2024-يىل 25-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار بىلەن ئۆزگىرىشچان ساھەلەرنىڭ بىرلىشىش سەۋەبلىرى

ئىسلام ئىدىيەسىدىكى ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار بىلەن ئۆزگىرىشچان ساھەلەرنىڭ بىرلىشىشىنىڭ سەۋەبلىرى

 

بىز ئىلگىرىكى ماقالىلاردا ئىسلام دىنىنىڭ «ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار» بىلەن «ئۆزگىرىشچان رايونلار»نى قۇرۇلمىسىدا ئىنچىكە تەڭپۇڭلۇق بىلەن بىرلەشتۈرگەنلىكىنى تونۇپ يەتتۇق. شۇنداقلا ئىسلامنىڭ خاراكتېرى ئىنساننىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت-سائادىتىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى نىشانلىق ۋەزىپىسىدە مۇشۇنداق بىرلەشتۈرۈشنى تەقەززا قىلىدىغانلىقىنىمۇ ھېس قىلىپ يەتتۇق.

بىز ئىسلام ئىدىيىسىنىڭ خۇسۇسىيىتى توغرىسىدا توختالغاندا، بۇ دىننىڭ ئىنسانىيەتكە كەلگەن ئەڭ ئاخىرقى دىن ئىكەنلىكى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دىننىڭ بارلىق ئىنسانلارغا ئومۇمىيلىقىنى ۋە ھايات ساھەسىنىڭ بارلىق مەيدانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتۇق.

ئىسلام دىنى ھەر دەۋر ۋە ھەر يۇرتتىكى بارلىق ئىنسانلارنىڭ دىنى بولغانىكەن، ئىسلامنىڭ قايسى بىر دەۋردە بولسۇن تەرەققىياتى داۋاملىشىدىغان ۋە ئېلاستىكىلىقى توختاپ قالمايدىغان مەڭگۈلۈك خۇسۇسىيىتىنى بېرىدىغان كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىگە بولىشى چوقۇم. ئىسلامنىڭ بۇ خۇسۇسىيىتى ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار بىلەن ئۆزگىرىشچان رايونلارنى بىرلەشتۈرگەنلىكىدە كۆرنىدۇ. بۇ ھېكمەتتىن ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار پايدىلىنىدۇ. بۇ ھېكمەتنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىدەك:

  1. ئىسلام دىنى قۇرۇلمىسىدا مۇكەممەللىك بىلەن يېڭىلىقنى بىرلەشتۈرگەن:

ئاللاھ تۈرلۈك خاراكتېر، تۈرلۈك ئىدىيە ۋە خىلمۇ-خىل ئۆرپ ئادەتتىكى بارلىق كىشىلەرگە ئىسلام دىنىنى ئەۋەتكەن. بۈگۈن مۇسۇلمانلار يەر شارىدىكى ئىنسانلارنىڭ 25% نى تەشكىل قىلغان ۋە ئىسلام دۇنياسى دەپ ئاتالغان زېمىندا مەركەزلەشكەن.

ئىسلام دىنى مەخلۇقلىرىغا قارىتا مۇتلەق بىلىم-مەرىپەتكە ئىگە ھېكمەت بىلەن قانۇن يولغا قويغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن بىر دىن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دىن ئۆزگەرمەس رايونلار بىلەن ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدىغان رايونلارنى بىرلەشتۈرۈپ كەلگەن.

ئىسلام دىنىنىڭ مۇكەممەللىكى بارلىق خەلقلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك مەدەنىيەتلەرنى تاشلىشىغا ئىتتەرگەن. ماددى تەرەققىياتى خېلى بىر يەرگىچە يەتكەن بەزى مەدەنىيەتلەرمۇ ئىسلامنىڭ مۇكەممەللىكى ئالدىدا مەدەنىيىتىدىن ۋاز كەچكەن.

ئاللاھ قۇرئاندا:«بۈگۈن دىنىڭلارنى مۇكەممەل قىلىپ بەردىم، نېمىتىمنى تولۇق بەردىم، سىلەرگە ئىسلام دىنىنى مەن تاللاپ بەردىم»دەيدۇ(مائىدە، 3-ئايەت).  ئايەت كەرىمىدە ئىشارەت قىلىنغان مۇكەممەللىك بۇ دىننىڭ قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرىدىغان پرىنسىپلار، ئاساسى قائىدىلەر ۋە مەقسەتلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇ دىنغا ئىلگىرى دىنلاردا يۈز بەرگەن بۇرۇلۇش ۋە بۇزۇلۇش ئەھۋاللارنىڭ يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن ئاللاھ بۇ دىننىڭ بىرىنچى مەنبەسى بولغان قۇرئان كەرىمنى ئۆزۈم ساقلايمەن ۋە ئۆزۈم قوغدايمەن دەپ قەسەم قىلغان.

