2024-يىل 18-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ھۆججەتلەردىن خالى دائىرىدىكى ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدىغان رايونلار

ھۆججەتلەردىن خالى دائىرىدىكى ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدىغان رايونلار

 

بىز ئىلگىرى قۇرئان كەرىمنىڭ ئىنسانلارغا مۇھىم بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى-تەپسىلاتى بويىچە ئەمەس-بەلكى ئومۇمى شەكلى، پرىنسىپال قائىدىلىرى ۋە چوڭ مەقسەتلىرى ئارقىلىق ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى دەپ ئۆتتۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتنىڭ كۆپلىگەن تارماق ۋە تەپسىلى مەسىلىلىرى ھۆججەتتىن خالى. ھۆججەت كەلمىگەن مەسىلىدە ئەقلى ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىش يوللۇق، بەلكى بۇ تېخى مۇجتەھىد ۋە مۇتەپەككۇرلارغا ۋاجىپ بىر ئىش ھېسابلىنىدۇ.

ھۆججەتلەردىن خالى دائىرىدىكى ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدىغان رايونلار ئالتە تۈرلۈك بولىدۇ:

  1. 1. ئۇسۇل-چارە رايونى:

بىز يۇقىردا «شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى» ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار قاتارىدىن دەپ بايان قىلدۇق. ئىسلام شەرىئىتى ئىنسان ۋە ئۈممەتنىڭ رېئال ھاياتىدا مۇشۇ مەقسەت ۋە غايىلەرنى رېئاللىققا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن. ئىسلام دىنىي مەيدانغا كەلگەندىن تارتىپ تا قىيامەتكە قەدەر زېمىندىكى ھەممە ئورۇن ۋە ھەر زاماندىكى كىشىلەرنىڭ دىنى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەمەلىي رېئاللىققا قارايدىغان بولساق، كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بېرىدىغان ۋاسىتە، ئۇسۇل-چارىلار كۆپ بولۇپ يېڭىلىنىپ تۇرىدىغانلىقى ۋە ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرمەكتە.

ۋاسىتە ۋە ئۇسۇل-چارىلەرنىڭ كۆپلىكىدىن بىر قانچە توم كىتاب يېزىپمۇ ساناپ بولغىلى بولمايدۇ.  30 يىل مابەينىدىكى ئالاقە ۋە قاتناش ۋاستىلىرى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە كۆپ  بولۇپ يىڭلىنىپ تۇرماقتا.

شۇنىڭ ئۈچۈن ھۆججەتلەر ۋاسىتە ۋە ئۇسۇل-چارىلەر توغرىسىدا توختالمىدى، بەلكى ئۇسۇل-چارىلار بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا رېئايە قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە-پرىنسىپلارنى ئوتتۇرغا قويۇپ بەردى. ۋاستە، ئۇسۇل-چارە مەقسەت ۋە غايىنىڭ ھۆكمىنى ئالىدۇ. ھەدىستە كېلىشىچە، بىر ئېغىز سۆز ئىگىسىنى جەھەننەمگە چۈشۈرۈۋەتكەندەك، ۋاستىمۇ سۆز ۋە ئىش ھەرىكەتنى ئىتائەت ياكى گۇناھ ھالىتىگە ئۆزگەرتىشكە ھەسسە قوشىدۇ.

ئاللاھ ئىنساننى سىناش ئۈچۈن كائىناتتىكى نۇرغۇن كۆرۈنۈشلەرنى يارىتىپ بەرگەن بولسا، بۇ سىناقنىڭ بىر قىسمى مەيلى ئىجادىيەت دائىرىسىدە بولسۇن ياكى خىزمەت دائىرىسىدە بولسۇن ۋاسىتە ۋە ئۇسۇل-چارە دائىرىسىگە چېتىلىدۇ. شۇڭا ئاللاھ مۇسۇلمانلارنىڭ « ئاللاھغا ئىبادەت قىلىش ۋە دۇنيانى گۈللەندۈرۈش مەقسەتلىرى»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ بېرىدىغان ۋاسىتە ۋە ئۇسۇل-چارىلەرنى ئىزدەش ۋە تەتقىق قىلىشقا بۇيرۇغان.

