2024-يىل 25-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىدىيە ساۋاتسىزلىقى

ئىدىيە ساۋاتسىزلىقى

 

مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلامنى خاتا چۈشىنىۋېلىشى «ئۆزگەرمەس رايونلار»بىلەن«ئۆزگىرىشچان رايونلار»نى ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە ئېلىپ بارىدۇ ۋە كۆپلىگەن ئىدىيە ساۋاتسىزلىق ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چۈنكى ئاڭسىز دىيانەتچىلىك كىشىلەرگە پايدىلىق مېۋە بېرەلمەيدىغان سۇسىز دەرەخكە ئوخشايدۇ.

بىر قانچە ئەسىردىن بۇيان مۇسۇلمانلار ئارقىدا قېلىش ۋە ھەزارەت جەھەتتىن چۈشكۈنلىشىش قىيىنچىلىقلىرىغا دۈچ كەلمەكتە. ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىش يىلتىزىنى جىددى ئىزدەنمەكتە. بىر قىسىم مۇتەپەككۇرلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشىنى «ئەقىدە كرىزىسى» دەپ قارىسا، بەزىلەر«ئىدىيە كرىزىسى» دەپ قارىغان. يەنە بىر قىسىم ئالىملار «پىسخىكا كېسىلى» دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر«ئەخلاق كرىزىسى»دەپ قارىدى، يەنە بىر قىسىم ئالىملار «مەنىۋى كرىزىس»دەپ قارىدى.

يۇقىرىقى دىئاگنوزلارنىڭ ھەممىسى ھەزارەت جەھەتتە ئارقىدا قېلىش قىيىنچىلىقىنىڭ يىلتىزىنى تەمسىل قىلىپ بېرىدۇ. مېنىڭچە مۇسۇلمانلارنىڭ كرىزىسى«ئىدىيە كېسىلى»گە يوشۇرۇنغان. كەلگۈسىگە چۈشكۈن دەۋرنىڭ ئىدىيىسى بىلەن كىرىشكە ئۇرۇنۇش بىزنى تېخىمۇ چېكىندۈرۋېتىدۇ، چۈنكى «ئىدىيە» يولنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان كومپاس ياكى ھارۋىنى سۆرەيدىغان تۇلپارنى تەمسىل قىلىدۇ.

ئىسلام دىنى مەيدانغا كەلگەندە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقلىنى يېڭىدىن شەكىللەندۈرۈپ، قۇرئان ۋە ھېكمەت (ھايات پەلسەپىسى) ھەققىدە تەلىم بەردى. مۇسۇلمانلار ھىجرىيە ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئەسىردە ھەزارەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەندە، نۇقسان ئالامەتلىرى كۆرۈنۈشكە باشلىدى. مەزمۇنىدىن بەكرەك شەكىلگە، چۈشەنچىدىن بەكرەك يادلاشقا، چۈشىنىشتىن بەكرەك ئاغزىغا سېلىپ بېرىشكە، ئىزدىنىشتىن بەكرەك رىۋايەت قىلىشقا چۆكۈش ئامىلى كۆرۈنۈشكە باشلىدى. تەپەككۇر، يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەلىم-تەربىيە دائىرىسىنىڭ زىيىنىغا يادلاش، دوراش ۋە ئاغزىغا سېلىپ بېرىش رايونى كېڭىيىشكە باشلىدى. نەتىجىدە مۇسۇلمان ئەقلىنىڭ ئالدىدا ئىزدىنىش دەرۋازىلىرى ۋە تەپەككۇر دېرىزىلىرى تارىيىشقا باشلىدى. كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار تەقلىدچىلىك ۋە ئۆتمۈشنى سۆرەپ يۈرۈش دائىرىسىگە قايتتى، شۇ سەۋەبتىن بىر قىسىم مۇسۇلمانلار ئەقلىي يېڭىلىق ۋە ئىجادىيەت يارىتىشتىن توختىدى.

