2024-يىل 7-ماي

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

پاتىھە سۈرىسى ھەققىدە مۇلاھىزە ۋە تەپەككۇر

پاتىھە سۈرىسى ھەققىدە مۇلاھىزە ۋە  تەپەككۇر

قۇرئان كەرىم ياراتقۇچى ئاللاھدىن ئىنسانغا ئەۋەتىلگەن يوليورۇق بولۇپ، ئىنسانغا نەتىجە قازىنىش يولىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ ۋە نەتىجە قازىنىشقا كېپىل بولالايدىغان يولنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەت بېكەتلىرى توغرىسىدا ئىنسانغا خەۋەر بېرىدىغان ۋە ئىككى دۇنيانىڭ ئالاقىسىنى ئىزاھلاپ بېرىدىغان يول خەرىتىسىدۇر. شۇنداقلا ئىنسانغا ھايات سەپىرىدە لازىم بولىدىغان مۇھىم سوئاللارغا جاۋاب بېرىدىغان كىتابتۇر.

پاتىھە سۈرىسى قۇرئان كەرىمنىڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەسىلەن، ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكى، كامالەتكە ئىگە گۈزەل سۈپەتلەر سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگەنلىكى، قىيامات كۈنى، ئىبادەت ۋە ئىخلاس، ئىبادەتنىڭ كەڭرى ئۇقۇمى، ھاياتنىڭ بارلىق ئىشلىرىدا ئاللاھدىن ياردەم تەلەپ قىلىش، توغرا يولنى تونۇغاندىن كېيىن توغرا يولدىن ئايرىلماسلىق، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ياخشىلارنىڭ يولى ۋە مەدەنىيەتلىرى، ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ قارىشى تۇرغانلار ۋە ھىدايەتنى تاپالماي ئېزىپ كەتكەن ئازغۇن ئېقىملار توغرىسىدا توختالغان.

پاتىھە سۈرىسى قۇرئان كەرىمنىڭ قىسقارتىلمىسى، ئۇ يەتتە ئايەت بولۇپ، ھەر كۈنلۈكى ئىسلامدىكى ئەڭ مۇھىم ئىبادەت بولغان نامازلاردا تەكرار ئوقۇلىدۇ. پاتىھە سۈرىسىنىڭ بىر قانچە نىشانى ۋە ئاچقۇچى بار، بۇ نىشان ۋە ئاچقۇچلار توغرىسىدا بىر ئاز مۇلاھىزە يۈرگۈزىمىز.

  1. بىسمىللاھ ۋە مەۋجۇدىيەت سوئالى:

«ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن»(1-ئايەت)

قايسى بىر ئىنسانىي جەمئىيەت بولسۇن دىن، تىل ۋە تۈرلۈك ھۈنەر- سەنئەتتىن خالى بولغان ئەمەس. بۇلار ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى ئورتاق ئامىللاردۇر. ئىنسان ئۆزى ۋە مەۋجۇدىيەت ھەققىدە ئويلىنىدىغان بىردىن بىر مەخلۇق.ئىنسان ھاياتلىق، ئۆلۈم ۋە ئەتراپىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى بىلگۈسى كېلىدىغان ۋە ھېس قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان مەخلۇقتۇر. ئىنسان پەقەتلا يەپ-ئىچىش بىلەنلا قانائەتلەنمەيدىغان مەخلۇق بولۇپ، يارىتىلىش غايىسى توغرىسىدا ئويلىنىدۇ. ئاتېئىزىمچى بولسىمۇ مەۋجۇت بولۇش سىرىنى بىلگۈسى كېلىدۇ.

پاتىھە سۈرىسىنىڭ بېشىدىكى «ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن»دېگەن ئايەت تاسادىپىيلىقنىڭ، خۇراپاتنىڭ، ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا سورىغان ياراتقۇچىنىڭ ۋە بىلمەيدىكەنمەن دەيدىغان قاراشلارنىڭ قارمۇ- قارشىسىدۇر.

