2024-يىل 26-ئاپرېل

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرى ماقالىلىرى

ئىدىيە ساۋاتسىزلىقى- كەڭرى رايونلارنى تارايتىۋېتىش مەيدانلىرى

(2)

كەڭرى رايونلارنى تارايتىۋېتىش مەيدانلىرى

 

ئىدىيە ساۋاتسىزلىقى ئىنسان، ھۆججەت ۋە رېئاللىق ئارىسىدا پەيدا بولىدۇ. نەتىجىدە ئىنساننىڭ چۈشەنچىسىنى تار قىلىپ قويىدۇ ۋە كۆپلىگەن كەڭرى رايونلارنى تارايتىپ قويىدۇ. ئەسلى كەڭ بولۇپ تارايتىلغان مەيدانلارنىڭ مۇھىملىرى تۆۋەندىكىچە:

 

بىرىنچى:بىلىم- مەرىپەت دائىرىسىنى تارايتىۋېتىش:

 

قايسى بىر ئادەم ئىسلامنىڭ مەقسەتلىرىگە بىر قاتار نەزەر تاشلىسا، ئىسلام دىنىنىڭ مەيلى ئاللاھنىڭ ھەققىگە مۇناسىۋەتلىك بولسۇن ياكى ئىنسانلارنىڭ ھەققىگە مۇناسىۋەتلىك بولسۇن ئاللاھغا بەندىچىلىك قىلىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىدىغان ھەر قانداق ئىشقا قاتتىق ھېرىسمەن ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام ئىدىيىسى ئاللاھنىڭ ھوقۇقىنى رېئاللىققا ئاشۇرىدىغان دىنىي پەنلەر بىلەن كىشىلەرگە خىزمەت قىلىدىغان تەبئىي پەنلەرنىڭ ئارىسىنى ئايرىپ قارىمايدۇ. لېكىن مۇسۇلمانلارنىڭ رېئاللىقىغا قارايدىغان بولساق، ئىككى ھەق ئارىسىنى قىسمەن ئايرىۋەتكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز:

(1). بىلىم- مەرىپەتنى دىنىي پەنلەرگە چەكلەپ قويۇش:

كەمتۈك دىيانەتچلىك غەربنىڭ دىن بىلەن ھاياتنى ئايرىپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئىلمانىزملىق(Secularist)نى  تەنقىد قىلىدىغان بىر تۈركۈم ياشلارنى پەيدا قىلدى، شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ ياشلارنىڭ بىر قىسمى دىن بىلەن ھاياتنى ئايرىيدىغان ئىشلارغا ئىسلام ئىدىيىسى بايرىقى ئاستىدا ئاڭسىزلارچە ئىسلام پەرز قىلغان بىلىم-مەرىپەتنى شەرىئەت بىلىملىرىگە قىسقارتىپ، كىشىلەرگە خىزمەت قىلىش ۋە ھاياتنى گۈللەندۈرۈشكە ھەسسە قوشىدىغان تەبىئي پەنلەردىن ئايرىشقا ئاساس سالماقتا. بۇ ياشلارنىڭ نەزىرىدە ئىسلام پەرز قىلغان بىلىم-مەرىپەت پەقەت ئاللاھنىڭ ھەققىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بىلىملەر بولۇپ كۆرۈنمەكتە، ھاياتنى گۈللەندۈرۈشكە ئالاقىدار بىلىم-مەرىپەتلەر پەرز قىلىنغان بىلىملەر دائىرىسىگە كىرمەيدىغاندەك تۈرلۈك قاراشتا بولۇشماقتا. بۇرۇنقى ئالىملار بولسا، تۈرلۈك ئىلىم-پەنلەرنى ئۆگىنىشنى پەرز كۇپايە، مۇسۇلمانلار ھەر بىر پەندە مىللەتنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنى يېتىشتۈرۈشنى پەرز دەپ قارايتتى. بۇرۇنقى ئالىملارنىڭ ئىدىيىسىدە دىن بىلەن دۇنيا ئىبادەت ئۇقۇمىدا بىرلىشىپ ماڭغان، ھاياتقا ئالاقىدار پەنلەر دىنى پەنلەردىن ئايرىلمىغان. ئەپسۇسكى بۇ مەسىلە بۈگۈنكى مۇسۇلمانلاردا پەيدا بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەزارەتتە ئارقىدا قېلىشنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ھەزارەت ئويغىنىشتىكى چىقىش يولى دىنىي پەنلەر بىلەن تەبىئىي پەنلەرنى بۇرۇنقىدەك بىرلەشتۈرۈش ۋە بىلىم- مەرىپەتلەرنى بىر بىرىدىن ئايرىماسلىقتىن ئىبارەت.

(2). فىقھى(چۈشەنچە) دائىرىسىنى يەككە فىقھىگە چەكلەپ قويۇش:

