىنىپ قالىدۇ. دېمەك، ئەقىلگە چەكلىمە قويۇپ، تەپەككۇر قىلىش ۋە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىشىنى چەكلەيدۇ. بىرەرسى تەپەككۇر قىلىپ ئىزدىنىش ئېلىپ بارماقچى بولسا تۆھمەتكە ئۇچرايدۇ. نەتىجىدە ھاياتنى توڭلىتىپ، ئىسلام دىنىنى يېڭلىق ۋە تەرەققىياتنى ئۆزلەشتۈرۈشتىن ئاجىز دىن ھالىتىگە ئەكىلىپ قويىدۇ.

چۈنكى «ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار» مۇسۇلمانلار ئارىسىدا قايسى مىللەت، قايسى مەزھەپ ۋە قايسى ئېقىمدا بولسۇن بىرلىك ئاساسىنى يارىتىپ بېرىدۇ. دېمەك، «ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار»غا سەل قارىغانلىق بىرلىككە سەل قارىغانلىقتۇر. «ئۆزگىرىشچان رايونلار»نىڭ زىيىنىغا «ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار»نى كېڭەيتىش ئەركىنلىكنى بىكار قىلىۋىتىدۇ، ئەركىنلىكنىڭ نەتىجىسى بولغان ھەمكارلىق ئىچىدىكى تۈرلۈك بولۇش، ئىجادىيەت ۋە يېڭلىق يارىتىشتىكى رىقابەتتە خىلمۇ- خىل بولۇشنى چەكلەيدۇ ياكى يوققا چىقىرۋېتىدۇ.

دېمەك، بۇ خىل تۈردىكى بىرلىك مۇسۇلمانلارنى قۇيما قېلىپقا سېلىشقا ئۇرۇنىدۇ. نەتىجىدە بۇ دىننىڭ ئىدىيىۋى، سىياسى، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي چېگرالىرىدىن كۆپ رايونلارنى قوغدىغۇچىسىز تاشلاپ قويىدۇ. چۈنكى بۇ رايونلار تۈرلۈك بولۇش، ئىجادىيەت يارىتىش ۋە پائالىيەتچانلىققا مۇھتاج. ئەركىنلىك بولمىسا ئىلمىي ۋە ئەمەلىي ساھەلەردە نە ئىجادىيەت نە راۋاجلىنىش بولمايدۇ.

كىم «ئۆزگىرىشچان رايونلار» نى مۇسۇلمانلارنى بىرلەشتۈرۈش باھانىسى بىلەن«ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار»غا ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنىدىكەن، ئىنسان جىسمىنىڭ ئەزالىرىنى تۈرلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن بىكار قىلىۋەتكەن ئادەمگە ئوخشايدۇ. ئىنسان جىسمىنىڭ شەكلى، ھەجمى، ۋەزىپىسى ۋە ئورنى ئوخشىمىسىمۇ بىر بىرىنى تولۇقلايدىغان ۋەزىپىنى ئورۇنلايدۇ. تۈرلۈك بولۇش ھەرگىزمۇ بۆلۈنۈشنى ئىپادىلىمەيدۇ.

بۇ خىل ئارىلاشتۇرۋېتىش يەنە بىر تەرەپتىن يوللۇق مۇنازىرە بىلەن يولسىز مۇنازىرە ئارىسىنى ئارىلاشتۇرۋېتىشكە ئېلىپ بارىدۇ. بۇمۇ نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارغا ۋە ئۇقۇشماسلىققا سەۋەب بولىدۇ.

«ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار» بىلەن «ئۆزگىرىشچان رايونلار» ئارىسىنى ئارىلاشتۇرۇېتىش ئىسلام دولقۇنلىرىنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشىگە ۋە پاسسىپلىق ھالەتنى پەيدا قىلىشقا باشلاپ بارىدۇ. چۈنكى «ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار» نى ئۆزگەرتىش مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىك ئاساسىنى يوققا چىقىرىپ، چەكلىنىدىغان بۆلۈنۈشكە سېلىپ قويىدۇ. شۇنداقلا «ئۆزگىرىشچان رايونلار»نى«ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار»غا ئايلاندۇرۇۋېلىش ھاياتنى توڭلىتىشقا، مۇسۇلمانلارنى قۇيما قېلىپقا سېلىشقا، كىشىلەر ئارىسىدىكى يەككە پەرقلەرنى ئىناۋەتسىز قىلىشقا ۋە ئەڭ ياخشىسىنى ئىجات قىلىشقا ئىتتىرىدىغان رىقابەت قانۇنىيىتىنى مۇسادىرە قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ.