ئەقىللىق سەزگۈر ئىنسان كائىنات بىلەن ئۇچراشقاندا بۇ مەۋجۇدىيەت نەدىن كەلدى؟ قەيەرگە بارىدۇ؟ يوقىلامدۇ ياكى يېڭىلىنامدۇ؟ دېگەن سوئاللارنى بىلگۈسى كېلىدۇ. ئۆزى توغرىسىدا: نېمە ئۈچۈن يارىتىلدىم؟ قەيەرگە كېتىپ بارىمەن؟ مېنىڭ بۇ دۇنيادا يارىتىلىشىمنىڭ مەنىسى بارمۇ ياكى يوقمۇ؟ مەۋجۇدىيەت ئۆزىنى ئۆزى يارىتىۋالدىمۇ ياكى بىر ياراتقۇچى ياراتتىمۇ؟ بۇ مەۋجۇدىيەتنىڭ ماھىيىتى نېمە؟ دېگەنگە ئوخشاش ئەقىل ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرگەن نۇرغۇن سوئاللارنى سورايدۇ. پاتىھە سۈرىسى بۇ سوئاللارغا چوڭقۇر جاۋاب بېرىدۇ.

بىز كۆپىنچە ۋاقىتلاردا «بىسمىللا»دېگەن ئايەتتىن تېز ئۆتۈپ كېتىمىز. بىراق بىز بۇ ئايەتنىڭ چوڭقۇرىغا چۆكىدىغان بولساق، ھايات نەزەرىيىسى توغرىسىدا يەنى كائىناتنىڭ چوڭقۇر كۆز قارىشى ھەققىدە توختىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايمىز. بۇ ئايەت كائىناتنىڭ باشلىنىشى ھەققىدە ۋە ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى ھەققىدە توختالماقتا. بۇ ئايەتنى ئېتىراپ قىلىش ئاللاھنى ئېتىراپ قىلغانلىقتۇر. شۇنداقلا بۇ كائىناتنى پەيدا قىلغان مېھرىبان بىر زاتنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقتۇر. «بىسمىللا» دېيىش ياراتقۇچى زات بىلەن مەخلۇقلار ئارىسىدا تەبىئىي ئالاقىنى شەكىللەندۈرۈپ بېرىدۇ.

«بىسمىللا»دېگەن ئايەت پاتىھە سۈرىسىنىڭ بىر ئايىتىدۇر. «بىسمىللا»دېگەن ئايەت قۇرئان كەرىمنىڭ روھى ۋە كائىناتقا قارىتا ئومۇميۈزلۈك كۆز قارىشىدۇر. ئۇ ئىسلامنىڭ مەرىپەت نەزەرىيىسىنىڭ كىرىش ئېغىزى. چۈنكى مۇسۇلمان كائىناتنى ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇق ھەقىقىتى ۋە مېھرىبانلىق كۆرۈنۈشى ئىچىدە چۈشىنىدۇ. تەبىئەتتىن كائىناتنىڭ سىرلىرىنى چۈشەنگەن مۇسۇلمان»ياراتقۇچى ئەيىب- نۇقساندىن پاكتۇر» دەيدۇ. ئاتىئزىمچىلار بولسا كائىنات سىرلىرىنى كەشىپ قىلسا، تاسادىپىيلىق نېمە دېگەن چوڭ ھە!دەيدۇ. مۇسۇلماننىڭ غايىسى ئېنىق، دىنسىزنىڭ غايىسى ئېنىق ئەمەس. مانا بۇ ئىنساننىڭ ئاقىۋىتى، ئەخلاقى ۋە ئىستىلىنى يېتەكلەپ ماڭىدىغان چوڭ تاللىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىنسان مۇلاھىزە يۈرگۈزگەندە ئىلگىرى بىلمىگەن نۇرغۇن سىرلارنى بىلىپ يېتىدۇ. كائىنات، ھايات ۋە ئىش-ھەرىكەتنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلىنىدىغانلىقى، ئاللاھنىڭ رەھمىتى كەڭرى ۋە مەخلۇقلىرىغا مېھرىبان ئىلاھ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىدۇ.

«مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن» دېگەن ئايەت ئىسلامنىڭ مەرىپەت نەزەرىيىسىنىڭ كىرىش ئېغىزى ۋە جەۋھىرىدۇر. «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن» دېيىش تاسادىپىيلىق نەزەرىيىسىگە كەسكىن رەددىيەدىن ئىبارەت. شۇنداقلا ئاللاھ كائىناتنى يارىتىپ قويۇپ كارى بولماي تاشلىۋەتكەن دەپ قارايدىغان نەزىرىيەنىڭمۇ  قارمۇ- قارىشىدۇر.

«مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن» دېگەن ئايەت ياراتقۇچىنى كەڭرى رەھىمدىللىكى ۋە بارلىق مەخلۇقلارغا ئۇلىشىپ تۇرىدىغان مېھرىبانلىقىغا باغلىغاندا بىزگە بىلىم-مەرىپەت ۋە ھاياتلىقنىڭ ئاچقۇچىنى بېرىدۇ، تەبىئەت دۇنياسىغا نەزەر تاشلاش روھىنى ئاتا قىلىدۇ. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە تەبىئەتتىكى يارىتىلىشنىڭ گۈزەللىكى ۋە ياراتقۇچىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلىش توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەرىپەتكە ۋاسىتە بولىدۇ:«ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھدىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ» (پاتىر سۈرىسى، 28-ئايەت). بۇ ئايەت يەنە بىر تەرەپتىن قارىغاندا كائىنات بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا ئەخلاق ئاچقۇچىنى بېرىدۇ.

دېمەك، بۇ ئايەت يەر شارىنىڭ ئىسلاھ بولىشى ئۈچۈن ئىنسانىيەت كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان مېھرىبانلىق مەدەنىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئاچقۇچتىن ئىبارەت.

 

  1. مېھرىبالىقنى مەركەز قىلغان كائىنات چۈشەنچىسى:

«جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھغا خاستۇر. ئاللاھ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر»(2،3) ئايەت.

«جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھغا خاستۇر.ئاللاھ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر»دېگەن ئايەت كائىنات چۈشەنچىسى بولۇپ، بۇ چۈشەنچىنىڭ مەركىزى مېھرىبانلىقتۇر، ئۇنىڭ ۋىجدان ۋە ئىستىلغا تەسىرى بار.

«بىسىمللاھ»دېگەن ئايەت ياراتقۇچى زات بىلەن مەخلۇق ئارىسىدىكى ئالاقىنى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ ئالاقىنىڭ تېمىسى كەڭرى مېھرىبانلىق ۋە ئۈزۈلمەيدىغان كۆيۈنۈشتۇر. دىنىمىزنىڭ غايىسى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە مېھرىبانلىق قىلىش ۋە كۆيۈنۈشتۇر، پەيغەمبەرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە مۇسۇلمانلارمۇ  ئىنسانىيەت ۋە مەۋجۇدىيەت ئۈچۈن شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر.

«ئاللاھ پۈتۈن ئالەم ۋە بارلىق مەخلۇقلارنىڭ  پەرۋەردىگارىدۇر»دېگەن ئايەتتە ئاللاھ ئۆزىنى بىزگە تونۇشتۇرماقتا. ئاللاھ پەقەتلا ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى بولۇپ قالماستىن، پۈتۈن مەخلۇقلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. پۈتۈن مەخلۇقلارنىڭ پەرۋەردىگارى ۋە ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھ شۇنداق مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك زاتتۇر.

بىز ئىنسان ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھنىڭ مېھرىبانلىقى ۋە كۆيۈنىدىغانلىقىنى چۈشەنسەك، دىنىمىزنىڭ گۈزەللىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ۋە ئۇنىڭغا چاپلىشىپ قالغان خاتا چۈشەنچىلەردىن تازلىغان بولىمىز. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ۋە ئۇ زاتنىڭ ئالەم ئۈچۈن مېھرىبانلىقى تەرەققى قىلغان ئىنسانىيەت ھاياتىنىڭ ئاچقۇچىدۇر.مېھرىبانلىق بولماي مەدەنىيەت ھاسىل بولمايدۇ. كىمنىڭ مەخلۇقلارغا كۆيۈنۈش ۋە مېھرىبانلىق قىلىش بىلەن ئىچى سىقىلىدىكەن مېھرىبانلىق بىلەن قوغدىلىۋاتقان دۇنيانى يېتەكلەشكە سالاھىيىتى توشمايدۇ. ئاللاھنىڭ مەخلۇقلىرىغا قارىتا مېھرىبانلىق چۈشەنچىسىنى ۋە ماھىيىتىنى ئەزالىرىنىڭ ئېڭى ۋە قىلمىشلىرىدا ئۆزلەشتۈرەلىگەن ئۈممەت ئىنسانىيەتنى يېتەكلەشكە سالاھىيىتى توشقان بولىدۇ:«(ئى مۇھەممەد!) سېنى بىز پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق» (ئەنبىيا سۈرىسى، 107-ئايەت). ئەۋزەللىك قۇرۇق دەۋا بىلەن قولغا كەلمەيدۇ، بەلكى قۇرئان كەرىمنى چۈشىنىش، قۇرئان ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلىنىش ۋە قۇرئان كۆرسەتمىسى ئاساسىدىكى ئىستىل بىلەن رېئاللىققا ئاشىدۇ. مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ چۈشەنچىگە قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتىمىز، ئىدىيە تەپەككۇر دائىرىمىزگە قاراپ چىقايلى. بۇ چۈشەنچىنى خاتا ئۇقۇملاردىن تازىلايلى.