قۇرئان كەرىم فىقھى ئۇقۇمىغا ئىشارەت قىلىپ:«ئايەت ۋە مۆجىزلىرىمىزنى چۈشىنىدىغان ۋە تەپەككۇر يۈرگۈزىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن تەپسىلى بايان قىلدۇق»دېگەن(ئەنئام سۈرىسى، 98-ئايەت). رەسۇلۇللاھمۇ فىقھى ئۇقۇمىنى ئىشلىتىپ:«ئاللاھ كىمگە ياخشىلىق ئاتا قىلسا، ئۇنىڭ دىنغا قارىتا چۈشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ» (مۇسلىم ۋە تىرمىزى بايان قىلغان)دېگەن ئىدى. چۈنكى فىقھىنىڭ دائىرىسى كەڭرى بولۇپ ئىسلام ۋە ھاياتنىڭ بارلىق ساھەلىرى سىغقۇدەك كەڭ ئىدى، بىراق فىقھى ئۇقۇمى تارىيىپ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە «ئىبادەت فىقھىسى» ۋە بەزى «سودا سېتىق فىقھىسى» بىلەن چەكلىنىپ قالدى. ئىنسان پىسخىكىسى، ھايات مەيدانى، كائىنات قانۇنىيەتلىرى ۋە بۇ قانۇنىيەتلەرنىڭ جەمئىيەتلەردىكى سەۋەبلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان فىقھى، ھەزارەت پىقھىسى، شۇنداقلا سىياسى چۈشەنچە فىقھى دائىرىسىدىن چىقىپ كەتتى. شۇ سەۋەبتىن ئىبادەت فىقھىسىدىكى تەتقىقات زورىيىپ، سېمىزلىكتىن ئۆلگىلى تاسلا قېلىۋاتىدۇ، بىراق ھايات قانۇنىيەتلىرى ۋە سىياسىي فىقھى كەمچىللىك ۋە نادىرلىقىدىن ئۆلۈپ تۈگەپ كەتكىلى تاس قېلىۋاتىدۇ. مانا بۇ ئەھۋال مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشى ۋە مەدەنىيەت مۇستەملىكىسىگە مۇناسىپ شارائىت يارىتىپ بېرىشكە ھەسسە قوشۇپ كەلمەكتە.

كېيىنكى دەۋرلەردە ئىدىيە يېتەكچىلىرى بىلەن سىياسىي يېتەكچىلەر ئارىسىدا تەدرىجى ئايرىلىش باشلىنىپ، قاتماللىق ۋە دورامچىلىقنىڭ نامايان بولىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن نىسبىي ئىدىيە ئايرىمچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.قاتماللىق ۋە دورامچىلىق سىياسى يېتەكچىلەرنىڭ

مۇستەبىتلىكى بىلەن بىرلىشىپ ھەزارەت جەھەتتىن ئارقىدا قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، چۈنكى ئالدىغا ئىتتىرىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ئاجىزلىشىپ، دورامچىلىققا مايىل بولۇش ۋە ھەۋەسكە ئەگىشىش كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئىدىيە يېتەكچىلىرى دىنىي ھۆججەتلەرنى تەتقىق قىلىش مەسىلىسىنى ئەقىدە بىلىمدىن ۋە بىر پۈتۈن پرىنسىپال ھەزارەت قارىشىدىن ئايرىم ھالدا ئىبادەت ياكى سودا سېتىق تېمىلىرىدىكى فىقھى پەنلەرگە مەركەزلەشتۈرۈۋالغان.

ئىجتىمائىي ھاياتنى يېتەكلەيدىغان ۋە ھايات ھەرىكىتىگە ھىدايەت ۋە كۆرسەتمە تەقدىم قىلىپ تۇرىدىغان ئەقىدە ئىلمىنىڭ رولىنىڭ يوقىلىشى ئىسلام دىنىنى-بولۇپمۇ ئەقىل بىلەن نەقىل ئارىسىدىكى ئالاقە مەيدانىنى-خاتا چۈشىنىۋېلىش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن. بۇ ھالەت ئىسلام ئېقىملىرى ئارىسىدا يەككە فىقھى بىلەن كوللېكتىپ فىقھى ئارىسىنى ئايرىپ قاراشقا سەۋەب بولغان، ئۇنىڭدىن سىرت زامانىۋىلىشىش ۋە ھاياتنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇش بىلەن بىرلىكتە كوللېكتىپ ئېڭىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بولغان. چۈنكى كوللېكتىپ ئەخلاقنىڭ زىيىنىغا يەككە ئەخلاق كېڭىيىپ، ئۈممەتنىڭ بىرلىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ۋە ئىختىلاپتىن باشقىسىغا ئىتتىپاقلاشمىغان تۈرلۈك ئېقىم ۋە پارتىيىلەرنىڭ كۆرۈنۈشىگە ئاكتىپ ھەسسە قوشقان.

مۇشۇ خىل شارائىتتا كۆپلىگەن پەرز كۇپايىلەر گەرچە ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى باشقىلارغا پايدا يەتكۈزىدىغان ئىبادەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ سەل قارىلىپ، پەرز ئەينى بولغان ئىبادەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلدى، بولمىسا بۇرۇنقى ئالىملىرىمىزنىڭ نەزىرىدە باشقىلارغا پايدىسى يېتىدىغان ئىبادەت پايدىسى يەككە بولىدىغان ئىبادەتتىن ياخشى ئىدى.

فىقھى دائىرىسىنىڭ تارلىقى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىسى فىقھىگە سەل قاراشتىكى ئاساسلىق سەۋەبتۇر، ئىجتىمائىي ۋە سىياسى فىقھىنىڭ سەل قارىلىشى قايسى ئىشلارنى بۇرۇن قىلىشنى بىلىش ئۇقۇمىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەن.

 

(3). ئاسانلاشتۇرۇش دائىرىسىنىڭ تارلىقى:

ئورۇنسىز چىڭ تۇرۇۋېلىش ۋە ئىجتىھادى مەيداندا قاتتىق كەسكىن تۇرۇۋېلىشنىڭ يىلتىزىغا قارىساق، ئىدىيە ساۋاتسىزلىقى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. ئىدىيە ساۋاتسىزلىقى بىلەن ئاشقۇنلۇق ئارىسىدا زىچ مۇناسىۋەت بار، چۈنكى ئىدىيە ساۋاتسىزلىق ئىگىسىنى مېتودسىز مەلۇمات توپلاشقا ھېرىسمەن قىلىپ قويىدۇ، شۇڭا مەلۇماتنى مېتودلۇق ھالدا رېئاللىققا تەتبىقلاشقا ئىقتىدارى يەتمەيدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئۇلار باسقۇچقا ۋە نىسپىيلىككە قاراپ ئىش قىلىشنى بىلمەيدۇ. توپ نەرسە ساتىدىغان تىجارەتچىلەرگە ئوخشاش كىشىلەردىن كۆز-قاراشلىرىنى بىر پۈتۈن قوبۇل قىلىشنى ياكى بىر پۈتۈن رەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شەخسلەر، ئىدىيىلەر ۋە نەرسىلەر بىلەن ئاق ياكى قارا دېگەن ئىككى تۈرلۈك رەڭ بىلەنلا مۇئامىلە قىلىدۇ. بۇ رەڭدە يا ياخشى يا يامان دېگەن سۆز چىقىپ تۇرىدۇ، يا پەرز يا ھارام دېگەن ئاتالغۇ كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، بۇلارنىڭ خەرىتىسىدە باشقا رەڭ ۋە باشقا ھۆكۈملەر كۆرۈنمەيدۇ.

ئاشقۇنلۇق ۋە ھارام تەرىپىنى كۈچلەندۈرۈش ئىدىيە ساۋاتسىزلىقنىڭ نەتىجىسى، شۇڭا قۇرئان كەرىم ئاللاھ ھالال قىلىپ بەرگەن كۆپلىگەن نەرسىلەرنى ھارام قىلىپ راھىبلىشىپ كەتكەن خرىستىئانلارنى ئازغۇن دەپ سۈپەتلىگەن. ئاللاھ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بۇ خىل تۈردىكى ئاشقۇنلۇقتىن توسۇشقا بۇيرۇپ:«(ئى مۇھەممەد!)ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار)دىنىڭلاردا ھەقسىز رەۋىشتە چەكتىن ئېشىپ كەتمەڭلار، ئىلگىرى ئۆزلىرى ئازغان، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرغان ۋە توغرا يولدىن ئاداشقان قەۋمنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمەڭلار» دېگىن» دەيدۇ (مائىدە سۈرىسى، 77-ئايەت).

ئىسلام دىنى تەسلەشتۈرۈش ئەمەس، ئاسانلاشتۇرۇش ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر دىن. ھازىرقى مۇسۇلمانلارنىڭ نەچچە خىل كۆز-قاراشنى قوبۇل قىلىدىغان مەسىلىدە ئاشقۇنلۇق قىلىشى ۋە ئىختىلاپى مەسىلىلەرنى جەمئىيەتتە قوزغىشى ئىسلامنى چۈشەنمىگەنلىك ۋە رېئاللىقنى ھېس قىلمىغانلىقنىڭ دەلىلى.

ئاشقۇن كىشى ئىدىيە ساۋاتسىزلىقى سەۋەبىدىن ئازغىنا ئۆزگەرمەس پرىنسىپال رايونلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىشنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، بەزى مەسىلىلەردە توغرا كۆز-قاراشنىڭ نەچچە خىل بولىدىغانلىقىنى ئۇقمايدۇ، مۇجتەھىد ۋە مۇتەپەككۇرنىڭ ئىزدىنىش جەريانىدا خاتالىشىپ قالغان تەقدىردىمۇ ئەجرىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى بايقىمايدۇ. شۇنداقلا ساھابىلەرنىڭ ئىجتىھاد ۋە ئىزدىنىش ئېلىپ بارغانلىقىنى، رەسۇلۇللاھنىڭ مۇشەققەت پەيدا قىلىدىغان ئىزدىنىشنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى، ئاسانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان ئىزدىنىشنى تەستىقلايدىغانلىقىنى تونۇمايدۇ. ئىدىيە ساۋاتسىزلىققا ئۇچرىغان كىشى مۇنازىرە قىلىشنىڭ ئەدەب-ئەخلاقىنىمۇ بىلمەيدۇ.

دېمەك، ئاڭسىزلىق ۋە بىلىمسىزلىك بىلەن ئاشقۇنلۇق ئارىسىدا قويۇق مۇناسىۋەتنىڭ بارلىقىنى رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنۇ ھەدىسى تەكىتلەيدۇ:«ئاللاھ مېنى قىيىنلاشتۇرغۇچى ۋە جاپا سالغۇچى قىلىپ ئەۋەتمىدى، مېنى ئاسانلاشتۇرغۇچى مۇئەللىم قىلىپ ئەۋەتتى» (مۇسلىم بايان قىلغان).

دېمەك، رەسۇلۇللاھ ئاسانلاشتۇرغۇچى مۇئەللىم، شۇڭا ئاشقۇنلۇق نادان ۋە ئاڭسىز كىشىلەر بىلەن باغلاندى. ئاسانلاشتۇرۇش فىقھىشۇناسلار ۋە ئالىملار بىلەن باغلاندى. رەسۇلۇللاھ دىندا ئالىم بولۇشقا دۇئا قىلغان ۋە قۇرئاننىڭ تەرجىمانى دەپ ئاتالغان ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس دىننىڭ مەقسەتلىرىنى بەكرەك ئاڭقىرىش نۇقتىسىدىن ساھابىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئالىمى ۋە ئاسانلاشتۇرۇش مەكتىپىنىڭ يېتەكچىسى دەپ ئاتالدى.