بۇ دىندىكى ئۆزگەرمەس پرىنسىپلارنىڭ مەنبەسى قۇرئان كەرىم:«ساڭا بىز قۇرئاننى ھەممە نەرسىنى (يەنى كىشىلەر مۇھتاج بولىدىغان دىنىي ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى) بايان قىلىپ بېرىدىغان قىلىپ چۈشۈردۇق»(نەھل سۈرىسى، 89- ئايەت). بۇ ئايەتتىكى «ھەممە نەرسە» دېگەندىن مەقسەت پرىنسىپلار، ئاساسى قائىدىلەر، مەقسەتلەر ۋە چوڭ قائىدىلەردىن ئىبارەت.

ئەمما ئىسلام دىنىدىكى ئۆزگىرىشچان رايونلارنىڭ مەنبەسى ئەقىل (ئىجتىھاد)تۇر. ئەقىل تارماق مەسىلىلەرنى پرىنسىپال نۇقتىلار ئۇقۇمى ئاساسىدا، شاخچە مەسىلىلەرنى ئاساسلىق قائىدىلەر ئۇقۇمى ئاساسىدا، ۋاسىتە-چارىلەرنى مەقسەت-غايىلەر ئۇقۇمى ئاساسىدا يەكۈنلەيدۇ. كۈچلۈك ئېھتىماللىققا ئىگە ھۆججەتلەرنى ئۇقۇمى كەسكىن ھۆججەتلەر ئۇقۇمى ئاساسىدا مۇلاھىزە قىلىدۇ. ئىسلام دىنى مۇشۇ ئارقىلىق ھۆججەت بىلەن ئەقىلنى بىرلەشتۈرىدۇ. نەتىجىدە ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق، دۇنيا بىلەن ئاخىرەت ۋە دىن بىلەن ئىلىم-پەننىڭ مۇكەممەللىشىشىدە ئىجابىي ئەكىس ئېتىدۇ.

ئىسلامدىكى«ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار» ئىسلام دىنىغا مۇكەممەللىك ۋە ئۆزلۈك كۈچ ئاتا قىلىدۇ. «ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدىغان رايونلار» تەرەققىيات، گۈللىنىش، تۈرلۈك بولۇش ۋە جەلىپ قىلىش كۈچىنى بېرىدۇ. مۇشۇ ئارقىلىق ئىسلام دىنى يېڭىدىن يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە رىقابەتلەرنى ئۆزلەشتۈرۈشتىن سۈكۈتتە قالمايدۇ. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئىنسانلارنىڭ خاھىشىغا ئاۋازمۇ قاتمايدۇ. چۈنكى ئىسلامنىڭ پرىنسىپلىرى، ئاساسلىرى ۋە مەقسەتلىرىنىڭ مۇقىملىقى مۇسۇلمانلارنىڭ توغرا يولدىن چەتنەپ كەتمەي توغرا يولدا مېڭىشىنى قوغداپ تۇرىدۇ.

ئاللاھ ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار بىلەن ئۆزگىرىشچان مەسىلىلەر ئارقىلىق بۇ دىنغا مۇكەممەللىكىدىن كېلىپ چىققان ئۆزلۈك كۈچ- قۇۋۋىتىنى ئاتا قىلغان. ئىسلامنىڭ مۇكەممەللىكى كىشىلەرنى بۇ دىننىڭ تۈرلۈك مېۋىلەر، گۈللەر، پۇراقلار، تەملەر ۋە رەڭلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن بېغىغا جەلب قىلىدۇ. باغدىكى تۈرلۈك مېۋە، گۈللەر ۋە پۇراقلار ئەۋرىشىملىكى سەۋەبىدىن ئىنسانلارنىڭ يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان ئېھتىياجلىرىغا ئاۋاز قوشالايدۇ.

مۇشۇ سىياقتا ئاللاھ مۇسۇلمان ئۈممىتىگە ئىككى خىسلەت ئاتا قىلغان:

(1).«ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار» ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك خاتالىققا بىرلىشىپ قالماسلىقىدۇر. ئىسلامدىكى «ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار» مۇسۇلمانلارغا ھۆججەتتۇر، مۇسۇلمانلار ئىسلامغا ھۆججەت ئەمەس.