شۇنداقتىمۇ ھەر ئەسىردە مۇسۇلمانلارنى تەپەككۇر ۋە ئىزدىنىشكە يىتەكلەپ تۇرىدىغان مۇجتەھىد ۋە مۇتەپەككۇر ئالىملار  مەيدانغا كىلىپ تۇردى. مەسىلەن، مۇجتەھىد مۇتەپەككۇر ئالىملارنىڭ قاتارىدىن ئىمام شاتىبى(1194-يىلى ۋاپات بولغان) كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى چۈشەنمەسلىكىنى ھېس قىلىپ، داڭلىق ئىككى كىتاۋى ئارقىلىق نەقىل (ھۆججەتلەر) بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىكى خاتا چۈشەنچە ۋە ئۇسۇللارنى ئېلىپ تاشلىغان. ئىمام شاتىبى «مۇۋاپىقات»ناملىق ئەسىرىدە شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى بىلەن ۋاسىتە چارىلەر ئارىسىنى پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق ئىسلام شەرىئىتىدىكى ئاساسلىق يۆلىنىشنى يورۇتۇپ بەرگەن. مۇتەپەككۇر شاتىبىدىن بىر ئاز ئىلگىرى ئىبنى تەيمىيە كەڭ ئەقىل ۋە چوڭ قەدەم ئالغان، شۇنداقلا شاگىرتى ئىبنى قەييۇم «ئىئلام مۇۋەققىئىن» ناملىق ئەسىرىدە شۇ يۆنىلىشتە ماڭغان.

يېڭى دەۋردە مۇسۇلمانلار تولىمۇ ئارقىدا قالغان. بۇنىڭغا قارىتا بارلىق ئىسلام ئەللىرىدە ئومۇميۈزلۈك ئويغىنىش ھەرىكەتلىرى بارلىققا كېلىپ، تۈرلۈك يۆنىلىشتە قەدەم باسقان. ئىسلام ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ يۆلىنىشلىرىگە قارىغان ئادەم خېلى ئۈمىدكە كېلىدۇ، لېكىن كۆپلىگەن ياشلارنىڭ دىننىڭ مەقسەتلىرىدىكى ئۆلچىمىنى تەتبىقلاشتا بىر قانچە ئەسىر بۇرۇنقى تارىخنىڭ تەسىرى ئايرىلمىغان دىيانەتچىلىك كېسىلىنىڭ يوقالمىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. چۈنكى بۇ ياشلاردىكى دىيانەتچىلىك ئاقىلانىلقتىن بەكرەك ھېسسىياتچانلىق، پروگراممىدىن بەكرەك شوئار، ئەمەل ۋە ئۇتۇقلاردىن كۆپرەك ئارزۇلار بىلەن توشۇپ كەتكەن خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ قالغان.

ئىسلام ئويغىنىش ياشلىرىدا خاتا ئورۇندا ھازىر بولۇش، مۇھىم ئورۇندىن غايىب بولۇش، يۇمشاق ئۇسۇل ئىشلىتىدىغان يەردە قاتتىق، قاتتىق ئۇسۇل ئىشلىتىدىغان يەردە يۇمشاق ئۇسۇل ئىشلىتىش، ئارقىغا سۈرىدىغان ئىشلارنى ئالدىغا قويۇۋېلىش، كىچىك ئىشلارنى چوڭايتىۋېتىش، چوڭقۇرغا چۆكمەي يۈزەكى بولۇشقا ئوخشاش ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئويغىنىش ئۇتۇقلىرىنى ۋەيران قىلىش ئېھتىماللىقى بار ئىدىيە كىرىزىسىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

ساۋاتسىزلىق بىلىمسىزلىكتۇر، ئىدىيە ئەقىلنىڭ ھەرىكىتىدۇر. ئىدىيە ساۋاتسىزلىقى-ھۆججەتلەرنى چۈشىنىش ۋە رېئاللىقنى ئېنىق بىلىشتىكى ئەقىلنىڭ ھەرىكىتىنى ئىشقا سالماسلىق دېگەنلىكتۇر. ئايەت-ھەدىسلەرنى خاتا چۈشىنىش ۋە رېئال ھاياتقا خاتا باھا بېرىش نەتىجىسىدە ھۆججەتلەرنى رېئاللىققا توغرا يول بىلەن تەتبىقلىيالماسلىق، تارماق مەسىلىلەرنى پرىنسىپال ئاساسلارغا ۋە ۋاسىتە چارىلەرنى مەقسەتلەرگە بويسۇندۇرۇپ چۈشىنىشتىن ئاجىزلىق كېلىپ چىقىدۇ.

ئىدىيە ساۋاتسىزلىقى شۇ كىشىنىڭ ئېڭىدا كەڭرى دائىرىلەرنى تارايتىشقا، ئىككى تەرەپلىمىلىك مەسىلىلەرنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە، مۇسۇلماننىڭ ھاياتىدا كۆپلىگەن ئىدىيە ۋە ئىش-ھەرىكەت رايونلىرىنى سىقىشقا سەۋەب بولىدۇ.