قۇرئان كەرىم ۋاسىتە ۋە ئۇسۇل-چارىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ۋاسىتە مەسىلىسىدە شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئېسىلىپ مېڭىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىم: «ياخشىلىق ۋە تەقۋالىق بولسا ھەمكارلىشىڭىلار، يامان ۋە گۇناھ ئىشلار بولسا ھەمكارلاشماڭلار» دېگەن.(مائىدە سۈرىسى، 2- ئايەت).

قۇرئان كەرىمدە قىممەت-قاراشقا بۇيرۇغان ياكى توسقان نۇرغۇن ئايەتلەر بار. بىراق ۋاسىتە ۋە ئۇسۇل-چارە مەسىلىسىنى مۇسۇلماننىڭ ئەقلىگە تاپشۇرغان. مۇسۇلمانلار شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغان ۋە ئىسلامنىڭ ئەخلاقىنى مۇجەسسەملەشتۈرۈشتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىلغار چارىلەرنى ئىجات قىلىشى ۋە تاللىشى لازىم. مەسىلەن، «ئى مۆمىنلەر!جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا ئەزان ئېيتىلسا, ئاللاھنى ياد ئېتىشكە(يەنى جۈمە خۇتبىسنى ئاڭلاشقا ۋە جۈمە نامىزىنى ئادا قىلىشقا) ئالدىراپ بېرىڭلار»(جۈمە سۈرىسى، 9-ئايەت) دېگەن ئايەتكە قارىساق، ناماز «غايە»، ئالدىراش «ۋاسىتە»، غايە بىلەن ۋاستىغا ساۋاب تەڭ بېرىلگەن.

مىسال، قۇرئان كەرىم:«مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرى ئۆز-ئارا مەسلىھەت ۋە كېڭەش ئاساسىدا بولىدۇ»(شۇرا، 38- ئايەت) دېگەن. بىراق كېڭەش ئېلىپ بېرىشنىڭ ۋاسىتىسىنى بەلگىلەپ بەرمىگەن، ئۇنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقلىگە تاپشۇرغان. مۇسۇلمانلار ھەر دەۋردە قىممەت-قاراش ۋە مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، دەپ قارىغان ئىلغار ۋاسىتىلارنى ياكى ئۆزلىرىگە مۇناسىپ كەلگىنىنى تاللىۋالىدۇ. شۇ سەۋەبتىن تۆت خەلىپىنىڭ ھەر بىرىنى سايلاش ۋە تاللاش ئۇسۇلى تۈرلۈك بولغان. خەلىپە تاللاش مەسىلىسىدە ھەممىسى كېڭەشنى تەتبىقلىغان، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلغار رەھبەرلەرنى تاللاش ئەركىنلىكىنى ھۆرمەتلىگەن. چۈنكى «ھەقىقى كېڭەش» ۋاسىتە ۋە ئۇسۇل-چارە ھەر قانچە ئۆزگەرسىمۇ ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنداقلا ۋاسىتىلارنى تاللاش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش مەقسەتنى رېئاللىققا ئاشۇرۇش نىسبىتىنى ئاشۇرىدۇ ۋە ھەممە تەرەپنى رازى قىلىدۇ.

يەنە بىر مىسال، قۇرئان كەرىمىدىكى:«ئاللاھ ئادالەت ۋە ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇيدۇ»(نەھل سۈرىسى، 90-ئايەت) دېگەن ئايەتمۇ، كېڭەشكە ئوخشاشلا، ئادالەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە زۇلۇمغا قارىشى تۇرۇش ۋاستىلىرىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىزدىنىشى ۋە تەتقىقاتىغا قالدۇرۇلغان. شۇ سەۋەبتىن كۆپلىگەن ئۆتكۈر ئالىملار ئىجتىمائىي زۇلۇمدىن ساقلىنىش ۋە سىياسىي زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن غەرب ھەزارىتى تېپىپ چىققان بەزى ۋاسىتىلەردىن پايدىلانساق دۇرۇس بولىدۇ، دېگەن.