(2). ئۆزگىرىش رايونلىرىدىكى ئىمكانىيەتلەر سەۋەبىدىن ئۆزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرۇش خۇسۇسىيىتى. رەسۇلۇللاھ:«ئاللاھ ھەر يۈز يىلنىڭ بېشىدا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي چۈشەنچىسىنى يېڭىلايدىغان مۇجتەھىد، مۇتەپەككۇرلەرنى ئەۋەتىدۇ» دېگەن(ئەبۇداۋۇد بايان قىلغان).

ھەدىسكە ئاساسەن، مۇسۇلمانلار ھاياتىنىڭ يېڭىلىنىپ تۇرۇشى ۋە تۇرغۇنلۇق ھالەتكە دۈچ كەلمەسلىكى ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزگىرىش رايونىغا تەۋە دىنىي چۈشەنچىسى تەپەككۇر ئاساسىدا يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.

 

  1. مۇسۇلماننىڭ شەخسىيىتىدە يەككە خۇسۇسىيەتلەر بىلەن ئىنسانىي ئورتاقلىق خۇسۇسىيەتلەر بىرلەشكەن:

ئىسلام دىنى تۈرلۈك سۈپەت، ئوخشىمىغان خۇسۇسىيەت ۋە ئورتاق تەقسىماتقا ئىگە بارلىق ئىنسانلارنىڭ دىنى.

ئىنساننىڭ شەخسىيىتى تەڭپۇڭ ۋە ئىجابىي ئۆسۈپ يېتىلىشى، تەسىر بېرىشى، پائالىيەتچانلىق ۋە ھايات شەكىللەندۈرۈشتە ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە سۈپەتلەر بىلەن بەھرىمەن بولىشى ئۈچۈن ئىنساندا قوش يۆلىنىشلىك بىر بۆلەك خۇسۇسىيەتلەر يېتىلىشى كېرەك. ئىنساندىكى قوش يۆلىنىشلىك خۇسۇسىيەتلەر: يەككە ۋە كوللېكتىپ خۇسۇسىيەتلەردىن ئىبارەت.

ئىنسان يەككە خۇسۇسىيىتى ئارقىلىق ئالاھىدە كىملىكى ۋە سالاھىيىتىنى ئوبرازلاشتۇرىدۇ. چۈنكى ھەر بىر ئىنساننىڭ مىليارد ئىنسانلارغا ئوخشىمايدىغان ئاللاھ ئاتا قىلغان خاس بارماق ئىزى بار. شۇنىڭدەك باشقىلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان نىسپى ئىقتىدار ۋە ئىمكانىيەتلەردىن ئىبارەت مەنىۋى شەخسىيىتى ۋە كىملىكىمۇ بار. مۇسۇلمانلارنىڭ مەدەنىيەت، زېمىن، ئۈممەت، تىل، ئۆرپ-ئادەت، قانۇن ۋە پەزىلەتلىك ئەخلاقتىن ئىبارەت خۇسۇسىيىتى بار.

ئىنسان ئىجتىمائىي مەخلۇق بولۇپ، ئىجتىمائىي جەھەتتىن ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە. يەككە ۋە كوللېكتىپ خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بىرلىشىشى ئارقىلىق مۇسۇلمان جەمئىيىتى جەمئىيەتنىڭ ئۆزگەرمەس پرىنسىپلىرىدىن چىقىپ كەتمەي توغرا نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.

چۈنكى«ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار» ئىنساندىكى ئىجتىمائىي تەرەپنى شەكىللەندۈرىدۇ، باشقىلار بىلەن ماسلىشىشتا ئىدىيە تەييارلىقىنى ئۆستۈرىدۇ. ئەمما «ئۆزگىرىشچان رايونلار» ئىقتىدار ۋە ئىمكانىيەتلەرنى كەشىپ قىلىش ئارقىلىق ئىجادىيەت يارىتىش، ئالاھىدىلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە پائالىيەتچان بولۇشتا بەسلىشىش ۋە رىقابەت ھالىتىنى جانلاندۇرىدۇ.

دېمەك، «ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار» بىلەن «ئۆزگىرىشچان رايونلار» ئارىسىدىكى ماسلىشىش شەخسلەرنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ تەرەققى قىلىشىغا كېپىللىك قىلالايدۇ.

 

  1. ئۈممەت قۇرۇلمىسىدا بىرلىك بىلەن ئەركىنلىكنى بىرلەشتۈرگەن:

ئىدىيە ۋە ھەزارەت گۈللىنىش ئالىملىرى: قايسىكى بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىكى ئەڭ مۇھىم شەرتلەرنىڭ «بىرلىك ۋە ئەركىنلىك»تىن ئىبارەت ئىككى شەرت ئىكەنلىكىدە ئىتتىپاقتۇر.