مۇجتەھىد، ھەدىسشۇناس ۋە ئالىملارنىڭ ئۇستازى دەپ نام ئالغان كاتتا ئالىم سۇفيان سەۋرى: «ئىلىم دېگەن ئىشەنچ ئاساسىدا رۇخسەت تەرىپىنى تۇتۇشتۇر، ئاشقۇنلۇقنى ھەممە ئادەم قىلالايدۇ» دېگەنىكەن. دېمەك، ئاشقۇنلۇق-مەيلى ئۇ ئادەم نادان بولسۇن ياكى چۈشەنمەي يادلىغۇچى بولسۇن-چۈشەنمەسلىكنىڭ يەنە بىر ئىپادىسىدۇر. دىيانەتلىك ئادەمدە چۈشەنچە ئاجىزلاپ كەتسە، بوش ئورۇننى ھېسسىيات ئىگىلىۋالىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ياشلار ياخشى نىيەت بىلەن ئىسلامغا كۆيۈنۈش، شەرىئەتنىڭ بۇيرۇقلىرىنى تەتبىقلاش ۋە چەكلىگەن ئىشلىرىدىن يېنىش تۇيغۇسى بىلەن تارماق ئىشلارغا پرىنسىپال مەسىلىدەك، ۋاسىتە-چارىلارغا مەقسەتلەردەك مۇئامىلە قىلىدۇ. مۇنكەر (چەكلەنگەن ئىشلار)نى ھەجمىدىن چوڭايتىۋىتىدۇ، ئىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى جىددى ئىشلار فىقھىسىنى چوڭايتىشقا مايىل بولىدۇ، دائىم ئېھتىيات ئۇسۇلىغا قىزىقىدۇ، ئۆزى بىلەن كۇپايىلەنمەي باشقىلارنىمۇ شۇ يولغا پۈتۈن كۈچى بىلەن چاقىرىدۇ. بۇ ئىشلار نەتىجىدە قىيىنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئاسانلاشتۇرۇش دائىرىسىنى تارايتىشقا ئېلىپ بارىدۇ. مۇسۇلمانلار سەپىرىدىكى ئاشقۇنلۇق ۋە باشقىلارنى كاپىرغا چىقىرىۋېتىش تارىخىغا قارىساق بۇ كېسەل نەخ بار ئىدى. مەسىلەن، خاۋارىجلارغا قارىساق ئۇلاردا ئىخلاس كرىزىسى ئەمەس، فىقھى كرىزىسى بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ۋىجدانى بۇزۇق ئەمەس، ئىدىيىسى بۇزۇق ئىدى. بۈگۈنكى دەۋردىكى ئاشقۇنلۇقنىڭ بىرىنچى سەۋەبى دىننىڭ مەقسىتى ۋە ھەقىقىتىنى ئېنىق بىلمەسلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايسىز.

خاۋارىجلار توغرىسىدا رەسۇلۇللاھ:«ئۇلار ئۆزلىرىگە سېلىشتۇرۇپ سىلەرنىڭ نامىزىڭلار، روزاڭلار ۋە قىرائىتىڭلارنى تۆۋەن كۆرىدۇ. ئۇلار قۇرئان ئوقۇغان بىلەن گېلىدىن ئۆتمەيدۇ (تەپەككۇر بىلەن ئوقۇمايدۇ)، ئوق ياچاقتىن چىقىپ كەتكەندەك ئىسلامدىن تېز چىقىپ كېتىدۇ»دېگەن ئىدى(بۇخارى ۋە مۇسلىم بايان قىلغان). شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە بۇ ھەدىسكە ئىلاۋە بايان قىلىپ:«رەسۇلۇللاھ دېگەندەك، خاۋارىجلارنىڭ ئىبادەت ۋە تەقۋالىقتا ساھابىلەردىنمۇ ئارتۇق تېرشىدىغانلىقىدا شەك يوق، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىبادىتى شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولمىغاچقا، ئۇلارنى دىندىن چىقىپ كېتىشكە باشلاپ بارغان» دېگەن. (ئىبنى تەيمىيە:ئىستىقامە،138-بەت).

ھەدىسىنىڭ سۈپەتلىشى ۋە ئەمەلىي رېئاللىققا قارىساق ئىدىيە بۇرۇلۇشنىڭ سەۋەبى قۇرئان كەرىمنى قوبۇل قىلىشتىكى قۇسۇر ئىكەنلىكى ئېنىق چىقىپ تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇلار قۇرئاننى تەپەككۇر قىلماي ئوقۇيتتى، مەنىسىنى ئاڭقىرماي يادلايتتى، شۇڭا قۇرئان بۇلارنىڭ گېلىدىن ئۆتمىگەن، يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتمەي ياكى پەرۋاسىزلىق قىلماي ئوتتۇراھال يول تۇتۇش مېتودى بويىچە ئۇلارنىڭ ئەقلىدە ئاڭ ۋە قەلبىدە بويسۇنۇش پەيدا بولمىغان. شۇ سەۋەبتىن كۆپلىگەن-رەسۇلۇللاھ رازى بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن ساھابىلەرنىمۇ ئايرىپ قويماي-مۇسۇلمانلارنى كاپىرغا چىقىرىۋەتكەن. مانا بۇ ئۇ كىشىلەردە توغرا فىقھىنىڭ بولمىغانلىقىغا پاكىت. يېڭى دەۋرىدىمۇ بىر بۆلەك مۇسۇلمان ياشلار ئارىسىدا ئاشقۇنلۇق ۋە كاپىرغا چىقىرىۋېتىش ئىدىيىسى بىلىمسىزلىك ۋە ئىدىيىنىڭ ئاجىزلىقىدىن كۆرۈنمەكتە. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىدىيە ساۋاتسىزلىقىدۇر، بەزى ئەللەردىكى تۈرلۈك قىيىن قىستاق كاپىرغا چىقىرىۋېتىش ئىدىيىسىنى تېز پۇشۇرۇۋەتكەن ھارارەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئاسانلاشتۇرۇش دائىرىسىنى تارايتىشقا ھەسسە قوشقان ئامىللارنىڭ قاتارىدىن، ئاساسلىق مەسىلىلەرنى بىلمەي تۇرۇپ تارماق مەسىلىلەردە چوڭقۇرلاپ كېتىش ۋە شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىنى ياخشى چۈشەنمەي تۇرۇپ كىچىك ئىشلاردا كۆپ ئىزدىنىشتىن ئىبارەت. شۇڭا توغرا چۈشەنچىنىڭ ئاساسلىرىنىڭ بىرى بۇندىن كېيىن بىرەر ئىشقا ئاساس بولمايدىغان پايدىسى يوق ئىشلاردا كۆپ ئاۋارە بولۇشتىن ساقلىنىش بىلەن بىرگە رېئاللىقنى چۈشىنىشكە مەركەزلەشتۈرۈش لازىم.