دېمەك، بۇ مەسىلە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەزارەت جەھەتتە ئارقىدا قېلىش ۋە تەرەققىيات ئاسمانلىرىدا ئۇچالماسلىقنىڭ سەۋەبىنى روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدۇ. چۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەزارەت ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ قوزغىلىشى بىرلىك ۋە ئەركىنلىكتىن ئىبارەت ئىككى قانات ئاساسىدا ھەرىكەتلىنىدۇ. مانا بۇ تەرەققىيات، گۈللىنىش ۋە زامانىۋىلىشىشنىڭ ئىككى قانىتىنى «ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار» بىلەن «ئۆزگىرىشچان رايونلار» ئارىسىنى ئارىلاشتۇرۋەتكۈچىلەر ئۈزۈپ تاشلىغان. «قاتمال» ئېقىم ئەركىنلىك قانىتىنى ئۈزۈپ تاشلىغان بولسا، ئۆزگەرمەس پرىنسىپلارنى «ئىنكار قىلغۇچىلار» بىرلىك قانىتىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. شۇ سەۋەبتىن مۇسۇلمانلار بۇ زاماندا ھەزارەت(مەدەنىيەت) جەھەتتىن كارۋاننىڭ ئارقىدا تۇرماقتا، ھەزارەت ئويغىنىش ۋە كۆتۈرۈلۈشدىكى پائالىيەتچانلىقتىن ئاجىز ھالەتتە تەسىرلىنىش شەكىللىرىنى جارى قىلدۇرماقتا. ھالبۇكى ھەزارەتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئىدىيىنى ئىسلاھ قىلىشتىن باشلىنىدۇ.

 

  1. 3. ئىجادىيەت بىلەن بىدئەتنى ئارىلاشتۇرۋېتىش:

 

«ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار» بىلەن «ئۆزگىرىشچان رايونلار»نىڭ بىرلىشىشى نەقىل بىلەن ئەقىل ئارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. بىراق ئارىلاشتۇرۋېتىش نەقىل بىلەن ئەقىلنى بىر-بىرىنى تولۇقلاش دائىرىسىدىن چىرىپ كېتىش دائىرىسىگە ئىتتىرىدۇ.

تەقلىدچىلەر ھۆججەتكە ياردەم بىرىمىز دېگەن باھانە بىلەن ئەقىلنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، ئۈشكەللەر بىلەن باغلاپ، ئەنسىرەش ئىچىدە كۈزىتىش مىكروسكوپ ئاستىغا قويىدۇ. شۇ سەۋەبتىن تەقلىدچىلەر: ئىسلام دىنى مۇكەممەل دىن، بۇرۇنقى ئالىملار ھەممە مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ، كېيىنكىلەرگە ھېچ نەرسىنى قويۇپ قويمىغان، ھەممە مەسىلىنىڭ جاۋابىنى بېرىپ بولغان دېگەن باھانە بىلەن يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجادىيەت يارىتىش ئۇرۇنۇشلىرىدىن توسىدۇ. ئەگەر ئەقىل تەپەككۇر قىلىشتا چىڭ تۇرسا«ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار» دائىرىسىدە تەپەككۇر قىلىۋاتقان ئادەم بىلەن «ئۆزگىرىشچان رايونلار» دائىرىسىدە تەپەككۇر قىلىۋاتقان ئادەمنى پەرقلەندۈرمەستىن بىدئەتچى دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار دائىرىسىدە يېڭىلىق يارىتىمەن دېيىش «بىدئەت» سانىلىدۇ، ئۆزگىرىشچان رايونلار خەرىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىش بىدئەت سانالمايدۇ، بەلكى «ئىجادىيەت» ھېسابلىنىدۇ. بىدئەت بىلەن ئىجادىيەت ئارىسىدا زور پەرق بار. بىدئەتچى گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ، ئىجادىيەتچى ساۋاب ئالغۇچى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇ مۇسۇلمان جەمئىيىتىگە رەسۇلۇللاھ (ياخشى ئىش، ياخشى يول) دەپ ئاتىغان نەرسىلەرنى كەشىپ قىلىپ بېرىدۇ.