قۇرئان كەرىم :«ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن… ياخشى ئىشلارنى قىلىڭلار» (ھەج سۈرىسى،77-ئايەت) دېدى. بىراق ياخشى ئىشلارنى قىلىش يوللىرى ۋە ئۇسۇللىرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجتىھادى ۋە ئىزدىنىشكە قالدۇرۇلدى. مۇسۇلمانلار شەرىئەتنىڭ ئەھكاملىرىنى چۈشىنىش ۋە رېئاللىقنى ئۆزلەشتۈرۈشكە ئۇيغۇن ھالدا ئىزدىنىش ئېلىپ بارىدۇ.

ئىسلام دىنى كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا تەشەببۇس قىلىشتا ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتە ۋە چارىلەرنى ئىجات قىلىشقا چاقىردى. مەسىلەن، رەسۇلۇللاھ:«كىم ئىسلامدا ياخشى مەنپەئەتلىك (ئەلۋەتتە شەرىئەتنىڭ روھى ۋە مەقسىتىگە زىت كەلمەسلىكى كېرەك) ئىشتىن بىرنى يولغا قويسا، ئۇ ئادەمگە يول باشلىغانلىقى ئۈچۈن ساۋاب بولىدۇ ۋە بۇندىن كېيىن كىم مۇشۇ ئىشلارنى داۋاملاشتۇرسا ساۋابى كېمەيمەي ئىجات قىلغان ئادەمگە يېتىپ تۇرىدۇ. كىم ئىسلامدا يامان پاسسىپ ئىشتىن بىرنى يولغا قويسا، ئۇنىڭغا گۇناھ يېزىلىدۇ ۋە كېيىن قىلغانلارنىڭمۇ گۇناھى بۇ ئادەمگە يۈكلىنىدۇ» دېگەن. (مۇسلىم رىۋايىتى).

 

  1. تارماق ۋە شاخچە ئىشلار رايونى:

پرىنسىپال مەسىلە ۋە ئاساسلىق قائىدە ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار قاتارىدىن. تارماق ۋە شاخچە مەسىلىلەر ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدىغان رايونغا تەۋە.

گەرچە بۇ رايون ئۆزگەرمەس پرىنسىپلاردىن ئاجرالمايدىغان بولسىمۇ، ئەقىل تارماق مەسىلىلەرنى ئاساسلىق مەسىلىلەر ئۇقۇمى ئاساسىدا مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرىدىغان ياكى زىياننىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يوسۇندا ئىزدىنىش ئېلىپ بارىدۇ. مانا بۇ مەسىلە، ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتلارنى ئېزىپ كېتىشتىن ساقلايدۇ. «رەت قىلىنىدىغان» ھاۋايى ھەۋەسنىڭ «تەلەپ قىلىنىۋاتقان» ئىدىيىلەر بىلەن ئارىلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

مۇجتەھىد ياكى مۇتەپەككۇر ئالىم ئىزدىنىش رايونلىرىدا پرىنسىپال قاراشلارغا قارىشى كېلىدىغان تارماق مەسىلىلەرنى كۆتۈرۈپ چىقسا بولمايدۇ. تارماق مەسىلە ئەقىلنىڭ نېسىۋىسى، ئۇنداقتا كۆزقاراش نەچچە تۈرلۈك بولىدۇ. بۇ رايوندا بىر قانچە خىل قاراش شەكىللەنسە قوبۇل قىلىنىدۇ. پرىنسىپال ۋە ئاساسلىق مەسىلىدە ھەق بىر بولىدۇ، تارماق ۋە شاخچە مەسىلىلەردە ھەق بىر قانچە بولىدۇ.