 

 

 ئىدىيە ساۋاتسىزلىقنىڭ بەلگىلىرى

 

ئىدىيە ساۋاتسىزلىق ئالامەتلىرى: ئىككى تەرەپلىمىلىك قاراشلارنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش ۋە كۆپلىگەن كەڭرى رايونلارنى تارايتىۋېتىش دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ:

ئىككى تەرەپلىمىلىك قاراشلارنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش 5 تۈرلۈك مەسىلىدە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ:

(1).ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار بىلەن ئۆزگىرىشچان رايونلارنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش.

(2).دۇنيانى گۈللەندۈرۈش بىلەن دۇنياغا ئىبادەت قىلىشنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش.

(3).تەۋەككۇل قىلىش بىلەن سۇسلۇق قىلىشنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش.

(4). پەرز قىلىنغان مەجبۇرىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش بىلەن قوبۇل قىلىنمايدىغان ئاشقۇنلۇقنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش.

(5).ھەزارەت ھەمكارلىقى بىلەن مەدەنىيەت ھۇجۇمىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش.

بۇ ئەسىردە كۆپلىگەن ياشلار ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى ۋە مەرىپەتلىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا شاخچە مەسىلىلەرنى پرىنسىپال ئۇقۇمنىڭ، تارماق مەسىلىنى ئاساسلىق قائىدىلەرنىڭ، ۋاسىتە-چارىلەرنى شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ئاستىغا كىرگۈزۈپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلمىغانلىق سەۋەبىدىن مەرىپەت جەھەتتىن چىرىپ كېتىش ۋە ئىدىيە قالايمىقانچىلىقىغا ئۇچراشتەك ئەھۋاللار يۈز بەرمەكتە. ئىدىيە ساۋاتسىزلىقى كەمتۈك چۈشەنچىنىڭ ئاچچىق نەتىجىسى بولغان كۆپلىگەن كۆرۈنۈشلەر ئېتىلىپ چىقىدىغان بۇلاققا ئايلىنىپ قالدى.

 

(1)

ئىككى تەرەپلىمىلىك قاراشلارنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش

 

1.ئۆزگەرمەس رايونلار بىلەن ئۆزگىرىشچان رايونلارنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش مەسىلىسىنى «ئىسلام ئىدىيىسىدىكى ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار بىلەن ئۆزگىرىشچان رايونلارنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىشنىڭ ئاقىۋەتلىرى» ناملىق ماقالىدا توختالدۇق.

2.دۇنيانى گۈللەندۈرۈش بىلەن دۇنياغا ئىبادەت قىلىشنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش:

ئىنساننى يارىتىشتىكى چوڭ مەقسەتلىرىنىڭ بىرسى دۇنيانى گۈللەندۈرۈش:«ئاللاھ سىلەرنى زېمىندىن ياراتتى ۋە سىلەرنىڭ زېمىننى گۈللەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى»(ھۇد،61-ئايەت). يەنى زېمىننى گۈللەندۈرۈپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى بۇيرۇدى. بىراق بۇ دائىرىنى پەرق ئىتەلمىگەنلەر زاھىدلىق باھانىسى بىلەن دۇنيانى خاراب قىلىشقا چاقىرغان ۋە ھەرىكەت قىلغان.

ئەمەلىيەتتە دۇنيانى ئاۋات قىلىدىغان ئادەم گەرچە مىليارد پۇلغا ئىگە بولسىمۇ، دۇنيا بىلەن ئىسلام كۆرسەتمىسى بويىچە مۇئامىلىدە بولىدۇ. بىراق كىمكى ھالال-ھارامنى ئايرىماستىن دۇنيا لەززەتلىرىگە چۆمۈپ كەتسە،-گەرچە ھېچ نەرسىگە ئىگە بولمىسىمۇ- دۇنياغا ئىبادەت قىلغان بولىدۇ.

دېمەك، زاھىدلىق دۇنيانىڭ زىننىتىنى قولغا كەلتۈرۈشتە كەتكەن ۋاقىتنىڭ ھەجمى بىلەن ياكى توپلىغان مال-دۇنيانىڭ مىقدارى بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ. بەلكى مال-دۇنيا بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا ئىسلام كۆرسەتمىسىگە رېئايە قىلغانلىق مىقدارى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ئەگەر ئىسلام كۆرسەتمىسىگە رېئايە قىلالىسا، دۇنيانى قولىدا باشقۇرالايدۇ، ئەگەر ئىسلام كۆرسەتمىسىگە رېئايە قىلالمىسا، مال-دۇنيا قەلبىنى ئىگىلەپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مال-دۇنياغا ئىبادەت قىلغان بولىدۇ.