رەھىمدىللىك ۋە مېھرىبانلىق قىممەت-قاراش بولۇپ، ئاشكارا جانلىق ئىستىل شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ئەمەلىي ھاياتتا پرىنسىپقا ئايلانمىغان قىممەت- قاراشنىڭ قىممىتى بولمايدۇ، ئىستىلغا ۋە ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەتكە ئايلانمىغان پرىنسىپنىڭمۇ مەنىسى بولمايدۇ.

رەھىمدىللىك ۋە مېھرىبانلىق دىننىڭ ئىنساننى ئىسلاھ قىلىشتىكى رولىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ھەقىقى ئۆلچەم. چۈنكى ئۇ بۇزغۇنچىلىق، قان تۆكۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە توختىتىشقا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. مېھرىبان ۋە كۆيۈمچان ئىنساننى يېتىلدۈرۈش مۇسۇلمانلارنىڭ مەجبۇرىيىتى. بۈگۈنكى مەدەنىيەت ھەر قايسى ساھەلەردە تەرەققى قىلغان بولسىمۇ، مېھرىبانلىقتا نەمۇنە خاراكتېرلىك ئىنساننى يېتىلدۈرۈشتىن ئاجىز ئورۇندا تۇرماقتا.

 

  1. قىيامەت كۈنى ۋە ئىنساننىڭ ئىستىلىنى قائىدىگە سېلىش:

«قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر» (4-ئايەت).

قىيامەت كۈننىڭ ئۇقۇمى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە پائالىيەتچان بولۇش ئۇقۇمىدىن ئىبارەت. يەنى ئىنسان ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى، ئىشلارنى ئۆلچەملىك پۇختا قىلىشى، ئىش-ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا مەسئۇلىيەتچان بولىشى ۋە باشقىلار قەيەرگە باشلىسا كېتىۋېرىدىغان قويغا ئوخشاپ قالماستىن ئىش-ھەرىكەتلىرىدە مۇستەقىللىقىنى ھېس قىلىشى قىيامەت كۈنى ئۇقۇمىغا چېتىشلىقتۇر.

قىيامەت كۈنى ئىنسان ھاياتىدىكى سەپەرنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ھېساب-كىتاب قىلىدىغان كۈن. ئۇ بۇ دۇنيادا زۇلۇمغا ئۇچرىغانلار ئادالەتكە ئېرىشىدىغان ۋە ھوقۇقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلالايدىغان كۈندۇر.

مۇسۇلماننىڭ ئەقلى ياراتقۇچىنىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، بىراق باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش بەزىدە كەمبەغەللىك، زۇلۇم، نادانلىق، كېسەل ۋە ئۇرۇشلار ئۇنى ھەيرانغا سالىدۇ. مانا مۇشۇ  يەردە ھېساب-كىتاب قىلىدىغان قىيامەت كۈنى ئەقىدىسى ئىنسان كۆڭلىدە ئادالەت ئۇقۇمىنى تولۇقلاش ئۈچۈن مۇھىم شەرتتۇر.