ئىدىيە ساۋاتسىزلىقىغا يولۇققان كىشىلەر قۇرئان ئايەتلىرىنى ياخشى چۈشىنەلمەيدىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئالىملار، فۇقاھالار (قانۇنشۇناسلار) ۋە مۇتەپەككۇرلارنىڭ قاراشلىرىنى خاتا چۈشىنىۋېلىشى تۇرغانلا گەپ.

دېمەك، ئاسانلاشتۇرۇشتىن قىيىنلاشتۇرۇشنى كۈچلەندۈرۈش ۋە قولايلىقلاشتۇرۇشتىن تەسلەشتۈرۈشنى ئالدىغا قويۇش ئىدىيە ساۋاتسىزلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىدىيە يىلتىزى بار كرزىسلاردىن ئىبارەت.

 

     ئىككىنچى: ئەمەل دائىرىسىنى تارلاشتۇرۇش:

 

بىلىم-مەرىپەت دائىرىسى تارايغاندا خىزمەت ۋە ئەمەل دائىرىسىنىڭ تارىيىدىغانلىقى ئېنىق بىر مەسىلە. كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە «ھايات مەيدانى»دىكى ئاللاھغا ئىبادەت قىلىش «ناماز»بىلەن چەكلىنىپ قالغان. كۆپلىگەن كەڭرى دائىرىلەر نادانلىق سەۋەبىدىن تارىيىپ كەتكەن. تۆۋەندە بىر قانچە مىسال كەلتۈرۈپ كۆرەيلى:

(1).خىزمەت دائىرىسى دۇنيانى ئۆز ئىچىگە ئالماي ئاخىرەتنىلا ئۆز ئىچىگە ئالغان:

ئىدىيە ساۋاتسىزلىقى ئالىملارنى ھاكىملاردىن ئايرىشتىكى ئاساسلىق سەۋەبتۇر. دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئەمەللەرنى ئايرىپ قاراش ئالىملار بىلەن ھاكىملار ئارىسىدىكى ھاڭنى تېخىمۇ  كېڭەيتىۋەتكەن.

مىلادىيە 12-ئەسىردىن تارتىپ ئىلىم-پەن دائىرىسىنىڭ تارىيىپ كېتىشى دۇنيا ئەمەللىرى بىلەن ئاخىرەت ئەمەللىرىنى ئايرىپ قارايدىغان ئىشنىڭ كۆرۈنۈشىگە ئېلىپ بارغان. مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقلىدە ئىبادەت ئۇقۇمى ھايات مېھرابىدىن ناماز مىھرابىغا تارىيىشقا باشلىغان، ھاياتنى گۈللەندۈرىدىغان ۋە ئىنسانلارنىڭ ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلار ئىبادەت دائىرىسىدىن چىقىپ كەتكەن. بۇ خىل ئەھۋال ئىبادەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك كەڭرى ئۇقۇمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بىر قانچە يېڭىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولغان. بۇلارنىڭ قاتارىدىن ئىبنى تەيمىيە «ئىبادەت ئۇقۇمى»ناملىق كىتابىدا دۇنيا بىلەن ئاخىرەت ئارىسىدىكى ئالاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ۋە ئاللاھنىڭ ھوقۇقى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ھوقۇقى ئارىسىنى ماسلاشتۇرغان.

20-ئەسىردە بىر قانچىلىغان ئىسلاھات ئېقىملىرى مەيدانغا كېلىپ مۇشۇ ساھەدە ماڭغان. مۇتەپەككۇر مەۋدۇدى«تۆت ئاتالغۇ» ناملىق كىتابىدا (ئىلاھ، پەرۋەردىگار، دىن ۋە ئىبادەت)دېگەن ئاتالغۇدىن چاڭ توزانلارنى تازىلاشقا ئۇرۇنغان.دوكتۇر يۈسۈپ قەرزاۋى «ئىسلامدىكى ئىبادەت»ناملىق كىتاۋىدا ئىبادەت پەلسەپىسىنى كەڭرى تونۇشتۇرغان.

چۈشەنچە كەمچىلىكىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى قاتارىدىن كوللېكتىپ ئىبادەتنىڭ زىيىنىغا يەككە ئىبادەتكە ئەھمىيەت بېرىش؛ ئىنسانلارنىڭ ھوقۇقى ۋە ھاياتىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ زىيىنىغا ئاللاھنىڭ ھوقۇقىغا مەركەزلەشتۈرۈشتۇر. ئىدىيە ساۋاتسىزلىقىغا دۈچ كەلگەن كىشىلەر ئىسلامنى پارچە شەكىلدە تەقدىم قىلىشقا ئامراق بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ھوقۇقىنى ئاللاھنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىشكە مايىل بولىدۇ.