 

  1. ئۆرپ-ئادەت رايونى:

ھۆججەتتىن خالى ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدىغان دائىرىدىكى دىننىڭ پرىنسىپال ئاساسلىرى ۋە شەرئى كۆرسەتمىلەر بىلەن قارشىلاشمايدىغان(يەنى مەنپەئەتنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويمايدىغان ياكى زىيان سۆرەپ كەلمەيدىغان) ئۆرپ-ئادەت مۇسۇلمانلارنىڭ ئىدىيىۋى ۋە فىقھى خەرىتىسى ئىچىگە كىرىدۇ. ئۆرپ-ئادەت ئۆزگىرىش دائىرىسىگە تەۋە بولۇپ ئۆزگەرتىشكە بويسۇنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرىقى شەرتكە چۈشكەن ئۆرپ-ئادەت ئىسلام فىقھىسىنىڭ قانۇن- ھۆكۈم چىقىرىش مەنبەلىرىنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

ئۆرپ-ئادەت ئۈستىگە قۇرۇلغان ھۆكۈم ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدۇ. چۈنكى ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدىغان رايوندىكى پەتىۋالار ۋاقىت، ئورۇن، شەخس، شارائىت ۋە ئۆرپ-ئادەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئۆزگىرىدۇ.

ئۆرپ-ئادەت بىر قانچە مەزھەپ ئىچىدە ئەمەس، بەلكى بىر مەزھەپ ئىچىدىمۇ پەتىۋانىڭ ئۆزگىرىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ئىمام شافىئىينىڭ ئىراق ۋە مىسىردىكى پەتىۋاسىغا ئوخشاش.

رىۋايەت قىلىنىشچە، ئىمام ئەھمەدنىڭ بىر ھۆكۈمدە بىر قانچە خىل كۆز-قارىشى بولغان. ئالىملار سەۋەبىنى بايان قىلىپ، ئىمام ئەھمەد پەتىۋاسىدا ئۆرپ-ئادەتكە رېئايە قىلاتتى،دېگەن. مەسىلەن، ھەج مەزگىلىدە پەتىۋا بەرگىلى باشلىغاندا، بىرەر ئادەم مۇئەييەن بىر پەتىۋا سورىغان بولسا، ئۇ ئادەمگە جاۋاب بېرىشتىن ئىلگىرى ئۇ ئادەمنىڭ يۇرتىنى بىلىپ ئاندىن جاۋاب بېرەتتى. ئىككىنچى، ئۈچىنچى ۋە بەشىنچى ئادەم دەل شۇ سوئالنىڭ ئۆزىنى سورىسا، كۆپلىگەن مەسىلىلەردىكى جاۋاب ھەر بىرەيلەنگە بېرىلگەن جاۋابقا ئوخشىمىغان. دېمەك، ئۆرپ-ئادەت بەزى پەتىۋالارنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن.

ھەر بىر يۇرتنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە يۇقىرىقى شەرتكە بىنائەن رېئايە قىلىش مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا تۈرلۈك ۋە خىلمۇ-خىل بولۇشنى قوغداپ كەلگەن ئامىللارنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنى دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنى «پرىنسىپال ۋە ئاساسلىق مەسىلىلەر»دىن باشقا مەسىلىلەردە بىر قېلىپقا سېلىشقا ئۇرۇنمىغان. ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدىغان رايوندىكى مەسىلىلەردە ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتقا ئاساسەن بىر نەچچە خىل قاراشتا بولۇش داۋاملىشىپ كەلگەن. كېيىنچە بەزىلەر پەيدا بولۇپ ئىسلامنى خاتا چۈشىنىۋالغان ۋە «ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدىغان دائىرى»نى توڭلىتىشقا ئۇرۇنغان. ئۇنىڭ ئەكسىچە يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر پەيدا بولۇپ «ئىسلامنىڭ پرىنسىپال ئۆزگەرمەس ئاساسلىرى»نى سۈيۈقلاندۇرۇشقا ئۇرۇنغان.

ئىسلامنىڭ مۇشۇنداق خۇسۇسىيەتلىرى سەۋەبىدىن ئىسلامغا يېڭىدىن كىرگەن ئەللەر ۋە مەملىكەتلەر ئەرەبلەرنىڭ ئادەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ گۈزەل ئۆرپ-ئادەتلىرىنى يوقىتىپ قويمىغان. چۈنكى ئۆرپ-ئادەت مەسىلىسىنىڭ ئىزدىنىش ۋە نەچچە خىل قاراشتا بولۇشقا بويسۇنىدىغان ئىشلارنىڭ قاتارىدىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدى.