قىيامەت كۈنى ئادالەت ۋە مەسئۇلىيەت ئۇقۇمى ئۈچۈن بەك زۆرۈر. ئىنساننىڭ بۇ ھاياتلىقتىكى پۈتۈن ھەرىكەتلىرى ھېساب ئالىدىغان خاتىرىگە خاتىرلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ ھېساب خاتىرىسى ئىنسانغا غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئەۋزەل پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىدۇ. ئىنسان ھەر بىر ياخشىلىقنى قىلسا، ئۇنىڭغا ئون ھەسسە ئەجىر بېرىلىدۇ، ھەر بىر خاتالىقنى سادىر قىلسا پەقەتلا بىر خاتالىقنىڭ گۇناھى ۋە جىنايىتى خاتىرىلىنىدۇ. خاتالىقلىرى تەۋبە قىلسا ئۆچۈرۈلىدۇ، ياخشى ئىش-ھەرىكەتلىرى بىلەن يامان قىلمىشلىرى ئۆچۈرۈلۈپ تۇرىدۇ. قىيامەت كۈنى، ئۇ كۈندىكى ھېساب- كىتاب ئىدىيىسى ئىنسان كۆڭلىدە ئاللاھدىن قورقۇش تۇيغۇسى ۋە ئاللاھ كۆزىتىپ تۇرىدۇ، دېگەن ئاڭنى ھاسىل قىلىدۇ. تولۇق ئىلاھى ئادالەت، ھېسابتىكى ئىلاھى رەھىمدىللىك، ھەر بىر كىشىنىڭ شەخسى مەسئۇلىيەتكە تارتىلىشى ۋە ئۆز-ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرۇش ئەقىدىسى ئارقىلىق دىنغا قارىتا توغرا چۈشەنچە باشلىنىدۇ.

قىيامەت كۈنى ئۇقۇمى ئەقىلنى ۋە تەڭپۇڭلۇقىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرىدىغان  چوڭقۇر ئۇقۇم. قۇرئاندىكى بىرىنچى سۈرە پاتىھە سۈرىسىدە ئاللاھنىڭ مۇتلەق ئادالىتى، ھېساب ئېلىشتىكى رەھمىدىللىكى، ئىنساننىڭ  شەخسى مەسئۇلىيىتى، ئىنساننىڭ ئۆزىنى ۋە ئىستىلىنى باشقۇرۇش ئۇقۇملىرىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپلىمە نۇقتىنى يىلتېزلاشتۇرىدۇ. بىز ئۆزىمىزدىن سوراپ باقايلى: قىيامەت كۈنى ئۇقۇمىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى قانچىلىك چۈشەندۇق؟ ئاللاھ بىلەن، كائىنات بىلەن ۋە ئىنسان بىلەن بولغان ئالاقىمىزدە بۇ ئاڭ يوق بولۇپ قالسا  ئەخلاقى جەھەتتىن ھاياتىمىز، ئىستىلىمىز ۋە ئالاقىمىزغا قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ بۇنى سوراپ كۆرۈشىمىز كېرەك.

  1. 4. «ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز»(5-ئايەت).

«ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز»ئىبادەت دېگەن ئايەت گۈزەل ھايات بەربا قىلالايدىغان ۋە يارىتالايدىغان مەقسەتلىك ئىش-ھەرىكەتتۇر.

پاتىھە سۈرىسى يۇقىرىدا مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك ياراتقۇچى ئاللاھ ۋە قىيامەت كۈنى ھەققىدە توختالدى. ئەمدى ئۈچىنچى قىلىپ ئىنسان ۋە مەقسەتلىك ئىش- ھەرىكەت ھەققىدە توختالماقتا.

يېقىنقى بىر قانچە ئەسىردىن بۇيان باشقا مىللەتلەر ئىشلارنى پۇختا قىلىپ سانائەت، يېزا-ئىگىلىك ۋە ئىنتىزام ئىشلىرىدا ئىجادىيەت ياراتماقتا. بىز بولساق باشقىلارغا گاداي بولۇپ بولۇپ تۇرۇپتىمىز. بۇنىڭ ھالقىلىق سەۋەبى مۇسۇلمان ئىنساننىڭ قۇرئان كەرىمگە قارىتا ئاڭ قۇرۇلمىسىغا چېتىشلىقتۇر. قۇرئان كەرىمنىڭ ئاڭ قۇرۇلمىسىغا قارايدىغان بولساق، ئىنساننىڭ زېمىندىكى ۋەزىپىسىنى ئىبادەت، ئىبادەتنىڭ جەۋھىرى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن كائىناتنى گۈللەندۈرۈشتۇر. كائىناتنى ئاللاھنى ئەسلەش ۋە ياخشى ئىش-ھەرىكەتلەر بىلەن تولدۇرۇش ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش لازىم، مانا بۇ ئىبادەتنىڭ مەنىسى. ئىبادەت دېگەن ئاللاھنى ئەسلەش ۋە پۇختا ئىش قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى يۈزلۈك پۇلغا ئوخشايدۇ. بۈگۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقلى قۇرۇلمىسىغا قارىساق، ئىبادەت ئۇقۇمى كائىناتنى گۈللەندۈرۈش ئۇقۇمىدىن ئايرىلىپ قالغان.