ئاخىرەتنى گۈللەندۈرۈش باھانىسى بىلەن دۇنيانى خاراب قىلىشقا مايىل بولۇش ئېغىر خاتالىقتىن ئىبارەت. ھاياتنى گۈللەندۈرۈپ ۋە كىشىلەرگە خىزمەت قىلىپ تۇرۇپمۇ ئاللاھنىڭ ھوقۇقىنى تولۇق ئادا قىلغىلى بولىدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئىنسانلارنىڭ ھوقۇقىمۇ ئاللاھنىڭ ھوقۇقىنىڭ قاتارىغا كىرىدۇ، شۇ سەۋەبتىن قانۇنشۇناس ئالىملار كوللېكتىپنىڭ ھوقۇقىنى ئاللاھنىڭ ھوقۇقى دەپ قارىغان.

 

(2). ئاللاھ يولىدا خىراجەت قىلىش دائىرىسىنىڭ تارلىقى:

ئاللاھ يولىدا خىراجەت قىلىش ئۇقۇمىمۇ كۆپ تارىيىپ كېتىشكە ئۇچرىغان، مانا بۇمۇ ئاللاھنىڭ ھوقۇقى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ھوقۇقىنى ئايرىشنىڭ زىيىنىدىن كېلىپ چىققان. مەسىلەن، كۆپلىگەن بايلار مەسچىت سېلىش ۋە مەسچىتنى ياساشقا بەسلىشىدۇ. بىراق كىشىلەر مۇھتاج بولىدىغان جىددى بولمىسا بولمايدىغان مەكتەپ،دوختۇرخانا، ئۇنۋېرسىتېت، تەتقىقات ۋە مەدەنىيەت ئورگانلىرى، كۈتۈپخانا ۋە يېتىم-يېسىرلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئوخشاش…ئاممىۋى مەنپەئەتلىك ئىشلارغا كۆپلىگەن ئادەملەر پەرۋا قىلمايدۇ.

مانا بۇمۇ دىننى خاتا چۈشىنىۋالغانلىقنىڭ سەۋەبى. چۈنكى ئاللاھنىڭ ھوقۇقى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ھوقۇقىنى ئايرىۋېتىش، ئىسلام دىنىنى ھاياتنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىنسان ھوقۇقىغا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان، پەقەتلا ئاخىرەتلىككە كۆڭۈل بۆلىدىغان دىنغا ئوخشىتىپ قويغاندەك بىر ئىش بولۇپ قالىدۇ.

ئاللاھ يولىدا خىراجەت قىلىش ئۇقۇمىنى تارايتىۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن زاكات مەسىلىسىدە بەزى بىر قاتمال كۆز-قاراشلار پەيدا بولغان. چۈنكى ئۇلار دىننىڭ مەقسىتى، كىشىلەرنىڭ ھاجىتى ۋە رېئاللىقنىڭ ئۆزگىرىشلىرىگە رېئايە قىلماستىن ھۆججەتلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. مەسىلەن،بەزىلەر ھەدىستە كەلگەن ئەرەب دىيارىدىكى چەكلىك يېزا-ئىگىلىك ۋە مېۋە-چىۋە زاكاتلىرىدا چىڭ تۇرىدۇ. پاختا، چىلان، ياڭاق، مېۋە-چىۋە، قاشتېشى، ئالما، مېھمانخانا، ئاشخانا… دېگەندەك ئىقتسادىي ئۈنۈمى كۆپ نەرسىلەرگە سەل قارايدۇ. («ئىسلامدىكى مەسئۇلىيەت پەلسەپىسى» دېگەن ماقالەمگە قاراڭ).

 

(3).غەلىبە سەۋەبلىرىنىڭ دائىرىسىنى تارايتىۋېتىش:

ئىدىيە ساۋاتسىزلىقىغا يولۇققان بىر قىسىم كىشىلەر، مۇسۇلمانلار غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن ئاللاھغا بولغان ئىمانىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ؛ ھاياتنى گۈللەندۈرۈش، سىياسى ئەركىنلىك ۋە ئىجتىمائىي ئادالەتتىن ئىبارەت ئاللاھ زېمىندا ياراتقان قانۇنىيەتلەرگە كۆڭۈل بۆلمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قارايدۇ. غەلىبە بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنياغا مۇناسىۋەتلىك، ئىككىلى دۇنيادا غەلىبە قىلىش كېرەك. مۇسۇلمانغا بۇ دۇنيادىمۇ بەخت-سائادەت لازىم.

بەزى زاھىدلار:تەۋەككۈلچىلىكنى سەۋەب قانۇنىيىتىدىن پۈتۈن ئۈزۈپ تاشلاش لازىم دەپ قارايدىغانلار بار، بۇ دىننى چۈشەنمىگەنلىكتۇر. رەسۇلۇللاھ سەۋەب قانۇنىيىتىنى قوللىنىپ غارغا كىرىۋالغان، ساۋۇت چاپانلارنى كىيگەن ۋە ئۇرۇشتا تاكتىكا ئىشلەتكەن. قەلبىنى ئاللاھغا باغلاپ تۇرۇپ بارلىق سەۋەبنى قوللىنىش شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسىدۇر. بىزدىكى نادانلىق ۋە ساۋاتسىزلىق بىلىم- مەرىپەت چىراغلىرى بىلەن ياخشىلىنىدۇ.

ئىبادەت ئىشلىرىدا بەسلەشكەندەك ھايات ئىشلىرىدىمۇ بەسلىشىش ۋە رىقابەتلىشىش لازىم، بولمىسا ھازىرقىدەك ھەزارەت ۋە مەدەنىيەتتە باشقىلارغا گاداي بولۇپ قالىمىز.

بىلىم-مەرىپەت دائىرىسىنىڭ تارىيىپ كېتىشى، خىزمەت دائىرىسىنى، قىممەت قاراش ۋە پرىنسىپ دائىرىسىنىمۇ تارايتىۋەتتى. بىز «چۈشىنىش ۋە پىكىر قىلىش» دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە مۇھتاج. ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆز كەسپىدە بىر نۇقتىنى ھىمايە قىلىشى ۋە مىللەتنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى زۆرۈر.