ئەسكەرتىش: ئىسلامنىڭ مۇقىم قىممەت-قاراشلىرى بىلەن زىتلىشىدىغان ئۆرپ-ئادەت بولسا دەرھال تاشلاش لازىم.

 

  1. نىسپىي مەنپەئەت ۋە نىسپىي زىيانلىق ئىشلار رايونى:

ھۆججەت ئاساسىدا «ھالال» دەپ كەلگەن ئىشلار ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار رايونىغا تەۋە ھەقىقى مەنپەئەتلەرنىڭ قاتارىدىن، شۇنداقلا «ھارام» دەپ كەلگەن ئىشلار ھەقىقى زىيانلىق ئىشلارنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ.

ھۆججەت يوق رايوندىكى ئىككى تەرەپ ئېھتىماللىقى بار ئىشلاردا، يەنى مەنپەئەت ۋە زىيان نىسپىي بولىدىغان مەسىلىلەر مۇجتەھىد، مۇتەپەككۇر ۋە ئالىملارنىڭ باھالىشىغا بويسۇنىدۇ. ئەگەر مۇجتەھىد ئالىملار بىر مەسىلىدە زىيانلىق تەرىپى كۈچلۈك بولسا «ھارام» دېگەن قاراشقا كېلىدۇ. ئەگەر مەنپەئەت تەرىپى كۈچلۈك بولسا «ھالال» دېگەن قاراشنى كۈچلەندۈرىدۇ. دېمەك، بۇ مەسىلىدە قاراشنىڭ تۈرلۈك بولىشى تەبىئىي ئىش. چۈنكى ھەر بىر ئالىمنىڭ كۆز قارىشى يەنە بىر ئالىمنىڭ ئىزدىنىش مەسىلىلىرىدە ئوخشاش چىقمايدۇ. دېمەك،  ھەر بىر تەتقىقاتچى ۋە ئىزدەنگۈچى ھەر بىر ئالىم ئەجىر دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ.

مەسىلەن، توي قىلىش مەسىلىسىنى مىسال ئالساق، توي قىلىش پرىنسىپ جەھەتتىن دىننىڭ يېرىمى سانىلىدۇ. لېكىن كىشىلەرگە تەتبىقلىغاندا مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش نىسپىتىدىكى ئىنچىكە سېلىشتۇرمىغا ئاساسەن توي قىلىش «پەرز ياكى سۈننەت ياكى مۇباھ ياكى مەكروھ ياكى ھارام»دېگەندىن ئىبارەت بەش خىل ھۆكۈم دائىرىسدە ئايلىنىدۇ.

دېمەك، بۇ رايونمۇ نەق تەييار ھۆكۈم يوق بولغان رايونلارنىڭ بىرسى. بۇ رايوندا مەسىلىگە جاۋاب بېرىشتە سوئال سورىغۇچىنىڭ شارائىتىنى بىلىش لازىم. ئۇنىڭ شارائىتى مۇجتەھىد  ۋە مۇتەپەككۇرنىڭ بېكىتىشىگە ئاساسەن مۇناسىپ ھۆكۈم تۈرىنى چىقىرىپ بېرىدۇ.

بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى ۋە پرىنسىپلىرىغا زىت كېلىدىغان ئىشلاردا مەنپەئەت بولسىمۇ، «قىممىتى يوق ئېتىبارسىز» مەنپەئەت دەپ قارىلىدۇ ۋە رەت قىلىنىدۇ. مەسىلەن:ھاراق، پاھىشە، ئوغرىلۇق، ئىشپىيۇنلۇق، جازانە ۋە قىمارنىڭ مەنپەئەتىگە ئوخشاش.

 

  1. 5. مەلۇمات ۋە تەجرىبىگە ئاساسەن چىقىرىغان ھۆكۈملەر رايونى:

شۇنى بىلىش كېرەككى، ئىسلام دىنى ئىلىم پەننىڭ ھەقىقەتلىرى، ھاياتنىڭ قانۇنىيەتلىرى ۋە ئىنسانلارنىڭ تەجرىبىلىرىدىن كەسكىن ئىسپاتلانغان ئىشلار بىلەن ھەرگىز زىتلاشمايدۇ. كەسكىن دىنىي ھەقىقەت بىلەن كەسكىن ئىلمىي ھەقىقەت ھەرگىز بىر-بىرىگە قارشىلاشمايدۇ. تەكرار-تەكرار تەجرىبىدىن ئۆتكەن ئىلمىي ھەقىقەت دىنىي ھەقىقەتنى قوللايدۇ ۋە كۈچلەندۈرىدۇ.

مۇسۇلمانلارنىڭ قاراشلىرى ۋە پەتىۋالىرى ئىلىم-پەننىڭ نەتىجىلىرىدىن پايدىلىنىدۇ. لېكىن كەسكىن بولمىغان ئېھتىمالى مەلۇماتلار ئۈستىگە قۇرۇلغان مەلۇماتلاردىن ھەزەر قىلىدۇ. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئېھتىمالى مەلۇماتلارنىڭ خاتالىقى ئىسپاتلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن كەسكىن دەرىجىسىگە يەتمىگەن مەلۇمات ۋە تەجرىبىگە قارىتا پەتىۋا بەرمەسلىك ۋە ھۆكۈم ئالماسلىق لازىم.

  1. دۇنيالىق ئىشلار رايونى:

ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىدىغان مەيدانلارنىڭ بىرسى دۇنياۋى ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك رايون. بۇ رايوندا ھۆكۈم ياكى پەتىۋا ئىللەت ۋە سەۋەب بىلەن تەڭ ئايلىنىدۇ. ئىللەت تېپىلسا ھۆكۈم بولىدۇ، ئىللەت يوقالسا ھۆكۈم ئەمەلدىن قالىدۇ. ھۆججەت بىلەن ئالاقىسى يوق (يەنى ھۆججەت كەلمىگەن):خىزمەت، ھۈنەر كەسىپ ۋە كەسپى ساھەلەر دۇنيالىق ئىشلار رايونىدىن ئىبارەت.

بۇ دائىرە «ئەپۇ قىلىش رايونى»دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى «ئەسلىدە ھەممە ئىش مۇباھ ۋە يوللۇق»تۇر. رەسۇلۇللاھ :«ئاللاھ بىر بۆلەك پەرزلەرنى پەرز قىلدى، زايا قىلىۋەتمەڭلار. بىر بۆلەك بەلگىلىمىلەرنى بەلگىلەپ بەردى، ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار. بىر بۆلەك ئىشلارنى ھارام قىلدى، يېقىنلىشىپ قالماڭلار. يەنە بىر بۆلەك ئىشلار ھەققىدە ئۇنتۇپ قالمىغان ھالدا سىلەرگە كۆيۈنۈپ ھېچقانداق بىر نېمە دېمەي سۇكۇت قىلدى، بۇ ئىشلارنىڭ ھۆكمى قانداق بولغىيتى دەپ، ئىزدىنىپ يۈرمەڭلار (مۇباھ ھالىتىدە قېلىۋەرسۇن) دېگەن. (دارى قۇتنى ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان).

يەنە رەسۇلۇللاھ:«دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى سىلەر مەندىن بەكرەك بىلىسىلەر، مەن دىنىڭلارنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى بىلىمەن. ئەگەر مەن سىلەرگە دىننىڭ كۆرسەتمىسى مۇنداق دېسەم، شۇنى تۇتۇپ مېڭىڭلار» دېگەن(مۇسلىم ۋە ئىبنى خۇزەيمە رىۋايىتى)

بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، دۇنيالىق ئىشلاردا: سودا سېتىق ۋە قانۇن-تۈزۈم دېگەندەك قايسى بىر ئىشلارغا دىننىڭ كۆرسەتمىسى ئېنىق كەلگەن بولسا، بۇ ئىش  دىننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ماڭىدۇ، ئەپۇ قىلىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. ئەمدى شەرئى ھۆكۈم ياكى ئېنىق پەتىۋا كەلمىگەن دائىرە «ئەپۇ قىلىش دائىرىسى»گە كىرىدۇ.