«بىرلىك ۋە ئەركىنلىك» ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئىككى قاناتتىن ئىبارەت. مۇسۇلمانلار مەدەنىيىتىدە بۇ ئىككى قاناتنىڭ بىرلىشىشى «ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار» بىلەن«ئۆزگىرىشچان رايونلار» ئارىسىدا جۈپلىشىش نەتىجىلىرىنىڭ بىرىدۇر.

ئىنسان شەخسى ئېنىرگىيەلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق جەمئىيىتىدە پائالىيەتچان شەخسكە ئايلىنالايدۇ، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە كوللېكتىپ ئېڭىنى ساقلاپ قالالايدۇ. مانا بۇ «ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار» بىلەن«ئۆزگىرىشچان رايونلار»ئارىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ تۇتۇپ ماڭغان ئىسلام تەربىيىسىنىڭ نەتىجىسى. «ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار» شەخسلەرگە قائىدە، پرىنسىپ ۋە مەقسەتلەردە، بولۇپمۇ غەيبى مەسىلىلەر (مېتافىزىكا)دا ھىدايەت خەرىتىسىنى  سىزىپ بېرىدۇ. نەتىجىدە ئىنسان ئەقلى، ئىقتىدارى ۋە ئىمكانىيەتلىرى بىلەن ماددى دۇنياغا ئاتلىنىپ زېمىننى گۈللەندۈرەلەيدۇ.

«ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار» ئىنسانىي ئورتاق قىسمەتلەرنى ئويغىتىش ۋە شەخسلەرنى تەربىيىلەش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس يارىتىپ بېرىدۇ.

چۈنكى سان «نۆل»ھالىتىدە ھەر قانچە كۆپ بولسىمۇ كۈچ قۇۋۋەت ياكى پائالىيەتچانلىق شەكىللەندۈرەلمەيدۇ. «ئۆزگىرىشچان رايونلار» كەڭرى دائىرسى ئارقىلىق ئەقىلنىڭ تەپەككۇر قىلىشى، تەتقىقات ئېلىپ بېرىشى، ئىزدىنىشى ۋە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشىگە؛ تىلنىڭ كۆز قاراشلارنى ئىپادىلىشىگە؛ قەلەمنىڭ يېزىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. مۇشۇنداق مۇھىتتىن گىگانت، ئۇلۇغ ۋە قابىلىيەتلىك زېرەك ئادەملەر يېتىشىپ چىقىدۇ. چۈنكى «ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار»نىڭ يۇقىرى تورۇسى ئۇلار ئۈچۈن ئىدىيىنى بېيىتىدىغان ۋە ھاياتنى يېڭىلايدىغان مۇتەپەككۇر ۋە ئۇلۇغ ئىنسانلارنىڭ يېتىلىشىگە ئاساس ھازىرلاپ بېرىدۇ.

«ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار» بىلەن ئىنتىزاملاشقان «ئەركىنلىك» ۋە شەخسلەرنى قۇيما قېلىپكە سېلىۋالمايدىغان ۋە بېسىم قىلمايدىغان «بىرلىك» ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار بىلەن ئۆزگىرىشچان رايونلارنىڭ جىپسىلاشقانلىقىنىڭ مېۋىسىدىن ئىبارەت. ھەر ئىككىلىسى  مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچلۈك بولىشى ۋە ھەزارەت ساھەسىدە پائالىيەتچان بولۇشقا كېپىللىك قىلالايدۇ.

«ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار» بىلەن «ئۆزگىرىشچان رايونلار»نىڭ خەرىتىسى چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتمەيدىغان «كۈچ قۇۋۋەت»، مۇستەبىتلىك قىلمايدىغان «بىرلىك»، قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلمايدىغان «ئەركىنلىك»، زىتلاشمايدىغان«خىلمۇ-خىللىق» ۋە بۆلۈنمەيدىغان «تۈرلۈك» ھالىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

 

 

 

  1. مۇستەقىللىق بىلەن سىرتقا قارىتا ئېچىلىشنى بىرلەشتۈرگەن:

ئىسلامنىڭ: ئاساسلىرى، مەقسەتلىرى ۋە پرىنسىپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار»غا ئىگە بولىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئالاھىدە مۇستەقىل سالاھىيەت ۋە بىرلىك ئاساسىدىكى دۇنياۋى شەخس ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئىسلامنىڭ ئېلاستىكىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە كەڭرى«ئۆزگىرىشچان رايونلار»غا ئىگە بولغانلىقى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئالاھىدە سالاھىيىتىنىڭ-ئۆزىنى يەككە-يىگانە سانايدىغان نېمىسلار مەدەنىيىتىگە ئوخشاش-باشقىلارنى ۋەيران قىلىدىغان سەۋەبكە ئايلىنىپ قېلىشىغا توسالغۇ بولىدۇ.

ئېلاستىكىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە «ئۆزگىرىشچان رايونلار» باشقا مىللەت ۋە مەدەنىيەتلەر بىلەن ئىجابىي ماسلىشىشقا ئېلىپ بارىدۇ. مەسىلەن، مۇسۇلمان «ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار» خەرىتىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان-بولۇپمۇ مېتافىزىكا-تەسەۋۋۇرىدا مۇتلەق ھەقىقەتكە ئىگە. ئاللاھنىڭ يەككە-يىگانە ئىلاھلىقى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكى، قۇرئاننىڭ بارلىق ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن مۆجىزە كىتاب ئىكەنلىكى ۋە قىيامەت كۈنىنىڭ ھەق ئىكەنلىكى مۇتلەق ھەقىقەت: «ھەقىقەتتىن قالسا، گۇمراھلىقتىن غەيرى نەرسە مەۋجۇت ئەمەس»(يۈنۈس سۈرىسى، 32- ئايەت).

ئەمما دۇنيا ئىشلىرىغا كەلسەك بىلىم-مەرىپەتلەر، تېخنىكا، تەجرىبە، ئىنسانىي ئىدىيە، پىسخولوگىيە بىلىملىرى ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر «ئۆزگىرىشچان رايونلار» خەرىتىسىگە تەۋە. دېمەك، مۇسۇلمانلار بۇ ساھەلەردە مۇتلەق ھەقىقەتكە ئىگە ئەمەس. بۇ ساھەلەردە ھەممە ئىنسانلار ئورتاق.

تەرەققى قىلىش ياكى ئارقىدا قېلىش، مەدەنىيلىشىش ياكى مەدەنىيەتسىزلىك، بىرلىك ياكى ئىتتىپاقسىزلىق، كۈچ- قۇۋۋەت ياكى ئاجىزلىق، پائالىيەتچانلىق ياكى بوشاڭلىقتىن ئىبارەت قانۇنىيەتلەر بىلەن ماسلىشىش مىقدارىغا قارىتا يىللار ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئاللاھنىڭ قانۇنىيەتلىرى جارى بولۇپ تۇرىدۇ.

«ئۆزگىرىشچان رايونلار» خەرىتىسى باشقا مىللەت ۋە مەدەنىيەتلەردىكى ئىجابىي پايدىلىق بولغان ھەر قانداق نەرسىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن نەقىل قىلىش ۋە ھەزارەت جەھەتتىن ھەمكارلىشىش ئىشىكلىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ. مۇسۇلماننىڭ تىلى بۇ ساھەدە رەسۇلۇللاھنىڭ:«ھېكمەت مۇسۇلماننىڭ يۈتتۈرۈپ قويغان مۈلكى»دېگەن ھەدىسىنى ئوقۇپ تۇرىدۇ. مانا بۇ ھەدىس ئىسلامنىڭ باشقا مىللەت ۋە مەدەنىيەتلەردىكى تەجرىبىنى ۋە ئىجابىي تەرەپلىرىنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقى ۋە قەدىرلەيدىغانلىقىنىڭ دەلىلى.

شۇ سەۋەبتىن «ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار» بىلەن «ئۆزگىرىشچان رايونلار»نىڭ جىپسىلاشقانلىقى مۇسۇلمانلارنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىغا ئىجابىي ئەكىس ئېتىدۇ. چۈنكى«ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار»بىرلىكنى بارلىققا كەلتۈرۈشى بىلەن بىرلىكتە، مۇسۇلمانلارنىڭ مۇستەقىل ۋە-گەرچە ئاجىز بولسىمۇ- ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. دېمەك، «ئۆزگىرىشچان رايونلار» ھەزارەت ھەمكارلىقىغا مۇناسىپ شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ.

«ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار» مەدەنىيەت ۋە ئىدىيە ھۇجۇمىنى قوبۇل قىلىشتىن توسۇپ قالىدۇ. «ئۆزگىرىشچان رايونلار» ھەزارەت ھەمكارلىق دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ. مەدەنىيەت ۋە ئىدىيە ھۇجۇمى بىلەن ھەزارەت ھەمكارلىقى ئارىسىدا ئەلۋەتتە زور پەرق بار.

كاشىغەرى