 

ئۈچىنچى: قىممەت-قاراش ۋە پرىنسىپ دائىرىسىنى تارايتىۋېتىش:

 

ئەخلاق دائىرىسىنىڭ تارىيىپ كېتىشى:

ئىسلامدىكى ئەخلاق ناھايىتى كەڭرى دائىرە، ئەخلاق مۇسۇلمان جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان سېمونتقا ئوخشايدۇ. ئىسلام شەرىئىتى پەرزلىرى، ھارام قىلغان ئىشلىرى، سۈننەت ۋە مەكرۇھلىرى بىلەن ئەخلاقنىڭ ئەمەلىي قانۇنىيىتىدىن ئىبارەت. ئىسلامدىكى ھەر قانداق بىر ھۆكۈمنىڭ ئەخلاق ئاساسىي ۋە ئەخلاق مەقسىتى بار.

ئىسلام دىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلارغا زىيانلىق دەپ قارالغان ناچار ئەخلاقلارنىڭ ھەممىسىنى چەكلىدى. ھاياتنى گۈللەندۈرىدىغان ۋە ھەزارەت تىكلەيدىغان ئەخلاقلارنى تەشەببۇس قىلدى. مەسىلەن، ۋاقىتلىق نەرسىدىن دائىم بولغان نەرسىنى ئارتۇق كۆرۈش،ھۆرمەت-شەرەپنى كۈچ-قۇۋۋەت ئۈستىدە قويۇش، مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلىش، پايدىلىق يېڭى نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىش، ھەمكارلىشىش، ئادالەتنى بەرپا قىلىش، زۇلۇمغا قارىشى تۇرۇش، چىرىكلىك ۋە ئەسكى ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىشلەپچىقىرىشنى ھۆرمەتلەش ۋە خەلقنىڭ مال-مۈلكىنى قوغداش دېگەندەك.. گۈزەل ئەخلاقلارغا بۇيرۇدى ۋە قىزىقتۇردى.

ئىدىيە ساۋاتسىزلىقى تۈپەيلىدىن بۈگۈنكى مۇسۇلمانلاردا يەككە ئەخلاق تېپىلسىمۇ، ھەزارەت ئەخلاقلىرى يوقالماقتا. ئەخلاق ۋە قىممەت-قاراش دائىرىسى تارىيىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن گۈزەل ئەخلاقلارنىڭ كۆپىنچىسى شەرىئەت ئۇقۇمىدىن غايىب بولماقتا. شەرىئەت كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە 6 تۈرلۈك جىنايى ئىشلار جازاسى بىلەن چەكلىنىپ قېلىپ، جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىدىغان ۋە ھىمايە قىلىدىغان نۇرغۇن ئەخلاقلار يىراقلاشتۇرۇلماقتا.

مەسىلەن، «ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇش ۋە يامان ئىشلاردىن چەكلەش»تىن ئىبارەت ئەخلاق ئىسلامنىڭ ئەڭ چوڭ قىممەت- قاراشلىرىنىڭ بىرسى. بۇ ھەقنى ھەق قىلىش، ناھەقچىلىككە قارىشى تۇرۇش، ئادالەتنى رېئاللىققا ئاشۇرۇش ۋە يامان ئىشلارنى يوقىتىشتىن ئىبارەت بارلىق مۇسۇلمانلارغا پەرز مەجبۇرىيەتتىن ئىبارەت. بۈگۈنكى كۈنلۈكتە بۇ مەجبۇرىيەت كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئېڭىدا ئىنسانلارنىڭ ھوقۇقى بىلەن كارى بولماي ئاللاھنىڭ ھوقۇقى بىلەن چەكلىنىپ قالدى.

 

تۆتىنچى: ئەزا بولۇش دائىرىسىنى تارايتىۋېتىش:

 

مۇسۇلمانلار بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر ئۈممەت ئىدىيىسى ئەتراپىدا ئايلىناتتى. لېكىن ھازىر بىر ئېقىم، بىر گۇرۇھ ياكى بىر مەزھەپ ئەتراپىدا ئايلىنىدىغان بولدى. ئىلگىرى ئىدىيە ۋە قىممەت-قاراش ئاساسىدا ئايلىنىدىغان بولسا، ھازىر شەخسلەر بىلەن ئايلىنىدىغان بولۇپ قالدى.

(1).گۇرۇھ، مەزھەپ ۋە ئېقىم ئەتراپىدا ئايلىنىش:

مۇسۇلمانلار دەلىل ۋە پاكىت بىلەن ئايلىنىدىغان ئىدى، ھۆججەت قېشىدا توختايتتى. مۇسۇلمانلار چۈشكۈنلەشكەن دەۋرلەردە مەزھەپ مۇتەئەسسىپلىكى ئەۋج ئالدى. مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش ئەقلى ئىقتىدارىغا ئىگە بولالماسلىق سەۋەبىدىن «فىقھى مەزھەپلەر» شەرىئەتكە خىزمەت قىلغۇچىدىن، مىڭلىغان مۇتەئەسسىپ ئالىملار تەرىپىدىن خىزمەت قىلىنغۇچىغا ئايلىنىپ قالدى. «ئىدىيە ئېقىملىرى» ئەقىدىگە خىزمەت قىلغۇچىدىن مىڭلىغان مۇتەئەسسىپ ئالىملار تەرىپىدىن خىزمەت قىلىنغۇچىغا ئايلىنىپ قالدى. نەتىجىدە ۋاسىتە غايىگە، ئۇسۇل-چارىلەر مەقسەتلەرگە ئايلىنىپ قالدى.(تاھا جابىر ئۇلۋانى:»ئىسلام ئىدىيىسىنى ئىسلاھ قىلىش»، 55- بەت).

ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى، ھەر ئېقىم ئۆزىنى مۇتلەق ھەقىقەتكە ئىگە دەپ قارايدۇ. بۇمۇ دىننى چۈشەنمىگەنلىك. دىن بىلەن گۇرۇھۋازلىق ئارىسىدىكى پەرق بىلىم بىلەن نادانلىق، ئىمان بىلەن ئاسىيلىق قىلىش ئارىسىدىكى پەرقتۇر. چۈنكى «دىن» دېگەن قېرىنداشلىق، تونۇشۇش، ئۇچرىشىش، ئۆز-ئارا مۇھەببەت قىلىش، ئۆز-ئارا ھۆرمەتلەش، كۆيۈنۈش، تىنچلىق، ۋاپادارلىق، گۈزەل ئەخلاق ۋە كەڭ قورساق بولۇشتىن ئىبارەت. گۇرۇھۋازلىق دۈشمەنلىشىش، ئالاقىنى ئۈزۈش، قوپاللىق، باغرى تاشلىق، ئاداۋەتلىشىش، يامان ئويدا بولۇش، ناچار ئەخلاق ۋە رەزىل قىلمىشتىن ئىبارەت.

 

(2). پرىنسىپ ۋە ئىدىيىنىڭ زىيىنىغا شەخسلەر ئەتراپىدا مەركەزلىشىش:

ئىدىيە ئاجىزلاشقاندا شەخسلەرنىڭ ئورنى ئاشىدۇ، ئىدىيە ساۋاتسىزلىقى ئەۋج ئالغان مۇھىتتا ئىدىيىنىڭ رولى ئاجىزلاپ كېتىدۇ. ئىسلام  ئىدىيىسى بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئىدىيە بىلەن شەخسلەر ئارىسىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش كېسىلىگە ئۇچرىماقتا. ئەمەلىيەتتە پرىنسىپ ۋە مېتود شەخسلەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇشى لازىم ئىدى. شۇغىنىسى شەخسلەر ئىدىيە بىلەن بىرلىشىۋالغاندا شەخس ئىدىيىدىن مۇقەددەسلىكنى ئېلىۋالىدۇ، شۇڭا ئۇنى ھېچكىم تەنقىد قىلالمايدۇ، كىم ئۇنى تەنقىد قىلسا، ئىسلامنى تەنقىد قىلغاندەك بولۇپ قالىدۇ.

شەخسلەردىن خاتالىشىش ئېھتىماللىقنى ئىنكار قىلىش شەكلى بەزى ئىسلام ئەللىرىدە ئاشقۇنلۇق دەرىجىسىدە ئورناپ كەتكەن، بۇ پەقەتلا ئەقىلنىڭ كىبىرلىكىنى يارىلاندۇرۇپ قالماستىن، تەۋھىدنىڭ ساپلىقىنى دۇغلاشتۇرۇپ قويىدۇ.

مۇسۇلمانلار چۈشكۈنلىشىش دەۋرىدىن باشلاپ مەزھەپ مۇتەئەسسىپلىكىنى مىراس ئالغان، ئىدىيە ساۋاتسىزلىقى مۇتەئەسسىپلىكنى قەۋەت ئاشۇرۇۋەتتى. ئىسلام تارىخىدا ھۆججەت ۋە ئىدىيىنىڭ زىيىنىغا تەسەۋۋۇپ ئېقىملىرى ۋە ئازغۇن شىئەلەردە شەيخ ياكى مەزھەپ ياكى بىرەر تەرىقەتكە مۇتەئەسسىپلىك كۆرۈنۈشى تارقالدى. بۇلارنىڭ كۆپلىرى پرىنسىپ ياكى ئىدىيەنىڭ زىيىنىغا شەخس بىلەن ئايلىنىپ يۈردى.

مۇسۇلمان ئەقلى تار دائىرىدىكى يۈزەكىلىككە قەدەم قويغان، شۇ سەۋەبتىن ئىماننىڭ ئارقىدا تۇرىدىغان تارماقلىرى ئالدىنقى ئورۇننى ئېلىۋالغان، ئالدىدا تۇرىدىغان تارماقلىرى ئارقىدىن ئورۇن ئالغان. سۈننەت ۋە نەپلە خاراكتېرلىك تارماق ئىشلار پەرز ئەين ۋە پەرز كۇپايە ئالمىغان ھەجىمنى ئېلىۋالغان. ھەر بىر ئېقىم ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىغا مۇتەئەسسىپلىك قىلىپ، باشقىلارنىڭ كۆز  قارىشى بىلەن ئىچى سىقىلغان ۋە باشقا قاراشتىكىلەرنىڭ كۆڭلىنى يارا قىلىشقا يۈزلەنگەن.

ئىدىيە ۋە پرىنسىپ بىلەن شەخسلەرنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش سەۋەبىدىن شەخسلەر تەنقىدتىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى، ئىدىيە بولسا كۆپلىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ خاتا قىلمىشى سەۋەبىدىن تەنقىدكە ئۇچرىدى. مانا بۇمۇ مەزھەپ ۋە گۇرۇھۋازلىق مۇتەئەسسىپلىكىنىڭ، ئىدىيە بىلەن شەخسلەرنى ئارىلاشتۇرۇۋەتكەنلىكنىڭ زىيىنى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىدىيە ساۋاتسىزلىقنىڭ مەنبەسىدىن كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەقىدىمىز ۋە ھاياتىمىزغا تەھدىت سېلىۋاتقان بۇ خىل كۆرۈنۈشلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئىدىيە ساۋاتسىزلىقىنى تۈگىتىش لازىم. بۇ ۋەزىپىنى ئالىملار، مۇتەپەككۇرلار ۋە دەۋەتچىلەر ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.