دىنىي جەھەتتىن بىدئەت پەيدا قىلىش ئاپەتتۇر. دۇنيالىق جەھەتتىن ئىجادىيەت ۋە يېڭىلىق يارىتىش زۆرۈر ۋە ۋاجىبتۇر. توغرا يول تۇتقان ئۈممەت دىنىنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەگىشىپ ماڭىدۇ، دۇنيالىق مەيدانلىرىدا ئىجادىيەت يارىتىدۇ. چۈنكى دىن مۇقىم قىممەتكە ئىگە، ھايات بولسا تەرەققى قىلىپ تۇرىدۇ.

بىدئەت  بىلەن ئىجادىيەتنىڭ ئارىسىدىكى پەرقى:

ئىجادىيەت دېگەن: ئىدىيە، بىلىم- مەرىپەت، تېخنىكا، سانائەت، تەرەققىيات ۋە باشقا ئىشلاردا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەشىپىيات ئىجات قىلىش دېگەنلىك بولىدۇ. يېڭىلىق يارىتىش زامان ۋە ماكان بويى دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ئىجتىمائىي قانۇنىيەتلەرنىڭ قاتارىدىن بولۇپ ئىجادىيەت دەپ ئاتىلىدۇ.

بىدئەت دېگەن: قۇرئان، سۈننەتنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ۋە شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىگە زىت كەلگەن ئىشتىن ئىبارەت.

شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى رېئاللىققا ئاشىدىغان ئىشلار-گەرچە ئۇ توغرىدا ئېنىق ھۆججەت كەلمىسىمۇ ياكى رەسۇلۇللاھ  ۋە ساھابىلەر قىلمىغان بولسىمۇ- بىدئەت سانالمايدۇ. قۇرئان ۋە سۈننەت ياخشى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلى بايان قىلىپ بەرمىدى. دېمەك، ياخشى ئىشلارنىڭ ئىشىكلىرى ھەر زامان ئوچۇق بولىدۇ.

بىر ئىشنى رەسۇلۇللاھ ياكى ساھابىلەر قىلمىغان بولسا، ئۇ ئىش بىدئەت قاتارىدىن ھېسابلانمايدۇ. بىز بۇ يەردە رەسۇلۇللاھ ياكى ساھابىلەر  بۇ ئىشنى قىلدىمۇ ياكى قىلمىدىمۇ دەپ ئولتۇرماي، بەلكى توستىمۇ ياكى توسىمىدىمۇ؟ دەپ تەھلىل قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى شەرىئەت توسقان ئىشلار ئاز، بۇيرۇغان ئىشلار كۆپ. سۇكۇت قىلغان ئىشلارمۇ ئاز ئەمەس.

قۇرئان، سۈننەتتە ئەسلى بار، لېكىن شەكلى ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىگە زىتلاشمايدىغان ئىشلار بولسا بىدئەت سانالمايدۇ. ئىمام شافىئى بىدئەتنى تونۇشتۇرۇپ يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلار ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ دېگەن:

(1). قۇرئان، سۈننەت ياكى ئىجماغا زىت كەلسە، بۇ ئازغۇن بىدئەت سانىلىدۇ.

(2). ياخشى ئىشلار پەيدا قىلىنىپ، يۇقىرىقىلاردىن بىرەرسىگە زىت كەلمىسە چەكلەنمەيدىغان ياخشى ئىش قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ ۋە بىدئەت سانالمايدۇ.

قۇرئان، سۈننەتنىڭ ئېنىق ھۆكمىگە، شەرىئەتنىڭ پرىنسىپلىرى ۋە مەقسەتلىرىگە زىت ئىشلار بىدئەت سانىلىدۇ.