مال-دۇنيانى تەرەققى قىلدۇرۇش بىلەن ئىبادەت قىلىش ئارىلىشىپ كېتىپ قالسا، مەيلى زاھىدلىق باھانىسى بىلەن دۇنيادىن ئايرىلغانلار تەرىپىدىن بولسۇن، ياكى ئىسلام كۆرسەتمىسىگە رېئايە قىلماستىن دۇنياغا دۈم چۈشكەنلەر تەرىپىدىن بولسۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتىدا ۋەيرانچىلىق يۈز بېرىدۇ.نەتىجىدە تەبىقە پەرقى شەكىللىنىپ، ئاداۋەت پەيدا قىلىدۇ، توقۇنۇش ئەۋج ئالىدۇ. بۈگۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاش دۇنيانى گۈللەندۈرۈشتىكى ھەرىكەتچانلىقنى يوقىتىۋېتىدۇ.

ھەقىقى زاھىدلىق دېگەن-تاللاش توغرا كېلىپ قالسا- پرىنسىپال قائىدە ۋە يۇقىرى قىممەت-قاراشنى مال دۇنيا ۋە مەنسەپكە ساتماسلىقتىن ئىبارەت. زاھىدلىق مال-دۇنيانىڭ ئازلىقى بىلەن بولمايدۇ، بەلكى قەلبىنىڭ مال-دۇنياغا بېرىلىپ قۇل بولۇپ كەتمەسلىكىدىن بولىدۇ. مال-دۇنيا قەلبىنى ئىگىلىۋالماي قولدا كۆپلەپ تېپىلسا نېمىدېگەن ياخشى نەرسە ھە!. دۇنيانى ياخشى چۈشىنىش دىنغا خىزمەت قىلىشنىڭ قىسقا يولى ھېسابلىنىدۇ.

 

 

3.تەۋەككۇلچىلىك بىلەن سۇسلۇقنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش:

تەۋەككۇلچىلىك: مۇسۇلماننىڭ بارلىق سەۋەبلەرنى«ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن تەسىر كۆرسىتىدۇ»دېگەن ئېتىقادتا ئىشقا سېلىشى دېگەنلىك بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان پايدىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بارلىق سەۋەبلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئۆزىگىلا يۈزلىنىدۇ.

سۇسلۇق قىلىش: سەۋەب-چارىسىنى قىلماي ئاغزىدىكى سۆز ۋە قەلبىدىكى ئېتىقادى ئارقىلىق ئاللاھغا يۆلىنىش دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ مەدەنىيەت ساۋاتسىزلىقنىڭ بىر خىل كۆرۈنۈشى، چۈنكى مەدەنىيەت ساۋاتسىزلىقى شۇ ئادەملەرنى تەقدىرگە تەقدىر بىلەن قارىشى تۇرماستىن، كۆپۈككە ئوخشاش بوشاڭ قىلىپ قويىدۇ. بۇ ئەھۋال ئىنساننى زېمىننى ئاۋات قىلىش، ھاياتنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۈمىد قىلىنىۋاتقان ھەزارەت ئويغىنىشىنى رېئاللىققا ئاشۇرۇشتىن ئولتۇرغۇزۇپ قويىدۇ.

 

  1. پەرز قىلىنغان مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش بىلەن رەت قىلىنىدىغان ئاشقۇنلۇقنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش:

بىر بۆلەك دىيانەتلىك كىشىلەر، دىننىڭ قىممەت-قارىشىغا ئېسىلىشقا دەۋەت قىلىش بىلەن دىننىڭ قىممەت-قارىشىنىڭ تەقەززاسى بويىچە رەت قىلىنىدىغان ئاشقۇنلۇقنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش سەۋەبىدىن ئاسانلىقتىن قىينلىقنى ۋە رۇخسەتتىن قاتتىقلىقنى كۈچلەندۈرۈشكە بېرىپ قالغان. بىر بۆلەكلىرى مەقسەتنىڭ زىيىنىغا شەكىل بىلەن، چوڭ ئىشلارنىڭ ئورنىغا كېچىك ئىشلار بىلەن  ياكى ھېچ بولمىغاندا چوڭ ئىشلارنى كېچىك ئىشلار بىلەن باراۋەر قىلىپ قويۇشقا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن ئاۋارە بولىدىغان باسقۇچقا يەتكەن.

ئۆزىنى ئاقلاش، باشقىلارغا تۆھمەت قىلىش ۋە باشقىلارغا يامان گۇماندا بولۇش سەۋەبىدىن بىر بۆلەك دىيانەتلىك كىشىلەر دەۋەتچىلىكتىن قازىلىققا تەرەققى قىلىپ، ماۋۇ كىشىلەر جەننەت ئەھلى، ئاۋۇ كىشىلەر دوزاخ ئەھلى دەپ ھۆكۈم يۈرگۈزگەن. ئۆزىمىزنىڭ قازى ئەمەس بەلكى دەۋەتچى ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.

 

5.ھەزارەت ھەمكارلىقى بىلەن مەدەنىيەت ۋە ئىدىيە ھۇجۇمىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش:

غەيرى مۇسۇلمانلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىشتا، مەدەنىيەت ساۋاتسىزلىقىغا دۈچ كېلىۋاتقان كىشىلەر شەرىئەت پەرز قىلىۋاتقان ھەزارەت ھەمكارلىقى بىلەن، رەت قىلىنىدىغان مەدەنىيەت ۋە ئىدىيە ھۇجۇمى ئارىسىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش پاتقىقىغا چۈشۈپ قالغان.

ھەزارەت ھەمكارلىقى: گەرچە ئەقىدىسى ۋە مەدەنىيىتى ئىسلام ئەقىدىسى ۋە مەدەنىيىتىگە زىت كېلىدىغان بولسىمۇ، مۇسۇلمانلارغا ئۇرۇش بايرىقى كۆتۈرمەيدىغان جەمئىيەتلەر بىلەن تەڭ ئورتاق ئالاقە ئورنىتىپ؛ مېدىتسىنا، ئىنژېنېرلىق، فىزىكا، خىمىيە ۋە ئاسترونومىيىگە ئوخشاش تەبىئىي پەنلەر ساھەسىدە ھاياتنى ئاسانلاشتۇرغان ۋە كىشىلەرگە راھەت تۇرمۇش يارىتىشتا ھەسسە قوشقان بۇ پەنلەرنىڭ نەتىجىسى بولغان تېخنىكا مەيدانلىرىدىكى پايدىلىق تەرەپلىرىدىن پايدىلىنىش دېگەنلىك بولىدۇ.

بىر بۆلەك مۇسۇلمانلار مۇشۇ ساھەلەردە پايدىلىنىشنى غەربنىڭ مەدەنىيەت ھۇجۇمى دېگەن باھانىدا رەت قىلىدۇ. ھالبۇكى بۇ پايدىلىق ھەزارەت ھەمكارلىقى بىلەن زىيانلىق مەدەنىيەت ۋە ئىدىيە ھۇجۇمىنى پەرقلەندۈرەلمىگەنلىكتىن ئىبارەت.

ھەزارەت ھەمكارلىقى بىلەن مەدەنىيەت ۋە ئىدىيە ھۇجۇمىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش مەسىلىسى سىياسى ئىدىيىگە ئوخشاش ئىجتىمائىي پەنلەردە تېخىمۇ نامايان بولىدۇ. غەربنىڭ دىموگراتىيە تۈزۈلمىسىدە ئەركىنلىك تەرەققى قىلىپ، بۈگۈنكىدەك سايلام ئۇسۇللىرىنى كەشىپ قىلىپ چىقتى. غەربنىڭ سايلام ئۇسۇلى-گەرچە ئەيىب نۇقساندىن خالى بولمىسىمۇ-كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى رېئاللىققا ئاشۇرۇشتا ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنى كۆرسىتىشتە ھازىر بار بولغان ئەڭ ئىلغار چارىلەردىن ئىبارەت. دېمەك، بۇ شەرىئەتنىڭ روھىغا زىت كەلمىگەنىكەن مۇسۇلمانغا نىسبەتەن يۈتتۈرۈپ قويغان ھېكمەتتۇر، چۈنكى ئۇ ئىنسانىي ئورتاقلىققا تەۋە ئىشلارنىڭ قاتارىدىن. غەرب دۇنياسى ئۇزۇن يىللىق قانلىق ئۇرۇش ۋە مول تەجرىبىدىن كېيىن قولغا كەلتۈرگەن سىياسىي تەجرىبە.

دېمەك، (ئىسلام روھىغا زىت كەلمەيدىغان) دىمۇكراتىيە ئۇسۇل-چارىلىرى  ۋە تېخنىكا نەتىجىلىرى ھەزارەت ھەمكارلىقنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ. ئەمما ئىلمانىزىملىق(سىكۇلارىزىم)، ئەخلاقسىزلىق ۋە ئىجتىمائىي پارچىلىنىش-گەرچە ئەركىنلىك شوئارى ئارىسىغا قىسىلىپ كىرسىمۇ- مەدەنىيەت ۋە ئىدىيە ھۇجۇمىنىڭ قاتارىغا كىرىدۇ.