ئىسلامدىكى ئىبادەت ئۇقۇمى پەقەتلا ناماز، زاكات، روزا ۋە ھەج بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. بۇلار شوئار خاراكتېرلىك ئىبادەتنىڭ ئاساسلىق بىر قىسمىدۇر. ھايات، يول ۋە ئىستىل شەكىللەندۈرىدىغان نەرسىلەرمۇ ئىبادەت دەپ ئاتىلىدۇ. ئىبادەت دېگەن ئومۇمى ئۇقۇمى بىلەن ئېلىپ ئېيتقاندا ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان بارلىق ئاشكارا-يوشۇرۇن سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلەردىن ئىبارەت:«(ئى مۇھەممەد!)ئېيتقىنكى،«مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم(دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرىم ۋە تائەت ئىبادەتلىرىم) ۋە ماماتىم(ھەقىقەت يولىدا ئۆلۈپ كىتىشىممۇ)ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر»(ئەنئام سۈرىسى،162-ئايەت). ھاياتنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇميۈزلۈك ئىبادەت ئۇقۇمى يوقالغاندا زاۋۇت، يېزا-ئىگىلىك، سانائەت، سودا-سېتىق، ئۇنۋېرسىتېت ۋە تەتقىقات مەركەزلىرى…دىكى پائالىيەت يوقىلىدۇ ياكى قۇرئان كەرىم بۇيرۇغان ئومۇمى ئۇقۇمى بىلەن ئىبادەتنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلىدۇ.

بۈگۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتقا ئالاقىدار سانائەتلىرىدىن غايىب بولۇشنىڭ سەۋەبى قۇرئان كەرىمدىكى چوڭ چۈشەنچىلەردىن چەتنەپ كەتكەنلىكتۇر. قۇرئاندىكى بۈيۈك ئۇقۇملارنىڭ بىرى ئىبادەت ئۇقۇمىدۇر. بۇ ئۇقۇمنىڭ ھاياتتىكى دائىرىسىنى خاتا چۈشەنچىلەر تارايتىپ قويغان ھەم قويماقتا. ئىبادەتنى زېمىننى گۈللەندۈرۈش، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق، ناھەقچىلىق ۋە بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلارغا قارىشى تۇرۇش ئۇقۇمىدىن ئايرىپ تاشلىغان. زېمىننى گۈللەندۈرۈش سانائىتىنى باشقا مىللەتلەرگە تاشلاپ بەرگەن.

خىزمەت ئۇقۇمى تەرەققى قىلغان مىللەتلەردە ئىشلارنى پۇختا قىلىش ئىش- ھەرىكەتنىڭ تېمىسغا ئايلانغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ھايات سانائەتلىرىدە ئۇتۇق قازانغان، بىز بولساق باشقا مىللەتلەرنىڭ ئارقىدا قالدۇق، نەتىجىدە ئۆزىمىزگە مەنپەئەت يەتكۈزەلمەيدىغان ياكى دۈشمەنگە زەربە بېرەلمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدۇق. بىز ھاياتلىققا قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە توغرا قاراشتا بولماي ھاياتلىقنى مەنىسىدىن ۋە ئىنسانىي ئىش-ھەرىكەتلەردىنمۇ قۇرۇقداپ قويدۇق. چۈنكى ئىبادەت ئۇقۇمىنى خاتا چۈشىنىۋالغان مۇسۇلمان سانائەت، يېزا-ئىگىلىك ۋە ئىلمىي كەشپىياتلارنى ئىبادەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئوقۇم ۋە چۈشەنچىلىرى قاتارىدىن كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغان. بولمىسا يۇقىرىقى ئىشلار كائىناتنى ئىسلاھ قىلىش ۋە بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئالدىنقى ئورۇندا تۇراتتى. ئىبادەت ئۇقۇمى ئومۇميۈزلۈك چۈشەنچىسى بىلەن توغرا چۈشىنىلمىسە مۇسۇلمانلار مەدەنىيەت تراگېدىيەسىدىن قۇتۇلالمايدۇ. ئىدىيە، ئاڭ ۋە خىتابلىرىمىزدا ئىبادەت ئۇقۇمى ئەسلىگە كەلمەيدىكەن ئىنسان دۇنيا-ئاخىرەتتە ئىرادە ۋە ئۈمىد قىلىۋاتقان تەرەققىيات ۋە  خاتىرجەم گۈزەل ھاياتتىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ.

ئىبادەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىندىغان ئىش-ھەرىكەت، ئىبادەتتىن پەقەتلا ئىنسان پايدىلىنىدۇ، ئاللاھنىڭ ئىبادەتكە ئېھتىياجى يوق. ئىنسان تەپەككۇر قىلالايدىغان مەخلۇق بولۇپ، ماددى سەۋەب-چارىلەر دۇنياسىدا ئىزدىنىدۇ ۋە ئىجرا قىلالايدۇ، شۇڭا زېمىننى گۈللەندۈرۈش ۋە بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنساننىڭ گەدىنىگە چۈشكەن ۋەزىپىدۇر. مەغلۇپ بولۇشتىن ئەنسىرەپ تۇرغان ئاجىز ئىنسان ياردەمچى  ۋە خاتىرجەم قىلغۇچى ئامىللارغا مۇھتاج بولىدۇ. ۋەزىپىسى بىلەن ئىقتىدارى ئارىسىدىكى بوشلۇقنى ئېتىدىغان ئىمانغا مۇھتاج بولىدۇ. ئاللاھ مۆمىنلەرگە مەنىۋى ۋە نەپسى ياردەم شەكىللىرىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە:«سەۋر قىلىش, ناماز ئوقۇش ئارقىلىق(ئاللاھدىن)ياردەم تىلەڭلار. ناماز ئاللاھدىن قورققۇچىلار(يەنى كەمتەرلىك بىلەن ئاللاھغا بويسۇنغۇچىلار)دىن باشقىلارغا ھەقىقەتەن مۇشەققەتلىك ئىشتۇر» (بەقەرە سۈرىسى، 45-ئايەت). دېمەك، ياردەم تىلەش مەقسەتلىك ئىبادەتكە چېتىلىدۇ. ئىبادەت ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن ھاياتنى ئىسلاھ قىلىش بولسا، ئومۇمىي ئۇقۇمى بىلەن ئېلىپ ئېيتقاندا ھاياتنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنى ئىنتىزامغا سالىدۇ. شۇڭا ئىنسانغا يۈكلەنگەن ۋەزىپە ئېغىر، ئىنسان بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىشتا چوڭ ياردەمگە مۇھتاج. چوڭ ياردەمگە ئېرىشىشتە ئاللاھدىن باشقا كىمدىن ياردەم تىلىگىلى بولسۇن؟!

دېمەك، ئىبادەت دېگەن: مەسچىتنىڭ مېھرابىدا ۋە ھايات كەچۈرۈش مېھرابىدا بولىدۇ. ئىبادەت دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىش-ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

5.«توغرا يول»دېگەن ياخشى-ئىش ھەرىكەتلەرنى قىلىشتىن ئىبارەت:

«بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن. غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا(باشلىغىن)» (6-7- ئايەتلەر).

توغرا يول دېگەن ياخشى ئىشلارنى قىلىش يولى دېمەكتۇر. توغرا يول ماڭغۇچىلار بىلەن تونۇلىدۇ، توغرا يولدا ماڭغانلارنى تونۇماي تۇرۇپ ئىنسان ساغلام كومپاسقا ئىگە بولالمايدۇ. قۇرئان كەرىم توغرا يولدا ماڭغان ئەر ۋە ئاياللارنىڭ مىسال ۋە كۆرۈنۈشلىرى بىلەن توشۇپ كەتكەن. توغرا يولدا ماڭغانلار ئىككى خىل سۈرەت بىلەن كۆرۈنىدۇ.