شەرىئەتتە ئېنىق ھۆججەت كەلمىگەن ئىشلار يەتتە تۈرلۈك (پەرز، ۋاجىب، سۈننەت، مۇستەھەب، ھارام، مەكروھ، مۇباھ)شەرئى ھۆكۈمنىڭ بىرسىگە چۈشىدۇ. مەسىلەن، مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق بولغان بىلىم-مەرىپەت، تەجرىبە، تېخنىكا، تەرەققىيات، زامانىۋىلىق، ئادالەت، باراۋەرلىك ۋە ئەركىنلىك مەيدانلىرىدا ئىجادىيەت يارىتىش پەرز قاتارىغا كىرىدۇ. چۈنكى شەرىئەتنىڭ مەقسىتى«مەنپەئەتلىك ئىشلارنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە زىيانلىق ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر».

ئىسلامنىڭ ئۆزگەرمەس پرىنسىپلىرىغا زىتلاشتۇرماستىن تەرەققىيات، ئويغىنىش، گۈللىنىش، ئىزدىنىش، تەتقىقات ۋە تەجرىبە ئېلىپ بېرىش شەرىئەتنىڭ زۆرۈر مەقسەتلىرىنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

مۇجتەھىد ۋە مۇتەپەككۇر دەرىجىسىگە يەتكەن كىشىنىڭ پەتىۋاسى كۆپ سانلىق ئالىملارنىڭ پەتىۋاسىغا زىت كەلسىمۇ بىدئەت سانالمايدۇ، بەلكى ئۇ ئاجىز قاراش ھېسابلىنىدۇ. ئەمما پەتىۋا قۇرئان ياكى سۈننەتتىن ئېنىق ھۆججەتكە ياكى مۇجتەھىد ئالىملار بىرلىككە كەلگەن ئېنىق ئىجماغا زىت كەلگەن بولسا، ئۇ چاغدا خاتالىق ھېسابلىنىدۇ.

مۇجتەھىدلەرنىڭ ئىزدىنىشى ئاساسىدا چىققان قاراشلار گەرچە ئاجىز بولسىمۇ بىدئەت ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى مۇجتەھىد ئالىملار باشقىچە قاراشتىكى مۇجتەھىد مۇتەپەككۇرلارنىڭ قاراشلىرىنى ئاجىز دەپ قارايدۇ، لېكىن بىدئەت ياكى ئازغۇنلۇق دەپ قارىمايدۇ. بىرەر مەزھەپتە ئاجىز قاراشنى تۇتۇپ ماڭغان ئادەمنى ئىنكار قىلمايدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن كۈن ۋە ئاي تۇتۇلۇشتىن باشقا يەر تەۋرەش ۋە قاتتىق بوران چىقىش سەۋەبىدىن ناماز ئوقۇغان بولسا بىدئەتچى ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى ئۇ بەزى بىر بۆلەك مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ-گەرچە دەلىلى ئاجىز بولسىمۇ- نەزىرىدە يوللۇق.

شۇنىڭ ئۈچۈن دىننىڭ ئاساسلىرىنى تەتقىق قىلمىغان ۋە شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى تولۇق بىلمىگەن كىشىلەر بىر ئاز ئوقۇپلا، پالانى ئىمامنىڭ كۆز قارىشى ئايەت ياكى ھەدىسكە قارىشى دەپ ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ.

 

4.زۆرۈر بولغان پايدىلىنىش بىلەن رەت قىلىنىدىغان ئېرىپ كېتىش ئارىسىنى ئارىلاشتۇرۋېتىش:

غەرب دۇنياسى بىلەن قانداق پوزىتسىيىدە بولىمىز دېگەن مەسىلىدە ئىسلام دولقۇنلىرى ئارىسىدا تۈرلۈك قاراشلار مەۋجۇت. مانا بۇمۇ «ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار بىلەن ئۆزگىرىشچان رايونلار»نى ئارىلاشتۇرۋەتكەنلىكنىڭ ئاچچىق نەتىجىسى.

مەسىلەن، تەقلىدچى ئېقىملار يوللۇق ھەزارەت ھەمكارلىقى بىلەن چەكلىنىدىغان مەدەنىيەت ئىدىيە ھۇجۇمى ئارىسىنى ئارىلاشتۇرۋەتكەنلىكنىڭ نەتىجىسىدە غەرب ھەزارىتىدىن پايدىلىنىشنى رەت قىلىدۇ. «ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار»غا سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق نەرسە مەدەنىيەت ۋە ئىدىيە ھۇجۇمىنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ. ئەمما ئۆزگىرىشچان رايونلاردا ئىزدىنىش قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا ھاياتنى تەرەققى قىلدۇرىدىغان ئىشلارغا كەلسەك، بۇ دىنىمىز تەلەپ قىلىدىغان ھەزارەت ھەمكارلىقىنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنى بىلىملىك، تەجرىبىلىك ۋە مۇتەخەسسىس كىشىلەردىن پايدىلىنىشقا بۇيرۇيدۇ. رەسۇلۇللاھ  ۋە ساھابىلەرمۇ ئەرەب، رىم، پارىس ۋە باشقىلاردىكى پايدىلىق بىلىم مەرىپەت ۋە ئىجابىي تەجرىبىلەردىن پايدىلانغان.

يەنە بىر تۈركۈمدىكى مۇسۇلمانلار غەرب ھەزارىتىنى تاسقىماي ۋە ئىلغىماي پايدىلىنىشقا چاقىرماقتا. بۇلار پايدىلىق تەرەپلىرىدىن پايدىلىنىش بىلەن دىنىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىن ئېرىپ كېتىش ئارىسىنى پەرق ئىتەلمەيۋاتىدۇ.

تارىختا بىرەر مىللەتنىڭ باشقىلارنى دوراپ ھەزارەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەنلىكى ئىسپاتلانمىدى. چۈنكى مەدەنىيەت، شارائىت، تەجرىبە ۋە ئۆرپ-ئادەتلەر تۈرلۈك بولۇپ بىر بىرىگە ئوخشىمايدۇ.

ئىسلام دىنى تەپەككۇر ئامىلى بولغان ئەقىلگە چەكلىمە قويمايدۇ ۋە قىسۋالمايدۇ، بەلكى ئەقىلنىڭ بۇ كائىناتتا ھەرىكەتلىنىشنى ۋە نىشانلىق ئىزدىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنى تەپەككۇردىن كېيىن يەنە تەپەككۇر قىلىشقا چاقىرىدۇ، تەپەككۇرنىڭ تۈرلۈك بولىشىنى مەقسەت قىلىدۇ. دېمەك، تەپەككۇر قىلىش ۋە ئىجادىيەت يارىتىش ئىسلامنىڭ ئەڭ مۇھىم تەلەپلىرىنىڭ بىرى.

دۇنيا تارىخىدىكى قايسى بىر ھەزارەت بۈگۈنكى غەرب ھەزارىتى يەتكەن پەللىگە يېتەلمىگەن. غەرب ھەزارىتى ئىلىم-پەن، تېخنىكا ۋە ئىدارە تەرەققىياتىدا يۇقىرى پەللىگە يەتتى. ئىنسانغا ئورۇن ۋە زاماننى قىسقارتىپ بەردى. ئىلگىرىكى سۇلتانلار ئېرىشەلمىگەن راھەت ۋاستىلىرىنى تولۇقلاپ بەردى. غەرب ھەزارىتى ئىنسانىيەت ئەقلىنىڭ نەتىجىسى.

بىز غەرب ھەزارىتى بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا «ئىسلامنىڭ ئۆزگەرمەس پرىنسىپلىرى»نى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، بىلىم-مەرىپەت، تېخنىكا ۋە ئىدارە…ساھەلىرىدە ئۆگىنىشىمىز ۋە پايدىلىنىشىمىز زۆرۈر. ھېكمەت قەيەردە بولسا، مۇسۇلمان شۇ يەردە.  دېمەك، غەرب ھەزارىتىنىڭ ياخشى تەرەپلىرىدىن پايدىلىنىشىمىز، ناچار تەرەپلىرىدىن يىراقلىشىشىمىز لازىم.

كاشىغەرى

***