بىرىنچى:توغرا يولدا ماڭغانلار ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقانلار بولۇپ،  ئىبادەتلىرى ئارقىلىق ئاللاھقا باغلانغانلاردۇر.

ئىككىنچى: زېمىننى ماددى جەھەتتىن گۈللەندۈرۈشتە ھەسسە قوشقۇچىلار. بۇ تەرەپ بۈگۈنكى مۇسۇلمانلاردا كەم بولۇپ، باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا ئىشلەپچىقىرىش ۋە پائالىيەتچانلىقى تۆۋەن ئورۇندا تۇرماقتا.

ھىدايەتنىڭ رېئاللىققا چىقىشى ئۈچۈن ئىككى تۈرلۈك ئىش كېرەك:

بىرىنچىسى: توغرا كۆز قاراشنى بىلىش، يەنى بۇ مەسىلىدە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى نېمىنى مەقسەت قىلىدۇ؟ بۇ مەسىلىدىكى ئەڭ توغرا كۆز قاراش قايسى؟ ئىكەنلىكىنى بىلىش،

‏ئىككىنچىسى: كۈچلۈك ئىمان ئاساسىدا مۇشۇ توغرا كۆز قاراشنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە ئەمەل قىلىش.

‏ئىنسان« بىزنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلسىلا» دېگەندە، پەرۋەردىگارىدىن: ئىي پەرۋەردىگارىمىز ھايات ئىشلىرىمىزدا بىزگە سىللى رازى بولىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى كۆرسىتىپ قويسىلا، ئاندىن كۈچ قۇۋۋەت ئاتا قىلسىلا ۋە ياردەم بەرسىلە، دەپ تىلەيدۇ.

 

 

  1. مىسال كەلتۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى:

قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، زېمىننى گۈللەندۈرۈشكە ھەسسە قوشقۇچىلاردىن ئۆرنەك:

ئادەم ۋە ھاۋا ئىنسان تۈرىنى ساقلاپ قېلىشقا ھەسسە قوشقان.

ھابىل قان تۆكۈشتىن ساقلانغان.

نۇھ  ئەلەيھىسسالام كىمە ياسىغان.

زۇلقەرنەيىن توسما سالغان.

داۋۇت ئەلەيھىسسالام قورال-ياراق ۋە ھەربى پورمىلارنى ياسىغان.

سۇلايمان ئەلەيھىسسالام سىياسەت تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان.

يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرغان.

مۇسا ئەلەيھىسسالام زالىملارنىڭ زۇلمى ۋە تاجاۋۇزچىلىقىغا قارىشى تۇرغان.

قۇرئان كەرىمدە ئىدىيەسى تەڭپۇڭ بولغان ۋە ۋەزىپىلىرى تۈرلۈك بولغان ئەر-ئاياللارنىڭ مىساللىرىنى كۆپ ئۇچرىتىمىز. ئۇلارنىڭ ئاخىرەتنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكەتلىرى خالىس ئىبادەتلەرنى گۈزەل يوسۇندا قىلىشىنى، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىنى ۋە قان تۆكۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەقەززا قىلغان.

دېمەك، ئىماننىڭ ئاساسلىرى ۋە پرىنسىپلىرىنى مۇنداق ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىش ئارقىلىق ئىنسان خەتەرلىك ئىككى ئىشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ.

بىرىنچى:ساغلاملىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، كىبىرلىك ۋە ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەگەشكەنلىك سەۋەبىدىن ھەقىقەتكە تانغان ۋە ئىنكار قىلغانلارنىڭ يولى.

ئىككىنچى: ھەقىقەتنى كۆرگەن، بىراق خاتا چۈشىنىپ قالغانلارنىڭ يولى.

پاتىھە سۈرىسىنى چۈشىنىش يولنى قىسقارتىدۇ، دىننى خاتا چۈشىنىپ قېلىشتىن ۋە ئازغۇنلارغا قوشۇلۇپ كېتىپ قېلىشتىن ساقلايدۇ.

دېمەك، پاتىھە سۈرىسى توغرا چۈشەنچىنىڭ ساغلام قىسقا يولى ۋە ئامانلىق دەرۋازىسىدۇر.

 

 

2015، 11- ئاينىڭ، 1-كۈنى.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرى